قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5511|ئىنكاس: 8

تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ شېۋە ئاتلىسى مەسىلىلىرى( داۋامى پۈتۈنلەندى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

دوست

2161

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3368
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 252
تۆھپە : 552
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 01:06:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ شېۋە ئاتلىسىمەسىلىلىرى
ئەھمەت بۇران

( فىراتئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ پىراففىسورى )
تەرجىمە قىلغۇچى: دىلئارام ۋەلى

‏تەرجىمان ئىلاۋىسى:مەن بىر، ئىككى ئاي بۇرۇن،«تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ سىپرۇس دېيالكېتى» دېگەن ماقالىنى باغداش تورىغا قويغان، بىرتورداش تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ شېۋىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز دەپتىكەن.بۇ ماقالىنى بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىش ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەر ھۇزۇرىغا سۇندۇم. مەيلى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى يۈكسەك مائارىپ قۇرۇمىنىڭ ماقالىلەر مەركىزىدە  بولسۇن،مەيلى چوقۇرۇۋا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە ماقالىلىرىتور بېتىدىكى ماقالىلەر بولسۇن،
بۇ تېما ھەققىدە يېزىلغان ماقالە بەكمۇ جىق، شېۋە مەسلىسىنى شېۋە ئاتلىسىدىن قولايشەكىلدە چۈشىنىش مۇمكىن بولغانلىقتىن ، تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ شېۋىلىرىنى مۇشۇنىڭغا
مۇناسىۋەتلىك ئاتلاس تەتقىقاتلىرىدىن چۈشەندۈرۈشنى توغرا تاپتىم. چۈنكى بىر تىلنىڭشېۋىلىرى ئاتلىسى ياكى تىل خەرىتىلىرى ئىشلىنىپ بولغان بولسا، شۇ تىلنىڭ شېۋىلىرى
مەسىلىسى خېلى ئېنىق ئايرىلىپ بولغان بولىدۇ. ئۇلار ئارىسىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇھەقتىكى مەسىلىلىرىگە تەتبىقلاشقا بولىدىغان، بىر قەدەر قىسقا، چۈشىنىشلىك،
ئىشلىنىش كېرەك بولغان جىددى تەتقىقات مەسلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەھمىيەتلىكماقالىنى تاللاشقا جىق كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كەلدى. ئالدى بىلەن كەسىپداشلارنىڭ،
ئاندىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

قىسقىچە مەزمۇنى:
    تۈركىيە تۈركچىسى شېۋىلىرىغامۇناسىۋەتلىك تۇنجى تەتقىقاتلار چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن 19. ئەسىرنىڭئوتتۇرىلىرىدىن باشلانغان. 1940- يىلىدىن باشلاپ، يەرلىك تەتقىقاتچىلار بۇ تېمىغاتۇتۇش قىلىپ،نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك تەتقىقاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، توپلاش،ئىنچىكىلەش، سېلىشتۇرۇشقا ياندىشىپ تۈركىيە تۈركچىسى شېۋىلىرىنىڭ تۈرگەئايرىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارمۇ ئېلىپ بېرىلدى.
    بۇ ماقالىدە « ئاتلاس» تېمىسىنۇقتىلىق چۈشەندۈرۈلۈپ، تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ شېۋىلەر ئاتلىسىنىڭ ھازىرغىچە تەيياربولماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرى، ئۇچرىغان مەسىلىلەر، ئاتلاس ھازىرلاشتا قوللىنىلىدىغانتۈرلۈك ئۆلچەملەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
  شېۋىلەر يېزىق تىلى دائىرىسىدىكى پەرقلىقئېغىز پىچىملىرىدۇر. تۈركىيە تۈركچىسى شېۋىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ دەسلەپتىكىيازما ماتېرىياللار 13- ئەسىردىن باشلانغان بولۇپ، بۇلار بۈگۈنكى ئاناتولىيە ۋەئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا قوللىنىلغان ئوغۇز مەنبەلىك تۈرك يېزىق تىلىنىڭشېۋىلىرىدۇر.ئاتلاس خىلمۇخىل نۇقتىلار بويىچەئومۇمىيۈزلۈك چۈشەنچە بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئىشارەت سېستىمىسىدۇر. كۆپ ۋاقىتلاردائۇچۇر ياكى مەۋجۇتلۇقنىڭ جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى ۋە ئەھۋالىنى كۆرسىتىش ئۈچۈنئىشلىنىدۇ. دۇنيادا ئىشلەنگەن ئاتلاس تەتقىقاتلىرىنىڭ بىرى تىل ئاتلىسىدۇر.
   تىل ئاتلاسلىرىدا دۇنيادىكى تىلئائىلىلىرىنىڭ، تىل گۇرۇپپىلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى ۋە تارقىلىشىكۆرسىتىلىدۇ. ۋە ئۇنىڭ بىر بۆلۈمىدە بىر تىل ئىچىدىكى خىلمۇخىل ئاستىنقىتىندۇرمىلارنىڭ جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى يەر ئالىدۇ. بۇ نۇقتىدىن تىل ئاتلاسلىرىمۇبىر تۈرلۈك ئاتلاس ھېسابلىنىدۇ.
   شېۋە ئاتلاسلىرىنىڭ ئاساسىيماتېرىياللىرى سۆزلەرنىڭ تىلىدۇر. شۇڭا تىل ئاتلاسلىرىدا فۇنىتېكىلىقئالاھىدىلىككە ئەڭ دىققەت قىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە يەنە شېۋىلەرنى تۈرگە ئايرىغاندىكىتاۋۇش، قۇرۇلما، سۆز، سۆز بېرىكمىسى ۋە ئۇرغۇ قاتارلىق بەش ئاساسىي ئامىلداكۆرۈلگەن پەرقلەرنى ئىنچىكىلەش ئارقىلىق ئاتلاسنىڭ مۇكەممەللىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكېرەك.
   دۇنيادىكى تىل ۋە شېۋە ئاتلاسلىرىتەتقىقاتى 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمدا باشلانغان ۋە گېرمانلار 1876- يىلى«گېرمان تىلى ئاتلىسى»نى ئىشلەش ئارقىلىق تىل ئاتلىسى ئىشلەشنىڭ دەسلەپكى قەدىمنىبېسىپ بەرگەن. كېيىن فرانسۇزلار (1902) گېرمانلارنىڭ بۇ ئەمگىكىگە ئەگەشكەن ۋە بىرمۇنچە تىل ۋە شېۋىلەرنىڭ ئاتلاسلىىرىنى ئىشلىگەن. تۈرك دۇنياسىدا ئەزەربەيجان،تاتارستان، تۈركمەنستان، چۇۋاشستان، قىرغىزستان قاتارلىق دۆلەت ۋە ئاپتونومجۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تىل ئاتلاسلىرى ئىشلەنگەن ياكى بىر بۆلىكى نەشر قىلىنغان بولسا،قالغانلىرى تېخى نەشر قىلىنمىغان.
    تۈركىيە تۈركچىسى شېۋىلىرىھەققىدە كۇنوس( 1896.) خىلمۇخىل تۈرگە ئايرىش تەتقىقاتى قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمماتولۇق بىر تۈركىيە تۈركچىسى شېۋە ئاتلىسى ئوتتۇرىغا چىقمىدى. بۇنىڭدىكىمەسىلىلەرنى شۇلارغا ئىخچاملاش مۇمكىن:

1.شېۋە
جۇغراپىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
بۇ تۈركىيە تۈركچىسىنىڭشېۋىلىرىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى چېگرالىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە . تۈركىيەجۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ئىچىدىكى شېۋىلەر ئاساس قىلىنىپ ئىشلەنگەن ئاتلاس تۈركىيەتۈركچىسىنىڭ شېۋىلىرى ئاتلىسى بولالمايدۇ. چۈنكى چېگرا ئىچىدىكى بەزى شېۋىلەرنىڭچېگرا سىرتىدىمۇ داۋاملىرى بار. مەسىلەن: تارس ۋە ئېگدىر دائىرىسى ئىچىدىكى بەزىشەرقىي ئاناتولىيە شېۋىلىرىنىڭ ئەزەربەيجان تۈركچىسى ۋە شېۋىلىرى بىلەن،غازىئانتەپ، ئۇرفا، كىلىس دائىرىسىدىكى بەزى شېۋىلەرنىڭ سۇرىيە ۋە ئىراق
تۈركمەنلىرى شېۋىسى بىلەن، ئەدىرنە، قىرىقلارئەلى قاتارلىق تراكىيا رايونىشېۋىلىرىنىڭ غەرب تراكىيا ۋە باشقا بالقان شېۋىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار.
   تۈركىيە تۈركچەسى تۈركىيەجۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسمىي دۆلەت تىلىدۇر، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرالىرى ۋەيېقىن ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئەينى زاماندا ئېغىز تىلى قىلىپمۇ قوللىنىلماقتا.پۈتۈن بىر شېۋە ئاتلىسى تەييارلىغاندا، تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ شېۋىلىرى قاپلىغانساھەلەرنى تەبئىي چېگرا ھالىتىدە قوبۇل قىلىش ۋە ئاتلاستا بۇلارغا دىققە قىلىنىشىكېرەك.
      تۈركىيەدە شېۋە تەتقىقاتلىرى
      ئادەتتە ۋىلايەت، ئۆلكە چېگرالىرى ئاساس قىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغاچقا، ھەقىقىيمەنىدىكى بىر شېۋە رايونىنىڭ چېگرالىرى ئېنىقلانمىغان. بىر رايون چېگىرىسىئىچىدىكى خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكلەر شۇ رايونغا كۆچۈپ كىرگەن ياكى ئىككىلەمچىئالاھىدىلىكلەر بىر ئارىدا بېرىلگىنى ئۈچۈن، شېۋە رايونلىرى ئارىسىدىكى پەرقلەرئېنىق كۆرسىتىلمىگەن.

2. ئېتنىكئەھۋاللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
    تۈركىيە ئاساس ئېتىبارىدىنقارىغاندا، ئوغۇز قەبىلىلىرى جۇغراپىيەسىدۇر. ئادەتتە 24 ئوغۇز قەبىلىسىدىن 23ىنىڭئاناتولىيەگە كەلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا. قايسى تىل ئالاھىدىلىكىنىڭ قايسىقەبىلىلەرگە ئائىت ۋە قايسى قەبىلىلەرنىڭ قەيەردە ياشىغانلىقى ھەققىدە ئايرىم تەتقىقاتلاريوق. ئاناتولىيە رايونىدا ئوغۇز قەبىلىلىرىدىن باشقا قەبىلىلىرىنىڭ تىلئالاھىدىلىكىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇلارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇزچە بىلەنقايسى نۇقتىلاردا ئارلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكېرەك. تۈركىيە تۈركچىسى شېۋىلىرىتەتقىق قىلىنغاندا، كۆچۈش تارىخى ۋە ئېتنىكى تەتقىق قىلىنمىغانلىقتىن، قايسىقەبىلىلەرنىڭ قانداق تىل ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلمەي كېلىنىۋاتىدۇ.

3. كۆچۈشلەرسەۋەبىدىن ئارىلىشىپ ئېلىشىپ كېتىش مەيدانغا چىقىرىۋاتقان مەسىلىلەر
    ئاناتولىيە جۇغراپىيەسىنى تارىخىكۆچۈشلەر نۇقتىسىدىن خېلىلا ئارىلىشىپ كەتكەن رايون دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ھەقتە ج.تۈركاي، ئا.ر. يالمان، ف. سۈمەر، ز. قورقماز، ت. گۈلەنسوي، ۋ.ي. خالاچئوغلۇقاتارلىقلارنىڭ كۆچۈش تارىخى ھەققىدىكى تېمىلىق تەتقىقاتلىرىغا ۋە ئېتنىكگۇرۇپلارنىڭ شېۋە ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدىكىتەتقىقاتلىرىغا مۇراجەت قىلىش كېرەك. پەرقلىق زامانلاردا خىلمۇخىل تۈركئېلېمىنتلىرى بولغىنىدەك، ئوغۇزچە ئېلېمىنتلارمۇ كۆپ يۆتكەلگەن ۋە ئارىلىشىپ
ئېلىشىپ كەتكەن. بۇنداق كۆچۈشلەر تۈپەيلىدىن بىر رايوننىڭ شېۋە ئالاھىدىلىكى يەنەبىر شېۋە رايونىغا كۆچۈپ كىرگەن، رايونلار ئارا تىل ئۆتۈشۈشى ۋە ئارىلىشىشى پەيدا
بولغان.بۇنداق ئەھۋالدا شېۋىلەرنىگۇرۇپلاندۇرغاندا ۋە ئاتلاس ھازىرلىغاندا، ئاۋال شېۋە رايونلىرىنىڭ بىرلەمچى شېۋەخاراكتېرىنى تەسۋىرلىگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىككىلەمچى ئېلېمىنتلارنى نەزەرگە ئېلىشكېرەك.

4. سىنىپلاندۇرۇشۋە ئاتلاس ئىشلەشكە تاللانغان ئۆلچەملەرگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
     ئاتلاس ئۈچۈن يېڭىدىن تىلماتېرىياللىرىنى توپلاش مۇمكىن بولغىنىدەك، ھازىرغىچە توپلانغان تىلماتېرىياللاردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. تۈركىيە تۈركچىسى شېۋىلىرى يېقىنقى 50،60يىل ئىچىدە خىېلى ئەتراپلىق توپلاندى ۋە تەتقىق قىلىندى. ئەلۋەتتە بۇلاردا خېلىمەسىلىلەرمۇ بار. ئاتلاس ئىشلىگەندە، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كەمچىللىك ۋەخاتالىقلارنى تۈزىتىپ، توغرا ئاتلاس ئىشلەپ چىقىش زۆرۈر.ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغانسىنپلاندۇرۇشتا تۆۋەندىكىدەك بىرلىكلەر قوللىنىلدى.

4.1 ئولتۇراشقانيەر ئاتلىرى:
كرال (1980) ۋە قاراخان (1986)نىڭ سىنىپلاندۇرۇشىدا يەر جاي ئىسىملىرى قوللىنىلغان، كۇنوس ، جافەر ئوغلۇنىڭ(1946، 1959) ۋە بانگۇئوغلۇنىڭ سىنىپلاندۇرۇشىدا شۇ جايلارنىڭ ئىسىملىرىقوللىنىلغان: كاستامونو شېۋىسى، خارپۇت شېۋىسى، توكات شېۋىسى، ئاماسيا شېۋىسى،ئەنقەرە شېۋىسى، قارامان شېۋىسى، ئەرزۇرۇم شېۋىسى، ترابزون شېۋىشى، زىرە شېۋىسى،سۇراس شېۋىسى، چورۇم شېۋىشى، يۇزغات شېۋىسى، غازىئانتەپ شېۋىسى، كونيا شېۋىشى،ئىستانبۇل شېۋىسى، ئايدىن شېۋىسى، دەلىئورمان شېۋىسى

4.2  جۇغراپىيەلىك يۆنلىش ۋەرايون ئىسىملىرى
  تەتقىق قىلغانلار
  
قوللىنىلىدىغان جۇغرىيىلىك ئورۇن ۋە رايون ئاتلىرى
  
كرال، قاراخان
  غەربى گۇرۇپ شېۋىلىرى
  
جافەر ئوغلۇ-1

  
غەرب ئۆلكىلىرى شېۋىلىرى
  
كرال
  
غەربىي قارا دېڭىز گۇرۇبى
  
كرال، قاراخان

  
شەرق ئۆلكىلىرى شېۋىلىرى
  
جافەر ئوغلۇ2-، بانگۇئوغلۇ2-

  
غەربىي جەنۇب شېۋىلىرى
  
جافەر ئوغلۇ2-، بانگۇئوغلۇ2-

  
شەرقىي جەنۇب شېۋىلىر
  
بانگۇئوغلۇ 1-

  
قارا دېڭىز شېۋىسى
  
كونۇس

  
قارادېڭىزنىڭ قىرغاقلىرى
  
كونۇس

  
قىزىل دېڭىزنىڭ شەرقى قىرغاقلىرى
  
جافەر ئوغلى2-، قاراخان

  
شەرقى جەنۇب شېۋىلىرى ياكى شەرقىي جەنۇب گۇرۇبى
  
بانگۇئوغلۇ

  
ماكدونىيە شېۋىسى
  
كرال

  
مەركەز گۇرۇبى
  
جافەر ئوغلى1-، جافەر ئوغلى2-، بانگۇئوغلۇ 2-

  
ئوتتۇرا ئاناتولىيە شېۋىلىرى
  
كرال

  
ئوتتۇرا قارا دېڭىز گۇرۇبى
  
بانگۇئوغلۇ، كرال
  
رۇمەلى


4.3 قەبىلە، جەمەت، ئايماق ئاتلىرى
يۆرۈك، تۈركمەن، زەيبەك،
قارامانلى، لاز ( كومۇس)

4.4  تىل ئالاھىدىلىكلىرى

فونېتىكا جەھەتتىن ئۈزۈك
تاۋۇشلاردا k->g-/g->k-,
t->d-/ d->t-, -k /-k- >-h/-h-, k->ç, g->c-, b->m-نىڭ ئالمىشىشى، ر نىڭ چۈشۈپقېلىشى، دىماغ تاۋۇشى ن دا كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەر، ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىككىلىشىشى،سۆز بېشىدا ي نىڭ چۈشۈپ قېلىشى، ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشى كۆرۈلىدۇ.سوزۇق تاۋۇشلاردا o>uu>o/ ö>ü, ü>ö, -u, -ü, -ı >-iلارنىڭ ئالىمىشىشى، قوشۇملاردىكى سوزۇقتاۋۇشلارنىڭ تىل ئارقىلىشىشى، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ لەۋلىشىشى، قوشۇمچە ۋە يىلتىزدىكىسوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئالدىلىشىشى، كىرمە سۆزلەردىكى ئۇزۇن سورۇق تاۋۇشلارنىڭنورمال سوزۇقلارغا ئۆزگىرىش قاتارلىق ئۆلچەملەر قوللىنىلماقتا.

   مورفولوگىيە
   مورفولوگىيە نۇقتىسىدىن بىرىنچىشەخس بىرلىك ۋە ئىككىنچى شەخس بىرلىك ۋە كۆپلۈك قوشۇمچىسدىكى پەرقلەر بىلەن بۇقوشۇچىلاردا كۆرۈلگەن تاۋۇش ئۆزگىرىشلىرى، پېئىلنىڭ ھازىرقى زامان قوشۇمچىلىرى ۋەئۇلاردىكى تاۋۇش ئۆگىرىشلىرى، -AcAK كېلىدىغانزامان قوشۇمچىسىدىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشلىرى، ئازرۇ مەيلى –A نىڭ ئاكىتىپىلىق دەرىجىسىدىكى پەرقلەر، ئاڭلاتما بايانقۇشۇمچىسىنىڭ miĢ نىڭ بىرلا شەكىلدەكۆرۈلىدىغانلىقى ۋە بۇيرۇق مەيلى قۇشۇمچىلىرىدىكى راۋۇش ئۆزگىرىشلىرى ئۆلچەم
قىلىنغان.
لۇغەت تەركىبى نۇقتىسىدىن  «kale, hisar, höyük, konak, havuç” (havuç, pürçüklü, keĢirli,teper vb) yukarı/yokarı, öyle/böyle, küçük, köprü, tepsi, şeftali, göz, eşek, değil (deel, daal, dal, degül, değül, diil) سۆزلىرى بەزە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن لېكىسكا ئۆلچىمى  قىلىنغان.
سۆز تەرتىپى نۇقتىسىدىن پەقەتسوراق جۈملىلەرنىڭ ئۇرغۇلۇق ئېيىتىلىشى ئۆلچەم قىلىنغان (لەيلا قاراخان).ئايرىشلاردا قوللىنىغان
ئۆلچەملەرنى ئومۇمىيۈزلۈك قىلىپ تۆۋەندىكىدەك دېيىشكە بولىدۇ.
ئا. فونىتېكا ئۆلچىمى: بۇنىڭغايەنە باشقا ئۆلچەملەرنى قېتش مۇمكىن. ئەمما بۇ ماقالىدا ئېيتىلغان ئۆلچەملەرتۈركىيەت تۈركچىسىنىڭ شىۋىلىرى ئاتلىسى ئۈچۈن يېتەرلىك.

ب. مورفولوگىيە ئۆلچىمى. بۇلارئۈچۈن ئادەتتە شەخس قوشۇمچىلىرى، ھازىرقى زامان قوشۇمچىسىدىكى تاۋۇش ۋە شەكىلئۆزگىرىشلەر ئۆلچەم قىلىنغان. ئاز ساندىكى تەتقىقاتچىلار ئارزۇ مەيلى قوشۇمچىسىنىڭئاكتىپلىقىنى، ئاڭلاتما بايان مەيلىنىڭ بىرلىك شەكلىنى ۋە بۇيرۇق مەيلىقوشۇمچىلىرىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئۆلچەم قىلىپ ئىشلەتكەن. مورفولوگىيەئۆلچىمىگە ئىسىمنىڭ تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلىرى بىلەن ياسىغۇچى قۇشۇمچىلارنىڭ شەكىل ۋەئاكىتىپچانلىقىنى قوشۇشقىمۇ بولىدۇ.

س. لۇغەت تەركىبى ئۆلچىمى. تۈركىيە
تۈركچىسى شىۋىلىرىنى ئايرىغان تەتقىقاتچىلار yukarı
/yokar,
öyle/böyle,
k
ü
çük, değil
(deel, daal, dal, deg
ül, de
ğül,
diil) ben, sen,
،oقاتارلىق سۆزلەردە يۈز بەرگەن
تاۋۇش ئۆزگىرىشلىرىنى ۋە قوللىنىش شەكىللىرىگە ئېتىبار بەرگەن. يەنە نۇرغۇنلىرى kale, hisar, höyük, konak” “havuç” (havuç, pürçüklü, keşirli, teper vb) , köprü, tepsi, şeftali, göz, eşekقاتارلىق سۆزلەرنى ئۆلچەم قىلىپقوللانغان.بۇ نۇقتىدىن ئالاھىدىلىكى بارسۆزلەرنى شەرھىلەش ۋە جىقلىتىش مۇمكىن.

د. ئۇرغۇ ئۆلچىمى: شېۋە تەتقىقاتىۋە تىل ماتېرىياللىرىنىڭ توپلىنىشىدا ئۇرغۇ بەك دىققەتكە ئېلىنمىغانلىقى ۋە تىلماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئۆلچەمنىڭ قوللىنىشى تازا مۇمكىنبولماي قالدى. ئۇرغۇ تىل ۋە دىئالوگ پەرقى نۇقتىسدىن ناھايىتى مۇھىم بولغانئايرىغۇچىدۇر. شۇ سەۋەبتىن ئەگەر مۇمكىن بولسا، تىل ئاتلىسىدا ئۇرغۇ نۇقىتسىدىنبەزى ئۆلچەملەرنى ئىشلىتىش كېرەك.

5. تىل ماتېرىياللىرىنى توپلاش ۋەتەتقىق قىلىشتىكى مەسىلىلەر
   ئىلمىيلىك بىلەن ئېيتقانداقتۈركىيە تۈركچىسىنىڭ شىۋىلىرى ھەققىدە قىلىنغان تۇنجى تەتقىقات ماكسىموۋنىڭ 1867-يىلىدىكى قارامان شىۋىسى ھەققىدە تەتقىقاتتۇر. بۇنىڭدىن بەك جىق تىل ماتېرىياللىرىيىغىلدى، ئىنچىكىلەندى، تەتقىق قىلىنىدى.شېۋىلەرگە ئايرىشقا ۋە ئاتلاسقائىشلىتىشكە ئاساس بولىدىغان تىل ماتېرىياللىرى بەك ساغلام بولۇشى كېرەك. مەيلىيەرلىك، مەيلى يات، مەيلى ئىلمىي، مەيلى قىزىقىش نۇقتىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان تىلتەكشۈرۈشلەرنىڭ  بىر قىسىمى توغرا ئەمەس.فولكلور ماتېرىياللىرىنى توپلاش مەقسىتى بىلەن قىلىنغان تەتقىقاتلار، يېتەرلىكتىرانسكىرپىيە بەلگىلىرى ئىشلىتىلمىگەنلەر، تىل ماتېرىيالى توغرا تەمىنىلەپبېرىلمىگەن تېكىستلەر ياكى تەتقىقاتچىلارنىڭ سەۋەنلىكى، خاتا قىلىپ قويغانشەرھىلەر تىل ئاتلىسىنىڭ مەيدانىغا چىقىشىنى قىينلاشتۇرىدۇ.

6. 6. خەرىتىلەر بىلەنمۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
شىۋە خەرىتىسىنى تەييارلىغانداخىلمۇخىل قۇرۇلمىلار، شەكىللەرنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. نۇقتا ياكى بىرخىلمۇخىل ئىشارەتلەر قوللىنىلغانرەڭلىك خەرىتە ئىشلەشمۇ مۇمكىن. تۈركىيە تۈركچىسى شىۋىلىرى كۆچۈشلەر ۋە ئارىلىشىپئىلىشىشلەر تۈپەيلىدىغان بىر بىرىنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كېتىشكەن رايونلارنى بىر خىلرەڭ ياكى بىر خىل ئىشارەت بىلەن كۆرسىتىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بۇ ئالاھىدىلىكى ئەكسئەتتۈرۈشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇسۇل بىلەن ئۇنى كۆرسىتىش كېرەك.
  بۇنداق قىيىنچىلار بولسىمۇ، ئەمماتۈركىيە تۈركچىسى شىۋىلىرىنىڭ ئاتلىسى ئۈچۈن يېتەرلىك ئۇستا تەتقىقاتچى ۋە تىلماتېرىياللىرىنىڭ بارلىقىنى شۇنداقلا  بۇشىۋە ئاتلىسى تەييارلاش ئىشىنى چوقۇم قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتىمىز.

پايدىلانغان ماتېرىياللار قىسقارتىلدى.

ماقالە تۈگىدى.


10

تېما

0

دوست

635

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1674
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 151
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 15:37:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى تېزراق يوللىغايسىز،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈرلەر!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

7

تېما

12

دوست

2122

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25599
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 634
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 18:17:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

7

تېما

12

دوست

2122

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25599
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 634
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 18:17:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

15

تېما

1

دوست

3388

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1016
توردىكى ۋاقتى: 264
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 19:30:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ayding:
پايدىلىق تىمىلىرڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!
سىز تۈركىيەدە نېمە كەسپىدە ئوقۇۋاتىسىز؟بولسا تۈرك تىلى ۋە باشقا جەھەتتە كۆپرەك
ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسىڭىز؟
بىزدەك ۋەتەندە تۈرك تىلى ئۆگەنگەنلەر دەسلەپ سۆزلەشكەندە نىمىدىن قىينىلىدۇ؟
بولسا ياخشىراق كىتاب ۋە تور بىكەت تەۋسىيە قىلسىڭىز تۈرك تىلى ئۆگىنىدىغان
ھەم خەۋەر كىنو كۆرىدىغان.
سىزنىڭچە تۈرك تىلىنىڭ تەس تەرىپى قايسى؟ئۇيغۇر تىلى بىلەن گرامماتىكا جەھەتتە
قانداق ئورتاقلىق ۋە ئوخشىماسلىق بار؟

1

تېما

16

دوست

4186

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1272
توردىكى ۋاقتى: 138
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 20:29:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىۋىسى ئەمەس ئۆزىنى تۈزۈك چۈشەنمەيۋاتساق

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4369
توردىكى ۋاقتى: 1288
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 21:25:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەم مۇشۇ ساھەگە قىزىقىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن  پايدىلىنىدىغان  ياخشى يازما ئىكەن.

3

تېما

2

دوست

1123

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26108
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 23:39:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
masturam يوللىغان ۋاقتى  2014-6-4 20:29
شىۋىسى ئەمەس ئۆزىنى تۈزۈك چۈشەنمەيۋاتساق

سىلىگە نېمە قىلىپ بەرسە چۈشىنەتتىلە؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )