- تىزىملاتقان
- 2012-4-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2857
- نادىر
- 1
- يازما
- 162
ئۆسۈش
28.57%
|
پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە بالىلىق يېشىدا ياشاۋاتقانلار تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق 65-قېتىملىق خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقان 6-ئاينىڭ 1- كۈنى مەن قەشقەر 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ «رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپى» دا ئوقۇۋاتقان ئوغلۇمنى كۆرگىلى يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىكى ئوقۇتۇش رايونىغا چىقتىم. مەكتەپ تۇرۇشلۇق ئورۇنغا بارغۇچە كوچىلاردا چىرايلىق كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىشىپ، ئاتا-ئانىلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن خوشال چېپىشىپ يۈرگەن تالاي بالىلارنى كۆرۈپ، «بۈگۈن بىر كۈنى بولسىمۇ بالىلىرىمىزنى سىرتقا چىققىلى قويغان بولسا، خوشال ئوينىتىپ قوياركەنمىز، بوپتۇ، سىرتقا چىقمىسىمۇ، مەكتەپتىمۇ شۇنداق كۆڭۈللۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگەندۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ مەكتەپ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدىم.
دەرۋازا ئالدىدا ماڭا ئوخشاش پەرزەنتلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەنلەردىن بىرنەچچىمىز بولۇپ، شۇلارنىڭ قىسقا پاراڭلىرىدىن باشقا مىڭدىن ئارتۇق بالا ياشاپ، پائالىيەت قىلىدىغان، ئاپتونۇم رايونننىڭ «نۇقتىلىق مەكتىپى» قالپىقىنى چېكىسىگە قوندۇرۇپ، بىر كۇۋادرات مېتر يەرگە سايىسى چۈشكۈدەك بىرەر تۈپ دەرىخى يوق تۇرۇپ، «ۋىلايەت دەرىجىلىك يېشىل مەكتەپ» تونىنى كىيىۋالغان بۇ مەكتەپنىڭ قوروسىدىن بالىلارنى خوشال قىلغۇدەك بىرەر پائالىيەتنىڭ شەپىسى يوق، پىژغىرىم ئىسسىقتا ۋىلىلدايتتى. دەرۋازا ئالدىدىكى LED ئېكرانىمۇ بۈگۈن رەھىمسىز ئۆگەي ئانىنىڭ كۆڭلىدەك قاپقارا تۇراتتى. ھايال ئۆتمەي چۈشتىن بۇرۇنلۇق دەرس تۈگىدى بولغاي بالىلار ھەرقايسى سىنىپلاردىن چىقىپ، ھاشار چۈمۈلىسىدەك قاتار بويىچە مەكتەپ ئاشخانىسىغا يۈرۈپ كەتتى. بىزنىڭ كېلىشىمىزدىن خەۋىرى بار پەرزەنتلىرمىىز جياڭيۇ بىلەن تەم تەڭشىگۈچنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرىدىغان، مېھىرسىز، مەززىسىز تاماقتىن بىر كۈن بولسىمۇ قۇتۇلغىنىغا خوش بولدىمۇ قانداق تېخى بەش مىنۇت بولا-بولمايلا دەرۋازا ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىشتى. ھەممىسىنىڭ چېھرىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشكىنىگە خوش بولغاندىن باشقا بايرام شادلىقىنىڭ ئىزناسىنى كۆرگىلى بولمايتتى. دىيىشىۋالغاندەك، ھەممە ئاتا-ئانا «بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بايراملىق پائالىيەت قىلىپ بېرەمدىكەن؟ چۈشتىن كېيىن ھېچ بولمىغاندا ئارام ئالىدىغانسىلە؟ »دېگەندەك سوئاللارنى ياغدۇرىۋەتتقۇيۇ، ئېرىشكەن جاۋابىمىز بىزنى ھەيران قالدۇردى،كۆڭلىمىزنى غەش قىلدى، نارازىلىقىمزنى قوزغىدى. ئۇلار بۈگۈنمۇ ئوخشاش 8 سائەت دەرس 2 سائەت مۇزاكىرە بولۇپ 10 سائەت مەشخۇلىيەتنى تولۇق قىلىدىكەن. ئالدىنقى يىلى يېڭىشەھەر ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلماستا 7-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان بالامدىن بالىلار بايرىمىلىق پائالىيەت قىلغان-قىلمىغانلىقىن سورىسام، «مەكتەپتە ئوقۇغۇچى كۆپ، پائالىيەت سورۇنى ئاز بولغاچقا، بۇ يىل قىلمايدىكەنمىز، كېلەر يىلى كەڭ مەكتەپكە چىققاندا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ بەرگۈدەك» دېگەن ئىدى.
بىز بالىلىرىمىز «رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپى» غا ئۆتكىنى ئۈچۈن، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ سىياسىتىدىن تولىمۇ مىننەتدار بولغاچقا، بالىلىرىمىز بۇ مەكتەپكە بېرىپ ھايال ئۆتمەيلا ھە دېسىلا سىنىپ مۇدىرى ئالماشتۇرىدىغانلىقى، تېخى يېڭىلا خىزمەتكە چىققان تەجرىبىسىز ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساسلىق پەنلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقى، دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى ئېچىۋېتىلگەن شەھەرلەردە چوڭ بولۇپ خىزمەتكە قاتناشقان ياش خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چەت يېزا-قىشلاقلىرىدا چوڭ بولغان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئەخلاق قارىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك تۈرلۈك كىچىك زىددىيەت ۋە ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ چىقىۋاتقانلىقى، مەشخۇلىيەت ۋاقتىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپلىكى (كۈندە 10 سائەت بولغاننىڭ ئۈستىگە شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ يېرىم كۈندىن دەرس ئۆتىلىدۇ، دۆلىتىمىزدە جىسمانىي قۇۋىتى تولۇق، قورامىغا يەتكەن دۆلەت كادىرى بىر كۈندە 8 سائەت ئىشلەيدۇ، ئۇندىن ئارتۇقىغا ھەق ئالدىغان تۈزۈمنىڭ بارلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز)، دەرسكە ۋە تاپشۇرققا يېتىشىپ بولالمايۋاتقانلىقى، بېشىنىڭ ئاغرىپ كېتىۋاتقانلىقى، ئىشتاھايىنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقى، ئايلىنىپ يىقىلىپ كەتكەنلىكى تاماق سۈپىتىنىڭ ناچارلىقى (ۋاقتى ئۆتكەن تۇخۇم، نەدە، قانداق ئۆلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان توخۇ گۆشىنى كۈندە بېرىۋاتقانلىقى) ... قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاتا-ئانىلارغا، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى قەدىردان سىنىپ مۇدىرلىرىغا ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ، بىز ئومۇمىيلىقنى كۆزلەپ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ چوقۇم پات ئارىدا ئوڭشىلىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلىغان، بالىلىرىىمزغا تەسەللىي بەرگەن ئىدۇق.
كەچتە كۆڭلۈم غەش ھالدا ئۆيگە قايتىپ تور، تېلۋېزورلارغا قارىسام دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ، تەرەققىي تاپقان ئامېرىكا، ياۋروپادىن تارتىپ، ئەڭ قالاق ھالەتتىكى ئافرىقا دۆلەتلىرىگىچە، ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان سۈرىيە، ئافغانىستانلارغىچە ھەممىلا يەردە بالىلار بىر كۈن بولسىمۇ خوشال ياشاپ، بىر كۈنىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈپتۇ. بالىلارغا بىر كۈن بايرام قىلىپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن كىشى ئىنقىلاپ قىلىپ، ئىسسىق قېنىنى تۆككەن بولۇشى مۇمكىن، قورامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ بىر كۈندە 6 سائەتتىن ئارتۇق ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدىغانلىقى، ئۆگىنىش بىلەن ئارام ئېلىش ۋە ئويۇننىڭ تەڭ نىسبەتنى ئىگىلىشى لازىملىقى، يازلىق ۋە قىشلىق تەتىل قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەتقىق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرغىچە بەلكىم نۇرغۇن پىداگوگ، پىسخولوگنىڭ بېشىنىڭ تۈكى قالماي مۈكچىيىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى چوقۇم، جىسمانىي روھىي جەھەتتىن ساغلام، قاۋۇل بولۇپ يېتىلىشى كېرەك. بۈگۈنكى بالىلارنىڭ بالىلىقى بىزنىڭ ياشلىق، قىرانلىق دەۋرىمىزدىنمۇ قەدىرلىك. شۇڭا مۇناسىۋەتلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، سوغۇققانلىق بىلەن يۇقۇرىقى مەسىلىلەرنى ھەل مۇۋاپىق ھەل قىلىشىنى، بالىلارنىڭ بالىلارچە ياشىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
|
|