قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 687|ئىنكاس: 4

ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەقىدە مۇنبىرى ۋە شۆھرەت چىرىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

0

دوست

4289

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1123
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 209
تۆھپە : 1144
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 23:41:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uigur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-8 23:36  

ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەقىدە مۇنبىرى ۋە شۆھرەت چىرىقى

ئاپتورى: جۈرئىتى


بۇ ئەسەر شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلىنىڭ 2004-يىلى 11-سانىدىن ئېلىنىپ، تورداشلارغا بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلارغا ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىندى
       مەن 2002-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاتۇش شەھرىدە ئېچىلغان "ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى"غا قاتناشتىم. يىغىنغا ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى خىللانغان تايانىچ ئوقۇتقۇچىلاردىن 800 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. يىغىن جەريانىدا تەلئەت قادىرى، يالقۇن رۇزى، ئابدۇقەييۇم ئىمىن قاتارلىقلار مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەپ ، يغىن قاتناشقۇچىلىرىغا خېلى كۆپ نە بەردى. سېتىۋالدى كېرەم قاتارلىق بىر نەچچە ماھىرنىڭ دەرسى ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلدى. بولۇپمۇ سېتىۋالدى كېرىم تەربىيلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇق ۋە تەپەككۈر سەنئىتى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. شۇ چاغدىكى كەسكىن مۇنازىرە دەرسخانىنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلاردا قانداق ئەركىنلىك ۋە مەجبۇرىيەتنىڭ بولىدىغانلىقىنى ، نىشان ۋە قاتلامنىڭ سۇزۇلما خارەكتىرىنى ، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچى سۇئال سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىزگە تونۇتتى.
          شۇنداق دېيىشكە ھەقلىقمىزكى، دەرسخانا  ئۇلۇغ ۋەتەن. بۇ مۇقەددەس جاينىڭ ئوبرازى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىدىن ئىبارەت ئىككى گەۋدىنىڭ گىرەلەشمە ئەقىل گىمناستىكىسى ئارقىلىق تىكلىنىدۇ. ئەگەر بۇلار ئوتتۇرىسىدا روھىي ئۇپۇقتىن ئىبارەت ئىستىراتېگىيەلىك مانىۋېر پائالىيىتى بولمايدىكەن، ئۇ چاغدىكى دەرسخانا قاچىلاش سېخىغا ئوخشاپ قالىدۇ-دە، پىكىردىن ئىبارەت مۇلاھىزە قورالى داتلىشىدۇ.
          دات كۆپ ھاللاردا ھورۇنلۇقتىن ، شۇنداقلا تاشقى بېسىمنىڭ كونتىروللىقىدىن پەيدا بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكى - ئەنە شۇ داتنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، ئۇنى نۇر چاچالايدىغان ، ئۆزىنى ئوپىراتسىيە قىلىپ قايتىدىن قۇراشتۇرالايدىغان، مەنىلىك سۇئاللار ئىچىدە پەرۋاز قىلالايدىغان ئىقتىدار ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشتۇر؛
        ئارىمىزدا دەرسلىك كىتاپنى "سۈرە ياسىىن " نى يادقا ئالغاندەك ئوقۇغۇچىلارغا يادلاپ بېرىدىغان ، ئىپتىدائى ئۆلۈك سۇئاللار جۈملىلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا يېلىنىپ قارايدىغان، يەرلىك شېۋىلەرنىڭ ئۆڭگەن ئاتموسفىراسى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل گۈزەللىكىگە ئۆسمە پەيدا قىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلارغا تەكرار تەمسىز مەزمۇنلارنى زورلاپ تېڭىپ مۇستەبىتلىك قىلىدىغان، تاپشۇرۇق ۋە سىناقلارغا، ھەر خىل تەكشۈرگۈچىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنى ئالۋاڭ تەرىقىسىدە بىر تەرەپ قىلىدىغان ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئادىمىيلىك ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلمايدىغانلارمۇ بار؛
         ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنى خىزمەتتىن ئىبارەت تېپىلغۇسىز "قۇۋۋەت ئامبىرى"نى ھەر خىل قۇۋلۇق ۋە شۇملۇق بىلەن ساقلاپ قېلىش. بۇنداقلار ھەق ناھەقنى ئايرىمايدۇ. بېشىغا كېلىۋاتقان يوشۇرۇن ئىچكى كۈلپەتنى سەزمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ سەزگۈسى ئۆلگەن بولغاچقا، قۇياش ھەر كانى ئوخشاش كۆرۈنىدۇ؛ ئۇلار بىر ئوچۇم ساپاسىز رەھبەرلەرنىڭ مەدەنىيەتلىك چاكىرى بۇلۇپ ئىشلەشكە كۈنۈپ كەتكەن.
        ئوقۇتقۇچىنى باھالايدىغان ئەڭ پاكىز ئورۇن - دەرسخانا ۋە دەرسخانا ھەقىقىتىدۇر؛ دەرسخانىدا ساختىلىق قىلغان ئوقۇتقۇچى ئىسلام ئەقىدىسى ، مىللى روھى بىلەن ئېيتقاندىمۇ، دوزىخىيدۇر؛ دوزاخ بولسا ، ئىمانسىز ئازغۇن شەمەندىلەرنىڭ قەبرىسى؛ ئويغاق ئەۋلادلار ھامان ئۇلارنىڭ قەبرىسىگە "قۇرۇق ھارۋا- ماڭقۇرتلار يولى" دېگەن قۇتلۇق بېغىشلىمىنى يازىدۇ؛ ئۇلارنى خەلق كەچۈرمەيدۇ؛ ئىچكى يىرگىنىش كۈچلۈك بېسىم ئاستىدىمۇ ئۆز قەھرىنى يوقاتمايدۇ. چۈنكى بۇ ئاقىل تارىخى تاللاشتۇر؛
        ئۆتمۈشتە ئاتا-بوۋىلىرىمىز كالىنى جۇۋازغا قۇشۇپ ماي ئىشلەپچىقارغان. بىر ئوقنى چۆرگىلەپ مېڭىشقا ئادەتلەنگەن كالا كۆزىنى تېڭىپ قويسىلا ئادەم بولمىسىمۇ ئوق ئەتراپىدا مۇقىم ئايلانغان. ئۇنىڭ ھەركىتى ۋە مەۋقەسى ئۆزگەرمىگەن. ئۇغۇ بىر كالا، ئەمما مەكتەپلىرىمىزدىكى ئاشۇ كالىغا ئوخشايدىغان تەپەككۈرسىز قورساق بەندىلىرىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك بىرەر سائەت دەرس ئۆتەلمەي ، يېڭىلىق ياراتماي ، خۇددى تۇرغۇن سۇدەك ئۆتۈۋاتقانلارنى نېمە دەيمىز؟ شەكىلۋازلىققا ئايلانغان تەكشۈرۈش ۋە تاقابىل تۇرۇشقا دەستىلەنگەن پاتمان ساختا ئارخىپلار ئۇلارنى بايقىيالمىدىمۇ؟ ئۇلاردا نېمە ئۈچۈن ئۈچۈن تەشۋىش ۋە پەرۋىش ئېڭى قوزغىتىلمايدۇ؟
      ئوقۇتقۇچى چوقۇم تىنىمسىز ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە بولۇشى، ئۆلۈك سۇئاللارغا ئېسىلۋالماسلىقى، ئىقتىسادى مەبلەغنى ئەقىل قۇرۇلمىسىغا سەرىپ قىلىشى، بالىلارغا تەلتۈكۈس مەسئۇل بولۇشى كېرەك؛ خىزمەت جەريانىدا بىرەر پارچە ئانا تىلدا چىقىرىدىغان گېزىت-ژورنالغا مۇشتەرى بولماي، بىرەر پارچە كىتاپنى مەقىسەتلىك ھالدا بېرىلىپ ئوقۇماي، يېڭى ئۇچۇرلاردىن بىخەۋەر ھالدا دەرسخانىغا كىرىش - ئۇ بىزدىكى ئەڭ ئېغىر نامراتلىقتىن دېرەك بېرىدۇ؛
       ئوقۇش ئىقتىدارى تۇرۇپ ياخشى كىتاپلارنى ئوقۇشنى خالىمىغان ئادەم ساۋاتسىز ئادەمدۇر؛     مارىك تىۋېن
     ئەقىل مۇقەددەسلىكى بولمىسا، ئادەم ئۆرە تۇرغان ھايۋاندۇر؛     ئارىستوتىل
     ئىنساننى سۆيمەك - ئاللانى سۆيمەكتۇر        جالالىدىن رۇمى
     مېۋىسى مول دەرەخنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر بولىدۇ، ئالاھىدە ئىشلار ئالاھىدە قەلىبتىن كېلىپ چىقىدۇ؛ ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغلۇقنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ؛    بالتاسار گراسىئەن
    ئەقىلدىن بۆلەككە ھۆرمەت بولمىغاي، ئەقىلسىز ئادەم ئۇ بىر ئوچۇملا لاي    يۈسۈپ خاس ھاجىپ
    يۇقارقى ھېكمەتلەرنىڭ مەنە قاتلاملىرى ئىچىدە ئۆزىمىزنى سوتلايدىغان بولساق، نۇرغۇن ئاچچىق كەچۈرمىشلەرنىڭ سەۋەنلىك ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى، سۇسلاشقان ئەقىدىنىڭ بىزنى چىرماپ تۇرغانلىقىنى ، مەدەنىيەت ساپايىمىزنىڭ رەڭۋازلىق بەلباغلىرىدا  قاغجىراۋاتقانلىقىنى، ئىللەت كۈشەندىلىرىگە مەپتۇن بولۇۋاتقانلىقىمىزنى ئىنكار قىلالمايمىز؛
    ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى سەككىز سائەتلىك خىزمەتكە ئىتائەتمەن قۇل بولۇش ئەمەس، بەلكى روھى ئاپتاپ ۋە كەڭلىك ئىزدەشتۇر؛ ئۇ چوقۇم يەتكۈزۈش بىلەن چەكلەنمەي، بەلكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقىل تەرەققىياتىغا روھى جەزبىدارلىقىغا، پىسخىكىلىق ساپاسىغا، رېئاللىققا بولغان دىئاگنۇز ئېڭىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، ئۆزىگە "مەن كىم؟ نېمە ئۈچۈن تۇغۇلدۇم؟ قانداق ياشىشىم كېرەك؟ دېگەندەك سۇئاللارنى قۇيۇشى كېرەك؛ مانا بۇ بىز تەكىتلەۋاتقان ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپى؛
    كىشى ئۆز خارلىقىغا تەن بەرسە، ئۇنىڭغا بالا قازا ئىشكلىرى ئېچىلىدۇ؛ چارە يوللىرى يېپىلىدۇ؛ بۆزۈرۈكلەر" ھەسەل يېمەكچى بولساڭ، ھەرە نەشتىرىدىن قورقما، راھەت گۈلىنى ئۈزمەكچى بولساڭ ، مېھنەت تىكىنىدىن قورقما" دەپ توغرا ئيېتقان. بۈگۈنكى ھايات رېتىمى تېزلىشىپ، خىرىس ۋە رىقابەت دولقۇنى ئۆرلەۋاتقان ۋەزىيەتتە
          نېمە ئۈچۈن بەزى ئوقۇتقۇچىلار يېڭىلىق يارىتىش قاينىمىغا بۆسۈپ كىرەلمەيدۇ؟
          كۈنلىرىنى ۋايساش ۋە قېيداش بىلەن ئۆتكۈزۈىدۇ:
         نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس مۇنبەر ئالدىدا روھ ئالىمىگە سەپەر قىلالمايدۇ؟
         نېمە ئۈچۈن باش ئايىغى چىقمايدىغان ئىپتىدائى تالاش-تارتىشلارنىڭ كۈلرەك دوقمۇشىدا ئېغىزىنى ئۇپرىتىپ يۈرىدۇ؟
دەرسخانىدا سۇئال سورىغان ئوقۇغۇچىنى تىللاپ ئۆچ ئالىدىغان، دەرس تەييارلىقى ياخشى بولمىسا، بالىلارنىڭ كىيىنىشى ۋە تازىلىقىدىن ئەتەي قۇسۇر ئىزدەپ ئوچۇق سوت ئاچىدىغان، ئۇلارغا "خاسىيەتلىك "لەقەملەرنى قويىدىغان، دەرسخانىنىڭ مەنىۋى تېمپۇراتۇرىسىنى ئەڭ سوغۇق قىتئەگە ئايلاندۇرىدىغان، بالىلارنى كۈلدۈرۈش تۈگۈل ، ئىللىق چىرايمۇ ئاچمايدىغان توڭ قاپاقلار ھېلىمۇ مەۋجۇت؛ مەسلىلەرگە يۈزەكى قاراش، قارغۇلارچە ئەگىشىش، چېقىمچىلىق ئارقىلىق يېقىنچىلىق ئورنىتىش، ئەمەل ئىشقىدا كۈيۈشتەك ئىللەتلەر ئۇلاردىكى ساپاسىزلىقنى دەلىللەپ بېرىدۇ؛ ئوقۇتقۇچىدا ئەۋلات تەربىيلەشتىن ئىبارەت مۇقەددەس مەجبۇرىيەت سۇسلىشىدىكەن، ئۇ خۇددى شام ئۈستىدە ئىچىدىن سېسىغان مېۋىگە ئوخشاش خەتەرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ؛ كېسەل كۆپ ھاللاردا ئاجىزلارنىڭ تېنىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ؛ بۇنداق جايدا بۇلغىنىش، زەئىپلىشىش ۋە خەۋپ ئېغىر بولىدۇ؛
      ئوقۇتقۇچى دېگەن ئۇلۇغ نامدىن ھەممە ئوقۇتقۇچىنىڭ پەخىرلىنىشى تولىمۇ ئازاپلىنارلىق ئىش. ئۆزىنى يېڭىلاپ، ئەۋلاددىنى ئويغىتىش- بەخىرلىنىشنىڭ ئاساسى. شۇنى كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىناۋىتى ۋە شۆھرەت چىرىقى ئوقۇغۇچىدىن ئىبارەت ئەقىل ئىزدىگۈچى مەسۇم قەلىبلەر تەرىپىدىن تىكلىنىدۇ؛ ئىناۋەت ۋە شۆھرەتنى پۇلغا ، ھوقۇققا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سېتىۋالغان نەرسىنىڭ ھەممىسى ئىشەنچلىك بولمايدۇ. ئىشەنچسىز نەرسىلەر ھامان باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىدۇ؛ ئۇنداقتا سەن ھەقىقى ئوقۇتقۇچى بولاي دېسەڭ، ئۆز روھىڭنى قاز، ئەۋلاد ھەسرىتىنى بايلىق سۈپىتىدە قەدىرلە، ئۇلارغا يىقىلماس شوتا بول، زامان ھېكمەتلىرىنىڭ مەركىزىدىن يىراقلاشما، ئۆتكۈنچى تۇمان ئىچىدە تېڭىرقاپ، نىشاندىن ئاداشما، مۇقەددەس شەرەپلىك ئەمگەكنى ئالۋانغا ئايلاندۇرۇپ قويما. چۈنكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت ئالۋىنىغا ئايلىنىپ قالغان يەر جان بېقىش كېسىلىنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئىسكىلاتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ يەردە خارەكتىر ۋە ساپا بىر خىللىقتىن ھالقىيالمايدۇ؛
     كەڭ قورساق ۋە ئەپۇچان بولۇش - ئوقۇتقۇچى ئەخلاقىنىڭ ئانا تۆرەلمىسى؛ ئىچى تارلىق ۋە ھەسەت ئەڭ يامان ئىللەت. چۈنكى ئۇ ئاخىرى تارىيىپ تۈگەيدىغان كارۋانسىز يولدۇر؛ ئۇ يەردە تېنىچلىق ۋە يورۇقلۇق بولمايدۇ؛
   ئۆزۈڭنىڭ روھىغا چوڭقۇر چۆكەلمىسەڭ، دەۋىر تۇمۇرىنى تۇتۇپ چاقنىيالمىساڭ، ئەۋلادلار قەلبىگە يېشىللىق بەرپا قىلالمىساڭ، مۇھىمى ئوقۇتقۇچىلىق بوسۇغىسىغا قەدەم قويما! چۈنكى ئۇ يەر سەن ئۈچۈن زەررىچە خوشاللىق ئاتا قىلالمايدۇ. ئۆمرۈڭ ئەۋلاد قەرزىگە بۇغۇلىدۇ. ۋىجدان قەرزى بىلەن كېتىش شەرمەندىلىكتۇر؛
    ھەر سائەتلىك دەرس بىر مۇقەددەس سەپەردۇر؛ سەن ئۇ سەپەرد ەياللۇغلانغان تىنىقلىرىڭ بىلەن داۋان ئاشماقچى بولساڭ، چوقۇمكى مەغلۇبىيەت شەپىقى قاراڭغۇلۇق كىندىكىدىن ساڭا ئۇرۇن راسلايدۇ. سەن ئۇ يەردە چۈشۈڭنىڭ ئېتىبارسىز مېھمىنىغا ئايلىنىسەن. ئوقۇتقۇچى دېگەن نام پەقەت سېنىڭ تاشقى قاسرىقىڭغا ئايلىنىپ قالىدۇ. دەۋىر چېقىنلىرىنىڭ كۈچلۈك نۇرىدا ئۇ ئېغىر تولغاق يەپ ، پۇشايمان شەھرىدە قەلەندەرگە ئايلىنىدۇ؛ قەلەندەر كۆپ يەرنىڭ ئىشىكلىرىدە ئاراچ پەيدا بولىدۇ. ئاراچلارنىڭ زورىيىشى چاشقانلارغا ئامەت ئېلىپ كېلىدۇ؛ تولۇمچاشقان بار يەردە بۇزۇلۇش كۆپ بولىدۇ. چۈنكى ئۇ پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا تۆشۈك لايىھىلەيدۇ.
     قاراڭغۇ بازاردە سودىلىشىپ ئادەم يۆتكەش ۋە ئۆستۈرۈش ئەنە شۇ ئەقىل قەلەندەرلىرىنىڭ قۇرۇق تاغارنى ئۆرە قىلىشتىكى چارىسى خالاس؛ قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرۇۋەرسە، ئالتۇن داتلىشىپ تېزەككە ئايلىنىدۇ؛
   سەن ئوقۇتقۇچى ئىكەنسەن، ئۆز تېنىڭگە سولىنىپ قالما، ئۆز تېنىگە سولىنىپ قالغان ھايات ئۆلۈم ھېكمىتىدىن كېيىنكىلەرگە ئەرزىگۈدەك تەم قالدۇرالمايدۇ.
   ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كۆزىدىن چاقنىغان نۇر سېنىڭ ئەقىدە ئەلگىكىڭدىن ئۆتسۇن. ئۇلارنىڭ شۆھرەت مۇنارى سېنى يۆلەپ تۇرۇدۇ ۋە ياشارتىدۇ. ھەقىقى ئەقىدە ۋە پاكلىق ئىزدىنىش ئۈستىگە قۇرۇلۇدۇ.
  سەن ئۆز روھىڭنى قانات قىلىپ، سۇئال ئالىمىگە سەپەر قىل!
    مۇتەئەسسىپ ئۈندەش ۋە سۇئال جۈملىلەرنىڭ ئىچىدە ئۆز ئۇرۇغۇڭنى يوقاتما!
   ئەنە شۇ چاغدىلا شۆھرەت چىرىقىڭ تالاي ئەۋلادلار قەلبىدە نۇر چاچىدۇ.
    ئاپتور: كەلىن ناھىيە يورچى يېزا يورچى ئوتتۇرا مەكتەپتىن

11

تېما

3

دوست

2253

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 15:40:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئوقۇتقۇچى ئوقۇپ،ئۆز روھىيىتىنى قېزىپ چىقىدىغان ،ئۆزىگە تەدبىقلاپ باقىدىغان،ئۆزىگە سوئال قويۇپ باقىدىغان ئېسىل يازما بوپتۇ...

قىرىق مىنۇتلۇق دەرس سائىتى سىزنىڭ قانداق پايدىلىنىشىڭىزغا باغلىق،بۇ قىرىق مىنۇتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىسىڭىز،ئوقۇغۇچىلار ۋە سىز بۇ قىرىق مىنۇتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلالىسا،ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېھرىدىن خۇشاللىق نۇرلىرى جىلۋىلەنسە ،مانا بۇ سىزنىڭ مۇۋاەپپەققىيىتىڭىز...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

4

تېما

2

دوست

6939

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   38.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  530
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1272
تۆھپە : 1267
توردىكى ۋاقتى: 592
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 19:06:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچ كۈن پىداكارلىق بىلەن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا كومىتسىيە بولۇپتىمەن جاپا چەكتىڭلار دەپ ئۈچ كۈنگە 125 يۈەن پۇل بەردى قانداق خەجلەپ تۈگەتمەك، نىمە دىگەن يوقۇرى ئىناۋەت بۇ................

1

تېما

0

دوست

4531

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6180
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 966
توردىكى ۋاقتى: 186
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 12:38:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار، مۇنبەرنى كۆرىۋاتقىنىڭلاردا ۋە ئىنكاس يېزىۋاتقىنىڭلاردا، ئەنە شۇ ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئوقۇتقۇچىلار ئۆگەتكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن!
(بۇ پەقەت ۋە پەقەت، ئوقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تېما بولسىلا ئوقۇتقۇچىلارنى غاجاشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان، بۆشۈكىدىلا بىلمىلىك بولۇپ كەتكەنلەرگە تەكلىپ)

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1657
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4869
توردىكى ۋاقتى: 1412
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 23:17:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە ئەملىي ئىش قىلىدىغان تەتقىقاتچى ئۇقۇتقۇچىلار بولسا ئاتا-ئانىلار بىلەن بىرلىشىپ مەكتەپنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئىشلىرىنى رەھبەرلىككە دەپ ماسلاشتۇرۇپ ماڭالىسا تەرەققىيات دېگەن نەرسىدىن سۆز ئاچقىلى بۇلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )