ئارىمىزدا بىرىنجى
مەمەتتۇرسۇن ئابدىريىم ئوغلانى
بولساڭ ئەگەر بىرىنجى ،سېنى ئەرزان ساتىمەن ، يۈرۈكۈڭگە توغۇرلاپ سۆز ئوقىنى ئاتىمەن. دۈشمەن كۆرۈپ سېنىلا ، ھەر ئۇسۇلدا ئازدۇرۇپ ، راست گېپىمنى ئەمدى مەن قوشاققىلا قاتىمەن .
سەن نىمىشقا بىرىنجى ؟ياكى بولماي ئىككىنجى؟ مەيلى ئىدىڭ بولساڭمۇ ئۈچىنجى ۋە بەشىنجى . سەت كۆرۈنۈپ كۆزلەرگە خىزمەتلەردە ،مەكتەپتە ، غاجاپ ھارماي يۈرمەستۇق ۋاي بىچارە بىرىنجى .
ساراڭمۇ سەن نىمىشقا شۇنچە تۆھپە ئالىسەن ؟ شۇنچە ياشنى ،بالىنى ئۆز يولۇڭغا سالىسەن ؟ كۆرسەك جىننى كۆرگەندەك چېقىۋالساق ھەر قاچان، بىلمەيسەن -دە،ھاڭۋاقتى شۇنچە نادان بالىسەن .
ئۆزۈڭ ئىدىڭ بىر ئىنسان ھېچكىم بىلمەس ئەسلىدە ، غايە ،نىشان تىكلەپلا ئىگىز ئۇچۇش قەستىدە . كىچىلىرى ئۇيقۇ يوق كىتابلارنى ئاختۇرۇپ . بىلىم ئۈچۈن يالىڭاچ يۈردۈڭ قارنىڭ پەسلىدە .
ئاشتىڭ ئاخىر يىراققا تەڭتۇشۇڭنى قالدۇرۇپ ، تالانتىڭنى ئەقلىڭگە بەكمۇ تىرەن قازدۇرۇپ . نە قىلاتتىڭ بىزلەرگە بۇنچە دۈشمەن ئاتىلىپ ، كەتتىڭ شۇنچە بالىنى كەيىپلەردىن تاندۇرۇپ .
سېنى كۆرسەك بىرىنجى كۈلۈپ قويدۇق ئازغىنە ، لېكىن ساڭا بەكمۇ ئۆچ ئىش قىلساڭلا سازغىنە . يىقىلساڭ گەر تەنتەنە قىلىپ چاينى بېرەتتۇق ، سەندە ھەممە كۆزىمىز ،بولساڭكەن بىر مازغىنە .
ئىچىمىزنى تاتىلاپ ئېغىر ئارمان -ئازابلار ، ئىچىپ كەتتۇق شۇڭىمۇ سەن ئۈچۈنلا ھاراقلار . كار قىلمىدى شۇنچىلىك تىللاپ ،غەيۋەت قىلىشمۇ ، سىڭمەي قالدى ۋە ھەتتا يىگەن تائام-تاماقلار .
بىزنى تولا ئازدۇرما يوغان پاراڭ بەك سېلىپ ،
ئۆز -ئۆزۈڭنى ماختايسەن كىچىكىنە پۇل قىلىپ ، يەنە قۇرۇپ كارخانا بولۇۋاپسەن بىرىنجى ، سىنىڭ ئاشۇ مېلىڭنى سالمايمەنغۇ بىر ئېلىپ .
بولساق ئەگەر قان بېسىم بۇدۇر سېنىڭ گۇناھىڭ ، « مېنى قوللا »دىگەن سەن،بەكمۇ چوڭكەن تامايىڭ . قوللاش شۇنچە ئاسانمۇ سەندىن ئېشىپ كەتكەننى ؟ ئورا كولاپ ھارمايمىز قالمىغۇچە ماجالىڭ .
2014-06-04
تىيەنجىن
|