قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4427|ئىنكاس: 49

ئالما ئاچچىقسۇلۇق تومۇر ئېچىش شەربىتىنى تەييارلاشتا دىققەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

0

دوست

1809

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   80.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1322
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 265
تۆھپە : 382
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 19:36:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
شۇنداق قىلىپ ھازىرغىچە سەككىز تۈركۈم 650شىشە تارقىتىپ بولدۇق .تىۋىپلىرىمىز بۇ شەربەتنى ياساشقىمۇ خېلى پىشىپ قالدى ۋە بىر قاتار ئىنچىكە ھالقىلارنىڭ تېخنىكىسىنى ئىگەللىدى .تۆۋەندە بۇ رېتسىپنى تەييارلاشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن .بىرزات ۋە تۆت تادۇ ۋەكىللىكىدىكى ئىزدىنىش تىۋىپلىرى تولۇقلاپ قويسا .
1.بەزى قېرىنداشلار تېلىفۇن قىلىپ شەربەت كۆپ كۆك چىقىپ قالدى دىدى .بىلىشىمىزچە بۇنىڭ سەۋەبىي بىرسى سامساقنى سىقىپ قويۇپ ،دەرھال شەربەتكە ئارلاشتۇرماسلىق .يەنى سامساق سۈيىنى ھاۋا بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت ئۇچىراشتۇرۇپ ئوكسىدلىتىۋېتىش .تەكلىپىمىز شۇكى سىز سامساقنى ئەڭ كېيىن سىقىڭ ۋە سىقىپ بولۇپلا دەرھال قازاندىكى ئارلاشمىغا ئارلاشتۇرۋېتىڭ .ئاندىن ئوتنى ئاچسىڭىز بولىدۇ .يەنە بىرسى يالغان ھەسەل ياكى سۈپۈتسىز ھەسەل ئىشلىتىۋالسىمۇ كۆك چىقىپ قېلىشى مۇمكىن .لېكىن مېنىڭ تەۋسىيەرىم شۇكى كۆك چىقىپ قالسىمۇ ئانچە چوڭ چاتاق يوق .ھەرگىز تۆكىۋەتمەڭ .چۈنكى قوشۇلغان رېتسىپلار يەنىلا ئاشۇ سامساق زەنجىۋىل ئالما ئاچچىسۈيى،لىمون شەربىتى بولغاچقا تۆكىۋېتىپ ئىسراپ قىلىۋەتكەندىن ئىچىۋەتكەن تۈزۈك .كىلەركى نۆۋەت ئۆلچەملىك ياسىسىڭىز بولىدۇ .
2.لىموننى تاللاشتا بىخەستىلىك قىلىش .بەزىلەر تەننەرخ تىجەيدىغانغا بەك ئەرزان لىموننى ئىشلىتىدىكەن .بىزنىڭچە لىموننى تاللاپ قىممەت بولۇشتىن قورۇقماي ياخشىسىنى بولۇپمۇ ئىمپورت قىلىنغان لىموننى ئىشلەتكەن تۈزۈك .چۈنكى بىر باسقۇچ ئىشلەش ئۈچۈن ئېشىپ كەتسە 600 سومغا بارىدۇ .بۇ يەنىلا نونىدىن ئەرزان .ئەگەر بىر ئىككى باسقۇچتا ساقىيىپ كەتسىڭىز ئويلاپ بېقىڭ قانچىلىك پۇل تىجەيسىز ؟بەزىلەر لىموننىڭ شوپىكىنى سويماي سىقىپتۇ .بۇنداق قىلسىمۇ مەسىلە ئانچە يوق .لېكىن لىمون سۈيى پاختىسىمان شۆپەككە سىڭىۋېلىپ ،جىق نەرسە سىقىپ چىقىرالمايسىز .شۇڭا شۆپەكتىكى سۇنى كۆزلىمەي ئىچىدىكى سۇنى كۆزلەڭ .
شۆپەكنى سويۋېتىپ ئاندىن سىقىڭ .
3.زەنجىۋىل تاللاشتا ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىز .پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى زەھەرلەشتىن يانمايدىغان ھېلىقىلار ،بىز سەي ئورنىدا يەۋاتقان  زەنجىۋىللەرنى چىرىتماس دورىغا چىلايدىكەن .بۇ ئېچىلىپ كەتكەن مەخپىيەتلىكمىش .قىززىق يېرى بۇ زەنجىۋىلنى ئۇلار ئۆزلىرى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەيدىكەن .قانداق خەق بۇ ؟
شۇڭا سىز سەي توپ بازىرىغا بېرىپ ،ياخشى سۈرۈشتۈرسىڭىز دورىغا چىلىمىغان زەنجىۋىلنى تاپالايسىز .ئەڭ ياخشىسىنى ھېلىقىلار بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى سەيچى بىلەن بىللە سەي توپ بازىرىغا چىقىپ ،شۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بىلەن سېتىۋېلىڭ .
4.يەنىلا شۇ سامساق .ھەرگىز پارنىك سامسىقى ياكى ئاسان سويۇلدىغان ھېلىقى سامساقنى ئالماڭ .ئەڭ ياخشىسى تاغ رايونىدا ئۆستۈرگەن ،ھېچبولمىغاندا ئۈستى ئوچۇق ئېتىزدا ئۆستۈرگەن يەرلىك سامساق ئىشلىتىڭ .بولسا ئۆز يۇرتىىڭىزدا ئۆستۈرگەن سامساقنى تاپالىسىڭىز شۇ ھەممىدىن نوچى .سامساقنى سىقىشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئاغرىق ،چوپاق يەرلەرنى پاكىز ئېلىۋېتىڭ ياكى بۇنداق سامساقنى سىقماي سەردارلىرىنى سېلىپ سىقىڭ .
5.سىقىلغان ھەننىۋاسىنى قازانغا سالغاندىن كېيىن دەسلەپتە كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىۋالىسىز .قاينىغاندىن كېيىن دەرھال ئاجىز ئوتقا ئالماشتۇرۇپ ،قازننىڭ تۇۋىقىنى ئېچىۋېتىسىز .بىر تال ئۇزۇن تاياق تېپىپ ،ياكى بىر تال چوكىنى ئەكىلىپ قازانغا چۆكتۈرۈپ ،ھۆل بولغان يەرگىچە بەلگە قىلىۋالىسىز .ئاندىن ھۆل بولغان يەرنىڭ ئوتتۇرىنى بەلگە قىلىۋالىسىز .بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەپ ،قازاندىكى شەربەتنى قاينىتىپ دەل ئاشۇ ھۆل بولغاننىڭ ئوتتۇرسىغا كەلتۈرمىز .ياكى باشقا ئوسول قوللىنىپ 50پىرسەنت سۈيىنى پارلاندۇرۋەتسىڭىزلا بولىدۇ .
6.ئۆزىڭىزنى ئالدىماي ياخشى ھەسەل ئىزدەپ تېپىڭ.ئەڭ ياخشىسى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان مەيدانغا بېرىپ كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ ئېلىپ كېلىڭ .بۇ توغرىسىدا ئارتۇق سۆزلىگىم يوق .بولمىسا ھەسەل ساتىدىغانلارنىڭ گەپ خالتىسىغا ئايلىنىپ قالماي .
7.بىر ئۆلۈش ھەسەل بەلكىم شەربەتنىڭ تەمىنى تاتلىقراقمۇ قىلالماسلىقى مۇمكىن .ھەسەل سېلىشتىكى مەقسەت تەمىنى تەڭشەشلا ئەمەس بەلكى تەبىئىتىنى تەڭشەش .شۇڭا تاتلىقراق ئىچەي دىسىڭىز يەنە بىر ئۆلۈش قوشسىڭىزمۇ ياكى شەربەتنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن ئىستىمال قىلغان ۋاقىتتا ،ھەسەل قوشۇپ ئىچسىڭىزمۇ بولىدۇ .
8.ئاخىرىدا ئېلان
بىز ئىشلىگەن شەربەت بۇ نۆۋەت تىخىمۇ ئۆلچەملىك چىقتى .سانى 91 بوتولكا .كونا قايىدە بويىچە پۇل سالغانغا مال سالىمىز .يېڭىلىق شۇكى قاتناشنىڭ توشۇش مۇلازىمىتىدىن چاتاق چىقتى .ئۇلار ھېلىقى ئىشتىن كېيىن ئەينەك بوتولكىلىق ،سۇيۇق نەرسىلەرنى ئالمايدىغان بوپتۇ .شۇڭا ئەمىن مال توشۇش مۇلازىمىتىدىن مال سالىمىز .ئۇلار يېقىندا مۇلازىمىتىنى ئۆزگەرتىپ ،توشۇش ھەققىنى ئالدىن ئېلىۋالىدىغان بوپتۇ .مىڭ سۆزلىسەكمۇ بەكا چىقتى .شۇڭا مال پۇلىغا 30كوي توشۇش ھەققىنى قوشۇپ سېلىۋەتكەيسىز .ئەگەر پۇلىڭىز ئېشىپ قالسا قايىدە بويىچە ساندۇقىڭىز ئىچىگە تىقىۋېتىمىز .500مىللىلېتىر 620 گىرام لىق شىشىگە قاچىلاقلىق پۈتۈپ چىقىشى ئەمگەك ھەققىنى قوشماي 60كوي ئۆپچۆرىسىدە سېتىلىش باھاسى 70كوي .شۇڭا جىق پايدا ئەپكەتتىمىكىن دەپ كاللىڭىزنى ئۇپىراتماڭ .بىزنى خەلقىم ئۈچۈن دەپ قەسەم قىلدۇرمىسڭىزمۇ بولىدۇ undefined
مال زاكاس قىلىش تېلىفۇنى 18999036938 ئۈندىدار 328451737 بۇ ئۈندىدار نومىرىنى تېلىفۇنغا باغلىمىغان .
بۇ توغرىسىدا تىببى مەسلىھەت ۋە ياساشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلارغا مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز 15109027214
مەسلىھەت سوراش تور ئادرىسى :www.sarwang.com ئەسكەرتىش:بۇ ھەقتىكى يازمىلىرىمىزنى توقسۇ ئۇندىدار گىزىتى قاتارلىقلار ئۈندىدار سۇپىلىرىدا تەشۋىق قىپتۇ .سىلەرگە رەھمەت .بولسا تېلىفۇن نومىرىمىزنى قوشۇپ قويسىڭىزلار .بوپمۇ ماۋۇ يازمىنى يۆتكىگەندە تېلىفۇن نومىرىمىزنى قوشۇپ قويمىسىڭىز بىز رازى ئەمەس .


0

تېما

0

دوست

166

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   55.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28721
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 20:53:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىنداشلارنىڭ تىرىشچانلىقغا كوپ رەخمەت ،ھارمىغايسىلەر .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

4299

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22933
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 1374
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 21:40:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماركا ئېلىڭلار، قانۇنلۇق بولىدۇ.

10

تېما

1

دوست

1753

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   75.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 528
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 22:17:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللاھ ئەجرىڭلارنى بەرگەي،

مەن يازمىنىڭ باش قىسمىدىن بىخەۋەر بولغاچقا بىرقانچا سوئال سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ.

سىلەر ياسىغان شەربەت قانداق كېسەللەرگە مەنپئەت قىلىدۇ؟
شەربەت ياساش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغان يازما ئادرېسى بولسا يوللاپ بېرەلەمسىز؟


سوئاللىرىمدىن رەنجىمەيسىز ....

15

تېما

1

دوست

2664

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 794
توردىكى ۋاقتى: 227
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 22:37:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ سەرۋەڭ دېگەن نېمە مەنىدە؟
ياچىبەگنى شۇنداق ياخشى ئېيتىدىغان ھېلىقى ئەما ئاكىمىز ھازىر نىمە ئىش قىلىدۇ؟
ئارىلىشىپ باققانلار مىجەزىنى ۋە داستان ئېيتىش جەھەتتىكى ئىشلىرىنى دەپ باقساڭلار؟

2

تېما

0

دوست

3611

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   53.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22599
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 1086
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 22:46:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
`بۇ شەربەتنىڭ شىپالىق رولى ئىنتايىن كۆپ،ئاساسلىقى قان تومۇردىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاپ  تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرىدۇ،كىسەلنىڭ نىگىزى تومۇرلاردىن باشلىنىدۇ ئەمەسمۇ.

0

تېما

1

دوست

61

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   20.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22662
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 23:09:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلگىرى بۇ شەربەتنى ياساش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغان تېما يوللانغانمىدى ؟ ھازىر ئۆچۈرۈلدىمۇ؟ سەۋەبى ؟؟؟

14

تېما

1

دوست

3151

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5048
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 414
تۆھپە : 699
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 23:16:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى نىيىتىڭىزگە تەشەككۈر!  ئىشلىرىڭىز روناق تاپقاي!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )