قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1171|ئىنكاس: 1

تاھىر ئىمىن:ئېقتسادشۇناسلارنىڭ تۈرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

793

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   58.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17782
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 20:43:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېقتسادشۇناسلارنىڭ تۈرلىرى
تاھىرئىمىن



    بۈگۈنكى جۇڭگودا ئېقتسادشۇناسلار كۆپ،ئۇلارنىڭ تۈرىنى ،ئورنى -ساھەسنى دەڭسەش مۇھىم. ئۆزۇم ئويلىغان بەزى نۇقتىلاردىن جۈملىدىن ئېقتسادشۇناسلارنىڭ خىزمەت ئورنى ۋە رولى نۇقتېسىدىن ئېقتسادشۇناسلارنى تۈرگە ئايرىپ چىققانىدىم،ئاممىباپ تىلدا ئورتاقلىششنى لايىق تاپتىم.پىكىر بىرەسلەر.
1-سىياسىيۋى ئېقتسادشۇناسلار
    ھۆكۈمەت ئېقتسادشۇناسلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.سياسي نۇقتىدىن دۆلەتنىڭ  بازار ئىگىلىكىنى ئانالىز قىلىدۇ،ئاساسلىقى خىزمەت ئورۇنلىرى-ھۆكۈمەت تارماقلىرىدا ئەمەل تۇتىدۇ،پارتىيە ھۆكۈمەتكە تەۋە سياسى ئېقتساد تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدا ئشلەيدۇ،پارتىيە مەكتەپ ۋە سوتسيالىزىم ئنۇستىتۇتلىرىدا ،بەزى ئالى مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس تەتقىقات ئورنىدا ئشلەيدۇ.
ۋەزىپىسى:
    ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا چىقارماقچى بولغان ئېقتسادى سياسەتلەر ئۈچۈن پىلان تۈزىدۇ،پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئېقتسادى سياسەتلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ، مەدھىيلەيدۇ،پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئۈمىد قىلغان ئېقتسادى ماتېرياللارنى توپلايدۇ.ئالاھىدىلىكى:پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىر يۈرۈش ئېقستادى سياسەتلىرىگە پۇختا بولۇپ،ئومۇملۇق ۋە سياسى يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ تونۇيدۇ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن تەدبىر تۈزىدۇ.نۇرغۇنلار ھەم بۇ تەدبىرلەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئشىنىدۇ.بۇلار ئسلاھات ۋە ئشىكنى ئىچېۋىتىش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.ئامېرىكىدىن مسال ئىزدىسەك،باجدىن قىچىش جەننىتى،پۇل-مۇئامىلە خاككىرى،ئامېرىكا ھەربى سانائەت گورۇھى بۇلارنىڭ ھەممىسى-سياسىيۋى ئېقتسادشۇناسلارنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن سانائەت گۇرۇھلىرى ئارىسدا بارلىققا كەلتۈرگەن ئويۇنلىرى بىلەن ئالاقىدار.
2-مۇتەپەككۇر ئېقتسادشۇناسلار:
    ئۇلار ئىنسان،ھايات،تەبىئەت ھەققىدە ئېقتسادشۇناسلىق ۋە باشقا مۇناسۋەتلىك پەنلەر نۇقتسىدىن باغلاپ كۆزىتىش ئېقتىدارىغا ئىگە ئېقتسادشۇناسلار بولۇپ،مەسللەرنى چوڭقۇر ۋە ئاددى بايانلار بىلەن چۆرىدەپ چۈشۈنۇشلىك شەرھىيلەپ كتەلەيدۇ.مۇھىمى ئۆزگىچە نەزەرىيەسى ياكى مېتودى بولىدۇ.كۆپ پەن گىرەلەشكەن تەتقىقات متودىنى قوللىنىدۇ.جۇڭگودا بۇ خىل ئېقتسادشۇناسلارنىڭ بارلىقىنى مەن بىلمەيمەن.
غەرپ ئېقتسادشۇناسلىقىنىڭ پشۋالىرىدىن ھسابلانغان، <<دۆلەت بايلىقى نەزەرىيسى>>نىڭ ئاپتورى ئادام سمىت سياسى ئېقتسادشۇناسلارنىڭ بىر مسالى (ئامېرىكىلىق ئېقتسادشۇناس ۋىليام ئەندار)
3-ئىنجىنىر ئېقتسادشۇناسلار:
    ئېقتسادشۇناسلىق بولسا توختىماي تەرەققى قىلىۋاتقان بىر ئەمەلىيەتچىل پەن.ئۇ باشقا ساھەلەرنىڭ تەرەققيات تۈرتكىسى بىلەن كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى ياساپ كەلدى.ئىنجىنىر ئېقتسادشۇناسلار بۇ پەننىڭ ئىلمى سىستىمىسنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى بولغان ئىلمى نەزەزىيە،قۇرۇلما ياكى تەتقىقات متودى بىلەن مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.مەسلەن:ئامېرىكىلىق نوبىل ئېقتساد مۇكاپاتىغا ئېرشكۈچى جون فوربىس ناش –ماتېماتىكا ئارقىلىق ئېقتساد ئىلمى سىستىمىسنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۆھپە قوشقان بولۇپ،<<ئېقتساد قورشاۋ شاھمات نەزەرىيسى >>ئارقىلىق ئېقتساد ئىلمىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىغا تۆھپە قوشقان.بۇنىڭغا مسال ئالىملار ناھايتى كۆپ
4-نەزەرىيۋى ئېقتسادشۇناسلار
   تۈرلۈك ھۆكۈمەت تەتقىقات ئورۇنلىرىدا تۈر ئشلەيدۇ،ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ،ماقالە يازىدۇ،لېكسيە سۆزلەيدۇ.بەزى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.ئۇلار ئاساسلىقى ئوقۇتۇش ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ،مۇتەپەككۇر ۋە ئىنجىنىر ئېقتسادشۇناسلاردىن پەرقى –بۇلار كۆپىنچە باشقىلار بويلاپ ماڭغان يولنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە كەسپى ئېقتسادى مەشغۇلاتى چوڭ بولمايدۇ.
5-شركەت ياكى مەخسۇس ئورگان ئېقتسادشۇناسلىرى:
   بۇلار ئاساسلىقى مەخسۇس ئورگان ياكى شركەتلەرنىڭ باشقۇرۇش ئشلىرىدا مۇستەقىل مۇدىريەت ئەزاسى،ھەيئەت ئەزاسى،مەسلىھەتچى، باشقۇرغۇچى،ئالاقىچى ،تەدبىرچى روللىرىنى ئۆتەيدىغان ئاقىللاردۇر.بۇلار يەنە ئەمەلىيەتچىل ئېقتسادشۇناسلارمۇ دىيلىدۇ.
6-مۇستەقىل ياكى سەييارە ئېقتسادشۇناسلار؛
   تەتقىقات مېتودىدا بىرەر ئېقتسادشۇناسلىق ئېقىمى چەكلىمىسگە،تەتقىقات يۆنىلىشدە بىرەر سياسى ياكى مەنپەئەت گۇرۇھىنىڭ كۆرسەتمىسگە بېقىنمايدىغان ، مۇستەقىل يول تۇتقان ئېقتسادشۇناسلاردۇر.بۇلار كۆپىنچە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئىلان قىلىش،تونۇشتۇرۇش،مەسلە ھەل قىلىش،يېڭىچە مېتود بايقاش دىگەندەك ئىزدىنىش ئىلىپ بارىدۇ.
7-ئىنسانپەۋرەر ئىقېتسادشۇناسلار:
   خەلقئارالىق تەشكىلاتلار،مەلۇم ئىجتىمائى توپ ياكى مىللەت ياكى رايون  ئېقتسادى تەرەققىياتى تەتقىقاتچىلىرى-بۇلار مەخسۇس شۇ تەتقىقات ئوبىكتى ئۇچۇن سەمىمى تەدبىر ۋە ئەقىل-چارە كۆرسىتىدىغان تەتقىقاتچىلاردۇر.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )