ئەدەبىياتنى تاللاش نابۇت بولغانلىقمۇ ؟
بىر تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۇرۇپ ئالى مەكتەپ ئارزۇ تولدۇرۇش ئالدىدا تۇرۋاتقان تورداشقا بەرگەن مەسلىھەتىم .ئارزۇ تولدۇرۇش ئالدىدا تۇرۋاتقان بارلىق ئوقۇغۇچىلار ھەم تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشش مەقسىتىدە مۇنبەرگە يوللاشنى لايىق كۆردۇم .بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز قارشىم ،باشقىلارنىڭ ئۆز كۆز قارشىنى كەڭ -كۇشادە بايان قىلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مەن يازغان خېىتىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ،گەرچە سىز ھەم سىزگە ئوخشاش مۇكەممەل تەربىيە ئالغان ئوقۇغۇچىلارغا يول كۆرسەتكۈدەك ،مەسلىھەت بەرگۈدەك قابىليىتىم بولمىسمۇ ،ئۆز پىكىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقاي ،پايدىسى تىگىپ قالسا قىلغان ئىشىمدىن تۇلىمۇ خۇرسەن بۇلىمەن ،ئەگەر قۇرۇق گەپ قىلىپ ۋاختىڭىزنى ئېلىپ قويغان بولسام سىز ھەم بارلىق ئوقۇرمەنلەردىن ئەپۇ سۇرايمەن .
مەن بىر تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ قالغان دەرس ۋە دىپلۇملارنى ئۆزلىگىمدىن ئۆگىنىپ ياكى تەتىللىك ئوقۇشلاردا ئوقۇپ ئاخىرى ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە ئىرىشكەن بىر ئوقۇتقۇچى .مىنىڭ بۇ ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇرغىنىم ئەمەس ،بەلكىم سىزنى بۇنىڭدىن بەزى نەرسىلەرنى ھىس قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن .
سىزنىڭ بىرنچى تاللىشىڭىز سالامەتىلىكىڭز تۈپەيلى ئەمەلگە ئاشماپتۇ .لىكىن ئەڭ چوڭ ئارزۇيىڭىزنى يەنى (ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى )تاللاشتىن ئىبارەت بۇ ئارزۇيىڭىزنى ئۆزىڭىز نابۇت قىپسىز .مۇشۇ قىلمىشىڭىزغا قاراپ سىزنىڭ مۇستەقىللىق قارشىڭىز ئاجىزمىكىن دەپ قالدىم .ئويلاپ بېقىڭ ،سىز ئەدەبىياتنى ياخشى كۆردىكەنسىز ،يازغۇچى ياكى مۇخبىر بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەنسىز ،بىراق ئاتا-ئانىڭىزنى دەپ بۇ تاللاشتىن ۋاز كىچىپسىز ،بۇنى چۈشنىشكە بۇلىدۇ .بىراق كىين ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىڭىزنى تاللاش پۇرسىتى كەلگەندە بولسا باشقىلارنىڭ بۇ كەسىپنىڭ ئىستىقبالى يوق دىگەن بىر ئېغىز گىپى بىلەنلا ۋاز كىچىپسىز .سىزنىڭچە ئۇيغۇرتىلى- ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ راسلا ئىستىقبالى يوقمىدۇ ؟بۇ كەسىپنىڭ ئىستىقبالى يوق دىگەنلىك ئۇيغۇرنىڭ ئىستىقبالى يوق دىگەنلىك ،شۇنداق ئەمەسمۇ .ئانا تىلدىن ئايرىلغان مىللەتنى قانداقمۇ بىر مىللەت سۈپىتىدە تەسسەۋۇر قىلغىلى بولسۇن .(ئەزەلدىنلا ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بولمىسا بۇ باشقا گەپ )!ھەممەيلەن سىزگە ئوخشاش ئۇيغۇرتىل -ئەدەبىيات كەسپىنىڭ ئىستىقبالى يوق دەپ ۋاز كەچكىلى تۇرسا ئەدەبىياتىمىز ئەڭ ئالدى بىلەن نادانلار قۇلىدا ئەمەس بەلكى ھىلقى سىزگە يول كۆرسەتكەن ئالى مەلۇماتلىق «ئەقىللىق »ئادەملىرىمىزنىڭ قۇلىدا ۋەيران بۇلىدۇ .شۇڭا ئۇيغۇرتىل -ئەدەبىيات كەسپى ھەرگىزمۇ ئىستىقبالى يوق كەسىپ ئەمەس بەلكى پارتىيە بىزگە يارتىپ بەرگەن ئەڭ چوڭ پۇرسەت .ئەگەر ھەممەيلەن بۇ كەسىپتىن سىزگە ئوخشاش ۋاز كىچىدىغان بولساق بۇ كەسىپ تاقىلىپ قالىدۇ .ئاقىۋىتى ھەمىمىزگە ئايان .
ئەمدى ھازىرقى كەسپىڭىزگە كىلەيلى .« ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مۇتلەق كۆپ قىسمىمىزنىڭ ئوقۇغان كەسىپكە مۇناسىۋەتسىز خىزمەتلەرنى قىلىدىغانلىقىمىزنى، شۇ كەسىپنى قىلغان ھالەتتىمۇ ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى ئاساسەن ئىشلەتمەيدىغانلىقىمىزنى كۆپ قېتىم سۆزلەپ ئۆتكەن»بۇ گەپلەرنى دىگەن مۇئەللىمنىڭ نەزەر دائىرسى سەل تارمۇ ياكى سىزگە ئوخشاش قۇرلۇش كەسپىنى تازا ياقتۇرمامدۇ بىلمىدىم ،لىكىن بۇ مۇئەللىمنىڭ بۇ گىپى ئۆزىنى ئۆزى ھاقارەتلىگەنلىك بوپتۇ ،ئۆزىنى ئۆزى كەمسىتىپتۇ .قۇرلۇش كەسپى دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئىچىدە «ئۇيغۇر بىناكارچىلقى »دىگەن بىر ئۇقۇمنىڭمۇ بارلىقىنى ھىس قىلمىدىڭىزمۇ .ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرلۇش سەنئىتىنىڭ دۇنيانى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ .مىللىيچە ئۇسلۇپتا كۆركەم قىلىپ سېلىنغان ھەشەمەتلىك بىنالارنى كۆرۈپ قەلبىڭىز ھاياجاندىن تىترەپ باقمىغانمۇ ؟سىز دەل ئەنە ئاشۇ قەلبنى ھاياجانغا سالىدىغان قۇرلۇش كەسپىدە ئۇقۇۋېتىپسىز ،بۇ سىز ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بىر پۇرسەت ،بۇنداق پۇرسەت ھەممەيلەنگە نىسىپ بۇلىۋەرمەيدۇ ،شۇڭا سىز بۇ كەسىپنى تاللىغانكەنسىز ،بۇ كەسىپكە بېشىڭىزچە چۈكۈپ كىتىڭ ،ئۇيغۇر بىكارچىلقى ھەققىدە ئىزدىنىڭ .كىشلەرنى قەلبىنى لەرزىگە كەلتۇرگىدەك قۇرلۇشتىن بىرنى لاھىيلەڭ ياكى شۇنىڭ ئۈچۈن تىرشىڭ !
قانداق ئىشنىڭ ئىستقبالى يوقلۇقىنى مەن سىزگە دەپ بىرەي .پەقەت تىرىشمىغان ئادەمنىڭ ھەرقانداق ئىشىنىڭ ئىستىقبالى يوق .ئەمدى سىزدەكەم بۇلىۋاتقان نەرسە ،روھ !ئويلاپ بېقىڭ .ئەدەبىيات كەسپىنىڭ قىممىتى بىرەر رومان ياكى ھىكايەۋەياكى بىر نەچچە پارچە شىئېر يېزىش بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ .سىزنىڭ قۇرلۇش كەسپىڭىزنىمۇ ئەدەبىيات بىلەن بىرلەشتۈرگىلى بۇلىدۇ .ئۆزكەسپىڭىز ئۈستىدە ئىزدىنىڭ ،تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئىلان قىلىڭ ،شۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن يېزىقچىلىق ئارزۇيىڭىزمۇ رۇياپقا چىقىدۇ ،كەسپى ساھەدىمۇ زور مۇۋاپىقيەتلەرگە ئىرىشىسىز .ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ھەرقانداق كەسىپتە بىر بوشلۇق بار ،تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك نەرسىلەر بار .بىز باشقىلار ئىجاد قىلىپ بەرگەن فورمۇلا ياكى قائىدىلەردىن ھالقىپ كىتەلمەيدىغان بۇنداق ئاجىز روھنى ئۆز ئىڭىمىزدىن سۈپۈرۈپ تاشلىيالىساقلا ئالىملىرىمىز نىيوتۇننىڭ ھەركەت قانۇنىدىكى خاتالىق ۋە زىدىيەتلەرنى تېپېىپ چىققىنىدەك نۇرغۇن نەرسىلەرنى تېپىپ چىقىشىمىز ،ئىجاد قىلىشىمىز مۇمكىن .
قىسقىسى سىز مەيلى ئىختىيارى ياكى باشقىلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بۇ كەسىپنى تاللىغان بۇلۇڭ چۇقۇم بۇ كەسپتە بىرەر نەتىجە قازنىش ئۈچۈن تىرشىڭ ،ئاخىردا بۇ كەسپنى سىزنى مەجبۇرلىغان ئادەم ئەمەس بەلكى ئۆزىڭىز ئىشلىتىسىز .نەتىجە قازانسىڭىزمۇ ،مەغلۇپ بولسىڭىزمۇ بۇ پەقەت بىر سىزگىلا مەنسۇپ
|