قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 739|ئىنكاس: 4

يالغانچى باھار ( ھېكايە )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

3

دوست

2223

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 23:03:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغانچى باھار

__بەگ ئالىپ

    سەپەرنىڭ ھاردۇقىنى ئەمدىلا ئېلىپ تۇرۇشۇمغا دادام قولۇمغا بىر ئاچقۇچنى تۇتقۇزۇپ قوشنىمىز قارىم تاغاملارنىڭ ئۆيىدىن بىر نەرسىنى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرىدى، ئاچقۇچنى كۆرۈپ ھەيرانلا قالدىم:
- دادا ، قارىم تاغاملارنىڭ ئۆيىنىڭ ئاچقۇچى سىزدە نىمىش قىلىدۇ، ئۇلار ئۆيىدە يوقما؟
- ئۇلار كۆچۈپ كەتتى، شۇڭا ئاچقۇچى بىزنىڭ ئۆيدە .
- ئەزھەرمۇ يوق، رەيھان ئاچاممۇ ، زۆھرە ئاپاممۇ يوق، ئۇلار يىراق يەرگە كەتتى -، دېدى،ھويلىنىڭ بۇلۇڭىدا يالغۇز ئويناپ ئولتۇرغان جىيەنىم ئەنۋەر .
     بىردە ئىپادىسىز ئولتۇرغان دادامغا ،بىردە ئۆمچىيۈپ تۇرغان ئەزھەرگە قارىدىميۇ، ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىشنىشكە پېتىنالماي ، قارىم تاغاملارنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم. يۈز مېتىرمۇ كەلمەيدىغان ئارلىق ماڭا شۇنداق ئۇزۇن بىلىنىپ كەتتى. بايام يولدىن ئۆتكەندە ئېتىپ قۇيۇلغان ئەگۈن بىلەن يالغۇز ئويناپ ئولتۇرغان ئەنۋەر رەيھانىڭ كۆچۈپ كەتكىنى راس دەپ تۇرسىمۇ، بۇلارنى تەلۋىلىك بىلەن ئىنكار قىلىپ ،ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە ئالدىرايتتىم، رەيھانلارنىڭنىڭ ئۆيىگە ئون قەدەم قالغاندا يۈرۈكۈم قاتتىق ھەم ئەنسىز سۇقۇپ كەتتى، بۇ ھالىتىم ئىنتاھاننى ياخشى بېرەلمىگەنلىكى كۆڭلىگە ئايان بولسىمۇ، ۋەھىملىك ئۈمۈد بىلەن نەتىجىسىنى كۈتۈۋاتقان تۇيغىدىن بەتتەررەك ئىدى.
     كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرگە قاراپ تېرەككە مەككەم بېكىتىپ قويۇلغان ئەگۈنگە يۈلۈنۈپلا قالدىم. ئەگۈندىن تارتىپ دەرۋازىغىچە سوزۇلغان يولنى ئادەم ماڭمىغىلى ئۇزاق بولغان چىغىر يولدەك ئوتتۇرىسىنى شالاڭ ، ئىككى ياقىسىنى قۇيۇق ياۋا چىملار قاپلىغان . چىملارنىڭ ياپراقچىللىرىمۇ سۇلغۇن ھەم تۇپا چىراي غولىمۇ شۇنداق نىمجان . يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى گۈللۈكمۇ پەقەت گۈللىرى سولۇشۇپ ، بويۇن قىسىپ قالغان بىر نەچچە تۈپ كاككۇك گۈلىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ياۋا چىملارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئەگۈننى يېنىك ئىتتىرىۋېدىم ، بېكىتىپ قۇيۇلغان ئارغامچا ئۈزۈلۈپ ئەگۈن غىچچىرلاپ ئاستا ئېچىلدى . چىملارنىڭ ئارىسىدىكى نېپىز چاڭ باسقان سۈپۈرگە ئىزلىرىنى دەسسەپ دەرۋازىنىڭ قۇلۇپىغا ئاچقۇچ سالدىم . ئىشىكنى ئاچساملا ئەزھەر بىلەن ئەنۋەر ئويناۋاتقان يېرىدىن سەكرەپ قوپۇپ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كېلىدىغاندەك ؛ پېشايۋان ئاستىدىكى سۇپىدا كەشتە تىكىپ ئولتۇرغان رەيھان ماڭا لاپپىدا بىر قاراپ بولۇپ ،كۆزلىرىنى يەرگە بېقىپ ئاناردەك قىزىرىپ:« ھارماي كەلدىڭىزمۇ» دەپ سالام قىلىدىغاندەك تۇيغۇغدا قولاشمىغان قوللىرىم بىلەن ئىشىكىنى ئالدىراپ تۇرۇپ ئاچتىم ، لېكىن ھويلىدا مەن كۈتكەنلەرنىڭ بىرىمۇ يوق ئىدى . ھويلىغا ياتقۇزۇلغان چاسا قىشلار ئۈستنى توپا بېسىپ كەتكەن ، ھويلا ئوتتۇرىسىدىكى رەڭلىك قىش بىلەن پاكار قىلىپ قاشالانغان يۇمۇلاق گۈللۈكتىمۇ پەس ئۆسكەن ياۋا چىملار غېرىپ سىنىپ تۇرۇدۇ . پېشايۋان ئاستىدىكى سۇپا بولسا دان ئىزلەپ چۈشكەن قۇشلارنىڭ ئىزلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن .. .
    ئېغىرلىشىپ كەتكەن جىسمىمنى سۆرەپ تورىسلىرىنى ئۆمۈچۈك تورى قاپلاپ كەتكەن قازناق ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىكى كونا ساندۇقنى ئاچتىم، ئاندىن قولۇمغا ئورۇنغان نەرسىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ چىقتىم.
- قارىم تاغاملار نەگە كۆچۈپ كەتتى ،- دېدىم دادامغا. لېكىن سۇئالىم جاۋاپسىز قالدى.
    يىگىرمە نەچچە سائەتلىك سەپەردە ھاردۇق يتىپ ئۇيقۇ دەستىدىن خۇمارلىشىپ كەتكەن كۆزلىرىم قايتا ئېچىلدى. بېشىمدىكى مامۇق ياستۇقمۇ تاشتەك قاتتىق ئۇرناتتى. ئاستا باغقا چىقىپ ئەزھەر بىلەن ئەنۋەر دائىم ئوينايدىغان ئۈلەڭگۈچتە ئولتۇردۇم ، رەيھاننىڭ كېتىپ قېلىشىغا پەقەتلا ئىشەنگىم كەلمەيتتى ، ئۇنى ئويلىغان سىرىم يۈرىكىمنىڭ رىتىمى تىزلاپ مەيدەم ئوتتەك قىزىشىپ ، قاتتىق سوقۇشقا زورۇقۇۋاتقان يۈرىكىمنى بىرى چاڭگالىۋېلىپ ھەركەت قىلغىلى قويمىغاندەك سىقىلىشقا باشلىدى . ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۆيگە كىرىپ توڭلاتقۇدا قويۇلغان كىچىك باكتىكى مۇزنى ئېلىپ مەيدەمگە باستىم، باشتا مۇزنىڭ سۇغىقىدا قاتتىق بىر ئەندىككەندەك بولدۇميۇ مۇز تېگىپ تۇرغان يەر باشتا ئاغرىپ كېيىن بارا -بارا سېزىمنى يۇقاتتى ..
    سەھەردە باغدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كىتاپنى ئاچتىم، لېكىن كىتاپتىكى خەتلەر مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ناتۇنۇش يېزىقىتەك ئەگرى بۈگرى سىزىقلار بۇلۇپ كۆرۈنەتتى. ئانامنىڭ ئاۋازى ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئوخشاپ قالغان خىياللىرىمدىن ئويغاتتى:
- بالام ، ئايشەم ئاچاڭ تۈنۈگۈننىڭ ياقى كۆرۈنمەيدۇ، ساقسىز بولۇپ قالغانمۇدۇ دەپ ئەنسىرەپ قالدىم، ماۋۇ تاماقنى سۇنۇپ بەرگەچ كۆرۈپ چىققىنە . ئايشەم ئاچامنىڭ ئۆيىگە كىرسەم، ھويلىسىدىكى سۇپىدا چىرايلىق يىغىپ قويۇلغان يوتقان كۆرپىگە يۈلۈنۈپ مۈگدەپ ئولتۇراتتى، ئاياغ تېۋىشىمنى سەزدىمۇ، يېرىم يۇمۇلغان كۆزلىرىنى ئاچتى، ئاندىن ئىتتىكلا تۈز بولدىيۇ ، يەرنى تىرەپ تەسراق تۇردى.
_ۋوي ھېبىيىم ، ھارماي كەلدىڭمۇ ؟ تۈنۈگۈننىڭ ياقى ماغدۇرۇم يوق، ئاناڭمۇ كىرىپ قۇياي دېمىدى، ئەسلى ئۆمۈلەپ بولسىمۇ ئۆيىڭلارغا چىقىپ ئاناڭ دېگەن ۋاپاسىز خوتۇن بىلەن تازا ئۇرۇشاي دېگەن، ھېلىمۇ ياخشى بۈگۈن بولسىمۇ ئېسىگە كەپتىمەن.
_ ئانام چىقاي دېگەن، دادامنىڭ چېيىنى بېرىمەن دەپ چىقالمىدى-، دېدىم مەن ئۇڭايسىز ھالەتتە .
-ئاناڭغۇ قاچان قارىسا ئالدىراش، ھەرقايسىڭنىڭ گېلىنى تويغۇزمىسا تېخى بولمىغان ،ھەتتا ئۈچ ئوغۇل تۇرۇپ خىجىل بولماي ئېتىزلىققا سۆرەپ ئېچىقىشىسەن. زۆھرە ئاچاملار كۆچۈپ كەتمەستە ، قوناق ئوتايدىغان چاغدا رەيھان چىقىپ قىلىشىپ بېرەتتى، مەنمۇ بىكارچىلىقققا چىدىماي غەيۋەت قىلغاچ ئاز تولا ياردەملىشەتتىم. بۇ يىل قارىسام قوناقنى يالغۇز ئوتىدى، باشتا كېلىنىلىرىنى سالسا بولمامدۇ دەپ باتناپ چىقمىدىم ، لېكىن يەڭگىللىرىڭمۇ ئۆزىنىڭ ھۆددىسىسىن ئاران چىقىشىدۇ .ئاخىرى ئاناڭغا چىدىماي يەنە چىققان بولدۇم. توۋا دەيمەن، سېنىڭ ئوقۇشلىرىڭمۇ تۈگۈمەيلا كەتتى، ھېلىغىچە ئۇقۇشۇڭ تۈگىگەن بولسا ، ئاناڭ دېگەن دۆت خۇتۇن رەيھاننىلا كېلىن قىلىپ ئەكىرىۋالغان بولسا ئاششۇ ئاشۇ تۆمۈر جېنىمۇ ئوبدانلا ئارام تېپىپ قالاتتى. مانا ئەمدى زۆھرە ئاچاملار بىر كېچىدىلا ئۈنسىز غايىپ بولۇپ بۇمۇ يوق بولدى.

ئايشەم ئاچامنىڭ بىر پاتمان گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن تىلىم گەپكە كەلدى:
- ئۇلار نېمىشقا كۆچۈپ كەتتى ؟
_ ئۇلارنىڭ جېنىنى بۇ يۇرت پاتقۇزمىدى.
_ بىرەكىم بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانما؟
_كىم بىلەن ئۇرىشاتتى ،  يېزا باشلىقىنىڭ ھېلىقى ئاپشاركىغا ئوخشايدىغان ئىننىللىرىنى بىلىسەنغۇ، شۇلارنىڭ قارىم تاغاڭنىڭ سودىسى بىر ئوبدان ئېقىۋاتقان ماگزىنىغا كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ،   ئۇلار بەكلا كاززاپ نېمىلەركەن  ، قارىم تاغاڭنى خەننىڭ ئالدىدا كەلكۈندى  دەپ كۆپ ئاھانەت قىلىپ جېدەل تېرىشتى ، قارىم بۇ ئاھانەتلەرگە چىدىمىغان ئوخشايدۇ ، ئىككى ئاي ئالدىدا بىر كېچىدىلا غايىپ بولۇپ كەتتى.
- نەگە كەتكەندۇ؟
_ مەنمۇ ئۇقمۇدۇم، كېتىشنىڭ ئالدىدا تىنىپمۇ قويماپتۇ، لېكىن داداڭ قارىم ئاكام بىلەن يېقىن ، نەگە كۆچۈپ كەتكىنىنى چۇقۇم بىلىدۇ .
نېمىگىدۇر غەزىپىم تېشىپ تىترەپ تۇرغان پۇتلىرىمنى تەستە رۇسلاپ ماڭاي دەپ تۇرسام، ئايشەم ھەدەم توختىتىۋالدى:
- نەگە ئالدىرايسەن، توختىغىنا، ئۈلۈشكۈن ئاناڭدىن سېنىڭ كېلىدىغىنىڭنى ئاڭلاپ قېتىق ئۇيۇتۇپ قويغانتىم،تۈنۈگۈن ماغدۇرۇم يوق چىقالمىدىم، مۇشۇ يەردىلا ئىچىۋېلىپ چىقىپ كەت.
قوشۇقنى قاچىغا سالغىنىم ئاندىن قوشۇقنىڭ قاچىنىڭ تېگىگە تەككنى بىلدىم،لېكىن ئېغىزىمغا كىرىۋاتقان نەرسىنىڭ نېمىلىكنى بىلمەيتتىم.
كەچتە ئەنۋەرنىڭ ئويىنىغا قاراپ ئولتۇرسام ئانام چاقىردى :
_ بالام، زۆھرە ئاناڭلار يوق ، بېغى ئۇساپلا كېتىپتۇ، بېغىغا سۇ باشلاپ قويغىنە .
    كەتمەننى ئېلىپ رەيھاننىڭ غېرىپلىق تۈكۈلۈپ تۇرۇدىغان ھويلىسىدىن ئۆتۈپ ، بىر يانغا قىيسىيىپ قالغان كىچىك ئىشىك بىلەن رەيھاننىڭ بېغىغا كىردىم. ئاللىقاچان تۆكۈلۈپ بولغان ئۆرۈك چېچەكلىرى، يەردە چاڭغا كۆمۈلۈپ غەمكىن چېچىلىپ ياتاتتتى . ئەمدىلا چىققان ياپراقلارمۇ سۇسىزلىنىپ قارا يېشىل رەڭگە كىرىپ قالغان ئىدى .ئۈرۈكلەر ئارىسىدىن ئۆتۈپ باغنىڭ تۆر تەرىپىدىكى ئەمدىلا چېچەكلەپ ئۈلگۈرگەن ئالما تۈۋىگە كەلدىم، چېچەكلەرنى توپا باسقان بولسىمۇ ئەمما ئەمدىلا ئېچىلغاچقا بەك جانسىز كۆرۈنمەيتتى.
ئاشۇ يىلى مېنىڭ باھارىم مۇشۇ ئالما دەرىخى بىلەن بۇ باغقا كۆچۈپ كىرگەن ئىدى، ئۇ چاغدا بۇ تېخى ئادەم بويىدىن سەل ئېگىز كېلىدىغان كىچىكىنە كۆچەت ئىدى.
ئالمىنىڭ ياپراق- چېچەكلىرى بىلەن غايىۋانە سىرداشتىم :
-بارمۇ سەن باھارىم ؟
-يوق.
-ئەمسە سەن كىم؟
-مەن باھارنىڭ ئەرۋاھى.
-باھارنىڭ ئۆزىچۇ؟
_ ئۇ بۇ يەرنى تاشلاپ يىراقلارغا كەتتى .
- مۇمكىن؟ ئۇ ماڭا مەڭگۈ كەتمەيمەن دەپ ۋەدە بەرگەنغۇ، ئەجىبا باھار ماڭا يالغان ئېيتقانمىدۇ؟
-ياق ، باھار يالغان سۆزلىمەيدۇ، باھار ھەرگىزمۇ ئۆزى خالاپ بۇ باغدىن كەتكەن ئەمەس ، تەقدىرنىڭ شۇم بۇرانلىرى باھارىڭنى رەيھانىڭ بىلەن بىللە يېنىڭدىن ئېلىپ كەتتى.
- ھەر قانچە بولسىمۇ باھارغا ئىشىنىپ ئېچىلغان سۆيگۈ چېچەكلىرىمنى شىۋىرغاننىڭ نابۇت قىلىشىغا تاشلاپ بەرمەسلىكى كېرەك ئىدىغۇ، ئەمدى ھەممىسى تۈگۈدى،يالغانچى باھار مېنىڭ رەيھاننى ئېلىپ كەتتى ، مېنىڭ چېچەكلىرىمنى شىۋىرغانننىڭ نابۇت قىلىشىغا تاشلاپ بېرىىپ ، ئارزۇ مېۋىللىرىمنى نابۇت قىلدى.
_ بۇلارنىڭ ھەممسى تەقدىر .....

                      *             *                    *                       *

     كەچتە ئاكامنىڭ ماگزىنىدا تۇرسام،  رەيھاننلارنىڭ ماگزىنىغا كۆز قىزارتاقان ئىككىسى  ، بىر - بىرنى قولتۇقلىشىپ لەيلەپ دېگۈدەك ماگزىنغا كىردى:
- تاماكا بارمۇ.
- يوق ، ئۇنداق نەرسە ساتمايمىز.
خۇددى مەن يالغان سۆزلەۋاتقاندەك ماگزىننىڭ ئىچىگە مەسلىكتە قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن تازا سەپ سېلىپ قاراپ بۇلۇپ كەينىگە ياندى، ئاندىن ئىشىك قېشىغا كېلىپ بولۇپ بىرى توختاپ قالدى:
_ قارا ماۋۇ خەخنى ،قوتۇر تەخەينى بازارنىڭ دوقمۇشىغا باغلاپ قويغنىنى قارىمامدىغان.
قارىسام دوقمۇشقا توختىتىلىپ قويۇلغان يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ«خانتاجى » ماركىلىق ماشىنىسىنىڭ يېنىدا بىر قارا تەخەي باغلاقلىق تۇراتتى .

- ئاۋۇ تەخەي كىمنىڭ؟- دېدى بىرى غاراڭ غۇرۇڭ ئاۋازدا
- ئېشەكنىڭ تەخىيىدۇ -، دېدىم مەن ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا .
ئۇ تازا بىر گۆليدىيۇ توختاپ قالدى: ئەمسە ھارۋىدىكى سۈتچۇ؟
- كالىنىڭ .
-سەن كىمىنىڭ زاڭلىق قىلىسەن؟
_ نەدە زاڭلىق قىپتىمەن، سۈت كالىنىڭ بولماي ھامماڭنىڭكىمىدى ئەمسە؟!
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى گەپكە چىدىماي لەيلەپ كېلىپ ياقامغىلا ئېسىلدى، مېنىڭ كۈتكىنىمۇ دەل شۇ ئىدى، قولۇمغا چىققان كالتەك بىلەن ياقامغا ئېسىلىپ تۇرغىننىڭ غولىغا بىرنى قۇيۇېدىم، يەرگە دۈملا چۈشتى، قولۇمدىكى كالتەككە ئېسىلىپ ئۈلگۈرگەن يەنە بىرمۇ پۇتلىشىپ كېتىپ باشتا يىقىلغىنىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. كالتەكنى چۆرۈۋېتىپ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە دەسسەشكە باشلىدىم:  قىزىل كۆزلۈك قىلىپ شۇنچىلا مال دۇنياغا تويماي  خەخنى كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان سەل غالچىلارغۇ ؟! ئۇرۇۋېرىپ ھېرىپ توختاي دېگەندە ، ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىشتى.
_  بىكارغا ئادەم  ئۇرۇشقا پېتىنىپسىنا ؟ دېدى يالاڭ قاپاق ساقچىخانا باشلىقى .
- ئۇلار ئاۋال مېنى  ئۇردى . ئاندىن مەن ئۆزۈمنى قوغداش ئۈچۈن ئۇردۇم.
- بىكارغىلا ئۇردىما ؟
- ياق، پۇل بېرىپ تۇر دەپتى بەرمىسەم ، غەللىگە قول ئۇزاتتى ، تۇتۇۋالسام چۇماق بىلەن ئۇردى. ( بۇگەپلەرنى شۇنداق راۋان راست ئىشنى دەۋاتقاندەكلا سۆزلىدۈم ).
گېپىمگە ئېنىقلا ئىشەنمىگەن  ساقچى باشلىقى ،ئىككىسىنى چاقىرىپ ئەكىردى، بىچارىلەر تېخى ھوشىنى تاپالمىغاچقىلا سۆزلەپلا كېتشتى:
- تەخەي كىمنىڭ دېسەم كالىنىڭ دېدى .سۈت كىمنىڭ دېسەم ھاممائاچاڭنىڭ دېدى......
يېنىمدا تۇرغان ساقچىلار  كۈلۈپ سېلىپ  تىل ئىشتىشتىن قورقۇپ ئاغزىنى تۇتۇۋالدى. مېنى ئەيىپلەيدىغان بىرەر سۆزنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ساقچى باشلىقى  چىچاڭشىغىنىچە ئىككىسىنى چىقىرۋېتىپ يەنە ماڭا ئېسىلدى:
- ئۇلار مائاشى بار   ھۆكىمەت خىزمەتچسى  تۇرسا سەندىن قەرز سوراپ يۈرەمدۇ؟
- مەنمۇ بىلمىدىم، ئىچىپ چېكىدىغانغان پۇلى قالمىغان چېغى.بولمىسا كۈندە خەخلەرنىڭ ئۆيىگە خخزمەتكە بارغاچ ، شەپكەڭلارنى تەڭلىسەڭلارمۇ خەخلەر قۇرۇق قول ياندۇرماييتى، سىلەرمۇ جىقلا پۇلنىڭ ئېگىسى بولۇپ قالاتتىڭلار .
- سەن..!  ساقچى باشلىقى  مېنى ئۇرۇش ئۈچۈن ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن قولى ئاستا توختاپ قالدى. بەلكىم ئېسىگە بىربىرىدىن ئۆكتەم ھەم ئاچچىقى يامان ئاكىللىرىم كېلىپ،ئۆزىگە باش ئاغرىقى تېپۋېلىشتىن ئەنسىرگەن بولسا كېرەك.
باياتنقى گەپنىڭ مەنىسىنى سوجاڭنىڭ كەيپىياتىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن چۈشۈنۈپ ئۈلگۈرگەن خام سېمىز چوماقچى گۆلەيدى:
- بىز تېخى تىلىگۈدەك ھالغا چۈشۈپ قالمىدۇق، ھۆكۈمەت بەرگەن مائاش ئازادە يېتىدۇ.
- ئۇغۇ شۇ، سىلەر  بەكلا ئىشچان، قىش بولسا سوجاڭ بىلەن شاڭجاڭنىڭ ئوتىنىنى يارىسىلەر،كۆمۈرىنى توشۇيسىلەر. يازدا يېرىنى تېرىپ بېرىسىلەر، گۈل چايلىرىنى تېرىپ قۇرۇتىسىلەر، بىزنىڭ سوجاڭ خېلى ئىنساپلىق ئادەم، مائاشىڭلار بىلەن، ئاشا قىلغان ئىشلىرىڭلارنىڭ ھەققىنى قوشساڭلار تاپاۋىتىڭلار خېلى بىر يەرگە بارىدۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ سوجاڭ بىلەن شاڭجاڭغا بىكارغا مەدىكار بولۇپ قورسىقى كۆپۈپ يۈرگەن بىچارە مەھەلە ساقچىللىرى ئۆڭۈپلا كېتىشتى . يەنە بىردەم تۇرسام نېمە گەپلەرنىڭ چىقىپ كېتىشىنى دەڭسىيەلمىگەن ساقچى باشلىقى  گېپىمنى بېلىگە تەپتى :
- تولا دىلوغا مۇناسىۋەتسىز قۇرۇق گەپنى قىلماي، نەق گەپنى دە.
- دەيدىغاننىڭ ھەممىنى دەپ بولدۇم،- دېدىم مەمنۇ گۆلىيىپ.
- ئەمسە بۈگۈن كېچە سولاقخانىدا تۇتۇپ قالىمىز ، قالغان گەپنى ئاۋۇلار مەسلىكىدىن يېشىلگەندە ئالدىرىماي دېيىشىمىز.
_ گۇماندار ئۇلار تۇرسا سولاقتا مەن ياتامدىم ، سولايدىغان ئىش بولسا ئۇلارنىمۇ سولاڭلار ، بولمىسا مەنمۇ ئۆيگە قايتىمەن.
- ئۇلار مەس تۇرسا ؟
- مەس بولسا سولاقخانىدا ياتمايدۇ دېگەن قانۇن يوق .
- ئوسماڭغا قېنىۋال ، ئۇلارنىمۇ سەن بىلەن سولايلى ئەمسە .
ھەر قېتىم تەتىلدىن كەلسەم ئاغنىلەر بىلەن بىرە ئاخشام يوقالاپ چىقىدىغان سولاقخانىنىڭ تۇنۇش كارىدۇرىغا ئۆز ئۆيۈمگە كىرگەندەكلا مېڭىشىمغا ، مېنى بۇرۇن سولايدىغان ئۆيگە ئاپارماي تۆر تەرەپتىكى ئىچىدە كونا پالاسمۇ يوق بىر كىچىك ھەم زەي بىر ئۆيگە باشلىدى.
_ بۇرۇنقى ئۆيدە ياتسام بولمامدۇ؟ دەپ سورىدىم تۇنۇش چوماقچىدىن .
- ئۇ ئۆي قۇرۇق ئەمەس ، باشقا ئادەم بار .
     بىردەمدىن كېيىن مەن ئۇرۇپ قويغان گۇيلار بىرى بىلىكىنى، يەنە بىرىنى قاڭشىرىنى تېڭىپ كىرىشتى. ئۇلار بىلەن تەڭ ھاراقنىڭ سېسىق پۇرۇقىمۇ كىچىككىنە ئۆينى بىر ئالدى. سېسىقچىلققا چىدىيالمىغان بولساممۇ ، قۇچقاچ كامىرىچۈلۈك كېلىدىغان دەرىزىگە بۇيۇم يەتمىدى. بايام بۇ توڭگۇزلار بىلەن بىللە سولاپ قويىدىغىنىنى بىلگەن بولسام پىتنە قىلماسكەنمەن.ئامالسىز سوللاقخاننىنىڭ سوغۇق تېمىغا يۆلۈنۈپ ئولتۇردۇم، ئۇ ئىككىسى كىرىپلا داق يەردە دۈم ياتقان پېتى ئۇيقۇغا كېتىشتى . ئۇ؛لارغا يىرگىنىش نەزىردا بىر قۇر قاراپ چىقتىم ؛ بىرى ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىپ ، نەششە بىلەن كەيىپ قىلىۋېرىپ ئۇرۇقلىغاننىڭ دەستىدە، ئىككى مەڭزى ئىچىگە كىرىپ كەتكەن. يەنە بىرى چوشقىدەك بىكار يەپ ئۇخلاۋرىپ ، سەمرىپ بوينى يوق قاپاققىلا ئوخشاپ قالغان ، بۇلارنىڭ ساقچى بولغاندىن بېرى بىرەر قېتىم يۇيۇلۇپ باقمىغان فورمىللىرى تەرنىڭ دەستىدە شور باغلاپ، ھاراق بىلەن تەرنىڭ ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان پۇرىقى گۈپۈلدەيدۇ. ئىككىسىنىڭ تۇرۇقىدىن يىرگىنىپ كەتىميۇ ، يەنە ئىچىم ئاغرىپ قالدى.
بىر چاغلاردا قىش بولسا بېلىگە قامچىنى قىستۇرۇۋېلىپ ھايت ھۇيت دەپ ئوغلاق ئوينىسا ، يازنىڭ يۇلتۇزلۇق كېچىللىرى ئورما ناخشىسىنى توۋلاپ بىر كېچىدىلا نەچچە مو يەرنىڭ ئورمىسىنى يىقىتىپ بولۇدىغان؛ جۈمە كۈنلىرى پاكىز ياسىنىپ ئاتلىرىنى مىنىپ جۈمەگە كىرىدىغان يىگىلتەر مۇشۇ ئىدىغۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ھازىرقى رەسۋا تۇرۇقىغا قاراپ تەسەۋۇر كۈچى ھەر قانچە يۇقۇرى ئادەم بولسىمۇ ئاشۇ ھالەتلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمەيدۇ . ئاشۇ كۈنى قارىم تاغاملار ئۈنسىزلا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغا كېچىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن: خېلى ئوبدان مېھرى چۈشۈپ قالغان مەھەلىنى تاشلاپ كېتىشكە چىدىماي يۈرىكى سىقىلغان زۆھرە ئاپام؛ نېمە بولغىنىنمۇ ئۇخماي ئۇيقۇچىلىقتا كۆزىنى ئاچالماي تۇرغان كىچىك ئەزھەر ؛ ھويلىسىنىڭ ئالدىدىكى گۈللىرىگە، مېھرى ئىسسىق ئۆيىگە چىدىماي، ئۈنسز ياش تۆكۈۋاتقان رەيھان كۆز ئالدىمغا كېلىشى بىلەن، يۈرۈكۈمنى گالا قايچىدا كېسىۋاتقاندەك قاتتىق سىقىلىپ ئاغرىيدۇ. مېڭىشنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ ئۆيگىمۇ قاراپ قويغانمىدۇ، لاپپىدە بولسىمۇ ئېسىگە كەلگەندىمەنمۇ دەپ قالىمەن.
يۆلۈنۈپ ئولتۇرغان تامنىڭ سۇغۇقى دۈمبەمنى مۇزلاتتى، داق يەردە ئولتىرىۋېرىپ پۇت قولۇم ئۇيۇشتى. ئامالسىز كىچىككىنە بوشلۇقتا ئۇيان -بۇيانغا ئاستا مېڭىشقا باشلىدىم،بەڭباش خىياللىرىم تەپەككۇردىن توختاپ يۈرۈكۈمدىكى رەيھاننىڭ چاقىرىشى بىلەن گۈزەل چاغلارغا كېتىپ قالدى ...

              *                     *                       *                               *

    ئاشۇ يىلى باھاردا ئادەم ئولتۇرمىغىلى نەچچە ئاي بولغان قوشنىمنىزنىڭ ئۆيىگە يېڭى بىر ئائىلە كۆچۈپ كەلدى.
شۇ كۈننىڭ ئەتىسى سەھەردە مەكتەپكە كېچىكىپ قالىمەن دەپ ئانام « تاماقنى تەييار قىلىپ بولدۇم ،ئازراق بولسىمۇ يەۋال» دەپ يالۋۇرشىغىمۇ پەرۋا قىلماي ، ۋېلىسپىتىمنى غۇيىلدىتىپ قۇيۇۋەتتىم. يېڭى قوشنىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمگىلا بىر قىز يەردىن ئۈنگەندەكلا يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولدى ، مەن ۋېلىسپىتىنى ئۇ قىزدىن ئاران ئېلىپ قېچىپ تۇرمۇزلاشقا ئۈلگۈرەلمەي، يولنىڭ ياقىسىدىكى ئېرىققا موللاق ئاتتىم . بىلىكىمنى ئېرىق بويىدىكى قۇرۇق چاتقال تىلىۋەتكەن، ئىشتىنىمنىڭ پۇشقىقى ۋېلىسپىت پىدلىغا ئىللىشىپ تىزىمغىچە يىرتىلىپ كەتكەن ئىدى . مەن تەستە ئورنۇمدىن تۇردۇم، بايامقى قىز نەچچە قەدەم ئالدىمدىلا تۇراتتى . بىر چاغدا ئۇنىڭ ئېغىزى مىدىرلىغاندەك بولدى ، لېكىن كاللام گاراڭ ھالەتتە بولغاچقا گېپىنى ئاڭقىرالماي پۇتۇمنى سۆرەپ ئۆيگە ماڭدىم، لېكىن ئۇ تېخىچىلا قاققان قۇزۇقتەك مىدىرلىماي تۇراتتى.
كەچتە ئۆيگە ئاقساقلاپ چىقسام ئانام قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە تاماق سۇنۇپ بېرىشكە بۇيرىدى. تۇنۇمايدىغان ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىرىشتىن خىجىل بولىمەن دەپ ماڭماي تۇرۇۋالدىم. لېكىن چوڭ ئاكام دېگەن زومىگەر نەدىن كەلدى ، قاپىقىنى بىرلا تۈرۈۋېدى ئامالسىز ماڭدىم.
تاماقنى كۆتۈرۈپ كىرسەم نەقلا ئەتىگەندە مېنى قورقۇتۇپ ئېرىققا موللاق ئەتكۈزىۋاتقان قىز چىقىپ كەلدى، مېنى كۆرۈپ جايىدا تۇرۇپلا قالدى ،ئاندىن ناھايىتى ئوڭايسىز ھالەتتە قولۇمدىن قاچىنى ئالدى.
         رەيھانلار ئەمدىلا كۆچۈپ كەلگەن ۋاقىتلاردا ئۇلارغا ئانچە ئېرەڭشىپ كەتمەيتتىم، تېخى ئۆچمۇ بۇلۇپ قالغانتىم. ئاشۇ كۈنى مەن سەھەرگە يېقىن بېغىمىزنى سۇغۇرۇپ بولۇپ سۇنى ئۆستەڭگە قۇيۇۋېتەي دەپ تۇرسام، دادام يېڭى قوشنىمىز باغلىرىنى سۇغۇرىۋالسۇن دېدى.( دېمىسىمۇ بۇلارغا بىرمومۇ كەلمەيدىغان بېغىغا سۇ باشلاش بەكلا تەس ئىدى، سۇ ئەكەلسىلا ئۈستۈنكى مەھەلىدىكىلەر تەييارغا ھەييار بۇلۇۋالاتتى، تېخى ئۆكتەملىك قىلىپ كەلكۈندى دەپ سېسىق گەپ قىلىشلىرىمۇ بار ئىدى) . قارىم تاغامنى خەۋەرلەندۈرۈپ قۇيۇش ئۈچۈن ھويلسىغا كىرسەم ، يەنە ئاشۇ قىز ئۇچۇردى ، بىر كېچە ئۇخلىماي ھېرىپ كەتكەچكە: بېغىڭلارغا سۇ قۇيۇۋەتتىم دادىڭىزغا دەپ قۇيۇڭ دەپلا ئۇخلىغىلى ماڭدىم. چۈشكە يېقىن ئاكامنىڭ ھەيۋىسى بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كۆزۈمنىمۇ تۈزۈك ئاچماي، ئانام ئاغزىمغا سېلىپ قويۇۋاتقان تاماقنى تەستە چايناپ ئولتۇرسام رەيھاننىڭ ئىنىسى ئەزھەر ھاسىراپ كىردى:
- ھېبىي ئاكا ، ئاچامنى ئايشەم ئانام ئېغىلغا سۇ قۇيۇۋېتىپسەن دەپ تىللاپ كەتتى.
ئايغىمنىمۇ ساپماي چاپىنىمنى تەتۈر پېتىلا يېپىنچاقلاپ يۈگۈرەپ چىقسام ، ئايشەم ئانام سۇ كىرىپ تۈپ -تۈز بولۇپ كەتكەن ئېغىلىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ چالۋاقاپلا كېتىپتۇ . بىچارە رەيھان ئۆزىدىن يوغان بىر چېلەكتە ئېغىل ئىچىدىكى سۇنى سىرتقا تۇشۇۋاتاتتى . كۆلدەكلا بولۇپ قالغان ئېغىلنىڭ سۈيىنى چېلەك بىلەن توشۇيدىغان ئىش بولسا بىر كۈندىمۇ تۈگۈمەيدىغاندەك تۇراتتى . تامنى تېشىپ سۇنى چىقىرۋېتەي دەپ بىر كەتمەن سېلىشىمغا ئۇلى بوشاپ ئاران تۇرغان تامنىڭ نەچچە مېتىر يېرى ئالدىمغا گۈپلا قىلىپ يىقىلىپ چۈشتى. ئايشەم ھەدەم بەك ئۇزاق تۇل ئولتۇرۇپ كەتكەچكە ئاغزى بەكلا يامان ئىدى، تامنىڭ يىقىلىپ چۈشكۈنىنى كۆرۈپ مېنىمۇ قۇشۇپ تىللاشقا باشلىدى، ئەھۋالدىن قارىغاندا تامنى قوپۇرۇپ بەرمەي قۇتۇلغىلى بولمايتتى. ئۆزىمنى مىڭنى تىللىدىم ، بۇ ئەبگالارغا سۇ بېرىمەن دېگۈچە ئۆستەڭگە قۇيۇۋېتىپ ئۇيقۇمنى ئۇخلىسامچۇ، ئەمدى تام قوپپۇرىمەن دەپ ھېرىپ ئۆلمىسەملا بولاتتىغۇ .
- سۇنى مەن قۇيۇۋەتكەندىن كېيىن تامنى مەن قوپۇراي ، سىزمۇ ھەرقاچان بىر كېچە ئۇخلىماي ئىش قىلىپ ھېرىپ كەتكەنسىز _، دېدى رەيھان پەس ئاۋاز بىلەن .
ئۇنىڭ گېپى ماڭا تەنىدەكلا تۇيۇلدى:
سىزنىڭ لاي قونچىقىڭىز ئەمەس بۇ ، بۇ جېنىڭىزدا تامنى قانداق قوپۇرۇپ بۇلىسىز . يا ئەتتىگەندە ئاتام يوق دەپ بىر ئېغىز گەپ قىلغان بولسىڭىز ئۆزىم سۇغىرىپ بەرمەسمىدىم..
كەتمەننى ئېلىپ تامنىڭ ئۇلىنى ئېچىشقا باشلىدىم ، رەيھانمۇ ئۈنسىزلا ئارتۇق سۇنى سىرتقا چىقىشقا باشلىدى . تامنىڭ ئۇلى بەك بوش بولغاچقا تام ئۈستىگە ئالغانچە لاي يەرگە سامداپ ئۈلگىرەتتى... قېرىشقاندەك رەيھان چىقىرىۋەتكەن سۇ ئەمدىلا قۇپۇرۇۋاتقان تامنىڭ ئۇلىغا قايتىدىن يىغىلىپ تامنىڭ ئۇلىنى تېخىمۇ بوشىتىۋەتتى، ئاچچىقىم كېلىپ چېلەكتە سۇ چىقىرىۋاتقان رەيھاننى سىلكىۋەتتىم :
- نىمانداق دىتىڭىز يوق قىز سىز ، سۇنى تامنىڭ تۈۋىگە باشلىغىنىڭىز نېمىسى . تولا ئىش تېرىماي ئۆيىڭىزگە كىرىپ ئۇخلاڭا!
شۇ چاغدا ئۇ چىرايلىق كۆزلىرى بىلەن ماڭا سۇئالنى خاتا ئىشلەپ قۇيۇپ، مۇئەللىمىدىن ئۆزرە سۇراۋاتقان ئوقۇغىچىدەك لاپىدە بىر قارىدىيۇ ، كۆزىگە لىققىدە كەلگەن ياشنى تەستە توختىتىۋېلىپ، يىغىلىپ قالغان سۇنى نېرىدىكى ئېرىققا ئاپىرىپ تۆكۈشكە باشلىدى . ئۇنىڭ قولىدىكى چېلەك خېلىلا يۇغان بولغاچقا ئۇنىڭ زىلۋا جىسمى سۇنى ئاران كۆتۈرۈپ كېتىۋاتاتى .رەيھان ئۇزۇن كۆڭلىكىگە ، تەر توختىماي ئېقىۋاتقان چىرايلىق يۈزلىرىگە ، يىغلاشتىن ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ تۇرغان كۆزلىرى ئۈستىدىكى ئۇزۇن كىرپىكلىرىگە مۇنچاقتەك لايلار چاپلىشىپ قالغان ئىدى، ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ ئىچىم سىيرىلدى، بۇرۇنقى يۇرتىدىمۇ مۇشۇنداق ياۋاش بولغىيمىدى . مەنمۇ ساراڭ مۇشۇ ئاجىز قىزغا نېمىشقىمۇ زەھرىمنى سانچىيمەن دەيمەن . پۇشايمان قىلدىميۇ نىمە دەپ كەچۈرۈم سۇراشنى بىلەلمەي قالدىم، شۇ چاغدا چوڭ ئاكام پەيدا بولدى:
- ۋوي لەقۋا ، بىر ئېرىق سۇنى باشقۇرالمىدىڭمۇ، تامنى مەن قۇپۇرۋېتەي، سەن جېنىڭنى قىينىماي بېرىپ ئاتلارنى سۇغۇرىۋەت،تېخى خىجىل بولماي قىز بالىنىمۇ ئىشقا سالدىڭما ...مېڭ ئۇكام، ئۆيىڭىزگە كىرىپ كېتىڭ، ئىسسىق ئۆتۈپ قالمىسۇن .ئۇ ئاكامغا گەپ سۆز قىلماي ئۆيىگە كىرىپ كەتتى...

          بىر كۈنى رەيھاننىڭ ئانىسى ھويلىمىزدىكى گۈلۈككنى قاشالاپ قويغان رەڭلىك قىشلارنى كۆرۈپ ماختاپلا كەتتى.
-كەنجىمىز تىزغان،- دېدى ئانام مەغرۇرلانغاندەك بولۇپ -، قولى گۈل بۇنىڭ ،بولمىسا سىزنىڭ گۈللىكىڭىزنىمۇ مۇشۇنداق قاشالاپ بەرسۇن.
مەن سايمانلىرىمنى كۆتۈرۈپ كىرگەندە رەيھان پىشايۋان ئاستىدىكى سۇپىدا ،كەشتە تىكىپ ئولتۇراتتى . ئۇنىڭ تىككەن كەشتىسىگە قاراپلا قالدىم ،ئاناممۇ كەشتە تىكەتتى ، لېكىن رەيھاننىڭ تىككەن كەشتىسى بەكلا چىرايلىق ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ خۇتەننىڭ ئانار گۈللۈك گىلىمى ئۈستىدە قىزىل ئەتلەستىن كۆڭلەك كىيىپ ئولتۇرغان رەيھان بۈگۈن نېمىشقدۇر كۆزىمگە بۆلەكچىلا كۆرۈندى . ئۇ لىككىدە ئورنىدىن تۇردىدە كۆزلىرىنى يەردىن ئۈزمەي سۇس كۈلكە بىلەن قارشى ئالدى. جىيەنىم ئەنۋەر بىلەن بىلەن رەيھاننىڭ ئۇكىسى ئەزھەر تەڭ دېمەتلىك ئىدى ( بۇ شۇملار رەيھانلار كۆچۈپ كېلىپ ئەتىسىدىن تاررتىپلا ئىچىكىشىپ كەتكەن ئىدى،) ئىككىسى بىرلىشىپ ماڭا شاگىرت بولۇپ قىشلارنى باغدىن يېنىمغا ئېچىقىپ بەردى . ئىش قىلغاچ رەيھاننىڭ كەشتە تىكىپ ئولتۇرغان ھالىتىگە سەپ سالاتتىم ؛ ئۇنىڭ ئوتقاشتەك گىلەم ئۈستىدىكى زىلۋا قامىتى ، گىلەم ئۈستىدە يېيىلىپ تۇرغان ئۇزۇن ئەتلەس كۆينىكى گۈللۈك پەتنۇس ئۈستىگە تىزىپ قويۇلغان قىزىل گۈلنى ئەسلىتەتتى . مەن ياساپ بەرگەن قاشا يۇمۇلاق گۈللۈككە بەكلا يارشقان ئىدى، شۇ چاغدا مەن رەيھاننىڭ ئىككى ئېغىز ماختاپ قۇيىشىنى بەكلا ئۈمۈد قىلدىم .لېكىن ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، پەقەت ئەزھەر :«ئاچا قارا گۈلۈكىمىز چىرايلىق بوپتۇمۇ» دېگەندە چىرايلىق ھەم چوڭ كۆزلىرى رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ قويدى.
ئېتىز ئېرىق قىرلىرى ئۈستىدىكى بوي تارتىشقا باشلىغان ياۋا چىملار بىلەن تەڭ قارىداپ ئۈلگۈرگەن بۇرۇتۇمنى كۈندە زوق بىلەن نەچچە سىلاپ قويىدىغان ئاشۇ چاغلاردىن باشلاپ كۆل سۈيىدەك تىپتىنىچ يۈرۈكۈم يېڭى قوشنامنىڭ ئاشۇ چىرايلىق قىز ئېلىپ كەلگەن باھار شامىلى بىلەن يېنىك ھەم لەرزان داۋالغۇشقا باشلىدى .
        بىر چاغلاردا ئەللەيلەۋاتقان تاتلىق خىياللاردىن ئويغىنىپ پۇتتۇمنىڭمۇ زىرقىراپ تېلىپ كېتىۋاتقىنى سەزدىم ، يېرىم كېچە بۇلۇپ قالغان بولسىمۇ كاللام يەنىلا شۇنداق سەگەك ، ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەستى ، ئامالسىز پۇتۇمنىڭ ئاغرىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن يەنە تامنىڭ بۇلىڭىغا يۆلۈنۈپ ئولتۇردۇم ، ھەممە ئىش تۈگىدى . ئۇ كەتتىغۇ ، ئۇنىڭغا مەككەم باغلىنىپ تۇرىدىغان ھەممە شېرىن خىياللىرىم بەربات بولدى ، ئەجىبا ئۇنىڭدىن باشقا خىيال قىلىدىغان نەرسەم يوقمۇدۇ،شۇنداق دەپ ئۆزۈمگە تەنبىھ بېرىپ باقاتتىميۇ بەڭباش خىياللىرىم يەنە قاراڭغۇ سولاقخانىدىن چىقىپ رەيھان تەرەپكە كېتىپ قالاتتى.......
نېمە يەيسەن ئوغلۇم، لەغمەن ئېيتىپ بىرەيمۇ _، دەيتتى ئانام.
- ياق ،ئەتمەڭ بىلىسىزغۇ ، سەيلىك تاماق بىلەن خۇشۇم يوق.
_ ئەمسە نىمە يەيسەن ، ھېچنىمە يېگۈم يوق .
شۇ چاغدا رەيھاننىڭ ئاپىسى بىر قاچا لەڭمەننى ئۆيگە كۆتۈرۈپ كىردى :
_ خېمىرىنى يۇغۇرۇپ قويسام رەيھان ئۆزى سەيلىرىنى قورۇپ تاماقنى تەييار قىلىپتۇ .
لەغمەننى رەيھان ئەتتى دېگەن گەپنى ئاڭلاپ تۇيۇقسىزلا ئىشتىھايىم ئېچلىپ كەتتى. : « ھەي مېنىڭ بۇ ئوغلۇمغا قارىسىلا تاماق ئېتىش تۈگۈل تەييار تاماقنىمۇ يېمەيمەن دەپ يالۋۇرتقۇزىدۇ، نېمىشقىمۇ مۇشۇ كەنجىسى بولسىمۇ قىز بولۇپ قالسىچۇ » دەپ قاقشاۋاتقان ئانام لەغمەننى يالماپ يۇتۇۋاتقان ھالىتىمگە ھەيران قالىدۇ .
           شۇنىڭدىن كېيىن رەيھاننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە ۋېلىسپىتىمنى بۇرۇنقىدەك قوغلىماي ئاستا مىنىدىغان بولدۇم. ھەر كۈنى سەھەردە ، زىلۋا بەدىنىگە شۇنداق يارشقان ئۇزۇن ئەتلەس كۆينەك ، گۈللۈك دۇخاۋا جىلەتكە كىيىپ ، قارا رومال بىلەن ئىنىكىنى قوشۇپ تېڭىۋالغان رەيھان كىچىك چېلىكىنى كۆتۈرۈپ ئۆستەڭدىن سۇ ئەكىلەتتىدە ، دەرۋازا ئالدىدىن تارتىپ يولغىچە سۇ چېچىپ چىنىدەك پاكىز سۈپۈرەتتى، ئاندىن دەرۋازانىڭ ئىككى يېنىدىكى چىرايلىق ئېچىلغان قىزىل، سېرىق، سۆسۈن رەڭدىكى مودەنلەر ،لەيلىلەر ، ھەشقى پۈچەك، يۆگۈمەچ دەيدىغان گۈللەرنى ئۆستەڭنىڭ سۈپسۈزۈك سۈي بىلەن پاكىز يۇياتتى. گۈل بەرگىلللرى ئۈستىدىكى سۇ تامچىللىرى قۇياش نۇرىدا كەھرىۋادەك تىنىق رەڭدە جۇلالىنىپ تۇراتتى. بەزى كۈنلىرى كېيىن قېلىپ ئۇنىڭ گۈللىرىگە سۇ قۇيۇۋاتقان ھالىتىنى كۆرەلمەي قالاتتىم ، بۇنداق چاغلاردا پۈتۈن كۈن دېگۈدەك بىر نەرسەم كامدەك سىزەتتىم ،دەرىسلەرنىمۇ بەك كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلىيالمايتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇرۇن مەكتەپكە تولا كېچىكىپ قالىدىغان ئادەم پەقەتلا كېچىكمەس بولدۇم .
بىر كۈنى ۋاقىتىنى دەل ھېساپلاپ ئۆيدىن چىققان بولساممۇ ئۇنى كۆرەلمىدىم، ۋېلىسپىتىمنى توختىتىپ ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىغا قارىدىم، يول بۇرۇنقىدەك پاكىز سۈپۈرۈلگەن ئەمما گۈللەرگە نىمىشقىدۇر سۇ تەگمىگەن ھالەتتە ئىدى .
كەچتە ئۆيگە چىقسام رەيھاننىڭ ئاپىسى داكا سوراپ كىرىپتۇ:
- قىزىم ئەتىگەندە ئۆستەڭنىڭ قىرىدىن تېيلىپ كېتىپ پۇتنىنى قايرىۋاپتۇ دېۋىدى ، يۈرۈككۈم قارتتىدە قىلدى .
_ مەن بىر قېتىم ئۆستەڭنىڭ قىرىدىن تېيلىپ كەتكەن - ، دېدى ئانام -،كەنجىمىز چاسا تاشلاردىن نەچچىنى ئەكىلىپ، پەلەمپەي ياساپ بەرگەنتى .
_ ئوغۇل بالا دېگەن ھامان جانغا ئېزقاتىدىكەن، ئەزەھەر قاچان بىر كارغا كەلگۈدەك بۇلاركىن، يا چوڭى ئوغۇل بولۇپ قالماپتىكەن،( بۇ چاغدا كاللامغا غەلىتىلا خىيال كېلىدۇ، رەيھان ئۆيىنىڭ كىچىكى بولسا مەنمۇ كىچىك ئەنۋەر بىلەن ئالماشسام ، يەنە رەيھان بىلەن تەڭتۇش بولساق، كۈندە رەيھاندىن بىردەممۇ ئايرىلماي ئويناپ يۈرسەم دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم ).
ئانامنىڭ كونا خۇيى يەنە تۇتتى:
- ماڭ بالام ، زۆھرە ئاناڭنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا بىزنىڭكىگە ئوخشاش قىلىپ پەلەمپەي ياساپ بەر.
ئانامنىڭ مېنى ئۆگەي بالىسىدەك خەخنىڭ ئىشلىرىغا سېلىۋېرىشىدىن بىر يەرلىرىمدە نارازى بولساممۇ ئەمما پەلەمپەينى رەيھان ئۈچۈن ياسايدىغىنىمنى ئېسىمگە كېلىپ تارتىشمايلا ماڭدىم . رەيھانلارنىڭ ئۆينىڭ ئۇدۇلىغا چاسا تاشتىن نەچچىنى تېپىپ چىرايلىق ھەم مەزمۇت قىلىپ ئۈچ پايىلىك پەلەمپەي ياساپ بەردىم.
         زۆھرە ئانام ، پەلەمپەينى كۆرۈپ « كۆزدىن ئايرىسىمۇ ، ھاسىدىن ئايرىماپتۇ » دەپ، ئۆز يۇرتتىمىزدىن ئايرىلغان بولساقمۇ ئۇلۇغ ئىگەم سىلەردەك ياخشى قوشنىغا ئۇچراشتۇردى. ئۆز تۇققانلىرىمىز بولغان بولسىمۇ مۇشۇنچىلىك قىلار ئىدى دەپ يىغلاپ كەتتى . ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇشىقىنى تېڭىۋالغان رەيھاننىڭ چىرايلىق كۆزلىرىدىنمۇ ياشلار ئوخچۇپ چىقىتى . مەن نېمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلەلمەي قالدىم ، دېمىسىمۇ مۇساپىرلىق بەك يامان. ئادەم ھەممىگە چىدىسىمۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەرنىڭ پىراقىغا چىدىمايدۇ، رەيھانغا ئىچىم ئاغرىپ كېتىدۇ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەرلىرىن قانچىلىك سېغىندى ، قانچە قېتىم پنىھانلاردا ياش تۆكتى بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. ...
شۇ كۈننىڭ ئەتىسى ئۆيى ئالدىدىن ئۆتكىنىمدە ئۇ ماڭا سالام قىلدى ، ئۇنىڭ سالام قىلغان تۇرۇقى بەكلا ئۆزگىچە ئىدى ، ئاغزى سالام قىلاتتىيۇ كۆزلىرى يەردىن ئۈزۈلمەيتتى .شۇ خوشلۇقۇمدا ۋېلىسپىتىمنى غۇيۇلدىدتىپ شۇنداق قۇيۇۋېتىپتىمەنكى مەكتەپتىن ئۆتۈپ كەتكىنىمنى سەزمەي قاپتىمەن.
كېيىن ئۇنى ئەتتىگەندىلا بىر قېتىم كۆرۈشكە قانائەت قىلمايدىغان بولدۇم . ئىشقىلىپ ئۇنى كۆرۈشكە بانا دېگەن جىق ئىدى ،لېكىن خۇدۈكىم بولغاچقا چاندۇرۇپ سېلىشتىن ئەنسىرەپلا تۇراتتىم. ئەزھەر بىلەن ئەنۋەر تولاراق ھالدا رەيھانلارنىڭ ھويلىسىسدا ئوينايتتى، مەن داۋاملىق ئەنۋەرنى «چاقىرغىلى» چىقاتتىم .لېكىن چاقىرىپ چىقاتتىميۇ ،يەنە ئوينىغىلى قۇيۇۋېتەتتىم. بىر كۈنى ئىككى شۇمتەك ئويناۋاتقاندا ئەزھەرنىڭ گېپى قولۇقىمغا كىرىپ قالدى:
_مەن گۆشقا ئامياق، رەيھان ئاچام بېھىگە بەك ئامياق، ئانام...
-ئانا پولوغا بېھىنى جىقراق ئال زۆھرە ئاپام بېھىيگە ئامراقكەن.دېدىم مەن تاماق ئېتىۋاتقان ئانامغا.
_ بېھىيگە ئانام ئەمەس، رەيھان ئاچام ئامياق -، دېدى ئەزھەر ياڭراق ئاۋازى بىلەن .
ھويلىدا ئويناۋاتقان ئەزھەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمچىلا بويۇن قۇلاقلىرىمغىچە قىزىرىپ كەتتىم ۋە ھويلىدا ئوت قۇيرۇقى ئاكام بارمىكىن دەپ ئالاق _ جالاق بولۇپ قارىدىم . ھېلىمۇ ياخشى ئاكام يوق ئىدى، ساددا ئانام بولسا ھېچ بىر نەرسىنى سەزگەندەك ئەمەستى.
كېيىن ئەنۋەر مېنىڭ كۈندە دېگۈدەك ئوينىغىلى قويماي ئۆيگە چاقىرىۋېلىشىمدىن خاپا بۇلۇپ ماڭا ئۆچ بولۇپ قالغىلى تۇردى ، شۇڭا رەيھاننىمۇ بىزنىڭ ئۆيگە چىقىدىغان ئامالدىن بىرنى تېپىپ ئەنۋەرلەرگە بىزنىڭ باغدىكى دوڭغاق جىگدىگە ئۈلەڭگۈچ سېلىپ بەردىم ، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى شۇمتەك بىزنىڭكىگە «كۆچۈپ» چىقتى . ئەلۋەتتە رەيھانمۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك ئەزھەرنى چاقىرغىلى چىقاتتى، لېكىن ئەزھەر ئاچىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايتتى .ئۆيگە ماڭ دېسە يەنە بىردەم ئوينايمەن دەپ تۇمشۇقىنى ئۇشلايتتى ، تېخى بۇ ئىككى شۇمتەك رەيھاننى ئىلەنگۈچلىرىنى ئىتتەرگىلى سالاتتى . ئۇ كۈنى ئىككى شۇمتەككە قارىغاچ كىتاپ كۈرۈپ ئولتۇرسام رەيھان پەيدا بولدى،« كېلە ئاچا سېنىمۇ ئۇچۇرتۇپ قۇيايلى »دېدى ئەنۋەر . ئاندىن رەيھاننى قولىدىن سۆرەپ ،ئىلەڭگۈچكە ئولتۇرغۇزىشتى، لېكىن بۇ شۇمتەكلەرنىڭ چوڭلا بىر ئادەمنى ئۇچۇرتقۇدەك كۈچى يوق ئىدى:
_ ئاكا سەن يامان بولغاندىكىن سەن ئۇچۇيتە دەيتتى ئۇلار ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىچارە رەيھان ئىلەڭگۈچتىن سەكرەپ چۈشەتتى -دە ، قىزىرىپ -تاتىرىپ:«ياق ،ياق، ئۇچمايمەن» دەپ تۈگۈلۈپلا قالدى ، مەنمۇ نېمە قىلىشمنى بىلەلمەي قالدىم. خۇداغا شۈكۈر بۇ چاغدا ئانام پەيدا بولدى .ئەنۋەر ئانامنى كۆرۈپلا مېنى ئەرىز قىلىشقا باشلىدى:
_ موما ، رەيھان ئاچامنى ئاكام ئۇچۇيتۇپ قويمىدى، دېگىنە ئۇچۇيتۇپ قويسۇن.
ئانام : «ئاكاڭ كىتاپ ئۇقۇۋېتىپتۇ، ئاچاڭنى مەن ئۇچۇرتۇپ قوياي» دېدىدە، رەيھاننىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي: « قىزىم سىز تېخى كىچىك ، ئوينىسىڭىز يارىشىدۇ» دەپ ئىلەڭگۈچتە ئۇچۇرتۇشقا باشلىدى . بۇ چاغدا ئوقۇۋاتقان كىتابمدىن خەت ئەمەس ئەتلەس كۆڭلەك كىيىۋالغان رەيھاننىڭ لەرزان ئۇچقان ھالىتىنى كۈرەتتىم ، شۇ چاغدا مەن تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ شوخ كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلىدىم ...
رەيھانلار كۆچۈپ كېلىپ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن مەن ئالىي مەكتەپكە قەدەم قويدۇم، زۆھرە ئاپاملار ئايشەم ئاچاملار ئۆيلىرىگە چاقىرىپ چاي بەردى، بىر پاتمان يوللۇقلارنى تۇتۇشتى. لېكىن شېرىن خىياللىرىمدىكىدەك رەيھاننىڭ يوللىقى يوق ئىدى، شۇ چاغدا ماڭا مۇساپىرچىلىقتا ئەستىلىك بولغىدەك ئۆزى كەشتىلىگەن قول ياغلىققا چۈشلۇق نەرسىنى بەرمىگىنىدىن كۆڭلىم بەكلا يېرىم بولدى. ئەجىبا ئۇنىڭ خىياللىرىغا كىرىپ چىقمىغاندىمەنمۇ دەپ يۈرۈكۈم ئاغرىدى . ئاخىرى ئۆيدىكى رەيھان كەشتىلەپ بەرگەن ياستۇق قېپىنى ئېلىۋالدىم . ھەر نىم بولسا ماڭىدىغان كۈنۈم ئۆينىڭ ئالدىدا زۆھرە ئانام ، رەيھان ، ئەزھەرلەر بىلەن ئۇزۇتۇپ قويدى.
          بەزىدە ساۋاقداشلىرىم چاقچاق قىلىپ قىز دوستۇڭ بارمۇ دەپ سوراپ قالاتتى، بۇنداق چاغلاردا خىيالىمغا دەرھاللا رەيھان كېلەتتى، لېكىن ئۇنڭغا بىرە ئېغىزمۇ گەپ قىلىپ باقمىغان تۇرسام قانداق قىز دوستۇم بولۇپ قالىدۇ، مۇشۇلارنى ئويلاپ ئاندىن سۇسقىنە كۈلۈمسىرەپ قۇيۇپ جاۋاپ بەرمەيتتىم.
ھەپتە ئاخىرىدا ياتاقتا مەندىن باشقا ئادەم قالمىغان ۋاقىتلاردا ، يالغۇزلىقتا رومان كىتابىمنى ۋاراقلاپ بېقىپ ئاستا تاشلاپ قۇياتتىم، بۇنداق زېرىكىشلىك چاغلاردا پەقەت رەيھانلا غېرىپ خىياللىرىمغا ھەمرا بولاتتى. ياستۇقنى باغرىمغا تېڭىپ ئولتۇرۇپ ئاشۇ ئادەمگە تىكىلىپ باقمايدىغان ،يەردىن ئۈزۈلمەيدىغان چىرايلىق كۆزلىرىنى ، ئەتلەس كۆينەك ياىشىپ كەتكەن زىلۋا بويىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتتىم . رەيھان باشقا قىزلاردەك ھەر بازار كۈنى توزدەك ياسىنىپ بازار چۆرگىلىمەيتتى. ئانىسىغا ئەگىشىپ تويلارغا بارمايتتى. ئۆيى ئالدىدىكى ئۆستەڭ ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ۋە ھويلىسىدىكى گۈللۈك ، بېغىدىكى كىچىك ئېتىزلىق ۋە كەشتە تىكىپ ئولتۇرىدىغان ئانار گۈللۈك گىلەم رەيھاننىڭ پۈتۈن دۇنياسى ئىدى. ئۇ مۇشۇ كىچىككىنە دۇنياسىنى بىغۇبار قەلبى، چىۋەر قولى بىلەن ھەسەل ھەرىسىدەك تىنماي پەرۋىش قىلاتتى. ئۆزىدەك چىرايلىق گۈللىرى، رەڭمۇ- رەڭ كەشتىسى، قويلىرىغا ئوت بېرىدىغان كىچىك سېۋىتى، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرى ئىدى، (راست بەزىدە ئانامدىن ئۇنىڭ ئۆيىمىزدىكى كىتاپلارنى ئۇقۇغىلى ئېچىقىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلايتتىم، بۇنداق چاغلاردا كىتاپ ئىشكاۋىدىكى كام كىتاپلارغا قاراپلا ئۇنىڭ قايسى كىتاپلارنى ئۇقىغانلىقىنى بىلىپ بۇلاتتىم، ئۇ تولاراق ئىسلامغا ئائىت كىتاپلارنى ئېلىپ كېتەتتى ) . ھەر قانداق ئادەمنى بىرلا كۆرۈپ ئەيىبىنى تېپىۋالالايدىغان، ئانامغىمۇ كۆزىچىلا ھەر خىل نۇقسانلارنى ئارتىپ قويىدىغان ئايشەم ھەدەممۇ ئۇنىڭ يامان گېىنى قىلماستىن ماختاپ ئۇچۇرۇپلا يۈرەتتى. ئۇنى ھەتتا ئاڭسىز ھايۋانلارمۇ ياخشى كۆرەتتى، مەن ئۇنىڭ كەينىدىن نەچچە قوزىچاقنىڭ تەڭ ئەگىشىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. بەزىدە مېنى ئاز تولا ئەسلەپ قۇيامدىغاندۇ دەپمۇ قالاتتىم، ئەلۋەتتە، ئۇ كۈنندە نەچچە ۋاخ قاريدىغان ھويلىسىدىكى گۈللۈك، كۈندە سۇ ئالغاندا دەسسەپ چۈشىدىغان پەلەمپەي، بېغىغا ئۇلاپ بەرگەن ئالما كۆچەتلىرىدە مېنىڭ ئىزنالىرىم بار ئىدى، بۇ نەرسىلەر رەيھانغا مېنى ئەسلىتىپ تۇراتتى...
        بۇيەردىكى بارچە تەنھالىقىمغا خىياللىرىمدىكى رەيھان ھەمراھ ئىدى،تەتىلگە ئاز قالغاندا جېنىمدا پەقەت تاقەت قالمايتتى ، كۈن ساناپ دېگۈدەك ئاران ئۆيگە كېلىۋالاتتىم، ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپلا ئەزھەرگە ئالغاچ كەلگەن نەرسەمنى ئېچىقىپ بېرىش بانىسىدا ، ئۇنىڭ ئۆيىگە چىقاتتتى، ئۇ مېنى كۆرۈپلا لاپپىدە قارىۋېتىپ كۆزلىرىنى ئېلىپ قاچاتتى ، ئاندىن ئاناردەك قىزىرىپ كەتكەن يۈزۈگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ:« ھارماي كەلدىڭىزمۇ » دەپ قۇياتتى. ئانام بىلەن دادام ھەر كۈنى قاق سەرھەردە ناشتا قىلىشنى ئادەت قىلىۋالغان ئىدى.بۇنداق چاغلاردا مەن ئايۋاننىڭ نېرىقى سۇپىسىدا ئۇخلاۋاتاقان بۇلاتتىم، بەزىدا چۈشۈم دېسە چۈشۈم ئەمەستەك لېكىن ئوڭۇمدىن سەل غۇۋا ھالەتتە ئۇلارنىڭ گەپلىرى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالاتتى.
_ ئىمنىخان ھاجىم ئوغلىغا رەيھاننى سوراپ كەپتىكەن قارىم ئۇنىماپتۇ.
_ نېمىشقا بەرمىگەندۇ ؟
يۈرۈكۈم قارتلا قىلىپ چاچراپ تۇردۇميۇ، يەنە ئۇلار تۇيماستىنلا يەنە يېتىۋالدىم . ھەر نىمە دېگەن بىلەن رەت قىلىپتۇ، لېكىن يەنە كىمنىڭ كۆزى چۈشۈپ بولدى بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ..
_ ھەي پەرىشتىدەك نۇقسانسىز قىز بولدى ، ئۆزىمۇ شۇنداق چىرايلىق. ئاكاملارنىڭمۇ كۆزى يوق ، چوڭ ئوغلىغا سورىغان بولسا قوشنا بولغاندىكىن ياق دىمەستى..
ئاھ خۇدا ، ماۋۇ ئانامنى ، ئۆز ئوغلىنىڭ يۈرىكىنى قاراپ تۇرۇپ خەخكە تۇتقۇزۇپ قويماقچى بولىۋاتدىغۇ، ئەجىبا ماڭا سورىسا بولمامدىغاندۇ ...شۇنداق قىلىپ ماڭا ئۇنى بىرى قولۇمدىن تارتىۋالارمۇ دېگەن ئەندىشە ئالۋاستىدەك چاپلىشىۋېلىپ ، يۈرۈكۈمنى ئەندىشە ئىچىدە تۈگەشتۈرۈپلاۋەتتى. كاللامغا ھەر خىل خىياللا كېلەتتيۇ ، لېكىن بىرەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشغۇدەك مەندە جۈرئەت يوق ئىدى..
ئانامغا دەيمۇ دەپ ئويلايتتىم، لېكىن يەنىلا دىيەلمەيتتىم، نېمىشقىمۇ بۇنداق لىڭتاسما چوڭ بولۇپ قالغاندىمەن...كاللامغا غەلىتىلا بىر خىيال كەلدى ،يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇپ رەيھاننىڭ ئىسمىنى «جۆيلۈپ» ئانامغا كۆڭلۈمدىكىنى بىلدۈرۈپ باقسام قانداق بۇلار ، لېكىن بۇنداق بۇنداق يالغاننى قاملاشتۇرغىدەك جۈرئەت مەندە يوق، چېنىپلا قالسا بۇ ئۆيدە تۇرغۇدەك يۈزۈممۇ قالمايدۇ..ئەڭ مۇھىمى مېنىڭ ئۇقۇش پۈتتۈرۈشۇمگە يەنە ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت بار ئىدى، ئەگەر كۆڭلىمدىكىنى بىلدۈرەلىگەن تەقدىردىمۇ ئۇ ۋاقىتقىچە نىمە ئىشلار بولۇپ بىر نېمە دېمەك قىيىن ئىدى..
- لىڭتاسمىلىق قىلما، چىڭ تۇر دېدى ،- رۇزى ،- ساڭا رىزىقنى ئاسماندىن تاشلاپ بەرمەيدۇ، ئەجىر قىلغاندا ، بەدەل تۆلىگەندە ئاندىن بىر ئىش بولىدۇ.
- قانداق بەدەل تۆلەيمەن، رەيھانغا دەمدىم؟ ئۇنىڭ يۈزى بەكلا تۆۋەن ، ئەگەر ئېغىز ئاچىدىغان بولسام، يەرگە كىرىپلا كەتسە كېتىدىكى جاۋاپ بەرمەيدۇ، ھەم ئۇنىڭ تەقدىرىنى پەقەت ئاتا ئانىسىلا بەلگەلەيدۇ..
- ئەمسە ئاناڭغا دە..
- بۇ...
      مەكتەپكە بېرىپمۇ كۆڭلۈمدىكى ئەنسىزلىك تېخىمۇئۇلغايدى، ئانامغا تىلفۇن قىلساملا ،چاندۇرماي رەيھانلارنىڭ ئەھۋالىنى تىڭتىڭلاپ باقاتتىم ،
بىر كۈنى قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە توي بولۇپتىكەن دېۋىدى، رەيھان ئىسىمگە كېلىپ ئەندىكىپ سورۇدۇم، ھەر نىمە بولسا باشقا بىر قوشنىمىز بولۇپ چىقىپ ئورنىدىن چورتلا قوزغۇلۇپ كەتكەن يۈرۈكۈم ئورنىغا چۈشتى ...
يەنە بىر كۈنى رۇزى تىلفۇن قىلىپ ، يۇقۇرقى مەھەلىدىكى قاۋاق بىلەن بىلىيارتخانىدىن چىقمايدىغان خېلىلنىڭ رەيھان بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشتۈم دەپ ئۆسەك تارقىتىپ يۈرگەنلىكىنى ئېيتىۋېدى، مېڭەمدىن تۈتۈن چىقتى:
- ھەرقايسىڭ نېمىىش قىلىشىسەن ئا گۇينىڭ ئاغزىنى ئەت ، مەن بېرىپ قالسام ئاغزىغا گەندە قۇيۇپ بىر نەرسە قىلىۋېتىمەن..
- قانداق ئىتىمىز...
- ئۇ نامەرد ماڭقىنى بىلمەمسەن..ئۆتكۈدەك دۇمباللاپ قويساڭلا سېسىق ئېغىزى يۇمۇلۇدۇ...
شۇنداق قىلىپ روزىلار خېلىنى « پەندىيات »دېگۈچە دۇمبالاپ دېگۈچە تازا دۇمباللاپ ، ئاغزى- بۇرنىدىن بۇلاق چىقىرىپ ئېغىزىنى ئىتىپتۇ.(لېكىن يېگەن تايىقى سوراقسىز قالماپتۇ، ئۇنى ئۇرغان ئاغىنىللىرىم ئۈچ كۈن سوللاققا يېتىپ ، جەرمانە تۈلەپ چىقىپتۇ).
كېيىنكى ئىككى يىلدا يۈرۈكۈمدىكى ئەنسىزلىك بېسىلمىغان بولسىمۇ ، رىسقىمغا بىرى چاڭ سالمىدى... ئۇقۇش پۈتتۈرۈشكە بىر يېرىم يىل قالغان ۋاقتىمدا پىراكتىكىغا چىقىپ چېكى يوق سېغىنىشلىرىمنى ئېلىپ ، قەلبىمدىكى ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشقان باھاردا چېچەكلىگەن ئارزۇلىرىمنى مىۋە بەردۈرۈش ئۈچۈن يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم، لېكىن قارا باسقاندەكلا ئاشۇ ئاپشاركىلار رەيھاننى يىراقلارغا مۇساپىر بولۇپ كېتىپ مېنى جۇدالىققا مەككۇم قىلدى.

                                         *                          *                           *
    باش توخۇنىڭ چىللىغان ئاۋازى ئىچىمگە پاتمايۋاتقان نەپرىتىم ، جېنىمنى قاشتىۋاتقان سېغىنىش ئىلكىگە ئېلىۋالغان ئاچچىق خىياللىرىمدىن ئويغاتتى... خېلى ۋاقىتتىن كېيىن بىرىنىڭ چاقىرىشى بىلەن لەسسىدە تۇردۇميۇ،كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. پۇتۇم، بېلىم، بويۇنۇم سىقىراپ ئاغرىيتتىتى ، تېخىچىلا ئۆلۈكتەك يېتىۋاتقان ئىككى توڭگۇزنى تېپىپ ئويغىتىپ ئاندىن قاراڭغۇ ھەم زەي سولاخانىدىن چىقتىم .
ئۇلار يەنە قايتا سوراق قىلىشتى، ئىككىسىنىڭ قاپاقلىرى ئىششۇق ، قوللىرىنى تېڭىپ قويۇلغان داكا چۇۋۇلۇپ كەتكەن ، قاپاقلىرى ئىشىپ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ھالەتتە چىقىشتى:
- ئەمدى دېيىشە ئاخشام نىمىش بولغان؟ دېدى ساقچى باشلىقى غادىيىپ تۇرۇپ .
_ تەخەي كىمنىڭ دېسەم ئېشەكنىڭ دېدى،سۈت كىمنىڭ دېسەم كالىنىڭ دېدى ، ئاندىن بىزنى ئۇرۇپلا كەتتى..
- نىمىشقا ئۇردى بىكارغىلىما.
- قالغان ئىشلار ئېسىمىزدە يوق.
ئەمسە مەن دەپ بېرەي، مېنىڭ ئېسىمدە بار ،- دېدىم مەن ،- مەس كىرىپتۇ ، پۇل بەر دېدى ، يوق دېسەم دۇككاننىڭىڭ غەللىسىگە ئېسلىپ بولىماقچى بولۇشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇردۇم،
-دېگەنلىرىڭ راستمۇ؟
_ گۇۋاچىم بار.
- كىم؟
- ئاغىنەم رۇزى .
- يەنە ئاشۇ ئالا قاناتما؟! ئۇ ساڭا يان باسىدۇ، ئىشەنگىلى بولمايدۇ.
- ئەمسە ئىشەنگىلى بولىدىغاننى تاپ .
- نىمىلا بولمىسۇن، سەن ساقچىلارنى يارلاندۇرۇپسەن ،ھېچ بولمىسا داۋالانغان چىقىمنى تۆلەيسەن.
- نىم دەيدۇ ماۋۇ ، تېخى بۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئەرزى قىلىمەن دەۋاتسام .
- نېمنىنى ئەرز قىلىسەن ؟
ھۆكىمەت سەنلەگە چوماقنى خەخنىڭ دۇككىننى بۇلا دەپ تارقىتىپ بەرگەنما، ماۋۇ ئىككى توڭگۇزنى بۇلاڭچىللىق قىلدى دەپ ئەرىز قىلىمەن . تېخى سېنىمۇ ئادەملىرىنى باشقۇرمىدى دەپ ئەرىز قىلىمەن .....
ئىشنىڭ يامان يېرىگە كېلىپ قالغىنىنى كۆرگەن بىچارە سوجاڭ ئۈڭۈپلا كەتتى .ئاندىن خامىلىيونغا ئوخشاش بىردەمدىلا مۇلايىملىشىپ : ئۇكام ئاكاڭ بىلەن خېلى ئاغىنە مەن، مېنى ئەرز قىلىپ نېمىگىمۇ ئېرىشەرسەن دەپ يالۋۇرىشقا باشلىدى .
ساقچىخانىدىن ساق سالەمەت يېىنىپ چىقىپلا ، بازارنىڭ دوقمۇشىدا قاچانلا قارىسا گەپ سېتىپ ئولتۇرىدىغان دۇككانچى خوتۇنلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردۇم.
_ ۋوي بالام ، سېنى مەھەلە ساقچىللىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ناھيىگە ئەكىرىپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىغان، ئەجەپ بۇيەردە يۈرۈسىنا ؟
ناھيىگە ؟ ھەيرانلا قالدىميۇ ، بۇ خۇتۇنلارنىڭ گەپ تېپىش ھۆنىرى ئېسىمگە كېلىپ توغرا چۈشەنگەن بولدۇم :
- تۈنۈگۈن ساقچىخانىغا سولىۋالغانتى ،قۇيۇۋەتتى.
_ نېمىش بولغان زادى، ؟
- بىزنىڭ   يېزا باشلىقىنىڭ ئىنىللىرى مەس كىرىپتۇ . پۇل بەر دېدى ، يوق دېسەم ،دۇككاننىڭىڭ غەللىسىگە ئېسلىپ بۇلىماقچى بولۇشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇردۇم،ئاندىن ساقچىخانىدىن مېنى سولىۋالدى . مۇشۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ يۈزۈم قىزىرىپمۇ قويمىدى.
نەتىجە كۈتكىنىمدىن ئارتۇق بولۇپ چىقتى، مېنىڭ بىر ئېغىز تۆھمىتىم، ئىككى كۈن ئىچىدە بۇ كىچىكىنە يېزىنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە ھەر خىل ھەر ياڭزا بۇلۇپ ئۇچۇپ بېرىپ بولدى.
بىچارىلەر   خىزمەت بىلەن   خەىلەرنىڭ ئۆيىگە بارسا ، دېھقانلار پارچە پۇل تەڭلاۋاتقۇدەك ، نېمىشقا دەپ سورىسا،
باشقىلارنى بۇلىغاندەك بىزنىمۇ بۇلاپ قويمۇسۇن دەيمىنا ، دەپتۇ، نەگەلا بارسا شۇ مەسخىرىدىن قۇتلالماي ئاخىرى باشقا يەرگە يۆتكۈلۈپمۇ بېقىشتى ، لېكىن نەگىلا بارسا يامان قۇتلالمىدى ، ئاخىرى بۇ يۇرتتىن كېتىپ قېلىشتى. كونىلار دېگەندەك كىشىنىڭ كىشىدە قالمايدىكەن . خەخنى مۇساپىرچىللىققا سالغانلار ئۇزاق ئۆتمەي ئۆزلىرىمۇ مۇساپىر بولدى .
     ئۇلار كېتىپ مەھەلىدىكىلەرنىڭ قۇلىقى تىنجىغان بولدى. بىر كۈنى بىر نەچچە دېھقان بىلەن كۈنللۈك دېيىشىپ باغنىڭ بېدىسىنى ئورۇپ ئولتارساق ، ئەترەت باشلىقى ھاشار بار دەپ بىر ئوبدان بېدە ئۇرۇۋاتاقانلارنى ئېلىپ كەتمەكچى بولدى .
-نېمە ھاشاركەن؟- دېدى ئاكام.
-،يېزىلىق ھۆكىمەتنىڭ ئېتىزىدا قىلىدىغان ئىش بار .
يېزىلىق ھۆكىمەتنىڭ ؟ تولا يالغان سۆزلىمىسىلە ، تايىنىل شاڭجاڭنىڭ يېرىدۇ؟
ئەترەت باشلىقى قىزارغاندەك بولۇپ گەپ قىلالمىدى .ئاكام يەنە سۆزلاپلا كەتتى :
_ شۇنچە مائاشنى ئالغاندىكىن دېھقانلارنى بىكار ئىشلەتكىچە پۇلغا چىداپ ئادەم سالسا بولمامدۇ، يا شاڭجاڭنى دېھقانلار ھەممىسى بىرلىشىپ تاپقانمىكەن ؟! بېرىپ دېسىلە، ماۋۇ ئادەملەرنى مەن پۇل بېرىپ ئىشقا سېلىۋاتىمەن ، پۇل بەرسە خەخمۇ يالۋۇرتمايلا ئىشىنى قىلىپ بېرىدۇ.  
كېيىن ئۇلار  ئاللىقانداقتۇر  بىخەتەرلىك تەكشۈرۈمىز دېگەندەك باھانلەر  بىلەن ئۆيلەرگە تولا كىرىپ ئارامىمىزنى قويمىدى ،  بىر كۈنى ئاغىنىلىرىمگە دەپ تازا يامان بۆرە ئىتتىن نەچچىنى ئەكەلدۈرۈپ ھويلىغا سولاپ قۇيۇپ ئۆيگە بېكىنىپ ياتتىم، ئۇلار ھويلىغا كىرىپ ئىتلارنى كۆرۈپلا كەينىگە يېنىپ قېچىپتۇ، مەھەلە ساقچىللىرىدەك قورققاننى بۇزەك قىلىشىنى ئادەت قىلغان بۆرە ئىتلار ساقچىلارنى تازا سۈرۈپتۇ. لېكىن جاھاننىڭ سورىقى باركەن ، ئەتىسى يەنە ساقچىخانىغا كىرىپ قالدىم ھەرقانچە بانا كۆرسىتىپمۇ قۇتللالمىدىم، سوجاڭ دېگەن يالاڭ قاپاق ھەممى ئۆچىنى بىراقلا ئېلىپ مېنى ئۈچ كۈن سولىدى. لكىن مەنمۇ بوش كەلمىدىم، ئۇشۇقلۇق قىلىپ تاماق يېمەي يېتىۋېلىپ ئىككىنچى كۈنىلا سولاقخانىدىن يېنىپ چىقىۋالدىم . بىرلا يېرى شاڭجاڭ بىلەن سوجاڭنىىڭ كۆزى مەھەلە ساقچىللىرىنى تالىۋەتكەن بۆرە ئىتلارغا چۈشۈپ قېلىپ مۇسادىرە قىلىۋالدى. بولغان ناھاقچىلىقلارغا چىدىماي ئاچچىقىم ئىچىمگە ئۆتۈپلا كەتتى. خەپ ھەرقايسىڭنىڭ دەردىدە ياشىغىلى بولمامدۇ ئەمدى، پارتىيە شۇنچە ياخشى ئادىليۇ سەندەك پارازىتلار كېلىپ بىزلەرنى غاجايسەن، تېخى رەيھاننىمۇ مەندىن ئايرىشتىڭ، ئەدىبىڭنى بىرىدىغان كۈنلەرمۇ كېلىپ قالار ئاخىر .
      بىر قېتىملىق ئىت تالاشتۇرش مۇسابىقىسىدە شاڭجاڭنىڭ ئىتى بىلەن سوجاڭنىڭ ئىتى(ھېلىقى مۇسادىرە قىلىۋالغان ئىتلار ) پۈتۈن يېزىدىكى دېھقان ، تېجارەتچى، سىكىلتار دېگەنلەرنىڭ ئىتلىرىنى بىر بىرلەپ ئەدەپلەپ بىرىنچى ئىككىنچىلىكنى ئالدى. شۇ چاغدا مىكرافون بىر خەنزۇۋان ئاداشنىڭ قولىغا چىقىپ قېلىپ قىززىق ئىش يۈز بەردى :
شاڭجاڭ ئىت بىرىنچى چىمپىيۇن .... سوجاڭ ئىت ئىككنچى . ....
مەيداندا پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى . شۇنىڭدىن كېيىن يېزىدا تەڭدىشى يوق بۇ بۆرە ئتلارنى خەخلەر «شاڭجاڭ ئىت »، «سوجاڭ ئىت‎‎‎ » دەپ ئاتايدىغان بۇلىشتى ھەر قېتىمقى ئىت تالشتۇرۇش مۇسابىقىسىدە ئەھۋال ئوخشاش ئىدى، ھېچقانداق بىر ئىت «شاڭجاڭ ئىت »بىلەن «سوجاڭ ئىت» يېڭەلمەيتتى .
كېيىن ئۇنىڭدىنمۇ قىززىق ئىشلار يۈز بەردى ، سوجاڭنىڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا ئازراق ھاجىتى چۈشۈپ قېلىپ ئۆزىنىڭ بۆرە ئىتىنى ئىدارە باشلىقىغا سوۋغا قىپتۇ . كېيىن قېتىملىق مۇسابىقىدە شاڭجاڭ ئىت بىلەن بۇرۇنقى سوجاڭ ئىت تالىشىپ ئويلىمىغان يەردىن شاڭجاڭ ئىت يېڭىلىپ قاپتۇ
- بۇنىڭغا ھەيران قېلىش يوق-، دېدى بىر كۆز ئەينەكلىك زىيالى دېھقان ،- شاڭجاڭ ئىت بۇرۇن سوجاڭ ئىتتىن يامان ئىدى، لېكىن ھازىر «سوجاڭ ئىت» نىڭ ئەمىلى ئۈسۈپ «جۈجاڭ ئىت » بولدى، « شاڭجاڭ ئىت» بولسا شۇ پېتىچە ئۆسمەي تۇرۇپتۇ .
- توۋا دېگىنە ئۇكام ، ئىتمۇ ئەمەلگە قاراپ تالىشامدۇ. دېدى بىر ۋىجىك دېھقان بۇۋاي .
- ھازىر دېگەن قانداق ۋاقىت؟ ئاشۇ ئىتلار كىمنى يېڭىۋېلىش كىمنگە يېڭىلىشنى بىلگەچكىلا، ئۇخلايدىغان كاتىكى سېنىڭ چالما ئۆيىڭدىن ئېسىل ، سەن يەيدىغان زاغرا نانغىغۇ قاراپمۇ قويمايدۇ، ھەتتا قۇربان ھېيتتىلا يېيەلەيدىغان گۆشلىرڭمۇ ئاشۇ ئەقىللىق ئىتلارنىڭ ئالدىدا ئېشىپ تېشىپ تۇرۇدۇ.
كېيىن قېرىشقاندەك پىراكتىكامنى شاڭجاڭ دېگەن پاينەك ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرىۋالدى، تەرجىمە قىلىدىغان ، كومپىيوتىرغا كىرگۈزدىغان نەرسىلەر ساماندەك ئىدى. شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرىغۇ ئارام يوق ، كەچلىرىمۇ تىنماي ئىشلەيتتىم، لېكىن قەغەزپارچىللىرىنىڭ دۆۋلىنىپ تۇرغىنى تۇرغان ئىدى. تېخى ھە دېسە مېنى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان دەپ خەخنىڭ ئالدىدا چېقىۋالاتتى . ئۈچ ئاي ئىچىدىلا كۆزەينىكىم نەچچە يۈز گىرادۇس ئۆرلەپ كەتتى.
بىر كۈنى شاڭجاڭنىڭ ئۆسىدىغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر كەلدى ، سۈرۈشتۈرسەم ئۇمۇ سوجاڭدىن ئۆگۈنۈپ ئىتىنى شەنجاڭغاسوۋغا قىپتۇ، نەتجىدە شەنجاڭغا سوۋغا قىلغان ئىت جۈجائىتنى يېڭىپ ئەسلىدىكى شۆھرىتىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپتۇ . بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ مەنمۇ ئىشىنىپ ئىشەنمەي دېگۈدەك نەچچە كۈن يۈردۈم، شاڭجاڭغا ئۆستۈرۈش بۇيرىقى چۈشكەندىلا ئاندىن ھەيرانلىقتا ياقامنى چىشلەپ قالدىم.(بۇ ئىتلارنىڭ بىر قاتار مۇرەككەپ ھۇقۇق تالىشىش كۆرىشىنى ئاڭلاپ مال ئېگىسىنى دورىمىسا ھاام دېگەن تەمسىلگە چىن پۈتتۈم) .
         مانا بىر يىل ئىچىدىلا قارىم تاغاملارنى قاقشاتقانلارنىڭ ھەممىسى كېتىشتى ، لېكىن رەيھان قايتىپ كەلمىدى .سەھەرگە يېقىن چۈشلىرىمدىن ئويغۇنۇپ كۆزۈمنى ئاچاي دەپ تۇرسام ، ئايۋاننىڭ نېرىقى چېتىدىكى سۇپىدا ناشتا قىلىپ ئولتۇرغان دادام بىلەن ئانامنىڭ گەپلىرى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى :
- كەنجىمىزنىڭ ئوقۇشى تۈگەي دەپ قالغىنىنى يېقىن يۇرۇقلار بىلگەن ئوخشايدۇ ، ھەجەرخان قىزى رازىيەنى شەپە قىلىپ قۇلاق قېقىۋاتىدۇ.
شۇ ھامانلا كىچىك چاغلىرىمدا بىللە ئوينايدىغان كېيىن خەنزۇ مەكتەپتە ئۇقۇش ئۈچۈن شەھەرگە كەتكەن رازىيە ئېسىمگە كەلدى، ئۇ قىز خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغاچقا شوخ تۈز قىز ئىدى،ئۈزى چىريلىق بولسىمۇ يۈرۈش تۇرۇشلىرى بۇ مەھەلىگە ماس كەلمەيتتى ، ئەگەر ئۇنى بىلمەيدىغانلار بولۇپ قالسا شەھەردىن تۇققان يوقلاپ كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ قالاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭلار بىلەن پەردىششەپنى بەك ساقلاپ كەتمىگەچكە كۆزۈمگە ئانچە سىغمايتتى .
دادام ئۇلۇغ كىچىك بىر تىندى: - ۋاقتى كەلگەندە كەنجەڭدىن گەپ ئېلىپ بېقىپ بىر نەسە دەيلى، ئۇنىڭ كۆڭلى كىمگە تارتىدۇ، بىلمەي تۇرۇپلا بىز ئېغىز ئېچىپ قويساق ياخشى بولماس.
گەپنى مەن سورامدىم؟ كەنجىمىزنىڭ يۈزى بەكلا تۆۋەن تۇرسا ، قانداق دىيەلەيدۇ ، دېدى ئانام ....
     چېيمنى يەنە ئانامنى قاقشىتىپ تۇرۇپ ئىچىپ باغقا چىقىپ قولۇمغا كىتاپنى ئالدىم، كىتاپنىڭ ئىسمى ئاخىرقى باھار ئىدى، ئاخىرقى باھار دەپ پىچچىرلىدىم ، مېنىڭ ئاخىرقى باھارىم قىشلىق تەتىل توشۇپ قالغان كۈنى ئىدى . ئۇ كۈنى مەن ئات ھارۋىسىغا سۇ باكلىرىنى ئارتىپ ، رەيھانلارنىڭ باكىنىمۇ ئېلىۋېلىش، ھەم دەرياغا بارغاندا ئاتقا قاراپ تۇرۇش ئۈچۈن ئەزھەر بىلەن ئەنۋەرنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن كىردىم ھويلىسىغا كىردىم. لېكىن ئىككى شۇمتەك چانا تېيىلغىلى ئاللىقاچان قېچىپ كېتىشكەن ئىدى . يالغۇز بارسام مەن دەريادىن سۇ ئېلىۋاتقاندا ئاتقا قارايدىغان ئادەم بولمىسا بولمايتتى، مۇشۇلارنى ئويلىدىمۇ رەيھان قېلىن چاپىنىنى كىيىپ ، يوغان ياغلىقى بىلەن يۈزلىرىنى ئوراپ پەقەت چوڭ ھەم تىنىق كۆزلىرىنىلا ئۇچۇق قۇيۇپ مەن بىلەن ماڭدى. ئايشەم ئاچامنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىشمىزگىلا ئۇ سۇ باكىنى كۆتۈرۈپ چىقتى:
- ھەي ھېبىيىم، يېڭى قوشناڭنى كۆرۈپ مېنى ئۇنىتقىنڭمۇ بۇ ؟ بول ، ماڭىمۇ سۇ ئەكىلىپ بەر.
يولدىكى بىردەملىك جىمجىتلقتىن كېيىن رەيھان ئېغىز ئاچتى ، لېكىن ئاۋازى يەرنىڭ تېگىدىن چىققاندەك پەس ئىدى:
_تەتىلىڭىز قاچان توشىدۇ؟
بۇ ئۇنىڭ ماڭا تۇنجى قېتىم ئۆزلىكىدىن گەپ قىلىشى ئىدى، مەن قۇلۇقۇمغا ئىشەنمىگەندەك ئۇنڭغا لاپپىدە قارىدىم ، ئۇنىڭ ماڭا قاراپ تۇرغان كۆزلىرى دەرھال يەرگە تىكىلدى، لېكىن كۆزۈم يەنىلا سۇغۇقتا ئاناردەك قىزارغان يۈزىدىن، ئاپئاق قىرو قونغان كىرپىكلىرى، ئۇزۇن ئەگمە قاشلىرىدىن ئۈزمەي تۇرۇپ:
-ئەتە ماڭىمەن ، دەپلا قويدۇم .
پۇتلۇرۇم توڭلاپ سېزىمنى يوقىتاي دەپ قالغان بولسىمۇ يولنىڭ تۈگەپ قالماسلىقىنى بەكلا ئۈمۈد قىلاتتىم، لېكىن ئۆيگە ناھايىتى تېزلا كېلىپ قالدۇق ،ئۇ ھارۋىدىن يېنىكلا سەكرەپ چۈشكىنىدە ، يۈرۈكىممۇ بىر سەكرەپلا ھىجراننىڭ چوڭقۇر ھەم قاراڭغۇ ھاڭلىرىغا چۈشۈپ كەتتى.
بەلكىم شۇ چاغدا رەيھاننىڭ كۆڭلى تۇيغانمىكىن دەپ قالىمەن، لېكىن نېمىشقا شۇ چاغدا نىمە كۆرسەممۇ بىر ئېغىز گېپىمنى قىلالمىدىم؟ مۇشۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكۈنۈشۈم ئىدى.
       پىراكتىكا ۋاقتىمممۇ توشۇپ مەكتەپكە كېتىشكە ئازلا ۋاقتىم قالغان كۈنى ئايشەم ئاچام ئۆيگە چاقىرىپ ماڭا بىر دوپپىنى بەردى.
- سىز تىكتىڭىزما ؟
-مەن بۇنداق چىرايلىق دوپپىنى تىكەلەيمەنمۇ، پەرەز قىلىپ باقە كىم تىككەندۇ؟
- بىلمىدىم.
-رەيھان ساڭا تىكىپتكەن .
- مۇمكىنمۇ ، چاقچاق قىلماڭە .
- مەنمۇ ھەيران قالدىم، ئۇلار كۆچۈپ كېتىشتىن بىرە ھەپتە ئالدىدا رەيھان نەچچە قېتىم ئۆيگە كىرىپ بىر گېپى باردەك قىلدىيۇ، خىجىل بولغاندەك دېيەلمەي چىقىپ كەتتى، ئاخىرى بىر كۈنى كىرىپ مۇشۇ دوپپىنى ساڭا بىرىپ قۇيۇشۇمنى ئېيتپلا كەينىگە يېنىپ چىقىپ كەتتى .
شۇ چاغدىلا بۇلتۇر ياز ئۇ ھويلىسىدا ئەزھەرلەرگە دوپپا تىكىپ ئولتۇرغاندا، ماڭا يوقمۇ دەپ چاق چاق قويغىنىم ئېسىمگە كەلدى. خۇددى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان سەپدېشىمنىڭ ئەستىلىكىنى قولۇمغا ئالغاندەك دوپپىنى باغرىمغا تېڭىپ يېنىپ چىقتىم.
   ئۆستەڭگە سۇ كەلمىگەچكە يەنە ئات ھارۋىسى بىلەن دەرياغا مېڭۋاتسام ، مودا ياسىنىۋالغان رازىيە ھارۋىغا سەكرەپلا چىقىۋالدى، ئاندىن دەرياغا مەنمۇ بارىمەن دېدى مەنمۇ ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. دەريادىن باكلارغا سۇ ئالاي دەپ قوپسام ، ئۇ بىردەم دەريا لېۋىدە ئولتۇرۇشنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. شۇ چاغدا ئادەم بارمۇ يوق دېگەندەك ئەتراپىمغا قارىۋېدىم ئۇ ئاچچىقلاپ كەتتى :
خەخ كۆرسە گەپ تېپىشدىن قورقىۋاتىسەن ھە ؟ ،ئاندىن مەسخىرە قىلغاندەك -، ئەجەپ رەيھان بىلەن كەلسەڭ گەپ تاپمايدىكەن مەن بىلەن بارساڭلا گەپ تاپامدىكەن .
ئۇنىڭ رەيھاننىڭ گېپىنى قىلغىننى كۆرۈپ جۇدۇنۇم ئۆرلىگەن بولسىمۇ ئەمما ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم:
- ئۇ نىچاغدىكى ئىشلار ؟
- راس گەپنى قىلە ھېبيىم ، رەيھانغا كۆڭلۈڭ بارمۇ ياكى ؟
بۇ سۇئالغا دەللا جاۋاپ بېرىشتىن ئېھتىيات قىلدىم:
- ئۇ كەتكەن تۇرسا بۇنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟
لېكىن مەن ئۈچۈن ئەھمىيىتى بار ؟
يۈرۈكۈم بىر نەرسىنى تۇيغان بولسىمۇ ئۇقمىغان بولىۋالدىم:
-
سەن ئۈچۈن ؟
- ھەئە، مەن ئانام بىلەن سېنىڭ ئاناڭنىڭ بىزنىڭ گېپىمىزنى قىلغىنىنى ئاڭلاپ قالدىم..
- ئۇلارنىم دېدى ؟
- ئۇ مېنىڭ تەنە قىلىۋاتقىنىمنى چۈشەنمەي :
بىزنى گۈل گۈلىگە كەلگەندەك ماس كېلىدۇ دېدى.
سېنىڭچىمۇ شۇنداقمۇ ؟
ئۇ ئاۋازىمنىڭ مەسخىرە قىلغاندەك چىقىپ كەتكىنىنى سەزدىمۇ ، ماڭا چوڭ كۆزلىرى بىلەن يەۋەتكۈدەك ئالايدى:
- مېنىڭچە بولسىغۇ سەندەك تالىپ مىجەز ئادەم بىلەن پەقەتلا خۇشۇم يوق، لېكىن كۆڭلىمنىڭ بىر يەرلىرى يەنە سېنى تارتىپ قالىدۇ ، ئەڭ مۇھىمى ھەم سېنىڭ رەيھانغا كۆڭلىڭ بارلىقىدىن بەك گۇمان قىلىمەن.
-نېمىشقا ئەمدى؟
- سەن بىلمەيسەن، ئۆتكەندە ئايشەم ھەدەم بىلەن گەپلىشىپ ئولتۇرۇپ سېنىڭ گېپىڭنى شۇنداقلا چىقىرىشىمغا ئۇ چالۋاقاپلا كەتتى، تېخى سېنى ئىگىسى بار دېدى، ئاندىن بىر دوپپىنى ئېچىقىپ ماڭا كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ : بۇ ھېبىيىم ئالىدىغان قىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان سوۋغىسى دېدى.
مەن بۇ گەپلەرنى قانداق يىغۇشتۇرۇۋېلىشنى ئويلىۋېلىش ئۈچۈن گەپنى قەستەن سوزدۇم:
- ئايشەم ھەدەم ئۇنىڭ كىملىكنى دېمەپتىغۇ، سەن دوپپىنى بەرگەن ئادەمنىڭ رەيھانلىقىنى قانداق بىلدىڭ ؟
- مېنى قاپاق كۆرىۋاتامسەن ؟ بۇ مەھەلىدە ئاشۇنداق چىرايلىق دوپپا تىكەلەيدىغان ئاشۇ رەيھاندىن باشقا يەنە كىم بار . مەندىن ساددا چىقمغاندىن كېيىن ئۇ يەنە گېپىنى داۋاملاشتۇردى :
قارىسامغۇ قوينىڭ قوزىسىدەك ياۋاش ساددا كۆرىنەتتى، دوپپا بىلەن سېننى ئىندەككە كەلتۈرىۋالغىنىغا قارىغاندا ئۇمۇ بىر تۈلكە جىنكەن.
ئۇنىڭ رەيھاننى تۈلكە جىن دېگىنىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى بېسىۋالالماي توۋلاپ كەتتىم :
- تولا خەخكە تۆھمەت قىلما. ئۇ كۆچۈپ كەلگەن تۆت بەشيىل ئىچىدە ماڭا قىلغان ھەممە سۆزىنى يىغساممۇ بىرە يۈز ئېغىز چىقىدۇ يا چىقمايدۇ، بىلىپ قوي ئۇ ھەرقانداق بىر قىزغا سېلىشتۇرمايمەن ، دوپپىغا كەلسەك مەن تىكىپ بەر دەپ يالۋۇرغاندا ئاندىن تىكىپ بەرگەن.
ئۇ دىمىقىنى قاقتى :
ئەجەپ بىر ئېغىز يامان گېپىنى قىلىپ قويسام چالۋاقاپلا كەتتىڭا ؟ قارىغاندا راسلا كۆڭلۈڭ بار ئوخشايدۇ ؟ بۇنداق خۇپسەللىك قىلغىچە ئۇچۇق گېپىڭنىلا قىلساڭ بولمامدۇ ، مەنمۇ ساڭا چاپلىشىۋالماستىم دېدى دە ، پىيادىلا كېتىپ قالدى .
     مەكتەپكە قايتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىش ئۈچۈن نەرسىللىرىمنى يىغۇشتۇرۇۋاتقاندا كىچىك ئاكام رەيھان تىككىپ بەرگەن دوپپىنى كۆرۈپ قالدى:
- ۋاھ، نەدىن ئالدىڭ بۇ دوپپىنى ؟
- بىر ئاغىنەم ئېلىپ بەرگەن ئىدى،- دېدىم مەن دۇدۇقلاپ .
- ئەكەل بولدى بۇ دوپپىنى مەنلا كىيىۋېتەي .
ئاكامنىڭ دوپپىنى سورىشىدىن ھۇدۇقۇپلا كەتتىم ، ياق دېمەكچى بولدۇميۇ تىلىم بارمىدى .
ئەجىبا رەيھان بەرگەن دەپلا ئاكامغا دوپپىغا چاغلىق نەرسىگە چىدىمىسام ھە، بەرمىگىغۇ خاپا بولۇپ كەتمەيدۇ، لېكىن كىچىكىمدىن ئاكامنىڭ ئەڭ ئامراق نەرسىلىرىنى مەن تارتىۋالاتتىم ، مەندىن جېنىنىمۇ ئايىمايدىغان ئاكامدىن مۇشۇ دوپپىنى ئايامدىم؟شۇ چاغدا نەچچە يىللار ئاۋالقى بىر ئىش يادىمدىن كەچتى، ئاكام بىر كۈنى شۇنداق چىرايلىق بىر خەنجەرنى پەيدا قىلدى، ئادىتىم بويۇچە خەنجەرنى تالاشتىم بەرمىۋېدى ، يىغلاپ تۇرۇۋالدىم ئاخىرى يىتتۈرۈپ قويماسلىقىمنى جېكىلەپ يېنىمغا ئېسىپ قويدى، لېكىن ئىككى كۈن ئۆتمەي ئوغرىغا بېرىپ قويدۇم، ئاكام قاتتىق خاپا بولۇپ كەتتى ، ئاكام توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ خەنجەرنى ھازىرقى يەڭگەم ئەستىلىك ئۈچۈن ئاكامغا سوۋغا قىلغىنىنى بىلدىم.
ئاخىرى يۈرۈكۈمنى سۇغارغاندەك قىلىپ ئاكامغا دوپپىنى ئۆز قۇلۇم بىلەن كەيگۈزۈپ قويدۇم، لېكىن سەللا كىچىك كېلىپ قالدى ، گەپ قلاي دېدىميۇ چىدىمىغاندەك بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن گەپ قىلمىدىم، بىردەمدىن كېيىن ئاكام دوپپىنى ياندۇرۇپ ئەكىلىپ ماڭا كەيگۈزۈپ قويدى، قىززىق يېرى دوپپا ماڭا نەقلا كەلدى.
رىسقىم يوق ئوخشايدۇ ، ماڭا كەلمەي قالدى دېسە، لېكىن ئالامەت چىرايلىق تىكىپتۇ بۇ دوپپىنى -، دېدى ئاكام ئەپسۇسلانغاندەك ،-
ئاغىنەڭ نەدىن ئاپتۇ بۇ دوپپىنى ؟ كىم تىكككەن دوپپىكەن ، دەپ بەرگىنە، مەنمۇ تىكتۈرىمەن.
ئاخ خۇدا ئەمدى نىم دەرمەن....
بۇ ..بۇ ماڭىمۇ دېمىدى..
ئاكام قىزىرىپ ئالاقىزادە بولۇپ كەتكەن چىرايىمدىن بىر نەرسىنى بايقىۋالماقچى بولغاندەك ئاشۇ ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ قارىدى:
- بىرە قىز تىكىپ بەرگەن ئوخشىمامدۇ ، ئېيتە سولتەك قايسى قىز ئۇ ؟
    ئاكامغا راس گەپنى دەيمۇ يا، دېمىسىمۇ كىچىك ئاكام بىلەن يېشىم بەك پەرىقلەنمىگەچە ئەڭ يېقىن سىردىشىم ئىدى. ھەتتا كىچىك ۋاقتىمدا ئۇ ماڭا ھەممە گەپلىرىنى دەپ بېرەتتى، لېكىن ئۇ چاغدا مەن كىچىك ئىدىم ھازىر بولسا چوڭ بولدۇم، ھەر قانچە يېقىن بولسسامۇ ئارىمىزدا پەردىششەپ بار ،قاراپ تۇرۇپ بىر قىزنىڭ گېپىنى ئاكامغا قانداق دەيمەن . شۇلارنى ئويلاپ جىملا تۇرۇۋالدىم، ئاندىن كۆزلىرىمنى ئاكامدىن قاچۇرۇپ تۇرۇپ:
- دېدىمغۇ، ئاغىنەم بەردى دەپ بەردى دەپ ، ماڭا ئىشەنمەمسەن .
- ئىشەنمەيدىغان گەپ يوق ، پەقەت سېنى بىلىپ بىلمەي خاتالىشىپ قالمىسۇن دەيمەن. ئېسىڭدە بولسۇن گېپىڭ بولسا مەندىن يۇشۇرما، ھەم شۇنىمۇ ئېسىڭدە تۇت، بەزى ئىشلاردا كۆزۈڭنى يوغانراق ئاچ ، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ شاپاققا تېيلىپ كەتمە، ئەگەر ئۆزۈڭ دەڭسىيەلمىسەڭ دادام بىلەن ئانامغا ، ئاكاڭغا قۇيۇۋەت، ئاسماندىكى ئاي بولسىمۇ ئۈزۈپ بەرگۈچىلىكى بار ...
   پىراكتىكا ۋاقتىم توشۇپ، مەكتەپكە قايتىدىغان ۋاقتىم باغانسىرى قىستاپ قېلىۋاتقاچقا، كۆڭلۈمدىكىنى ئۆيدۈكىلەرگە بىلدۈرشنىڭ بىرەر ئامالىنى تاپالماي پۇتى كۆيگەن تۇخىدەك تىپپىرلاپ قالدىم، ئالدىرغان سېرىم كاللام تۇرمۇزلۇنۇپ ئامال تاپالمايۋاتاتتىم،مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا، سىنىپىمىزدىكى نەچچە قىز بالا ئۆزىنىڭ ئوغۇللار بىلەن يۈرۈۋاتقانلىقىنى ، ئاتا_ ئانىسىغا دەپ يىگىتىنى ئۆيىگە ئاپارغانلىقىنى ، ھەتتا ئۆزىنىڭمۇ بولغۇسى قېيىنئانىسى » نىڭ ئۆيىگە بېرىپ نەچچە كۈن تۇرغانلىقىنى دەپ بەرگەن ئىدى (لېكىن ئۇلار نەچچە ئاي ئۈتۈپلا ئايرىلىپ كېتىشكەن) ئۇلارنىڭ گەپلىرى ماڭا فانتازىيەدەكلا تۇيۇلاتتى ، ئۆزۈمگە سەندە ئاشۇ قىزلارچىلىكمۇ يۈرەك يوقمۇ دەپ ھەرقانچە غەيرەتلەنسەممۇ قاراپ تۇرۇپلا بىر قىزنىڭ گېپىنى ئانامغا دېيىش مەن ئۈچۈن ئاسماندىكى ئىش ئىدى.
      شۇنداق قىلىپ ھېچ قانداق ئامال تاپالماي مەكتەپكە قايتىدىغان ۋاقىتمۇ يېتىپ كەلدى...
      شۇ كۈنى كېچىدە ئۇيقۇم كەلمەي ئايۋاندىكى سۇپىدا ياتسام يۈرۈكۈم رىتىمى تۇيۇقسىز قالايمىقانلىشىپ كەتكەندەك بۇلۇپ، جىسىم قاتتىق قىزىىشىپ كەتتى ، يۈرۈكۈم قەپەسكە ئۆزىنى ئۇرۇۋاتاق شىردەك قاتتىق ھەم قالايمىقان سۇقاتتى، ئاخىرى قىزىشىپ چىدىماي، مۇزلۇق باكنى مەيدەمگە باستىم، يەنە قاتتىق بىر ئەندكىپ خىياللىرىم بىر يەرگە يىغىلىشقا باشلىدى، رەيھان تىككەن دوپپىنى ئويلاپ كۆز ئالدىم پاللىدە يۇرۇدى.. ئايشەم ھەدەم نىمىشقا يادىمغا كەلمەيدۇ...خەت يېزىپ ئۇنڭغا بىرىپ قويسام، مەن كەتكەندىن كېيىن ئاكامغا بەرسە بولمىدىمۇ ، بۇنداق بولغاندا مەنمۇ ئاكامنىڭ ئالدىدا خىقىلچىلىقتا قالمايمەن..
     خوشلۇقۇمدا بەش ياش ۋاقتىمدا بىر غىڭشىپ باققانچە ئېغىزىمغا ئېلىپمۇ باقمىغان بىر ناخشىنى غىڭشىغاچ ،خەتنى يېزىشقا باشلىدىم:جېنىم ئاكا ، دەي دېسەم تىلىم دېمەي دېسەم دىلىم كۆيىدىغان بىر تىل قىسىنچىلىقىم بولۇپ قالدى، ئالدىڭدا دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم...شۇڭا ئامالسىز بۇخەتنى يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم، سەنمۇ بىلىسەن ئوقۇشۇم پۈتكىلى يېرىم يىللا ۋاقىت قالدى.... ئانام داداملارنىڭ ئېغىزىدا ھېلىتتىنلا مېنى ئۆيلەشنىڭ گېپى ئەدەپ كېتىۋاتىدۇ، ئانام مېنى نەچچى قېتىم چېكىپ كۆردى، لېكىن خىجىل بولۇپ كۆڭلىمدىكىنى بىلدۈرەلمىدىم، لېكىن ساڭا دېمەكچىمەن، زۆھرە ئاپامنىڭ رەيھان ماڭا ھەممە قىزلاردىن بۆلەكچىلا كۆرىنىدۇ، لېكىن ئۇلار ئۇقۇشۇم پۈتتۈرگۈچە كېتىپ قالدى، ئانام قارىم تاغامنى ئۈرۈمچىدىن تېلفۇن قىلىپتۇ دەيدۇ ، لېكىن ،ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىش كەلمەسلىكى ئېنىق ئەمەسكەن ، ئەمما ماڭا رەيھان چۇقۇم قايتىپ كېلىشى كېرەك، جېنىم ئاكا، خىجىل بولىدىكەنمەن دەپ ئېغىز ئاچماي دېسەم ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قېلىشتىن قورقتۇم. شۇڭا نىمە بولىشتىن قەتئىي نەزەر سەن ماڭابۇ ئىشىمنى قىلىپ بەرمىسەڭ بولمايدۇ، سەن چۇقۇم قىلالايسەن...
خەتنى مۇشۇنچىلىكلا يازدىم ، چۈنكى ئاكام مېنىڭدەك ئۇكىسىنىڭ كۆڭلىنى چۇقۇم چۈشۈنەتتى ، چۇقۇم ئىلگىركى نۇرغۇن قېتىملارغا ئوخشاش ماڭا يۆلەك بولاتتى .
خەتنى سەھەردەئايشەم ھەدەمگە ئېچىقىپ بېرىپ، مەن كەتكەندىن كېيىن ئاكامغا بېرىشنى تاپىلاپ قويۇپ ئازراق خاتىرجەم بولدۇم...


                      *                    *                                    *

    دۆڭكۆۋرۈكننىڭ قايناق بازارلىرىدا كېتىۋېتىپ كىشىلەر توپىدىن ئاشۇ تۇنۇش سىمالارنى ئىزدەيتتىم ، كوچىنىڭ بويىدا قەغەز يەشىكنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئۇششاق نەرسە سېتىۋاتقان كىچىك بالىلار ئىچىدىن ئەزھەرنى تېپىۋالىدىغاندەك، مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى بىلەن ئاق مەسچىتكە ئېقىۋاتاقان كىشىلەر توپى ئىچىدىن قارىم تاغامنىڭ سىماسىنى ئۇچۇرتۇپ قالىدىغاندەك ئالدىراش كىشىلەر توپىغا دىققەت قىلاتىم، لېكىن كوچا كۇيلاردا يايما ئېچىۋاتقان ئاياللارغا، ئۇزۇن كۆڭلەكلىك قىزلارنىڭ ئارىسىدىن زۆھرە ئانامنى ،رەيھاننى ئىزدەپ يۈرمەيتتىم ، چۈنكى مەن قارىم تاغامنىڭ ھەرقانچە غۇربەتچىلىكتە ، قىيىنچىلىقتا قالسىمۇ زۆھرە ئانامنى كوچىدا يايما ئېچىشقا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئەلۋەتتە كىچىك ئەزھەرمۇ ھەرقانچە جاپا تارتسىمۇ ئۆزىنىڭ پەرىشتە ئاچىسىنى ئوقەت قىلىشقا يول قويمايتتى...مەن پەقەت رەيھاننى مۇشۇ شەھەردىكى قايسىدۇر بىر ئېگىز ئەمما كاتەكتەك ئۆيلەرنىڭ بىرىنىڭ دەرىزىسىدىن يىراقلارغا قاراپ خىيال سۈرۈۋاتقان ياكى كەشتە تىكىپ ئولتۇرۇپ ئاللىقانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى يادىغا كەلتۈرۈپ بىر نۇقتىغا تىكىلىپ ئولتۇرغان ھالەتتە كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتتىم... ئۇ ئاشۇ مېھرى ئىسسىق مەھەلىسىنى ، جەنەتتەك ھويلىسنى، گۈللىرى سېغىنغاندۇ ، ئاشۇ شۇنچە كۆپ سېغىنىشلىرىنىڭ ئىچىدە بېزەڭلىك قىلىپ تولا ھويلىسىغا كىرىۋالدىغان ، ئاتلىرىنى ئۆستەڭگە قۇيۇۋېتىپ سۇ ئالغىلى قويمايدىغان ماڭا چوقۇم ئازراق بولسىمۇ ئورۇن بېرىدۇ . مۇشۇ ئويلار ئاچچىق ھىجران، چېكى يوق سېغىنىش ئىچىدە ئۆرتىنىۋاتقان يۈرۈكۈمگە ئازراق بولسىمۇمەلھەم بۇلۇدۇ...
    قېرىشقاندەك ئاكامدىن ھېچقانداق خەۋەر كەلمىگەچكە يۈرۈكۈمنى قايتىدىن ئەنسىزچىلىك چۇغلىۋېلىشقا باشلىدى...لېكىن ئاكامنى ئالدىرتىشقا پېتىنالمىدىم...

                         *                              *                               *

      قۇربان ھېيت كۈنى كۈزنىڭ ئاچچىق شاماللىرى دۆڭكۆۋرۈكتىكى ئارقا كوچىدا كېتىۋاتاقان تالاي مۇساپىرلارنىڭ چاپاننىڭ ياقىسى ئىچىگە كىرىۋېلىشقا مەجبۇر قىلاتتى، بۇلارنىڭ نە جان سىققۇدەك تۈزۈكرەك تۇرار جايى ، يارۇ بۇرادەرلىرى يوق ، ئۇلارنىڭ ئىسسىق تۇرا جايى ئۇلارنى سىغدۇرمىغان، يۇرتىدىكى تۇنۇش چىرايلار  بۇلارغا ئاھانەت قىلغان ....
    ئۆز يۇرتىنىڭ كەڭرى باغرىغا سىغمىغان، قەدەملىرى بۇغۇلغان تالاي جانلار ، مۇشۇ ئۈرۈمچىنىڭ ئىس ۋە تۇمان بىلەن تولغان تار كوچىللىرىدا ، گەرچە مۇساپىرچىلىقتا غۇربەتچىلىكتە قالسىمۇ ئەركىن نەپەس ئېلىپ، قەدەملىرىنى خالىغانچە  يۆتكەپ ئىنساندەك ياشىيالايدۇ...
    رەيھانلارمۇ شۇ ئۇلارنىڭ كەڭرى ھويلىسىغا باغلىرىغا سىغمىغان جانلىرى مۇشۇ شەھەرنىڭ نامەلۇم بۇلۇڭىدىكى كاتەكتەك ئۆيلەرگە ئازادە سىغىدۇ. لېكىن رەيھان قايتىپ كېلىشى، مېنىڭ گېپىدە تۇرمايدىغان يالغانچى باھارىمنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشى كېرەك .
  ئويغاق چاغلىرىمدا تالاي گۈزەل چۈشلەرنى كۆرىمەن.. گۈللۈك ياغلىق ئارتىپ ، ئۇزۇن ئەتلەس كۆڭلەك كىيىۋالغان رەيھان ئۆيمىزنىڭ ئالدىدىكى گۈللەرگە سۇ قۇيۇدۇ، ئايۋاندا ئولتۇرۇپ كەشتە تىكىدۇ، مەن باغدا كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ قىزىل گۈلنىڭ بەرگىللىرىنى ئۈزۈۋاتقان ھالىتىنى تاماشا قىلىمەن... ئات ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ دەريادىن سۇ ئەكىلىمىز.... .
قەلبىمدە ئاشۇ ئاجىز ئۈمۈت يەنلا يېنىپ تۇرۇدۇ ...يالغانچى باھارنىڭ يەنە بىر قېتىم يالغان ئېيتىپ رەيھاننى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بېرىشىنى، قەلبىمدىكى جۇداللىقنىڭ ئاچچىق شىۋىرغانلىرىدا ئۈششۈپ كەتكەن چېچەكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ، ئارزۇ -ئارمانلىرىمنى مېۋە بېرىشكە نېسىپ قلىشىنى كۈتىمەن....

                                              تۈگىدى
                                         2014  يىلى 5 ئاي

سەمىمىي ئەسكەرتىش : بۇ ئەسەر مېنىڭ ھازىر  مەتبۇئاتقا   تەييارلاۋاتقان  چوڭراق ھەجىمدىكى بىر ئەسىرىمدىن ئۆزگەرتىپ ۋە قىسقارتىپ ئېلىندى،  شۇڭا ئۆزۈمدىن باشقىلانىڭ باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرىشى چەكلىنىدۇ...
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

7

دوست

4052

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17606
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1208
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 01:20:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقارتىپ ئېلىنغاچمۇ ئاخىرى ھەجەپ تىزلا تۈگەپ كەتتىيا؟ زولاپ تۈگىتىۋەتكەندەك! ئەسەر تىلى باشتىن ئاخىر شۇنداق راۋان، تىتىملىق چىقىۋاتقانىدى، ئاخىرى چىقمىغان ئەسەرنى ئوقۇغاندەك بولۇپ قالدىم، يەنە ئاخىرى بارغۇ دەپ قارىسام تۈگىدى دەيدۇ، بەلكىم مىنىڭ كۈتكىنىمدەك چىقمىغاچ شۇنداق تۇيغۇغا كەپ قالغاندىمەن. لىكىن ئەسەر بەك رەتلىك ھەم راۋان، چۈشىنىشلىك چىقىپتۇ، ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق ياخشى يىزىلغان پوۋىسىت ئوقۇمىغىلى، ئۇسسىغان يەرگە باردى، رەيھان بىلەن  «مەن» ئاخىرى زادى قانداق بولىدىغاندۇ ،«مەن» رەيھاننى تاپالامدىغاندۇ؟

9

تېما

3

دوست

2223

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 11:47:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
quxanmaysan يوللىغان ۋاقتى  2014-6-7 01:20
قىسقارتىپ ئېلىنغاچمۇ ئاخىرى ھەجەپ تىزلا تۈگەپ كەتتىيا ...

ئەسەر كۆپ بايانلىرى  قىسقارتىپ ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي گەۋدىسى پۈتكەن... داۋاملاشتۇرساممۇ بۇلاتتى، لېكىن ۋەقەلىكىنى مەجبۇرى خۇلاسىلەپ  قويسام بەدىيلىكىگە تەسىر يېتىدىكەن،،،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ۋىسالغا يېتىش ئۈچۈن يەنە  مۇۋاپىق ، تەبىي ۋەقەلىك بولمىسا يەنە بولمايدۇ...شۇڭا  مەننىڭ تىلى بىلەن ۋىسالغا بولغان ئاجىز بىر ئۈمۈد ئارقىلىق ئاياغلاشتۇرۇشنى  لايىق تاپتىم....

2

تېما

0

دوست

421

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   60.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28698
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 120
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 16:19:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىققان ئەسەركەن شۇنداق سۇيۇندۇم.
قەلەم قۇۋىتىڭىزدىن خېلى پىشقان يازغۇچىدەك قىلىسىز ،مىنى ئاشۇ سەھرالارغا ئاپاردىڭىز.
سىزگە كۆپ رەخمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )