قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 455|ئىنكاس: 2

[قانۇن] ئەدلىيە ئىمتىھاندىن مەسلىھەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

2

دوست

4007

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   66.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17305
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 1260
توردىكى ۋاقتى: 340
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 22:04:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەدلىيە ئىمتىھانى توغرىسىدا پاراڭلار


         ئەدلىيە ئىمتىھانى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ قىيىن ئىمتىھانلارنىڭ بىرى،نۇرغۇن كىشىلەر سىناپ بېقىش مەقسىدىدە ياكى ئۆزىگە تازا تولۇق ئىشەنچ قىلمىغان ئاساستا قاتنىشىكەن،مەلۇمكى تولۇپ تاشقان ئىشەنچى بىلەن قىلمىغان ھەرقانداق ئىش نەتىجىلىك بولمايدۇ.ياخشى ئۈنۈم يارىتىش ئۈچۈن، چوقۇم ئۈگىنىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىشىمىز كىرەك. مۇھىم نوقتىلىق بىلمىسە بولمايدىغان بىلىملەرنى كۈچ سەرپ قىلىپ ئۈگىنىش،يىللاردىن بۇيانقى چىقىرىلغان ئىمتىھان سۇئاللىرىنى قايتا-قايتا مەشىق قىلىش كىرەك.چۇنكى ئىمتىھان قىيىن بولغان بىلەن،چىقىدىغان سۇئاللارنىڭ قايتىلىنىش دەۋرىلىگى بولۇدۇ،بۇرۇن چىققان سۇئاللار قايتا تەكرارلىنىدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ.پەقەت ئەمەتنى سەمەتكە ئۆزگەرتىپ قايتا بىرىلىدۇ،شۇڭا تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر كىشى ئۈچۈن بۇ ئانچە تەس ئەمەس.2014-يىللىق ئەدلىيە ئىمتىھانى تەييارلىق باسقۇچىدا تۇرماقتا،مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنىدىن كىلەر ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە توردا تىزىملاش باشلىنىدۇ.شۇڭا ئەدلىيە ئىمتىھانى بەرگۈچىلەرگە ئاز-تولا پايدىسى بولۇپ قالار دىگەن مەقسەتتە،ئۇيغۇرچە ماتىريال كەم بولۇش بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن،2014-يىللىق ئىمتىھان ئېلىنغىچە ئارلىقتا بۇ توغرىلىق مەزمۇنلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنماقچىمەن.بىلىشىمچە ئۇيغۇرچە ئىمتىھان سۇئاللىرىنىڭ سالمىغى يىنىكرەك،مەن دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ئورگانلار چىقارغان مەلۇماتلار ئارقىلىق،ئەدلىيە ئىمتانىسىدىكى مۇھىم قىيىن نوقتىلار توغرىسىدا كۆپچىلىكنى خەۋەردار قىلىشنى لايىق كۆردۈم.مىنىڭچە بۇمۇ بىر خىل ئىشسىزلىق تۈگىتىشنىڭ يولى،كەڭ ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ياشلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى سورايمەن.
               ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئاخىرقى بىر ئاي قالغاندىلا شىددەت بىلەن ئۈگىنىدىغانلار بار،بۇنداقلارنىڭ كەسپى سەۋىيىسى يۇقۇرى بولسا مۇھىم نوقتا ۋە قانۇن ماددىللىرىنى كۆرۈپ قويسىلا ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كىتەلەيدۇ. ئادەتتە باشقا كەسىپتە ئوقىغانلار ئۈچ ئاي پۇختا تەييارلىق قىلسا،بىر تۇتاش چىقىرىلغان دەرىسلىك ماتىريالنى بىر قىتىم پۇختا كۆرۇپ چىقسا،مۇھىم قانۇن ماددىلىرىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ  ئىگەللىۋالسا،ئاخىرقى بىر ئېيىدا بۇرۇن چىققان سۇئاللار بويىچە مەشىق قىلسا ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كىتەلەيدۇ.بۇ يەردە تەكىتلىنىدىغىنى بۇرۇنقى سۇئاللار بەكمۇ مۇھىم،بۇرۇنقى سۇئالنى ئىشلەش كەلگۈسىدىكى ئېلىنماقچى بولغان ئىمتىھان سۇئالىنى ئىشلىگەنگە باراۋەر.ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش ئۈچۈن،ئاۋال ياخشى بىر ئۈگىنىش پىلانى بولىشى كىرەك.كىشىلىك ھاياتنى پىلانلىغىلى بولىدۇ،پىلان بولمىسا ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان كۈچ بولمايدۇ.ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ھورۇنلۇق كىسىلى بولۇپ،ياخشى پىلان غايىڭىزنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشىغا ھەيدەكچىلىك رولىنى ئۆتەيدۇ.
  
    ھەق-تەلەپ قانۇنى
يۇقارقى جەدۋەللەردىن ھەق-تەلەپ قانۇنىنىڭ يېقىنقى ئون يىلدىكى پۈتكۈل ئىمتىھاندا تۇتقان ئورنى、 ئىگەللىگەن نۇمۇرى ۋە يەككە تاللاش、 كۆپ خىل تاللاش、 مۇقىم بولمىغان تاللاش、 دىلو مىساللىرىنىڭ يىشىمى شۇنداقلا بايان قىلىش سۇئاللىرىنىڭ ئىگەللىگەن نىسپىتىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.بۇنى پەقەت ئۈگىنىش قىلىشىڭىزدا، مۇھىم نوقتىلارنى بىلىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
ھەق-تەلەپ قانۇنىنى ئۈگىنىش ئۇسۇلىدا،ئاساسلىق بىلىشكە تىگىشلىگى:ھەق-تەلەپ قانۇن ئومۇمى نەزىريەسى؛ مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى؛ قەرزدارلىق ھوقۇقى قانۇنى؛ كىشىلىك قەدىر-قىممەت ھوقۇقى قانۇنى؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى؛ نىكا مىراس قانۇنى؛ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش مەسئۇلىيەت قانۇنى قاتارلىقلار.
توختام قانۇنى مەيلى ئەمىلى تۇرمۇشتا بولسۇن ياكى ئىمتىھاندا بولسۇن پۇختا ئۈگىنىش بەك مۇھىم.بۇنىڭدىكى مۇھىم توقتىلار تۆۋەندىكىدەك:
1.   توختام قانۇنى ئومۇمى پىرىنسىپىنى چوقۇم ئىگەللمىسە بولمايدۇ، ئاساسلىغى توختامنىڭ تۈزىلىشى、 كۈچى ۋە ئىجرا قىلىنىشى دىگەن ئۈچ باپ مۇھىم.
2.  ئېلىم-سېتىم ،ھەدىيە،ئىجارە،ھاۋالە توختاملىرىنى ئىگەللەش مۇھىم.
3.  نامۇۋاپىق پايدا بىلەن سەۋەپسىز باشقۇرۇشنى شەكىللەندۈرگۈچى ئامىللار،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قانۇنى كۈچى دىگەنلەرنى ئىگەللىمىسە بولمايدۇ.سەۋەپسىز باشقۇرۇشتا باشقۇرغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلىرى،سەۋەپسىز باشقۇرغۇچى ھەق تەلەپ قىلىش كىرەكمۇ-يوق؟ دىگەن مەسىلىلەر  مۇھىم.
قانۇن ماددىلىرىنى ئۈگەنگەندە،چۈشىنىپ تۇرۇپ ئەستە ساقلاش、 كۆپرەك دىلو مىساللىرى بىلەن باغلاپ تۇرۇپ ئۈگىنىش كىرەك. يىللاردىكى سۇئاللارنى ئىشلەش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
جىنايى ئىشلار قانۇنى
          بۇ يېقىنقى 10 يىلدىكى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ نۇمۇر كۆرسەتكۈچ جەدىۋېلى،بۇنىڭدىن جىنايى ئىشلار قانۇننىڭ پۈتكۈل ئەدلىيە ئىمتىھانىدا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىغانلىغىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.جىنايى ئىشلار قانۇنى چۈشىنىش ئاسان،سەل دىققەت قىلسىلا نۇمۇر ئېلىش تەس ئەمەس.لىكىن سالمىغى كۆپرەك،شۇڭا مۇھىم نوقتىلارنى تاللاپ ئۈگىنىش كىرەك.
         جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مۇھىم نوقتىلار:ئومۇمى پىرىنسىپتىن جىنايەتنى قانۇن بىكىتىش、ۋاقىت كۈچى、سەۋەپ نەتىجىلىك مۇناسىۋەت、پاكىت تونۇش خاتالىغى、يوللۇق قوغدىنىش شەرتلىرى、ئورتاق جىنايەتنىڭ شەكىللىنىشى、ئۆلۈم جازاسى、مۇسادىرە قىلىش、ئادەتلەنگەن جىنايەتچى、ئۆزىنى مەلۇم قىلىش、 تۆھپە يارىتىش、 جازاكىمەيتىش、جازا مۇددىتىنى ئارقىغا سۈرۈش قاتارلىقلار.
قووشۇنچە پىرىنسىپتىن كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى قىلىش جىنايىتى、 مال-مۈلۈككە دەخلى قىلىش جىنايىتى、 پارىخورلۇق -خىيانەت قىلىش جىنايىتى、 قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىش جىنايىتى、 زور مەسئۇلىيەت ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى قاتارلىقلار.
    مەمۇرى قانۇن
       يۇقارقى جەدۋەل يېقىنقى ئون يىلدىكى مەمۇرى قانۇننىڭ نۇمۇر كۆرسەتكۈچ ئەھۋالى بولۇپ،بۇنىڭدىن مەمۇرى قانۇننىڭ كۈچ سەرىپ قىلىپ ئۈگەنمىسە بولمايدىغان ئۈچىنجى چوڭ قانۇن ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ.مەمۇرى قانۇن ئۈگەنمەك تەسرەك ھەم زىرىكەرلىك بولسىمۇ،ئىمتىھاندا كۆپ نۇمۇر ئىگەللەيدىغانلىغى ئۈچۈن،چىشىمىزنى چىشلەپ تۇرۇپ ئۈگەنمىسەك بولمايدۇ.
بۇ جەدۋەل ھەرقايسى سۇئال تۈرلىرىنىڭ سالمىغىنى كۆرسىتىدۇ.
          مەمۇرى قانۇندا ئاساسى نەزىريە 20%،قانۇن ماددىسى 80%سالماقنى ئىگەللىگەن، ئاساسەن 《مەمۇرى دەۋا قانۇنى》《مەمۇرى قايتا قاراپ چىقىش قانۇنى》《دۆلەت تۆلەم قانۇنى》《مەمۇرى جازا قانۇنى》《مەمۇرى ئىجازەت قانۇنى》ئۇنىڭدىن باشقا ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلار،قاتارلىقلاردىكى مۇھىم قانۇن ماددىللىرىنى پۇختا ئىگەللەش كىرەك.نەزىريە بىلىملىرىدىن پىرىنسىپلار بىلەن ئۇقۇملارنى بىلىۋالساقلا بولىدۇ.《مەمۇرى دەۋا قانۇنىنىڭ ئەلىيىلىك ئىزاھاتى》بۇرۇنقى ئىمتىھانلاردا،باشقا قانۇنلارغا قارىغاندا كۆپ سۇئال چىقىرىلغان.مەمۇرى قانۇن ماددىلىرىدىن ئەدلىيە ئەمىلىيىتىدە كۆپ قوللىنىدىغانلىرىنى ئۈگىنىش ،كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغانلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش،يېڭىدىن ئىلان قىلىنغان قانۇنلارنى پۇختا ئىگەللەش كىرەك.قۇنۇن ماددىسى ئۈگىنىش زىرىكىشلىك بولۇپ،ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان تۇرمۇش مىساللىرى بىلەن قانۇنى ئاساسى نەزىريەسىگە باغلاپ ئۈگەنسە ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ.
  يۇقۇرىدا ئۈچ چوڭ قانۇننىڭ مۇھىم نوقتىللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئوتتۇق،قالغانلىرىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللايمىز.

بۇ يازمىنى چۈشۈرۈپ پايدىلانماقچى بولسىڭىز ،ئايرىم ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
  

0

تېما

0

دوست

178

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   59.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15889
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 14:56:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز ! «كارىزچى»دىن سىزگە سالام .مەن بۇ يىل ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتناشماقچى ئىدىم. شۇڭا توردىن سىزنىڭ «ئەدلىيە ئىمتىھانى توغرىسىدا  پاراڭ» دىگەن تېمىڭىزنى كۆرگەندىن كىيىن  ئىمتىھاننى قانداق بېرىش تەييارلىقنى قانداق قىلىش توغرىسىدا قىممەتلىك ئۇچۇرىڭىززغا ئېرىشتىم. مۈمكىن بولسا قالغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئىنكاس شەكلىدە تېزرەك يوللىشىڭىزنى تەشنامەن. سىزگە سالامەتلىك. خوشاللىق ۋە بەخت تىلەيمەن . ئەجرىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

32

تېما

2

دوست

4007

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   66.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17305
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 1260
توردىكى ۋاقتى: 340
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 23:58:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KARIZQI يوللىغان ۋاقتى  2014-6-14 14:56
ياخشىمۇ سىز ! «كارىزچى»دىن سىزگە سالام .مەن بۇ يىل ئەدل ...

سىز گە ئازراق بولسىمۇ پايدام تەككەنلىكتىن خوشالمەن!
بولىدۇ،داۋاملىق يوللاپ تۇراي!بۇ تىمىغا باغداش ئەھلى قىزىقمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ يوللىمىغان ئىدىم.قارىغاندا قىزىقىدىغانلارمۇ باركەن.
ئىمتىھاندىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتۈپ كىتىشىڭىزگە تىلەكداشمەن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )