- تىزىملاتقان
- 2012-7-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1109
- نادىر
- 0
- يازما
- 51
ئۆسۈش
10.9%
|
مۇھەببەت !!! ...
كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان تەسىرلىك ئۇقۇم. ئەگەر سەن بولمىغان بولساڭ ھاياتنى يەنە مۇشۇنداق قىزغىن سۆيەر بولغىيمىدۇق؟
ئەسلى تېمىغا كەلسەك، پەرزەنتلەردىن يامانلاش، ئاغرىنىش بىزنى ھەسسىلەپ بىخۇدلاشتۇردى. ئويلىنىپ باقايلى، بىز بالىلارغا مۇھەببەت تەربىيىسىنى قانچىلىك بېرەلىدۇق؟ ئۇلارغا مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى قانچىلىك ھېس قىلدۇرالىدۇق؟ ئەرلەر سۆيۈملۈك ئاياللىرىمىزنى ئۆيدە تاشلاپ قويۇپ، سىرىتتا باشقا ئاياللار بىلەن سورۇن تۈزگەنلىرىمىزدە، كەيىپ-ساپا، ئەيشى-ئىشرەتلىك تۇرمۇش پەيزىنى سۈرگەنلىرىمىزدە ئۆز ئېرىنى تاقەتسىزلىك بىلەن ساقلاۋاتقان مۇھەببەتكە تەشنا ئاياللىرىمىزنىڭ كۆز-ياشلىرىغا ئاشۇ نارەسىدىلەر گۇۋاھ ئەمەسمۇ؟
يەنە بىزنىڭ مەھبۇبىمىز بولمىش شۇ ئاياللار ئاللىقانداق ناملار بىلەن ئاتالغان تۈرلۈك سورۇنلاردا كىشىنى مەسىت قىلىدىغان ئەتىر پۇراقلىرى ئارىسىدا، باشقا ئەرلەر بىلەن ھاياجان ئىچىدە پىرقىراپ تانسىلارغا چۈشكەنلىرىمىزدە ...
ئويلاپ باقايلى، ئاشۇ نارەسىدىلەرنىڭ كۆزلىرى كۆرۇشكە تېگىشلىك بولمىغان يەنە قانداق مەنزىلەرنى كۆرۈپ قالغاندۇ؟ سۈت قەغەزدەك بالىلىق قەلبىگە نېمىلەرنى يازغاندۇ؟
كىچىكلىكىمىزدە «تاھىر-زۆھرە»، «پەرھات-شېرىن» داستانىنى ئاڭلىسام، ھاياجاندىن يۈرىكىم تىترەپ، شۇ مۇھەببەتكە مەنمۇ نائىل بولسام دەپ ئارزۇ قىلاتتىم. بۈگۈكى كۈندە بالىلىرىمىز بۇ داستانلارنى ئاڭلىسا«توقۇلما، مۇمكىن ئەمەس» دەپ بۇ ھېكايىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن «ئەخمەقلەر»نى مەسخىرە قىلىشى مۇمكىن. ئەنە شۇ چاغدا بىز بۇ «ئەقىلسىز» بالىلاردىن شۇنچىلىك ئاغرىنىمىزكى.......كۆڭۈل يارىمىزنى ئېيىتمايلا قويايلى. |
|