نارىسىدە بالىلىرىمىز «زەھەرلەنمىسۇن»
بالدۇر پىشقان مىۋە بالدۇر چۈشۈپ كىتىدۇ دىگەننى ھەممەيلەن بىلىمىز ، بىر بالىنىڭ قانداق بولۇپ يىتىلىپ چىقىشىدا ئاتا-ئانىنىڭ رولى ئىنتايىن موھىم ، بالىڭىز بالدۇر «پىشسا» ، بالىڭىز بالدۇر« قورۇلۇپ قالسا »،ئۆزىڭىز دەسلەپتە دىققەت قىلماي ، توغرا تەربىيە ئىشلىمەي ، ئىش چوڭغا چىققاندا جەمئىيەتتىن قاقشاپ ئولتۇرسىڭىز ، سىزنى ياخشى ئاتا -ئانا دىگىنى بولامدۇ ؟ سىزگە بالىڭىزدىنمۇ موھىم يەنە قانچىلىك نەرسە بار ؟ شۇڭلاشقا بالىڭىزدىكى كىچىك ئۆزگىرىش ، خاراكتىرىدىكى ئاجىزلىقلار ،شۇنداقلا يىتىلىش مەزگىلىدىكى ئىنچىكە نوقتىلارغا دىققەت قىلىڭ . بۇ بالىڭىزغا بىر ئۆمۈرلۈك روھىي كىسەل بولۇپ قېلىشى مومكىن . بالدۇر پىشىپ قېلىشمۇ نۇرغۇن روھىي كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، تۆۋەندە بىر ئەمەلىي ئىشنى ئەمەلىي مىسال بىلەن ئوتتۇرىغا قوياي . سىنىپتىن چىقىپ پەلەمپەيدىن چۈشىۋاتسام 6- يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر قىز ئوقۇغۇچى ئىككى ئوغۇل ساۋاقدىشىدىن قايسىسىغا دېدى بىلمەي قالدىم‹‹سېنىڭمۇ مۇھاببىتىڭ بارمۇ؟››دەپ سورىغىنى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى،قىزنىڭ بۇ سوئالى بىلەن كۆزۈم چەكچىيىپ كەتتى،مېنى كۆرگەن ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار خىجىللىقتىن ‹‹ماڭە ھەي ساراڭ››دېيىشتى،ھېلىقى قىز ئوقۇغۇچى ماڭا قاراپ تىلىنى چىقىرىپ قويۇپ يۈگۈرگىنىچە ئۈستۈكى قەۋەتكە چىقىپ كەتتى،ئارقىسىدىن چىقسام سىنىپ مەسئۇلى بار ئىكەن، بولۇنغان گەپ –سۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن ئۇ قىزنى چاقىرىپ چىقىپ بىرمۇنچە تەربىيە ئىشلىدىدۇق.ئەمدىلا 13 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئوقۇغۇچىنىڭ ‹‹سېنىڭ مۇھاببىتىڭ بارمۇ››دېگەن سۆزى كاللامدىن پەقەت كەتمىدى. بۇ ‹‹مۇھاببەت ››سۆزى يالغۇز بۇ قىز ئوقۇغۇچىنىڭلا ئېغىزىدىن چىققان تۇنجى سۆز ئەمەس،باشلانغۇچنىڭ يۇقىرى يىللىقلىرىدا ئوقۇيدىغان ،ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان قىسمەن ساندىكى قىز -ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر بىرسىگە قوش يۈرەك سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن ‹‹مەن سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم››‹‹ئىككىمىز مۇھاببەت بولايلى›› ...دېگەندەك خەتلەرنى يېزىشى،‹‹كىم ئۇنى مەندىن تالىشىدىكەن ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشقىنىم ئېلىشقان››دېگەندەك تەھدىت ئارىلاش سۆزلەرنى قىلىشى، ‹‹مۇھاببەت ››تالىشىپ بىر –بىرى بىلەن ئۇرۇش –جىدەللەرنى قىىلشى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ۋە قۇلاق ئاڭلاپ تۇرىدىغان ئىشلار بولۇپ قالدى. مەن ياش ۋاقتلىرىمدا كوچىلاردا قول تۇتۇشۇپ مېڭىۋاتقان ‹‹مۇھاببەت››لەرنى ئۇچراتقىلى بولمايتتى،ھازىر ‹‹مۇھاببەت ››ئۇقۇمى بارغانسېرى يالىڭاچلىشىشقا ،تەرەققى قىلىشقا باشلىدىمۇ قانداق،يولدا كېتىۋاتقاچ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان قىز –ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر –بىرى بىلەن ئېسىلىشىپ كېتىۋاتقان قىياپەتلىرى،15 -16 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان كىچىككىنە بالىلارنىڭ ‹‹بۇ مېنىڭ مۇھاببىتىم››دېيىشلىرى،توي قىلىپ بولغانلارنىڭ ئائىلسىدىكى جۈپتىگە ئاسىيلىق قىلىپ سىرتتا ‹‹مۇھاببەت ›› تۇتۇشلىرى،بۇ قىلىقلىرىدىن نومۇس قىلماي ئۆزىچە پەخىرلىنپ تۇرۇپ‹‹بۇ بىزنىڭ مۇھاببەت ››دەپ كېرىلىپ كېتىشلىرى....ئادەمنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلىنپ قالدى ھازىر. توردا ‹‹مۇھاببەتلىشىش››،تېلىفوندا‹‹مۇھاببەتلىشىش››، ئۈندىداردا<<مۇھاببەتلىشىش>>ئايرىمخانىلاردا ‹‹مۇھاببەتلىشىش››....دۇنياغا ‹‹مۇھاببەتلىشىش ››ئۈچۈنلا يارالغاندەك،‹‹مۇھاببەت››تىن باشقا ئىش يوقتەك.... نېمە ئۈچۈن ‹‹مۇھاببەتلىشىش››بارغانسېرى ياش جەھەتتىن كىچىكلىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ؟ھازىر ‹‹مۇھاببەتلىشىش››شۇنداق ئاسان ئىشقا ئايلىنىپ قالدىمۇ؟‹‹مۇھاببەت››نىڭ ئەتىۋارى قالمغىلى تۇردىمۇ؟چوقۇم‹‹مۇھاببەتلىشىش›› كېرەكمۇ؟.... ئائىلىسى بار بىر قىسىملار جۈپتىگە قانائەت قىلماي ‹‹مۇھاببەت››تۇتۇشۇپ يۈرسە،توي قىلمىغان ياشلار بىر –بىرىنى ئالدىشىپ ‹‹مۇھاببەت››كە ئاسىيلىق قىلىشىپ يۈرسە،بۇنداقتا ‹‹مۇھاببەت››نىڭ قانداقمۇ قەدىر –قىممىتى بولسۇن؟ ‹‹مۇھاببەت ››قىممەتسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالمىسۇن،‹‹مۇھاببىتىڭ بارمۇ؟››دېگەن سوئال يالىڭاچلا ئېيتىلىپ قالمىسۇن،‹‹مۇھاببەت››ئۇلۇغلىقى،جەلپكارلىقى ...بىلەن قىممىتى تاپسۇن.قىز-ئوغۇل،ئەر –ئاياللار ‹‹مۇھاببەت››نى قەدىرلەيلى،ھەقىقىي ،ساپ ‹‹مۇھاببەت››قەلبلەر ئېتىزىدا ئۇرۇق چاچسۇن...
شۇڭلاشقا بالىڭىزغا دىققەت قىلىڭ ،ھەممە ئىشنىڭ قىلىدىغان مۇۋاپىق ۋاقتى بار ، كىچىك بالىنى پىشۇرۇپ قويساق ،ئۇ مۇھەببەتنىڭ تەمىنى تېتىپ بولغۇچە نىمە بولۇپ كتىدۇ ؟ قىسقىسى، ئاشۇ نارىسىدە باللىرىمىز روھىي جەھەتتىن زەھەرلەنمسۇن .
مەنبە : ئويلۇرۇم |