قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2379|ئىنكاس: 10

دادا ،ساڭا جەڭ ئىلان قىلىمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

4

دوست

1023

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28028
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 318
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 20:59:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دادا ،ساڭا جەڭ ئىلان قىلىمەن

(نەسىر)

ئەخمەتجان مەمتىمىن

  
          تولىمۇ خۇشالمەن دادا،تىنىچ ئولتۇرۇپ سېنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئاددى ئىش-كۈشلىرىڭ بىلەن بىللە مېنىڭ كۆڭۈل خاتىرەمگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن سىمايىڭنى قايتا-قايتا ئەسلەپ،چاڭقىغان دىلىمغا روھى ئوزۇق ئالالىغىنىمغا.بۇلۇپمۇ ئىشلىرىم ئەپلەشمەي مەيۈس يۈرگەن كۈنلەردە،بولۇپمۇ قات-قات مۈشكۈلاتلار پۇتۇمغا چىگىلگەن قورام تاشتەك مېنى ھالسىراتقاندا.بۇ جاھان شۇنداق جاھانكەن،بالا ئاتىنى دورايدىغان.بالىلىق چاغلىرىمدا ھەتتا ھازىرمۇ مېنىڭ تەۋرەنمەس ئۈلگەم بۇلۇپ كېلىۋاتقىنىڭ بىر ھەقىقەت.سېنىڭ ماڭا بەرگەن ئەڭ قىممەتلىك نەرسەڭنى ماڭا ھاياتلىق بەرگىنىڭ دەپ قارىمايمەن.چۈنكى قوي كالىلارمۇ بالىللىرىغا جان بېرەلەيدۇ.مېنىڭچە بولغاندا،سەن ماڭا ئەڭ قىممەتلىك بولغان مۇنداق ئىككى نەرسىنى بەردىڭ.بېرى تېرىشچانلىق روھى،ئىككىنچىسى مەسئۇليەت ئېڭى.
         ھەر كۈنى سەھەردە،مەن سۈت ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقاندا،سېنىڭ بامدات نامىزىنى ئوقۇۋاتقان ئاۋازىڭ بىلەن ئويغىنىمەن.لېكىن كۆزۈمنى ئاچسام ،كۆرىدىغىنىم پەقەت سېنىڭ قارا كۆلەڭگەڭ بولىدۇ.چۈنكى تاڭ تېخى تۇلۇق يورىمىغان،ئەتراپ قاراڭغۇ.نېمىشقىكىن چىراقنى ياقمايسەن.ماڭىمۇ ئادەت بۇلۇپ قالدى،سەھەردە ئاۋازىڭنى ئاڭلايمەن چىرايىڭنى كۆرمەيمەن،پۈتۈن كۈن سەن ئۆيدە يوق،سىرتتا ئىشلەيسەن.كەچتە بولسا چىرايىڭنى كۆرىمەن ئاۋازىڭنى ئاڭلىمايمەن.چۈنكى سەن ئىشلەپ گەپ قىلغۇدەك مادارىڭ قالمىغاندا ئۆيگە قايتىپ كېلىسەن.نېمىشقىكىن ساڭا بىۋاستە دېيەلمەيمەن،ئانامغا شۇنداق دەيمەن "دادامغا دېسىڭىز ئانا،بېرەر كۈن بولسىمۇ ئىشلىمەي دەم ئېلىۋالسا."ئانام ھەر قېتىم مىيىققىدا كۈلۈپ قۇيۇپ،-دادىڭىز مۇشۇنداق ئادەم بالام،ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ھەر كۈنى نەچچە قېتىم دەپ كېلىۋاتىمەن. "ماقۇل"دەيدۇ، ئاڭلىمايدۇ.مېنىڭ داداممۇ دادىڭىزنى ئۆزى نامرات بولسىمۇ تېرىشچان ئادەمكەن دەپ مېنى ئۇنىڭغا زورىغا بېرىۋەتكەن.ھازىر ھال ئەھۋالىمىزمۇ كۆپ كىشىلەردىن ياخشى.لېكىن ئۇ يەنىلا شۇنداق جان تىكىپ ئىشلەۋېرىدۇ.جاپا تارتىپ ئادەتلىنىپ قالدىمىكىن." دەپ گەپنى تۈگىتىدۇ.مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ " داداڭ ناھايتى تېرىشچان ئادەم "دېگىنىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمەن.مەن مۇشۇنداق مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ يىتىلدىم.ئاستا-ئاستا سېنىڭ تېرىشچانلىق روھىڭ ماڭا يۇقتى.مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىللىرىم ۋە ساۋاقداشلىرىم مېنى "تېرىشچان ئوقۇغۇچى"دەيدىغان بولدى.شۇنى ھىس قىلدىمكى سەن ماڭا تۇلىمۇ قىممەتلىك بىر گۆھەرنى ئاتا قىپسەن.پەقەت ئۇ بولغاندىلا ئاندىن يوق نەرسە بار بولىدىكەن،غايە رېئاللىققا ئايلىنىدىكەن.
         سەن ماڭا بەرگەن ئىككىنچى قىممەتلىك نەرسە شۇكى مەسئۇليەت.بۇنىڭ تۇلىمۇ ئاددى بىر مىسالى مۇنداق:قىش كۈنلىرى يۇرتىمىزنىڭ ھاۋاسى تولىمۇ سۇغۇق.لېكىن بىزنىڭ ئۆيلىرىمىز سەل كىچىكرەك بولغاچقا بىرلا ئۆيگە مەش قۇيۇپ،ھەممىمىز بىر ئۆيدە ئۇخلايمىز دېسەك قىستىلىشىپ پېتىشمايمىز.ئاخىرى سېنىڭ قارارىڭ بويىچە،مەشنى بەكرەك ئىسسىيدىغان لايلەنپە ئۆيگە قۇيۇپ،باشقىللىرىمىز شۇ ئۆيدە،سەن باشقا ئۆيدە ئۇخلايدىغان بولدۇق.ئەجىبا شۇنچە قەھرىتان سۇغۇقتا سەن توڭلىمامسەن؟ياق،ناۋادا توڭلىمايدىغان بولساڭ بۇ چۇقۇم ئائىلەڭدىكىلەرگە بولغان مەسئۇليەتنى يېپىنچا قىلىۋالغىنىڭ ئۈچۈن.ئەلۋەتتە سېنىڭ مەسئۇل بۇلىدىغىنىڭ پەقەت ئائىلەڭدىكىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.ھەر قېتىم روزى ھېيت،قۇربان ھېيت دېگەندەك خاسىيەتلىك بايراملىرىمىز يىتىپ كەلگەندە،بىز ساڭا ئەگىشىپ بىز بىلەن ھېچقانداق تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان بىر قىسىم كىشىلەرنى يوقلايمىز.ئۇلار ئاساسلىقى يېقىن ئەتراپتىكى ياشىنىپ قالغان،يۈلەنچۈكسىز كىشىلەر.سەن ئۇلارغا ئۆيىمىزدىن ئېلىپ كەلگەن پۇل-پىچەك،كىيىم-كىچەك،چاي-دۇرا دېگەندەك نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ ئىسسىق ياشلىرىغا ئالماشتۇرۇپ قايتىپ چىقىسەن.بۇنى بەلكىم ئاق كۈڭۈللۈك دەپ ئېيتىش مۇمكىن،لېكىن مېنىڭچە ئاق كۆڭۈللۈك مەسھۇليەتچانلىقنىڭ قۇلىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ.ئاق كۆڭۈل ئادەملەر ساماندەك تۇرۇپتۇ،ئۆز مەسئۇليىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغانلار قانچىلىك بولماقچىدى؟
          تۇلىمۇ خۇشالمەن دادا،ئانام ماڭا ئاپئاق سۈتىنى ۋە مەززىلىك تائاملىرىنى بەرگەن بولسا،سەن ماڭا مول روھى ئۇزۇق بەردىڭ،ياق روھى ئۇزۇقلا ئەمەس،سەن ماڭا تېرىشچانلىق ۋە مەسئۇليەتتىن ئىبارەت ئىككى قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرنى بەردىڭ.شۇ تاپتا 20 ياشتىن ھالقىپتىمەن.مەكتەپتە ئۇقۇدۇم،كىتاپ،ئوقۇتقۇچى ۋە جەمىئەتتىكى باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆگۈتۈشى بىلەن ئۆزۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىشىم كېرەكلىكى ۋە نېمىگە مەسئۇل بولۇشۇم كېرەكلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇپ يەتتىم.ئەمدىكى مەسىلە قانداق قىلىپ بۇ ئىككى ئەڭگۈشتەرنى ئىشقا سېلىپ،مېنىڭ تۇنۇپ يەتكەن ھەقىقىتىمنى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاپ كۆرسىتىش.
          دادا،سەن مېنىڭ ماددى تۈۋرۈكۈم.چۈنكى سەن ئىشلەپ پۇل تېپىپ،ئائىلىمىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك،كىيىم-كېچەك تۇرمۇشىنى قامدايسەن.لېكىن مەن سېنى مېنىڭ مەنىۋى يۈلەنچۈكۈم دەپ قارىيالمايمەن.چۈنكى تەڭرىدىن ئۆزگە ھېچكىم بىزگە مەڭگۈلۈك مەنىۋى يۇلەنچۈك بۇلۇشقا قادىر ئەمەس.خەلقىمىزنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتساق،بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن،كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىشى كېرەك.مەن سەندىنمۇ بەكرەك تېرىشىشىم، سەندىنمۇ كۆپرەك نەرسىلەر ئۈچۈن تېرىشىشىم،سەندىنمۇ كۆپرەك نەرسىلەر ئالدىدىكى مەسھۇليىتىمنى ئادا قىلىشىم كېرەك.
          دادا،مەن سېنى چەكسىز ھۆرمەت قىلىمەن،شۇنداقلا سېنىڭ تېرىشچانلىق روھىڭ ۋە مەسھۇليەت ئېڭىڭغا جەڭ ئېلان قىلىمەن.

(تىيەنجىن)

11

تېما

3

دوست

2241

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 682
توردىكى ۋاقتى: 181
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 22:05:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر مەسئۇلىيەتچان،كۆيۈمچان،مېھرىبان،ئاتا -ئانىلار ئۆز پەرزەنتىگە ئۈلگە بولغۇچىدۇر......

تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە چىقىپتۇ نەسىرىڭىز......


بىراقزە‹‹لېكىن مەن سېنى مېنىڭ مەنىۋى يۈلەنچۈكۈم دەپ قارىيالمايمەن››دېگەن سۆزىڭىز كاللامدىن ئۆتمەي قالدى،مېنىڭچە ھەر بىر پەرزەنت ئۆز ئاتا -ئانىسىنى ئۆزىنىڭ مەنىۋى  يۆلەنچۈكى دەپ قارايدۇ.....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1421

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   42.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20912
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 446
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 22:52:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 21:33
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم؟

سىز،چىرا ناھىيە،دامكۇ يېزا ئوتت ...

سىزگە بىر سەمىمىي تەكلىپ بەرسەم ئىملاغا بىر دىققەت قىلىپ قويسىڭىز،مۇنبەر نامىڭىز ئادەمنى خۇش قىلغان بىلەن يازغانلىرىڭىز شۇ نامغا تازا يۈز كىلەلمەي قاپتۇ.ئەگەر ئۈگىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولسىڭىز كىتاپ،گىزىت ئوقۇغاندا ئالدىرماي ئوقۇپ  شۇنى بىرەر قىتىم بولسىمۇ ئەينەن كۆچۈرۈپ يىزىپ بىرىڭ.

0

تېما

1

دوست

2602

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15155
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 776
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 23:30:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادىڭىزنىڭ بامدات نامىزىدا نىم .ۈچۈن چىراق ياقمايدىغانلىقىنى ھەقىقى سەزگىنىڭىزدە مەنىۋىيەت مەنبەيىڭىزنىڭ يەنىلا دادىڭىز .ىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتىڭىز.روھىڭىزنى .ۆگۈنۈشكە .ەرزىيدۇ، رەخمەت

0

تېما

1

دوست

2602

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15155
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 776
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 23:39:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
iNFak يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 23:30
دادىڭىزنىڭ بامدات نامىزىدا نىم .ۈچۈن چىراق ياقمايدىغا ...

.ەسسالامۇ.ەلەيكۇم جاما.ەت   مەن سوزۇق تاۋۇشتىكى باش ھەرىپنى پەقەت يازالمىدىم، مەسلەن باش ا باش .ە دىگەنلەنى. .ۇستەل كومدا ? قوشۇپ بېسىس 。ارقىلىق يازالايتىم,.ايپەدتە يازامىدىم،  .ەجەپ جىق گەپ قىلدىم

2

تېما

4

دوست

1023

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28028
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 318
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-6 23:46:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 22:05
ھەر بىر مەسئۇلىيەتچان،كۆيۈمچان،مېھرىبان،ئاتا -ئانىلا ...

چوڭلارنىڭ تەجىربە-ساۋاق،ئەقىل-ئىدراكىغا بولغان ھۆرمەت جەھەتتىن مېنىڭ يازغىنىم راستىنلا نامۇۋاپىق.لېكىن،مەن نەسىر ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرمەكچى بولغان«ئېشىپ چۈشۈش ياكى تەرەققىيات» نوقتا نەزەرى بويىچە قارىساق،بۇ پىكىردە بەلكىم بەك چوڭ چاتاقمۇ يوقتۇ دەپ قارايمەن.كۆرسىتىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت،مەن ياخشىراق ئويلىنىپ باقاي.   

0

تېما

7

دوست

4052

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17606
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1208
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 00:22:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ بۇ نەسىر، تىلى شۇنداق راۋان، ئىپادىلەش كۈچىڭىز ياخشىكەن، تىخىمۇ تىرىشىپ نادىر ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!

0

تېما

1

دوست

2579

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28208
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 806
توردىكى ۋاقتى: 178
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 18:54:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
iNFak يوللىغان ۋاقتى  2014-6-6 23:39
.ەسسالامۇ.ەلەيكۇم جاما.ەت   مەن سوزۇق تاۋۇشتىكى باش ھە ...

بۇنى SHIFT كۇنۇپكىسىنىڭ يان تەرىپىدىكى  سۇئال بەلگەسى بار كۇنۇپكىنى چەكسىڭىز چىقىدۇ      .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )