ئوقۇتقۇچىلىق سېپىگە تۇنجى قەدەم قويغان ۋاقىتىمدا، يىراق بىر يېزا مەكتەپكە تەقسىم قىلىندىم،مەن تەقسىم قىلىنغان مەكتەپ ،يېزا مەركىزىدىن 50 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ،ئۇ ۋاقىتلاردا (89-يىللار)قاتناش ھازىرقىدەك راۋان بولمىغاچقا ،بارغان تۇنجى كۈنۈم ،مەن بىلەن بىرگە تەقسىم قىلىنغان ئۈچ قىز بىلەن بىرگە يېزا مەركىزىدە ماشىنىدىن چۈشىۋېلىپ ،دادۈي سېكىرتارىنىڭ تەرەكتۇرىدا، بىزنى تەقسىم قىلغان مەكتەپكە ماڭغان ئىدۇق،ئوي –دۆڭغۈل يولدا تەرەكتۇرنىڭ سىلىكشى بىلەن ئاغرىغان بەل –پۇتلىرىمىز بىز تۆتىمىزگە باھانە بولۇپ ،تەرەكتۇر ئۈستىگە قويۇلغان تېڭىقلىق يوتقان –كۆرپىمىزگە بېشىمىزنى قويۇۋېلىپ ھارغۇچە يىغلاشقان ئىدۇق،كەچتە سېكىرتارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ، ئەتىسى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئالغىلى كېلىشى بىلەن مەكتەپكە باردۇق،بېرىپلا تۆت ئەتراپى ئوچۇق،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاراڭ –چۇرۇڭلىرىدىن مەكتەپ ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان مەكتەپنى كۆرۈپ ئاخشامقى يىغىمىز گېلىمىزنى غىدىقلاپ ئۆتكەن ئىدى، ئوقۇتقۇچى بولغان تۇنجى كۈنىلا مەكتەپنىڭ بۇ ۋەيرانە قىياپىتىنى كۆرۈپ،بوغۇزۇمنى ئاچچىق يىغا قاپلاپ، ئوقۇتقۇچى بولغۇم كەلمىگەن،ئائىلەمگە كەتكۈم كەلگەن ئىدى.بىراق يەنىلا كەتمىدىم،شۇ ئەتراپى ئوچۇق بولغان،مەكتەپكە ئانچە ئوخشىمايدىغان بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولىۋەردىم،چۈنكى دادامنىڭ (دادام مائارىپ سېپىدە 38 يىل خىزمەت قىلغان شەرەپلىك ئوقۇتقۇچى) ‹‹ئوقۇتقۇچىلىق –جاپالىق ئەمما شەرەپلىك خىزمەت، بىلىم بېرىپ ،قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتۇش ئىككى ئالەملىك ساۋاپلىق ئىش››دېگەن سۆزى ھەم ۋىجدانىم ، دادام–ئاپامنىڭ ئىزباسارى بولۇش مېنى توختۇتۇپ قويغان ئىدى،بۇ مەكتەپتە ئۈچ يىل ئوقۇتقۇچى بولۇش جەريانىدا ئاتا –ئانىلارنىڭ تىل –ھاقارەتلىرىنى ئاڭلاش،ئائىلە سۆھبىتىگە چىققاندا ئىتلىرىنى قويۇپ بېرىپ قورقۇتۇش،باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشى،تۇرمۇش مۇقىم كاپالەتكە ئىگە بولماسلىق،.....قاتارلىق نۇرغۇنلىغان جاپالارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بولساممۇ،‹‹ئوقۇتقۇچى بولمايمەن››دېگەننى قانچە قېتىم ئويلىغان بولساممۇ ،بىراق ھېلىقى سەبىي،تىلى چۈچۈك يېزا بالىلىرىنىڭ مۆلدۈرلەپ تىكىلىپ تۇرغان قارا كۆزلىرى،خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئاتا –ئانامدىن چارە كۆيۈنۈشلىرى ،بولۇپمۇ بۇ مەكتەپتىن يۆتكۈلۈپ كېلىدىغان ۋاقتىمدا سەبىي بالىلارنىڭ پۇتۇمغا ئېسىلىپ تۇرۇپ ‹‹خانىم ،كەتمەڭ..››دەپ يىغلاشلىرى ،خىزمەتداشلىرىمنىڭ قىيالماسلىق بىلەن قاراشلىرى (ئۇ ۋاقىتتىكى تەسىرلىك مەنزىرىلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم ھازىرمۇ ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ كۆزلىرىمگە ياش كېلىدۇ)داۋاملىق ئوقۇتقۇچى بولۇشۇمغا تۈرتكە بولدى.
يۆتكىلىپ كېلىدىغان ۋاقتىمدا ئەسلى رەسمىيىتىمنى ئاياللار بىرلەشمىسىگە يۆتكىمەكچى بولغان ئىدى،دەسلەپتە ماقۇل بولغان ئىدىم،بىراق بىرنەچچە كۈندىن كېيىن يۈرىكىمگە قول سېلىپ كۆرۈپ ،ئۆزۈمنىڭ بۇ كەسپكە ھەقىقىي ئىشتىياق باغىلغانلىقىمنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ ،يەنىلا ئوقۇتقۇچى بولۇش يولىنى تاللىدىم.
بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى شەھەرگە قاراشلىق ھەرقايسى ئىجتىمائى ئاھالىلار رايونىغا يۆتكەپ ئىشلىتىش ئۇقتۇرىشى چۈشۈپ ،شەھەر –يېزا مەكتەپلىرىدىن خېلى نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار يۆتكىلىپ چىقىپ كەتتى،مېنىڭمۇ دەسلەپتە چىقىپ كەتكۈم كەلدى،بىراق يۈرىكىمنى تىڭشاپ كۆرسەم ،مەن يەنىلا ئوقۇتقۇچى بولۇشقا لايىق ئىكەنمەن، پەقەت ئوقۇتقۇچى بولغۇملا باركەن.
ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ جاپاسىنى ئوقۇتقۇچى بولۇپ باققان ئادەم ھەقىقىي چۈشىنىدۇ،يىگىرمە نەچچە يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا ئىزچىل سىنىپ مۇدىرى بولۇپ كەلدىم،بۇ جەرياندا تارتمىغان مۇشەققەتلىرىم قالمىدى،خىزمەتلەرنىڭ بېسىمى ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كەتكەندە،خىزمىتىمدىن بىزار بولغاندەك،زېرىككەندەك بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ، بەزىدە ‹‹ئۆز ۋاقتىدا ئاياللار بىرلەشمىسىدە ئىشلىگەن بولسام ياكى ئاھالىلار كومېتىتىغا ئالمىشىپ چىقىپ كەتكەن بولسام››دېگەنلەرنى ئويلايمەنيۇ،بىراق بۇ ئويلىرىم بىرنەچچە سائەتلىك بولىدۇ.ماڭا مۆلدۈرلەپ تىكىلىپ تۇرغان شۇ سەبىي كۆزلەرنى كۆرگەندە ،قانداقمۇ ئوقۇتقۇچى بولماي تۇرالايمەن؟
‹‹خانىم،مىجەزىڭىز يوقمۇ؟،ئاپا،ۋۇي ،ياق خانىم،كۆينىكىڭىز بەك يارىشىپتۇ،خانىم،تەتىل بولسا بەك زېرىكىپ كېتىدىكەنمەن،خانىم تېنچلىق تۇردىڭىزمۇ؟سىزنى كۆرگۈم كېلىپ تېلىفون قىلغان ئىدىم،خانىم....››يۈرەكلىرىمنى سۆيۈندۈرۈپ،پۈتكۈل ھاردۇقلىرىمنى ئاللىقاياقلارغا چۆرىۋېتىدىغان بۇ چۈچۈك سۆزلەرنى ئاڭىلغىنىمدا قانداقمۇ ئوقۇتقۇچى بولماي تۇرالايمەن....؟
‹‹تېچلىق تۇرلىمۇ خانىم؟بالام سىلىنى ئاغرىپ دەپ كەپتىكەن،يوقلاپ كەلگەن ››‹‹بالىمىزنى سىلىگە تەپشۇردۇق خانىم،كۈچىلىرىنىڭ يېتىشىچە ياخشى تەربىيلەپ بەرسىلە،سىلىدىن ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا رازى بولاتتۇق››‹‹بىزنىڭ خانىم بەك ياخشى دەپ ئاغزى –ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىدۇ سىلىنى..››
‹‹تېچلىق تۇردىڭىزمۇ خانىم،سىزنى يوقلاپ كەلگەن ئىدۇق،ئوتتۇرا مەكتەپكىمۇ بىز بىلەن بىرگە چىقىپ .بىزگە دەرس ئۆتكەن بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى، يەنىلا باشلانغۇچ مەكتەپ ياخشىكەن››
‹ ‹تېچلىق تۇرلىمۇ خانىم،بىز سىلىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى پالانى بولىمىز،سىىلىنى يوقلاپ كەلگەن ئىدۇق، بىزنى تونىلىمۇ ؟››دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۆزۈمنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن،شۇنداق تۇرۇپ قانداقمۇ ئوقۇتقۇچى بولماي تۇرالايمەن؟
ھەرقانچە مۇشەققەتلەرنى تارتساممۇ،چارچىساممۇ يەنىلا ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار. شۇ سەبىي كۆزلەرگە قارىغىنىمدا تېنىمدە بىر خىل كۈچ –قۇۋۋەت پەيدا بولىدۇ،ئۇلارنىڭ چۈچۈك سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا يۈرىكىم ‹‹شۇررىدە››ئېرىپ كېتىدۇ.
شۇڭا مېنى ‹‹ئوقۇتقۇچى بولما››دېمەڭلار،مېنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار...
مەنبە : كۆڭۈل ھېسلىرىم
ئەسكەرتىش:بۇ ئۆزۈمنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرى،يۈرىكىمدىن چىققان سۆزلەر.بەلكىم نۇرغۇنلىغان جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى بولىشى مۈمكىن.... |