قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3387|ئىنكاس: 76

ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزنى تاللاشتا نىمىلەرگە قارايسىز ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

5

دوست

2884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 19:31:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزنى تاللاشتا

نىمىلەرگە قارايسىز ؟


          ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق تورداشلار، ئەزىز قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىزلەر ، مەن مۇشۇ تېمىلىرىمنى يوللاش ئارقىلىق جەمىيتىمىزدىكى قىز-ئوغۇللىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ   ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى تاللاشتا  قايسى ئىشلارغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئورتاقلاشماقچىمەن، تېخىمۇ مۇكەممەلراق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىمغا ياخشى ئاساس سالماقچىمەن، مۇمكىن بولسا بارلىق تورداشلىرىمىزنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ  ئۆزىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان شەخسىي كۆز قارىشىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىشىنى تولىمۇ ئۈمۈت قىلىمەن.
                 مەن جەميەتتىكى تۇرمۇش قۇرۇپ بولغان ياكى تۇرمۇش قۇرۇش ئالدىدا تۇرغان نۇرغۇنلىغان قىز-يىگىتلەرنىڭ  بەزى-بىر كۆز قاراشلىرىنى ، ئەنە شۇ ئىشلار توغرىسىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى داۋاملىق دىگۈدەك ئاڭلاپ تۇرىمەن، بەزى قىزلارنىڭ ماڭا ‹‹ھەرگىزمۇ توي قىلىشقا ئالدىرىماڭ، توي قىلسىڭىز ئۇنداق جاپا، بۇنداق ئەلەم بولىدىكەن ، ئەڭ ياخشىسى سىزنىڭ ھازىرقى كۈنىڭىز ناھايىتى ياخشى ، مەن سىزگە ھەۋەس قىلىمەن ، چۈنكى سىز ھەممە ئىشلاردا ناھايىتى ئەركىن ئىكەنسىز، باشقۇرىدىغان ئادىمىڭىز يوق،ئۆزىڭىز خالىغان ئىشنى قىلالايدىكەنسىز›› دىگەندەك گەپلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە بەزى ئوغۇللارنىڭ ‹‹مەن ئايالىم بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن ماڭا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن،بارلىق ئىشلىرىمنى قوللاپ بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىمغا يىتىشىمگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ مەدەت بىرىدىغانلىقىنى ئىېيتىپ مەن بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەن ئىدى،ئەمما توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ماڭا تويدىن بورۇن بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ ئەمەلىيەتتە قىلىپ باقمىدى،ئەكىسچە ئاتا-ئانام،ئۇرۇق-تۇققانلىرىم ، دوست -بۇرادەرلىرىم ئارىسدا مېنى بەكمۇ ئۈمۈتسىزلەندۈردى،ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئىناۋىتىمنىمۇ قويمىدى،ھازىرقى جەميەتتە قىز بالىغا ئىشىنىدىغان ئىش ئەمەس ئىكەن،چۈنكى تىلى بىلەن دىلى بىردەك ئەمەس بولىدىكەن،توي قىلىپ بولغىچە بەرمىگەن ۋەدىسى قالمايدىكەن، توينى قىلىپ بىر ئۆيگە كىرگەندىن كىيىنلا ئەركىشىگە خوجايىن بولىمەن دەيدىكەن››دىگەندەك گەپلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر قىسىم قىز-ئوغۇللارنىڭ ‹‹ مەن ھەمراھىم بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن ئىقتىزادىم ياخشى،ئىش - ئوقەتلىرىمدىن كىرىدىغان كىرىملىرىم كۆپ بولغاچقا قارشى تەرەپ ماڭا توي قىلىشقا ئالدىرىغان ئىدى ، توي قىلىپ نەچچە يىللاردىن كىيىن ئىشلار ياخشى يۈرۈشمىگەنلىكتىن قولىمىزدىكى ئىقتىساتتىن ئايرىلىپ قالدۇق ، دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا قارشى تەرەپ دەرھاللا ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپ ئاجراشمايلى دىگەنگىمۇ قاراپ قويماستىن مەندىن ئايرىلدى›› دەۋاتسا يەنە بىر قىز ‹‹ مەن ئىچكىرىگە 2 يىللىق خەنزۇتىلىدىن بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەندىن كىيىن ھۆكىمەت بىزنى مۇقىم خىزمەتكە تەقسىم قىلىدىغان ئىمتاھاندىن ئۆتۈپ بىلىم ئاشۇرۇشقا بېرىپ قىشلىق تەتىلدە  ئۆيگە كەلسەم مەلىمىزدىكى مەلۇم كىشلەر ئۆزىنىڭ تۇللۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئاتا-ئانىسى ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ تاكسىي ئېلىپ بەرگەندىن كىيىن شوپۇرلۇق قىلىپ تاپاۋەت قىلىدىغان ئوغلىغا مېنى ئېلىپ بىرىمىز دەپ ئەلچى كىرگۈزۈپ،چىڭ تۇرۇۋىلىپ ئاتا-ئانام قىزىمنىڭ ئوقۇشى پۈتمىدى ، توي قىلسىمۇ تەتىلدىن باشقا ۋاقىتتا سىلىنىڭ بالا بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇپ بولالمايدۇ،بۇنداق بولغاندا تازا ياخشى بولماسمىكىن دىسىمۇ، مەيلى بىز قوللايمىز، چۈنكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرسىلا مۇقىم خىزمەتكە ئورۇنلىشىدىغانلىقى ئېنىق تۇرسا دەپ ئۆيۈمدىكىلەرنى قايىل قىلىپ  توينى قىلغان ئىدۇق، مانا  بۈگۈنكى كۈندە مەن ئوقۇشۇمنىمۇ پۈتتۈرۈپ يۇرتقىمۇ كەپ بولدۇم،ھۆكۈمەت بىزنى ياكى دۆلەتلىك ئىمتاھانغا قاتناشقىلى قويماي ياكى خىزمەتكە تەقسىم قىلىپ مائاشىمىزنى بىكىتىپ بەرمەي تاشلاپ قويغىلى 1 يىلدىن ئاشتى،مۇشۇ سەۋەپلىك يولدۇشۇم ماڭا ئوچۇق-ئاشكارىلا سەن تاپنى بىكارغىلا باقىمەنما ، ئەينى چاغدا ئاتا-ئانام ماڭا سىنى خىزمەتكە چىقسا سېنى باقىدىكەن بالام،مۇقىم مائاشى بار قىزنى ئالماي كىمنى ئالاتتىڭ،ھازىرلا تويۇڭنى قىلىۋالمىساڭ، ئوقۇشى پۈتكەندە توي قىلىمەن دەپ ئولتۇرغىنىڭ بىلەن ئۇ چاغدا ئۇ قىزمۇ ئۆزىگە ئوخشاش مۇقىم خىزمىتى بارلاردىن بىرىگە ياتلىق بولۇشنى ئويلايدۇ،ساڭا ياتلىق بولۇشقا ئەسلا قوشۇلمايدۇ، شۇڭلاشقا ھازىرلا تويۇڭنى قىلىۋىتەيلى دىمىگەن بولسا مۇمكىن ئەمەس سەن بىلەن توي قىلمىغان بولاتتىم، ئەمدىلىكتە سەندىكى قېنى ئۇ خىزمەت، تەييار تاپ بولۇپ بىكارچىغا ئايلاندىڭ يوقال، چىق ئۆيۈمدىن سەن بىلەن ئاجىرىشىمەن دەپ مېنى ئۆيدىن قوغلىدى ، ئالىمادىس توساتتىن ھۆكىمەت بىزنى خىزمەتكە تەقسىم قىلىپ قالسا يالۋۇرۇپ يېنىشىمەن دەپ كىلىدىغىنى ئېنىق،ئەگەر شۇنداق بولۇپلا قالسا مەن ئۇنىڭ بىلەن ھەرگىز يېنىشمايمەن›› دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيدۇ   .
            مەن يۇقارقىدەك گەپ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ھەممەيلەننىڭ نىشانى پەقەت پۇل، مال-دۇنياغىلا مەركەزلىشىپ قالغاندەك،خۇددى ماڭا توي تەكلىپى قويۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىمۇ يەنىلا ئوخشاش مال-دۇنيانى كۆزلەپلا كىلىۋاتقانداك ھېس قىلىندىغان بولۇپ قالدىممۇ قانداق، شۇ سەۋەپتىن بىرقانچەيلەنگە سىناق تەرىقىسىدە ‹‹مەن سىز بىلەن توي قىلسام ئىسسىق جېنىمنى كۆتۈرۈپلا كىتىمەن، قولۇمدىكى دۇنيالارنىڭ ھەممىسىنى ئاتا-ئانام مەبلەغ سالغان،شۇڭلاشقا ئۆيدىكىلەر بۇ نەرسىلەرنى باشقىلارغا ساتامدۇ،ساتماي ئۆزى ئىشلىتەمدۇ قانداق قىلسا مەيلى، مەندە بار بىلىملىرىم بىلەن سىز مەبلەغ سېلىپ بەرسىڭىز سىز قوللىسىڭىز كەسپىمنى قىلىمەن،سىز قولۇمدىكى كەسپىمنى قىلىشقا يول قويمىسىڭىز، سىزنىمە ئىش قىلىشقا بۇيرۇسىڭىز شۇنى قىلاي،سىز نىمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسىڭىز مەنمۇ تەڭ ياردەملىشەي،ئوتقا كىرسىڭىز ئوتقا، سۇغا كىرسىڭىز سۇغا كىرىشكە مانا مەن  تەييار،چۈنكى مەن جاپادىن قورقمايمەن،ئىش قىلغانغا جاپا تارتقانغا ئادەم ئۆلمەيدۇ›› دىگەندەك گەپلەرنى قىلغان ئىدىم ئۇلار نىمە دەيدۇ دىمەمسىز ‹‹ ئۇنداق قىلساق قانداق بولار بۇ ئىشلار، قۇلىڭىزدىكى بارلىق مەبلەغنى شۇ پېتىلا ئېلىپ كىرىپلا ئىشلىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇپ قىلىۋارسىڭىز ياخشى بولاتتى، ئاز پۇل بىلەن توللۇقلاپ بولغىلى بولمىسا ئۇ نەرسىلەرنى،مەندە ئۇنچە كۆپ پۇل بولمىسا    يە ›› دەۋاتىدۇ، مەن بولىدۇ چاتاق يوق مەن ئاتا- ئانامنى قايىل قىلاي ، بارلىق ئۈسكىنىلەرنى شۇ پىتىلا ئېلىپ كىتىشكە قۇشۇلدىراي ، ئەمما چۇقۇم ئايال تەرەپنىڭ توي قىلىشتىن بۇرۇن ئاتا-ئانىسى مەبلەغ سېلىپ قىلىپ بەرگەن مانچە پۇللۇق ئۈسكىنىلىرى بار، مانچە پۇللۇق مەبلىقى بار دەپ ئەدىليە گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈپ ئېلىپ كىتەيلى ، بۇنداق قىلساق سىزمۇ ماڭا مەبلەق سېلىپ بېرىش ئاۋارچىلىقىدىن قۇتۇلىسىز، مەنمۇ ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالمەيمەن، تويدىن كىيىن تاپقان پۇلىمىزنى ئاتا-ئانام بىزگە بىرىڭ قىزىم، بىز سەپ بەرگەن مەبلەغ بولغاندىن كىيىن دەپ يۈرمەيدۇ، دىسەم يىگىت ‹‹ سىز ماڭا ئىشەنمەيدىكەنسىز دىسە ئاتا ئانىسى تويدىن كىيىن جان بېقىشالامسىلەر،جان باقماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس ...  قاتارلىق بىر تالاي گە سۆزلەر ›› ئۇزۇن كەپنىڭ قىسقىسى مەن ھەممە نەرسىلىرىمنى گەپ سۆز قىلمايلا يىگىتنىڭ ئۆيىگە گۇۋاھلىقتىنمۇ ئۆتكۈزىمەن دىمەي ئېلىپ كەتسەملا گەپ سۆز يوق توينىڭ بولىشى ئېنىق ئىدى، ئەمما مەن مىنىڭ ئەخلاق ساپايىمنىڭ، مىجەز خاراكتىرىمنىڭ، دىننىي ئېتىقادىمنىڭ بار يوقلۇقىنى قىلچە سۈرۈشتۈرمەستىنلا پۇل تاپالايدىكەن دىگەن تەرىپىمنىلا كۆرۈپ توي قىلىش قارارىغا كەلگەن يىگىتكە ياتلىق بولۇشنى توغرا تاپمىدىم.
            ئەمدى ئاساسى گەپكە كەلسەك بۇ جاھاندا ئوغۇللارمۇ قىزلارنىڭ ، قىزلارمۇ ئوغۇللارنىڭ  خىزمىتىنى، پۇل تاپالايدىغان-تاپالمايدىغانلىقىنى،ئاساسىي ئورۇنغا قۇيۇپ تۇرۇپ تاللاش ئوبىكتىنى ئىزدەپ يۈرسە، ئەخلاق -ساپاسى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى،ئىلىم-بىلىم توغرىسىدىكى ئەمەلىي چۈشەنچىسى قاتارلىق تەرەپلەرگە قارىمىسا، مال -دۇنيا، ئابروي -ئىناۋەت كۆزلەپ قۇرۇلغان تۇرمۇش ئاخىرقى ھېساپتا بەخىتلىك تۇرمۇش قۇرۇشنىڭ ئاساسىي بولۇشى مۇمكىنمىدۇ، ئويلانغان سىرى بېشىم بەكمۇ قېتىۋاتىدۇ،
           مەن ئويلايمەن،  مال-دۇنياسىنىڭ كۆپلىكىگە ئەمەس بەلكى ئىلىم ۋە بىلىمىنىڭ كۆپىكىگە، خىزمىتىنىڭ بار يوقلىقىغا ئەمەس بەلكى ئەخلاق ساپاسىنىڭ بار يوقلىقىغا،قىلىۋاتقان كەسپىنىڭ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىغا ئەمەس بەلكى خەلىقنىڭ قەلبىدە ياخشى باھاغا ئېرىشەلەيدىغان ياكى ئېرىشەلمەيدىغان تەرەپلىرىگە قاراپ قۇرۇلغان تۇرمۇش  بەخىتلىك خاتىرجەم تۇرمۇش قۇرۇشنىڭ ئاساسى بولالايدۇ دەپ قارايمەن، بۇ مېنىڭ تۇرمۇش، ئۆمۈرلۈك ھەراھ تاللاشتىكى شەخشى كۆز-قارىشىم ، باشقا تورداشلارنىڭ يەنە قانداق كۆز قاراشلىرى بار، ھەممەيلەننىڭ ئورتاق پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ ئورتاق يەكۈن چىقىرىشنى توغرا تاپتىم، قىممەتلىك ئىنكاسلىرىڭلارنى  قالدۇرۇپ مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىڭلارنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلىمەن.

1

تېما

0

دوست

840

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27645
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 12:15:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!  سىز دىگەندەك ئەھۋاللار ھەقىقەتەن كۆپىيىپ قىلىۋاتىدۇ ئەمما ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ ھامان ئۆز بەختىنى تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

176

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   58.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17669
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 12:47:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئى ياشلار گوروھى! سىلەردىن كىم توي قىلىشقا قادىر بولسا توي قىلسۇن، چۈنكى ئۇ كۆزنى ھارامدىن يۇمدۇرىدۇ، ئەۋرەتنىمۇ ھارامدىن ساقلايدۇ، توي قىلىشقا قادىر بولالمىغان كىشى روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا تۇتۇش ئۇ كىشى ئۈچۈن قالقاندۇر، گۇناھ مەئىسىيەتتىن ساقلاپ قالىدۇ.  ئەھمەد، بەيھەقى، بۇخارى، مۇسلىم، تۆت كىتاپ توپلىغان، سەھىھ( مىشكات 3080- [1])

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇللۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئايال كىشى تۆت نەرسىنىڭ جەھتىدىن نىكاھلىنىدۇ، مېلى ئۈچۈن، ھەسەب يۈز-ئابروي، ئىناۋىتى ئۈچۈن، جامالى ئۈچۈن، دىنى ئۈچۈن نىكاھلاپ ئېلىنىدۇ، گەرچە ئىككى قولۇڭ توپا بولسىمۇ ( يەنى قاتتىق جاپا-مۇشەققەتتە قالساڭمۇ)، دىن ئىگىسى بىلەن زەپەر قۇچقىن، غەلبە قىلغىن، (يەنى مال-دۇنيا بىلەن چىراي گۆزەللىكىنى قويۇپ، دىنى، ئىمانى بارنى ئال) بەيھەقى، بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى، ئىبنى ماجە  سەھىھ (مىشكات 3082- [3])

بۇ توي قىلىش دېگەن ئادەم ئاتىمىزنىڭ زامانىدىن بىزلەرگە قالدۇرۇلغان سۈننەتتۇر.  ئىنسانلارنىڭ تارىخ قارشى، دىن قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن  جۈپتىگە قويدىغان تەلىپى ئوخشىمايدۇ. يۇقاردىكى  ھەدىستە دىيىلگەندەك ئاياللار ئاشۇ تۆت نەرسىنىڭ بىرى سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىدۇ.  بۇ نىكاھ دېگەن ناھايىتى چوڭ بىر ئۇقۇم بۇنى بىر ئېغىز گەپ بىلەن چۈشۈندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ.  ئۆزىنى مەن ئەھلى مۇسۇلمان دەپ قارايدىغان ھىچ بىر كىشى ئاياللارنى مېلى ئۈچۈن نىكاھلاپ ئالمايدۇ.  باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى ئەشۇ ئىمان ئېيتىپ جەننەت دەۋاسى قىلىۋاتقان كىشىلەر ئىچىدىنمۇ ئاغزىدا دەپ قويغان بىلەن  ئۆيلىنىشتە يەنە شۇ يۇقارقى ھەدىستىكى ئىماندىن باشقا ئۈچ مەخسەتتە ئالمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. قالغىنى سىزنىڭ تەقدىرىڭىز ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ تەدبىرىگە باغلىق ئىشلار...   باشقىلارنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز شۇلار قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا، دەۋاتقان گەپلىرىگە، ئارلىشىۋاتقان ئادەملىرىگە قاراڭ شۇندىلا جىق نەرسىلەرنى بىلەلەيسىز. قىسقىسى كۆپ كىتاپ ئوقۇڭ ئاۋۋال قۇرئاننى بىر نەچچە قېتىم ئوقۇڭ مەنىسى چۈشۈنۈپ، ئاندىن پەيغەمبرىمىزنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقۇڭ، ئاندىن تاپالىسىڭىز مىشكاتنى ئوقۇڭ...( ئىۋۇ قىسەسۇل ئەنبىيا دېگەندەك شەخىسلەر يازغان ئەدەبىي ئەسەر تىپىدىكى ئەقىدىگە بېرىپ تاقىشىدىغان كىتاپنى ئوقۇماڭ چۈنكى ئۇنى ئىسلام ئالىملىرى چەكلەيدۇ)

1

تېما

2

دوست

3551

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26478
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1074
توردىكى ۋاقتى: 283
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 13:01:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ماڭا ئوچۇق-ئاشكارىلا سەن تاپنى بىكارغىلا باقىمەنما ، ئەينى چاغدا ئاتا-ئانام ماڭا سىنى خىزمەتكە چىقسا سېنى باقىدىكەن بالام،مۇقىم مائاشى بار قىزنى ئالماي كىمنى ئالاتتىڭ،ھازىرلا تويۇڭنى قىلىۋالمىساڭ، ئوقۇشى پۈتكەندە توي قىلىمەن دەپ ئولتۇرغىنىڭ بىلەن ئۇ چاغدا ئۇ قىزمۇ ئۆزىگە ئوخشاش مۇقىم خىزمىتى بارلاردىن بىرىگە ياتلىق بولۇشنى ئويلايدۇ،ساڭا ياتلىق بولۇشقا ئەسلا قوشۇلمايدۇ، شۇڭلاشقا ھازىرلا تويۇڭنى قىلىۋىتەيلى دىمىگەن بولسا مۇمكىن ئەمەس سەن بىلەن توي قىلمىغان بولاتتىم، ئەمدىلىكتە سەندىكى قېنى ئۇ خىزمەت، تەييار تاپ بولۇپ بىكارچىغا ئايلاندىڭ يوقال››


ماۋۇ گەپنى دىگەن  لەقۋا  نۇمۇس قىلماي مۇشۇ گەپنى ئىغزىدىن چىقارغىنىنى.

man  dinar

11

تېما

7

دوست

8017

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   60.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10889
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1382
تۆھپە : 1509
توردىكى ۋاقتى: 1023
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 13:44:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇغۇل بالا تۇي قىلغاندىن كىيىن ئەلۋەتتە  ئايالىنى بېقىش مەجبۇريىتى بۇلىدۇ ، شۇنداقلا ئاىلىسىگە مەسۇل بۇلۇش مەجبۇريىتى بۇلىدۇ ، ئۇغۇل بالا چۇقۇم  تۇي قىلغاندىن كېيىن ئاىلىسىگە كۇيىنىشى ئايالىنى قۇللىشى ئايالىنىڭ قىزىقىشىغا ھۇرمەت قىلىشى ، ئايالىنىڭ  ئۇز ئۇيىدە  جەنەتتە ياشىغاندەك  راھەت  ئىچىدە مەغرۇر ياشىشىغا تىرىشچانلىق كۇرسۇتۇپ شاراىت يارىتىپ بېرىشى ھەم  ئاىلىدىكى چۇڭ كىچىك  ئىشلاردىمۇ  پاتىشادەك  قارار  چىقىرىشىغا  يۇل قۇيۇشى ھەم چىقارغان قارارلىرىغا  ئەر بۇلغۇچى ھۇرمەت قىلىشى ھەم دەرھال ئۇرۇندىشى كېرەك ، ئايال بۇلغۇچىمۇ  ئېرىنىڭ قەدرىگە يېتىپ   ھەر بىر ئىشنى پۇختا ئۇيلىنىپ ئېرىنىڭ مالمۇلكىنىڭ كۇپۇيىشىگە ، ھەم  ئۇيغۇر مىلىتىنىڭ داۋامى بۇلغان  پەرزەنتلىرىنىڭ بىلىملىك ئەدەپلىك تەربىيلىنىشىگە كۇش چىقىرىشى بەدەل تۇلىشى كېرەك

0

تېما

0

دوست

331

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   15.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28833
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 108
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 14:31:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېشىدىن ئىسسىق -سوغۇق ئۆتۇپ باقمىغان،پەقەت پۇل مال بولسىلا بولىدۇدەپ ئويلاندىغانلار ،نىكاھنىڭ پۇل مال بىلەن ئەمەس ئادىمىلىك قەدىر -قىممەت ،ئۆزئارا ھۆرمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتسىدى.

0

تېما

1

دوست

852

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   70.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25833
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 262
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 16:17:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن ئۆزەمنىڭ ئۇيلىغانلىرىنى يىزىپ باقاي.  ئەر دىگەن ئۇغۇل .يىگىت سۆزلىرىدىن ۋەزنى ئىغىر سۆز ئەربۇلغۇچى ئىتقادى چىڭ ئۆزى مەسئۇلىيەتچان بۇلسا كۇپايە بۇئىككى پەزىلەت  ئۇنىڭ پىسخىكا ئەقلى كامالىتىنىڭ ئىسپاتىدەپ قارايمەن.  ئايالغا كەلسەك دىننى بىلىمى بار بولسا مۇتەئەسسىپ جاھىل بۇلمىساكۇپايە.  پەننى بىلىم ئىگىسى بۇلسا ئۆز ئىتقادى ۋەمىللى مەدەنىيتىدىن  ياتلاشمىغان بۇلساكۇپايە  ئەگەر بىلىم ئىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىگەن بۇلسا ئۆزى مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان مۇستەقىل ئىش قىلالايدىغان بۇلسا بۇلىدۇ.ئەگەر ئالدىنقى ئۈچىلىسى بولالمىغان ئايال   ئالدىنقى شەرىتكەچۈشىدىغائەركەككە چۈشكەن كۈيدۇر.   مۇكەممەل  ئادەم بۇلماق ھەرئىككى تەرەپكە ئاسان ئەمەس . ھەم تۇرمۇشتا مۇكەممەللىك قۇغلاشنىڭ ھاجىتى يوق  ھەممەئىش تەبى بۇلغىنى ياخشى.             تىما ئىگىسى سىزتىمىدا يازغان كىشىلەر  ئەبجەش مەدەنىيەتنىڭ قۇربانىكەن  بۇنداق كىشىلەرنىڭ مەيدانى بۇلمايدۇ سۇيگۈ نەپرىتىگە ئىگە بۇلالمايدۇ  كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىڭىز ئۈچۈن يىراق تۇرغايسىز.  ئەگەر شارائىت ئۈچۈنلاتۇي قىلسىڭىز  سىزمۇ شۇلانىڭ  بىرى.

0

تېما

1

دوست

852

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   70.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25833
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 262
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 16:21:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )