بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-10 23:53
J-29C تەجىرىبە قۇرۇلمىسىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى تەجىربىنىڭ مەقسىدى: قاسىم سىدىق ئەپەندى تەشەببۇس قىلغان<< شەكىل نەزىرىيەسى >> نىڭ 29- تېئورمىسىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئىسپاتلاش.
1- رەسىم (گالىلې پىسا قىيپاش مۇنارى تەجىربىسى) يۇقارقىدەك مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار تەجىربە ئەسۋابى لايھىلەندى. تەجىربە لايھەسىدە پولات شارچە تەجىرىبە ئوبىكتى بولۇپ، بۇ شارچىنى A شارچە دەپ ئاتىدۇق(3-رەسىم). شارچىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىدىن ئۆتكەن تۈزسىزىقتىكى شارچىنىڭ ئىككى يان تەرپىدىن تۈشۈك ئېچىلغان. تەجىرىبە جەريانىدا Aشارچە ئۆز ئۇقىدا مىنۇتلۇق ئايلىنىش 1000 دىن 10000 مىڭغىچە ئايلايدۇرلۇپ ئېگىزلىكى m1.36 بولغان قۇيۇپ بىرىش قۇرۇلمىسىدىنئەركىن قۇيۇپ بىرىلىدۇ.
2-رەسىم (ئېغىرلىق كۈچى تەجىربىسى) شارچە يەرگە چۈشكىچە نۇر سىزىش سېنزورلىرى ئارىسىدىن ئۈتۈپ، چۈشۈش ھەركىتى باشلانغان ئورنى خاتىرلىنىدۇ. يەرگە چۈشكەندىن كىيىن ئىز قالدۇرۇش قەغىزى ئۈستىگەشارچە قالدۇرغان ئىزلار ئارقىلىق، ئۆزئوقىدا ئايلاندۇرۇپ تاشلانغان شارچە بىلەن ئۆز ئوقىدا ئايلاندۇرۇلماي تاشلانغان شارچىنىڭ ئورنى خاتىرلىنىدۇ. تەجىرىبە ئادەتتىكى تېمپىراتۇرا نورمال ئاتمىسفىرا شارائىتىدا ۋە ئادەتتىكى تېمپىراتۇرا كېمەيتىلگەن ھەر خىل دەرىجىدىكى ئاتمىسفىرا بېسىم شارائىتىدا تەكرار ئىشلىنىپ، چىققان سانلىق قىممەتلەر خاتىرلىنىدۇ.
3- رەسىم تەجىربە ئەسۋابى چوڭ جەھەتتىن تەجىربەرايۇنى ۋە كونتىرول رايۇنىدىن ئىبارەت بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ، تەجىربە رايۇنى –ئىچكى قۇرۇلما جازىسى ، تاشقى ۋاكومقېپى، تاشلاش سېستىمىسى، ، ئايلاندۇرۇش سېستىمىسى، ئايلىنىش قېتىم سانىنى ئۆلچەش سېستىمىسى، يۆلنىش كۆرسەتكۈچ سېنزور سېستىمىسى، خاتىرلەش سېستىمىسى، ماشىنا قول، كۈزتۈش سېستىمىسى قاتارلىق توققۇز سېستىمىدىنتەركىپ تاپىدۇ. 1. ئىچكى قۇرۇلما جازىسى تۈزلىشى؛- ئېگىزلىگى ئىككى مېتتىر بولغان ئالتەدانە چاسا تۈمۈرنى چەمبەر شەكىللىك ئالتەدانە تۇمۈرگە ئىچ تەرپىدىن تىگىشتۈرۈپ، ھەر ئىككى چەمبەر شەكىللىك تۈمۈر ئارلىقىنىئارلىق قالدۇرلۇپ كەپشەرلىنىدۇ. ئەڭ ئاستىنقى قىسمى سېلىندېر ۋاكوم قېپىنىڭ ئاستىغائالتە دانە بولتا بىلەن چىڭتىلىپ مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ ( 6- رەسىم ). رۇلى؛ بۇ ئارقىلىق ئۇقۇرغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغانبۆلەكلىرىنىڭ مۇقىملىغىغا كاپالەتلىق قىلغىلى بولىدۇ. 2. تاشقى ۋاكوم قېپى. تۈزۈلشى؛ ۋاكوم تۇربىسى ، ياپقىسى، ۋەكۈزىتىش كۆزنىكى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. ۋاكوم قىپىنىڭ رۇلى؛ 1- سىرتقى ھاۋانىڭتەجىرىبە ھەرخىل جەريانىدا ئىچىگە كىرىپ كىتىشنى تۇسۇپ، كېمەيتىلگەن ئاتمىسفۇرا بېسىمشارائىتىدا تەجىرىبە ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. 2- كۈزتۈش كۆزنىكى ئارقىلىقئىچكى قىسىمىنى ھەر تەرەپتىن كۈزەتكىلى بولىدۇ. 3- ئاستىدىكى ھەركەتچان چاقئارقىلىق تەجىرىبە قۇرۇلمىسنى يۆتكىگىلى بولىدۇ.
4-رەسىم، 3. تاشلاش سېستىمىسى
5 -رەسىم تاشلاش سېستىمىسى تاشلاش سېستىمىسى – بۇ جازا بۆلىكى (5-رەسىم،1).ئۈستى مېخاينىك بۆلىكى (5- رەسىم،2). B پىششاڭ ھەركىتىنى ئاساسىزىخچىگە يەتكۈزۈپ بىرىش بۆلىكى (5-رەسىم،3). ئاساسى زىخچە بۆلىكى (5-رەسىم،4). قۇشۇمچەزىخچە بۆلىكى (5- رەسىم،5) قاتارلىققاتارلىق بەش بۆلەكتىن تۈزۈلگەن. جازا بۆلىكى جازا بۆلىكى قېلىن بولغان تۈمۈر تاختاي بۇلۇپ ئىچكى قۇرۇلما ئۇقۇرىنىڭ چەمبىرى ئۈستىگەكەپشەرلىنىدۇ رۇلى؛ تاشلاش سېستىمىسى مۇشۇتاختاينىڭ ئۈستى ۋە ئاستى تەرەپلىرىگە مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ، تاشلاش سېستىمىسىنىڭمۇقىملىقىغا كاپالەتلىق قىلىنىدۇ. ئۈستى مېخاينىك بۆلىكى بۇ بۆلەكنىڭ ئاساسلىق رۇلى؛ ئېلىكتىرماتۇر بىلەن B پۇرجنانىڭ كۈچىنى تەڭ تەقسىملەپ، جازا بۆلكىئاستىدىكى ئىككى تەرەپكە يەتكۈزۈپ بىرىدۇ. B پىششاڭ ھەركىتىنى ئاساسى زىخچىگە يەتكۈزۈپ بىرىش بۆلىكى بۇ بۆلەكنىڭ ئاساسلىق رۇلى؛- ئاساسىزىخچە ئايلىنۋاتقان شارئىتتا، B پششاڭنىڭ ھەركىتىنى ئاساسىزىخچىگە بىخەتەر يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ۋېنتىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. ئاساسى زىخچە بۆلىكى بۇ بۆلەك جازا بۆلكىنىڭ ئاستىدىكى تۈمۈرتاختىنىڭ ئاستىغا ئۇرۇنلاشقان بۇلۇپ A شارچىنى قىسىش، ئايلاندۇرۇش،تاشلاش ھەركەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. قۇشۇمچە زىخچە بۆلىكى قۇشۇمچە زىخچە بۆلىكى- بۇ بۆلەكنىڭ رۇلى-A شارچىنى ئاساسى زىخچىگە قىستۇرۇشتىن بۇرۇن مۇشۇ بۆلەكتە تەڭشەپقىسىپ توغىرلىنىۋېلىپ، A شارچىنىڭ ئاساسى زىخچىگە ئۆلچەملىق قىسىلىشىغاكاپالەتلىق قىلىدۇ. ئايلاندۇرۇش سېستىمىسى ۋە سۈرئەت ئۆلچەش سېستىمىسى
6- رەسىم بۇ ئىككى سېستىما 6- رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكبۇلۇپ، رەسىمدىكى A ئايلاندۇرۇش سېستىمىسىنى ھەركەتلەندۈرگۈچىئاساسى ماتۇر بۇلۇپ، بۇ ئىچكى قۇرۇلما ئۇقۇرىنىڭ ئۈستى قىسمىغا جازا بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ.رەسىمدىكى D ئارلىقتىكى تاسمىلىق چاق ئوقى بۇلۇپ، بۇ بولساتاشلاش قۇرۇلما جازىسىنىڭ بىر تەرپىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ. رەسىمدىكى Eبولسا تاشلاش سېستىمىسىنىڭ ئاساسى زىخچە بۆلىكى بۇلۇپ، ئايلاندۇرۇش سېستىمىسىئارقىلىق ئايلاندۇرۇلدۇ. رەسىمدىكى B بولسا ئۆزىمىز ياسىغانئايلىنىش سۇرئىتىنى كېمەيتىش قىسمى بۇلۇپ، ئايلىنىش سۇرئىتىنى سائەت ئۆلچىگىدەكدائىرىدە كېميتىپ بېرىدۇ. رەسىمدىكى C بولسا ئايلىنىش سۇرئىتىنى ئۆلچەشسائەتى بۇلۇپ. شارچىنىڭ ئايلىنىش قېتىم سانىنى بىلگىلى بولىدۇ. يۆلنىشكۆرسەتكۈچ سېنزور سېستىمىسى
7- رەسىم يۆلنىش كۆرسەتكۈچ سېنزور سېستىمىسىتاشلانغان شارچىنىڭ يۆلنىشىنى كۆرسىتىپ بېردىغان بۇلۇپ، جازا بۆلىكى، لازىر نۇر ۋەلازىر نۇرلۇق ئۈز-چات بۆلىكى، ئېلىكتىر ماگىنىتلىق رېلى بۆلىكى، كۆرسىتىش چىرىقى بۆلىكىقاتارلىق بۆلەكلەرگە بۇلىنىدۇ. جازا بۆلىكى جازا بۆلىكى 23- رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكبۇلۇپ، تۈمۈر تاختىدا لازىر نۇر ۋە لازىر نۇرلۇق ئۈز-چات بېكىتىش ئۈچۈن تۈشۈكتىشىلىدۇ. تۈشۈك تىشىلگەن تۈمۈر تاختا ئەڭمۇۋاپىق ئۇرۇنغا تۇرغۇزۇلۇپ، تۈمۈر چېتىقلار ئارقىلىق تاشلاش سېستىمىسى جازاقىسمىغا مۇقىملىنىدۇ. رۇلى؛ لازىر نۇر ۋە لازىر نۇرلۇق ئۈز-چاتلارنىڭئورنىدا مۇقىم تۇرشىغا كاپالەتلىق قىلىدۇ.
8- رەسىم لازىر نۇر ۋەلازىر نۇرلۇق ئۈز-چات بۆلىكى بۇ بۆلەكتە 50 دانە لازىر نۇر چىرىقىۋە 50 دانە لازىر نۇرلۇق ئۈز-چات بولىدۇ. 50 دانە لازىر نۇر چىرىقىنى Aشارچىنىڭ ئىككى تەرپىگە 7- رەسىم ئوڭ تەرەپتە كۆرسىتىلگەندەك بېكىتىلىدۇ. 50 دانەلازىر نۇرلۇق ئۇز-چاتنى قارشى تەرپىگە بېكىتىلىدۇ. ئېلىكتىر ماگىنىتلىق رېلى بۆلىكى بۇ بۆلەك 150 دانە ئېلىكتىرماگىنىتلىق رېلىدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ، نىپىز تۈمۈر تاختايغا تىزىلىپ، ئىچكى قۇرۇلماجازىسىنىڭ ئۈستى تەرپىگە ئورنىتىپ قۇيۇلىدۇ(24- رەسىم).
9- رەسىم كۆرسىتىش چىرىقى بۆلىكى بۇ بۆلەك 25- رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكبۇلۇپ، 50 دانە كۆرسىتىش چىرىقىنى رەسىمدىكىدەك ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ (رەسىمدە ئىككىدانىسى ئارتۇق).
يۆلنىش كۆرسەتكۈچ سېنزور سېستىمىسى توك يۇلى يۆلنىش كۆرسەتكۈچ سېنزور سېستىمىسىنىڭئىشلەش پىرىنسىپى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.
10- رەسىم لازىر نۇر لامپىسى، لازىر نۇرلۇق ئۈز-چاتقا نۇر دەستىسى چۈشۈرۇپ، لازىر نۇرلۇق ئۈز-چاتنى ئۇلاپ تۇرىدۇ. Aشارچە تاشلانغاندا، نۇر دەستىسى تۇسۇلۇپ لازىر نۇرلۇق ئۈز-چات ئۈزۈلىدۇ-دە، ئۇزۇلگەنلىكسىگنال ئېلىكتىر ماگىنىتلىق رېلىغا يىتىپ بارىدۇ.
11- رەسىم ئېلىكتىر ماگىنىتلىق رېلىسىگنالغا ئاساسەن ئۈزۈلگەن شۇ نۇر دەستىسىنىڭ كۆرسىتىش چىرىقىنى ياندۇرىدۇ. بۇئارقىلىق A شارچە تاشلانغان چاغدىكى يۆلنىشىنى بىلگىلىبولىدۇ(10- رەسىم). خاتىرلەش سېستىمىسى بۇ سېستىما ئىچكى جازا قۇرۇلمىسىنىڭئاستى تەرپىگە جايلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ،A شارچە چۈشكەن ئۇرۇننى خاتىرلەيدۇ. ئشلەش پىرىنسىپى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.
12- رەسىم ئالدى بىلەن بىرىلگەن بۇيرۇققا ئاساسەن ئاپتۇماتىك قەلەم A شارچەئايلاندۇرۇلماي تاشلىغاندا چۈشۈدىغان ئۇرۇنغا بەلگە چىقىرىدۇ. A شارچە ئايلاندۇرۇلۇپ تاشلانغانداچۈشكەن ئۇرۇنغا ئىز قالىدۇ. ھەر قىتىم ئاپتۇماتىك بەت ئالمىشىپ يېڭلىنىپ تۇرىدۇ. خاتىرلەنگەن بەلگىلەرگە ئاساسەن ئېغىش ئارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ماشىنا قول
13- رەسىم بۇ ماشىنا قولنىڭ شەكلى 13- رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بۇلۇپ، ماشىناقولنى سىرىتتىن كونتىرول قىلىش ئارقىلىق ۋاكومقېپى ئىچىدە A شارچىنى ئاستىدىن قىسىپ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىش، Aشارچىنىڭ تۈشۈگىنى زىخچە ئۈچىغا توغىرلاپ بىرىش، A شارچە قىسىلىپ بولغاندا، ئەسلى ئورنىغا بېرىپيىغىلىپ تۇرۇش قاتارلىق ئىشلار قىلدۇرۇلدۇ. قىسقىسى ۋاكوم ئىچىدە ئادەم قۇلىنىڭ رۇلىنىئوينايدۇ. كۈزتۈش سېستىمىسى ۋاكوم تۇربىسى ئىچىگە ۋە كۈزتۇش ئەينىكىگە ئۇدۇل ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بىرقانچە تېلكامىرا ئارقىلىق كونتىرول سۇپىسىدىكى ئېكرانغا سىن كۈرۈنىشى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.بۇ كونتىرول سۇپىسى بۇ سۇپىدا بىر قانچە ئېكران كۆپلىگەنھەرخىل ئۈز-چات، كۆرسىتىش چىراقلىرى بۇلۇپ، ئېلىكتىر سىمى ئارقىلىق تەجىربە ۋاكوم تۇربىسى ئىچدىكى زاپچاسلارغا ئۇلىندۇ.بۇ ئارقىلىق قۇرۇلما ئىچىدىكى ئەھۋالىنى كۈزتىش،يۇرىتىش چىراقلىرىنى يۇرىتىش، ئېلىكتىرماتۇرلارنى قوزغىتىش ۋە توختۇتۇش، ئارقىلىق
(كونتىرول سۇپىسى) ئۈسكىنىلەر ھەركىتىنى سىرىتتىن كۈزىتىپ،ماشىناقولنى ھەرخىل ھەركەتلەندۇرۇش، شارچە چۈشكەن ئۇرۇننى خاتىرلىگۈچنى باشقۇرۇش شارچىنىقىسىش-تاشلاش، شارچىنىڭ ئايلىنىشىنى كۇنتىرول قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىكونتىرول قىلىندۇ.
(ماشىنا قولنىڭ شارچىنى قىسىپ ئېلىش ئادىدىكى كۈرۈنىشى)
(ماشىنا قولنىڭ شارچىنى ئۈستىگە كۆتىرىپ چىقىۋاتقان كۈرۈنىشى) قۇشۇمچە ئۇسكىنىلەر ۋاكوم پومپىسى- بۇ ۋاكوم تۇربىسىنى ۋاكومقىلىشقا ئشلىتىلدۇ ۋاكوم سائەتى- بۇ ئارقىلىق ۋاكوم دەرىجىسىنىھەر ۋاقىت بىلىپ، ۋاكوملۇق دەرىجىسىنى تەڭشگىلى بولىدۇ.
(ماشىنا قولنىڭ شارچىنى قىسىش ئورنىغا كۆتىرىپ چىقىپ شارچىنىڭ قىسىلىشىنى ساقلاپ تۇرغان كۈرۈنىشى) ۋاكوم سائەتى- بۇ ئارقىلىق ۋاكوم دەرىجىسىنىھەر ۋاقىت بىلىپ، ۋاكوملۇق دەرىجىسىنى تەڭشگىلى بولىدۇ. لازىر نۇر سەزگۈلىگىنى ئۆلچەش ئەسۋابى-بۇ لازىر نۇر تۇسۇلغاندىكى سەزگۈلىگىنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلدۇ. سىمسىز كونتىروللىغۇچ- بۇ ئارقىلىق زۆرۆربولغاندا شارچە تۈشۈگىنى زىخچىگە توغىرلاش، شارچىنى قىسىش، قۇيۇپ بىرىش قاتارلىق ھەركەتلەرنى ئىشلىگىلى بولىدۇ.
تېخنىكىلار قۇرۇلمىنى قوراشتۇرماقتا
جۇرئەت (سولدا ) بىلەن ھۈسەنجان (ئوڭدا ) كونتىرول سۇپىسى ئالدىدا
رەخمىتۇللا تەجىرىبە قۇرۇلمىسى يېنىدا
ئەنۋەر ئەپەندىم قۇرۇلمىنى كۈزەتمەكتە
تەجىربە قۇرۇلمىسىنى لايھىلىگۈچى؛ جۈرئەت ئەنۋەر.
ماقالىنى تەييارلىغۇچى؛ ھۈسەن شەمشى
تەجىربە قۇرۇلمىسى ياساشقا قاتناشقۇچىلار؛ ئەنۋەرجان مۇھەممەت،جۈرئەت ئەنۋەر، رەخمىتۇللا كېرەم، ھۈسەن شەمشى.
مەبلەغ سالغان ئۇرۇن؛ ئەلدوست بىئوتېخنىكا تەرەقىيات شىركىتى مەنبەسى ئەلدوس تورى http://www.aldost.com/tatqiqat/?r=site/sagm&id=2 ئىزاھات: << J-29C >> - تەجرىبە قۇرۇلمىسىنىڭ نامى J بولسا تەجىرىبە قۇرۇلمىسىنى لايىھىلىگۈچى جۇرئەتجانغا، 29 بولسا 29- تېئورمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. C بولسا ئىلگىرى ياسىلىپ تەجىربە ئېلىپ بېرىلغان ئوخشىمىغان ئۈچ خىل تەجىرىبە قۇرۇلمىسىنىڭ ( A,B,C) ئۈچىنجىسى ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ. (قىسقارتىپ يېزىلدى. تەپسىلى چۈشۈندۇرىلىشى كىيىن ئايرىم يوللىنىدۇ.)
2014- يىل 4- ئاينىڭ 17- كۈنى
|