قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4264|ئىنكاس: 23

مېنى سېغىندىڭىزمۇ پۇلۇمنىمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

3

دوست

2253

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 17:29:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تېچلىق تۇردىڭىزمۇ بالام؟
-ۋائالەيكۇم ئەسسالام،خۇداغا شۈكرى،تېچلىق تۇردۇم،ئۆزىڭىزچۇ ئاپا؟
-اللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى ،مەنمۇ ئوبدان تۇردۇم،دادىڭىز،ئۇكىڭىز ،چوڭ ئۆيدىكىلەر ھەممىمىز ياخشى تۇردۇق؟تاماق يېدىڭىزمۇ بالام؟ئاغرىپ –تارتىپ قالمىغانسىز؟
-تاماق يەپ بولدۇم.ئاغرىپ قالمىدىم،ئوبدان تۇرىۋاتىمەن.
-ئوقۇشىڭىز قانداقراق؟
-ياخشغۇ؟
-نەچچە كۈن بولدى تېلىفونمۇ قىلمىدىڭىز،ئادەم ئەنسىرەپ قالىدىكەن،‹‹قانداقراق تۇردىكىن ؟››دەپ تېلىفون قىلىشىم.ياخشى ئۆگىنىڭ ئوبدان بالام،ئوقۇشىڭىزنى ياخشى ئوقۇڭ،ئەسكى –تۈسكى بالىلارغا ،ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالماڭ...
-خاتىرجەم بولۇڭ ئاپا،ياخشى ئوقۇيمەن....
2

-ۋەي ،ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ئاپا،تېچلىق تۇردىڭىزمۇ؟چوڭ دادام،چوڭ ئاپاملار، دادام،ئۇكام ياخشى تۇردىمۇ؟
-ۋائالەيكۇم ئەسسالام،  اللاھقا شۈكرى ، ئوبدان تۇردۇم بالام،ھەممىمىز ئوبدان تۇردۇق، ئۆزىڭىزچۇ؟
-خۇداغا شۈكرى ئوبدان تۇردۇم.
-تېخى تۆنۈگۈن تېلىفوندا كۆرۈشكەن ئىدۇق،بۈگۈن يەنە تېلىفون قىپسىزا؟بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
-ياق،ھېچقانداق ئىش بولمىدى،شۇ سىزنى سېغىنىپ....
-ئاۋازىڭىز بوش چىقىۋاتىدىغۇ بالام؟
-شۇ...
- مېنى سېغىنپمۇ يا مەن ئەۋەتىدىغان پۇلنى سېغىنىپمۇ؟
-شۇ ھەر ئىككىلىسىنى سېغىنىپ ...
-ئادەتتە پۇلىڭىز تۈگىمىسە مېنى ئۇنداق ئىتتىك سېغىنىپ كەتمەيسىز بالام..
-ياق ،ئۇنداق ئەمەس،ئۇنداق دېمىڭە ئاپا...
-مېنىمۇ سېغىنىڭ ،مەن ئەۋەتكەن پۇلنىمۇ مۇۋاپىقراق سېغىنىڭ بالام،تېخى  ئۈچ كۈننىڭ ئالدىدا كارتىڭىزغا  200 يۈئەن سېلىپ بەرگەن ئىدىم،پۇلىڭىز تۈگىدىما؟
-شۇ لازىملىق بىرنەرسىلەرنى ئېلىپ...
-ئەۋەتكەن پۇللارغا مىننەت قىلىپ دېگىنىم ئەمەس بالام،  تېلىفونىڭىزغا تۆلىگەن پۇل، تاماق ۋە ئۇششاق خىراجەتلىرىڭىزگە بولۇپ ئايدا 2000 يۈئەنگە بېرىپ قالاي دەۋاتىدۇ.ئىككى -ئۈچ ئايدا بىر ئەۋەتكەن خالىتىلىقلار بۇنىڭ سىرتىدا تېخى، بۇ مېنىڭ بىر ئايلىق مۇئاشىم 2700يۈئەن ،قولۇمغا تېگىدىغىنى 2000 يۈئەندىن كۆپرەك بالام،ئۆيدە يەنە دادىڭىز،مەن ئۇكىڭىزمۇ بار،ئۆينىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈنمۇ  پۇل كېتىدۇ،بۇنى سىز بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس ،پۇل دېگەن تېرەكنىڭ غازىڭى ئەمەس سېيرىۋالىدىغان، پۇلنى سەپ تېجەپراق ئىشلىتىڭ بالام،ئادەم ئۇنداق بەدخەج بولۇپ كەتسە بولمايدۇ، ئەۋەتىپ بەرمەي دېسەم تېلىفوندا ‹‹ ئاپۇي››دېگەن بىچارىلەرچە ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يۈرۈكۈم‹‹شۇررىدە ››ئېرىپ كېتىدىكەن،دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز ‹‹بالىمىز   ئۆيدىن ئايرىلىپ يىراق جايدا ئوقۇۋاتىدۇ،كىشىنىڭ يۇرتىدا بويۇن قىسىپ قالمىسۇن،يېنىدا پۇلى يوق  ئەسكى يوللارغا كىرىپ قالمىسۇن››دەپ يۈرىكىمىز سۇ بولۇپ تۇرغاچقا ‹‹پۇل››دېسىڭىزلا ئۆزىمىزدە يوق بولسا ئۆتنە –يېرىم قىلىپ بولسىمۇ سېلىپ بېرىۋاتىمىز،بىزنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ،سىزگە ئەۋەتىدىغان شۇ پۇللارنىڭ قانچىلىك جاپا –مۇشەققەتلەر ئىچىدە قولىمىزغا كېلىدىغانلىقىنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ،سىزنى ئالىي مەكتەپكە ‹‹پۇل خەجلەشنىلا ئۆگەنسۇن›› دەپ ئەۋەتمىگەن ،بىزنى چىن يۈرىكىڭىزدىن سېغىنىشىڭىزنى،سىزنى سېغىندۇرغان ،بىز ئەۋەتىدىغان پۇلنى تېجەپراق ئىشلىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن بالام،...

مەنبە : ئۆز قەلىمىم
ئەسكەرتىش:بۇ تېمىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئاتا –ئانىسىنىڭ قەدرىگە ئاز –تولا بولسىمۇ يەتسۇن دەپ يوللۇدۇم.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

179

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   59.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29186
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 23:30:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
masturam يوللىغان ۋاقتى  2014-6-14 22:17
نىمە بۇ ئەدىبى ئەسىرما؟ يا قۇرۇق گەپمۇ؟ مىنىڭچە بۇ بال ...

راس دەيسىز ئاتا ئانا تەربىيسى بالىنى شۇنداق كۆندۈرۈپ قويدۇ

0

تېما

0

دوست

1809

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   80.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11157
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 525
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 02:46:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 743
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 07:10:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن رىئالنى مەسىلىنى رۇشەن ئىپادە قىپسىز ...بارىكاللا

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1657
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4869
توردىكى ۋاقتى: 1412
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 12:52:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارغا بولغان تەربىيە لايىقىدا بولغان  ياخشى زىيادە چىڭ ياكى بوش تۇتسا ئاقىۋەت ياخشى نەتىجە چىقمايدۇ. بالىلارنىڭ ھەممە نېمىسىنى تەل قىلىپ پۈۋلەپ چۇڭ قىلىسا تېخىمۇ بولمايدۇ.

16

تېما

9

دوست

4825

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   94.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 1422
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 13:28:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2000 يۇەن بىر ئايلىق ؟؟؟ بۇ بالا قارىمايدىن ئوخشايدۇ .....

0

تېما

4

دوست

1289

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   28.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27377
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 416
توردىكى ۋاقتى: 271
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 18:02:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ھازىرقى  بەزى  باللارغا  گەپ كەتمەيدۇ .  بۇ توغرىسىدا قاغشايدىغان  ئاتا ئانىلار خىلىلا كوپ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )