ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەرداشلار، دىيارىمىز شىنجاڭ ئاجايىپ-غارايىپ، پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىققا تولغان سىرلىق زىمىن. بىراق بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىدىغانلىرى تولىمۇ ئاز. جۈملىدىن ئەڭ ئاددىسى خوتەن قاشتېشى. گەرچە بىز ئۇيغۇرلار قاشتېشى بىلەن ھەپىلىشىۋاتقىلى8000-9000يىللار بولغان بولسىمۇ، قاشتېشىنىڭ ئاساسلىق ئوقەت مەنزىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خەنزۇلار بولغانلىقى ئۈچۈن قاشتېشى ۋە ئۇ ھەقتىكى ئاتالغۇلار بىزدە تولىمۇ كەمچىل. ئەمەلىيەتتە، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تىبابەتلىرىدە قاشتېشىنىڭ ئىنتايىن پايدىلىق رىتسىپلىرى بولسىمۇ، بىز ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قاشتېشى بويۇملىرى تۇرمۇشىمىزدىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئاتا - بوۋىلىرىمىز قاشتېشىدىن ياسىغان قېلىچ، خەنجەر، دۇبۇلغا،ساۋۇت، ئوقيا، باشاق، يائاتقۇ(باش بارماققا تاقىۋالدىغان قاشتېشى ئۈزۈكچە)، تۇمار، زىبۇ-زىننەتلەر ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ قالدى. ھېلىمۇ ياخشى بىر ئېغىز خەنزۇچىنى بىلمىسىمۇ پۈتۈن جۇڭگونى ساپ خوتەن شىۋىسى بىلەن ئايلىنىپ چىقالايدىغان قاشتېشى سودىگەرلىرىمىز بولۇپ قاپتىكەن ۋە ئەبەدىل ئېقىۋاتقان قارىقاش، يۇرۇڭقاشلىرىمىز بولغاچقا بىزدىن قاشتېشى سودىسى بولسىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىدى. قاشتېشى- نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى باي قىلدى، گاداي قىلدى...ئۇ يەنىلا ئۆزى جىسمىغا مۇجەسسەملەنگەن تەبىئەتنىڭ كارامىتى بىلەن ئىزچىل كۆزلىرىمىزنى قاماشتۇرۇپ كەلمەكتە...
نەچچە ۋاقىتنىڭ ئالدىدا ئۈندىداردىن قاشتېشى ھەققىدە قىسقا ئەمما مېغىزلىق بىر يوللانمىنى ئۇچىرىتىپ قالدىم. شۇڭا تاشچى دوستلارغا ۋە تاشمەنلەرگە ئازراق پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دەپ ئويلاپ كۈچىمنىڭ يېتىشىچە تەرجىمە قىلىپ باقتىم. تەرجىمىدە كىتىپ قالغان يەرلىرى بولسا تۈزىتىشكە ياردەم قىلارسىزلەر...
يۈ مەن چىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى
1، بىرىنچىسى ، قىزىلقاش، ئىككىنچىسى سېرىققاش، ئۈچىنچىسى قاراقاش، تۆتىنچىسى قويرۇققاش ۋە بەشىنچىسى ئاققاش بۇلارنىڭ رېتى بويىچە باھاسى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ.
2، كۆكسۇلۇق بولسىمۇ، كۈلرەڭ بولمىسۇن. قاشتاش سېتىۋالغاندا ئۇنىڭ ئاقلىقىغا قارايمىز، پاكىز، سۇلۇقنى ئالىمىز پارقىراق كۈلرەڭدىن قاچىمىز.
3، قىممىتىنى ئالايلى، چاتىقى بارنى ئالمايمىز. ئالارمەننىڭ قورقىدىغىنى چاتىقى بار مال. مالدىن چاتاق چىقتىمۇ ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيمىز، قىممەت بولسىمۇ ئۇنىڭ يەنە ئۆسۈش پۇرسىتى بولىدۇ.
4، پۇرسەتپەرەسلىك قىلمايلى، پۇرسەتنى تۇتايلى، ھازىرقى كىشىلەر تولىمۇ ئۇستاتتۇر، ئۆزىڭىزگە بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ، سودىدا خاتا ساتارمەن بولمايدۇ، خاتا سېتىۋالغۇچىلار بار.
5، شىنجاڭدىن ئىچكىرىگە بارغان ساتارمەن ئالارمەندىن ئۇستات، ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئۆزىڭىزنى بەك بىلەرمەن چاغلىماڭ، چۈنكى ئالارمەن مەڭگۈ ساتارمەنگە تەڭلىشەلمەيدۇ.
6، ياخشى مالنى سېتىۋېلىش ئاسان ئەمەس، ئاسان سېتىۋالغان مالنى سېتىش تەس.
7، قاشتاشنى كۆرۈشتە، ئۈچ نۇقتىدىن ئىنچىكە كۈزىتىمىز. سىپتا- يىغىنچاق، پىششىق، كۆركەم چاپىنى بولۇش زىرىنىڭ ئاساسى ئامىللىرى. قاشتېشىنى سۈپىتى، نەپىسلىكى، ساپلىق دەرىجىسى يۇقىرىلىقىغا قاراپ سېتىۋالىمىز. ئالدى بىلەن چاپانغا، ئاندىن سۈپىتىگە قارايمىز.
8، كورىيە قاشتېشى چۈرۈك، ئورۇس قاشتېشى ئاقتۇتۇق، چىڭخەي قاشتېشى سۈزۈك، خوتەن زىرىسى پارقىراق ھەم مايلىق-كورىيە قاشتېشى چۈرۈك، ئاسان سۇنىدۇ. ئورۇسنىڭ چاقچۇقتەك ئاق مايلىقتەك كۆرۈنىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. چىڭخەينىڭ سۇلۇق ھەم سۈزۈك. خوتەن زىرىسى يۇمران ھەم مايلىق.
9، چىراق ئاستىدا قاشتېشى كۆرمەيمىز، چىراق بىلەن قاشتېشىنىڭ ئاقلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇستىلار كۈن نۇرىدا كۆرىدۇ.
10، كۆز، قولى پىشقانلار بىر كۆرۈپلا تاشنىڭ ياخشىلىقىنى بىلىدۇ. كۆزى ئۆتكۈز، تەجرىبىلىك بولغاندىلا مالنىڭ قىممىتى بولىدۇ. ئۇنىڭغا خېرىدار ئىزلەشنىڭ ھاجىتى يوق.
11، كۆپ كۆرۈپ، ئاز ئېلىش ئۆگەنگۈچىلەرگە پايدىلىق. كۆپ ئۆگىنىپ ۋە كۆپ كۆرۈش، مەشىق قىلىپ، ئاز ئېلىش كېرەك.
12، قاشتېشى ئويناشتا روھى ھالەت ياخشى تۇتۇپ، قاشتېشى ئەخلاقىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
13، بىلمىگەنلەر ئالماسلىق-بىلمەي ئالغانلارغا خوپ بولسۇن، بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدە ھەرگىز قول تەۋرەتمەڭ، بولمىسا، پۇشايماننى تۆكىدىغان قاچا تاپالمايسىز.
14، سىزنى دورا يىمىدى دېمەيمىز، يىگەن دورىڭىز يېتەرلىك ئەمەس، بىر قىسىم پەم-پاراسەتلىكلەر ئازراق دورا يەپلا يولىنى تاپىدۇ. لېكىن، كۆپ قىسىم تاشمەنلەر نۇرغۇن دورىلارنى يىگەندىن كېيىن ئاندىن ئەقلىنى تاپالايدۇ....
---
---
---
مەنبە: 玉满斋的日记
http://www.douban.com/note/338544458/ |