- تىزىملاتقان
- 2011-6-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 539
- نادىر
- 1
- يازما
- 18
ئۆسۈش
7.8%
|
ئادەتتە ئىشىم يوق چاغلاردا تورداشلىرىم بىلەن پاراڭلىشىپ قۇياتتىم.تۈنۈگۈن كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ مۇنبەرلەرنى كورگەچ تورداشلىرىم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇر سام 007 ئىسىملىك بىرسى مىنى قۇشېۋېلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىپتۇ.بىردەم تاغدىن - باغدىن پاراڭلىشىپ رەسىم ئەۋەتىشىمنى تەلەپ قىلدى. مەن ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ "مەن سەل ئۇماق، تولا ئىزدەپ ئاۋارە قىلسىڭىزچۇ؟"دىسەم تېخىمۇ چىڭ تۇرۋالدى.ئاۋال ئۇ ئەۋەتتى. قارىسام يامان ئەمەس بالىكەن. ئاندىن مەنمۇ ئەۋەتتىم . ئۇ ئارقىدىنلا شۇنداق مودا، كوينىكىنىڭ ئالدىدىن خىلى يەرلىرى كۈرۈنىدىغان، كوچا چىراي بىر نازىنىننىڭ سۈرىتىنى ئەۋەتىپتۇ. ئارقىدىنلا بۇ مىنىڭ قىز دوستۇم دەيدۇ! ئەرۋايىم 40 گەز ئۇچتى. شۇ ھامان پاراڭلىرىمىز غا يىڭى مەزمۇن قۇشۇلدى.
خىرۇستال: سىز شۇ قز دوستىڭىزدىن پەخىرلىنىپ ، سەندىن چىرايلق دەپ ماڭا بۇ سۈرەتنى ئەۋەتتىڭىزما؟
007:نىمە بوپتۇ ؟
خىرۇستال:بەكرەك قاراڭ !
007:شۇنداق چىرايلق تۇرمامدۇ. ھەسەت قىلۋاتامسىز؟
خىرۇستال:ياقەي. سىزدەك ئۇيغۇر يىگىتلرىدىن نۇمۇس قىلۋاتىمەن.
007:مەن نىمە بوپتىمەن؟
خىرۇستال:شۇ قىزدىن نۇمۇس قىلماقتا يوق، ماڭا كۆز كۆز قىلىش ئۈچۈن شۇ قىزنى ئەۋەتىپسىز. نەرى ئۇيغۇر قىزىغا ئوخشايدۇ . بىچارە قىز ....بەلكىم ئەسلىدىن ئۇ قىزنىڭ ئۇنداق يۈرگۈسى يوقتۇر، سىزدەك نوچى يىگىتلەر شۇ خىلدىكى قىزلارنى ياخشى كورگەچكە ، ئۇ بىچارە سىزدەكلەرنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق يېرىم يالىڭاچ يۈرۈپ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يۈزىنى تۈكىۋاتىدۇ. ئىسىت ئۇيغۇرۇم !يىگىتلىرىمىز ئەسلى لاتا، قىزلىرىمىز ئەسلى نادان!
007:ئۈزىڭىزنى ئەجەپ غايىۋى ئەخلاقلىق قىز كورسىتىسزغۇ؟
خىرۇستال:ئاللا خالىسا ئاۋال ئۇيغۇر، ئاندىن مۇسۇلمان قىزىمەن. خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ياغلىقنى مەكتەپتە ئارتالمايمەن. ئەمما ھىچ يەردە ، ھەر قانداق توغرا يولدىكى خىزمەتتە ئۇنداق خاس جايلىرىڭنى ئۇچۇق قوي دىمەيدۇ.ئەگەر سىز ئۇنى ھەقىقى سۆيسىڭىز ، سىز كۆرۈشكىلا تەئەللۇق بولغان شۇ جايلارنى باشقىلرغا كورسىتىپ ، خەقنى ھۇزۇرلاندۇرۇپ نىمە قىلىسىز؟
007:سىز پەلسەپەچىما؟نىمانچە تولا گەپ قىلىسىز؟چارچاپ قالماڭ!
خىرۇستال:كېرەك يوق، سىزگە ئانچە مۇنچە بىر نەرسە يۇقۇپ قالسا، مىللىتىمنىڭ تۈۋرىكى بولغان ئەرلەرنىڭ ئىدىيىسىدە 0.00000001% ئۆزگىرىش بوپ قالسا سۆزلىگەنلىرىمگە مەن رازى!(دىدىم، گەرچە ئۇمىڭ تەنىسىنى چۈشىنىپ تۇرساممۇ)
007:خا...خا...خا....
خىرۇستال:مەن چۈشىنىمەن . سىز ھازىر ھېس قىلدىڭىز. رىئاللققا قايتقۇڭىز، قەلبىڭىزدە ھۆكۈم سۈرۋاتقان يىگىتلىك غۇرۇر ىڭىزغا ماس يولدا ماڭغۇڭىز كىلۋاتىدۇ...... لىكىن سىرتقى شەرت شارائىت، دوست بۇرادەرلىرىڭىز ، قىز دوسلىرىڭىز ھەممىسى شۇ يولدا ... ئۇلاردىن كەچمەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس.
لىكىن ئىدىيىڭىزدە شۇنچىلىك تەۋرىنىش بولغان- ئىكەن ، ياخشى ئويلىنىپ بېقىڭ!شۇ نادان قىزلىرىمىز سىلەر يىگىتلەرنىڭ توغرا يولغا باشلىشىغا مۇھتاج!ئەگەر سىزمۇ ئەخلاقلىق،ھايالىق ، ھەقىقى ئۇيغۇر قىزىنى سۆيسىڭىز، ئۇمۇ شۇنداق قىلسا، بارلىق يىگىتلەر شۇنداق قىلسا، ئاللا خالىسا شۇ يولدىكى قىزلارمۇ ياخشى يولغا كىرگەن بۇلار ئىدى !
007:......
خىرۇستال:كەچ بوپ قالدى. يەنە پاراڭلىشامىز. مىنى ئۇنتۇپ قالماڭ!!!
007:......
خىرۇستال:ئاللاغا ئامانەت!
007:......
ئۇنىڭ ئۇچۇر قايتۇرماسلىقىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلىدىم . ئاندىن ئارام ئېلىش ئۈچۈن چ چ رىمنى ئىتۋەتتىم. ئۇ مىنىڭ دىگەنلىرىمنى ئويلىنۋاتقانمىدۇ؟باشقا مودا خانقىزلار بىلەن مۇڭدىشۋاتقانمىدۇ؟خىيالىدا ئەجەپ ئاتىكاچى، كوت كوت بىرنىمىنى قوشۋاپتىمەنيا----ئىسىت ۋاقتىم !دەپ ئۇھسىنۋاتقانمىدۇ؟ |
|