قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7708|ئىنكاس: 38

قەيسەر مىجىت: يۈرىگىمنى يىغلاتقان ئىشلار...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

71

تېما

16

دوست

9771

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   95.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 45
مۇنبەر پۇلى: 807
تۆھپە : 3325
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 11:23:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


يۈرىگىمنى يىغلاتقان ئىشلار...

قەيسەر مىجىت


       ئىلاۋە: ئىنسانلار ئارا مېھر-مۇھەببەت سۇسلىشىپ، سەمىمىلىك ئۆز رەڭگىنى يوقۇتۇپ، شەخسىيەتچىلىك، مەن-مەنلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىك ئۈستۈنلۇكنى ئىگەللىگەندە چىرىكلىك، ئەخلاقسىزلىق ۋە ۋەھشىلىك يامرايدىكەن-دە، نەتىجىدە جەمىيەتنى ئۈمىتسىزلىك ۋە شۇ ۋەجىدىن تەرتىپسىزلىك قاپلاپ، كىشىلەر كۆرۈشنى خالىمايدىغان پاجىئەلەر، تىراگىدىيىلەر يۈز بىرىشكە باشلايدىكەن. چۇنكى ئىشلار سەۋەپسىز بولمايدۇ، خۇددى "رىم شەھرى بىر كۈندە پۈتمىگەندەك"، مەيلى ياخشى نەتىجە بولسۇن ۋە ياكى پاجىئە' بولسۇن ئۇلارنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەدرىجى يىغىلىپ كۈچ ھاسىل قىلىدىغان سەۋەپلىرى بولىدىكەن. مەن خەلقىمنىڭ بىر-بىرىگە ئۈمىت بىغىشلىشىپ، مېھر بىرىشىپ خاتىرجەملىك ئىچىدە، تېگىشلىك ئىنسانى قەدىر قىممىتى بىلەن گۈللەپ ياشنىشىنى بالا چاغلىرىمدىن باشلاپ ئارزۇ قىلاتتىم. شۇنداق بولغانلىقتىن ئەتراپىمدىكى ئادەملەرگە، ئىشلارغا دىققەت قىلاتتىم، چۇنكى ئەتراپىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان بىر كىچىك ئىشتىن، بىر ئاددى شەخستىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالغىلى بولىدىغانلىغىنى بۇرۇن ھىس قىلغان بولسام، ھازىر ئۇنىڭغا ئىشەندىم. ئەلۋەتتە مەن نورمال ئىنسان بولغانلىقتىن، نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش بەختسىزلەرگە ھىسداشلىق قىلىشقا تىرىشىمەن، "ئامالنىڭ بارىچە ئاجىزلارغا يار يۆلەك بولالىسامكەن، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقالىسامكەن" دىگەن ئارزۇدا ياشايمەن. ھەتتىڭەي، ئادەم كۆڭلى ياخشى بولسىلا، تاتلىق تۇيغۇلارغا باي بولسىلا يىتەرلىك ئەمەس ئىكەن. مۇھىمى ئىمكانىيەتتە ئىكەن. مەسىلەن سىز ئاجىزلارنىڭ قىيىن ئەھۋالىنى كۆرگىنىڭىزدە ئامال بار ئىنسانلىق قولۇڭىزنى  سۇنۇشقا تىرىشىسىز، ئىلاجىسىز قالغان چاغلىرىڭىزدا سۈكۈت ئىچىدە ئازاپلىنىسىز،  كۆزۈڭىزدىن  ياش چىقمىغىنى بىلەن يۈرۈگىڭىز يىغلايدۇ. جۇملىدىن مەنمۇ شۇنداق.
        مىنىڭ خىلىدىن بۇيان ۋەتەندىكى چىغىمدا كۆرگەن ۋە كىيىن بىلگەن ئىشلار ھەققىدە "يۈرۈگۈمنى يىغلاتقان ئىشلار" ناملىق تېمىدا بىر ماقالە يىزىش ئويۇم بار ئىدى، ئەمما ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىدىم. يىقىندا ئىبراھىم ئەمەت ئەپەندىنىڭ باغداش تورىدا ئىلان قىلغان "ئالۋاستى چاڭگىلىدىكى بالىلار" ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن بۇ ئەسەرنى  تىزدىن يىزىپ چىقىش نىيىتىگە كەلدىم.
        ئىبراھىم ئەمەت - ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلىتىتى 86-يىللىق 2-سىنىپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتتۇرگەن، ناتىق ھەم ئىجتىمائى مەسۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ياش بولۇپ بۇرۇندىنلا ھەر قايسى گىزىت ژورناللاردا جەمىيىتىمىزدە يۈز بىرىۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزەتتى شۇ ۋەجىدىن ئۇ بۇرۇنمۇ ھەم ھازىرمۇ نەزىرىمدە ھەقىقى بىر زىيالى. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر فاكۇلتىتتا ئوقۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدا بىللە خىزمەت قىلىپ، ۋە مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن "مۇنازىرە مۇسابىقىسىدە" بىرگە سەپداش بولۇپ ئۆتكۈنۈمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن، گەرچە "مۇنازىرىدە يىڭىلىپ قالغان بولساقمۇ!":) [شۇڭقار كەبى چاغلار ناملىق ئەسەرنىڭ 2-3 قىسىملىرىغا قارالسۇن]
        مەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى باغداشتا كۆرۈپ، ئىنتايىن خوشال بولدۇم. ئىشىنىمەنكى، ئۇنىڭدىكى ۋە مەندىكى يۇرەك ئوخشاش يەنى بىز خەلقىمىزگە، خاتىرجەملىك، نۇسرەت ۋە گۈزەل كىلەچەك تىلەيمىز!.

*********************************************************************************
        (1) يۈرۈگۈمنى يىغلاتقىنى -روھى كىسەللەرنىڭ قىسمىتى
       روھى كىسەللىك - ھازىرقى زامان ئىنسانلىرى دۇچ كىلىۋاتقان كىسەللىكلەرنىڭ بىر تۇرى بولۇپ ئۇنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر تېخىچە ئىنىق ئەمەس. ئەمما، تەتقىقاتچىلار ئۇنى ئاساسلىغى بىئولوگىيەلىك، پىسخولوگىيەلىك ۋە مۇھىت ئامىللىرىغا باغلايدۇ. تەرەققى قىلغان ئەللەردە بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولىدىغانلارنىڭ سانى كۆپۈيۈپ بارماقتا. بۇنىڭ قايسى سەۋەپتىن شۇنداق بولۇۋاتقانلىغىنى بىلىش نەچچە يۇز مىليون دوللارلىق سۇئال. خۇداغا شۈكرى بىزدە بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولىدىغانلارنىڭ سانى ئاز، شۇنداقتىمۇ جەمىيەت بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغان بەختسىز كىشىلەرگە ھىسداشلىق قىلىشى ئىنسانلىق ۋە قېرىنداشلىق ياردەم قولىنى سۇنۇشى كىرەك ئىدى. لىكىن مەن ئالى مەكتەپتە ئۇچراتقان ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ سەرگۈزەشتىسىدىن ۋە باشقا بىرەيلەن ھەققىدە ئاڭلىغان ھىكايىدىن بۇ توپنىڭ جەمىيىتىمىزدە تىگىشلىك كۆڭۈل بۆلۈشكە ئىرىشەلمىگىنىنى ھىس قىلغان ئىدىم.
        1988-يىلى سىنتەبىردە ئۇنىۋىرسىتىتقا ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولۇپمۇ ئىككى قەۋەتلىك ئوغۇللار ئاشخانىسىدا تاماق يەيدىغان بالىلارنىڭ ئىسىدە بولۇشى مۇمكىن. ھەر كۇنى تاماق ۋاقتىدا ئوغۇللار ئاشخانىسىنىڭ ئالدىدا  ئىگىز بويلۇقراق، ئورۇقراق كەلگەن چاچلىرى ئۆسۈپ كەتكەن، قىرقىلمىغان قاپ-قارا بۇرىتى بار تۆت يانچۇقلۇق خادانىدىن چاپان كەيگەن بىر بالا كۈمۈش رەڭلىك تاماق قاچىسىنى كۆتۈرۈپ پەيدا بولاتتى-دە تامىغىنى يەپ بولۇپ بىر دەم ئادەملەرگە، بىر دەم ئاسمانغا، بىر دەم ئەتراپقا قاراپ ئۇزۇنغىچە سۈكۈتتە تۇرۇپ كىتەتتى، مەن ئۇنىڭ بىرەرسىگە بىر ئىغىز پاراڭ قىلىپ سالغىنىنى كۆرمىگەن ئىدىم. مەن ئۇ بالىنى دائىم شۇ ھالەتتە خىلى ئۇزۇن مەزگىل كۆرۈۋەرگەندىن كىيىن سۇرۇشتە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ماتىماتىكا فاكۇلتىتىنىڭ يۇقۇرى يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىگىنى، "كاللىسىدىن كىتىپ قالغانلىغىنى" ئۇقتۇم ۋە ئۇنىڭ ھالىتىگە ئىچىنغان ئىدىم. نىمە ئۇنى مۇشۇ ھالغا كەلتۇرۇپ قويدى؟ بەلكىم پىسخولوگىيەلىك ئامىلدۇر. يەنى ياكى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم بىر ئىنسان قازا قىلىپ كەتتى، ياكى ياخشى كۆرگەن قىزى ئۇنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلدى، بۇ يىگىت ئۇنى كۆتۈرەلمىدى، ۋە ياكى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ئۇنىڭ ئۇرۇمچىدىكى ئوقۇشىنى قامدىيالمىدى شۇنىڭ بىلەن ئۇ روھى بىسىمگە دۇچ كەلدى.... نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇ ئالى مەكتەپكە ساق كىلىپ نەچچە يىلنى ساق ئۆتكۈزگەن ئىدى، ئالى مەكتەپتىكى چىغىدا  "روھى كىسەلگە" مۇپتىلا بولدى. مەكتەپ ئۇنى ئاشۇنداقلا تاشلاپ قويماسلىغى كىرەك ئىدى. مەندە ئۇ چاغدا بۇ يىگىتكە نىسبەتەن ئىچىنىش، ھىسداشلىق قىلىشتىن باشقا قولۇمدىن ھىچنىمە كەلمەيتتى. بىز ئىككىنجى يىلىغا ئۆتكەندە ئۇ بالا غايىپ بولۇپ كەتتى. ئۇ قەيەرگە كەتتى؟ ئۇنى سۈرۈشتە قىلىدىغان ئادەم بارمۇ؟ ئادەملەردە بىر-بىرىنىڭ تەقدىرىگە دىققەت قىلىدىغان شۇنچىلىك كۆڭۈل ۋە مېھر-مۇھەببەت بارمۇ؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، ئەمما ئۇ يىگىتنىڭ چىرايى، تەققى-تۇرقى، روھى-ھالىتى، ئۈستىدىكى كىيىم-كىچىكىدىن تارتىپ ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. ئەگەر ئۇ يىگىت ساق-سالامەت ئوقۇشنى پۇتتۇرگەن بولسا ھىچ بولمىدى دىگەندە ئۆز ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ، پەرزەنتلىك بولماسمىدى، بۇ ھاياتنىڭ خوۋلۇقىنى كۆرمەسمىدى؟ "روھى كىسەل" بولۇپ قىلىش بىلەن ئۇنىڭ تەقدىرى پۇتۇنلەي ئۆزگۈرۈپ كەتتى. ھەر قىتىم بۇ بالىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرگىنىمدە، ئىچىم سىرىلىدۇ، يۈرىگىم يىغلايدۇ...
مەن ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتىتىغا لىكتورلىققا خىزمەتكە چۇشۇشنىڭ ئالدى كەينىدە ئۇنىۋىرسىتىتنىڭ ئالدىدىن ئۆتىدىغان 1-يولنىڭ ئۇ تەرىپىدە يەنى ئۇنىۋىرسىت قانۇن فاكۇلتىتىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كىلىدىغان يەردە ئەپچىلغىنە ئاشخانا ئاچقان ئايزىمخان ئىسىملىك بىر خانىمنىڭ قولىدىن پات-پات چۇشلۇك تاماق  يەيتتىم. ئايزىمخان ئاچا - ئۆزى ئوچۇق يورۇق، ئاق كۆڭۈل ھەم پاكىز ئايال بولۇپ لەغمەنلىرى بەك ئوخشايتى، بۇ ئاشخانىنى ئىچىش ئارقىلىق ئۇ شوپۇر يولدىشىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشنى ۋە شۇ يىلى ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىش ئالدىدا تۇرغان قىزىنىڭ چىقىملىرىغا تەييارلىق قىلىشنى ئويلاشقان بولسا كىرەك.
         بىر كۈنى چۈشتە شۇ يەرگە تاماق يىگىلى كىرىپ تاماق بۇيرۇتۇپ بولۇپ تاماقنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتىم  كۆزۈم تۇيۇقسىز مەشنىڭ يىنىدا ئولتۇرغان ئىگىز ئەمما ئورۇق كەلگەن يىشى 50 لەردىن ئاشقان بىر ئايالغا چۇشتى- چۇشتى-دە يۇرىگىم "قارت" قىلىپ قالدى. چۇنكى بۇ ئايالنىڭ كۆزىدىن بۇ دۇنياغا پاتمىغۇدەك دەرىجىدە تەسۋىرلىگۇسىز بىر خىل خاپىچىلىق ۋە ئازاپ تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ گەز باغلاپ كەتكەن كالپۇكلىرى، ياداڭغۇ چىرايى، چىرايىدىكى ئۈمىتسىزلىككە تولغان ئىپادىلەر - مىنى بۇ ئايالغا سۆزلەشكە دەۋەت قىلدى. ئاڭغۇچە ئايزىمخان خانىم بۇ ئايال ھەققىدە ماڭا تونۇشتۇرۇش بەردى، خۇرسىنغان ھالدا:
        -ۋاي قەيسەر ئۇكام، بۇ ھەدىمىز قەشقەرنىڭ بىر ناھىيىسىدىن ئىكەن، ئالى مەكتەپنىڭ خېمىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوغلى ياتىغىدىن چۇۋاپ چىقىپ كىتىپتۇ، ياتاققا قايتماي تالادا ئۇ يەر بۇ يەردە ياتىدىغان بولۇۋاپتۇ. مەكتەپ بۇ بالىنىڭ ئائىلىسىگە خەۋەر بىرىپتىكەن، بۇ ئايال تېخى بىر نەچچە كۇن بوپتۇ ھەممىنى تاشلاپ ئۇرۇمچىگە يىتىپ كەپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ يۇرىگىم "جىغغىدە" قىلىپ قالدى. چۇنكى ئېسىمگە ھىلىقى نەچچە يىللار ئىلگىرى مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ ئالدىدا مەن كۆرگەن بالا كەلگەن ئىدى.
        -ئاچا تاماق يەملا؟ دىدىم مەن ئايالغا ئىللىق چىراي بىلەن. "نىمە يىسىلە دىسىلە، مەنمۇ سىلىنىڭ ئىنىلىرىگە ئوخشاش". چۇنكى مەن ئايالنىڭ ئۈستى-بىشىغا ۋە چىرايىدىكى ئازاپقا قاراپ ھال-كۈنى ئاران ئاران ئۆتىدىغان ئايال ئىكەن دەپ ئويلاپ ئۈلگۇرگەن ئىدىم.
-ئۇكام مەن تاماق بىرىپ بولدۇم دىدى ئايزىمخان خانىم ئاڭغۇچە. بۇ ئايال كۈتۇلمىگەندە مەندىن كەلگەن قىزغىن سالامغا ھۆرمەت بىلدۈردىمۇ ياكى چىرايىمدىن چىقىپ تۇرغان سەمىمىلىككە ئىشەندىمۇ ئۆزىنىڭ دەردىنى تۆكۈشكە باشلىدى:
       -ۋاي ئۇكام، نىمىسىنى دەي، كەمبىغەلنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ دىگەن راست ئىكەن دەپ گەپ باشلىدى ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ. ئۆزۈم ئەسلىدە (ئىسمى ۋە كەلگەن ناھىيىسىنى يەزىشنى توغرا تاپمىدىم، بولمىسا ئىسىمدە بار) باشلانغۇچ مەكتەپتە خانىملىق قىلاتتىم. بالىلارنىڭ دادىسى  تۇيۇقسىز قازا قىلىپ كىتىپ ھەممە ئىش ماڭا قالدى. ماۋۇ بىر ئوغلۇم ئىسىل بالا ئىدى. ياخشى ئوقۇغان، گىپىمنى ئاڭلايتى، غىمىمنى يەيتى. ئالى مەكتەپكە ئۆتكەندە بارى يوقۇمنى يىغىشتۇرۇپ ئوقۇشقا يولغا سالغان، ياخشى ئوقۇۋاتاتتى، ئەھۋالىمىزنى بىلگەندىن كىيىن مەندىن كۆپ پۇل سورىمايتى قولۇمغا پۇل چۇشسىلا "بالام، ئۇرۇمچىدە ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا بوينى قىسىلىپ قالمىسۇن" دەپ ئەۋەتىپ تۇراتتىم. بەزىدە پۇل سورىغاندا  ئەۋەتەلمەي قالاتتىم. مانا يىقىندا مەكتەپتىن خەۋەر كەپتۇ، "دەرھال چىقىڭ بالىڭىز ئاغرىپ قالدى" دەپ مانا مەن كەلگىلى بىر نەچچە كۈن بولاي دىدى، بالامنى كۆرگەن ئادەم يوق. بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە بالام كوچىدا ئۇ يەر بۇ يەردە ئۇخلايمىش، مەكتەپنىڭ چەت ئورمانلىقلىرىدا تاماكۇنى پۇرقىرىتىپ چىكەرمىش... مۇشۇ بالامنى خىزمەتكە چىقىپ پۇتۇمغا پۇت بولامدىكىن دىسەم، ھازىر ئۆزىنىڭمۇ ھكددىسىدىن چىقالمايدىغان بولاپ قاپتۇ. ئارىلىقتا "پۇل، پۇل" دەپ كەتكەن ئىدى، بۇرۇن بۇنداق غەلۋە قىلمايتى. مەنمۇ قولۇم ئۈزۈك بولۇپ قىلىپ ۋاقتىدا پۇل چىقارتىپ بىرەلمىگەن ئىدىم...
        ئىچىم بىر خىل ئاچچىق بولدى. ئەگەر ئۇ ئىنىمىزنىڭ ئەھۋالىنى بۇرۇن بىلگەن بولسام ھىچ بولمىدى دىگەندە ئۆزۈم ئاچقان كۇرستا بىكالىق ئوقۇتۇپ، ككپنىڭ توپىغا قوشۇپ، ئىنسانلىق مېھر مۇھەببەتنى يەتكۇزەتتىم،  ئاز-تولا پۇل بىرەتتىم ئەمەسمۇ؟
        ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە بىر دانا بىلەن پادىشاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن مۇنداق بىر سكھبەت بار: پادىشاھ سورايدۇ دانادىن:
-قىنى ئىيتىڭە، دۇنيادا ھەممىدىن قاتتىق نەرسە نىمە؟
دانا ئىيتىدۇ:
- يوقسۇزلۇق.
         شۇ ۋاقىتتىكى ئىجتىمائى كەيپىياتنى بىر قەدەر ياخشى بىلىدىغىنىم ئۈچۈن، ياشلىق باھارى ئىچىلىۋاتقان بۇ يىگىتنىڭ يوقسۇزلۇق تۇپەيلى روھى دۇنياسى دۇچ كەلگەن ئكزىنى كەمسىتىش،ئىلاجىسىزلىق ۋە مۇھتاجلىقنىڭ بىسىمى بىلەن روھى ساغلاملىقىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۇلگەن بولۇشى مۈمكىن دەپ قىياس قىلدىم . بەلكىم ئۇ بىرەر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندۇ؟ ئۆزىنى نامرات كۆرۇپ ئۇنىڭغا تەلەپ قويالمىغاندۇ؟ ۋە ياكى ئاشخانىدا بىرەر-ئىككى ئاغىينىسنى باشقىلارغا ئوخشاش مىھمان قىلالمىغاندۇ؟ ئىشقىلىپ بىر نەرسە بۇ بالىنىڭ روھىغا قاتتىق تەسر قىلدى بولغاي...
ئەمدى بولغۇلۇق بوپتۇ، ئەڭ ياخشى ئامال قايسى؟
مەن مۇنداق مەسلىھەت بەردىم:
         -ئاچا، ئامال بار ئوغۇللىرىنى تىپىپ مەكتەپ رەھبەرلىرىنى ئىزدەپ يىغلىسىلا، ئوغۇللىرىنى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتىنىڭ ئالى تىخنىكۇم سىنىپى بولسىمۇ مەيلى يۆتكەپ ئەكىتىدىغان ئىشنى قىلسىلا، يانلىرىدا تۇرسا سىلىنى ۋە تۇققانلىرىنى كۆرۈپ ياخشى بولۇپ قالا، ھىچ بولمىدى دىگەندە باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالسىمۇ ئەجەپ ئەمەس، مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن پالانچى بىلەن پۇستانچىنى ئىزدەپ ئەھۋاللىرىنى ئىيتسىلا...مانا ماۋۇ مىنىڭ ئىسمىم، ماۋۇ چاقىرغۇ ئالاقە نومۇرۇم، ماۋۇ ياتاقنىڭ تىلىفۇن نومۇرى" ، مەن ياردەم قىلىدىغان ئىش بولسا مىنى ئىزدىسىلە.
ئۇ چاغلاردا ئېنگلىزىچە كۇرس ئىچىپ، قەلەم ھەققى ۋە ھەر خىل مۇكاپاتلارنى ھەمدە مۇئاش ئىلىپ خىلى "باي" ياشايدىغان چاغلىرىم ئىدى. شۇڭا مەن ئايزىمخان ئاچامغا بۇ خانىم تاماق يىگىلى كىرسە ماڭا ئىيتىشى كىرەكلىگىنى ئىيتىۋىدىم، ھىلىقى خانىم رەھمەت، ھاجەت ئەمەس ئۇكام" دىدى،  ئايزىمخان ئاچام "ۋاي بولدى، مەن بار" دىدى.
        شۇندىن كىيىن ئۇ ئايالنى ئۇچراتمىدىم، ئايزىمخان ئاچاممۇ ئۇ ئايالنىڭ قايتا بىر قىتىملا كىرىپ كىيىن كىرمىگىنىنى دىدى. كىيىن مەن ئۇ خانىمنىڭ بالىسىنىڭ ئەھۋالىنى شۇ فاكۇلتىتتا ئوقۇيدىغان بىر ساۋاقدىشىدىن سۇرۇشتە قىلسام، ئۇ بالا تىپىلىپ ئانىسى بىلەن ئۇچرۇشۇپتۇ-يۇ، پۇل سوراپتۇ، ئانىسىدىن پۇلنى ئاپتۇ-يۇ يەنە يوقاپ كىتىپتۇ...
        بىر كۈنى بويتاقلار بىناسىنى ساقلايدىغان گۇچۇڭدىن كەلگەن رەخم ئاكا "قەيسەر تىلىپون" دەيدۇ"، دەرھال ئىككىنجى قەۋەتتىكى بىر كىشىلىك ياتىغىمدىن چۇشۇپ تىلىپوننى ئالسام، ھىلىقى ئايال قەشقەردىن ئۇرۇپتۇ.
        -قەيسەر مۇئەللىم، دىدى ئايال يىغلاپ، سىز بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن بالامنى يۇرتقا ياندۇرۇپ ئىلىپ كەلگەن، بىر مەزگىل تۇرۇپلا يەنە يوقاپ كەتتى. ئۈرۈمچىگە، مەكتەپكە چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، خاپا بولماي سۈرۈشتە قىلىپ باقسىڭىز.
        -بولىدۇ، دىدىم مەن ۋە ئۇ خانىمغا ئۇچۇر بىرىدىغان ئالاقىنى ئىلىۋالدىم. لىكىن مەن سۇرۇشتە قىلىپ بۇ بالىنىڭ ئۈرۈمچىگە چىقمىغىنىنى بىلدىم ۋە خانىمغا شۇ خەۋەرنى يەتكۇزدۇم. مەن دەل شۇ چاغلاردا ئامىرىكىغا ئوقۇشقا چىقىشقا جىددى تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدىم. بىر كۇنى سەھەردە بويتاقلار ياتاق بىناسىدىن ئىتتىك چىقىپ كىتىۋاتسام ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدىكى تاشتىمۇ ياكى بىر ياغاچ كۆتەكنىڭ ئۈستىدىمۇ، ئىشقىلىپ بىرنىمىنىڭ ئۇستىدە  ھىلىقى ئايال ئىشىك تەرەپكە قاراپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كىتىپتۇ، يەنە شۇ خاپىلىق چاچراپ تۇرغان كۆزلىرى...
        - ھوي ئاچا بۇ يەردە تۇرىلىغۇ دىدىم مەن ھاڭ-تاڭ قىلىپ. ئايال مىنى كۆرۈپ يىغلاپ سالدى.
        -كۆرمەمسىز ئۇكام، بالامنىڭ خەۋىرى ئۇرۇمچىدىن كەلدى، مۇشۇ يەرگە قىچىپ كىلىۋاپتۇ. شۇ بالامنى ئىزدەپ يەنە كەلدىم، بۇگۇن مۇشۇ يەردە سىلە بىلەن كۆرۈشەي دەپ كۈتۈپ تۇرغان ئىدىم.
        خانىم مەندىن بىر چوڭ ئۇمىت كۇتكەندەك قىلاتتى. قولۇمدىن كەلسە بولسىغۇ ئۇ بالىنى تىپىپ داۋالىتىپ، خىزمەت تىپىپ بەرسەم... لىكىن مەن ئۇ چاغدا ئەمدى تېخى بىر يىللىق خىزمەت ئىستاژىغا ئىگە ياش-تە. نىمە قىلارىمنى ۋە دىيىشىمنى بىلەلمەي بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم، كۆزۈمگە ياش كەلدى، يۈرۈگۈم يىغلىدى. ئاخىر چىرايلىق گەپلەر بىلەن خانىمغا تەسەللى ۋە مەدەت بىرىپ، قىلالايدىغىنىمنى قىلدىم...
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەن چەتئەلگە چىقىپ كەتتىم، لىكىن تا ھازىرغىچە ئۇ ئايالنىڭ دەرت ۋە غەم-ئەلەم باسقان چىرايى،مەندىن ياردەم تەلەپ قىلىپ تەلمۈرگەن كۆزلىرى، ۋە ئۇنىڭ روھى كىسەل بولۇپ قالغان ئوغلىنىڭ تەقدىرى خىيالىمدىن كەتمىدى..
        بىر  يىقىنىم ماڭا ئۈرۈمچى 14-ئوتتۇرا مەكتەپتە كىچىگىدە ئاتا-ئانىسىدىن يىتىم قىلىپ مومىسىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان ئاجايىپ ئەلاچى ئوقۇپ، بىيجىڭدىكى داڭلىق ئۇنىۋىرسىتىتقا ئوقۇشقا ئۆتكەن بىر ياشنىڭ باشقىلاردىن تاياق يەپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن مىڭىسى زەخمىلىنىپ كىيىن روھى ئاجىزلىق كىسىلى بىلەن مەكتەپتىن چىكىندۇرۇلگەنلىگى ۋە ئەينى چاغدىكى بىر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ياردىمى بىلەن تاپقان بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىشىك باقارلىق خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقالمىغۇدەك جەھەتتە روھى كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىغى ھەققىدىكى ئىچىنىشلىق ھىكايىنى ئاڭلىغىنىمدا كۆڭلۈم ئىزىلىپ، يۈرۈگۇم يىغلىدى. بۇ يىگىتكە ئاۋال تاياق زەربىسى تەككەن بولسا كىيىن ساقسىزلىق تۇپەيلى ياماشقان پىسخىك كىسەللىك چاپلاشقان چىغى. "يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ" دىگەن مانا مۇشۇ بولسا كىرەك.
        مەن دەيمەن ئەگەر جەمىيەتتە ئادالەت بولىدىغان بولسا، ئەسلىدە بۇ يىگىتكە زىيانكەشلىك قىلغان مەلئۇنلارنى بىرىنجىدىن قاتتىق جازالاش كىرەك ئىدى، ئىككىنجىدىن ئۇلاردىن بۇ بالا ئۇچۇن غايەت زور ئىقتىسادى تۆلەم ئىلىش كىرەك ئىدى، ئۇچىنچىدىن جەمىيەت ۋە ئەتراپتىكى ئادەملەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بۇ يىگىتكە تىگىشىسلىك مېھر مۇھەببەت كۆرسىتىشى كىرەك ئىدى. لىكىن ئادەملەردىكى شەخسىيەتچىلىك، ئۆزەمچىللىك، مەنپەئەتپەرەسلىك ئۇلاردىكى بۇنداق يىگىتلەرنىڭ بەختسىزلىگىگە ھىسداشلىق قىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان قەلبنى ناركوز قىلىۋەتكەن بولسا كىرەك....

        (2) يۈرۈگۈمنى يىغلاتقىنى -ئىگە چاقىسىز قالغان بوۋاي-مومايلارنىڭ قىسمىتى
        بىر دۆلەتنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىغىنى بىلىشتە ئەڭ ئاۋال ئۇنىڭ ئۆز قوينىدا ياشاۋاتقان ئاجىز توپقا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىغىغا قاراش كىرەك.بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىنىڭ بار يوقلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا ئۇنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئاجىز-توپقا مەسىلەن ئىگە چاقىسىز قالغان ياشانغان بوۋاي-مومايلارغا، ئاجىز خانىم-قىزلارغا  ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى بولمىغان نارىسىدىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا قاراش كىرەك.
       ئەمدى خىزمەتكە چىققان شۇ يىلى - شەرقى قوۋۇقتا تۇرۇشلۇق ھەربى رايوننىڭ ئالدىدىن ئۆتۇپ كىتىۋاتسام بىر موماي يىغلامسىراپ ئالدىمغا كەلدى.

        -ۋاي بالام، بىلەرسىزمۇ نەگە بىرىپ ئىيتاي بۇ دەردىمنى؟ ماۋۇلارغا گىپىمنى ئاڭلىتالمىدىم، قوروغا كىرسەملا ئىتتىرىپ چىقىرىۋىتىدۇ، مەن بىر ئىگە چاقىسىز تۇل ئايال ئىدىم، دەردىم بار ئىدى، دىدى موماي ھەربى رايون دەرۋازىسى ئالدىىدا  قوراللىق پوستا تۇرغان ئىككى ئەسكەرنى ئىما قىلىپ.
مەن موماينىڭ ھال ئەھۋالىنى سورىدىم. ئەسلى بۇ موماي غۇلجىدىن كەلگەن بولۇپ ئۇنىڭ يولدىشى ئۇچ ۋىلايەت ئارمىيەسىنىڭ  ئەسكىرى ئىكەنتۇق كىيىن مىللى ئارمىيە ئازاتلىق ئارمىيە تەركىۋىگە قوشۇۋىتىلگەندىن كىيىن بىر مەھەل ھۆكۇمەت تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇپ كەلگەن ئىكەن ئەمما بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بوۋاي قازا قىلىپ كەتكەندىن كىيىن موماي يالغۇز قىلىپ تۇرمۇشتا كۆپ قىسىلىپتۇ. خىلى يەرگە دەرت ئىيتىپ بىرىپتۇ ئەمما دەردىنى ئاڭلايدىغان ئادەم چىقماپتۇ.. شۇنىڭ بىلەن "دەردىمگە ئاپتونوم رايوندىكىلەر يىتىدۇغۇ" دىگەن زور ئۈمىت بىلەن ئۇرۇمچىگە كەلسە بۇ يەردىكىلەر موماينىڭ دەردىگە يىتىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئاڭلاشقىمۇ ئادەم چىقماپتۇ. "قازاننىڭ قۇلىغى ھەممە يەردە تۆت" ئىكەن دىگەن گەپتە بۇ.
موماينىڭ دەردىنى ئاڭلاپ كۆڭۈل ئاسمىنىمنى  نارازىلىق بۇلۇتلىرى قاپلىدى. ئەسلىدە موماينىڭ مەسىلىسىنى ئاساسى قاتلامدىكى ئاۋۇ يىزا باشلىقى، ھاكىم بولغان ھارامتاماق گۇيلار ئۆزىلا ھەل قىلالايدىغان مەسىلە ئىدى. ئاشۇنچىلىك مەسىلىنىمۇ  ھەل قىلالمىسا نىمە ئىش قىلىدۇ ئۇ خىزمەتنى ئىشلەپ؟ "ۋۇي قارنى تويمايدىغان ناكەسلەر!" بىچارە مومايدىن نەپ چىقمايدىغىنىنى بىلگەندىن  كىيىن، ئۇنىڭ يۆلەنچىكى بولمىغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمىغان گەپ.
مەن ئەمدى نىمىمۇ قىلىپ بىرەلەيمەن بۇ مومايغا؟....
يۇرىگىم يىغلىدى، خالاس..

       (3) يۈرۈگۈمنى يىغلاتقىنى -جىنايەت شايكىلىرى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ قىسمىتى
       مەن 1998-يىلى ئامىرىكىدىن ۋەتەنگە توي قىلغىلى بىرىپ قايتىشىمدا بىيجىڭدا ئىككى كۈن تۇرۇپ قالدىم. ئەتە .ئۇچىمەن دىگەن كۇنى بىيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى بار يەرگە (گەن جىئا كو دىگەن يەردە نۇرغۇن ئاشخانىلار بار ئىدى شۇ چاغدا، كىيىن تۈزلىۋىتىپتۇ) تاماق يىگىلى بىرىپ بىر ئاشخانىنى پاكىز كۆرۈپ ئىچىگە كىردىم ۋە تاماق بۇيرىدىم.
        ئاشخانا خوجايىنى 40 ياشتىن ئاشقان قاۋۇل بىر ئەر ئىكەن، ئۇ مەن بۇيرۇتقان تاماقنى ئۆزى ئىلىپ كەلدى. لەغمىنى ياخشى ،ئەمما كاۋىپى سەل خام قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خوجايىنغا دىدىم:
-كاۋاپ تازا پىشماپتۇ، ئوتقا بىر تۇتۇۋەتسەڭلا بوپتىكەن.
       شۇ گەپ ئىغىزىمدىن چىقىشى بىلەنلا ئۇ ئادەم ئالدىمدىن كاۋاپنى كىچىك ئالدى -دە كاۋاپ پىشۇرۇۋاتقان 15-16 ياشلىق ئوغۇلنىڭ ئالدىغا ئىتىلىپ باردى.
       -ھۇ ئاناڭنى گۇي، ئىشنى كۆڭۈل قويۇپ قىلماي، ئۇ بىر تەرەپتىن ئاغزىنى بۇزۇپ بىر تەرەپتىن بۇ بالىنى بىر ئىككى شاپىلاق سىلىۋەتتى. مەن ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ باردىم.
       -نىمە قىلغىنىڭىز بۇ،  دىدىم مەن ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن. مۇشۇ كىچىككىنە ئىشقىمۇ بۇ بالىنى ئۇرۇش، تىللاش كىتەمدۇ؟ ئوتقا ئىككى مىنۇت تۇتۇۋەتسىلا بولىدىغۇ.
        شۇنىڭ بىلەن ئۇ توختاپ قالدى، مەن ئاچچىق يۈتۈپ ئورنۇمغا كىلىپ ئولتۇردۇم، بۇ بالىنى تىل-ھاقارەتكە ۋە تاياققا قويغىنىمغا بەك پۇشايمان يىدىم. ئارىلىقتا بۇ بالا ئالدىمغا چاي قۇيغىلى كەلدى. ئۇنىڭ مەڭزىدە ياش...
        مەن ئۇ ھەققىدە سورىدىم. ئۇ ئەتراپقا بىر قارىۋىتىپ خوجايىننىڭ دىققەت قىلمىغىنىدىن پايدىلىنىپ ئۆزى ھەققىدە ئىسەدەپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەردى.بۇ بالا ئەسلى قەشقەردىن بولۇپ ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن. دادىسى قايتا توي قىلغاندىن كىيىن ئۆگەي ئانىسى تولا ئۆگەيلەپ كىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى بازاردا غەمكىن كىتىۋاتسا بىر كىشى ئۇچراپتۇ ۋە شۇنداق چىرايلىق گەپ قىلىپ ئۇنى ئۈرۈمچىگە ئىلىپ چىقىپ پۇل تاپىدىغان يولنى تىپىپ بىرىدىغىنىنى ۋەدە قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا ئۇنىڭ ماشىنىسىغا بىر چىققىنىچە ئۆيدىن ئايرىلىپ كىتىپ قاپتۇ. ئۇنىڭغا ئوخشاش بالا 5-6 بولۇپ ئۇلار ئاۋال شاڭخەيدە ئوغۇرلۇققا سىلىنىپتۇ.  ئۇنىمىسا تاياق يەپتۇ. بۇلاردىن ئۈچى بىر كۈنى پەيتنى تۇتۇپ بىر پويىزغا چىقىپ قاپتۇ، يىرىم يولدا بىر ھەمراھى يۈتۈپ كىتىپتۇ.  پويىز ئۇلارنى بېيجىڭغا ئىلىپ كەپتۇ، پويىز ئىستانسىسىدا لاغايلاپ يۈرسە بىرسى بۇلارنى مۇشۇ يەرگە ئەكىلىپ مۇنۇ خوجايىنلارغا تۇتۇپ بىرىپتۇ. بۇ خوجايىنلار بۇلارنى مانا مۇشۇنداق بوزەك قىلىدىكەن، پۇل بەرمەيدىكەن.
دىمەك، ئۇيغۇر  ئۇيغۇرغا مۇشۇنداق زۇلۇم سالىدىكەن...
         مىنىڭ بىر تەرەپتىن ئىچىم سىرىلدى، بىر تەرەپتىن بۇ بالىغا ياردەم قىلغۇم كەلدى.  مەن ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ۋە قەشقەردىكى ئادرىسىنى يىزىۋالدىم. ئەسلىدە ئۇنىڭ دادىسىغا ئامىرىكىدىن خەت يىزىپ بۇ بالا ھەققىدە ئۇچۇر بەرمەكچى بولغان ئىدىم. ئامىرىكىغا كەلگەندىن كىيىن ئېسىمنى ئىلىپ ھىلىقى ئادرىسنى يازغان قەغەزنى ئىزدەپ تاپالمىدىم. شۇ ئىش -ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ۋەدە ھازىرغىچە يۈرۈگۈمنى تاتىلايدۇ.
مىنى كەچۈر ئىنىم، ئالدىڭدا خىجىلمەن. بۇ چاققىچە بەلكىم ئۇ ئالۋاستىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ بولغانسەن، ئاللاھ بىشىڭنى ئامان قىلسۇن!
مەن ھەر قىتىم  ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ۋە ئۇچقۇر تاراتقۇلاردا تارقىلىپ يۇرگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوغۇرلۇققا سىلىنغانلىق ۋە ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇپ قالغاندىن كىيىن يىگەن تاياق، ئاڭلىغان ھاقارەتلىرىنى  ئوقۇغۇنىمدا ۋە كۆرگىنىمدە ھىلىقى بالا ئىسىمگە كىلىپ  يۇرۇگۈم ئىچىشىدۇ. مۇبادا  مۇشۇنداق پاجىئەلەرگە قارىتا  سىزدە ئۇ خىل تۇيغۇ بولمىسا، ئۆزىڭىزنىڭ ئەقلىڭىزدىن، ۋىجدانىڭىزدىن گۇمانلانسىڭىز بولىدۇ. قىنى  ئىبراھىم ئەمەت  يازغان  زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئۆسمۇرلىرىنىڭ پاجىئەسى تەسۋىرلەنگەن ماقالىنى ئوقۇپ بىقىڭ، قانداق تۇيغۇدا بولىسىزكىن؟
نىمىشقا بۇ خىل پاجىئەلەر يۇز بىرىدۇ مۇشۇ يىللاردا؟
كىشىلەر ئۇنى ھەر خىل چۇشەندۇرۇشىدۇ، بىرسى دەيدۇ، "ئادەملىرىمىز ئىشسىز، نامرات!"... يەنە بىرسى دەيدۇ "باشقىلار شۇ يولغا قىستاپ قويدى، كارى يوق"...
         مىنىڭچە يۇقۇرىدىكى سەۋەپلەرنىڭ ھىچقايسىسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئادەملىرىمىز بۇرۇنمۇ ئىشسىز ئىدى، نامرات ئىدى لىكىن ھىچقاچان بۈگۈنكىدەك بەزىلەردەك توپلىشىپ ئىنسان قىلىپىدىن چىقىپ ياۋۇزلىشىپ نارىسىدىلەرگە چاڭگىلىنى ئۇزاتمىغان.
         مىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئەمەل قىلىدىغان بىر پىرىنسىپىم بار. مۇبادا مەن بىراۋنىڭ مۇناپقىلىغىنى، ئىككى يۇزلىمىلىگىنى، پۇرسەتپەرەس خۇمسىلىغىنى، ياۋۇزلىغىنى بىلىپ قالسام دەرھال چەك چىگرا ئايرىيمەن. چاي قۇيسا ئىچمەيمەن، ئۇ بار سورۇنغا بارمايمەن، چۇنكى ئۇنداق خۇمسىلاردىن مەرەزلىك، پۇرسەتپەرەسلىك، ساتقىنلىق ۋە ھاراملىق پۇراپ تۇرىدۇ. شۇنداق ئىكەن سەن قانداقسىگە سەسكىنمەي ئۇنداق چوشقىلار بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرالايسەن؟
         ۋەتەندە ئىنىسىنىڭ ئوغلىنى يۇرتتىكى ئادەم شايكىلىرى ئالداپ ئىچكىرىگە ئىلىپ كىتىلگىنىدىن خەۋەر تاپقان ئامىرىكىدا ياشايدىغان بىر ئاغىينەمنىڭ ئائىلىسىنىڭ چەككەن رىيازەتلىرىنى ئىنىق بىلىمەن. بۇ ئاغىينەم ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى خۇرسىنىش ئىچىدە سۆزلەپ بەردى:
تۈركىيەگە  يىغىنغا بارغىنىمدا، خىلى دۇرۇس دەپ ئويلىغان ئادەملىرىمىزنى بىر كىشى تاماققا تەكلىپ قىلدى.تاماققا تەكلىپ قىلغۇچى بالىلارنى ئالداپ ئەكىتىپ ئۇغۇرلۇققا  سىلىپ ھارامدىن پۇل تاپقان، كىيىن مەككىگە بىرىپ "ھاجى" لىق تونىنى كەيگەن بىرسى ئىدى. مەن ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلگەچكە يىرگىنەتتىم، ھىلىقى مەن دۇرۇس دەپ ئويلىغان كىشىلەرمۇ بۇ مەخلۇقنىڭ قانداقلىغىنى بىلەتتى. ھەيران قالغىنىم ئۇلارنىڭ بىلىپ تۇرۇپ "ۋاي ھاجىم دىسە ھاجىم دىيىشىپ" ئۇ كىشىنىڭ تامىغىنى يىگىلى كىتىشلىرى. مەن بارمىدىم ئۇ باشلىغان يەرگە، بۇ مەلئۇننىڭ تامىقىغىنى يىيىش ئەمەس بىر سورۇندا ئولتۇرۇشمۇ  ھارام بولمامدۇ ئاداش.
        بىزنىڭ بەزى ئادەملىرىمىزدە مانا مۇشۇنداق ئىنىق مەيدان بولمىغاندىن كىيىن، ئۆزىمىزنىڭ بەختىنى خەقتىن تولاراق ئۆزىمىز كىسىمىز. ئەگەر ھەممە بۇنداق مەلئۇنلارغا نەپرەت كۆزىدە قارىيالىسا، يۈزىگە تۇكۇرەلىسە، جازاسىنى بىرەلىسە ئىدى، بىچارە نارىسىدىلەرگە سىلىنىۋاتقان زۇلۇم ۋە جىسمانى، روھى ئازاپلار ئازىياتتى. يامانلىق جاجىسىنى يىمىگۈچە تۈگۈمەيدۇ.
       نەزىرىمىدە، جەمىيەتكە، مىللەتكە پايدىسى .ئەمەس زىيىنى تىگىدىغان بۇنداق مەلئۇنلار ھەقىقەتەن ئۆلۈمگە مەھكۇم!
مۇشۇ ئەسەرنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەنلار، مۇبادا سىلەر ئاشۇنداق مەلئۇنلەرنى بايقىساڭلار دەرھال چەك-چىگرانى ئايرىغايسىزلەر!

       (4) يۈرۈگۈمنى يىغلاتقىنى- ھاجەتخانىغا تاشلىۋىتىلگەن ئۇيغۇر قىز بوۋاقنىڭ قىسمىتى
       بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ۋەتەندىكى بىر تور بىتىدىن مۇنداق بىر سۈرئەتلىك خەۋەرنى كۆردۈم. سۈرئەتلىك خەۋەر- بىر خەنزۇ موماي ۋە شۇنداق چىرايلىق بىر نارىسىدە ئۇيغۇر قىزى  ھەققىدە ئىدى. ئەسلىدە كوچا كويلاردىن بوتۇلكا تېرىپ جان باقىدىغان بۇ موماي ئاياللار  ھاجەتخانىسىغا كىرگەن تاسادىپى بىر پەيتتە  ھاجەتخانىغا تاشلىۋىتىلگەن بوۋاقنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ قالىدۇ-دە بوۋاقنى دەرھال تارتىپ ئىلىپ ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئۆيىگە ئاپىرىپ يۇيۇپ تازىلايدۇ ھەمدە كوچىدىن تەرگەن نەرسىسىنى سىتىپ تاپقان پۇلى بىلەن بۇ ئۆسمۇر قىزنى باقىدۇ. بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ بىر تەرەپتىن مومايغا  ھۆرمەت بىلدۇرسەم، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ نارىسىدە قىز ئۇچۇن قەلبىم پۇچۇلۇنۇپ، يۇرۇگۇم ئاغرىدى، مۇشۇنداق بىر چىرايلىق نارىسىدىنى تەرەت قەغىزىنىڭ ئورنىدا كۆرۇپ تاشلىۋىتەلىگەن مەلئۇنغا نەپرەت ئوقۇدۇم. بۇ بوۋاقتا نىمە گۇناھ؟ بۇ قىز چوڭ بولسا قانداق روھى ھالەتتە چوڭ بولىدۇ؟ تەبىئىكى ئۇنىڭ بىشىغا كەلگەن قىسمەت ئۇنىڭ قەلبىدە كىملەرنى ياخشى كۆرۈپ، كىملەردىن سەسكىنىشنى، نەپرەتلىنىشنى ئاللىقاچان بەلگىلەپ بولدى. بۇ قىزنىڭ نىكاھلانمىغان ئىككى نىجىسنىڭ مەسۇلىيەتسىز قىلمىشىنىڭ ھاسىلاتى ئىكەنلىگىنىڭ ئىھتىماللىغى چوڭ ئىدى. جەمىيەت ئاتالمىش تەرەققى قىلىپ كىشىلەر ماددى مەنپەئەت قوغلىشىش ۋە قۇرۇق ئابروي تالىشىش بىلەن بولۇپ كەتكەن بۇ مەزگىللەردە - ئىتىقادتا سۇسلىشىش - ئادىمىلىگىمىزنى خىرەلەشتۇرسە، ئەن-ئەنىۋى مەدىنىيەتتىن يىراقلىشىش، ئۆرپ-ئادەتتىن چەتنەش، مىللى ئەخلاقتا چىكىنىش -ئۇيغۇرلىغىمىزنى ئاجىزلاشتۇرماقتا. مانا شۇنداق سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن يۇقۇرىدىكى پاجىئەلەر يۈز بەرمەكتە. مەن ئۇچۇن سىنىڭ كىملىگىڭ مۇھىم ئەمەس، قانداق كوڭۇل ۋە نىيەت ھەم ئىش ھەركەت بىلەن ياشىشىڭ مۇھىم. ئاشۇ ئىنسانى تۇيغۇسى ئۆلمىگەن، مىھرىۋان خەنزۇ مومايغا رەخمەت. ھاياتلىقنى قەدىرلەيدىغان، كۆڭلى مىھرىۋانلىققا، ھاياتلىق ئۈچۈن ھۆرمەتكە تولغان  ھەرقانداق ئىنسان بۇ دۇنيادا، جەمىيىتىمىزدە قەدىرلىنىشى ۋە ھۆرمەتلىنىشى كىرەك.
       كەچۇر بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇپلا ئازاپقا دۇچار بولغان، ئۆز ئاتا-ئاناڭنىڭ مىھرىنى بىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان نارىسىدە قىزىم، مەن خەلقىمىز نامىدىن سەندىن ئەپۇ سورايمەن، بەلكىم خۇدانىڭ سەن ئۈچۈن بىر ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى باردۇر!

       خۇلاسە ئورنىدا: مىنىڭ  مۇنداق قارىشىم بار:. ئىنساننىڭ ھاياتى چەكلىك! پەسكەشلىك ۋە پەسەندىچىلىك قىلىپ ياشاش - دۆتلۈك ۋە ئەخمەقلىق. مېھر-مۇھەببەت ، سەمىمىلىك، ياخشى كۆڭۈل ۋە ئىشچابلىق بىلەن ياشىغاندا، باشقىلارغا كۆيۈنۈشنى بىلگەندە بولۇپمۇ ئاجىزلار ئۈچۈن مەلۈم دەرىجىدە ئۆزىمىزنى بىغىشلىغاندا ئىككىلا دۇنيالىق ھاياتىمىز مەناغا ئىگە بولىدۇ. ئىجتىمائى ھەقىقەتلەردىن بىرى شۇكى- ياخشىلىق ھامان رەزىللىكتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، بىز  ھەم ياخشىلىق بىلەنلا ئۆزىمىزنى ساقلاپ تەرەققى قىلالايمىز.
      يۈرەكنى ئاغرىتىدىغان ئىشلارنىڭ كۆپۈيۈپ كىتىشى  - مىللەتكە ۋە جەمىيەتكە توپان بالاسى كىلىشنىڭ بىشارىتىدۇر!، مەڭگۈلۈك ئازاپقا قالمايلى دىسەڭلار، يۈرىگىڭلار پات-پات يىغلاپ تۇرسۇن ئادەملەر!

0

تېما

0

دوست

532

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   6.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16602
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 172
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 15:23:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1477

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26873
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 15:30:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرمۇ  مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆپ تۇرلۇك ئىشلار باركى يۇرەكلەر يىغلاشلا ئەمەس پارە - پارە بولغۇدەك كۆزلەردىن ياش ئەمەس قانلار ئاققۇدەك.........ئاھ.... بۇ ئىشلارمۇ ئوڭشۇلۇپ كېتەر

2

تېما

5

دوست

586

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   17.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28753
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 190
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 15:38:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم، ئەسىرىڭدە،بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولۇۋاتقان بىر مەسىلىنى يېزىپسەن. مېھرى-مۇھەببەت،سەمىمىلىك،،ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش ، بىر-بىرىمىزنى ئەپۇ قىلىش،ئۆز- ئارا قوللاش ھازىر بىز ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ مۇھىم.
ئائىلەڭگە خاتىرجەملىك،خىزمىتىڭگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

16

تېما

0

دوست

1542

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   54.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22327
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 470
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 17:34:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ibrahimamat:
سىز قەيسەر مۇئەللىمنىڭ ئونىۋېرسىتىتىكى تۇنۇشىكەنسىز،بولسا سىزمۇ قەيسەر مۇئەللىمنىڭ كۆرگەن ئىسىل ئىشلىرى،ئالىي مەكتەپتىكى ئۇنتۇلغۇسىز ھىكايىلىرىڭىز
بولسا يېزىپ چىقسىڭىز.

0

تېما

3

دوست

1300

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27920
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 384
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 17:37:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نى - نى ئاچچىق قىسمەتلەرگە كىمنىڭمۇ يۈرىگى يىغلىمايدۇ دەيسىز ...

2

تېما

0

دوست

1204

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   20.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12716
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 17:51:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1980-1990- يىل ئارىلىقىدا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

2

تېما

2

دوست

3386

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9612
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 507
تۆھپە : 700
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 20:10:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئىنتايىن تەسىرلەندىم بۇ ئەسەردىن.... بەكمۇ چىن، بەكمۇ ئەمەلىي ئىستەكلەرگە تويۇنغان بۇ ئەسەردىن چوڭقۇر تەسرات ئالدىم.

بىز ئادەمدەك ئادەم بولۇشىمىز كېرەك!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )