ماركوزنىڭ ۋىدالىشىش خېتى
ئۇستاز ماركوز نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تا بۈگۈنگە قەدەر دەتالاشسىز ئېرىشكەن بىردىنبىر يازغۇچى.ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇ 1999-يىلى 72 يېشىدا لىمفا راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوقۇرمەنلىرىگە بىر پارچە ۋىدالىشىش خېتى يازدى: ئەگەر تەڭرى كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە مېنىڭ بىر لاتا قونچاق ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ، ماڭا بىر نەپەس ھاياتلىق ئاتا قىلسا، مەن بەلكىم قەلبىمدىكى بارلىق ئويلىرىمنى ئاشكارىلىماسلىقىم مۇمكىن ، ئەمما مەن چوقۇم دېگەنلىرىم توغرىسىدا ئويلىشىمەن. مەن ئىشلارغا باھابەرگەندە ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ قانچىلىكلىكىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ قانچىلىكلىكىنى ئويلىشىمەن. ئاز ئۇخلاپ، كۆپ ئويلايمەن.چۈنكى مەن كۆزىمىزنى بىر مىنۇت يۇمساق، 60 سېكۇنت ۋاقتىمىزدىن ئايرىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىمەن. باشقىلار توختاپ قالغاندا مەن چوقۇم ئالدىغا قاراپ ماڭىمەن. باشقىلار شېرىن چۈش ئىكىدە ياتقاندا مەن ئويغىنىمەن، باشقىلار سۆزلىگەندەمەن تىڭشايمەن، خۇددى مەززىلىك شاكىلاتلىق ماروژنى يەۋاتقاندەك! ئەگەر تەڭرى مېنى ھايات پۇرسىتى بىلەن تارتۇقلىسا، مەن چوقۇم ئاددىي كىيىنىپ، تومۇز كۈنلىرى بەدىنىمنىلا ئەمەس،بەلكى روھىمنىمۇ يالىڭاچلاپ ئاپتاپسىندۇرىمەن. ئېھ! تەڭرىم، ئەگەر ماڭا يۈرەك بەرسەڭ، مەن ئۆچمەنلىكىمنى مۇزغا ئويۇپ، ئاندىن ئاپتاپنىڭ چىقىشىنى كۈتكەن بولاتتىم؛ مەن ۋانگوھنىڭ ئارزۇسى بويىچە يۇلتۇزلارغا بېنېدېتنىڭ شېئىرىنى سىزىپ چىقاتتىم، سېرلېتنىڭ ناخشىسىنى ئايغا ئېيتىپ، مۇزىكىسىنى چېلىپ بېرەتتىم.ئەتىرگۈللەرنى كۆز ياشلىرىم بىلەن سۇغىرىپ، تىكەننىڭ ئازابى ۋە گۈل بەرگىلىرىنىڭ ئۆپۈشىدىن ھوزۇرلىناتتىم... ئېھ تەڭرىم، ئەگەر ماڭا بىر پەس ھاياتلىق بەرسەڭ ئىدى... مەن ھەتتا بىر كۈننىمۇ بىكارغا ئۆتكۈزمەي، مېنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگىلا ئەمەس، بەلكى ھەربىر ئەر ۋە ھەربىر ئايالغا سۆيگۈمنى چۈشەندۈرەتتىم، مۇھەببىتىم بىلەن ياشىغان بولاتتىم. شۇنداق بولغان بولسا ھە! مەن چوڭلارغا مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قېلىشنى قېرىلىقتىن كۆرۈشنىڭ نەقەدەرخاتالىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەتتىم، چۈنكى ئۇلار مۇھەببەتتىن ئايرىلغان ئەمەس، بەلكى مۇھەببەتتىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن قېرىپ كەتكەن . مەن يەنە بالىلارغا قانات ياساپ بېرىپ،ئۇلارغا ئۇچۇشنى ئۆزى ئۆگىنىشنى تاپىلايتتىم. قېرىلارغا بولسا ئۆلۈمنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىغا قېرىغانلىقى ئۈچۈن كېلىدىغانلىقىنى ئۆگىتىپ قوياتتىم. ھەي ئادەملەر، مەن سىلەردىن بەك كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم... مەن شۇنى بىلىمەن، كىشىلەر يۇقىرى مۇقامدا ۋەتاغنىڭ چوققىسىدا تۇرۇشنى ئويلايدۇ، ئەمما ھەقىقىي بەختنىڭ مۇشكۈللەرنى يېڭىش جەريانىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. مەن شۇنى بىلدىمكى، بوۋاقلار كىچىككىنەمۇشتۇملىرىنى تۈگكىنىچە ئاتىسىنىڭ بارماقلىرىنى تۇتقاندا، ئۇلار مەڭگۈلۈك باغلىنىدۇ. مەن شۇنى چۈشەندىمكى، بىرئادەم بىراۋلارنىڭ ئورنىدىن تۇرۇشىغا ياردەم قىلماقچى بولغاندىلا، ئۇنىڭغا ئېڭىشىپ قاراش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. مەن سىلەردىن ئۆگەنگەن نەرسىلەر بەك كۆپ، بەكلا كۆپ،بىراق ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئەھمىيىتى قالمىدى، چۈنكى كىشىلەر مېنى جەسەت ساندۇقىغاسالغاندا، مەن ئۆلۈۋاتقان بولىمەن. سىزگە شۇنى ئېيتاي، مەڭگۈ ھېس قىلغانلىرىڭىزنى سۆزلەڭ، ئويلىغانلىرىڭىزنى قىلىڭ! ئەگەر مەن سىزنىڭ ئۇيقۇداياتقىنىڭىزنى ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم كۆرۈۋاتقىنىمنى بىلسەم ئىدى، سىزنى مېھرىم بىلەن مەھكەم قۇچاقلىغان، تەڭرىدىن روھىڭىزنى پاناھىدا ساقلاشنى تىلىگەن بولاتتىم. ئەگەرمەن سىزنىڭ ئۆيدىن ئايرىلغىنىڭىزنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈم ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدە مەن سىزنى قۇچاقلاپ سۆيگەن، سىزنى چاقىرىپ توختىتىپ يەنە بىر قېتىم چىڭ قۇچاقلىغان پېتى لەۋلىرىڭىزگە ئۆپكەن بولاتتىم. ئەگەر ئاۋازىڭىزنى ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم ئاڭلاۋاتقانلىقىمنى بىلسەم ئىدى، قايتا-قايتا، شۇنداقلا چەكسىز قېتىم ئاڭلاش ئۈچۈن،سۆز-جۈملىلىرىڭىزنى ئۈنگە ئېلىۋالاتتىم. ئەگەر مەن سىزنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋېلىشىمغا نەچچە مىنۇتلا قالغانلىقىنى بىلسەم ئىدى، ھاماقەتلەرچە «سىزنى بەرىبىر بىلىدۇ» دەپ ئويلىماستىن ، «سىزنى سۆيىمەن»دېگەن بولاتتىم. ئەتە مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ، تۇرمۇش بىزگە ئىشلارنى ياخشى قىلىدىغان پۇرسەت بېرىدۇ. بىراق، بىز يېڭىلىشساق، پەقەت بۈگۈنلا بىزنىڭ بارلىقىمىز بولۇپ قالىدۇ، كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم، مەن سىزنى سۆيىمەن،سىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن. ئەتە مەيلى ياش ياكى قېرى بولسۇن، ئەزەلدىن ھېچكىمگە كاپالەت بېرەلمەيدۇ. بەلكىم بۈگۈن سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن كىشىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا ئەمدى ساقلىماڭ، بۈگۈندىن باشلاڭ! چۈنكى ئەتە كەلمەي قالسا، سىز بەلكىم بۈگۈن كۈلۈمسىرەشكە، قۇچاقلاشقا، سۆيۈشكە ئۈلگۈرمىگىنىڭىز ئۈچۈن ئۆكۈنىسىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە بۇلارنى ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىد قىلىپ قويغىنىڭىزدىن ئېچىنىسىز. ئەتراپىڭىزدىكى سىز سۆيىدىغان بارلىق كىشىلەرنى قوغداڭ، ئۆزىڭىزنى ئۇلارغا نەقەدەر مۇھتاجلىقىڭىزنى ئېيتىڭ، ئۇلارنىسۆيۈڭ، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارغا:«كەچۈرۈڭ»،«ئەپۇقىلىڭ»،«ئېغىر كۆرمىسىڭىز»،«رەھمەت» دېگەن سۆزلەرنى ھەمدە سىز بىلىدىغان بارلىق مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى قىلىڭ. ھېچكىم سىزنى مەخپىي ئويلىرىڭىز سەۋەبلىك ئېسىدە ساقلىمايدۇ. تەڭرىدىن كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئەقىل –پاراسەت تىلەش ئارقىلىق ئۇلارغا بىلدۈرۈڭ، دوستلىرىڭىزغا ئۇلارنىڭ ئۆزىڭىز ئۈچۈن تولىمۇمۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاڭ.
مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»2014-يىلى 22-ئاپرېل،B8-بەت |