خاسكېي خاتېرلىرى (خاتىمە) قەيسەر مىجىت
ئىلاۋە : بۇ ئەسلىدە ئېنگىلىزچە شۇ ناملىق كىتابىمنىڭ خاتىمىسى ئىدى ، تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىىپى ۋە باغداش تورىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن بۇ قىسمىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ باغداش تورىغا يوللىدىم ، باغداش تورىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىگە تىلەكداشمەن .
مىنىڭ ئوقۇتقۇچۇلۇققا ئىشتىياقىم بار، چۈنكى مەن مۇئارىپنىڭ كۈچىنى ياخشى چۈشىنىمەن. ئىلىم-مەرىپەت ساڭا ئۆزۈڭنىڭ-ئۆز تەقدىرىڭنىڭ تۆمۈرچىسى ئىكەنلىگىڭنى ھەقىقى مەنىدە ھىس قىلدۇرىدۇ، ساڭا غەيرەت ۋە شىجائەت، ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ، غۇرۇرىڭنى كۈچەيتىدۇ، سىنىڭ يۈكسەكلىككە ئىنتىلىشىڭغا، ئۆزۈڭ سۆيگەن ئىشقا مۇھەببەت باغلىشىڭغا دەۋەت قىلىدۇ. شۇڭا مەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن چېغىمدا ئۈرۈمچىدىكى تەمىناتى ياخشى دەپ قارىلىدىغان قۇرۇلۇش بانكىسىدا ئىشلەش پۇرسىتىنى تاللىماي، ئۇنىۋىرسىتىتتا ئوقۇتقۇچى بولۇشنىڭ يولىنى تاللىغان ئىدىم. ئالى مەكتەپنىڭ يۇقۇرى يىللىقىغا چىققاندا ئاز-تولا ئۈگۈنۈۋالغان ئېنگىلىزچىمگە تايىنىپ 1992-يىلى كۈزدە ئۇنۋىرسىتىتتا ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز ئوقۇغۇچىلارغا ئېنگلىز تىلى كۇرسى ئىچىپ دەرس ئۆتتۇم ۋە ئۇنى تاكى مەن ئامىرىكىغا چىقىپ كەتكۈچە داۋاملاشتۇردۇم.
ئۇ چاغلاردا ئۇنىۋىرسىتىتتا چەتئەل تىلى ئۈگەنمىگەن مىللى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇلار ئىختىيارى كىرىپ ئۈگۈنۈدىغان چەتئەل تىلى كەچ كۇرسلىرى يوق ئىدى. پەقەت بىر نەچچە ئادەم بۇ بوشلۇقنى تولدۇراتتى.
ئەينى چاغدا مىنىڭ كۇرسىمدا ئېنگلىز تىلى ئۈگەنگەن تېرىشچان، ئىرادىلىك، قېيىنچىلىق ۋە جاپادىن قورقمايدىغان ياش ستۇدېنتلارغا رەھمەت. بۈگۈن ئۇلاردىن بىر نەچچىسى - ئامىرىكا، كانادا ۋە ياپونىيەدە ھەر قايسى ساھەلەردە، كۆپىنچىسى پەن-تەتقىقات ساھەلىرىدە خىزمەت قىلماقتا. مەن بۇلارنىڭ بۈگۈنىنى ئويلىسام ئۇلارنىڭ تۈنۈگۈنىنى بىر خىل مۇھەببەت بىلەن ئەسلەپ ئۇلارنىڭ كىلەچىكىگە بەخت تىلەيمەن.
2004-يىلى ئەتىيازدا ،شۇ يىلى ياز پەسلىدە مەن بەنتلېي ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتىتىغا ماكرو ئىقتىساد دەرسىنى ئۆتۈش ئۈچۈن توختامغا قول قويغان ئىدىم. لىكىن شۇ يىلى خارۋاردتىكى ئوقۇشۇم (تولۇق كۈنلۈك خىزمىتىمنى ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇدۇم، شۇڭا سۇرئەتكە ۋە باشقا مۇھىم ئىشلارغا بەك تەسىر يەتتى) كۈزدە باشلىنىدىغان بوپ قىلىپ شەرقى شىمال ئۇنىۋىرسىتىدىكى ۋە بەنتلېيدىكى دەرسنى ئۆتۈشتىن بىراقلا ۋاز كەچتىم. دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇمدا ئەگرى-توقايلىقلار بولۇپ كەتكەنلىكتىن، ئازراق ئارام ئىلىشنى ئويلاشتىم ۋە ئوقۇشنى بىر مەھەل توختۇتۇپ قويدۇم. مەن 2001-2002 يىللىرى بىر قىتىم خىزمەتنى يوقۇتۇپ قويغانلىقتىن، ھەممىنى تاشلاپ تولۇق كۈن ئوقۇشنى قەتئى توغرا كۆرمىگەن ئىدىم. چۇنكى قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ-دە. مىنىڭ نامرات زىيالى بولغۇم يوق ئىدى.
دوكتۇرلۇق ئوقۇشنى توختۇتۇپ قويۇشۇم بىلەن يەنە ماڭا دەرس ئۆتۈشنىڭ "جىنى" چاپلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئىشتاتلىق بىر ئىنسىتىتوتقا دەرس ئۆتۈشكە ئىلتىماس قىلدىم ۋە 2007-يىلىدىن بۇيان ھەر مەۋسۇمدە ھەپتىدە بىر قىتىملا 3 سائەت دەرس ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتىمەن.مەن ئاساسەن ھەر شەنبە كۈنى ئەتىگەندە دەرس ئۆتىمەن، ئوقۇغۇچىلىرىم ئاساسەن دىگۇدەك ئوخشاش ئىجتىماې، ئىقتىسادى ۋە دېموگراپىك (ياش، ئېرق ۋە ئىتىقاد جەھەتلەردىن) ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە.
مەن ھەر يىڭى بىر مەۋسۈمدە دەرسىمنى تاللاپ كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۈزۈتىمەن، نەچچە يىللىق كۈزۈتۈش ئارقىلىق مەن ئۇلاردىكى مۇنداق بىر ئوخشاشلىقنىڭ مەۋجۇتلىقىغا دىققەت قىلدىم:
بەزىدە مەن ئۇلارنىڭ بىر نەچچىسىدە يۈكسەك ئىرادە ۋە قەتىئىلكنى كۆرسەم، ئاز سانلىق ئايرىملىرىدا ئۈمىتسىزلىك ۋە ئىچى تىتتىتلىقنى ھىس قىلىمەن، نۇرغۇنلىرىدا ئارىسالدىلىق ۋە بەزىدە بىپەرۋالىقنى ھىس قىلىمەن. ھەر دەرسىمدە بۇ خىل ئەھۋال ئاساسەن ئوخشاش.
مەن دەرسكە كىرگىنىمدە ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ دەرسكە بولغان قىزغىنلىغىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ئۇلارنى كىشىلىك ھاياتنى سۆيۈپ ياشاشقا رىغبەتلەندۇرۇش ئۈچۈن، بىشىمدىن ئۆتكەن قىزىق ئىشلار ياكى ئوقۇغان ئاڭلىغان تەسىرلىك، ئەھمىيىتى بار ھىكايىلەرنى دەرسكە باغلاپ سۆزلەپ بىرىمەن. نەتىجىدە دەرسخانىنى كۈلكە قاپلايدۇ. ھەر مەۋسۈمدە دەيدىغان ھىكايىلىرىم بىر-بىرىدىن پەرق قىلسىمۇ ئەمما مەن ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى بىر ئېنگلىزچە كىتاپتىن ئوقۇغان قەدىمقى چىندا يۈز بەرگەن مۇنۇ ھىكايىنى ھەر مەۋسۇمدە يىڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەپ بىرىش ئارقىلىق ئۇلارنى دەرسكە ئىشەنچ بىلەن ھاياتقا تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىمەن. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ئۆزىگە باشقىچە بىر يىڭى ئۈمىتۋار قاراش بىلەن قارىشىغا ۋە مۇستەقىل پىكىر قىلىشىغا ياردىمىم تەگسە ئارزۇ-ئارمانلىق ئىنسان بولغاندىن كىيىن قىسقىغىنە ھاياتتا مۇرادىغا يىتىپ مۇھتاجلىقتىن خالى ھالدا خوشال ياشىشىغا ئاز-تولا ھەسسە قوشسامكەن دەپ ئويلايمەن.
"ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى قەدىمكى چىن مەملىكىتىدە زىمىن، ئادەم ۋە باشقا بايلىقلار ئۈچۈن توختىماي بىر بىرى بىلەن سوقۇشىدىغان پادىشاھلىقلار بار ئىكەن.
زامانىسىدىكى بىر كىچىك پادىشاھلىقنىڭ تەۋەسىدە ياشايدىغان بىر ياشانغان بوۋاي بولۇپ ئۇنىڭ نامى چىققان بىر كۈچلۈك ئېتى بار ئىكەن. قىشنىڭ بىر كۇنى بۇ ئات غايىپ بولۇپ كىتىپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئۇنىڭ كەنتىدىكىلەر بىر-بىردىن كىلىپ بوۋايغا دەپتۇ:
-ھەي بىچارە، تولىمۇ تەلەيسىز ئىكەنسىلەر..
يۇرتداشلىرىنىڭ تەسەللىسىگە نىسبەتەن بوۋاي ئىككى مۈرىسىنى لىككىدە كۆتۈرۇپ قويۇپ دەپتۇ:
تەلەيسىزلىكمۇ، تەلەيمۇ، كىم بىلىدۇ ئۇنى؟
يىل ئۆرۈلۈپ باھار كەلگەن مەزگىلنىڭ بىر كۈنىدە، بوۋاينىڭ يۈتۈپ كەتكەن ئېتى نۇرغۇن ياۋا ئاتلارنى باشلاپ كەنتكە كىرىپ كەپتۇ. بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى، ياۋا ئاتلارنىڭ بەزىلىرىنى كۆندۈرۈپتۇ ھەم دىھقانچىلىق ئىشلىرىغا ساپتۇ، بەزىلىرىنى يەپتۇ، بەزىلىرىنى سىتىپتۇ.
ئۇلارغا ئاسماندىن چۈشكەندەك ياغقان بۇ تەلەينى كۆرگەن كەنتتىكىلەر بوۋاينىڭ يىنىغا يەنە كەپتۇ ۋە دەپتۇ:
-نىمە دىگەن ياخشى، ھەجەپ تەلەيلىك ئىكەنسىلەر.
يۇرتداشلىرىنىڭ "ماختاشلىرىغا" نىسبەتەن بوۋاي ئىككى مۈرىسىنى لىككىدە كۆتۈرۈپ قويۇپ دەپتۇ:
تەلەيسىزلىكمۇ، تەلەيمۇ، كىم بىلىدۇ ئۇنى؟
يەنە بىر يىلى باھاردا، بوۋاينىڭ بىردىن بىر ئوغلى كۆندۈرۈلگەن ياۋا ئاتلاردىن بىرنى مىنىپ يەر تېرىۋاتقاندا، ئات-چىغ تۈۋىدىن تۇيۇقسىز يۈگۈرۈپ چىققان توشقاندىن ھۈركۈپ كىتىپ ئۈستىدىكى يىگىتنى يەرگە قاتتىق تاشلىۋىتىپتۇ-دە قىچىپ كىتىپتۇ. نەتىجىدە بۇ بالىنىڭ پاقالچىغى سۇنۇپ مىيىپ بولۇپ قاپتۇ.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كەنتتىكىلەر يەنە كەپتۇ ۋە بوۋايغا دەپتۇ:
-ھەي بىچارە، تولىمۇ تەلەيسىز ئىكەنسىلەر.
يۇرتداشلىرىنىڭ "كۆيۇنۇشلىرىگە" نىسبەتەن بوۋاي ئىككى مۈرىسىنى لىككىدە كۆتۈرۇپ قويۇپ دەپتۇ:
تەلەيسىزلىكمۇ، تەلەيمۇ، كىم بىلىدۇ ئۇنى؟
شۇ يىلى قىشتا ئىككى پادىشالىق ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بىرىپ ئۇلارنىڭ پادىشاسى بارلىق تىمەن كەلگەن ياشلارنى مەجبۇرى ئۇرۇشقا ئىلىپ كىتىپتۇ. بوۋاينىڭ ئوغلى پالەچ بولغانلىقتىن ئەسكەرلىككە يارىماپتۇ. ھىلىقى ئەسكەرلىككە ئىلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ قالغانلىرى يارىلىنىپ قايتىپ كەپتۇ.
كەننتىكىلەر ئۇلارنىڭ يىنىغا يەنە كەپتۇ ۋە بوۋايغا دەپتۇ:
-نىمە دىگەن ياخشى، بالاڭلار ھايات، ھەجەپ تەلەيلىك ئىكەنسىلەر.
يۇرتداشلىرىنىڭ سۆزلىرىگەا نىسبەتەن بوۋاي ئىككى مۈرىسىنى لىككىدە كۆتۈرۈپ قويۇپ دەپتۇ:
تەلەيسىزلىكمۇ، تەلەيمۇ، كىم بىلىدۇ ئۇنى؟
ئامىرىكىنىڭ مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دوكتۇر مارتىن لۇزېر كىڭ مۇنداق دەپ توغرا ئىيتقان:
"مۇئارىپنىڭ ۋەزىپىسى بىراۋغا جىددى رەۋىشتە، تەنقىدى يوسۇندا پىكىر قىلىشنى ئۈگۈتۈشتۇر، يەنى ئەقىل بىلەن كىشىلىك خاراكتىرنى بىرلەشتۇرۇش ھەقىقى مۇئارىپ يەتمەكچى بولغان نىشاندۇر".
ئوتۇۋاتقان دەرسىم ئىستاتىستىكا ھەم ئۇ دەرس قىيىن دەپ قارىلىدىغىنى ئۈچۈن مەن ئوقۇغۇچىلارغا ھەر بىرىمىزنىڭ ھەر كۈنى دىگۈدەك بىلىنگەن بىلەن بىلىنمىگەنلەر ئارىسىدا ياشايدىغانلىغىمىزنى، بەزىدە قارىماققا ناچار كۆرۈنگەن نەرسىلەرنىڭ ياخشى نەتىجە ئىلىپ كەلسە، قارىماققا ياخشى كۆرۈنگەن نەرسىلەرنىڭ ئىنسانغا تەلەيسىزلىك ئىلىپ كىلىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەگەر ئىستاتىستكا دەرسىنى تەس ھىس قىلىپ قالسا تولا ئەندىشە قىلىپ كەتمەسلىگىنى، بۇ دەرسنى ئاسان ھىس قىلسا ئۆزىنى بىلەلمەي شاتلىغىدا بىنادىن ئۇچۇپ كەتمەسلىگىنى تەكىتلەش ئارقىلىق مۇنداق بىر مۇھىم نۇقتىنى ئۇلارغا تونۇپ يىتىش پۇرسىتى بىرىمەن. مەيلى ئىستاتىستىكا دەرسىگە بولسۇن ۋە ياكى ھاياتقا بولسۇن ھەر ئىككىسىگە ئەستايىدىل، ئىزچىل ۋە تەمكىن مۇئامىلە قىلىش لازىم. ئەلۋەتتە، ئۆز نۆۋىتىدە دەرسخانا ئىچىدە بوستوننى ماكان قىلغان بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ بۇ يەردە ياشاش جەريانىدىكى ئاچچىق چۈچۈكلىرىنىمۇ نۆۋىتى كەلگەندە سۆزلەشنى ئۇنتۇمايمەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، سىنىپتىن ھەم كۈلكە كۆتۈرۈلىدۇ ھەم ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆز-ئارا ۋە شۇ قاتاردا ماڭا بولغان بىر ئىنسانى يىقىنچىلىق ئۇرغۇيدۇ،....
|