مەن بىر قېتىم ئۇنىڭ ئاشۇ ئۆيگە كىرىپ كەتكىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. شۇ كۈندىن باشلاپ نېمىشقىدۇر ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بىر خىل ھاياجان بىلەن ئۇنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرىدىغان بۇلۇپ قالدىم. بەلكىم ئۇنىڭغا بولغان ئاشۇ چۈشىنىكسىز غەلىتە تۇيغۇ مەندە مۇشۇنداق تىنىمسىز ھالەتنى پەيدا قىلغان بۇلۇشى مۇمكىن. تۈنۈگۈن كەچتە، كەچلىك بازار ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈۋېتىپ تۇيۇقسىزلا ئۇنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ خۇددى ئۆزىدەكلا چىرايلىق ئانىسىغا مەھكەم يېپىشقىنىچە ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. دەسلىپىدە ئۇنى كۆرۈپ يۈرىكىم بۇرۇنقىدەك قېپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ‹خارتتىدە› قىلمىدى. پۇتلىرىم قەدىمىدىن ئېزىپ، يۈزۈم شەلپەردەك قىزىرىپ كەتمىدى. مەن قسقا بوينۇمنى غازنىڭ بوينىدەك ئۇزۇن سوزۇپ ئۇنى ئادەم نۇمۇس قىلغۇدەك قېلىنلىق بىلەن كۆرۈۋېلىشقا تىرىشتىم. ئۇ چىرايىدىكى سۇس قىزىللىق ۋە ھاياجىنىنى يۇشۇرۇشقا تىرىشىپ قەستەن مېنى كۆرمىگەن بۇلۇپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ...ئۇ..ئاھ، خۇدا! ئۇ نېمىدېگەن ئىپلاس-ھە! ئاخشام سائەت 11:35 مىنۇت ئۆتكەندە، پەقەتلا ئۇيقۇم كەلمەي سىرتقا چىقىپ كەتتىم. دوپپامدىنمۇ كىچىك بۇ ناھىينىڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىۋېتىپ، تۇيۇقسىزلا پەرھات تۇرسۇننىڭ ‹چوڭ شەھەر› ناملىق رومانىدىكى باش پىرسوناژنىڭ چوڭ شەھەرنىڭ ناتونۇش كوچىلىرىدىكى ناتونۇشلۇق ئاتا قىلغان مەسىتخۇشلۇقنى خىيال قىلىپ قالدىم. بەزىدە ‹تىلەمچىلىك قىلىپ بولسىمۇ ئۈرۈمچىدە ياشايمەن›دەپ قەسەم ئىچىپ ئون يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان نامرات ئاغىينەم ھەسەننىڭ ھەيۋەتلىك شەھەردىكى قايغۇ ۋە شادلىقىلىرىنى ئويلىغىمدا، بۇ كىچىككىنە ناھىيدىن بىزار بۇلۇپ يىراقلارغا كەتكۈم كىلەتتى. يىراقلارغا كەتكىنىمدە بولسا قىلىدىغان ئىشىمنى تاپالماي، تۇخۇدەك تىتىلداپ بارلىق نەرسىلىرىمنى تاشلاپ قويۇپ يەنە بۇ ناھىيگە قايتىپ كېلىۋالاتتىم. كەلسەم يەنە كەتكۈم كىلىدۇ، كەتسەم يەنە كەلگۈم كىلىدۇ، ئاھ، خۇدا! مەن نېمىدېگەن تېتىقسىز-ھە! ئاھ، مېنىڭ لاۋزىلىقىم...! خوتەن، قەشقەردىكى ئۇزۇن مەزگىللىك ھاياتىم مەندە بۇ شەھەرگە نىسبەتەن ئالاھىدە، چوڭقۇر تەسىرات پەيدا قىلغانىدى. گەپ قىلىشلىرىمدىن تارتىپ-كىينىشلىرىمغىچە ھەممىسى مۇشۇ شەھەرنى ۋە ئادەملەرنى ئالغانىدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىدىن باشلانغان تۇنۇشلىرىم، خوتەننىڭ ئەڭ يىراق كەنتىدىكى يېقىنلىرىم بىلەن ئاخىرلىشاتتى. تونۇش، دوسىت-بۇرادەرلىرىم ساماندىنمۇ جىق ئىدى. ئۇزاقى يىلى قىشتا يەكەن-پەكىچى يېزىسىدىكى بىر ئاشخانىدا لەززەتلىنىپ يىگەن بىر قاچا لەغمەننىڭ تەمى ھېلىھەم تىلىمنىڭ ئۇچىدا. شۇ چاغدا تۇراپجان ئاكام شۇنداق دېگەنىدى: ‹ھازىر ھەر قانداق بىر شېئىر سورۇنىدا شېئىر ھەققىدە پاراڭ بولسا سەن تىلغا ئېلىنماي قالمايسەن. باشقىلار سېنى ھەددىن زىيادە ماختاپ ئۇچۇرۋەتتى. ‹مەغرۇرلۇق ئادەمنى چىكىندۇرىدۇ› دېگەن گەپ بەك كونا بولسىمۇ بىراق مەنىسى چوڭقۇر. ئاشۇ تاشلىۋېتىلگەن، ئاددىي سۆزلەرگە ھەرگىز سەل قارىما. شېئىرىدا تەرەققىيات مەۋجۇت بولمايدۇ. ھەقىقىي بىر پارچە شېئىر زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. قايسى بىر مىللەتنىڭ شېئىرلىرى زامان ۋە ماكاننىڭ ئەينەن تەسىراتى بۇلۇپ ئىپادىلىنىدىكەن، ئۇ دەل مەغلۇب بولغان شېئرىيەتتۇر. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ھۇشيار بول. يازغۇچى-شائىرلار دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ھەم ئەڭ رەزىل كىشىلەردۇر. ئەڭ ياخشى ئادەممۇ، ئەڭ پەسكەش ئادەممۇ مۇشۇ يازغۇچى-شائىر تائىپىسىدىن چىقىدۇ. شۇڭا ئۇلار بىلەن بەك يېقىنلىشىپ كېتىشمۇ بەك يىراقلىشىپ كېتىشمۇ خەتەرلىك. پىشقەدەم، ياشتا چوڭ ئەدىبلەر بىزگە يول ئېچىپ بەرگەن. ئۇلارنى ھۆرمەتلىشىمىز، ئۇلارنى ئاسرىشىمىز كېرەك. بىراق، ئۇلارنى ئۇستاز قىلىۋېلىش، ئۇلار ماڭغان يولدا مېڭىش بەكمۇ نادانلىق. يول ئېچىۋېتىلدى، نېمە بىلەن قانداق مېڭىش بىزنىڭ ۋەزىىپىمىز. شۇڭا چوڭلارنىڭ ھۆرمەتلە، بىراق ئۇلارغا بەك يېقىنلىشىپ كەتمە. ئۇلارنىڭ بىزگە بولغان تەسىرى زەھەردىنمۇ يامان. غالجىر ئىت قوغلىغاندا چەمبەر شەكىلدە ئايلىنىپ يۈگۈرسىڭىز ئامان قالىسىز. سىزنى ئوقۇتقۇچى بولماڭ دىمەيمەن، بىراق ھەرگىزمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولماڭ، بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن پاقا-قومچاقنىڭ چىشى يوق. 2014-يىلى، 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، خوتەن-قاراقاش |