قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4504|ئىنكاس: 40

دۇنيا لوڭقىسى توغۇرلۇق ئەتراپلىق مۇلاھىزە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

1105

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6699
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 202
تۆھپە : 238
توردىكى ۋاقتى: 145
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 18:15:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
   6-ئاي كىرىشى بىلەن سورۇن -ۋە يىغىلىشلاردىكى ئاساسلىق پاراڭ تېمىسى تەبىئىيلا 13-چېسلادىن باشلاپ ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پوتبول مۇسابىقىسىگە يۆتكەلدى ،ئەلۋەتتە پوتبول دىسە جېنىنى بېرىدىغان ئۇيغۇرلار بۇ پاراڭنى تېخىمۇ قىزىتىۋېتىدۇ .بەلكىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىۋاتقان پوتبولچىلار يەرشارىنىڭ كىچىك بىر كەنتىدە ئەنگىلىيەنىڭ پوتبول مەستانىلىرىدىن قېلىشمىغۇدەك قىزغىن پوتبول مەستانىلىرىنىڭ بارلىقىنى تېخى بىلمىسە كېرەك ، بىلىش بىلمەسلىكى مۇھىم ئەمەس ، ئۇلار بىلسۇن بىلمىسۇن بىز پۈتۈن دۇنيادىكى پوتبول مەستانىلىرىغا ئوخشاش دۇنيا لوڭقىسى پوتبول مۇسابقىسىنى ئەڭ قىزغىن ھالەتتە كۆرىمىز ، ھەتتا بۇ توغرىسىدا تۈرلۈك مۇنازىرىلەرنى قىلىمىز ، بىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان قايسى بىر كوماندىلار ئۈچۈن نەچچە مىڭلاپ پۇلنى دوغا تىكىشتىن  يانمايمىز .، كېچىلىك ئۇيقۇلاردىن ۋاز كېچىشكەرازىمىز ، چۈنكى بىز ئۇيغۇر مىللىتى ھەقىقى ئەركەك ئوينايدىغان پوتبولنى 7ياشتىن 70 ياشقىچە ھەممىمىز ياخشى كۆرىمىز !
   خوش ،گەپكە كەلسەك ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان ، پۈتۈن دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرى تۆت يىلدىن بېرى زارىقىپ كۈتكەن 2014- يىللىق " دۇنيا لوڭقىسى " پۇتبول مۇسابىقىسى 6- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 14- كۈنىگىچە " پۇتبول پادىشاھلىقى " -- بىرازىلىيىدە ئۆتكۈزىلىدۇ . بۇ بىرازىلىيىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك (  1950- يىلى ) " دۇنيا لوڭقىسى " پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈپ ، ئارىدىن 64 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ كاتتا دۇنياۋى مۇسابىقىنى يەنە بىر قېتىم ( بۇ يىلقىسى 20 - نۆۋەتلىك ) ئۆتكۈزىشى ھېساپلىنىدۇ .
 مەن " باغداش " تورىدىكى كەڭ پۇتبول ھېرىسمەنلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئىقتىدار ۋە ئىمكانىيىتىم دائىرىسىدە بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە ئائىت توپلىغان بىر قىسىم ئۇچۇر ، مۇلاھىزە ھەم ئوموملاشتۇرۇلغان خەۋەرلەرنى قەرەللىك ھالدا بېرىشنى لايىق تاپتىم.

      ئالدى بىلەن نىمىلا بولمىسۇن ، " دۇنيا لوڭقىسى " پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزىلىش قەدەم - باسقۇچلىرىدىن مەلۇمات بېرىش زۆرۈر . ئىخچامراق ئېيتقاندا :
 ساھىپخان ( مۇسابىقىنى ئۆتكۈزىدىغان ) دۆلەتنى بىكىتىش . بۇنى " خەلقىئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى " مۇسابىقىدىن  ئالاھىزەل 10 - 12 يىل بۇرۇن بىكىتىپ بولىدۇ . بۇنىڭدا ھازىر ھەر قايسى قىتئەلەر نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ئۇسولى قوللىنىلماقتا  ( نۆۋىتى كەلگەن قىتئەدىكى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتى بار دۆلەتلەر ئۆتكۈزۈش ئىلتىماسى سۇنىدۇ ،  " خەلقىئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى " شۇلار ئارىسىدىن ئەڭ مۇۋاپىقىنى بىكىتىپ دۇنياغا جاكارلايدۇ ) . مۇسابىقىنىڭ دۇنياۋى ئىناۋەت - تەسىرى ، مەنىۋىي شۆھرىتى ۋە زور ماددىي مەنپەئەت - ئىقتىسادىي كىرىم نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ، بۇ سالاھىيەتكە ئېرىشىش- ئېنىقكى ، " دۇنيا لوڭقىسى " نى تالىشىشقا ئوخشاشلا ھەرقايسى دۇلەتلەر ئارىسىدا ئۆتكۈر ھەم كەسكىن رىقابەتنى ، بىر مەيدان ‹‹ كۆرۈنمەس  ئۇرۇش ›› نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئەلۋەتتە !  
    نۆۋەتتە 21 - نۆۋەتلىكنى ( 2018 - يىلى )  روسىيە ( ياۋرۇپا ) ، 22 - نۆۋەتلىكنى (  2022 - يىلى )  قاتار ( ئاسىيا ) نىڭ ئۆتكۈزۈشى ئاللىبۇرۇن بىكىتىلىپ بولدى  .  
 ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ( سالاھىيەت مۇسابىقىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ئېلىپ بېرىش . " خەلقىئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى " ئالدى بىلەن پۇتبول سەۋىيىسىنى نەزەردە تۇتۇپ ھەر قايسى قىتئە ياكى رايونلارغا "دۇنيا لوڭقىسى " مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان مۇقىم سان بەلگىلەپ چۈشۈرۈپ بېرىدۇ ( مەسىلەن : بۇ قېتىم ياۋرۇپاغا 13 ، ئاسىياغا تۆت ، ئافرىقىغا بەش ، بىر پۈتۈن ئامىرىكا قىتئەسىگە 10 سان بۆلىندى دىگەندەك ) . شۇنىڭ بىلەن تەخمىنەن ئىككى يىل ئۆپچۆرىسىدە داۋاملىشىدىغان يەر شارى خاراكتىرلىك مۇسابىقە باشلىنىپ ، ھەرقايسى دۆلەت كوماندىلىرى شۇ ساننىڭ بىرىنى ئىگەللەپ ، رەسمىي مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆز دائىرىسىدە گۇرۇپپىلارغا بۆلىنىپ مۇسابىقىلىشىدۇ . بۇ ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرى ھەرقايسى قىتئە ۋە رايونلاردىن رەسمىي مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان 32 كوماندا تاللىنىپ چىقىدۇ ( 1998 - يىلدىكى فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 16 - نۆۋەتلىك " دۇنيا لوڭقىسى " مۇسابىقىسىدىن باشلاپ قاتنىشالايدىغانلار سانى ئەسلىدىكى 24 تىن 32 گە كۆپەيتىلدى ) .
  چەك تارتىپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈش .  " خەلقىئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى " نىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن رەسمىي مۇسابىقىگە تەخمىنەن يېرىم يىلدەك قالغاندا داغدۇغىلىق چەك تارتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ ، تاللىنىپ چىقىلغان 32 كوماندا سەككىز گۇرۇپپىغا بۆلىنىدۇ (ھەر بىر گۇرۇپپىدا تۆتتىن كوماندا بولىدۇ ) . سالاھىيەت مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ۋە ئەمىلىي نەتىجىسىگە ئاساسەن ئالدى بىلەن 1 - رەتتە تۇرىدىغان ‹‹ ئۇرۇق ›› كوماندىلار سەككىز گۇرۇپپىغا ئايرىلىدۇ ، ئاندىن 2- ، 3 - ، 4 - رەتتە تۇرىدىغان كوماندىلارمۇ شۇ بويىچە سەككىز گۇرۇپپىغا چېچىلىدۇ . كۈچلۈك كوماندىلار يىغىلىپ قالىدىغان ‹‹ ھالاكەت گۇرۇپپىسى ›› ، ‹‹ تەلەيلىك - تەلەيسىز ›› دىگەندەكلەر دەل موشۇ باسقۇچتا بارلىققا كېلىدۇ .
 گۇرۇپپىۋى مۇسابىقە ( گۇرۇپپىىدىن چىقىش مۇسابىقىسى ياكى 1 - باسقۇچلۇق مۇسابىقە دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) . موشۇ باسقۇچتىن ئېتىبارەن بىر ئايغا سوزۇلىدىغان  "دۇنيا لوڭقىسى " نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ھەقىقىي تۈردە باشلىنىپ ، ھاياجانلىق مىنۇتلار ھەر ۋاقىت كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ ، پۈتكۈل جاھان ئەھلىنىڭ دىققەت - نەزىرى چىملىققا ، چىملىقتىكى ‹‹ ئىس - تۈتەكسىز ئۇرۇش ›› قا مەركەزلىشىدۇ . سەككىز گۇرۇپپىدىكى كوماندىلار كىيىنكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ۋە تەشەببۇسكار ئورۇننى ئىگەللەش ئۈچۈن گۇرۇپپىداشلىرى بىلەن بىر قېتىمدىن ئۇچرىشىپ چىقىپ ، ھەربىر گۇرۇپپىدىن نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغان ئىككىدىن جەمئىي 16 كوماندا ئۈزۈپ چىقىدۇ ( بۇ جەرياندا جەمئىي 48 مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ ) .
 شاللاش مۇسابىقىسى ( 8/1 ۋە 4/1 يەنى ‹‹ سەككىز كۈچلۈك كوماندا ›› ۋە ‹‹ تۆت كۈچلۈك كوماندا ›› قاتارىغا كىرىش مۇسابىقىسى ياكى 2 - ۋە  3- باسقۇچلۇق مۇسابىقە دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) . بۇ باسقۇچتا مۇسابىقە بىردىنلا ئىنتايىن كەسكىن تۈس ئالىدۇ . چۈنكى ،  گۇرۇپپىدىن چىقىپ بولغان  16 كوماندىنىڭ ھەربىرى بەلگىلەنگەن تەرتىپتىكى رىقابەتچىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ ، تاللىنىش - شاللىنىش پەقەت بىر مەيدان مۇسابىقىگىلا باغلىق بولىدۇ . بۇ ئارقىلىق ئالدى بىلەن   ‹‹ سەككىز كۈچلۈك كوماندا ›› ، ئاندىن  ‹‹ تۆت كۈچلۈك كوماندا ›› مەيدانغا كېلىدۇ ، قالغانلار يۇرتىغا قايتىدۇ  ( بۇ جەرياندا جەمئىي 12 مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ ) .
 يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە . ‹‹ تۆت كۈچلۈك كوماندا ›› نىڭ ئىچىگە كىرگەن كوماندا  بەلگىلەنگەن تەرتىپتىكى رىقابەتچىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ ، ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشنى تالىشىدۇ ( بۇ باسقۇچتا پەقەت ئىككىلا مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ ) .
 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە . ئالدى بىلەن  يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىىدىكى نەتىجىسى 2 - ئورۇندىكى ئىككى كوماندا 3 - لىكنى تالىشىدۇ ( بۇ مەيدان مۇسابىقە ئادەتتە كەسكىنلىكىدىن سەنئەتلىكى كۈچلۈك دەپ قارىلىدۇ . چۈنكى ، مۇسابىقىلىشىدىغان ئىككى كوماندىغا نىسپەتەن دەرىجە بەك مۇھىم ئورۇندا تۇرمىغاچقا ، ماھىرلار  ئارتۇقچە بېسىمدىن خالى ، ئەركىن - ئازادە ھالدا مۇسابىقە ئوينايدۇ ) . ئاندىن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغان ئىككى كوماندا ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە - " دۇنيا لوڭقىسى " نى تالىشىشقا چۈشىدۇ ، دۇنيا لوڭقىسى -" كۈچتۈڭگۈرلەر لوڭقىسى " نىڭ ئىگىسى بارلىققا كېلىپ ، پۈتكۈل مۇسابىقە ئاخىرلىشىدۇ .
         كۆرىنىپ تۇرۇپتىكى ، 64 مەيدان مۇسابىقە ئارقىلىق ھەممە تاماملىنىدۇ .  يېرىم ھەل قىلغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەر قەدەم ئالغانلار يەتتە مەيدان ،  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگىچە كەلگەنلەر تۆت ياكى بەش مەيدان ، ئەڭ ئازلىرى ئۈچ مەيدان مۇسابىقە ئويناش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ .   


         ئەمدى ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلارنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلىنىشى مۇنداق :   
       شۇبھىسىزكى ، ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك مۇسابىقىلەرگە ئوخشاشلا بۇ قېتىممۇ چىمپىيوننى پەرەز قىلىش - ئەڭ بەس- مۇنازىرىلىك نوقتىلارنىڭ بىرى . ھەر نۆۋەتتە ‹‹ چىمپىيون نامزاتى ›› دەپ قارىلىدىغان ، ئاللىقاچان بەش قېتىم دۇنيا چىمپىيونى بولۇپ ، ‹‹ بەشيۇلتۇزلۇق -  بىرازىلىيە ››  شەرىپىگە ئېرىشىپ بولغان كۈچلۈك بىرازىلىيە كوماندىسى ساھىپخانلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ، 6 - قېتىم چىمپىيونلۇق تاجىنى كىيەلەمدۇ - يوق ؟
    ئالدىنقى نۆۋەتلىك ‹‹ دۇنيا چىمپىيونى ›› ، يېقىنقى ئىككى نۆۋەتلىك ‹‹ ياۋرۇپا چىمپىيونى ›› بولۇپ ، ھەممىنى تاڭ قالدۇرىۋاتقان ئىسپانىيە كوماندىسى ئۆز مۆجىزىسىنى داۋاملىق يارىتالامدۇ - يوق ؟ تۆت قېتىملىق " دۇنيا لوڭقىسى " نىڭ ساھىبى - ئىتالىيە بۇ قېتىم قانداق ‹‹ ناخشا ›› ئېيتىدۇ ؟ دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرى ۋە كۆپ سانلىق پۇتبول ئانالىزچىلىرى نەزىرىدە يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى ›› دەپ قارىلىدىغان ، " دۇنيا لوڭقىسى " دىن باشقا بىر پۇتبولچى پۈتۈن كەسپىي ھاياتىدا قولغا كەلتۈرۈشكە تىگىشلىك بارلىق شان - شەرەپلەرگە تويغۇدەك ئېرىشىپ بولغان مىسسىنىڭ باشچىلىقىدىكى دۇنياۋى چولپانلار تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ، ئىككى قېتىم " دۇنيا لوڭقىسى " غا ئېرىشكەن ئارگىنتىنا كوماندىسى ‹‹ مۇساپە ›› سىنى قانچىلىك داۋاملاشتۇرالايدۇ ؟
    ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ، ئۈچ  قېتىم " دۇنيا لوڭقىسى " غا ئېرىشكەن ، شىجائەتلىك گىرمانىيە كوماندىسى دۇنياغا  قانداق ‹‹ سوۋغا ›› سۇنار ؟ ئىلگىرى " دۇنيا لوڭقىسى " نىڭ ‹‹ تەمى ›› نى تېتىپ باققان باشقا ئۈچ دۆلەت - ئۇرۇگۋاي ( ئىككى قېتىم ) ، ئەنگىلىيە ( بىر قېتىم ) ۋە فرانسىيە ( بىر قېتىم ) لەر يەنە بىر قېتىم چىمپىيونلۇق ‹‹ چۈشى ›› نى رىياللىققا ئايلاندۇرالامدۇ - يوق ؟ ياكى  " دۇنيا لوڭقىسى " نىڭ بۇلاردىن سىرت يېڭى بىر ئىگىسى مۆجىزىلەردەك بارلىققا كېلەمدۇ - يە ؟ بۇ نوقتىدىن باشقا ، ھەر نۆۋەتلىك مۇسابىقىدا دىگۈدەك پەيدا بولىدىغان ، باشتا ئانچە نەزەرگە ئىلىنماي ، كېيىن ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ ، كۈچلۈك كوماندىلارنى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ قىلىپ ، خېلى يەرلەرگىچە بۆسۈپ كىرىدىغان ، ئادەتتە دائىم ‹‹ قارا تۇلپار ›› دەپ تەرىپلىنىدىغان كوماندا مەيدانغا كېلەرمۇ ، كەلسە قايسىسى بولار ؟ ئاسىيا ۋە ئافرىقا كوماندىلىرىنىڭ تەقدىرى قانداق بولار ؟ ۋاھاكازا ... بۇنداق ئۇلۇق - ئۇششاق مۇنازىرە تېمىلىرى تېخى نۇرغۇن بولۇپ ، پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ كاللىسىدا قايناپ- تېشىپ تۇرماقتا ھەم باشلىنىش ئالدىدىكى مۇسابىقىنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرماقتا . تۆۋەندە ، نورمال قەدەم - باسقۇچ بويىچە ئالدى بىلەن  كەڭ پۇتبول ئانالىزچىلىرىنىڭ پىكرى ئاساسىدىكى ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تەھلىل قىلىپ  باقايلى :
        A گۇرۇپپا : كۆرىنىپ تۇرۇپتىكى ، بۇ گۇرۇپپىدىكى ‹‹ غوجائاكا ›› - بىرازىلىيە كوماندىسى بولۇپ ، ئۇنىڭ گۇرۇپپىدىن ئۈزۈپ چىقىشى ، چىققاندىمۇ بىرىنچى بولۇپ چىقىشى تۇرغانلا گەپ . تېخنىكا - تاكتىكا ، تەجرىبە ۋە ساھىپخانلىق ئۇنىڭ چوڭ ئەۋزەللىكلىرى ھېساپلىنىدۇ . قالغان ئۈچ كوماندىنىڭ ئەمىلىي سەۋىيىسى ئانچە پەرقسىز بولۇپ ، بۇ گۇرۇپپىدىكى ھەقىقىي تىركىشىش مۇشۇ ئۈچ كوماندا ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن ، ئۇلار گۇرۇپپىدىن چىقىشتىكى يەنە بىر ساننى تالىشىپ ، ئۆز ئارا جان تىكىپ ‹‹ ئېلىشىدۇ ›› . گېزى كەلسە ، ئۇلارنىڭ ھەر قانداق بىرىنىڭ قۇدرەتلىك بىرازىلىيە كوماندىسىغا كۈچلۈك خىرس قىلىشىنىمۇ ‹‹ يوق! ›› دىگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ، كرودىيە كوماندىسى ياۋرۇپادىكى خېلى - خېلى دۆلەت كوماندىلىرىنى ئەيمەندۈرىدىغان كوماندا . مىكسىكا كوماندىسى ئوتتۇرا ۋە شىمالىي ئامىرىكا قىتئەسىدىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندا . ئافرىقا شىرى - كامىرۇنمۇ ئافرىقا قىتئەسىدە ‹‹ ھۆركىرەپ ›› يۈرىدىغان ، پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان كوماندا . بۇلار بۇ گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقىلەرنىڭ ھەرۋاقىت قىزىيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ .                     
         B گۇرۇپپا : بۇ گۇرۇپپىدا ، قارىماققىلا ئىسپانىيە بىلەن گوللاندىيىنىڭ كۈچلىكلىكى روشەن بىلىنىپ تۇرۇپتۇ . مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا ، ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىشى بەك قىيىنغا توختىمىسىمۇ شاللاش باسقۇچىدا بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزئارا ‹‹ تەخت تالىشىش ›› ى مۇمكىن ( پەرەز بويىچە ، A گۇرۇپپىدىن 1- بولۇپ بىرازىلىيە چىقىدۇ ، دىسەك شاللاش باسقۇچىدا B گۇرۇپپىنىڭ  ئىككىنچىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ ) .
        C گۇرۇپپا : بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ئالاھىدە . چۈنكى ، بۇ ئوتتۇرا سەۋىيىدىكىلەرنىڭ ‹‹ ھالاكەت گۇرۇپپىسى ›› بولۇپ ، گۇرۇپپىدىكى ھەر قانداق بىرىنىڭ گۇرۇپپىدىن ئۈزۈپ چىقىش ئېھتىمالى بار بولغاچقا ، چەك تارتىش مۇراسىمىدا موشۇ گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەنلىكىدىن ھەممىسىنىڭلا ‹‹ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ ›› كەتكەن . لېكىن ، گۇرۇپپىدىن چىققان ئىككى كوماندا 2 - باسقۇچتا ئاۋارىچىلىققا دۈچ كېلىدۇ . چۈنكى ، ئۇلار كۈچلۈكلەر يىغىلغان D گۇرۇپپىدىن چىققانلار بىلەن تۇتىشىدۇ . شۇڭا ، بۇ گۇرۇپپىدىكى كوماندىلارنىڭ مۇسابىقىلىرى باشتىن - ئاخىر جىددى ۋە كەسكىن بولىدۇ .  
         D گۇرۇپپا : بۇ ، سەككىز گۇرۇپپا ئىچىدىكى ئىسمى - جىسمىغا لايىق ‹‹ ھالاكەت گۇرۇپپىسى ›› . دۇنيا چىمپىيونى بولۇپ باققان ئۈچ دۆلەت - ئۇرۇگۋاي ، ئەنگىلىيە ۋە ئىتالىيە كوماندىسى موشۇ گۇرۇپپىغا كىرىپ قالدى . ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدا ئىپادىسى دىگەندەك بولماي ، " دۇنيا لوڭقىسى " مۇسابىقىسىنىڭ  بوسۇغىسىدىن ‹‹ ئىنجىقلاپ ›› ئاران ئاتلىيالىغان ئەنگىلىيە بىلەن ئىتالىيە كوماندىسى ‹‹ ئۇرۇق ›› كوماندىلىق ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويۇپ ، ئاخىرى ئۆزىگىمۇ ، ئۆزگىگىمۇ ‹‹ ئىش تېپىپ ›› موشۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى . بۇنىڭدا بەكرەك ئۇرۇگۋاينى ‹‹ نەس باستى ›› دىيىشكە بولىدۇ ، گۇرۇپپىۋى مۇسابىقە ئۇنى ‹‹ ھالىدىن كەتكۈزىۋېتىدىغان ›› بولدى . ‹‹ شور پىشانە ›› كوستارىكا كوماندىسى نىسپەتەن ‹‹ ئاجىز ›› ھېساپلانغاچقا ، قالغان ئۈچىنىڭ نومۇر ئېلىش دەستىكى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .
  E گۇرۇپپا : ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدا ئىپادىسى ياخشى بولمىغان فرانسىيىنىڭ چەك تارتىشتا ‹‹ ئوشۇقى ‹ ئالچۇ › چۈشۈپ ›› مۇشۇ گۇرۇپپىغا بۆلىنىپ قالدى ، ئەمىلىي سەۋىيىسىنى نورمال جارى قىلدۇرالىسىلا ئۇنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىشى قىيىنغا توختىمايدۇ . يەنە بىر ‹‹ پاسپورت ›› قا شۋىتسارىيە ئىگە بولىشى مۇمكىن .
  F گۇرۇپپا : بۇ گۇرۇپپىدىكى ‹‹ خوجايىن ›› ئەلۋەتتە كامپاس بۈركۈتى - ئارگېنتىنا . ئۇ ، ھەر جەھەتتىن باشقا گۇرۇپپىداشلىرىدىن يوقۇرى تۇرىدۇ . شۇڭا ، ئۇنىڭ ئاساسىي نىشانى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئەمەس ، بەلكى ، كېيىنكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىلەر . يەنە بىر ئېھتىماللىق ، ئارگېنتىنا كوماندىسى ئېرىشكەن ئىككىلا قېتىملىق " دۇنيا چىمپىيونى " تاجىسىنى ئۆز قىتئەسىدە  ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە ( 1978 - يىلى ئارگېنتىنا ، 1986- يىلى مىكسىكا ) دە قولغا كەلتۈرگەن ، بۇ قېتىم بۇ ئۆزگىچىلىك قايتا تەكرارلىنامدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ، مىسسى ۋە ئاساسەن ئۇنىڭ قۇرداشلىرىدىن تەركىب تاپقان ئارگېنتىنا كوماندىسى بىر دەۋر پۇتبولچىلارنىڭ ‹‹ ئالتۇن پەسلى ›› دە تۇرماقتا . دېمەك ، ھەممە دىگۈدەك ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى قىزىقىپ ، بېرىلىپ كۆرىدۇ ۋە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلىدۇ . يەنە بىر سالاھىيەت كۆرسەتكۈچىنى قالغان ‹‹ تەڭداش ›› ئۈچ كوماندىنىڭ بار كۈچى بىلەن تالىشىشى ئېنىق .
  G گۇرۇپپا :  قارىماققا ، بۇ گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ئىستىقبالىمۇ بىر قەدەر روشەن . گىرمانىيە بىلەن پورتۇگالىيىنىڭ  ئەمىلىي كۈچى گەۋدىلىك بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش ئېھتىماللىقى زور . يەنە كېلىپ ، ناۋادا ، ئۇلار گۇرۇپپىدىن چىقىپلا قالسا ، 2 - باسقۇچتا بىر قەدەر ‹‹ مۆتىدىل ›› لەر يىغىلغان H گۇرۇپپىدىكى كوماندىلار بىلەن ئۇچرىشىدىغان بولغاچقا ، بۇنداق پۇرسەتنى ئەلۋەتتە قولدىن بەرمەيدۇ - دە !
  H گۇرۇپپا : بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئەھۋالى C گۇرۇپپىنىڭكىگە ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ ، ۋەزىيەت يۈزلىنىشىمۇ شۇلارنىڭكىدەك تۈس ئالىدۇ . شۇڭا ، بۇ يەردە قايتا تەكىتلىمەيمىز .
  يوقۇرىدا ، سەككىز گۇرۇپپىنىڭ كەلگۈسى ئەھۋالىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ باقتۇق . ئەمما ، شۇنىسى ئېنىقكى ، نەزەرىيە جەھەتتىن كوماندىلار كۈچلۈك ، ئاجىز دەپ قارالغان بولسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە " دۇنيا لوڭقىسى " نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان 31 كوماندىنىڭ ھەممىسىلا ( پەقەت ساھىپخان دۆلەت كوماندىسىلا بىۋاستە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە ) ئۇزۇنغا سوزۇلغان سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق تاۋلىنىپ - تاللىنىپ ، ۋۇجۇدقا چىققان بولغاچقا ھېچبىرى ئۇنچىۋالا ئاجىز ئەمەس . ‹‹كۆزگە ئىلمىغان چوماق ، پۇتقا ئىلىشىپتۇ ›› دىگەندەك ، توپ مەيدانىدا ھەر قانداق بىر ‹‹ كارامەت ›› ۋە ھەرقانداق بىر ئېھتىماللىق ھەر ۋاقىت كۆرىلىشى مۇمكىن . بۇنىڭغا پەقەت پۈتكۈل مۇسابىقە جەريانى جاۋاپ بېرىدۇ ، خالاس !!
       بىرازىلىيە غەربىي يېرىم شارغا جايلاشقانلىقتىن ، مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋاقىت بىزنىڭ تازا ئۇخلاپ ، دەم ئالىدىغان ۋاقتىمىزغا توغرا كېلىدۇ . شۇڭا ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ بىۋاستە ئۇلاپ تارقىتىشىنى ۋاقتىدا كۆرىمىز ، دىسەك ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكە ھەقىقەتەن تەسىر يىتىشى مۇمكىن . لېكىن ، كېرەك يوق ! مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسى تەنتەربىيە قانىلى بىلەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسى ئەتىسى قايتا ئۇلاپ تارقىتىشنى مۇۋاپىق ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ .
   بۇ قېتىمقى مۇسابىقە توغرىسىدا ئىمكانقەدەر باشتىن ئاخىرى باغداش تورىدا تورداشلار بىلەن قىزغىن مۇنازىرىلەردە بولىمەن ،ھەم ئۆزەمنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن .

باغداش تورىغا خاس ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ !





1

تېما

0

دوست

1347

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   34.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10710
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 119
تۆھپە : 353
توردىكى ۋاقتى: 168
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 18:28:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنچە بولسىمۇ كۈنتەرتىپىنى قىستۇرۇپ قويدۇم.
世界杯日程.jpg
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

629

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   25.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29581
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 19:41:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OCUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-9 19:42  

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!داۋاملىق مۇشۇ ھەقتىكى مەزمۇنلاردىن خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرغايسىز!دېمىسىمۇ ۋۇجۇدىمىزدىكى ئەركەكلىك گىنى ھامىنى بىر كۈنى بىزنىمۇ دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىدۇ!

2

تېما

0

دوست

629

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   25.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29581
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 19:54:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OCUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-9 19:57  

ھازىر ئامېرىكا ن ب ئا نىڭ باش چىمپىيۇنلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى  مىئامى ئوت كوماندىسى بىلەن سان ئانتونىئو سىپرۇس كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.تورداشلارنىڭ بۇ مۇسابىقىدىن ھوزۇرلىىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن.مەن ئوت كوماندىسىنىڭ  چىمپىيۇن بولىشغا تىلەكداشمەن،ئىككى كوماندىنىڭ مۇسابىقىلىشىش ۋاقتى تۆۋەندىكىچە:1-مەيدان: 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۈمە، بېيجىڭ ۋاقتى 9:00، ئورنى-سان ئانتونىئو.
2-مەيدان: 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، دۈشەنبە، بېيجىڭ ۋاقتى 8:00، ئورنى-سان ئانتونىئو.
3-مەيدان: 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، چارشەنبە، بېيجىڭ ۋاقتى 9:00، ئورنى-مىئامى.
4-مەيدان: 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۈمە، بېيجىڭ ۋاقتى 9:00، ئورنى-مىئامى.
5-مەيدان: 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، دۈشەنبە، بېيجىڭ ۋاقتى 8:00، ئورنى-سان ئانتونىئو.
6-مەيدان: 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، چارشەنبە، بېيجىڭ ۋاقتى 9:00، ئورنى-مىئامى.
7-مەيدان: 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، شەنبە، بېيجىڭ ۋاقتى 9:00، ئورنى-سان ئانتونىئو.

1

تېما

0

دوست

739

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   47.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27706
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 218
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 21:11:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
N0PA[28}L_W8~I9~F~T}RON.jpg

2

تېما

4

دوست

3250

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8381
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 131
تۆھپە : 912
توردىكى ۋاقتى: 246
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 23:08:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7 - ئاينىڭ 14- گىچە مۇشۇ تېمىدا كۆرۈشۈپ تۇرايلى .

0

تېما

1

دوست

730

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25433
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 00:45:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيە قاتناشقان بولسا بەك قىزتاتتى..2002-يىللىق دۇنيا لۇڭقسنى تالىشىشتاۋە2008-يىللىق ياۋرۇپالۇڭقىسنى تالىشىشتائاجايىپ ئوت چىقرۋەتكەن..ھەسەن شاش،خاقان شۇكۈر،نىھات،سەمى سەنتۈرۈك 2008-يىلى كىرۇدىيە بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە ئەڭ ئاخىرقى بىر دەقىقە قالغاندا سەمى سەنتۈرۈكنىڭ بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرشى ئادەمنى ھاياجانغا سالىدۇ دىسە.....

1

تېما

0

دوست

731

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   46.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29015
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 228
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 02:07:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما داۋاملىق جانلانغۇسى!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )