قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2891|ئىنكاس: 27

«باي ئاكامنىڭ خۇرجۇنىدىكى 68 گۆھەر» دىن تەرمەچلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

246

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25421
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 11:58:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                   
"باي ئاكامنىڭ خۇرجۇنىدىكى 68 گۆھەر"


ئاپتورى:             روكفېللىر(ئامرىكا)
تەرجىمە قىلغۇچى:   ئادىل تۇنىياز
نەشىريات:           شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرياتى
باھاسى:             36 يۈەن
نەشىر ۋاقتى:         2013-يىلى 8-ئاي
ئوقۇلغان ۋاقتىم: 2014-يىلى 5-ئاي

          ئىلاۋە: ئادىل تۇنىياز ئەپەندىگە رەھمەت، بۇ كىتابنى يېزىش ئۈچۈن پۈتۈن ئىجادىيەتتىكى يېزىق تالانتىنى نامايەن قىلىپ، تىلىنى ناھايىتى يېقىشلىق، راۋان چىقىرىپتۇ. ئەگەر مەن تەرجىمە قىلغان بولسام قانداق بولاتتى دەپ ئويلاپ كەتتىم. بەلكىم ناھايىتى قۇرغاق، چۈشىنىكسىز بىر نىمە بولۇپ چىقاتتى.
  ئەسەرگە كەلسەك، بۇ باي ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى سودا ساھەسى ۋە كىشىلىك ھاياتتىكى تەجرىبىلىرىنى ئوغلىغا 38 پارچە خەت ۋە 30 نەسھەت شەكلىدە يېزىپ قالدۇرغان. 100 نەچچە يىل بۇرۇن يېزىلغان بۇ كىتابنى ئەمدى بىز بىلەن ئۇچراشتى، بۇ بەكمۇ كېچىكىپ ئۇچرىشىش بولدى.  مەن بۇ كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا مەن ياقتۇرغان سۆز جۈملىلەرنىڭ ئاستىغا سىزىۋېلىپ، كۆچۈرۈپ چىقتىم. ھەر بىر كۆرگەندە ۋۇجۇدۇم كۈچكە تولغاندەك بولىدۇ. سىزمۇ كۆرۈپ بېقىڭ. ئادىل ئاكا ھارمىغايسىز! سىز بىر ئائىلە كىشىلېرى بىزگە ئاز بولمىغان سوۋغىلارنى بەردىڭىزلەر، ئائىلىڭىزلەرگە ئىككى ئالەملىك بەخت تىلەيمەن!
$مەن تەلەينىڭ ئاسماندىن چۈشۈشىنى ساقلاپ ئولتۇرمايمەن، بەلكى ئامەتنى ئۆزۈم پىلانلاپ، ئۆز غەلىبەمگە ئېرىشىمەن.
پۇلنى قۇل قىلىمەنكى، پۇلنىڭ قۇلى بولمايمەن.
$بىر ئادەم غەلىبىنى پىلانلىمىغان بولسا، مەغلوبىيەتنى پىلانلىغان بولىدۇ.
$تەقدىرنىڭ بىزگە سۇنغىنى ئۈمىدسىزلىك شارابى ئەمەس، بەلكى پۇرسەت جامىدۇر.
$تالىشىپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا نىشانغا يېتىۋىلىش مېنىڭ پېرىنسىپىم.
$پاراسەت كىتابىنىڭ بىرىنچى بابى، شۇنداقلا ئاخىرقى بابى، جاھاندا بىكارلىق تاماق يوق.
$سېنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشىڭ ھەرگىزمۇ ئۇتۇق قازىنىشىڭغا توسالغۇ بولۇپ قالمىسۇن.
$تۆردىكى ۋاقتىڭدا پەگاھدىكىلەرگە ئوبدانراق مۇئامىلە قىل. چۈنكى، $پەگاھقا چۈشۈپ قالغىنىڭدا ئۇلار سېنىڭ ئۈلپىتىڭ بولىدۇ.
$ئۇتتۇرساڭمۇ شان-شەرىپىڭ بىلەن ئۇتتۇر.
$ ھەممە ئىشتا يىراقنى كۆرگىن. بىرىنچى قەدەمنى ئالغىنىڭدا كۆڭلۈڭدە ئىككىنچى قەدەمگە تەييارلىق بولسۇن. بۇ مېنىڭ ھايات تەجرىبەم.
$دۆت قىياپىتىگە كېرىۋىلىشنى بىلگەنلەر دانالاردۇر.
$ھاماقەت بولۇۋېلىشنىڭ ساڭا پايدىسى كۆپ، ھاماقەت بولۇۋېلىشنىڭ مەنىسى تۆۋەنچىلىك بىلەن كەمتەر قىياپەتكە كىرىۋېلىشنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، سېنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىڭنى يوشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم قانچىكى چېچەن بولغانسېرى ھاماقەت كۆرۈنۈش شۇنچە زۆرۆر.
$قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئويلىنىمەن. بىراق قارار قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئىككىلەنمەستىن ئىجرا قىلىمەن.
$ ياخشى كۈنمۇ، يامان كۈنمۇ ئۆزۈڭدىن.
$ سەن ئىش قىلىشنى راھەت دەپ بىلسەڭ، ھاياتىڭ جەننەتتۇر. ئەگەر خىزمەتنى بىر خىل مەجبورىيەت دەپ قارىساڭ، ھايات دوزاختۇر.
$خىزمەت ھاياتقا تەم كىرگۈزىدىغان تۇز. قىلىۋاتقان ئىشىغا ئىشتىياق باغلىغان ئادەم ھامان نۇسرەت قۇچىدۇ
. $كۈلپەت ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىراق گۈزەللىك مەڭگۈ قالىدۇ.
$غوجايىنلار مەڭگۈ خىزمەتكە ۋاقتىدا كېلىدىغان، سەمىمىي ۋە ئالغا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان خادىمنى ئىزدەيدۇ.
$ئىش قانچىكى تەس ۋە كۆڭۈلسىز بولسا ئۇنى شۇنچە ئىتتىك باشلاش كېرەك.
$ ئەگەر سەن خىزمەتنى بىر خىل ھۇزۇرلىنىش، دەپ قارىساڭ ھايات جەننەتتۇر.
$پوزىتسىيە بىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىمىز ھەم بىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز.
$غەلىبە بىر ئادەمنىڭ بويى، ئېغىرلىقى، دىپلومى ياكى ئائىلە كېلىپ چىقىشى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ، بەلكى ئادەمىڭ ئىدىيەسىنىڭ قانداقلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ئىدىيەنىڭ قانداق بولۇشى مۇۋەپپەقيەتنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.
$بىز ئۆزىمىزنى قانداق ئويلىساق، شۇنداق مۇئامىلىگە ئېرىشىمىز.
ئەگەر بىر ئادەم مەن باشقىلارغا يېتەلمەيمەن، دەپ ئويلىسا، دەرۋەقە ھەر بىر ھەرىكىتىدە باشقىلارغا يېتەلمەيدۇ.
$سەن ئۆزۈڭنىڭ قەدرىنى قىلغانسېرى باشقىلارمۇ شۇنچە قەدرىڭنى قىلىدۇ.
$يىراقنى كۆرۈڭلار، كەلگۈسىدىكى بايلىقنى-تەرققىياتنى كۆرۈڭلار، ھەرگىزمۇ بۇرنۇڭلارنىڭ ئۇچىغا قارىماڭلار. كەلگۈسىگە ئىنتىلىپ تۇرۇڭلار. ھەر ۋاقىت ئۆزۈڭلاردىن "مۇھىم ئادەم مۇشۇنداق قىلامدۇ-قىلمامدۇ؟" دەپ سوراڭلار. مۇشۇنداق قىلىش بارا-بارا سىلەرنى تېخىمۇ نۇسرەت قۇچقان مەشھور ئادەمگە ئايلاندۇرىدۇ.
$تەپەككۈرنى ئۆستۈرۈش تۈرلۈك ھەرىكەتلېرىمىزنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە، ئىش-كۈشلېرىمىزنى جاي-جايىدا قىلىشقا پايدىلىق. ئىشقىلىپ مەن تىلىمنىڭ شۇنچىۋالا جەلپ قىلىش كۈچى بارلىقىدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم.
$ باشلىنىش ئاخىرلشىشنى بەلگىلىيەلمەيدۇ.
$بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك نامراتلىقمۇ تۈگىمەس بايلىقمۇ يوق ۋە ئەبەدىيلىك غەلبىمۇ، ئوڭۇشسىزلىقمۇ مەۋجۇت ئەمەس. بارى پەقەت كۈرەش قىلساڭ ئېرىشسەن، دېگەن ھەقىقەت. مەن شۇنىڭغا قەتئي ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ قىسمەتلېرىمىزنى بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز بەلگىلەيدۇ، ھەرگىز نەسەبىمىز بەلگىلىمەيدۇ.
$ سۆرەلمىلىك قىلماي دەرھال ھەرىكەتلەن.
$ دۇنيادا ھەر قانداق بىر نەرسە خىيال ئارقىلىق ئەمەس، ئەمەلىيەت ئارقىلىق روياپقا چىققان. ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن، قانداق ھەرىكەت قىلىش مەسلىسىنى چوقۇم ئويلىنىش كېرەك.
$ ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغىنى قۇرۇق بىلىم ۋە ئەقىل. ئەگەر ھەرىكەت بولمايدىكەن، ھەممىسى بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان قۇرۇق گەپتۇر.
$ ھاياتتا ئادەمنى ئەڭ ئارماندا قالدۇرىدىغىنى نۇرغۇن ئىش قىلىشنى ئويلاپ، قىلدىغانغا ۋاقتى يەتمەي ياكى بولمىسا ھەر بىر ئىشنىڭ قەدەم-باسقۇچلېرىنى زىر-زەۋىرىگىچە ئويلاۋېرىپ، قورقۇپ كېتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھېچ ئىش قىلالماسلىقتۇر.
$ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، ئۆز قابىليىتىدىن گۇمانلىنىدىغان چاغلېرى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئىشى سۇغا چىلاشقاندا. بىراق، ھەرىكەت قىلىش ھۈنىرىنى ھەقىقىي بىلىدىغان ئادەم ئىگىلمەس-سۇنماس ئىرادە بىلەن ئۇنى يېڭىدۇ. ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق مەغلوب بولىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، دەپ ئۆزىگە تەسەللي ئېيتالايدۇ.
$تۇرمۇش چوڭ بىر جەڭ مەيدانى، غەلىبە قىلىمەن دېسەڭ، ھەرىكەت قىلىشىڭ كېرەك. ھەرىكەت قىلىشىڭ، ھەرىكەت، مەڭگۈ ھەرىكەت قىلىشىڭ كېرەك، شۇندىلا سېنىڭ ئامانلىقىڭ ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.
$ مەيلى پۇل-مالدا ياكى تۇرمۇشتا نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر بولسۇن، ھەرگىزمۇ مەغلوپ بولسام قانداق قىلارمەن دېگەننى ئويلاشمايدۇ. بەلكى زەپپەر قۇچقاندا نېمە قىلىشىم كېرەك دېگەننى ئويلايدۇ.
$ ھايات دېگەن توختىماستىن دوغا تىكىش جەريانى. ئىستىقبالىمىز ئۈچۈن ياشلىقنى دوغا تىكىمىز. سەندە ئاخىرقى نۇقتىغا بېرىپ باققۇدەك جۈرئەت بولمىسا، ئۇتتۇرغىنىڭ شۇ. ئەجابا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا ئەرزىمەمدۇ؟
$ سەمىمىيلىك بىر خىل ئۇسۇل، بىر خىل تاكتىكا، چۈنكى مەن سەمىمىيەتلىكنى دەسمايە قىلىپ، بانكىرلارنىڭ ۋە تېخىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتىم ۋە شۇ سەۋەبتىن قاتمۇقات ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ تېز مۇۋەپپەقىيەت يولىغا قەدەم باستىم.
$ مۇۋەپپەقىيەت يولى-ئارزۇ، مەغلوبىيەت ۋە كۈرەشنىڭ يىغىندىسىدۇر.
$مەغلوبىيەتتىن قورقۇش تەۋەككۈلچىلىك قىلالماسلىقتۇر. تەۋەككۈلچىلىك قىلالماسلىق كۆز ئالدىدىكى پۇرسەتنى ئۆتكۈزۋېتىشتۇر.
$مەغلوبىيەت بىر خىل ئۆگىنىش جەريانىدۇر. سەن ئۇنى قەبرە تاشقىمۇ خالىساڭ دەسسەپ چىقىدىغان ئۇل تاشقىمۇ ئايلاندۇرالايسەن.
$بىر قېتىملىق مەغلوبىيەت ھېچنىمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ ھەم پىشانەڭگە ئىقتىدارسىز، دېگەن ماركىنى چاپلاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
$ ئادەم ھەر قاچان جانلىق بولۇشى كېرەك. مەيلى قانداق ئوڭۇشسىزلىق ياكى مەغلوبىيەتكە دۈچ كەلسسۇن، مەڭگۈ جاسارەتلىك ۋە ئىرادىلىك بولۇشى لازىم. بۇ مەن قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىش.
$ ئۈمىدۋار ئادەم جاپا-مۇشاقەت ئىچىدە پۇرسەتنى كۆرەلەيدۇ. ئۈمىدسىز ئادەم پۇسەت ئىچىدىكى رىيازەتنىلا كۆرەلەيدۇ.
$جەڭ ئېلان قىلماي غەلىبە قىلالمايسەن، بىر قېتىم مەغلوپ بولۇپلا بەل قويۇۋەتمە. ئۆزۈڭنى يەڭ، سەن ئەڭ ئۇلۇغ زەپەر قۇچقۇچى. مەن ساڭا ئىشىنىمەن.
$نائەھلىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش سېنى تېخىمۇ ئەقىللىك قىلىدۇ، ئاشۇ بەتنىيەت "ئۇستازلار" ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى.
$بىلىشىڭ كېرەككى، ئوبدان ئېشەك پۇتى تېيىلىپ كەتكەن كۆۋرۈكتىن ئىككىنچى قېتىم ئۆتمەيدۇ.
$ مەن بولۇشۇم مۇشۇ دەپلا ياشىمايمەن. بەلكى ئۆز تەلىيىم ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، ئۆزۈمنى ئۇتۇق قازاندۇرىمەن.
$ئامەت كۈتۈپ ياتقىنىڭدا تەقدىرىڭگە تەدبىر قىلىشىڭنى بىل. قانداق تەدبىر قىلساڭ تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ.
$بۇ دۇنيادا ھەممە ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ. پەقەتلا ئىشلىمەي چىشلەيمەن، دىيىش مۇمكىن ئەمەس. سۇنىڭ ئېقىشىغا، تۈكنىڭ يېتىشىغا قاراپ، ئەل نېمە بولسا ماڭىمۇ شۇ، دەيدىغان ئاشۇ كىشىلەرنى ئەزەلدىن نەزەر-گۈزىرىمگە ئىلغان ئەمەس مەن. شۇنداقلا كاللىسى خاتا قاراشلار بىلەن توشۇپ كەتكەن، چۈنكى ئۇلار تۈگۈلۈپ تۇرۇۋېلىپ، ئۆزىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولۇپ يۈرۈشىدۇ.
$ھاسا ھەرگىزمۇ ساغلام بىر جۈپ پۇتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىككى پۇتىغا تايىنىپ دەس تۇرايلى.
$ مەن ئۆزىنىڭ كۈچلۈك دۈشمىنى ئالدىدىمۇ مەيدىسىنى تىك تۇتۇپ، جەڭگە تەييار تۇرالىغان باتۇرلارغا ئاپىرىن ئېيتىمەن.
$ چېكىنىش تەسلىم بولۇشتۇر، چېكىنىش قۇل بولۇشتۇر!
$سۆھبەتتە ئاخىرىغىچە سەۋر قىلالىغان ئادەمگە غورىدىن ھالۋا پۈتىدۇ
$باشقىلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىشتۇر.
$ئەگەر سەن ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئويلايدىغان بولساڭ، ھاقارەت سېنىڭ ئېقتىدارىڭىنى ئۆلچەيدىغان تارازا، مەن ئۆزۈمنى بۇ تارازىغا سېلىپ باققان.
$سودىنىڭ ماھىيىتى ئەمەلىيەتتە قىممەت ئالماشتۇرۇشتا، باشقىلار ئېرىشمەكچى بولغان نەرسە ئارقىلىق ئۆزۈڭ ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئېرىش.
$ئۆزىنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغىنىنى بىلمەسلىك نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ دائىملىق خاتالىقى.
$ سۆزلىگەن سۆزىمىز بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكىنى ئاشكارىلايدۇ ياكى يوشۇرۇپ قالىدۇ. بىراق، بىزنىڭ تاللىشىمىز كۆڭۈل سىرىمىزنى يەنى نىيىتىمىزنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.
$ ئەگەر راستتىنلا ھەممىنى ئۆزۈم تىزگىنلەيمەن دېسەڭ، ئاۋۋال تىلىڭنى تىزگىنلەپ، ئۆزۈڭنىڭ پايدىسىغا گەپ قىل.
$ئىشىنىمەنكى، ئادەم تىرىشچانلىقى بىلەن دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدۇ، يېڭى ۋە تېخىمۇ گۈزەل مەنزىللەرگە يېتەلەيدۇ.
$ سودا ئۈستىگە قۇرۇلغان دوستلۇق، دوستلۇق ئۈستىگە قۇرۇلغان سودىدىن ئارتۇق.
$تۆرگە چىققىنىڭدا پەگاھدىكىلەرگە ئوبدان مۇئامىلە قىل، چۈنكى پەگاھقا چۈشۈپ قالغان ۋاقتىڭدا ئۇلار بىلەن ئەسسالام دېيىشىپ قالىسەن.
$مەن ئەزەلدىن دوستلۇقنى سودا قاتارىدا كۆرگەن ئەمەس. چۈنكى ئۇنى ئالتۇنغا ئوخشاش تارتقىلى بولمايدۇ. چىن ھېسسىيات دوستلۇقنىڭ تۈۋرۈكى.
$ مەن باشقىلارغا قوپاللىق قىلغانغا ئۆچ. قول ئاستىدىكىلىرىگە ۋە خىزمەتداشلېرىغا سەۋرچان، مۇلايىم بولۇشنى بىلىش نىشانغا يېتىشكە پايدىلىق. مېنىڭچە، قابىللارنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن كۆڭۈلنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ.
$ھاياتنىڭ ماھىيىتى كۈرەش ۋە رىقابەت. ئۇلار ئىنسان قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ. بىراق، ئۇ زىددىيەت –توقۇنۇشقا تەرەققي قىلغاندا ئىش بۇزۇلىدۇ. ۋاھالەنكى، ئېپىنى كەلتۈرۈپ ھەمكارلاشقاندا بۇزۇلغان تۈزۈلىدۇ.
$ دانالار پىشانەمگە پۈتۈلگىنى مۇشۇكەن، دەپ ۋايساپ ئولتۇرمايدۇ.
$قىلغىلى بولمايدۇ، دېگەن ئادەم ئۇتۇق قازىنالمايدىغان ئادەمدۇر.
$ مۇۋاپپەقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن كۆپرەك ئارىلاش، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلاردىن يىراق تۇر.
$ تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالدۇرىدىغان ئۇششاق-چۈششەك يۈكنىڭ ھەممىسىنى ئۈستۈڭگە ئېلىۋالما.
$دائىم كاتتا كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ ئىدىيە ئۆلچىمىمۇ يۇقىرىلايدۇ. ئۇتۇق قازانغان، شۇدلۇق، جاسارەتلىك كىشىلەر بىلەن دائىم ئالاقە قىلساڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا زۆرۆر بولغان جاسارەت ۋە ھەرىكەتنى ئۆزۈڭگە ئادەت قىلالايسەن.
$ئادەم پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھاياتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، پەقەت پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
$باشقىلار بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئىشقا بەرداشلىق بېرەلىسەڭ، باشقىلار قىلالمىغان ئىشنى قىلالايسەن.
$ئۆزۈڭگە ئىشەنگىن، شۇندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسەن. ئىشەنچنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى مۇۋەپپەقيەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى بەلگىلەيدۇ.
مەن ئەزەلدىن مەغلوبىيەت غەلبىنىڭ ئانىسى، دېگەنگە ئىشەنمەيمەن، بەلكى ئىشەنچ مۇۋەپپەقيەتنىڭ دادىسى، دېگەنگە ئىشىنىمەن.
$ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقيەتكە ئالغان تۇنجى قەدىمى، باسمىسا بولمايدىغان ھەل قىلغۇچ قەدىمى ئۆزىگە ئىشىنىشتۇر. ئۆزۈڭگە ئىشەنسەڭ چوقۇم ئۇتۇق قازىنالايسەن.
$ ئادەمنىڭ ئېرىشىدىغىنى نىيىتىگە يارىشا بولىدۇ. كۆزلىگىنى كىچىك بولسا، ئېرىشىدىغىنىمۇ كىچىك بولىدۇ. كۆزلىگىنى ئۇلۇغۋار بولسا، ئېرىشىدىغىنىمۇ زور مۇۋەپپەقيەت بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلۇغۋار لايىھە ۋە پىلان دائىم دېگۈدەك كىچىك لايىھە ۋە پىلاندىن ئاسان ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن مۈشكۈل بولمايدۇ.
$بىر ئىشنى قىلالماسلىقىمىزغا ئىشەنگەن چاغدا، چوڭ مېڭىمىز ئۇنى قىلالماسلىقىمىزغا تۈرلۈك تۈمەن باھانە-سەۋەب تېپىپ بېرىدۇ. مەلۇم بىر ئىشنى قىلالايدىغىنىمىزغا چىن دىلىمىزدىن ئىشەنگىنىمىزدە، چوڭ مېڭىمىز بىزگە شۇ ئىشنى قىلغىلى بولىدىغان ھەر تۈرلۈك چارە-ئاماللارنى ئىزدەپ، تېپىپ بېرىدۇ.
$ تاللاش يولى قالمىغۇچە دادىل ئىزدىنىپ باق، جەزمەن بىر نىجاتلىق يولى تاپالايسەن.
$ باھانە مەغلوب بولۇشنىڭ ئاساسى.  
$ بىر ئادەم غەلىبە قىلغانسېرى باھانە ئىزدىمەيدىغان بولىدۇ.
99 %مەغلوبىيەت بولسا كىشىلەرنىڭ باھانە كۆرسىتىشىگە ئادەتلىنىپ قالغانلىقىدىن بولىدۇ.
$بىر ئادەم تەلەي بىلەن ئەمەس، تىرىشچانلىق بىلەن ئۇتۇق قازىنىدۇ.  
$ سېنىڭ قانچىلىك ئەقىللىكلىكىڭ ئەمەس، ئەقلىڭنى قانچىلىك ئىشلەتكىنىڭ مۇھىم.
$مەغلوبىيەتچىلەرنىڭ دائىم ئىشتىن كېيىن قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى-مەغلوب بولۇشىغا سەۋەب كۆرسىتىش. مەن ئۆز مەغلوبىيىتى ئۈچۈن باھانە ئىزدەيدىغانلارنى كۆزۈمگە ئىلمايمەن. چۈنكى، ئۇ ئىرادىسىزلارنىڭ ئىشى.
$قىزغىنلىق-بارلىقى بىلەن بېرىلىش ۋە قىلىپ بولمىغىچە بولدى قىلماسلىقتۇر.
$ باھانە نۇرغۇن ئادەمنى مۇۋەپپەقىيەت دەرۋازىسىنىڭ تېشىدا قالدۇرىدۇ.
$ ئادەمنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۇنىڭ ئۆزىدىكى قىممەتتە، ئۇ ئېرىشكەن ئورۇن بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
$تىرىشىش ئادەمنىڭ مىجەز-خاراكتىرىنى تاۋلايدۇ، شۇنداقلا ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ.
$ بىزنىڭ بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە بايلارنىڭ بالىلىرى ئالدىغا دەسسىمەي ئارقىغا دەسسەيدىغان ھالدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىملېرىنىڭ ئالغا ئىنتىلىش روھى كەمچىل، "كۆرپە سېلىپ يېتىڭ تاز، ئىش-ئەمگەكتىن قېچىڭ تاز"لار بولۇپ، بۇزۇپ-چېچىپ بەتخەجلىك قىلىشىدۇ. شۇڭا، كۆپلىرى ئالتۇن دەسسەپ چوڭ بولۇپ، كېپەنلىككە پۇل يوق ئالەمدىن ئۆتۈشىدۇ.
$ سەھرايىقىيامەتنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىدە ئىرادەم تاۋلانغان بولغاچقا، كىيىنكى كۈنلەردىكى ئىگىلىك تىكلەش رىيازەتلېرىگە بەرداشلىق بەردىم. باش ئەگمەيدىغان، ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدىغان پولاتتەك بىر ئادەمگە ئايلاندىم.
$ بىزنىڭ بايلىقىمىز تىرىشچانلىقىمىزغا بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئەقىدىمىزنى مۇستەھكەملەپ، ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسىگە بولغان ئىشەنچ بىلەن كۆزلىگەن مەنزىلىمىزگە قاراپ توختاۋىسىز تىرىشايلى، ھۇررا!
$نام-ئابرۇي ۋە ئېسىل پەزىلەت قەلبنىڭ زىننتى، ئۇ بولمىسا رەڭگىرويى ئۇز بولغان بىلەنمۇ چىرايلىق ھېسابلانمايدۇ.
$ ئاخىرقى نۇقتا باشلىنىش نۇقتىسىدۇر.
$ كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ مەغلوب بولۇشىغا خاتالىقى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشمىگەنلىكى سەۋەب بولغان.
$ۋاز كېچىشلا ھەقىقىي مەغلوبىيەت.
$دۇنيادىكى ھېچقانداق نەرسە ئىرادىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. پەقەت سەن ۋاز كەچمىسەڭلا، مەغلوب بولمايسەن.
$نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىدە يوقنى يۇقىرى مۆلچەرلىۋالىدۇ. ئەكسىچە ئۆزىدە بارىنى تۆۋەن مۆلچەرلىۋالىدۇ.
$ ئەڭ نەتىجە يارىتالايدىغانلار، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشقا ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغانلاردۇر.
$ ۋاقتىڭنى ئۆزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلمىساڭ، سەندە ھەرگىزمۇ قانائەتلىنىش تۇيغۇسى بولمايدۇ. ئۆزۈڭدىن قانائەتلىنىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولالمىساڭ، ھاياتقان بولغان قىزغىنلىقىڭنى يوقىتىسەن، ئەگەر سەن ھاياتنىڭ قىزغىنلىقىنى يوقاتساڭ، ھاياتىي كۈچۈڭنى يوقاتقان بولىسەن.
$ئىجادچانلىق ئۇرغۇپ تۇرغان روھ ۋە ئىشەنچ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنىمۇ مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلىدۇ.
$ ھەر بىر دەقىقە مۇھىم، ھەر بىر قارار ھايات مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
$بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش- يارىتالماسلىق، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش-قازىنالماسلىق ۋاقىتتىن جايىدا پايدىلنىش بىلەن مۇناسىۋتلىك.
$ مېنىڭ نەتىجىگە ئېرىشەلىشىمدىكى سەۋەب، ئادەملەرنى تەشكىللەشنى بىلگەنلىكىمدۇر.
$مەن راھەت-پاراغەتنى ھاياتنىڭ مەقسىتى قىلىۋالمىدىم. چۈنكى نەزىرىمدە ئۇ چوشقىلارنىڭ غايىسى.
$بىز روھى ئاچ، قورسىقى توق بىر دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز.
$مۆتىۋەرلەر ھەرگىزمۇ نادان بىلەن زاكونلاشمايدۇ.   
$ھاكاۋۇرلۇق كىشىنى گۇمران قىلىدۇ.
$ بۇ دۇنيادا باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىشنى خالايدىغان ئادەملەرنىڭ ھەممسى ئۆزىنىڭ غايىۋى شارائىتىنى ئىزدەشنى بىلىدىغان ئادەملەردۇر. ئەگەر ئىشلار ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىسا، ئۇلار ئۆزلېرى يارىتىدۇ.
$ مەن غەلبىنى ياخشى كۆرىمەن. ئەمما مەن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغانلارنى ياقتۇرىمەن. تۆلىگەن بەدەل بىلەن ھېسابلاشماي قىلغان غەلىبە غەلىبە ئەمەس، رەزىل رىقابەت ۋاستىلىرى ئادەمنى يىرگەندۈرىدۇ. ئۇ ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانغا باراۋەر. بىرەر قېتىم غەلىبە قىلىش كىيىنكى غەلىبە پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇشى مۇمكىن.
$ ھەر بىر ئادەم قىممىتى بار دەپ قارىلىشنى، ئىززەتلىنىشنى، ھۆرمەتلىنىشنى ئارزو قىلىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ بوينىغا كۆرۈنمەس بەلگە ئېسىلغان، ئۈستىگە مېنىڭ قەدرىمنى قىلىڭ دەپ يېزىلغان.
$ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئادەم ئوغرىغا ئوخشايدۇ. چۈنكى ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، ئۆزىدىكى ئىقتىدارنى تولۇق جارى قىلدۇرمىغان ھەر قانداق ئادەمنى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئوغرىلىغان ئادەم دىيىشكە بولىدۇ.
$ ئادەم ياشىغانىكەن، چوقۇم نىشانى ياكى ئاچ كۆزلۈكى بولۇشى كېرەك. بولمىسا ئۇ رولى يوق كېمىگە ئوخشاپ قالىدۇ، مەڭگۈ لەيلەپ يۈرۈپ، ئۈمۈدسىزلىك، مەغلوبىيەت ۋە مەيۈسلۈك ساھىلىغىلا بېرىپ قالىدۇ.
$ئادەمنىڭ يارىتالايدىغىنى مەقسەت. بىر ئادەم مۇۋەپپەقيەتنى پىلانلىيالمىسا مەغلوبىيەتنى پىلانلىغان بولىدۇ. بۇ مېنىڭ ئۆمرۈمدىن چىقارغان نەتىجە.
$كىتاب ئوقۇش ئادەمنى باي قىلىدۇ؛ سۆھبەتلىشىش كىشىنى زېرەك قىلىدۇ؛ يېزىقچىلىق كىشىنى سالماق قىلىدۇ. بۇ خىل ئىقتىدارلارنىڭ جەم بولۇشى سەركىلىك ئورنىنى كۆزەلەيدىغان ئادەمگە مۇتلەق كەم بولسا بولمايدىغان ئۈچ ئەڭگۈشتەر.
$ باشقىلارنىڭ خاتالىقىدىن ئىبرەت ئېلىش لازىم، چۈنكى خاتالىقنىڭ ھەممىسىنى سىناپ بىلگۈدەك ۋاقتىمىز يوق.
$پەقەت بىرلا كىتاب ئوقۇغان ئادەمدىن ئېھتىيات قىلىش لازىم.
$نورمال ئىش ۋاقتىدىن باشقا، بىر قىسىم ۋاقتىدىن پايدىلنىپ ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئۆگىنىدىغان ئادەملەر كۆپ ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن ئەگەر ھەقىقىي ھالدا ئەتراپلىق، ئىجادىي ئۆگىنىش پىلانىنى بېكىتسەڭلا، كۆپ قىسىم كۈچلۈك رىقابەتچىلىرىڭنى ئاسانلا كەينىڭدە قالدۇرالايسەن.
$ ھازىر مەن ھاياتىمنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ياشاپ بولدۇم. رىقابەتچىلېرىم بىلەن بولغان ئارىلىقنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بەكمۇ تەستە مۇۋەپپەقىيەت پەلەپىيىگە ياماشقىنىم، مۇشۇ پەلەمپەيدە مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرۇشۇم ئۈچۈن، چوقۇم ئۈزۈكسىز ئۆگىنىشم كېرەك.
$يەنە ئون يىلدىن كىيىن، سىلەر ئون ياش چوڭىيىسىلەر، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى ئەقىللىق بولامسىلەر ياكى پەقەت ئون ياش چوڭ بولامسىلەر؟
$يېڭى سودا بىلەن شۇغۇللانغان دەسلەپكى چاغلاردا ئىنتايىن دوستانە، ئالىيجاناب بولىدۇ. بۇ خىل دوستانە كەيپىيات سەۋەبلىك سەن ئۆزۇڭنىڭ ئىچكى دۇنيايىڭنى ھەددىدىن زىيادە ئاشكارىلىۋەتكەن بولۇشۇڭ مۇمكىن، شۇنىڭدەك قارىماققا مۇھىم ئەمەستەك بىلىنگەن تەپسىلاتلار كەلگۈسى بىز كۈنلەردە سېنى پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.
$ئەگەر سەن بۇ دۇنيادە ئىككى-ئۈچ يىللىق تەجرىبە توپلىساڭ، ئاندىن تامامەن ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان كىشىلەرنىڭ ساناقلىقلا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ قالىسەن. چۈنكى ئەقىللىك كىشىلەر دائىم ئۆزىنى نىقابلىۋالىدۇ.
$سەمىمىي ئادەم بولۇش ھەقىقەتەنمۇ بەك مۇھىم، سەمىمىي بولساڭ كىشىلەر سېنى ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ، دەپ قاراپ ساڭا تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولىدۇ. سېنى ناھايىتى مەسئولىيەتچان، دەپ بىلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سەن شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقىرى ئىناۋەتكە ئېرىشەلەيسەن ھەم تېخىمۇ كۆپ دوست ۋە سودىدا ھەمكارلاشقۇچى شېرىكلەر بىلەن تونۇشالايسەن، ھەممىلا كىشى ھەمىمىي كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالايدۇ.
$ كىشىلىك ھايات بىر يولۇچى، سېنىڭ ھاياتىڭدىكى ھەر بىر نەرسە ئۆزۈڭگە تەئەللۇق ئەمەس، بەلكى بۇ نەرسىلەر پەقەت ساڭا ئامانەت قويۇلغان بولىدۇ.
$ زىيادە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆزىنى ئادەتتىكىچە چاغلاش ۋە چوڭ چاغلىۋېلىشمۇ ئوخشاشلا خاتا. سىزنىڭ ئەمەلىي نەتىجىڭىز ۋە تەجرىبىڭىز بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلالايدىغانلىقىڭىزنىڭ ئاساسىي شەرتى.
$ تۇرمۇشتا مەغلوپمۇ بولماي، غەلبىمۇ قىلماي بۇرۇقتىمىلىق ئىچىدە ياشىغاندىن، يا خۇشاللىقنى يا قايغۇنى تېتىيالماي ئۆلەرمەن بولۇپ قالغاندىن، يېڭىلسىمۇ ئېتىپ ئۆلگەن، غەلبىنى بۇلاپ كەلگەن ياخشى. مانا بۇ تەبرىكلەشكە ۋە خۇش بولۇشقا ئەرزىيدىغان ئىش.
$نۇرغۇن شىركەتلەر ئالغان پايدىسىنى پايدا سۈپىتىدە پايچىكلارغا بۆلۈپ بېرىدۇ، لېكىن يېڭى مەھسولاتلارنى ياساش ۋە ئېچىشقا نىسبەتەن بىر تىيىنمۇ خەجلىمەيدۇ. بۇ ئېغىر بىر خاتالىق.
$كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن، چوقۇم كەسپىي خادىملارنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە مول تەسەۋۋۇر كۈچىنى تەربىيەلەش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
$ تەنھالىق ئىجادچانلىقتىكى مۇھىم كاتالىزاتورلارنىڭ بىرى. ئىلھامنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن قەلبكە تەپەككۇر قىلالايدىغان جىمجىت، خاتىرجەم مۇھىت بېرىش كېرەك. كاللا جىمجىت چاغدىلا ئاندىن يېڭى تەپەككۇرلار پەيدا بولىدۇ.
$نۇرغۇن كىشىلەر ھەددىدىن زىيادە بېسىمغا تولغان تۇرمۇشتا، ئۆزىنى يوقىتىپ قەددىنى رۇسلىيالمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا يازىدىغان رېتسىېپ ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى، ئۆز-ئۆزىنى تەڭشەش ۋە كونتىرول قىلىشتىن ئىبارەت ئاددىي رېتسېپ.
$ بۇ قېتىمقى ئىش مەن ئۈچۈن چوڭقۇر ساۋاق بولدى. ساغلاملىقنى قەدىرلەشنى، ئۆزىنىڭ ھاياتىغا كۆيۈنۈپ، دوستلېرى ۋە بىر ئائىلە كىشىلىرىگە مۇھەببەت يەتكۈزۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. بىز ھەمىشە سەكراتتىكى ۋاقىتتىلا، ئاندىن نىمىنىڭ ئىنتايىن قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. بىراق، مۇشۇنىڭدىن بۇرۇن ھاياتنىڭ قىممىتىنى بىلىش بەخت.
$ ھەقىقىي بايلىق پۇل-مالغا ئېرىشىشلا بولۇپ قالماي، يەنە ساغلاملىق، بەخت، توقلۇق، خۇشاللىق، ئۆگىنىش، ئۆزىنىڭ نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى، پۇرسەتنى، ھۇزۇرنى، تەڭپۇڭلۇقنى ھەم تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
$ كىم ھەر كۈنى كۆزىنى ئېچىپلا كەچ كىرگۈچە پۇل ئۈچۈنلا پالاقشىپ يۈرسە، بۇ ئادەمدىنمۇ رەزگى، بىچارە بەندە بولماس.
$تۇرمۇشتا يا ئوتى، يا سۈيى بولمىغان، خوش بولغىنىنى ياكى خاپا بولغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان مەسلىھەتى يوق ئادەمدىن، يېڭىلسىمۇ نىشانغا ئېتىلىپ تۇرىدىغان ئادەم ئارتۇق.
$ ئىش قىلغاندا بەك ۋاقىت قوغلىشىپ كەتمەي، سان قوغلىشىپ كەتمەي، پۇختا قىل، شۇندىلا نۇرغۇن ئىش قىلالايسەن.


0

تېما

2

دوست

1748

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9743
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 552
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 21:15:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردا PDF دىن رەسىم ھاسىل قىلىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ئالدىنقى قېتىم سىلەرگە تور بەت يۈزىدە ئىملا تەكشۈرۈپ PDF ھاسىل قىلىش قۇرالىنى تونۇشتۇرغان ئىدىم. بىر مۇنچە تورداشلار ئىشلىتىپ كۆرۈپ
ياقتۇرغانلىقىنى ئېيتتى، بىر قىسىم كەمچىلىكلەرنىمۇ كۆرسەتتى، «رەسىم ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى بولسا» دەپ تەكلىپ-پىكىر بەردى.

بۇ ھەپتە  ۋاقتىم چىققان ئىدى،  تەلەپ بويىچە ئازراق ئۆزگەرتىپ يازدىم، رەسىم ھالىتىدە كۆرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
نۆۋەتتە ئىملا تەكشۈرۈش، PDF ھاسىل قىلىش، چۈشۈرۈش، ئېلخەتكە ئەۋەتىش، رەسىم ھالىتىدە كۆرۈش ئىقتىدارلىرى نورمال.

ئىشلىتىپ كۆرۈڭلار :
http://www.pdf-books.info/Default.aspx

تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا يەتكۈزۈپ تۇرارسىلەر.
QQ: 26645828




مەزكۇر ماقالىنىمۇ PDF كە ئايلاندۇرۇپ ساقلىۋالدىم.
چۈشۈرۈش ئادرىسى :
http://www.pdf-books.info/Index. ... 236.pdf&index=1



رەسىمگە ئايلاندۇرغاندىكى كۆرۈنۈش تۆۋەندىكىچە :



يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

1748

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9743
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 552
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 21:21:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hotanboy يوللىغان ۋاقتى  2014-6-8 21:15
توردا PDF دىن رەسىم ھاسىل قىلىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورد ...





0

تېما

2

دوست

1748

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9743
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 552
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 21:22:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

2

دوست

1748

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9743
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 552
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 21:22:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

2

دوست

1748

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9743
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 552
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 21:23:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12046
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 00:02:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك خوتەن ئوغلى مەن سىناپ باقتىم ئەڭ چوڭ 72 خەت نۇسخىسىدا ھەرىپلەر ئارلىقىدا ئۈزۇكلۇك باركەن ، ئەمما مەن موشۇ  پ د ئېف دىگەنگە رەسىم كىرگۇزۇشكە خېلى قىزىقىمەن ،

3

تېما

0

دوست

1970

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25740
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 612
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 00:57:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر شىركەتلىرىگە خوش-خەۋەر

2011-يىلى 5-ئايدا قۇرلۇش باشلانغان قەشقەر <قۇياشنۇرى> ئولتۇراق رايۇنى ( مەمۇرلار ئولتۇراق رايۇنى دەپمۇ ئاتلىدۇ ) بۇ يىل 5- ئاينىڭ 10- كۇنىدىن باشلاپ تارقىتىلشقا باشلىدى. بۇ ئولتۇراق رايۇندا ۋىلايەتكە بىۋاستە قارايدىغان ناھىيە دەرجىلىك 189 ئىدارە، كەسپى ئورگان، دۆلەت كارخانلىرى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە مەركەزنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئىشچى خىزمەتچىلىرى، قەشقەردىكى 12ناھىيە-شەھەرنىڭ يۇقىرى ئۇنۋاندىكى خىزمەتچىللىرى  سىتۋالغان، جەمئىي 7050 يۈرۈش ئۆي بولۇپ، ئۆي كۆلىمى150 ،120،105 كىۋادىرات مىتىرلىق ئۈچ خىل شەكىلدە سىلىنغان، ئۇندىن باشقا قوشنا بولغان قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتىنىڭ 980يۇرۇش ئۆيلۇك ئوخشاش قۇرۇلمىدىكى ئولتۇرق رايۇنىمۇ سىلىنپ بولدى. دىيارىمىزدىكى ئۆي بېزەش، ئۆي جازىلىرى شىركەتلىرى بەس-بەستە ئىلان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى باشلاپ بولدى، كۈزتىشىمىزچە كۆپ قىسمى ئىچكىردىكى شىركەتلەر ئىكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ   ئۆي بېزەش، ئۆي جازىلىرى شىركەتلىرىنى ئۇچىراتمىدۇق، بۇئولتۇراق رايۇن قەشقەر شەھەرنىڭ جەنۇبى قىسمىغا قىزىل دەريا بويىغا جايلاشقان بولۇپ ،8000دىن ئارتۇق ئاھالە ئۆينى قولىغا ئىلىپ بولدى، ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بۇلارنىڭ %70 دىن ئارتۇقى ئۇيغۇرلار بولۇپ بۇ شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئىگىز قەۋەتلىك (17قەۋەت) ، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇرقلاشقان رايۇن بىزنىڭ ئۈمۈدىمىز شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي بېزەش، ئۆي جازىلىرى شىركەتلىرىنىڭ بۇئولتۇرق رايۇنىدا بازار ئىچىشىنى   ئويلايمىز،پۇرسەتنى قولدىن بەرمەڭ.
2011-يىلى 5-ئايدا قۇرلۇش باشلانغان قەشقەر <قۇياشنۇرى> ئولتۇراق رايۇنى ( مەمۇرلار ئولتۇراق رايۇنى دەپمۇ ئاتلىدۇ ) بۇ يىل 5- ئاينىڭ 10- كۇنىدىن باشلاپ تارقىتىلشقا باشلىدى. بۇ ئولتۇراق رايۇندا ۋىلايەتكە بىۋاستە قارايدىغان ناھىيە دەرجىلىك 189 ئىدارە، كەسپى ئورگان، دۆلەت كارخانلىرى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە مەركەزنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئىشچى خىزمەتچىلىرى، قەشقەردىكى 12ناھىيە-شەھەرنىڭ يۇقىرى ئۇنۋاندىكى خىزمەتچىللىرى  سىتۋالغان، جەمئىي 7050 يۈرۈش ئۆي بولۇپ، ئۆي كۆلىمى150 ،120،105 كىۋادىرات مىتىرلىق ئۈچ خىل شەكىلدە سىلىنغان، ئۇندىن باشقا قوشنا بولغان قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتىنىڭ 980يۇرۇش ئۆيلۇك ئوخشاش قۇرۇلمىدىكى ئولتۇرق رايۇنىمۇ سىلىنپ بولدى. دىيارىمىزدىكى ئۆي بېزەش، ئۆي جازىلىرى شىركەتلىرى بەس-بەستە ئىلان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى باشلاپ بولدى، كۈزتىشىمىزچە كۆپ قىسمى ئىچكىردىكى شىركەتلەر ئىكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ   ئۆي بېزەش، ئۆي جازىلىرى شىركەتلىرىنى ئۇچىراتمىدۇق، بۇئولتۇراق رايۇن قەشقەر شەھەرنىڭ جەنۇبى قىسمىغا قىزىل دەريا بويىغا جايلاشقان بولۇپ ،8000دىن ئارتۇق ئاھالە ئۆينى قولىغا ئىلىپ بولدى، ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بۇلارنىڭ %70 دىن ئارتۇقى ئۇيغۇرلار بولۇپ بۇ شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئىگىز قەۋەتلىك (17قەۋەت) ، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇرقلاشقان رايۇن بىزنىڭ ئۈمۈدىمىز شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي بېزەش، ئۆي جازىلىرى شىركەتلىرىنىڭ بۇئولتۇرق رايۇنىدا بازار ئىچىشىنى   ئويلايمىز،پۇرسەتنى قولدىن بەرمەڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )