قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2937|ئىنكاس: 20

قەيسەر مىجىت: شۇڭقار كەبى چاغلار -(9)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

71

تېما

16

دوست

9771

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   95.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 45
مۇنبەر پۇلى: 807
تۆھپە : 3325
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 11:51:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

شۇڭقار كەبى چاغلار -(9)

قەيسەر مىجىت


(بۇ ئەسىرىمنى  ئەينى چاغلاردا، چەتئەلگە چىقىپ ئىلىم ئىزدەش ئارزۇسىدا تەر تۆككەن بارلىق تېرىشچان دوست-يارەنلەرگە بىغىشلايمەن!)

     ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا چىقىدىغانلارنىڭ ئېنگلىزچە سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانى بولغان- EPT ئىمتىھانىدا ئالغان نەتىجەمنىڭ يۇقۇرىلىقىغا قارىماي نىمىشقا مىنى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا چىقىشتىن قالدۇرۇشىۋىتىدۇ؟ .
   مىنىڭ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان چىغىمدىكى يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم -باۋ  مۇئەللىم بولۇپ ئۇ كىشى مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى، مىنىڭ ئوقۇتقۇچۇم بولغانلىغى ئۈچۈن  مىنىڭ قانداق ئوقۇيدىغانلىغىمنى بىلەتتى، ئەلۋەتتە. شۇڭا مەن ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا ئىلتىماس سۇنغاندا گەپ قىلمايلا قوللىدى، يەنە بىر قوللاش خېتىنى فاكۇلتىت رەھبىرىدىن ئالغان ئىدىم. بىرىنجى قىتىملىق مۇزاكىرىدە ئۆتۈپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن مۇئارىپ نازارىتىدىن جەدۋەللەرنى ئەكىلىپ تولدۇرغان ئىدىم.
     مانا ئەمدى مەن ئۇنىڭ نەتىجىسىنى زور ئۈمىت بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرسام ھىلىقى خۇمسى گۇي "شەرتىڭ توشمايدىكەن، سىنى قالدۇرىۋەتتۇق" دىمەسمۇ؟ ئۆزۈمنى تۇتالماي ئۇنى "قولۇڭدىن كەلگىنىڭنى قىلىشەۋا" دەپ سىلكىۋەتكەن ئىدىم.
         كىيىن بىلسەم، مەن نەچچە خىل سەۋەپنىڭ قۇربانى بولۇپ كىتىپتىمەن. بۇنىڭ بىرسى "ئىشخانا سىياسىتى"ىنىڭتەسىرىكەن. يەنى مىنىڭ بىلەن ئوخشاش تىلدا سۆزلەيدىغان  مەكتەپ رەھبىرى بىلەن مىنىڭ مۇئەللىمىمنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىغىرى پىشمايدىغان يەرلەر بار ئىكەن-دە، مىنىڭ ئىسمىم مۇزاكىرىگە چۈشكەندە، بۇ "پالۋان ئۇيغۇرۇم" يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مىنى قوللاپ قىلغان پىكرىنىڭ بىلىگە كەلتۈرۈپ ئاجايىپ "باتۇرلۇق" بىلەن پالتا چىپىۋەتكەن، ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ گىپىنى گەپ قىلالايدىغانلىغىنى كۆرسەتكەن ئىكەن.
        "ئىشەككە كۇچۇڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى" دىگەن مۇشۇ مانا.
    بۇنىڭغا ماسلىشىپ ھىلىقى ماڭقۇرت  گۇي ئۇنى قوللاپ بەرگەن ئىكەن، چۈنكى ئۇنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىغى بولغىسى بار-دە!
    ئەمدى مەن قەيسەرنىڭ پىشاي دىگەن ئېشىغا خالىق بىلەن زارلىق بىرلىشىپ چىچىپ قويسا، خەقنىڭ كارى نىمە ؟
      خۇداغا شۇكرى، ھىلىمۇ بۇ يىغىندا ئۈچەيلەن بوپ قاپتىكەنمىز، بولمىسا مەن بۇ ئىشلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى نەدىن بىلەي.
        ئۈرۈمچىدىكى چېغىمدا خېلى ئەمىلى بار ئۆزىنى توختاتقان بىر كىشى ماڭا شۇنداق بىر گەپ دىگەن ئىدى:
-ئۇكام مۇشۇ بىزنىڭ بەزى ئازراق ئەمىلى بار كادىرلىرىمىزنىڭ قولىدىن ئىش تۈزەش ئەمەس، ئىش بۇزۇش كىلىدۇ"
          كېيىن مەن ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ ھىلىقى ئادەمنىڭ مۇشۇ سۆزنى مەلۇم ئەمىليەتكە ئاساسەن ئىيتقانلىغىنى بىلدىم.
        ئەگەر ئۇلار پرىنسىپ بويىچە ئادىللىق بىلەن ئىش قىلغان بولسا مەنمۇ بۇراڭ ئەمەس-تە بىر نەرسە چۇشەنمەيدىغان.
        ئىقتىسادشۇناسلىقتا بايلىقنى ئەڭ ئەلا شەكىلدە تەقسىملەيدىغان بازار قۇرۇلمىسى - ئەركىن رىقابەتلىك بازار شەكلى بولۇپ، ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى باھا ھەر ئىككى تەرەپ رازى بولغۇدەك شەكىلدە تەڭشەيدۇ. ئۇنىڭغا باشقا كۈچ يەنى ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى ياكى چەكلىمە تۇزۇملىرى ئارىلاشتىمۇ بولدى ئۇ چاغدا بايلىقنىڭ تەقسىملىنىشى ئەلا بولماي قالىدۇ. يەنى بۇ مونۇپوللۇقنىڭ قارشى شەكلىدۇر.
        مىنىڭ ئەھۋالىمنى دەل شۇنىڭغا ئوخشتىتىشقا بولاتتى. مەن ئۆز ئىقتىدارىمغا تايىنىپ ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەتئەلگە چىقىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىدىم. شۇنداق بولغان ئىكەن ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا چىقىدىغانلارنىڭ شەرتلىرىگە تولۇق چۈشىدىغان بولغانلىقتىن مەن قالدۇرۇلۇپ قىلىنماسلىغىم كىرەك ئىدى. دىمەك مىنىڭ سانىمنى ھوقۇقتىن ئىبارەت ئىجتىمائى بايلىقنى ۋاقتىنچە كونترول قىلىۋالغان يەنى مونوپۇل قىلىۋالغان كىشىلەر ئۆز خاھىشى بويىچە باشقا بىرسىگە ئىلىپ بەردى چوقۇم، مەن ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ۋە تۇققانلىرىنى، دوستلىرىنى ئۆزلىرىگە مەنپەئەت يەتكۇزگەنلەرنى ئىتتىك تەستىقلىغانلىغى ۋە تەستىقلايدىغانلىغىنى يەنى  ھوقۇق تۇتقان بەزى مەلئۇنلاردىكى "يەمچى"لىك خۇسۇسىيەتنىڭ بارلىغىنى مەن نەدىن بىلەي. "يەي"دىغانلىغىنىبىلگەن بولسام "گەپ" بىلەن تازا "يىگۈزەتتىم" دە مەنمۇ. يامىنى كەلسە تاشقورغانغا كىتىپ تاجىكلار بىلەن
ئاز ۋو-كھۇ-رى-ئامون شود خاس-تام دىيىشىپ ياشىساممۇ بولاتتى ئەمەسمۇ؟
            ئۆمرۈمدە مەكتەپتە ئوقۇش بىلەنلا بولۇپ ئادەملەرنى ئىسىل، جەمىيەتنى ياخشى دەپ ئويلاپ كەلگەن ساددىلىغىمدىن ئۆكۈندۇم. جەمىيەتتە شۇنداق بىر تۈرلۈك ئادەملەر باركەنكى ئۆزىنىڭ كۆرگەن كۈنىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ، تەخسىكەشلىك قىلىپ ئاز-تولا ئەمەل تۇتۇپ قالغان، ئاخىرىدا ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئۇنتۇپ قالغان...ئۇنداق چۇپرەندىلەرنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويماسلىق كىرەك، ئەلۋەتتە. ئاشۇنداق تەبىئەتلىك ئادەملەرنىڭ قايسى بىرسى خەلقىنىڭ، جەمىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىپتۇ؟ ھوقۇقتىن قالغاندىن كىيىن ھىلىقى تەخسىكەش چوپقەتلىرىمۇ يوق، ئۇلارنى باسقىنى بۇرۇختۇملۇق ۋە بىچارىلىق.
         ئۇلاردىكى خىزمەت ئىستىلى-خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەمەس، شان-شۆھرەت قوغلىشىپ ئۆزىنى كۆرسىتىش. ئىقتىدارسىزلار ھوقۇق تۇتسا - خەلقى تالاپەت تارتىدۇ. چۈنكى ئۇلار شەخسىيەتچى ۋە نومۇسسىز كىلىدۇ. ھەقىقى ئىقتىدارلىق ئادەم ھاكاۋۇر بولمايدۇ، ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىپ، كۆپنىڭ ياخشى بولۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، جۈملىدىن تېرىشچان ياشلىرىنى قوللايدۇ.
          كىيىنكى كەچۈرمىشلىرىم ماڭا كۆپ نەرسىنى ئۈگەتتى.
        ئەينى چاغدا مەن ھەر خىل ئويلاپ كەتكەن ئىدىم. ئاۋۇ ئادەمنىڭ مىنى مەكتەپ يىغىنلىرىدا ئىسمىمنى تىلغا ئىلىپ ئۈگۈنۈش ئۈلگىسى دەپ ماختاپ كەتكەنلىكلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم، ئەمدى نىمشقا بۇنچە قارشى تۇرۇدۇ ماڭا؟
         "ھە مەن ئۇنىڭ قىزى بىلەن ياپوننىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇغىچىلىرى كەلگەندە لاگىرغا قاتناشقان ئىدىم بىللە. ماڭا ئەركىلەپ كەتكەندە يىراق ۋە سوغۇق تۇرغان ئىدىم، شۇنۇڭ ئۇچۇنمىدۇيا؟"..
       ئۇنداق چاغدا ھەممە خىياللارنى قىلىپ باقىدىكەنسەن.
      مىنىڭ بۇ پۇرسەتتىن مەھرۇم قىلىشىم ماڭا دەماللىققا بىراز ئىغىر كەلدى.
       "كەچ قويغان خۇدايىم، ئاچ قويماپتۇ" دىگەن مۇنۇ-دە.
        شۇ ئىش بولۇپ ئىككى ئايلار ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئامىرىكىنىڭ بوستون شەھرىگە جايلاشقان خۇسۇسىلار ئىگىدارچىلىغىدىكى شەرقى شىمال ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ مىنى قوبۇل قىلىش خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. گەرچە غەيرەتلەنگەن بولساممۇ لىكىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەرمىگىنىنى كۆرۈپ يەنە مەيۈسلەندىم. چۈنكى مەن مۇسابايلار ئەۋلادىدىن ئەمەس-تە؟ ئۇ چاغلاردا خىزمەتچىنىڭ بالىسى بىر يەردە تۇرسۇن بىرەر سودىگەر ياكى كارخانىچىنىڭ بىرەر بالىسىنىڭ ئامىرىكىغا ئۆز پۇلى بىلەن ئوقۇشقا چىقىشىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدۇق.  شۇنىڭ بىلەن، تەتىل بولۇپ 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا بارغاندا ئۈرۈمچىدىكى ھەممىنى تاشلاپ ئاتۇشقا كىتىپ قالدىم. ئادەمنىڭ بېشىغا غەم چۈشۈپ كۆڭلى سۇنغاندا يۇرتىنى، ئاتا-ئانىسىنى بەك سىغىنىدىكەن.
        يۇرتقا بىرىپ 10 كۈن تۇرا-تۇرمايلا ، يەنە ئىش چىقتى. يەنى دادامنىڭ دوستى غەيرەت ئاكام مىنى ئىزدەپ ئۆيگە كەلدى.  بۇ يەردە مۇنۇ ئىشنى قىستۇرۇپ ئۆتكۈم كىلىۋاتىدۇ، ئەسلى ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتەي دىگەن ئىدىم، ئەمما بۇ مىنىڭ ئېسىمدە قالغان ئىشلار نېرۋامنى غىدىقلاپ ئۇنى تۆكۈۋەتمىسەم  بولمايدىغان ئوخشايدۇ.
          ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان ئىشىمنى يۇرتتىكى تۇققانلا، تاغ-سەھرادىكى تونۇش بىلىشلەر بەك چوڭ بىلىپ كەتسە كىرەك يەنى مىنى "كاتتا بولۇشقا ئوقۇۋاتىدۇ، قولىدىن ئىش چىقىدۇ" دىيىشىپ كىتىشىدىكەنتۇق. ئۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن يۇرتقا بارسام دادامنىڭ نەۋرە سىڭلىسى - رەھمەتلىك تىللاخان ئاچام (ياتقان جايى جەننەتتىن بولسۇن، ئامىن!) يىغلاپ كەپتۇ:
-جىنىم ئۇكام چوڭ ئوغلۇم ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي بەك روھى چۇشۇپ كەتتى، ئەلە-مەلىنىڭ ئالدىدا بەك سەت بولدى، بىر ئامالىنى قىلىپ ئۇرۇمچىگە ئوقۇشقا ئىلىپ چىقىپ كەتسەڭ...
          دەل شۇ مەزگىلدە ئويتاغ دىگەن تاغلىق رايوندا ياشايدىغان ئاتا-ئانامنىڭ ياش چاغلىرىدىن باشلاپ يىقىن ئۆتكەن دوستلىرى غەيرەت ئاكا ۋە بۇساھادەت ئاچا (بۇساھادەت ئاچام قازا قىلىپ كىتىپتۇ، ياتقان جايى جەننەتتىن بولغاي، ئامېن!. ئۆيتاغ ئۆزگىچە بىر ئىسىل يۇرت بولۇپ، ئۇ ھەققىدە ئايرىم يازغۇم بار. ئويتاغ خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرپ-ئادىتى بار، مەسىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ دوستلىرىنى بالىلار ھۆرمەت بىلەن ئاياش ئاتا، ئاياش ئانا دەپ چاقىرىشىدۇ. مەنمۇ ئويتاغ پەدىسىدە  ئۇلارنى ھۆرمەت بىلەن غەيرەت ئاياش ئاتا ۋە بۇساھادەت ئاياش ئانا دەپ چاقىراتتىم) ھەم چوڭ ئوغلىنىڭ ئوقۇش ئىشى بىلەن مىنى ئىزدەپ ئويتاغدىنئۇستۇنائتۇشتىكى ئۆيىمىزگە ئىزدەپ كەپتۇ. مەن ئۇلارغا ئالى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قىلىشتىكى ئىشلارنى، ئەھۋالنى چۇشەندۇرۇپ ئۇ ئىككىسىنىڭ بالىسىنى ئۈرۈمچىدە بىزنىڭ فاكۇلتىتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى -ئىبراھىم مۇئەللىم (پىچاندىن بولۇپ مىجەزى چۇس ئەمما غۇرۇرلۇق ئادەم ئىدى، قازا قىلىپ كىتىپتۇ، ياتقان جايى جەننەتتىن بولسۇن، ئامىن) ئاچقان ئىگىلىك باشقۇرۇش بويىچە ئالى تىخنىكۇم دىپلومى تارقىتىدىغان ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنۈش سىنىپىگە ئىلىپ چىقالايدىغانلىغىمنى، ئەگەر ئوڭۇشلۇق ھالدا  دىپلومنى ئالالىسا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ كىتەلەيدىغانلىغىنى ئىيتىپ شۇ يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا ئىككى يىگىتنى ئۈرۈمچىگە ئىلىپ چىقىپ مەكتەپ ۋە ياتاققا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىم، بۇلارنىڭ ئىچىدە تىللاخان ئاچامنىڭ ئوغلى- مامۇتجان ياسىن بەلگىلەنگەن مۇددەتتە دىپلومنى ئىلىپ قايتىپ بولغان ئىدى، ئەمما غەيرەت ئاياش ئاتىنىڭ ئوغلى - ئەلىئەكبەر  تېخى ئالمىغان ئىدى.
     غەيرەت ئاياش ئاتا -مەندىن ياردەم سوراپ كەپتۇ، - بالام ئاشۇ دىپلومنى ئىلىشىپ بەرسىڭىز.
     ئۆزۈم يۇرتتا بولساممۇ، كۆڭلۈمنىڭ يەنە بىر يەرلىرى ئۈرۈمچىدە ئىدى-دە، ياش چاغلار ئەمەسمۇ ئۇ! :)
    10 كۈن جەريانىدا دەردلىرىمنى ئاتا-ئانامغا تۆكۈپ بولغان ئىدىم.
    شۇنىڭ بىلەن غەيرەت ئاياش ئاتا ئىككىمىز ئۇرۇمچىگە سەپەرگە ئاتلاندۇق. ئۈرۈمچىگە چىققان كۈنى، غەيرەت ئاياش ئاتامنى ياتىقىمغا ئورۇنلاشتۇرۇپ فاكۇلتىتتقا خەت چەك تەكشۇرگىلى چىقتىم، ئۇ كۇنى دەل 7-ئاۋغۇست ئىدى.
     ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ، شەرقى شىمال ئۇنىۋىرسىتىتىدىن ماڭا 13000 دوللارلىق ئوقۇش مۇكاپاتى بەرگەنلىك خەت 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا كىلىپ ئىككى ھەپتىدەك فاكۇلتىتتا تۇرۇپ قالغان ئىكەن. خەتنى ئاچسام 7-ئاۋغۇست قوبۇل قىلدىم دەپ جاۋاپ بەرمىسەڭ باشقىلارغا بۇ مۇكاپاتنى بىرىۋىتىمىز دىگەن گەپ بار ئىكەن. شۇ ھامانلا ھەم خوش بولدۇم ھەم جىددىلىشىپ كەتتىم. بىر دوستۇمنىڭ مەسلىھەتى بىلەن "ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەردۇق" دىگەن خەتكە ئىمزا قويۇپ فاكس يوللايدىغان ھەم يەنە شۇ كۈنىلا ئۇلارغا تېلىفۇن قىلىپ ئەھۋالنى چۇشەندۇرىدىغان بولدۇم. يىنىمغا پۇل سىلىپ دا شې زى دىكى چوڭ پوچتىخانىغا باردىم، فاكسنى سىلىپ بولۇپ، ئامىرىكىدىكى ئىككى يەرگە تېلىفۇن ئۇردۇم، ۋاي بۇ مەن تىلىفۇن ئۇرغان ئادەملەرنىڭ ئىنكاسىدىكى ئاستىلىقنى، ئۇلار ئاستاگەپ قىلىپ خېلى جىق سۆزلىشىپ كەتتۇق، ياكى مەن كۆپ سۆزلەپ كەتتىممۇ چۈنكى مەن ئۇلارغا تېخى پاسسپورتىمنىڭ يوقلىغىنى، خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىغىمنى، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى مەن بارغۇچە ساقلاپ تۇرۇش مۈمكىنچىلىگى بار-يوقلىغىنى دىگەندەك سۆزلەپلا كەتكەن ئىدىم....، تەلىيىمگە شۇ كۈنىدىكى دۇجۇرنى خادىملار بىر-بىرىدىن چىرايلىق ئىككى ئۇيغۇر  قىزلىرى ئىكەن، شۇ چاغدا نىمىشقىدۇر، كۆزۈمگە چىرايلىق قىزلارنىڭ ھەممىسى پوچتا تىلىگرافتا ئىشلەيدىغاندەكلا تۇيۇلۇپ كەتتى.  
- پۇلىڭىز ئاللىقاچان تۈگەپ كەتكەن، قارىسام مۇھىم تېلىفۇندەك، شۇڭا ئۈزۈۋەتمىدىم، ئامىرىكىغا بارىدىغان ئوخشىمامسىز؟ ئېنگلىزچىڭىز ھەجەپ راۋانكەن دىدى، ئىگىز بويلۇق، زىلۋا كەلگەن گۇزەل قىز ئىللىق كۈلۈمسىرەپ.
- رەھمەت سىزگە، كۆڭلىڭىزمۇ ئۆزىڭىزگە ئوخشاش گۇزەل ئىكەن، نىسىپ بولسا بارارمەن، نىسىپ بولمىسا تېلىفۇن ئۇرغىلى يەنە نەچچە كىلەرمەن دىدىم مەن ئۇنىڭغا مىننەتدارلىغىمنى بىلدۇرۇپ. 300 يۇئەن قويغان ئىدىم، بىر مىنۇتىغا 24 يۇئەنمۇ ئىشقىلىپ ئاشۇنداق ئىكەن،بۇ پۇل يەتمەي 200 يۇئەندەك قەرز بوپ قاپتىمەن. دەرھال شۇ ئەتراپتا ئۆيى بار دوستۇم ئەسقەر جاپپارغا تىلىفۇن قىلدىم.
       دوستنىڭ ھاجىتىنى دىسە تۇلپاردەك ئۇچىدىغان ئەسقەر پۇلنى كۆتۈرۈپ لىككىدە پەيدا بولدى.
        شەرقى شىمال ئۇنىۋىرسىتىتى ئىقتىساد فاكۇلتىتى مەسۇللىرى - مەن يىتىپ كەلگۈچە ئوقۇش مۇكاپاتىنى ساقلاپ تۇرىدىغان بولدۇم، مەن شۇندىلا "ئۇھ" دىدىم.
       ئەمدى نۆۋەت بويىچە مەن بۇ مەكتەپتىن كەلگەن ماتىرياللارنى كۆرسۈتۈپ پاسسپورت ئىلىشىم كىرەك.
      مەن مۇئارىپ نازارىتى  تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىغى، ئەنگىلىيىدە ئوقۇپ كەلگەن ھەكىمە ئەرشىدىن خانىمنى ئىزدەپ باردىم. ھەكىمە خانىم  - مۇئارىپنىڭ قىممىتىنى چۈشۈنىدىغان زىيالى بولۇپ، دىلشات ھېۋزۇللانىڭ ئەنگلىيىگە ئوقۇشقا چىقىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان ئىدى. قىسقىسى بۇ خانىم بۇنداق ئىشلارنىڭ ئۇجۇرى-بۇجۇرىنى ياخشى بىلەتتى.
-ياخشى ئىش بوپتۇ ئۇكام، سىز دەرھال فاكۇلتىتىڭىزدىن، مەكتىۋىڭىزدىن خەت ئىلىپ ماۋۇ چەتەلدىن كەلگەن ماتېرياللارنى ئىلىپ  شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە بىرىپ پاسسپورتقا ئىلتىماس قىلىڭ.
        ئەتىسى يولدا فاكۇلتىتىمىزىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ ئۇچراپ قالدى، مەن ئۇنىڭغا بۇ چاقىرىق توغرىسىدا ئۇچۇر بىرىپ قوياي دىۋىدىم، ئۇ دەپ سالدى:
- بەلكىم چەتكە چىقىشىڭ قىيىنغا توختايدۇ.
       بۇ نىمە دەيدىغاندۇ دىدىم ئىچىمدە، ئارتۇق گەپ قىلمىدىم-دە فاكۇلتىت مۇدىرى سوڭ مۇئەللىمنى ئىزدىدىم.
       مەن سوڭ مۇئەللىم توغرىسىدا بۇرۇن ئازراق توختالغان ئىدىم، ھازىر تولۇقلىۋىتەي.
       بۇ مۇئەللىم 1993-يىلى ئاسپىرانلىققا ئىمتىھان بىرىدىغان بالىلارغا "سىياسى ئىقتىسادتىن" تەييارلىق كۇرسى ئاچقان بولۇپ، مەن شۇ يىلى ئۇنىڭ كۇرسىغا قاتناشقان بىردىن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىدىم. بىر قىتىملىق لىكسىيەدە مەن ئۇ كىشىنىڭ"قىممەت" بىلەن "باھا" نىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا سۆزلىگەن سۆزىگە قارىتا سۇئال قويغان ئىدىم، دەرس تۈگىگەندىن كىيىن مىنى ئىلىپ قىلىپ كىملىگىمنى سۈرۈشتە قىلىپ ئۆزىنىڭ ماڭا يىتەكچى ئوقۇتقۇچى بولۇشنى خالايدىغانلىغىنى ئاكتىپلىق بىلەن بىلدۇرگەن ئىدى. يىرىم يىلدىن كىيىن ئۇ بىزنىڭ فاكۇلتىتقا مۇدىر بولۇپ كەلدى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەسلى يۇرتى تىيەنجىندىن بولغان بۇ كىشى ئەسلىدە بالىلىق دەۋرىنى غۇلجىدا ئۆتكۈزۈپ (باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە) باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىغىچە ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇغان ئىكەن. مەن كىيىن بۇ ئادەمنىڭ مەن فاكۇلتىتنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئورۇنلاشتۇرغان نورۇز پائالىيىتىدە شىئر ئوقۇسام نىمىشقا دىققەت بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ كەتكىنىنى چۇشەندىم. بۇ ئادەمنىڭ ئىچكىرىدە ئالى مەكتەپتە ئېنگلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوغلى بولۇپ، بۇ ئادەم ئاتايىتەن بالىسىغا ئېنگلىزچە ئۈگۈنۈش ئۇسۇلۇمنى سۆزلەپ بەرسەڭ دەپ بويتاقلار بىناسىدىكى ياتىقىمغا ئوغلى بىلەن بىللە ئىزدەپمۇ كەلگەن ئىدى.
      مەن سوڭ مۇئەللىمنى ئىزدەپ گاۋو مۇئەللىمنىڭ دىگەن دىپىنى چۇشەنمىگىنىمنى ئىيتتىم.
- سەن ئەلاچى ئوقۇغان ئوقۇغۇچى ئىدىڭ قەيسەر، ھازىر بىزنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىمىز. ھەر ھالدا ئەتراپىڭدىكى ئادەملەرگە گەپ قىلغاندا سۆزدە دىققەت قىلارسەن. بىرەرسى ئۈستۈڭدىن بىر نىمە بىرىپ قويغان ئوخشايدىكەن، شۇڭا ئىككى ئادەم سۇرۇشتە قىپ كەپتۇ، مەن سىنى ئۈگۈنۈشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان ياش دەپ سۆزلەپ ئۇلارنى قايتۇرۇۋەتتىم، بۇنىڭغا بىر نەچچە ئاي بولدى، سىنى راھەتسىزلىنىپ كەتمىسۇن دەپ ساڭا ئىيتمىغان ئىدىم. سەن ئوقۇپ كىلىمەن دىسەڭ مەن تەستىق سىلىپ بىرىمەن چۈنكى قانىتىنى كۆتەرگەن قۇش ئۇچماي قالمايدۇ دىگەن گەپ بار، بوپتۇ بىرىپ ئوقۇپ كەلگىن، لىكىن قايسى كۈنى بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىدا ئىشلەپ قالساڭ مىنى ئەسلەپ قوي.
      سوڭ مۇئەللىم شۇنداق دەپ كۈلۈپ قويدى، ئۇنىڭ كۈلكسى سەمىمى ئىدى. راست دىگەندەك مەن ماتىريالىمنى كۆتۈرۈپ ئالدىغا بارسام شۇ ھامانلا  قول قويۇپ بەردى.
       بۇندىن 6-7 يىل ئىلگىرى فاكۇلتىتىمىزدا ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر بالا ماڭا مۇنداق خەت يىزىپتۇ:
    سالام قەيسەر ئاكا ياخشىمۇ سىز؟
سىزگە بۇ خەتنى يېزىشىمدىكى مەقسەت بىرلا، يەنى يەنە بىر ئۇيغۇر بالا بىلەن بىللە سىزگە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرۈش.
ئالدىنقى ھەپتە سوڭ مۇئەللىم  دەرس جەريانىدا نىمىشقىدۇر تۇيۇقسىز توختاپ نۇرغۇن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ شۇنداق دىدى:
سىلەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىكى تېرىشچانلىقنى  غايىنى بوش چاغلىماڭلار. بۇلار بىر مۇنەۋۋەر مىللەت. بىزدە ئوقۇغان قەيسەر دەپ بىر ئوقۇغۇچى بولىدىغان نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ ياخشى ئوقۇپ  ئامىرىكىغا چىقىپ كەتكەن ھازىر خارۋارد ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئىكەن.سوڭ مۇئەللىم شۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا خەنزۇ بالىلار جىم-جىتلىققا چۆكتى، ئەمما بىز بەك پەخىرلىك ھىسسىياتقا چۆكتۇق.
رەھمەت ئاكا!
      مەن سوڭ مۇئەللىمنىڭ ھەقىقەتنى ئەمىليەتتىن ئىزدەيدىغان، ئادىللىق ئىڭى بولغان ھەقىقى زىيالى ئىكەنلىگىنى بىلگىنىم ئۈچۈن بۇ كىشىگە ھۆرمەت بىلدۈردۈم. بۇ مۇئەللىم بۇلتۇر قازا قىلىپ كىتىپتۇ، ئاڭلاپ ئەپسۇسلاندىم.
       ئىنسان بالىسى نىمە بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ياخشى كۆڭۈلنى ئۇنتۇماسلىغى كىرەك!
    مەن فاكۇلتىتتىن تەستىقنى ئالغاندىن كىيىن ئۇھ دىدىم، ئەمدى يەنە ھىلىقى "قولۇڭدىن كىلىشەۋا " دەپ سىلكىگەن گۇينىڭ ئىشخانىسىغا چىقتىم.
ئىمتىھاندىن جاپا چىكىپ مەن ئۆتسەم، ماۋۇ گۇينى قارا.
- ھە يەنە ئالدىمغا كەپسەنغۇ دىگەندەك قارايدۇ. مەن ئەمدى ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پۇلىنى خەجلىمەيمەن دە- شۇنداقتىمۇ ئۇ ئىشنى كەينىگە سوزدى.              

         ئىشخانىغا بارسام ئۆيگە بار دەيدۇ، ئۆيگە بارسام ئىشخانىغا چىق دەيدۇ، ھىچ بىر قول قويۇپ بىرىدىغاندەك ئەمەس. مەن ساددا بولارمەن ئاشۇنداقمۇ بولامدىمەن-ھە؟ قۇرۇق قولنىڭ قۇلاققا خوشياقمايدىغانلىغىنى ئوبدان بىلىمەن، لىكىن يوللۇق ئىشلارغا ئىمزا قويۇش ئۇنىڭ ۋەزىپىسىغۇ ھۇي !
بىر كۈنى ئۇ مەن بىلەن  ئىشخانىسىدا كۆرۈشمەكچى بولدى، بارسام يوق. ۋاقىت قىستاپ كىتىۋاتىدۇ، جىلىچىلىكتە بۇ خۇمپەرنىڭ ئىشخانا ئىشىگىگە بىر نەچچىنى تىپىپ ئۇرۇپ تاملىرىغا مۇشلاۋاتسام مەشھۇر تۈۇركولوگ ئابدۇرىشىت ياقۇپ ئاكا كىلىپ قالسا بولىدۇ.
ئاغزىمدىن چىقىۋاتقان سەت گەپلەرگە قاراپ بۇ ئادەم ئۇ ياق بۇ ياققا قاراپ دىدى:
-ئۇكام، ئۆزەڭنى تۇتۇۋىلىڭلا، ئاچچىق پايدا قىلمايدۇ، قالپاق كىيىپ قالماڭلا.
ئۇ دىگەن سەزگۇر چاغلار-دە، 1997-يىلى.ئاشۇ ئاچچىغىمدا ئاۋۇ گۇينىڭ بالىسى ئالدىمدا بوپ قالغان بولسا ئۇرۇشۇپ كىتەتتىم چوقۇم.
           ئابدۇرىشىت مۇئەللىم مىنى ياندۇرۇپ مەكتەپ مەمۇرى بىناسىنىڭ ئالدىغا ئىلىپ چىقىپ كەتتى. غەزىۋىم يەنە يانماي تۇرغان ئىدى، بىزنىڭ فاكۇلتىتىنىڭ سىياسى يىتەكچىسى، ھازىر ئۇنىۋىرسىتىت ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ باشلىغى،  (بەلكىم مۇئاۋىن ئەمەستۇ ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم 2011-يىلى)  جالالىدىن كىلىپ قالدى.
-نىم بولدى، نىم بولدى؟ دىدى قارامتۇل كەلگەن جالالىدىن.
-كۆردۈڭمۇ ماۋۇ گۇينىڭ قىلىۋاتقان قىلىغىنى؟
جالالىدىن گەپنى باشقا ياققا بۇرىدى.
-ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن، قايتىپ كىلەرسەن؟
-ھە، قايتىپ كىلىمەن، قايتىپ كىلىپ مۇنۇ بەدبەختلەرنىڭ تاناۋىنى تارتىمەن.
        بىر ھەقلىق ئىشلار-ئۆز يولىدا پۇتىدىغان ئىشلار مانا مۇشۇنداق بىر قىسىم چۈپرەندىلەرنىڭ توسقۇنلىغى بىلەن ناھەقچىلىككە ئايلانغاندىن كىيىن، ئاغزىڭدىن ھەر گەپلەر چىقىپ، ئىدراك ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويىدىكەن.
  ئىشلار كەينىگە سۈرۈلگەنسىرى، مىجەزىم چۇسلىشىپ كەتتى. مەنمۇ بۇدۇشقاق-تە. بۇ گۇينى ساقلاپ ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا بارىمەن، يەنە يوق، يەنە ساقلايمەن يەنە كەلمەيدۇ. تۇيۇقسىز،  ھازىر مەدەنىيەت نازارىتىگە نازىر بولغان، مۇختەر مەخسۇتنىڭ ئىشخانىسىدا كۆزەينىكىنى تاقاپ ئىشخانىسىدا ئولتۇرغىنى چۇشۇپ قالدى.
-ماۋۇ ئەقلىمنى. ماۋۇ مۇختەر مەخسۇتنىڭ ئىنىسى قانۇن فاكۇلتىتى 87-2 دە ئوقۇغان ماھمۇت مەخسۇت بىلەن مەن خىلى يىقىن (ماخمۇتنىڭمۇ ئېنگلىزچىسى ياخشى بولۇپ، ئېنگلىزچە سۆزلىشىش سورۇنلىرىغا بىللە باراتتۇق، ھازىر تورۇنتۇدا) ھەم ماۋۇ ئادەممۇ مىنى تونۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا ئۈسسۈپلا كىردىم، قولۇمدا ھۆججەت.
-ھە مۇختەركا، ياز دىسە تازا يازىسىز، بىلىم، مەرىپەت مىللىتىم دەپ، قويۇڭە مانىڭغا ئىمزاسىڭىزنى.
-نىمە ئىش بۇ؟
مەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈردۈم، مۇختەركام گەپ قىلمايلا ئىمزاسىنى قويۇپ بەردى.
         شۇنىڭ بىلەن مەن ھىلىقى پەس خۇمسىنىڭ ئالدىغا بارمىدىم. "ئۇھ" دىدىم، ئەمدىكى نۆۋەت مەكتەپ رەھبىرىنىڭ تەستىقىنى ئىلىش ئىدى. مىنى ھوكۇمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇپ كەتمىسۇن دەپ تەستىقلىمىغان ئادەمنىڭ بۇ قېتىممۇ توسقۇنلۇق قىلىشىدىن ئەنسىرىدىم -دە مۇناسىۋەت ئىزدىدىم.     

       شۇنداق بىر جەۋر-جاپادا ئۇنىڭ ئۆيىگە "يۈزى" بار بىرسى بىلەن كىردىم.
     ھۇ سىنىڭ بىر نىمەڭنى، مەنمۇ ئالى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى-دە؟ ئۆيگە كىرىپ ئەمدى مەقسەتنى ئىيتا-ئىيتىمايلا ھىلىقى "يۇزلۇك" ئادەمنىڭ ئالدىدا بۇ كىشى دوڭسۇڭرۈينىڭ بومبىسىدەك پارتىلاپ كىتىۋاتمامدۇ؟ ماڭا شۇنداق سەت ھەم ئۇنتۇلغۇسىز قوپال مۇئامىلە قىلدى-دە بۇ. ئۇنىڭ بۇ دەرىجىدە سۇپەتسىز ئىكەنلىگىنى ئويلىماپتىكەنمەن.
     مەنمۇ ئىشلاردا كەڭ قوساقلىقنى، ئۆز-ئارا كەچۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىمەن، ئەمما مۇنداق ئورنى ئۆزگەرگەندە كىشىلىك خاراكتىرى ئۆزگىرەيدىغان،  خامىليونلارنى كەچۇرۇشنى توغرا تاپمايمەن.
         بۇقىنى ھۆكۈرەتكىنى نىمىسى؟ ، ئۇنىڭ ئىككى تال نەرسىسى. بۇ كالۋالارنى ھۆكۈرەتكىنى نىمىسى؟ قابىلىيىتىگە تايىنىپ ئەمەس، مۇناسىۋەتكە تايىنىپ ئىرىشكەن ئاتالمىش "ئەمىلى".
    مەن مانا مۇشۇنداق ئۆز خەلقىغە "ھوكۇرەلەيدىغان" ماڭقۇرتلارنى مەڭگۇ كۆزگە ئىلمايمەن.
         ئۇنىڭ ماڭا قىلغان قوپال مۇئامىلىسىنى ئىچىمگە سىغدۇرالماي پارتىلاپ كىتەي دەپ قالدىم-يۇ، يىقىنلىرىمنىڭ "ئىش مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۆزۈۇڭنى تۇتۇۋال" دەپ بىسىشى بىلەن دەردىمنى ئىچىمگە يۇتتۇم.
        ئاخىر فاكۇلتىت ۋە مەكتەپنىڭ تامغىلىرى بىسىلغان ھۆججەتلەرنى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇردۇم.
         ئاڭغۇچە سىنتەبىر ئاخىرلىشىپ قالاي دىدى. مىنى شۇ مەۋسۇم خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا خەلقارا پۇل مۇئامىلە دەرسىنى ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن خەنزۇچە لىكسىيە تەييارلاۋاتقان ئىدىم، نىمە سەۋەپتىنكى دەرس 1-ئۆكتەبىردىن كىيىن باشلىنىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. (ئەگەر ئامىرىكىغا چىقىپ كەتمىگەن بولسام گۇو جى جىن روڭ دەپ خەنزۇچىنى ئاتۇش پەدىسىدە  ، International Finance  دەپ ئېنگلىزچە، ياخشىمۇسىلەر دەپ ئۇيغۇرچە ئۇچىنى ئارىلاشتۇرۇپ  خەنزۇ بالىلارغا دەرس ئۆتۈپ كىتەتتىم-دە)
           ئۇندىن سىرت، باشقىلارنىڭ تەجىربىسىگە ئاساسلانغاندا، مىنىڭ ئالغان ئوقۇش مۇكاپاتىم -پەقەت ئوقۇش پۇلىنى تولۇق كۆتۇرىدىغان ئەمما تۇرمۇش پۇلى بىرىدىغان مۇكاپات بولمىغاچقا، يەنە قوشۇمچە ماتىرياللارنى تەييارلىشىم كىرەك بولدى. يەنى 12000 دوللارنىڭ ئىسپاتىنى ئىلىش. مەن ئىككى قوللۇق تۇتۇش قىلدىم.
      بىشىڭغا كۈن چۈشكەندە كىمنى ئىزدەيسەن؟
        ئىمكانىيىتى بار كۆرگەنلا ئادەمنى ئىزدىگىلى بولمايدۇ-دە.
          بىر مىللەت ۋە جەمىيەتتە ھەر بىر دەۋردە ئاز ساندا بىر تۈركۈم ئادەملەر بولىدۇ، ئۇلار توغرا سۆزلىگى، مىھرىۋانلىغى، مەسۇليەتچانلىغى ۋە خەلقسۆيەرلىگى بىلەن جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىپ باشقىلارغا ئۈلگە. ياشلارغا ئىلھاملاندۇرغۇچ كۈچ بىرىدۇ.
        نەزىرىمدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى، مەشھۇر جامائەت ئەربابى، تەبىئى پەنلەر ئالىمى ئابباس بۇرھان ئەپەندىم شۇنداق زات ئىدى. شۇڭا بۇ زاتنى ئىزدەپ باردىم (مارھۇم ئابباس بۇرھان ئەپەندىمنىڭ ياتقان جايى جەننەتتىن بولغاي ئامىن!). دەرھەقىقەت، بۇ زاتنىڭ شان شۆھرىتى بىكارغا تارقالماپتىكەن.
       ئۆيىنى تىپىپ بارغىنىمدا ئىنتايىن خۇش چىراي كۇتۇۋالدى، ئۆيدىكىلەرگە تونۇشتۇردى، ئەھۋالىمنى تەپسىلى ئاڭلاپ يىزىۋالدى ھەمدە ئوغلى رىشات ئابباس ئاكىنىڭ ئالاقە نومۇرىنى بىرىپ، "رىشات ئاكاڭغا تاپىلايمەن، ئالاقە قىل چوقۇم تېگىشلىك ياردەمدە بولىدۇ" دىدى.
          مەن بۇ زاتتىن چەكسىز خۇرسەن بولدۇم ھەمدە رىشات ئاكا بىلەن ئالاقە قىلدىم، رىشات ئاكا مىنى قوبۇل قىلغان مەكتەپ بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇلار تەلەپ قىلغان ماتىرياللارنى تاپشۇرۇپ مەكتەپتىن I-20 نى ئىلىپ تىز يوللانما قىلىپ سىلىپ بەردى. بۇ پوچتا يوللانمىسىنى - رىشات ئاكامنىڭ ئۇنىۋىرسىتىتتا ئوقۇتقۇچىلى قىلىدىغان ئىلىنۇر ئاچام قولۇمغا يەتكۇزدى. (رەھمەتلىك ئىلنۇر ئاچام ياشلا قازا قىلىپ كىتىپتۇ، بەك ئىسىل خانىم ئىدى، ئاڭلاپ ئىچىندىم، ياتقان جايى جەننەتتىن بولغاي، ئامىن!)
       بىشىڭغا كۈن چۈشكەندە "ۋاي دوستۇم" دىگەن ئادەملەرمۇ سىنىلىدىكەن. مەن يەنە ئۆزۈمنىڭ نامىدا 12 مىڭ دوللارلىق ئىسپاتنى ئىلىشىم كىرەك. ئۇ چاغدا ساڭا كىم بۇ پۇلنى بىرىپ تۇرۇپ ئىسپات ئىلىۋىلىپ يەنە ئۆزىنىڭ ھىساۋاتىغا يوتكىۋىلىشنى خالىسۇن؟ بۇنداق چاغدا "ۋاي ئاداش، ئاشۇنداق چاغلار كەلسە، مىنىڭ ھەر سودىگەر ئاغىنىلىرىم بار" دىگەن ئاغىنىلىرىڭ"  ئىسىڭگە كىلىدىكەن.
          ئۆزى ئېنگلىزچە ئۈگۈنۇۋاتقان، مەلۇم ئالى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر بالا بار ئىدى، "دوستۇم" دەپ ھالى قالمايتى، ياتىقىمغا ئىزدەپ كىلىپ پاراڭلىشىپ كىتەتتى. ئۇنىڭ ماڭا ئاشۇنداق دىگەنلىرى ئىسىمگە كىلىپ بىر كۇنى ئەھۋالىمنى ئىيتسام "باي سودىگەر ئاغىنىلرىنىڭ ئىچكىرىدە" ئىكەنلىگىنى ئىيتتى، قانداق ياردەم قىلىشنى بىلمەيدىغانلىغىنى ئىيتتى. ئەلۋەتتە چۈشۈنۈشلۈك.
       شۇنىڭ بىلەن بىشىم قىتىپ مەكتەپ كۈتۈبخانىسىنىڭ ئالدىدىن كىتىۋاتسام فىزىكا فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى - مەخمۇتجان ئوبول ئاكا ئۇچراپ قالدى.
-ئامىرىكىغا ئوقۇشقا چىقىدىكەن دەپ ئاڭلىدىم سىنى، ئىشلىرىڭ قانداراق؟
مەن دەردىمنى ئۇنىڭغا ئىيتتىم.
-بۈگۈن چۇشتە تېپىشايلى دىدى ئۇ شۇ زامانلا. بىزنىڭ مەلىدىن غاپپا دەپ بىر باي چىقىپ قالدى، شۇنىڭغا دەپ باقايلى، ئۇ مۇشۇ چۈش مەزگىلىدە دوڭ كۆۋرۈكتە تولا بولىدۇ بىرىپ باقايلى.
     شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز پاراڭلىشىپ غالىبىيەت يولىنى بويلاپ دۆڭكۆۋرۈككە چۇشتۇق، غىزالىنىپ بولۇپ بىرىنجى يول بىكەتنىڭ يىنىدا ئۈزۈم سىتىپ تۇرغان بىر ئادەمنىڭ يىنىدا تۇرساق بىر ئامىرىكىلىق ساياھەتچى كىلىپ ئۈزۈمگە قاراپ تۇرۇپ كەتتى، دەرھاللا مەن تەرجىمانلىق قىلىپ بەردىم، ئاڭغۇچە بىر نەچچە ئادەم ئولاشتى.
- ئۇكام سىز ئۆزىڭىز كىم بولىسىز، ئېنگلىزچىنى ياخشى سۆزلەيدىكەنسىز دىدى ئىگىز، ئاق-سېرىق كەلگەن كىشى.
       مەن تونۇشلۇق بىرىپ ئەھۋالىمنى ئىيتتىم.
    ئىسىم فامىلىڭىزنى بىرىڭ ئۇكام دىدى بۇ كىشى، ئويۇم ماۋۇ يەردە ئەتە چۇشتە ئۆيگە كىلىپ سىز دىگەن رەسمىيەتنى ئىلىۋىلىڭ.
   مەن بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن "ياخشىلىق" تىن بەكلا خوش بولدۇم، بۇ ئادەمنىڭ تۇرقىدىن گاڭ-گۇڭلىغى چىقىپ تۇراتتى.
         ئەتىسى مەن بۇ ئادەمنى ماخمۇتجان ئاكا بىلەن ئىزدەپ باردۇق. بۇ كىشى تەييارلانغان ماتىريالنى ماڭا بەردى ۋە ئۆزىنىڭ تېخى 10 كۈن بۇرۇن ھىلىقى ماڭا سودىگەر دوستى ئارقىلىق ياردەم قىلماقچى بولغان بالىنىڭ ئىشىنى قىلىپ بەرگەنلىگىنى ھەمدە ئۇنىڭغا ھاجەتمەن ئوقۇغۇچىلار بولسا ئۆزىنىڭ ياردەم قىلىدىغانلىغىنى دەپ قويۇشنى جىكىلىگەنلىگىنى ئىيتتى.
     بۇنى ئاڭلاپ بۇ ئادەمنىڭ مەرت، ئاق-كۆڭۈللىكىدىن سۆيۈنگەن بولسام، ئاۋۇ بالىنىڭ قوسىغىنىڭ تارلىغىدىن كۆڭلۇم غەش بولدى.
شۇندىن كىيىن مەن ئۇنىڭ مەۋجۇتلىغىنى ئۇنتۇپ كەتتىم. كىيىن ئۇ نەچچە رەت مىنى ئىزدىدى، تاماققا تەكلىپ قىلدى، لىكىن مەن ئادەملەر بىلەن شەكىلگە دوست بولمايمەن، شۇنداق ئىكەن نىمىش قىلىمەن ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ ئۇنى ئالداپ ئۆزۈمنى ئالداپ. ئۇزۇن يىللاردىن كىيىن ئاڭلىسام، ئۇ يەنە شۇ ئورنىدا خىزمەتتە ئىكەن...
       شۇ ئىش بولۇپ بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن ماخمۇتجان ئاكا بوستونغا مەن كەلگەن مەكتەپكە دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا كەلدى (ئېلىكتىر ئېنجىنىرلىغى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئىلىپ بوستوندا خىزمەتتە، قىزى ئىنتايىن ياخشى ئوقۇپ بىر ئىسىل ئالى مەكتەپكە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلىپ قوبۇل قىلىندى).
مەن بوستونغا كىلىپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كىيىن ھىلىقى ماڭا ياردەم قىلغان سودىگەر ئاكىنىڭ ئوغلى ھەم مەن بار مەكتەپكە كىلىپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئىلىپ ئامىرىكىلىق پەرزەنتنىڭ دادىسى بولۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەتتى ھەمدە شۇ يەردە ئىگىلىك تىكلىدى. يەنە شۇ مەزگىللەردە ئەينى چاغدا ماڭا ياردىمى تەككەنلەردىن بىر ئىككىسىمۇ بوستونغا مەن بار مەكتەپكە كىلىپ ئۈلگەردى، بىر نەچچىسىگە پۇرسەت يارىتىپ بەردىم، ئىككىسى ۋىزا ئالالمىدى، ئىككىسى ۋاز كەچتى، ئەۋەتكەن چاقىرىقلىرىمغا ۋاي..
     دىمەك مەن ياخشىلارنى قەدىرلەيمەن، ئىچى تارلاردىن يىرگىنىمەن. ھەر ئىنسان بۇ دۇنيادا ئۆز نىيىتىگە چۇشلۇق كۈن كۆرىدۇ.
     ئىچى تارلىق - ئوغۇل بالىنىنىڭ خۇسۇسىيىتى بولماسلىقى كىرەك!.
        ئەنە شۇ ئىشلارنى بىجىرىش بىلەن كۈنلىرىم ھەددىدىن زىيادە ئالدىراش ئۆتۈۋاتاتتى. ھەر كۈنى كەچ ياتاققا كىلەتتىم-دە كارۋاتقا ئۆزۈمنى گۇپپىدە تاشلايتىم. بۇ ئىشلاردىن ئەتراپىمدىكى ھىچكىمنى خەۋەرلەندۇرمىدىم، شاتلىغىمنى دەردىمنى ئۆزۈملا بىلدىم. چۈنكى سوڭ مۇئەللىمنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىدىن كىيىن مەن ئادەملەرگە گۇمان بىلەن قارايدىغان بوپ قالغان ئىدىم .
       بىر كۈنى سوڭ مۇئەللىم ئىشخانىغا چاقىرىدۇ.
- قەيسەر سەن پاسسپورتقا ئىلتىماس قىپتىكەنسەن، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىگى ئىدارىسىدىن تىلىفۇن كەپتۇ ، سىنىڭ رەسمىيتىڭ تولۇق ئەمەسكەن، مۇئارىپ نازارىتىنىڭ تامغىسى كەم ئىكەن. شۇنى ئىلىپ بارمىساڭ، بەرمەيدىكەن.
      مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.  دەرھاللا ئەينى چاغدا ماڭا مەسلىھەت بەرگەن ھەكىمە خانىمنى ئىزدىدىم.
- ئۇكام مەن سىزنى ئارتۇق چىقىم تارتىپ كەتمىسۇن دەپ شۇنداق مەسلىھەت بەرگەن، بەزى بالىلارنىڭ ئاشۇنداق ئۇدۇللا ھەم تىز پۈتۈپ كەتكەن. مۇئارىپ نازارىتىنىڭ تامغىسىنى بىسىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل كىتىدۇ، ھۆكۈمەت تەربىيلەش ھەققى ئالىدۇ. سىز ئاممىۋى مائارىپتىن 8 يىل بەھرىمەن بولغاچقا ھەر بىر يىلىغا ھىساپلاپ پۇل ئالىدۇ.
   ئالە شەرىڭنى. يوق دىسە چىلىپ ئىچىڭ، كۆتۇرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال...
ۋاقىت مەن ئۈچۈن يەنىلا قىممەت، پۇرسەت-غەنىمەت، ئۇنى بارلىق تەننەرققە چىداپ چىڭ تۇتۇشۇم ھەم چىدىشىم كىرەك.
         ئەتىسى جۈمە كۇنى ئىدى. ئەگەر مەن مۇئارىپ نازارىتىنىڭ تامغىسىنى شۇ كۈنى ئالالمىسام ئۆكتەبىر بايرىمى باشلىنىپ كىتىدۇ-دە، خۇدا ئۆزى بىلىدۇ قاچان چىقىشىنى بۇ پاسسپورتنىڭ.
      بۇ تەستىقنى ئىلىشىم ئۈچۈن ئاۋال پۇلنى تۆلۈشۇم كىرەك ئىكەن، ئۇلار ھىساپلاپ ماڭا يىگىرمە نەچچە مىڭ كوي تۆلەيسەن دىدى. "ماقۇل" دىدىم. ئەمما شۇ ۋاقىتنىڭ ئوزىدىلا تولەيدىغان پۇل يوق-تە. ئەينى چاغدا لىكتۇرلۇق مۇاشىم بەش يۈز كوي. ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدىغان پروففىسور ئابدۇكىرىم راخمانمۇ ئايدا مىڭ يۈەن ياكى ئالاتتى ياكى ئالمايتتى.
      تەلىيىمگە ئالى مەكتەپتە ماڭا 4 يىل سىنىپ مۇدىرى بولغان ئابدۇللا غوپۇر مۇئەللىم نازارەتنىڭ بىر باشقارمىسىدا باشقارما باشلىغى بولۇپ يۆتكىلىپ ئىشلەۋاتقان  ئىدى. مۇئەللىم مەن ئۇچۇن "قەيسەر پۇلنى چوقۇم تۆلەيدۇ" دەپ خەت يىزىپ بەرگەندىن كىيىنلا ياشانغان بىر خەنزۇ كىشى بىر ھوججەت چىقىرىپ بەردى، مەن بۇنىڭغا يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئىمزاسىنى ئىلىشىم كىرەك ئىكەن قېرىشقاندەك مۇئارىپ نازارىتىدىكى تەستىق سالالايدىغان ئادەملەر ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىدە ئەمەس ئىكەن ، باش كاتىپ - تىببى ئۇنىۋىرسىتىت دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك كادىرلار بۆلۈمىدە قىيىن ئاتىسىنى كۈتىۋاتقان ئىكەن. دەرھال تاكسى توستۇم، دە تىببى ئۇنىۋىرسىتىتىقا چاپتىم. يۇگرەپ يۈرۈپ قەۋەتمۇ قەۋەت ئىزدەپ ئۇ ئادەمنى ئاران تاپتىم، (شۇ چاغدا مىجىت ناسىرمۇ شۇ يەردە داۋالىنىۋاتقان ئىكەن، قارىغاندا بۇ باش كاتىپنىڭ قېينى ئاتىسىمۇ يۇقۇرى مەنسەپ تۇتقان كىشى بولسا كىرەك)
    ئۆلەي دەپ قالغان قېين-ئاتىسىنىڭ يىنىدا كىسەل كۈتۈپ كىشىلىك ھاياتتا تالاشقۇدەك بىر ئىشنىڭ يوقلىغىنى، كىشىلەرگە قېينچىلىق ئەكىلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىگىنى ھىس قىلدىمۇ بۇ كىشى، ئىلىپ بارغان ھۆججىتىمگە بىر ئىغىز غىڭ قىلماي ئىمزا قويۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە چاپتىم-دە ماتىرياللارنى تاپشۇرۇۋەتتىم.
      ئەمدىكى گەپ مۇئارىپ نازارىتىگە بىرىپ پۇلنى تاپشۇرۇشۇم ئىدى، چۈنكى ئابدۇللا مۇئەللىم ماڭا كىپىل بولۇپ بەرگەن بولۇپ  ئۇ ئادەم مىنىڭ سەۋەبىمدىن خىجالەتچىلىككە قالماسلىغى كىرەك ئىدى.
      شۇ چاغدا "بالىمىز ئامىرىكىغا ماڭىدىكەن" دەپ ئاڭلاپ بالىلىرى تۇغۇلغاندىن باشلاپ "تويى" ئۇچۇن مۇئاشلىرىدىن پۇل يىغىدىغان ئاتا-ئانامنىڭ 30 مىڭ يۇئەن پۇلنى كۆتۇرۇپ ئۇرۇمچىگە چىققىنىغا بىر نەچچە كۈن بولغان ئىدى.
     30 مىڭ يۇئەن پۇل 1997-يىلى خىلى كۆپ پۇل ئىدى. ئالى مەكتەپنىڭ لىكتورلىرى ئېيىغا 400-500 يۇئەن ئالىدىغان، بىر كىلو گوش 10-12 يۇئەن چاغلار ئىدى ئۇ.
    مىنىڭ غەمگە چۆككەن ھالدا ئۇلارنىڭ يىنىغا بىرىشىم -ئاتا-ئانامنى بىسەرەمجان قىلىۋەتكەن چېغى سوراپ كىتىشتى:
-نىمە بولدى جىنىم بالام؟
مەن يىغلىۋەتكۈدەك بولۇپ بولغان ئىشنى دەپ بەردىم.
دادام دەرھاللا  بىر كىچىك قارا سومكىسىنى كۆتۈرۇپ چىقتى-دە، بىر باغلام پۇلنى قولۇمغا تۇتقۇزدى.
-بالام ماۋۇ پۇلنى بىز سىنىڭ تويۇڭ ئۇچۇن يىققان. قارىغاندا ئامىرىكىغا ئوقۇشقا چىقىشىڭ تويۇڭدىن بۇرۇن بولىدىغان ئوخشايدۇ، ماۋۇ پۇلنى ئىشلەت، ئاناڭ بىلەن ئىككىمىز ھاياتلا بولساق باشقا ئىشلاردا يەنە بىز بار. ماڭ بىرىپ بۇ پۇلنى تۆلەپ كەل.
ئاتا-ئانىدىكى بالىغا بولغان شەخسىيەتسىز بىغىشلاش نەقەدەر مۇقەددەس-ھە؟
مەن ئۇلارنى چىڭ قۇچاغلىدىم، مىنىڭ كۆزۇمدە ياش، ئۇلارنىڭ كۆزىدە ھەم ياش.
       مەن 27-ياشقا تولاي دىگەندە يەنى 6-ئۆكتەبىردە تۇنجى قىتىم پاسسپورتنى قولۇمغا ئالدىم.
-يا ئاللا،پاسسپورت دىگەن سەنمۇ، ئالىدىغان مەنمۇ.
       ئۇنى ئىلىپ چاقماق بەلگىسى بار كۆينۇكۈمنىڭ مەيدە يانچۇغۇغا سالدىم، ئۆيگە كەلگۇچە تولا تۇتۇپ، تولا قاراپ ئۇنىڭغا...
       تۇيۇقسىز مىنىڭ ھىلىقى مائارىپ نازارىتىگە تۆلىگەن پۇل كاللامغا كىلىۋالدى، تونۇش تىپىپ قايتۇرىۋالغىلى بولماسمۇ بۇنى؟

0

تېما

0

دوست

532

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   6.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16602
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 172
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 15:27:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   choglan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-9 15:29  

كىرگەن پۇل چقمايدۇ ئاتۇشلۇق
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

255

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20352
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 18:26:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا سىزنىڭ ئامرىكىغا ئوقۇشقا چىققانلىقىڭىزنى ئاڭلىغان .كۆپ جاپا چىكىپسىز،داۋامىغا تەشنامىز،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

0

تېما

2

دوست

2463

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15597
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 735
توردىكى ۋاقتى: 182
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 19:58:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشتە تېلفۇندا ئوقۇدۇم،شۇ قەدەر مەھلىيا قىلىدۇ-دە بۇ سەزگۈرەشتىلەر...
داۋامىنى ھەر ۋاقىت جىددى ساقلايمىز...

0

تېما

7

دوست

2793

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 832
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 00:39:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ جاپادا چىقىپتىكەنسىز.  

ئەسلىمىڭىزنىڭ 10-قىسمىغا تەشنامىز.

مىللەتنىڭ تەقدىرى ئانىلارنىڭ ق

0

تېما

10

دوست

939

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   87.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2645
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 75
تۆھپە : 243
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 13:15:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ تەستە بېرىپسىز ئامىرىكىغا ...... دادىڭىزنىڭ پۇلنى قولىڭىزغا تۇتقۇزغان ۋاقىتىدا كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كەلدى .ئاشۇ قەدىردانلار بىزنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ،،،،،،     ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن !

7

تېما

0

دوست

2091

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8691
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 206
تۆھپە : 513
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 13:39:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەركامنىڭ يازمىلرىدىن ئۇنىڭ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىشىنىڭ ئاسانغا توختىمغانلىقىنى كۆرۋېلىشقا بۇلىدۇ. «تەلەي يۇلتۇزى»نىڭ  رىياسەتچىسى سىز بىلەن ئىسىمداش قەيسەر ھېبىبۇللانىڭ دائىم ئېيتىدىغان بىر سۆزى يادىمغا كىلىپ قالدى:
پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس بەلكىم ئىزچىل تىرىشقانلارغا مەنسۈپ! سىز بۇنىڭ دەللى.
قەيسەركا: ئەينى يىللىرى مەنمۇ شىنجاڭ ئونۋېرىستىتېدا ئوقۇيتۇم. سىز توغۇرلۇق ئاڭلىغانلىرىم  ئاز–تۇلا ئىسىمدە.ھەردائىم يازمىلىرىڭزدىكى ئونۋېرىستېت ھەققىدىكى بايانلارنى ئوقۇسام ئەنە شۇ يىللاردىكى ئالى مەكتەپ ھاياتى ئىسىمگە كىلىدۇ. سىزنىڭ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىڭىزگە راستىنلا قول قويدۇم.
يازمىلىرىڭىزنى ئىز قوغلاپ يۈرۈپ ئوقۇۋاتىمەن. داۋامىغا ئىنتىزارمەن..... مەكتەپداش بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن تىنىڭىزگە سالامەتلىك خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

0

تېما

1

دوست

769

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   53.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4936
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 238
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 14:09:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-9 20:43
تەرجىمھالىڭىزنى يېزۋاتامسىز ئەپەندىم؟

بىز سىزنى تارى ...

باشقىلارنىڭ نىمە يېزىشىنىمۇ باشقۇرۇپ قويىدىغان ئىشما ، خالىمىساڭ ئوقۇما  بۇرادەر . ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )