سەھەر ۋاقتى تۆت يېرىمدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك ئالىي ئوقۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇنلىغان داڭلىقلارنى تەربىيەلەپ چىقتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 8 ئامېرىكا پېرزدىنتى، 40 نەپەرنوبىل مۇكاپاتى ساھىبى، 30 نەپەر پۇلىتزېر مۇكاپاتى ساھىبى، شۇنىڭدەك ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى قابىللار بار، خارۋاردقا نەزەر تاشلايدىغان بولسىڭىز سىز قابىللارنىڭ تالانىتلىقلاردىن ئەمەس بەلكى ھەقىقى ئىجتىھاتلىقلار ئىچىدىن يىتىشىپ چىققىنى كۆرەلەيسىز. ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى «سەھەر ۋاقتى تۆت يېرىمدا» تېمىسىدىكى مەخسۇس سەھىپىلىك نومۇرئىشىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا سۆزلەنگىنى ئادەتتىكى بىر سەھەر ۋاقتى تۆت يېرىمدىكى خارۋارد كۈتۈپخانىسى، كۈتۈپخانىدا ئۈن-تۈن چىقارماي كىتاپ كۆرۈۋاتقان، ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرىۋاتقان، تەپەككۇر سۈكۈناتىغا غەرق بولۇشقان خارۋارد سىتودىنتلىرى ئىكەن... خارۋاردتىكى مۇئەللىملەرمۇ ھەمىشە ئوقۇغۇچىلارنى:«ئەگەر سىز كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ھەرقانداق بىر ۋاقىت، ئورۇنغا ماسلىشىپ، تېگىشلىك باھاغا ئېرىشىمەن دەيدىكەنسىز، ئۇنداقتا خارۋاردتىكى چېغىڭىزدا ئاپتاپ سۇنۇشنى ئويلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىكەن. «ئىشلىسەڭ ئالارسەن قاپلاپ ئاش،ئىشلىمىسەڭ قالارسەن چايناپ تاش»،توغرا، بىز خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زادى نېمەئۈچۈن قابىللارنى يىتىشتۈرىدىغان بۆشۈككە ئايلانغىنى ھەققىدە شۆلگەيلىرىمىزنىئېقىتقىنىمىزچە ھەسرەتلەنگىنىمىزدە، ئۆزىمىز ھەققىدىمۇ ئويلىنىپ بېقىشىمىز، ھەقىقىئىجتىھات بىلەن تىرىشىپ باققان، باقمىغىنىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشىمىز كىرەك... ئەگەر سىز خارۋاردنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىغا قاراپ باقىدىغان بولسىڭىز، كۇسۇلداشقان ئاۋازنى ئاڭلىمىقىڭىز تولىمۇ تەس، پىسا، كۇلالارنى كۆتۈرىۋالغان ئوقۇغۇچىلار بىر جايغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، تاماق يىگەچ كىتاب كۆرىدۇ ياكى خاتىرە يازىدۇ، تاماق ۋاقتىدىنمۇ تولۇق پايدىلىنىدۇ، يەنى خارۋاردنىڭ ئاشخانىلىرىنى تاماق يىگىلى بولىدىغان كۈتۈپخانىلا ئەمەس، بەلكى خارۋاردنىڭ 100 رەسمىي كۈتۈپخانىسىنىڭ سىرتىدىكى بىرەسمىي كۈتۈپخانىلىرى دىيىشكىمۇ بولىدۇ. خارۋاردتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋاقتى كىچە-كۈندۈزگە ئايرىلمايدۇ، يېرىم كىچىدە بولسۇن، سۈبھىدە بولسۇن، پۈتكۈل مەكتەپ قورۇسىدا چىراقلار يۇپيۇرۇق يېنىپ تۇرىدۇ، ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ كىچە بولمايدىغان شەھەر دىېيىشكەبولىدۇ، ئاشخانىدا، كۈتۈپخانىدا، سىنپتا يەنە تېخى كىتاب كۈرۈۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بار... مانا مۇشۇنداق ئاجايىپ كۈچلۈك ئۆگىنىش كەيپىياتى خارۋاردتىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئىلھام بولغان... خارۋاردتىكى تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرى ھەر بىر مەۋسۇمدا ئاز دېگەندە تۆت خىل دەرىسنى تاللاپ ئوقۇيدۇ، بىر يىلدا 8 دەرىس، تۆت يىلدا 32 دەرىسنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتسە ئاندىن ئوقۇش پۈتكۈزەلەيدۇ، يەنە كىلىپ خاۋاردتا تاپشۇرۇقنىڭ سالمىقى ئېغىر، ئوقۇغۇچىلار دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا كۆپلەپ ۋاقىت ئاجرىتىپ، كىتاب كۆرۈشى، دېلو مىساللىرىنى تەكرار قىلىشى كېرەك، ھەربىر قېتىملىق دەرىس ئۆتۈلۈشتىن بۇرۇن چوقۇم كۆپلەپ ئالدىن تەييارلىق قىلىشى كېرەك، ئالدىن تەييارلىق پۇختا بولغاندىلا ئاندىن دەرىسخانىدا باشقىلار بىلەن پىكىرئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، بولمىسا سىز ھەرقانچە قىلسىڭىزمۇ دەرسىكە كىرىشەلمەيسىز... خارۋارد سىتودىنتلىرىنىڭ مانا مۇشۇنداق قېتىرقىنىشى تۈپەيلىدىن مەكتەپ قورۇسىنىڭ خالىغانلا بىر يېرىدە سىز ئۇخلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچرىتىشىڭىز مۇمكىن، ئەدناسى ئاشىخانىلاردىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقلاردىمۇ خورۇلداپ ئۇيقۇغا كەتكەنلەرنى ئۇچرىتىش ھەيران قالارلىق ئەمەس بولۇپ، ئەتراپىدا تاماقلىنىۋاتقانلارمۇ بۇنىڭغا ئەجەبلىنىپ كىتىشمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار جايغىدا ئۇيقۇغا كېتىشكەن ئوقۇلداشلىرىنىڭ راستىنلا بەك ھېرىپ كەتكىنىنى چۈشىنىدۇ... ئۇنداقتا، خارۋارد ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇنچىۋالا قەتئىي ئېتىقاد بىلەن تىرىشىشىدىكى سەۋەب زادى نېمىدۇ؟ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۈتۈپخانا تىمىدىكى 20 تۈرلۈك مىزاندىن بەلكىم بۇنىڭغا جاۋاب تېپىلىپ قالار... 1. ئۇخلاۋاتقان ئاشۇ دەقىقىدە سىز بەلكىم چۈش كۆرىشىڭىز مۇمكىن، ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ئاشۇ دەقىقىدە بولسا بەلكىم چۈشىڭىزنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن. 2. ئىسراپ قىلىۋەتكەن بۈگۈنۈم دەل مەن باشقىلارغا يېلىنىپ–يالۋۇرۇپ ئۆزۈمنى خار قىلىۋاتقان ئەتەمدۇر. 3. سىز ئەمدى بەك كەچ بولۇپ كەتتى، دېگەندە بەلكىم ۋاقىت تېخى بەكلا بالدۇر بولىشى مۇمكىن. 4. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويۇشقا زىنھار بولمايدۇ. 5. ئۈگۈنۈش قىلىۋاتقان چاغدىكى قىينىلىش ۋاقىتلىقتۇر، ئۈگىنەلمەسلىكتىكى ئازاب بولسا مەڭگۈلۈكتۇر. 6. ئۈگۈنۈشتە كەم بولدىغىنى ۋاقىت ئەمەس بەلكى تىرىشچانلىقتۇر. 7. بەخىتنى دەرىجىگە تىزغىلى بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما مۇۋاپىقىيەتنى دەرىجىگە تىزغىلى بولىدۇ. 8. ئۆگىنىش ئەلۋەتتە كىشلىك ھاياتنىڭ پۈتۈن قىسىمى ئەمەس، بىراق ھاياتىىمزنىڭ بىر قىسىمى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى ھەل قىلالمىساق بىز يەنە نېمىمۇ قىلالارمىز؟ 9. ئۆزىڭىزنى چەتكە ئېلىشىقا ئامالسىزبولغان مۇشەققەتتىنمۇ ھوزۇرلىنىپ بېقىڭ. 10. باشقىلاردىن بالدۇرراق ھەم قېتىرقىنىپ تىرىشالىغىنىڭىزدىلا ئاندىن مۇۋاپىقىيەتنىڭ تەمىنى تېتىيالايسىز. 11. ھېچكىممۇ مۇنداقلا مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشەلىگەن ئەمەس، مۇۋاپىقىيەت ئۈزۈل-كىسىل بولغان ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە قەتئىيانە ئېرادىىنىڭ مىۋىسى. 12. ۋاقىت «ئېقىپ كېتىۋاتماقتا». 13. ھازىر ئېقىۋاتقان شۆلگەي دەل ئەتىكى كۆز ياشتۇر. 14. ئىتتەك ئۈگۈنۈش، مۆتىۋەردەك ئويناش كىرەك. 15. بۈگۈن ماڭمىسىڭىز ئەتە يۈگۈرىشىڭىز مۇمكىن 16. كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغۇچى دەل بۈگۈندىكى رېئاللىققا سادىق بولغۇچىدۇر. 17. مائارىپ تەربىيەسى كۆرۈش دەرىجىسى كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ۋەكىلىدۇر. 18. ئۆتۈپ كەتكەن بىر كۈن مەڭگۈ قايتا كەلمەيدۇ. 19. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ رىقابەتچىڭىز يەنىلا توختىماي كىتاب بەتلىرىنى ۋاراقلاۋاتقان بولىشى مۇمكىن.
|