- تىزىملاتقان
- 2012-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12630
- نادىر
- 57
- يازما
- 150
ئۆسۈش
6.58%
|
anatil8 يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 20:43
تەرجىمھالىڭىزنى يېزۋاتامسىز ئەپەندىم؟
بىز سىزنى تارى ...
سالام ئىنىم:
ئالدى باغداش تورىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى ئىكەنلىگىڭىزدىن سۆيۈندۇم.
مەن ئۈچۈن ياشنىڭ چوڭ-كىچىكى بار، ئەمما كۆڭۈل ئوخشاش!
سۆزىڭىزگە ئىنكاسىم:
مەن تەرجىمھالىمنى يېزىپ چىققۇدەك ئالىم ياكى زالىم ۋە ياكى مەشھۇر كىشى ئەمەس. يازمىلىرىمدا ئىيتقاندەك توغرا-خاتانى ئايرىپ توغرا يولدا ھالال ياشاپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنغۇچى.
مۇنۇ چاتما ئەسەرنى يىزىش ئارقىلىق مەن ھازىرقى ياشلىرىمىزغا بۇندىن 20 يىل بۇرۇنقى ئەھۋالنى چۈشەندۇرۇش ھەمدە ئادەم بىر ئىشقا نىيەت قىلسا، تېرىشسا قىلالايدىغىنىنى ئۆز ئەمىليىتىمگە باغلاپ سۆزلەش. يەنى مەندە يازغانلىرىم -ياشلارغا رېغبەت بولسا دىگەن ئۈمىت بار، باشقا مەقسەت يوق. مەن يېشى قىرىقتىن ئىشىپ مەلۇم نەرسىلەرنى چۈشۈنۇپ بولغان ئادەم. ئالدامچىلىق ۋە ياكى پۇرسەتپەرەسلىك، شۆھرەتپەرەسلىك قىلىش ئارقىلىق بىچارە خەلقىمنىڭ ھىسسىياتىنى ئەخمەق قىلىش مەن ئۈچۈن نومۇسلا ئەمەس، بەلكى ئەخلاقى جىنايەت!
مەن بارىنى دىدىم، بولغاننى سۆزلىدىم، خالاس.
تارىخ - ئىزدىنىشنى، چىنلىقنى، باتۇرلۇقنى، ئىستىداتنى تەلەپ قىلىدىغان ئىلىم.
مەندىن تارىخ ھەققىدە يازما كۈتكىنىڭىز، پادىچىنى ئايرۇپىلان ھەيدەڭ دىگەندەك ئىش.
مەن باشقا تورلاردىن پەقەت «ئىزدىنىش» تورىنىڭ قايتا-قايتا تەلىۋىى ۋە تەكلىۋى بىلەن باغداشتا ئىلان قىلىنغان ئەسەرلارنى ئانچە مۇنچە ئىلان قىلىپ قويىمەن. قالغان تورلار ئۆزلىرى - ئەسەرلىرىمنى چاپلاپ قويىدىكەن، ئۇنىڭغا پىكرىم يوق، ئەلۋەتتە.
سىزگە تېخمۇ يۈكسەك تەپەككۈر تىلەيمەن، سىزدىن ئۈمىت بار!
رەھمەت!
|
|