قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2589|ئىنكاس: 9

قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ بىرى-قاسىم پالۋان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

1

دوست

1186

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26579
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 62
تۆھپە : 486
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 17:40:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قاسىم پالۋان 1931-يىلىدىكى قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ بىرى ۋە مەشھۇر خەلق قەھرىمانى.
    قاسىم پالۋان 1885-يىلى قومۇل شەھرىنىڭ غەربىي تاغ يېزىسى قالغايتى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دىنىي ئۆلىما سېيىت ھاجى (1850-1904) ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كېچىكىدىنلا زېھنى ئۆتكۈر، تىرىشچان بالا بولۇپ، ئائىلىسىدە ئوقۇپ تېزلا ساۋادىنى چىقارغان ھەمدە ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق دىنىي ساۋادىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان.
      قاسىم پالۋاننىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرى ليۇ جىنتاڭ ①(刘锦堂)، ۋېي گۇاڭتاۋ② (魏光涛)، تاۋمۇ③ (陶摸) روۋ يىڭۇچى④ (饶应祺) قاتارلىقلار شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان جاھالەت دەۋرىگە توغرا كەلگەچكە، ئۇ چاغلاردا قومۇلدا بىرەر بىلىم يۇرتى بولمىغاچقا ئۇ ئەتراپلىق بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغان.
قاسىم پالۋاننىڭ دادىسى سېيىت ھاجى بىلەن ئاپىسى بۈنىيازخان ھاجى (1856-1930) لار ئوقۇمۇشلۇق، ئىلىم سۆيەر كىشىلەر بولغاچقا، ئۇلار بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇلار 1903-يىلى ئىككىنچى ئوغلى⑤ تاھىر ھاجىنى (1878-1937) ئېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ ھەج-تاۋاپ قىلىپ قايتىشىدا ئالغاچ كەلگەن«قىسسەسۇل ئەنبىيا»، «شاھ مەشرەپ» ۋە «مىفتاھۇل جىنان» قاتارلىق كىتابلار⑥ بىلەن پىششىق تونۇشقان
     قاسىم پالۋاننىڭ يۇرتى قالىغايتى تاغلىق رايون بولغاچقا، ئۇ ئون نەچچە ياشقا كىرگەندە ئائىلىسىنىڭ چارۋا ماللىرىنى بېقىش ئىشلىرىگە ياردەملىشىش بىلەن بىرگە دادىسى سېيىت ھاجىنىڭ «توققۇز ئاتار» مىلتىقىنى ئېلىپ، تاغ-داۋانلارغا بېرىپ ئوۋچىلىقنى ئۆگىنىدۇ. ئۇ، ئوۋچىلىققا كۈچلۈك ئىشتىياق باغلاپ، بەزىدە ھەتتا ئايلاپ تاغ-داۋانلارنى كېزىپ ئوۋچىلىق قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ قاسىم پالۋان ياش ۋاقتىدىلا ئوۋچىلىقتا پىشىپ، ئۇستا مەرگەن بولۇپ يېتىلىدۇ ھەمدە ئەل ئارىسىا «قاسىم پالۋان» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىشقا باشلايدۇ ۋە ئومۇملىشىدۇ (قومۇللۇقلار باتۇر كىشىلەرنى «پالۋان» دەپ ئاتايدۇ). ئۇ ئوۋغا چىقسا ھەرگىز قۇرۇق قول قايتمايدىغان دەرىجىگە يېتىدۇ. يايلاق تۇرمۇشى ئۇنىڭدا قەيسەر ئىرادە، ھېچنىمىدىن قورۇقمايدىغان خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن ئىدى. ئوۋچىلىق قىلىش جەريانىدا ئۇ دائىم قازاق چارۋىچىلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كۆچۈرگەچكە قازاق تىلىنىمۇ تېزلا پىششىق ئۆگىنىۋالغان.
      1911-يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابى (辛亥革命) نىڭ تەسىرىدە ئىلىدا شىنجاڭنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى باش ھەربىي-مەمۇرىي ئەمەلدارى يۇەن داخۇا (袁大化، 1851-1935) نىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا كۆزى يەتمىگەن يۇەن داخۇا  يەرلىك فېئودال ۋاڭلادىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولىدۇ. قومۇل ۋاڭى شاھمەخسۇت (1849-1930) بۇيرۇققا بىنائەن بىرىنچى تۈركۈمدە قومۇلدىن ئىلىغا  ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. قاسىم پالۋانمۇ قومۇلنىڭ ھەرقايسى تاغ ۋە يېزىلىرىدىن ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان بىر نەچچە يۈز يىگىت بىلەن بىللە مەجبۇرىي ئىلى قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇشقا ئەۋەتىلىدۇ. ئۇرۇش داۋامىدا فېئۇدال ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلار خەلقنى قانلىق باستۇرغان پاجىئەلىك كۆرۈنىشلەر قاسىم پالۋاننىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلارنىڭ ماھىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇرلىشىدۇ. ئۇرۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن، قاسىم پالۋان قومۇلغا قايتىپ كېلىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولىدۇ. ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ (1913-يىلى) قاسىم پالۋان قېرىنداشلىرى بىلەن ئازارلىشىپ قېلىپ، ئائىلىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ قومۇلدىن گەنسۇ (甘肃) غا كېتىۋېتىپ يولدا بىر خۇيزۇ  ئوۋچى بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن سەپەردە بىللە بولىدۇ. سەپەر ئۈستىدە مۇنداق بىر ئېچىنىشلىق پاجىئە يۈز بېرىدۇ: بىر كۈنى قاسىم پالۋان بىلەن خۇيزۇ ئوۋچى كەچقۇرۇن بىر ئازگاللىق جايدا چۈشكۈن قىلىدۇ. ئەتىسى قاسىم پالۋان ھاجەتكە ئولتۇرىۋاتقاندا، خۇيزۇ ئوۋچى يېقىنلا يەردە چىچىرغان مېۋىسىنى يەپ تۇرغان بىر ئېيىقنى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە قاسىم پالۋاندىن:«ئېيىقنى ئاتايمۇ؟»-دەپ سورايدۇ. قاسىم پالۋان:«توختاپ تۇر، ئېيىق بەك ۋەھشى ھايۋان، ئەگەر ئوق جان يېرىگە تەگمەي قالسا ياكى چالا تەگسە ھاياتىمىزغا خەۋپ يېتىدۇ»-دەيدۇ. خۇيزۇ ئوۋچى قاسىم پالۋاننىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا پەرۋا قىلماي ئېيىققا قارىتىپ ئوق چىقىرىۋېتىدۇ. ئوق ئېيىقنىڭ ئەجەللىك يېرىگە تەگمىگەنلىكتىن، خۇيزۇ ئوۋچى يەنە ئوق ئۈزگىچە ئېيىق ئېتىللىپ كېلىپ خۇيزۇ ئوۋچىنىڭ بېشىنى ئۈزىۋېتىدۇ-دە، ئاندىن قاسىم پالۋانغا قاراپ ئېتىلىدۇ. قاسىم پالۋان چەبدەسلىەك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ مىلتىقىنى ئېلىپ ئېيىقنىڭ يۈرىكلىنى چەنلەپ ئوق ئۈزىدۇ. ئوق دەل جايىغا تەككەنلىكتىن ئېيىق يېقىلىدۇ. قاسىم پالۋان ھېلىقى خۇيزۇ ئوۋچىنىڭ جەسىدىنى شۇ يەرنىڭ ئۆزىگىلا دەپنە قىلىپ بولۇپ ئۆز يولىغا راۋان بولىدۇ.
       قاسىم پالۋان گەنسۇ-چىڭخەي (青海) ئۆلكىلىرىدە يەتتە يىل تۇرىدۇ. ئۇ ھەر بىر يۇرتقا بارغاندا پۇقرالار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خۇشاللىقتىمۇ، قايغۇدىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ؛ جاپاكەش خەلقنىڭ ھال-ئەھۋالىغا يېتىدۇ. پۇقرالارغا چامىسىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قولىنى سۇنىدۇ. بىر قېتىم ئۇ دۇنخۇاڭ (敦煌) غا كېتىۋېتىپ شەھەرگە يېقىنلاشقاندا بىر قانچە ئادەمنىڭ بىر ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چىقىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ شۇ يەرگە بارىدۇ. ئۆگزىكىدى كىشىلەر قاسىم پالۋاننى كۆرۈپ:«يېقىن كەلمە، ھويلىدا بۆرە بار!»،-دەپ ۋارقىرايدۇ. قاسىم پالۋان قىلچە ئىككىلەنمەستىن تىزلىك بىلەن شۇ ھويلىنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ھويلىدىكى يەتتە چىلبۆرىنىڭ ھەممىسىنى ئېتىپ تاشلاپ، ئۆي ئىچىدىكى كىچىك بالىلارنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ (ئۆي ئىگىسى بالىلىرىنى ئۆيدە قالدۇرۇپ، ئۆزلىرى ئېتىزغا ئورمىغا كەتكەنىكەن). ئۆگزىدىكى ئادەملەر يەرگە چۈشۈپ قاسىم پالۋانغا ئېسىلىپ يىغلاپ كېتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان سوۋغا-سالاملارنى بېرىپ رەھمەت ئېيتىدۇ. قاسىم پالۋان ئۆزى مىنىۋاتقان ئېتىغا ئازراق بوغۇز ئېلىۋېلىپ باشقا نەرسىلەرنى ئۇلارغا قايتۇرۇپ بېرىپ ئۆز يولىغا راۋان بولىدۇ. ئۇ موڭغۇللارنىڭ يۇرتى (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇبېي موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەسى‹甘肃省肃北蒙古自治县›) غا بارغاندا شەھەر ئىچىدىكى بىر مەيداندا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ توپلانغانلىقىنى، بىر ئادەمنىڭ ئېگىز دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇلارنىڭ يېنىغا بارىدۇ. ئۇ ئۆز  يېنىدا تۇرغان ئادەمدىن نىمە ئىش بولغانلىقنى سورايدۇ. ئۇ ئادەم قاسىم پالۋانغا مۇشۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدا بىر توپ باسمىچى- بۇلاڭچىلارنىڭ دائىم يەرلىك موڭغۇل پۇقرالارنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، ئۇلارغا خاتىرىجەملىك بەرمەيۋاتقانلىقىنى ھەتتا ھازىرغا قەدەر 40 نەپەر موڭغۇل قىزنىڭ ئۇلار تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلگەنلىكىنى، ھېلىقى موڭغۇل ئاقساقالنىڭ بۇلاڭچىلارنى يوقىتىش توغرىسىدا كۆپچىلىكنى سەپەرۋەر قىلىپ، باسمىچى-بۇلاڭچىلارنى يوقاتقان ئادەمگە نۇرغۇن ئىنئام بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيىتىپ بېرىدۇ. ئەزەلدىنلا ناھەقچىلىقنى كۆرسە چىداپ تۇرالمايدىغان جاپاكەش خەلقنىڭ ھال-ئەھۋالىغا يېتىدىغان قاسىم پالۋان باسمىچى-بۇلاڭچىلارغا قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. ئۇ شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇلاڭچىلارنى يوقىتىشقا بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. مەيداندىكى موڭغۇل ئاقساقاللىرى ۋە پۇقرالار، بۇ ياقا يۇرتلۇق ناتونۇش كىشىنىڭ غەيرىتىگە ھەيران بولۇپ ھەممىسى ئۇنىڭغا قارىشىپ تۇرۇپلا قالىدۇ. موڭغۇل ئاقساقاللىرى قاسىم پالۋان بىلەن سۆھبەتلىشىپ باسمىچى-بۇلاڭچىلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا 300 نەپەر موڭغۇل يىگىتنى قوشۇپ بېرىدۇ. قاسىم پالۋان موڭغۇل يىگىتلىرىنىڭ يول باشلىشى بىلەن باسمىچى-بۇلاڭچىلارنىڭ تۇرار گاھىغا كېچىدە بېرىپ، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ باشلىقىنىڭ قونالغۇسىغا ئۇشتۇمتۇت بېسىپ كېرىپ، باسمىچى-بۇلاڭچىلارنىڭ باشلىقىنى تىرىك قولغا چۈشۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن ھەممە ئەھۋالنى ئىگەللەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۇجۇقتۇرىۋېتىدۇ ھەمدە قاسىم پالۋاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن باسمىچى- بۇلاڭچىلارغا ئىچى ۋە سىرتىدىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ بۇ بىر توپ باسمىچى-بۇلاڭچلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، 40 نەپەر موڭغۇل قىزىنى قۇتقۇزۇپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاسىم پالۋان شۇ جايدىكى موڭغۇل پۇقرالارنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. ئۇ موڭغۇللارنىڭ يۇرتىدا تۇرغان مەزگىلدە موڭغۇل تىلىنىمۇ راۋان سۆزلىيەلەيدىغان دەرىجىگە يېتىدۇ.
   كېيىن قاسىم پالۋان چىڭخەيگە بارىدۇ. ئۇ چىڭخەيدە تۇرغان مەزگىلدە دائىم چىڭخەي تاغلىرىدا ئوۋچىلىق قىلىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئوۋلاش قىيىن بولغان ئىپار كىيىكنىمۇ ئوۋلايدۇ. قاسىم پالۋاننىڭ ئىپار كىيىك ئوۋلىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ناھايىتى تېزلا پۈتۈن يۇرتقا تارقىلىدۇ. بۇ ئىش شۇ ۋاقىتتىكى چىڭخەينىڭ يەرلىك ئەمەلدارى ماچى (马鶀، 1866-1930، ما بۇفاڭ ‹马步芳، 1903-1975› نىڭ دادىسى) نىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. ماچى ئادەم ئەۋەتىپ قاسىم پالۋاننى چاقىرتىپ كېلىپ سۆھبەتلىشىپ، ئۇنى ياخشى كۈتۈۋالىدۇ. ئۇ، ئۆز يىگىتلىرىدىن بىر قانچىسىنى قاسىم پالۋانغا قوشۇپ ئىپار كىيىك ئوۋلاشقا ئەۋەتىدۇ. قاسىم پالۋان ئۇلارنى باشلاپ بىر قانچە قېتىم چىڭخەي تاغلىرىغا چىقىپ نۇرغۇنلىغان ئىپار كىيىكلەرنى ئوۋلايدۇ. قاسىم پالۋان ماچىنىڭ يىگىتلىرىگىمۇ ئىپار كىيىك ئوۋلاشنى ئۆگىتىدۇ⑦. شۇنىڭدىن كېيىن قاسىم پالۋاننىڭ مەرگەنلىكى پۈتۈن يۇرتقا تارقىلىشقا باشلايدۇ. ماچى قاسىم پالۋانىڭ مەرگەنلىكىگە قايىل بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئوردىسىدا چوڭ سورۇن تەييارلاپ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۈرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ ئوردىدا تۇرۇپ قېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. قاسىم پالۋان ماچىنىڭ تەكلىپىنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىجارىگە ئالغان كىچىككىنە بىر ئېغىز ئۆيىدە تۇرىدۇ. ھەمدە خەنزۇ تىل-يېزىقىنى تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ.
        قاسىم پالۋان ماچى ھۇزۇرىدا تۇرغان مەزگىلدە ئىككى قېتىم ماچى بىلەن xx مىللىتارىست (قايسى مىللىتارىست ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس) ئوتتۇرىسىدىكى بولغان جەڭگە قاتنىشىدۇ. ھەر ئىككى قېتىمدا قاسىم پالۋان قاتناشقان تەرەپ (ماچى تەرەپ) غەلىبە قىلىدۇ. بۇ ئىككى قېتىملىق جەڭدە قاسىم پالۋان ئاجايىپ باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ماچى قاسىم پالۋانغا تېخىمۇ قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا چوڭ ئەمەل بېرىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. بىراق قاسىم پالۋان ماچىنىڭ بۇ تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ. ماچى ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرىۋالغانلىقتىن، قاسىم پالۋان ماچى ھوزۇرىدىن قېچىپ كېتىدۇ. ماچى قاسىم پالۋاننىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قوغلاپ تۇتۇپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىدۇ. قاسىم پالۋان قېچىپ كېتىۋېتىپ، بىر تاغنىڭ باغرىغا بارغاندا قورشاۋ ئىچىدە قالىدۇ. ئۇ تاغ باغرىدىكى ئاسانلىقچە بايقىغىلى بولمايدىغان تاغ ئۆڭكۈرىگە كىرىۋېلىپ سەككىز كېچە- كۈندۈزنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ ئۆڭكۈر ئىچىدە ئولتۇرۇپ سىرتتىكى ئەسكەرلەرنىڭ:«ئۇنى تۇتىۋالساق ئۆلتۈرىۋېتەيلى»، «ياق بولمايدۇ، ئەگەر ئۆلتۈرىۋەتسەك باشلىقىمىزغا قانداق جاۋاپ بېرىمىز؟»- دېگەندەك گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ. توققۇزىنچى كۈنى ئەسكەرلەر بۇ يەردىن كېتىدۇ. قاسىم پالۋان ئۆڭكۈردىن چىقىپ تاغ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. بۇ دەل قاسىم پالۋاننىڭ ئانىسى بۈنىيازخان ھاجى ئوغلىنى ئىزدەپ ئىز-دېرىكىنى ئالالماي، قومۇل ۋاڭى شامەخسۇتقا ئوغلى قاسىم پالۋاننىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىلىق ئەھۋال ئىنكاس قىلغان كۈنلەر ئىكەن. مۇشۇ كۈنلەردە يەنە شامەخسۇت ۋاڭ ماچىدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۇۋالىدۇ. خەتتە ئۆزىنىڭ قاسىم پالۋانغا چوڭ ئەمەل بەرمەكچى بولغانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ قېچىپ كەتكەنلىكى، ئەگەر ۋاڭغا لازىم بولسا ئادەم ئەۋەتىپ ئېلىپ كېتىشى كېرەكلىكى، بولمىسا ئۇنى تاپتۇرۇپ كېلىپ ئۆزىنىڭ ئىشلىتىدىغانلىقى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان ئىكەن. شامەخسۇت ۋاڭ قاسىم پالۋاننىڭ چىڭخەي تاغلىرىدا ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى بۈنىيازخان ھاجىغا يەتكۈزىدۇ ۋە قاسىم پالۋاننى ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن بۈنىيازخان ھاجىنى ئىچكىرىگە ئەۋەتىدۇ. بۈنىيازخان ھاجى كىچىك ئوغلى ئابدۇگۈلى ئاخۇن بىلەن يولغا چىقىدۇ. ئۇلار چىڭخەيدىكى تاغ ئىچىدىن قاسىم پالۋاننى تاپىدۇ ۋە دەرھال قومۇلغا قايتىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. قاسىم پالۋان ئانىسىغا:«سىزلەر ئۇزۇن يول يۈرۈپ چارچىدىڭىزلار، ئالدى بىلەن بىر نەچچە كۈن دەم ئېلىڭىزلار، مېنىڭ يەنە بېجىرىدىغان ئىشلىرىم بار، ئىشلىرىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئاندىن ماڭايلى»-دەپ ئانىسى بۈنىيازخان ھاجىنى بىخۇتلاشتۇرۇپ قويۇپ باشقا يەرگە كېتىپ قالىدۇ. بۈنىيازخان ھاجى ئوغلىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ، ئوغلى ئابدۇگۈلى ئاخۇن بىلەن قاسىم پالۋاننى ئىزدەپ ھېچقەيەردىن تاپالماي، قومۇلغا قايتىپ چىقىدۇ. ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا بۈنىيازخان ھاجى ئىككىنچى ئوغلى تاھىر ھاجى بىلەن كىچىك ئوغلى ئابدۇگۈلى ئاخۇننى قاسىم پالۋاننى ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن يولغا سالىدۇ. تاھىر ھاجى بىلەن ئابدۇگۈلى ئاخۇن يولدا كېتىۋېتىپ بىر خۇيزۇ سودىگەر بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ سەپەردە بىللە بولىدۇ. بىر كۈنى سودىگەر خۇيزۇ تاھىر ھاجىغا «ئىككىمىز ئات بەيگىسى قىلىپ باقساق، قايسىمىزنىڭ ئېتى بەك چاپىدىكىن» دېگەن تەكلىپنى بېرىدۇ. تاھىر ھاجى دەسلەپ «ئاتلار بەك ھېرىپ كېتىدۇ» دەپ خۇيزۇنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلمايدۇ. سودىگەر خۇيزۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ تۇرىۋالغاچقا تاھىر ھاجى ئامالسىز ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلىدۇ. ئابدۇگۈلى ئاخۇن مىنگەن ئات چاپقۇر ئات بولغاچقا قومۇلدا نۇرغۇن قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئات بەيگىسىدە بىرىنچى بولغان ئىدى. تاھىر ھاجى ئۇكىسى ئابدۇگۈلى ئاخۇن مىنگەن ئاتنىڭ ئۈستىدىكى يۈك-تاقلارنى ئۆزى ئېلىۋالغاندىن كېيىن يالغۇز ئالدىدا ماڭىدۇ. ئابدۇگۈلى ئاخۇن بىلەن سودىگەر خۇيزۇ كەينىدە قېلىپ، تاھىر ھاجىنىڭ قارىسى كۆرۈنمىگەندىن كېيىن بەيگىگە چۈشىدۇ. دەسلەپ ئىككى ئات ئوخشاش سۈرئەتتە چېپىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تاھىر ھاجىغا يېقىنىلاشقاندا ئابدۇگۈلى ئاخۇننىڭ  ئېتى ئېلگىرىلەپ كېتىدۇ. خۇيزۇ سودىگەر مۇنداق دەيدۇ:«ئىلگىرى مەن نۇرغۇن قېتىم ئات بەيگىسىگە قاتناشقاندا مېنىڭ ئېتىم بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمىگەن. بىراق بۈگۈن مېنىڭ ئېتىم يىڭىلىپ قالدى. سىلەرنىڭ بۇ ئېتىڭلار ئالاھىدە چاپقۇر ئات ئىكەن»-دېگەن ئىدى. تاھىر ھاجى بىلەن ئابدۇگۈلى ئاخۇن خۇيزۇ سودىگەر بىلەن داۋاملىق بىللە سەپەر قىلىپ ئەتىسى يولدا بىر ياش خەنزۇ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ ۋە خۇيزۇ سودىگەر بىلەن بىر نىمىلەر دىيىشىپ بىللە ماڭىدۇ (خەنزۇ پىيادە خۇيزۇ سودىگەر ئاتلىق)، تاھىر ھاجى ئابدۇگۈلى ئاخۇنغا:«ئۇكام بولمىدى تېز قاچايلى» دەيدۇ. چۈنكى ھېلىقى خەنزۇ ياش بۇلاڭچى ۋە ئۇستا چامباشچى ئىدى (ئىلگىرى تاھىر ھاجى ئۇكىسى نىياز دېھقان ۋە باشقا ئىچكىرىگە بارغان سودىگەرلەردىن يولدا بۇشۇنداق بۇلاڭچىلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانىدى). تاھىر ھاجىلار كەينىگە قاراپ-قاراپ ئات چاپتۇرۇپ كىتىۋېتىپ كەينىگە قارىغىدەك بولسا ھېلىقى بۇلاڭچى بىلىدىكى سىم قامچىنى ئېلىپ بىر سەكرەپ خۇيزۇ سودىگەرنىڭ بېشىغا سىم قامچا بىلەن قاتتىق ئۇرغاندىن كېيىن خۇيزۇ سودىگەر شۇ ھامان يەرگە يېقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بۇلاڭچى خۇيزۇ سودىگەرنىڭ ئېتىنىڭ ئۈستىدىكى خۇرجۇننى يەرگە تاشلاپ قويۇپ ئاندىن ئاتقا مىنىپ تاھىر ھاجىلارنى قوغلاشقا باشلايدۇ. تاھىر ھاجى خۇيزۇ سودىگەرنىڭ ئېتىنىڭ ئۇچقۇر ئات ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە ئاتلىرىنى بولۇشىغا چاپتۇرۇپ قاچىدۇ. بۇلاڭچى خەنزۇ تاھىر ھاجىلارغا يىتىشىۋېلىشقا ئاز قالغاندا تاھىر ھاجىلار بىر يۇرتقا يېقىن بېرىپ قالغاچقا، بۇلاڭچى داۋاملىق قوغلاشتىن يالتىيىپ كەينىگە قايتىپ كېتىدۇ. تاھىر ھاجىلار قاسىم پالۋاننى سۈرۈشتە قىلىپ ئىزدەپ ئاخىرى دۇنخۇاڭدىن تاپىدۇ. بۇ قېتىم ئۇلار قاسىم پالۋاننىڭ يەنە قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى دۇنخۇاڭدىن ئۇدۇللا قومۇلغا ئېلىپ چىقىپ، ئانىسى بۈنىيازخان ھاجى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىدۇ. بۈنىيازخان ھاجى ئوغلى قاسىم پالۋاننى شامەخسۇت ۋاڭغا ئەسكەرلىككە تۇتۇپ بېرىۋېتىدۇ. بۇ 1920-يىلى بولۇپ قاسىم پالۋان ئىچكىرىگە كەتكىنىگە يەتتە يىل بولغان ئىدى.
        قاسىم پالۋان قومۇل ۋاڭ ئوردىسىدا دەسلەپ ئەسكەر بولىدۇ، كېيىن ئون بېشى (十长)، ئوتتۇز بېشى، ئاخىرىدا ۋاڭ ئوردىسى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ باشلىقى (王府卫队长) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. ئو ئوردىنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن يىلدا بىر قېتىم شاكىر پالۋان (؟-1928)، ئەلى پالۋان (1887-1931)، ھادى پالۋان (1975-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 85 يېشىدا يۇرتى چوڭ تۇردا ۋاپات بولغان)، ئەمەت پالۋان (ئەمەت مېھرى، قاسىم پالۋاننىڭ شاگىرتى، 1985-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى 86 يېشىدا قومۇل شەھرىنىڭ پالۋانتۇر يېزىسى دۆربەجىن غولئېرىق كەنتىدە ۋاپات بولغان)...قاتارلىق پالۋانلار بىلەن بىللە قومۇل ۋە گەنسۇ تاغلىرىغا بېرىپ نۇرغۇنلىغان ياۋا ئات، ياۋا تۆگە، قۇلان، بۇغا ۋە باشقا ئوۋلاش قىيىن بولغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ ۋاڭ ئوردىسىنىڭ چوڭقۇر ھۈرمەتكە سازاۋەر بولغان. ئۇ تاغلارغا چىققاندا بىرەر چارۋا-مالنى بۆرە يېگەنلىكىنى ئاڭلىسا، شۇ بۆرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرمىگىچە قايتمايتتى.
       1927-يىلى يازدا شامەخسۇت ۋاڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەرلىك ۋاڭلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مەرگەنلىرىنى قومۇلغا تەكلىپ قىلىپ، لوڭۋاڭمياۋ (龙王庙، ھازىرقى قومۇل يېزا ئىگىلىك 13-دىۋىزىيە قىزىل يۇلتۇز دوختۇرخانىسىنىڭ ئورنى) دا قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن. قاسىم پالۋان شۇ قېتىمقى مۇسابىقىغا قاتنىشىپ بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمىگەن. ئاخىرىدا قاراشەھەردىن كەلگەن قارىغا ئېتىشتا داڭقى چىققان موڭغۇل مەرگەنلەر بىلەن مۇسابىقىغە چۈشكەن. موڭغۇل مەرگەنلەر ئۈچ پاي ئوقتا بىر تۇخۇمنى چاچسا، قاسىم پالۋان بىر پاي ئوقتا بىر تۇخۇمنى چېچىپ كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇرغان. ئاخىرىدا تۇخۇمنى ئاسمانغا ئېتىپ بەرسە باشقا بەرگەنلەر تۇخۇمغا تەككۈزەلمىگەن. قاسىم پالۋان ئۇقنى ئاسمانغا ئېتىلغان تۇخۇمغىمۇ دەل تەككۈزۈپ⑧  قومۇل خەلقىگە شان-شەرەپ كەلتۈرگەن .
  قاسىم پالۋان ئۇستا مەرگەن بولۇپلا قالماستىن، چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە تىۋىپ ۋە ئۇستا سۇنۇقچى (1974-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى 84 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن مەشھۇر سۇنۇقچى ئابدۇگۈلى ئاخۇن قاسىم پالۋاننىڭ ئۇكىسى، شۇنداقلا شاگىرتى) ئىدى. ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە كېسەل كۆرسىتىش، سۇنۇق تاڭدۇرۇش ئۈچۈن كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. ئۇ تاڭغان سۇنۇق بىر قېتىم تېڭىش بىلەن كۇپايە قىلاتتى. ئۇ داۋالىغان كېسەللەرنىڭ ساقىيىش نىسپىتىمۇ يۇقىرى ئىدى. ئۇ، خەنزۇ تىل-يېزىقىنى مۇكەممەل بىلگەچكە تەرجىمانلىق قىلاتتى. شامەخسۇت ۋاڭ مېھمان قوبۇل قىلغاندا كۆپىنچە قاسىم پالۋان تەرجىمانلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالاتتى.
       شامەخسۇت ۋاڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغاندا قومۇلدا بار بولغانلىكى زىرائەتلەرنىڭ ئۇنىدىن نان ياقتۇرۇپ يەپ باققاندىن كېيىن، قاسىم پالۋاندىن مۇنداق بىر سۇئالنى سورىغان:«پالۋان (شامەخسۇت ۋاڭ قاسىم پالۋاننى شۇنداق دەپ ئاتايتتى) مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئارپا، قوناق، تېرىق...قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ئۇنىدىن يېقىلغان نانلارنى يەيتتىم. بۇ ناھايىتى تەملىك تېتىيتتى. ھازىر بولسا بۇلار ئېغىزىمغا تېتىمايدىغان بولۇپ قالدى، بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟»-دەپ سورىغاندا، قاسىم پالۋان ھېچ ئىككىلەنمەستىنلا:«جانابىي ۋاڭ ئالىيلىرى ئىلگىرى جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇش شارائىتىدا ياشىغاچقا ئارپا، قوناق، تېرىق نانلىرى مېزىلىك تېتىغان، ھازىر بولسا ئاليىلىرى دۆلەت ئۈستىدە بولغاچقا مېزىلىك تېتىماس بولۇپ قالغان بولسا كېرەك»-دەپ جاۋاب بەرگەندە، شامەخسۇت ۋاڭ قاسىم پالۋاننىڭ جاۋابىغا قايىل بولۇپ، «جاۋابىڭىز توغرا پالۋان»-دەپ ئۇنىڭ مۈرىسىگە بىرنى ئۇرۇپ قويغان.
  قاسىم پالۋان ۋاڭ ئوردىسىدا 11 يىل (1920-يىلىدىن 1931-يىلىغىچە) تۇرىدۇ. بۇ جەرياندا ئوردىدىكى ئەيشى-ئىشرەت، كەيپى-ساپالىق تۇرمۇشنى، ئەمگەكچى خەلقنىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىنىپ خورلىنىۋاتقانلىقىنى، دەھشەتلىك ئېكىسپىلاتاتسىيە ۋە ھەددى-ھېساپسىز ئالۋان-ياساق، باج-سېلىقلار دەستىدىن جاپاكەش خەلقنىڭ نامراتلىقتا تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۈ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا زۇلۇم ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيەگە قارىتا غەزەپ-نەپرەت، ئېزىلگۈچى خەلققە بولغان ھېسداشلىق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئۇ بۇ مەزگىلدە شامەخسۇت ۋاڭغا خەلق ئۈستىدىكى باج-سېلىق، ئالۋان-ياساقلارنى ئازايتىش توغرىسىدا بىر قانچە قېتىم تەكلىپ- تەۋسىيەلەرنىمۇ بەرگەن ئىدى.
  1931-يىلى ئەتىيازدا قومۇل خەلقىنىڭ زۇلۇمغا، ئېكىسپىلاتاتسىيەگە ۋە تەڭسىزلىككە قارشى كەڭ-كۆلەملىك قوراللىق قوزغىلىڭى پارتىلايدۇ. قاسىم پالۋان قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. قومۇل كونا شەھەر (لوچېڭ-老城) دە تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەت چېرىكلىرى بىر نەچچە قېتىم سېرتقا چىقىپ ۋاڭ ئوردىسىنىڭ باغچىسى بىلەن پۇقرالارنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاش ۋەقەسىنى پەيدا قىلىدۇ. قاسىم پالۋان ئادەم تەشكىللەپ، چېرىكلەرگە ئەجەللىك زەربە بېرىپ ئەترەپتىكى ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ.
       تاغدا قوزغىلاڭ باشلانغاندىن كېيىن قاسىم پالۋان قومۇل شەھەر ئىچىدىكى ۋاڭ ئوردىسىدا بولسىمى، ھەرقايسى تاغلارىكى دورغىلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار توغرىلىق مەسلىھەتلىشىپ تۇراتتى. زۆرۈر بولغاندا بىر يەرگە جەم بولۇپ چوڭ-چوڭ ئىشلار مۇزاكىرە قىلاتتى. 1931-يىلى 4-ئاينىڭ بىر كۈنى باغداشنىڭ ئىماملىق دېگەن جايدا قاسىم پالۋان باشچىلىقىدا يىغىن ئېچىلىپ، قارىمۇقچىدىن: نىياز پالۋان (1895-1957)، يەھيا سېيىت (1895-1942)، ئامىياز دېھقان (ئامىياز يىڭجاڭ⑨ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1885-1953)، تۇرسۇن سېيىت (تۇرسۇن مەزىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1895-1995)، شوپۇلدىن: سالى دورغا (1887-1842)، باغداشتىن: سەردى دورغا (1898-1945)....قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان 13 كىشىلىك يىغىن ئېچىلىپ، ما جۇڭيىڭ (马仲英، 1909-1940) نى قومۇلغا تەكلىپ قىلىش ئىشىنى مۇزاكىرلەشكەن. يىغىندا گەنسۇ ئۆلكىسى جۇچۇەن ۋىلايىتىنىڭ ئەنشى ناھىيەسى (甘肃省酒泉地区安西县) گە ما جۇڭيىڭنى قومۇلغا تەكلىپ قىلغىلى تاشاردىن: شەھرۇللا ئىمىر (1903-1996)، باغداشتىن: تاجى جەرۇللا⑩ (1902-1978)، شوپۇلدىن: شاھ قورمال (يول باشلىغۇچى، 1890-1936)، قارىمۇقچىدىن: نىياز پالۋان...قاتارلىق كىشىلەرنى ئەۋەتىشنى قارار قىلغان.
   1931-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى جىن شۇرېن (金树仁، 1879-1941) قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنى باستۇرۇش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە قومۇلغا شيوڭ فايۇ (熊发友، 1892-1932) تۇەنجاڭ قوماندانلىقىدىكى 500 كىشىلىك چېرىكنى قومۇلغا ئەۋەتىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئوردىدىكى قاسىم پالۋان 5-ئاينىڭ 7-كۈنى (پەيشەنبە) ئۆلكە چېرىكلىرىنىڭ ئالدىنى توساش ئۈچۈن بېشىر (1912-1952، شامەخسۇت ۋاڭنىڭ چوڭ نەۋرىسى) دىن رۇخسەت سورىغاندا بېشىر رۇخسەت بەرمىگەن. ئاخىر قاسىم پالۋان ئات ئىگىرىنى ئېلىپ ئارغامچا بىلەن سېپىلدىن سېرىلىپ چۈشىدۇ.  مىنىدىغان ئېتىنى بولسا چوڭ ئوغلى ھاشىم ئاخۇن (1916-1992) سۇغۇرۇپ، ئوتلۇتۇپ كېلىشنى باھانە قىلىپ دادىسىغا ئەپچىقىپ بېرىدۇ. قاسىم پالۋان ئېتىغا مىنىپ ئۆزى يالغۇز قومۇلنىڭ غەربىدىكى سېڭىرقۇم (تۇسقا)، ياقا مەھەللە دېگەن جايلاردا ئۆلكە ئارمىيەسى بىلەن بىر كېچە يۆتكىلىپ ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارغا زەربە بېرىپ، ئۆزىنىڭ يالغۇزلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ ۋە ئەتىسى (8-چىسلا) ئەتتىگەن شەھەرگە چېكىنىپ كېلىدۇ. بۇ كۈنلەردە ئارا يۇلتۇز (شىڭشىڭشا-星星峡) دىكى قاراۋۇل (چازا-卡子) نى ساقلاۋاتقان جاڭ يۈشيۇ (张毓秀) قوماندانلىقىدىكى 500 كىشىلىك چېرىك ما جۇڭيىڭنىڭ شىنجاڭغا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ھاراۋىلارغا لىقمۇ-لىق ئوق-دورىلارنى بېسىپ قومۇلغا قاراپ چېكىنىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان قاسىم پالۋان ھەر قايسى تاغلاردىكى دورغىلار باشلىق قوغىلاڭچىلارغا خەۋەر بېرىش بىلەن بىرگە جاڭ يۈشيۇ چېرىكلىرىنىڭ ئالدىنى توساش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ. ئۇ، 8-چىسلا چۈشتىن كېيىن ئالدى بىلەن دۆربەجىن غولئېرىق مەھەللىسى (قومۇل شەھرى پالۋانتۇر بازىرىغا باراشلىق كەنت) چىقىپ، باجىسى توخنىياز مەزىن (1876-1950) دىن ھەرقايسى تاغلاردىن كېلىدىغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. توخنىياز مەزىن جاۋابەن:«ئۇكام ئېدىردىكى ئابدۇرېھىم (؟-1942) دورغا بىلەن راھەتباغ تۆۋەن تۇردىكى يارى دورغا (1880-1942) لار جىگدە بۇلاق (دۆربەجىندىكى ئۈچ مەھەللىنىڭ بىرى) تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار سىزنى سورىدى ۋە كەينىمىزدىن كەلسۇن دېدى. يەنە شوپۇلدىن سالى دورغا، خوتۇنتامدىن سۈبۈر دورغا (؟-1942) باغداشتىن ھۆسۈيۈن دورغا (1861-1967، ھۆسۈيۈن دورغا ئۆزى بارماي ئادەم ئىۋەتكەن)، غەربىي تاغدىن خوجىنىياز ھاجى (1889-1942) لارمۇ ساقىغا كىلىپ بوپتۇ»-دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇ كۈنى غولئېرىق مەھەللىسىدە ناسىر ئىسىملىك بىر بالا ئاتتىن يېقىلىپ پۇتىنى سۇندۇرىۋالغان بولۇپ، قاسىم پالۋان بۇ بالىنىڭ پۇتىنى تېڭىپ قويىدۇ⑾. قاسىم پالۋان باجىسى توخنىياز مەزىن بىلەن خوشلىشىپ يولغا چىقىدۇ. قاسىم پالۋان ساقىغا بېرىپ بۇ يەرگە توپلانغان دورغىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بولغۇسى جەڭگە قاتنىشىشقا تەييارلانغان 400 نەپەردىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى قوشۇننى باشلاپ، ئارايۇلتۇزدىن كېلىۋاتقان جاڭ يۈشيۇ چېرىكلىرىنىڭ ئالدىنى توساش ئۈچۈن شەرىققە قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ. قوزغىلاڭچى قوشۇن قومۇلنىڭ شەرقىدىكى قارامۇقچا بىلەن سايبۇلاق مەھەللىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش قىلىش ئەپلىك بولغان ئېگىز قۇم دۆۋىلىرى ۋە قېلىن قومۇشلۇق ئىچىگە ئورۇنلىشىدۇ. قاسىم پالۋان قوزغىلاڭچى قوشۇننى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، غەلىبە قىلىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇ ئۇرۇش قىلىشنىڭ قائىدى-قانۇنىيەتلىرىنى ۋە بولغۇسى جەڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«مەن ئىلگىرى ئۈچ قېتىم جەڭگە قاتناشقان (چىڭخەيدە ئىككى قېتىم، ئىلى-ماناسلاردا بىر قېتىم)، بۇ مېنىڭ تۆتىنچى قېتىم جەڭگە قاتنىشىشىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇشتا دۈشمەننىڭ ئەھۋالىنى بىلمەي تۇرۇپ غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇرۇشنىڭ «توققۇزى رەڭ بىرى جەڭ» دېگەن گەپ بار. دۈشمەن تەرەپ ئالدى بىلەن 20-30 ياكى 50-60 نەپەر ئالدىن چارلىغۇچى ئەۋەتىپ چارلاش ئېلىپ بارىدۇ، ئۇلارغا تېگىشكە بولمايدۇ. پەقەت ئۇلارنىڭ ئاساسىي قىسمىنىڭ ئالدى بىزنىڭ بۆكتۈرمىمىزنىڭ كەينىگە توغرا كەلگەندە مەن ئالدى بىلەن ئوق چىقىرىمەن. مېنىڭ ئوق ئېتىشىم بىلەن دۈشمەنگە ئومۇمىي ھۇجۇم باشلايمىز». ئاخىرىدا ئۇ «بۈگۈن كېچە ئوت يېقىشقا، تاماكا چېكىشكە، پاراڭ سېلىشقا، ھۇشيارلىقنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ» غانلىق توغرىسىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بارلىق قوزغىلاڭچىلارغا ئۇقتۇرىدۇ. شۇ كېچىسى تىنچ ئۆتىدۇ. ئەتىسى (9-چىسلا، شەنبە) تاڭ سۈزۈلگەندە شەرق تەرەپتىن چېرىكلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقى كۆرۈنىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي دۈشمەننىڭ 60 نەپەر چارلىغۇچى قىسمى يېتىپ كېلىدۇ. شۇ ئارىدا قوزغىلاڭچى قوشۇن ئىچىدىن بىرەيلەن ئالدىراپ كېتىپ ئوق چىقىرىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭچى قوشۇن«قاسىم پالۋان ئوق چىقارغان ئوخشايدۇ» دەپ، دۈشمەنگە قارىتىپ ئوق ياغدۇرۇشقا باشلايدۇ. دۈشمەننىڭ  ئالدىن كەلگەن 60 نەپەر چارلىغۇچى چېرىكدىن 59 نەپىرى يەر چىشلەپ، بىر نەپىرىنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قومۇل تەرەپكە قېچىپ كېتىدۇ. چېرىكلەرنىڭ كوماندىرى جاڭ يۈشيۇ قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئادىمى ئاز دەپ ئويلاپ چېرىكلەرگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ. قوزغىلاڭچى قوشۇن قاسىم پالۋاننىڭ قوماندانلىقىدا جاڭ يۈشيۇ چېرىكلىرىنى تۆت تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئېلىۋېلىپ قاتتىق زەربە بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جاڭ يۈشيۇ چېرىكلىرى ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي نۇرغۇن ئادىمىدىن ئايرىلىپ، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھالىتىگە چۈشۈپ قالىدۇ. جەڭ ئۇدا داۋاملىشىپ، ئەتىگەنلىك چاي ۋاقتى بولغاندا دۈشمەن تەرەپ 350 نەپەردىن ئارتۇق ئادىمىدىن ئايرىلىپ، ئاخىر كانەي چېلىپ تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلايدۇ. بۇنى بىلمىگەن قوزغىلاڭچى قوشۇن «دۈشمەن تېخىچە كانەي چېلىۋاتىدىغۇ؟» دەپ دۈشمەنگە تېخىمۇ شىددەتلىك ئوق ياغدۇرىدۇ. قاسىم پالۋان دۈشمەننىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى بىلىپ، قوزغىلاڭچىلارغا ئوق چىقارماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىپ ھەرقانچە ۋارقىرىغان بولسىمۇ قوزغىلاڭچىلارنىڭ %90 دىن كۆپى مۇنتىزىم تەربىيە كۆرمىگەن كىشىلەر بولغاچقا، ئۇلارنى ئوق چىقىرىشتىن توختىتالمايدۇ. جەڭ جىددى داۋاملىشىۋاتقاندا خوجىنىياز ھاجى قاسىم پالۋاننىڭ يېنىغا كېلىپ:«سىز ھازىرغا قەدەر قانچە دۈشمەننى يوقاتتىڭىز؟»-دەپ سورىغاندا، ئۇ:«مەن ئاتقان ئوقنىڭ پۈگىتىنى ساناڭ، پۈگەت قانچە بولسا، مەن يوقاتقان دۈشمەن شۈنچە»،-دەپ جاۋاب بېرىدۇ. قومۇلدىن ما جۇڭيىڭنى تەكلىپ قىلىپ ئەنشىگە بارغان كىشىلەرنىڭ تەكلىپى بىلەن ما جۇڭيىڭ قىسىملىرى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ بىر قىسمى شوپۇل ئارقىلىق، يەنە بىر قىسمى سايبۇلاق ئارقىلىق قومۇلغا چىققان. شۇ كۈنى ما جۇڭيىڭنىڭ ما فۇگۇەن (马副官،  ما جۇڭيىڭنىڭ نەۋرە ئۇكىسى) قوماندانلىقىدا ئالدىن يولغا چىققان 50 نەپەر ئەسكەر جەڭ بولۇۋاتقان يەرگە  (سايبۇلاققا) يېتىپ كېلىدۇ. ما فۇگۇەن چېرىكلەرنىڭ تەسلىم بولۇپ، كاناي چېلىۋاتقانلىقىنى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ يەنىلا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئوق ياغدۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ئېگىز قۇم دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، قوزغىلاڭچىلار تەرەپكە قاراپ:«ئاتماڭلار دۈشمەن تەسلىم بولدى»-دەپ تۇرۇشىغا ئوق تېگىپ يەرگە يېقىلىدۇ. ئارقىدىن يەنە بىر خۇيزۇ ئەسكەر ما فۇگۇەن چىققان دۆڭگە چىقىپ، ئۇمۇ ما فۇگۇەنگە ئوخشاش توۋلاۋاتقاندا ئۇنىڭغىمۇ ئوق تېگىپ يەرگە يېقىلىدۇ. مۇشۇ ئەھۋاللار يۈز بېرىۋاتقاندا قاسىم پالۋاننىڭ ئوقى تۈگەپ قالىدۇ ۋە جاڭ يۈشيۇ چېرىكلىرىنىڭ ھارۋىسىدىن ئوق ئەكىلىش ئۈچۈن يارى دورغا قوشۇنى ئىچىدىكى راھاتباغ چوڭ تۇرلۇق ھادى پالۋان (1890-1975) نى ئەۋەتىدۇ (ئۇرۇش باشلىنىش بىلەن قوزغىلاڭچىلار ھارۋىلارغا قوشۇلغان ئاتلارنى ئېتىپ تاشلىغان ئىكەن). ھادى پالۋان بېرىپ يولدىكى ھارۋىدىن بىر ساندۇق ئوقنى ئەكىلىدۇ، لېكىن بۇ «يەتتە ئاتار» نىڭ ئوقى بولۇپ، قاسىم پالۋاننىڭ مىلتىقى «توققۇز ئاتار» بولغاچقا بۇ ئوقنى ئىشلىتەلمەيدۇ. قاسىم پالۋان ھادى پالۋانغا:«ئۇكام ئۆزلىرى مۇشۇ يەردە بىردەم ساقلاپ تۇرسىلا، ئوقنى مەن ئەكىلەي»-دەپ ئوق ئەكىلىشكە ئۆزى بارىدۇ. ئۇ يۈگۈرگەن پېتى بېرىپ، ھاراۋىغا مىلتىقىنى يۆلەپ قويۇپ ھارۋىنىڭ  ئۈستىگە چىقىدۇ. ئۇ ھاراۋىدىن بىر ساندۇق ئوقنى يەرگە تاشلاش بىلەن ساندۇق يېرىلىدۇ. ئوق يەنىلا يەتتە ئاتارنىڭ ئوقى بولۇپ چىقىدۇ. ئاندىن قاسىم پالۋان ئىككىنچى ساندۇقنى يەرگە تاشلايدۇ. بۇ ساندۇقتىكى ئوقنىڭ دەل توققۇز ئاتارنىڭ ئوقى ئىكەنلىكىنى كۆرگەن قاسىم پالۋان يەرگە سەكرەش ئارىلىقىدا ھارۋا ئاستىدا قانغا مىلىنىپ يېتىىۋالغان چېرىكلەرنىڭ ليەنجاڭى (موڭغۇل) تاپانچىسىنى قاسىم پالۋانغا قارىتىپ تەپكىسىنى بېسىۋېتىدۇ. قاسىم پالۋان ھاراۋا ئاستىدا ئادەم بارلىقىنى بىلىپ، چاقماق تېزلىكىدە مىلتىقىنى ئېلىپ ھارۋا ئاستىدا يېتىۋالغان چېرىككە قارىتىپ ئوق چىقىرىپ ئۇنى جەھەننەمگە يولغا سالىدۇ. ئاندىن ئۇ چېرىككە  قاراپ «تۈفىي ئىپلاس ئېتىپ قويدى-ھە مېنى»-دەپ ھاراۋىدىن چۈشۈپ غەرپكە قاراپ ئولتۇرۇپ بىر ئازدىن كېيىن قوربان بولىدۇ⑿. قاسىم پالۋان قوربان بولغاندىن كېيىن چېرىكلەر ياللىۋالغان ھارۋىلارنىڭ باشلىقى XX شىجاڭ (十长، ئون ھاراۋىنىڭ باشلىقى، مىللىي مۇناپىق) ئايلىنىپ كېلىپ ھارۋىنىڭ يېنىدا ياتقان قاسىم پالۋاننىڭ جەسىدىنى كۆرۈپ كېتىپ قالىدۇ. ئۇ ئازدىن كېيىن بىرقانچە چېرىكنى باشلاپ كېلىپ ئۇلارغا:«بۇ ئادەم  بۈگۈنكى جەڭنىڭ سەركەردىسى، ئۇ قومۇل ۋاڭ ئوردىسىنىڭ داڭلىق پالۋىنى، قومۇلنى تۇتۇپ تۇرغان ئادەم  مۇشۇ، ئەمدى سىلەر قومۇلنى ئاسانلا ئالالايسىلەر»-دەپ قاسىم پالۋاننىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. بۇ گەپ-سۆزلەرنى ھادى پالۋان ئاڭلاپ دەرغەزەپكە كېلىپ XX ئېتىۋەتمەكچى بولۇپ، مىلتىقىنى ئۇنىڭغا توغرىلاپ قارىغا ئالىدۇ، بىراق ئۆزىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ چېكىنىپ كېتىدۇ. چېرىكلەر قاسىم پالۋاننىڭ تەقى-تۇرقى، كىيىم-كېچىكى، يانچۇقىدىكى ئالتۇن باغلىق سائەت ۋە بوينىدىكى دۈربۈن (قومۇل ۋاڭ ئوردىسىدىن بېرىلگەن) لەرنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكىگە ئىشىنىدۇ. قاسىم پالۋاننىڭ قوربان بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ناھايىتى تېزلا پۈتۈن جەڭ مەيدانىغا تارقىلىدۇ. قوزغىلاڭچى قوشۇن ئۆز سەركەردىسىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا جەڭگىۋارلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئۇرۇش باشلانغاندا ئوق تەگمەي قېچىپ كەتكەن ھېلىقى چېرىك قومۇلغا بېرىپ قومۇل كونا شەھەردىكى چېرىكلەرگە خەۋەر يەتكۈزگەندىن كېيىن، چېرىكلەرنىڭ تۇەنجاڭى شيۇڭ فايۇ بىر نەچچە يۈز چېرىكنى باشلاپ قارىمۇقچا تەرەپكە قاراپ ئاتلىنىدۇ. شيۇڭ فايۇ چېرىكلىرى قومۇلنىڭ شەرقىدىكى قىزىل يۇلغۇن (قومۇل شەھرى پالۋانتۇر بازىرىغا قاراشلىق كەنت بولۇپ پۈتۈنلەي خەنزۇلار ئولتۇراقلاشقان) دىن ئۆتۈپلا شەرق تەرەپكە قارىتىپ زەمبىرەك ئاتىدۇ. شيۇڭ فايۇ چېرىكلىرى جەڭ مەيدانىغا يېتىپ بېرىشىغا تەسلىم بولغان چېرىكلەرگە قايتىدىن جان كىرىپ، قوزغىلاڭچى قوشۇنغا قارشى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. قوزغىلاڭچىلار چېرىكلەرنىڭ ھۇجىىغا بەرداشلىق بېرەلمەي شىمالغا-تاغ تەرەپكە چېكىنىشكە مەجبۇر بۇلىدۇ. چېرىكلەر قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ كەينىدىن قوغلاپ ساقا بىلەن ئاراتامنىڭ ئۇتۇرىسىدىكى سايغا قوغلاپ بارغاندا قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىپ، داۋاملىق قوغلاشقا ئامالسىز قېلىپ كەينىگە چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
  قوزغىلاڭچى قوشۇن چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن شيۇڭ فايۇ چېرىكلىرىنى باشلاپ جەڭ مەيدانىغا كېلىدۇ ۋە ئۇ يەردىكى چېرىكلەردىن قاسىم پالۋاننىڭ سالاھىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بېشىنى كېسىپ قومۇلغا ئېلىپ بېرىپ كونا شەھەر (لوچىڭ) سىپىل دەرۋازىسىغا ئېسىپ قويىدۇ. يۈرۈكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ:«باتۇر كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنى يىسە ئادەم باتۇر بولىدۇ»-دەپ قاسىم پالۋاننىڭ يۈرىكىنى قورۇما (سەي) قورۇپ شيۇڭ فايۇ باشلىق جاللاتلار ھەر بىرسى بىر چىشلەمدىن يىگەن. ئۈچ كۈندىن كېيىن چېرىكلەر قاسىم پالۋاننىڭ بېشىنى «ئىگىسى بولسا ئېلىۋالسۇن» دەپ ئۇختۇرغاندىن كېيىن بازار تۆت كوچا مەسچىتتىكى كېرەم ئىمام (1857-1960) باشلىق كىشىلەر قاسىم پالۋاننىڭ بېشىنى ئېلىپ ئارا ئاقيەردىكى چوقايلىق قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىدۇ.
  بۇ قېتىمقى قارىمۇقچا جەڭىدە جاڭ يۈشيۇ قوشۇنىدىن 350 نەپەردىن ئارتۇق چېرىك ئۆلىدۇ. قوزغىلاڭچى قوشۇندىن قاسىم پالۋان، ما فۇگۇەن، خۇيزۇ ئەسكەر (ئىسمى نامەلۇم)، ئەلاخۇن (شوپۇللۇق) ۋە تۆۋەن تۇرلۇق يارى دورغا قوشۇنىدىن بىر ئادەم⒀ قۇربان بولىدۇ. قاسىم پالۋان، ما فۇگۈەن، خۇيزۇ ئەسكەر، ئەلاخۇن قاتارلىق تۆت كىشىنىڭ جەسىدىنى قاسىم پالۋانىڭ ئاكىسى نىياز دېھقان (نىياز پالۋان)، يۈنۈس موللام⒁ ۋە مۇختەر ئاخۇنۇم⒂ قاتارلىق كىشىلەر چوڭ يولنىڭ شىمالىدىكى «نىياز قىز موماينىڭ ئوتلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان ئېگىز قۇم دۆڭنىڭ كەينىگە دەپنە قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا قاسىم پالۋان 46 ياشتا ئىدى. بۇ تۆت كىشىنىڭ قەبرىسى ھازىرمۇ بار بولۇپ، قاسىم پالۋاننىڭ پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرى ھەر يىلى «زورى ھېيت» ۋە «قۇربان ھېيت» تا ئۇلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ تۇرماقتا.
  ئەينى يىللاردا قاسىم پالۋاننىڭ قەھرىمانلىقى توغرىلىق خەلق ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان قوشاقلار توقۇلغان. تۆۋەندىكى قوشاقلار ئۇنىڭ بىر قىسمىدۇر.
                                سايبۇلاقنىڭ دادۇ⒃زىسى،
                                ئىككى يۈز پالۋانغا ئاش بولدى.
                                قارامۇقچىدىكى جەڭدە،
                                قاسىم پالۋان باش بولدى.

                                چېرىكلەرمۇ ئاتۇركەن،
                                ئورا كولاپ ياتۇركەن.
                                قاسىم پالۋان ئاتۇركەن،
                                مېڭىلىرىنى چاچۇركەن.

                                قاسىم پالۋان ئاتلاندى،
                                ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك.
                                چېرىكلەرنى قاچۇردى،
                                جاڭگالدىكى توڭگۇزدەك⒄.
                                سايبۇلاقتا جەڭ بولدى،
                               مافۇگۇەننى ئېتىۋەتتى.
                               قاسىم پالۋان رەھمەتلىك،
                               چېرىكلەرنىڭ مېڭىلىرىنى چېچىۋەتتى.

ئىزاھاتلار:
① ليۇ جىنتاڭ (1844-1894) 1884-يىلىدىن 1889-يىلىغىچە، يەنە 1890-يىلىدىن 1891-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى (巡抚) بولغان.
② ۋېي گۇاڭتاۋ (1837-1915) 1889-يىلىدىن 1890- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى بولغان.
③ تاۋ مۇ (1835-1902) 1891-يىلىدىن 1895-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى بولغان.
④ روۋ يىڭچى (1837-1903) 1895-يىلىدىن 1902-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى بولغان.
⑤ قاسىم پالۋانلار ئالتە ئوغول، بىر قىز بولۇپ، ئۇلا: ئابدۇرىشىت ئاخۇن (1870-1948)، تاھىر ھاجى ، نىياز دېھقان (نىياز پالۋان، 1882- ؟)، قاسىم پالۋان، قەمەرخان (ئاپپاقخان دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1887-1938)، ئابدۇللا ئاخۇن (1889-1965) ۋە ئابدۇگۈلى ئاخۇن (1891-1974) لاردىن ئىبارەت.
⑥ بۇ كىتابلار كېيىن قاسىم پالۋاننىڭ ئۇكىسى مەشھۇر سۇنۇقچى ئابدۇگۈلى ئاخۇننىڭ قولىدا ساقلانغان بولۇپ، 1966-يىلى 5-ئايدا قوزغالغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا سېرىق كىتالار قاتارىدا مۇسادىر قىلىنىپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.
⑦ مەرھۇم ئانام زىلىخە ئاپپاق (1912-1987) نىڭ بىزگە دەپ بېرىشىچە: ئىپار كىيىك چىڭخەي تاغلىرىنىڭ ئىگىز خەتەرلىك جايلىرىدا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋان بولۇپ، ئەتتىگەن كۈن چالا چۈشكەن تاغ چوققۇلىرىدا كۈنگە قاراپ تۇرىدىكەن. كۈن نۇرى چوڭايغاندىن كېيىن كېتىپ قالىدىكەن. ئۇستا مەرگەن بولسا ئاشۇ ۋاقىتتا ئۇنى ئوۋلىغىلى بولىدىكەن، باشقا ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ سايىسىنى كۆرسەتمەيدىكەن. ئەگەر ئوق چالا تىگىپ قالسا، ئۇ كىندىكىدىكى ئىپارنى يەۋالىدىكەن. ئۇنىڭ كىندىكىدىكى ئىپارنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا«ئىپار كىيىك» دەپ ئاتالغان ئىكەن. بۇنى ئانامغا دادىسى قاسىم پالۋان دەپ بەرگەن ئىكەن.
⑧  قومۇل شەھرى غەربى ئۆستەڭ رايونى چاھارباغ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق مەرھۇم ئابلىز داموللام (1907-2005) نىڭ ئۇكىسى ئابلىمىت توختىنىڭ قاسىم پالۋاننىڭ ئاسمانغا ئاتقان تۇخۇمنى مىلتىق بىلەن چاچقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ماڭا (ئاپتورغا) سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇ 2002-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى 91 يېشىدا قومۇل شەھرىدە ۋاپات بولغان.
⑨ يىڭجاڭ (营长): باتالىئون كوماندىرى.
⑩ تاجى جەرۇللا (تاجى موللا، تاجى مەزىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قاسىم پالۋاننىڭ باغداشتا ئولتۇرۇشلۇق ئانا بىر، ئاتا باشقا ئاكىسى جەرۇللا ئىسمائىل (1872-1948) نىڭ 2-ئوغلى.
⑾ ناسىر ئاخۇن: ناسىر سەيدۇللا بولۇپ، 2005–يىلى 6–ئاينىڭ 16–كۈنى 93 يېشىدا دۆربەجىن غولئېرىقتا ۋاپات بولغان.
⑿ قومۇل شەھرى ئاستانە يېزا شار كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ھەسەن بارات (ھەسەن فۇگۇەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، نىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە ئوق قاسىم پالۋاننىڭ ئەجەللىك يېرىگە تەگمىگەن بولۇپ، ۋاقىتىدا قۇتقۇزىدىغان ئادەم بولمىغاچقا قانسىراپ جان ئۈزگەن ئىكەنلىكنى ئاڭلىغان ئىكەن. ئۇ 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 28–كۈنى 90 يېشىدا گۇمبەرۋەندە ۋاپات بولغان.
⒀ ئۇرۇش بولۇۋاتقاندا بۇ تۆۋەنتۇرلۇق قوزغىلاڭچىنىڭ پۇتىغا ئوق تەككەن بولۇپ، قوزغىلاڭچى قوشۇن تاغ تەرەپكە چېكىنگەندە بۇ يارىدار پۇتىنى سۆرەپ چېكىنىپ كېتىۋاتقاندا قومۇل تەرەپتىن ياردەمگە كەلگەن شيۇڭ فايۇ چېرىكلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. چېرىكلەر بۇ يارىدارنى جادىغا بېسىپ ئۇششاق توغراپ تاشلايدۇ. كېيىن يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭ جەسىدىنى خالتىغا قاچىلەپ يان باغرىغا كۆمۈپ قويىدۇ. كېيىن بۇ يارىدارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۇنىڭ جەسەتنى يۇرتىغا يۆتكەپ كېتىدۇ.
⒁ يۈنۈس موللام: كېيىن خوجىنىاز ھاجىغا ئاديۇتانت (فۇگۇەن-副官) بولغان بولۇپ، 1949-يىلى 5-ئاينڭ 11-كۈنى 59 يېشىدا تۇرپان شەھرىنىڭ ئاستانا يېزىسىدا ۋاپات بولغان.
⒂ مۇختەر ئاخۇنۇم: قومۇل شەھرى پالۋانتۇر بازىرى دۆربەجىن يۇقىرى مەھەللە كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دۆلەت دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام ۋارىسى ئەسەت مۇختەر ئاكىنىڭ دادىسى بولۇپ، 1963-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 73 يېشىدا دۆربەجىن يۇقىرى مەھەللە كەنتىدە ۋاپات بولغان.
⒃ دادۇر (大豆): كۈزلۈك پۇرچاق
⒄ ئۆركۈپ كەتكەن ئۆكۈزدەك دەپمۇ ئېيتىلىدۇ.

                                                      (ئاپتور: ئابلىمىت ئابدۇللا -  قومۇل تۆمۈريول ج خ باشقارمىسىدا)
                                                                              2010-يىلى 10-ئاي

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1764
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6605
توردىكى ۋاقتى: 1556
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 18:19:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-6 18:22  

02.jpg

قاسىم پالۋان مەڭگۈ تېشى
03.jpg

قاسىم پالۋان مەڭگۈ تېشى
05.jpg

قارمۇقچا جېڭى بولغان قۇملۇق
04.jpg

نىياز قىزمومامنىڭ ئوتلۇقى

./thread-25332-1-1.html
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1764
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6605
توردىكى ۋاقتى: 1556
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 18:20:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-6 18:25  

ھەر بىر يۇرتتا ئابلىمىت ئابدۇللادەك مەسئولىيەتچان تارىخ خاتىرلەيدىغان كىشىلەرنىڭ بولۇشى ئاشۇ يۇرت خەلقىنىڭ بەختى ئىكەن...رەھمەت ئۆزلەگە ئابلىمىت ئاكا!
ھە راسىت قاسىم پالۋان بوۋىمىزنىڭ بىرەر پارچە سۈرىتى تېپىلمىدىمۇ؟ ئىديىسى ئازاد بىر پالۋاننىڭ بىرەر پارچە رەسىمگە چۈشمىگەنلىكى مۇمكىن ئەمەستۇ؟ مۇمكىن بولسا مېنىڭ رەسسام دوستلىرىم قاسىم پالۋاننىڭ ئۇرق-تۇغقانلىرىدىن ئۇ كىشىگە ئوخشايدىغانلىرىنى پوتېرت قىلىپ بىر پارچە رەسىم سىزىپ باقسا بوپتىكەن؟!

0

تېما

3

دوست

1300

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27920
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 384
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 18:40:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شيۇڭ فايۇ غا لەنەت بولسۇن .............................

0

تېما

8

دوست

5451

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10179
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 544
تۆھپە : 1321
توردىكى ۋاقتى: 306
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 18:44:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ قىممەتلىك بىر تارىخىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت! مەزكۇر تېمىنى ئوقۇپ چىقىپ، خۇددى «ئويغانغان زېمىن»، «ئانا يۇرت» ترولوگىيەلىرىنى ئوقۇغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. ئەل- يۇرتنىڭ تېنچ- ئامانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم ئەتكەن ئەشۇ باتۇر ئەژداتلىرىمىزنىڭ روھى مەڭگۈ جەننەتتە بولسۇن!
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

1

تېما

2

دوست

3563

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26478
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1078
توردىكى ۋاقتى: 285
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 22:47:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئىزدىنىپ يىزىلغان ياخشى تىما بولاپتۇ.تارىختا خەلىق ئارىسىدا ئۆتكەن قەھرىمانلار كۆپ،بىراق ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى رىۋايەتسىمان ھالەتتە خەلىق ئارىسىدا تارقىلىپ يۇرىيدۇ.رىۋايەتلەردىكى قەھرىمانلارنى ھەقىقىي قەھرىمانلارغا ئۆزگەرتىش ئۇچۇن تىما ئىگىسىغا ئوخشاش ئىزدەنگۇچىلەرگە مۇھتاجمىز.

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 00:11:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوپتىن كوپ رەخمەت قېرندىشىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )