قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 12277|ئىنكاس: 62

ۋاكىئوم تەجىربىسىنىڭ ئالدى - كەينىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

3

دوست

3323

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6729
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 102
تۆھپە : 959
توردىكى ۋاقتى: 453
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 02:25:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاكىئوم تەجىربىسىنىڭ ئالدى - كەينىدە
ئەنۋەر مۇھەممەت

زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.
ئېغىشنىڭ قىممىتى ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.
________ قاسىم سىدىق
   بۇ تېمىدا قاسىم سىدىق ئەپەندىم  تەشەببۇس قىلغان «شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسى»دەپ ئاتىلىدىغان بىر لوگىكىلىق ھۆكۈمنىڭ توغرا -خاتالىغىنى ئىسپاتلاش تەجىربىسىگە ئالاقىدار ئىشلار ھەققىدە نۇقتۇلۇق توختالماقچىمەن.29-تىئورمىنىڭ ئومۇمى بايانى يۇقۇردىكى ئېپىگىراپنىڭ ئۇزى شۇ.
مەن ئاساسەن ئۇزەم بېۋاستە باشتىن كەچۈرگەن ۋە كۇرگەن ئىشلارنى ئەركىن بايان قىلىمەن ۋە تېمىنى تەدرىجى تەھرىرلەپ تولۇقلايمەن.
مەن قاسىم سىدىق ئەپەندىمنى تونۇمايتىم، پەقەت تور بەتلىرىدە ئىلان قىلىۋاتقان فىزىكا ساھەسىگە ئائىت ئەسەرلىرىنى دائىم ئۇچرتىپ تۇراتتىم، ئۆزەمنىڭ بۇ جەھەتتە بىلىمىم يىتەرلك بولمىسىمۇ، ئەمما كائىنات بىلىملىرىگە قىزىقىدىغىنىم سەۋەپلىك دائىم ئىنكاسلار ئارقىلىق ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىشاتتۇق.
2013- يىلى 2- ئاينىڭ 16- كۈنى قاسىمكام سىز«كائىنات»قا باشقۇرغۇچى بولۇشنى خالامسىز؟ ‹‹ مەن كەمبىغەل ھەق بىرەلمەيمەن ›› دەپ ئۇچۇر قالدۇرۇپتۇ. مەن سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىگىنى باھانە قىلىپ چىرايلىق رەت قىلدىم، ئەمما شۇندىن ئېتىبارەن مۇنبەر ۋە  QQ  دا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشتۇق.
6- ئاينىڭ 18- كۈنى قاسىمكام  تەجىربە ئىشىنى چوقۇم ئېلىپ بېرىش قەتئى ئىرادىسىگە كىلىپ، مىسرانىم مۇنبىرىگە مۇراجەتنامە چىقاردى ھەم مىنىمۇ بۇ تەجىربە ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلغان ئىدى. قانداق قىلاي ماقۇل دىسەم ئۆزەمنىڭ بۇ جەھەتتە يىتەرلىك بىلىمىم يوق. ياق دىسەم مۇشۇ ساھەدە 30 يىلدىن ئارتۇق شۇغۇللانغان، بارلىقىنى ئىلىم ئىشلىرىغا بېغىشلىغان بىر بوۋاينىڭ نا ئۈمۈتتە قېلىشىنى خالىمىدىم.  بولدىلا، نىمە بولسۇن بىر بېرىپ كۆرۈشۈپ ئىككى ئېغىز مەدەت سۆزلىرىنى قىلىپ بولسىمۇ قايتىپ كېلەي دەپ ئۈرۈمچىگە يولغا چىقتىم.
ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلگەندىن كىيىن، بىز ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى ئالدىدىكى ئاپتوۋز بىكىتىدە ئۇچراشماقچى بولۇشتۇق.
مەن ئاپتوۋۇزدىن چۈشۈپ قارىسام قاسىمكام خۇددى سوقۇشقىلى تۇرغان خورازدەك ئوزىنى گەۋدىلىك كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقاندەك، ئەمما چىرايىدا كۇلكە يېغىپ تۇرغان ھالەتتە تۇرۇپ كىتىپتۇ. مەن بىر كۆرۇپلا تونىۋالغان ئىدىم، ئالدىغا بېرىپ سالاملاشقاندىن كىيىن مەن ئۆزەمنى تونۇشتۇردۇم ۋە بىز بىرلىكتە قاسىمكامنىڭ تۇرالغۇسىغا قاراپ ماڭدۇق.
ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن ئۆيدە بىرقانچە مېھمانلار باركەن، ئۇلار بىلەن سالام سائەتلەردىن كىيىن تونۇشلۇق بىرىشتۇق.
تونۇشۇشلاردىن كىيىن مەن تەجىربە ئىشلەشكە مۇۋاپىق كىلىدىغان كىشىنىڭ بۇ سورۇندا يوقلىغىنى ھېس قىلدىم. بىرنەچچە كۈن قاسىم سىدىق ئاكىمىز بىلەن بىرگە بولۇش جەريانىدا، بۇ كىشىنىڭ تولىمۇ ئاق كۆڭۇل، چىقىشقاق، خۇش پېل، كەمتەر كىشى ئىكەنلىگىنى، تور مۇنبەرلىرىدە بەزىلەر ئېيتقاندەك ئۇنداق ناچار خۇي مىجەزلىك ئەمەسلىگىنى، گەپ سۆزلىرىنىڭمۇ تولىمۇ جايىدا، مەنتىقىغە ئۇيغۇن   كىشى ئىكەنىلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇنداق قىلىپ بىرقانچە كۈن ئۆتۇپ كەتتى. مەن تەجىربە ئىشلەيدىغان مەندىن باشقا كىشىنىڭ ھازىر بولمىغىنىنى كۆرۇپ، ئوزەمنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردا  
مەكتەپ باللىرى،
قۇچقاچ كاللىرى،
ئەمدى كەلدىڭمۇ؟
تىزەك تەرگىلى.
دەيدىغان، بىر ئاي ئىچىدە 15 كۈن ئەمگەك قىلىدىغان، ‹‹سېسىق زىيالى›› دەپ زىيالىلار مەسخىرىگە قالىدىغان ۋاقىتلاردا،  مەكتەپنى ياخشىراق ئوقىيالمىغىنىمدىن ئېچىنىپ، بۇ يەردە ئۆزەمنىڭ تەجىربە ئۈسكىنىسى ياساشقا تولىمۇ ئىقتىدارسىز كىلىپ قالغىنىمدىن ئەپسۇسلىنىپ، ئوڭايسىز ئەھۋالدا تۇرۋاتقان ۋاقتىمدا بىر ياش قاسىمكامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەلدى. قاسىمكام بۇ ياشنىڭ ئىسمىنىڭ جۈرئەت  ئىكەنلىگىنى ھازىر سانائەت قۇرلۇش ئىنىستوتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى تەجىربە ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىغىنىنى، بۇ جەھەتتە بۇ ياشنىڭ تامامەن ھوددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىنى سوزلەپ تۇنۇشتۇرۇپ ئوتتى.
مەن بۇ تونۇشتۇرۇشتىن تولىمۇ خوشال بولدۇم. بىز ساام-سائاتلەردىن كىيىن سوھبىتىمىز ئۇنىڭ تەجىربە ئۇسكىنىسى ياساش لايھەلىرى توغرىسىدا  بولۇندى. ئۇنىڭ تەجىربە ئۇسكۈنىسى لايھەسى نەزىريە جەھەتتىن تولىمۇ ئورۇنلۇق بولۇپ، ئۇ بۇ جەھەتتە خېلى ئۇزۇن مەزگىل تەتقىق قىلغان ئىكەن.
ئىلگىرى بۇ ياش ساۋاقداشلىرى بىلەن، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدا بىر قېتىم تەجىربە سىنىقى قىلىپ باققان بولۇپ، تەجىربە نەتىجىسىدە 30 مىتىر ئىگىزلىكتىن يېرىم مىتىردىن ئارتۇق ئېغىپ چۈشكەن بولسىمۇ، لىكىن كەسىپ ئىگىلىرى تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنمىغان ئىكەن. سەۋەبى بۇ قۇرۇلما ئىچى كاۋاك پولات شارنىڭ ئاستى تەرىپىگە تەڭپۇڭلۇقى ساقلىغان ھالەتتە ئورنىتىلغان ماتورنىڭ پىقىرىشى بىلەن توۋەنگە تاشلىنىدىغان بولۇپ، ماتور ئايلىنىپ مەلۇم سۈرئەتكە يەتكەندە، ئېسىپ قويۇلغان يىپنى كويدۇرۇش ئارقىلىق تاشلانغان. نەتىجىدە بۇ قۇرۇلما يېرىم مىتىر ئېغىپ كەتكەن ھالدا يەرگە چۈشكەن.  دىمەك بۇ تەجىربە ئەسلى مۇۋاپىقىيەتلىك بولسىمۇ لىكىن ئۇلار، ‹‹ياڭاق پوستىنىڭ ئىچىگە قۇرۇت سېلىپ قۇيغاندەك ئىش قىلساڭلار بۇنى قانداقمۇ ئومۇم ئېتراپ قىلىدىغان تەجىربە قاتارىغا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ، بۇنى پەقەت بالىلار تەجىربىسىلا قىلىشقا بولىدۇ›› دەپ پىسەنتىگە ئالمىغان. بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولغان.
1-رەسىم

شۇنداق قىلىپ بىز  ئەتىسىدىن باشلاپ جۈرئەتنىڭ لايھەسى بويىچە، بىر تەرەپتىن ئىزدەنگەچ، بىر تەرەپتىن ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتۇق.
جۈرئەتنىڭ لايھەسى بويىچە پىقىرىتىپ تاشلىنىدىغان شارچە، ئالدى بىلەن تەكشى ئەينەك ئۇستىگە ئەركىن قۇيۇلۇپ دومىلاپ توختىغاندىكى ئېغىرلىق مەركىزى تېپىۋېلىنغاندىن كىيىن، شۇ ئېغىرلىق مەركىزىنى نوقتا قىلىپ، ئىككى مىللى چوڭقۇرلۇقتا تەشكەندىن كىيىن، دەل ئۇنىڭ قارشى تەرىپى يەنى ئەسلى تېپىلغان ئېغىرلىق نوقتىسىغا ئىنچىكە يىپنى پۇختا يەملەپ، ئۇنى ئېسىپ، ئۇنىڭ دەل ئاستىغا توغرا كەلگەن نوقتىسىدىن ئۇنىڭ قارشى نوقتىسىنى تېپىپ، شۇ نوقتىدىن يەنە بىر توشۈك تىشىپ، شارىكنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى رادىيوس قىلىش ئارقىلىق، شارىكنىڭ تەۋرىنىپ چۈشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى.
2-رەسىم.

3-رەسىم

ئىككى دانە ئوتتۇرسىدا يىڭنە ئوق بولغان قىسقۇچى ئوق ئارقىلىق، شارىكنىڭ پىقىراش مۇقىملىقىنى ساقلاپ قالغان ئاساسىدىكى بۇل ئارقىلىق، شارىكنى پىقىرىتىش مەقسىدىگە يىتىپ، ئاندىن ئالدى بىلەن ئىككى تەرەپتە شارىكنىڭ تۈشۈكىگە كىرگۈزۈلگەن يىڭنە تارتىلىپ، بۇلغا چاپلانغان رېزىنكە بىلەن تەڭ ھالەتكە كەلگەندە بۇلمۇ بىرگە تارتىلىدىغان، شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى تەرەپتىن تەڭ قۇيۇپ بىرىلىش ئۈنىمىگە يىتىش ئارقىلىق، شارىكنىڭ يەرنىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدە پىقىرىغان ھالەتتە، نورمال ئەركىن تاشلىنىش ئۈنىمىگە يىتىپ، سىناقنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىدى. بىز شۇ پىلان لاھىيە بويىچە تەييارلىق ئىشلىرىنى باشلاپ كەتتۇق.
ئىشلار تېخى يېرىم يولغا بارمايلا مىنىڭ ئائىلەمدە زورۇر ئىشىم چىقىپ قېلىپ، قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم.    شۇنداق قىلىپ جۇرئەت ۋاقتىنچە ئۆزى يالغۇز ئىشلەشكە مەجبۇر بولدى.
  9- ئاينىڭ 10- كۈنى مىنىڭ يەنە ئۇرۇمچىگە كىلىدىغان پۇرسىتىم كىلىپ قالدى. دەل شۇ ۋاقىتتا جۇرئەتنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە دوستلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن، تەجىربە ئۈسكىنىسى پۈتۈپ تەجىربە سىنىقىنى ئېلىپ بارىدىغان كۇنىگە توغرىلىنىپتىكەن. مەن ئۈلگۈرۈپ كەپتىمەن. تەجىربە ئاپتونۇم رايونلۇق مىللى تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقى تەرىپىگە جايلاشقان، يازغۇچىلار قوروسىدا ئېلىپ بېرىلىشقا تەييارلىنىپ بوپتىكەن. مەن كەلگەندىن كىيىن قالغان تەييارلىقلار پۈتۈپ سىناق باشلاندى. نەتىجىدە پولات شارىك مىنوتىغا 6000 ئەتراپىدا ئايلاندۇرۇلۇپ تاشلانغاندىن كىيىن، 1 مىتىر 27 سانتىمىتىر ئىگىزلىكتىن 18 سانتا ئايلىنش يونىلىشىگە ئوڭ تاناسىپ ھالدا ئېغىپ چۈشتى. بۇ نەتىجىدىن ھەممىمىز ھەيران قېلىشتۇق. چۈنكى ئاغدى دىگەندىمۇ بۇنچىلىك ئارلىقتىم شۇنچىۋالا ئېغىپ چۈشىشىنى مولچەرلىمىگەن ئىدۇق.
4-رەسىم

5-رەسىم

6-رەسىم

بىز قايتا-قايتا سىناق قىلىش جەريەنىدا پولات شارىكنىڭ تەخمىنەن 15 سانتا ئاغىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق ۋە بۇ نەتىنجىدن شادلاندۇق.
بۇ قېتىملىق تەجىربە سىنىقىغا ئەلدوست شىركىتىنىڭ دىرىكتۇرى ياسىنجان كېرەم، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى فىزىكا كەسپى ئۇقۇتقۇچىللىرىدىن مەمەت رىشات، خالمۇرات مۇئەللىملەر قاتنىشىپ، تەجىربىنىڭ نەتىنجىلىك بولغانلىقى يەكۈنلەندى. شۇنداقلا ئەمدى ۋاكىوم شارائىتىدا ئىشلەش پەيتىنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكى، مۇشۇ تەجىربە  ئاساسىدا ۋاكوم قۇرۇلمىسى ياساپ چىقىلسىمۇ نەتىنجىلىك بولدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئەلدوست شىركىتىنىڭ دىرىكتۇرى ياسىنجان، بۇ تەجىربە قۇرۇلمىسىنى ياساشقا كېتىدىغان خىراجەتنى شىركەتتىن چىقىردىغانلىقىنى، بۇنىڭغا دەرھال تۇتۇش قىلسا بولدىغانلىقىنى ، شۇنداقلا جۈرئەت ۋە مىنى شىركەتكە تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى ، بىزنىڭ بۇ تەكلىپكە قۇشۇلىشىمىزنى قايتا-قايتا سەمىمىيلىك بىلەن تەلەپ قىلدى.
7-رەسىم


مەن يۇرتۇمدا تىجارىتىمنى تاشلاپ كېلەلمەيدىغانلىقىمنى ئويلىغان بولساممۇ لىكىن قاسىم سىدىق ئەپەندىم ئوتتۇرغا قويغان، شەكىل نەزىريىسىنىڭ بالدۇرراق ئىسپاتلىنىپ چىقىشى ئۇچۇن، ئۆز سەۋيەمنىڭ تۆۋەن بۇلۇشىغا قارىماي، قانچىلىق ياردىمىم تەگسە شۇنچىلىق ياردەمدە بۇلۇش ئستىگى بىلەن، يۈرتتىكى تىجارىتىمنى تاشلاپ شىركەت خادىمى بۇلۇپ ئىشلەشكە رازى بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن دەرھال يۈرتقا قايتىپ تەييارلىق ئىشلىرىمنى پۈتتۈرۈپ، 10-ئاينىڭ 1-كۈنى شىركەتكە يىتىپ كىلىپ، 29- تېئورمىنىڭ ۋاكىومدا تەجىربە قىلىش ئۈسكىنىسىنى ياساشقا كىرىشىپ كەتتۇق.      
جۈرئەت 9-ئاينىڭ 25 – كۈنىلا يىتىپ كىلىپ بولغانكەن. بۇ 5 كۈن جەريانىدا تەجىربە قۇرۇلمىسىنىڭ لايىھە خەرىتىسىنى ئاساسەن پۈتتۈرۈپ بولغانكەن. شېركەتتىن رەخمىتۇللا كېرەمنى بىز بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. رەخمىتۇللا ئۆزى ئاق كۆڭۈل، تىرىشچان،قولى ئەپلىك يىگىت بولۇپ، سۇۋاركىچىلىقتىن، مانتىيورلىقتىن، خەۋىرى بولغاندىن سىرت مىخاينىكا جەھەتلەردىنمۇ قولى ئەپلىك ئىكەن. شېركەت يەنە بىر دانە ماشىنا چىقىرىپ بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ شوپۇرىمۇ يەنىلا رەخمىتۇللا ئىدى.  بىز ئۈچەيلەن لايھەگە ئاساسەن  ماتىريال سېتىۋېلىش ۋە سىتانوكچىلارغا زۆرۆر بولغان ئۇسكىنىلەرنى قىردۇرۇش ئىشلىرىنى بۇيرىتىۋەتتۇق.
  بىزگە ئەمدى بىر سېخ بولمىسا بولمايتتى، سېخ ئۈچۈن ئەلدوس شېركىتى ئىجارىگە ئالغان، ئولتۇراق ئۆي قورو تېمىنىڭ ئۇستىنى يېپىپ ۋاقىتلىك ئىسكىلات قىلغان ئۈچ بولۇڭ شەكلىدىكى، تەخمىنەن 20 كۇۋادىرات مىتىر چوڭلىقىدىكى ئۆي ( بۇنى ئۆي دىگەندىن كەپە دىسەك سەل مۇۋاپىق كىلەمدىكىن دەپ قارىدىم)نى بېكىتتۇق.
بىز ئۈچۈن مۇشىنچىلىك ئۆينىڭ چىققىنىمۇ خوشاللىنارلىق ئىدى، بىزگە چىرايلىق ئۆينىڭمۇ زۆرۇريىتى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەر مەركىزىگە يېقىن بولۇپ بەكمۇ قولايلىق ئىدى.
8-رەسىم

پىلان بويىچە بىز ۋاكىوم تەجىربە قۇرۇلمىسىنى، دىيامىتىرى 50 سانتىمىتىر كەڭلىكتىكى ئىككى مىتىر ئىگىزلىكتىكى   ئەينەك تۇرۇببا ئىچىگە ئورۇنلشتۇرۇپ، ئەينەك تۇرۇببىنى ۋاكوم قىلىش ئارقىلىق مەقسەتكە يەتمەكچى ئىدۇق، شۇ سەۋەپلىك بىز پۇتۇن ئۇرۇمچى تەۋەسىدە، مۇشۇ ئۆلچەمدىكى ئەينەك تۇرۇبىنىڭ بار يېرىنى سۈرۈشتۈرۈپ تاپالمىدۇق. بارغانلا يېرىمىزدە شىنجاڭ تەۋەسىدە بۇنداق تۇرۇبىنى تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتلارغا بۇيرۇتىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. بىز ئامال يوق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتقا بۇيرۇتماقچى بولدۇق ھەم بىر ۋاكالەتچى دۇكان بىلەن بۇيرۇتما توختامى تۈزۈپ قايتتۇق. بۇ جەرياندا بىز ئۈسكىنىگە كېرەكلىك زورۇرى بويۇملارنى سېتىۋېلىپ بىر چەتتىن ئىشقا كىرىشىپ تۇردۇق.
  قۇرۇلمىغا بولغان ئۆلچەم، نازۇكلۇق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ، تەلەپكە يىتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى. ئەمما بىز ئالدىنقى قېتىملىق ھاۋالىق شارائىتتا تەجىربە قىلغان تەجىربە ئۈسكىنىسىنى ئاساس قىلغان بولغاچقا، بۇ ئۈسكىنىنى ناھايىتى تېزلا ۋۇجۇتقا چىقىرالايمىز، دەپ بەكلا ئاددى ئويلاپ قالغان ئىكەنمىز.  ئەمىلىيەت بىزنىڭ پەرىزىمىزدىكىدىن نەچچە ھەسسە مۇرەككەپ ۋە قىيىن توختاپ كەتتى.
قۇرۇلمىنىڭ ئەڭ نازۇك يېرى بولغىنى يۇقۇرىدىكى 2-رەسىمدا كورسىتىلگەندەك بولۇپ . ئۇنىڭ تاشلاش ھالىتىدە چوقۇم يەر  يۈزىگە تىك ھالەتنى ساقلىشى، ھەم جەزمەن ئىككى تەرەپتىن تەڭ قۇيۇپ بىرىشنى ئىشقا ئاشۇرىشى شەرت بولۇپ، مۇشۇ جەريانلارنى ئورۇنداپ بولۇش جەريانىدىكى ئەنە شۇ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پىقىرىتىش سېستىمىسى پولات شارىكنى يەر يۈزىگە تىك بولمىغان ھالەتتە تاشلىۋاتمەسلىگى شەرت ئىدى. ئەگەر ئۈچىنىڭ بىرى كەم بولىدىكەن بۇ تەجىربە كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلمەيتتى. ئۇسكىنىنىڭ مۇشۇنداق شەرتلىك ئولچەمدە ،بولۇپمۇ شارىكنىڭ ئەركىن چۈشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماق تولىمۇ مۈشكۇل ئىش ئىكەنلىكىنى، بىز كىيىن ھېس قىلدۇق.
ئۈسكىنىنىڭ مۇشۇنداق نازۇكلۇك دەرىجىسى يوقۇرى بولغاچقا، لازىملىق ماتىرياللارنى بۇيرۇتۇپ ياسىتىدىغانلىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپ تەبىئى ھالدا يۇقۇرى بولاتتى، تەلەپ يۇقۇرى بولغانچە بىز زاكاس قىلماقچى بولغان ئىشنى قىلىپ بىرىدىغانلار ئىش زاكاس قىلىشنى رەت قىلاتتى. ئامالسز چوقۇم ئىستانۇك بىلەن قىرىلىپ چىقىدىغانلىرىنى يوقۇرى باھا بىلەن زاكاس قىلغاندىن باشقا سۇۋاركىلاش، كىسىش ، ئىشلىرىنى ئۆزىمىز قىلىشقا توغرا كەلدى.  بۇ جەھەتتىكى تېخنىكا، تەجىربىمىز يىتەرلىك بولمىسىمۇ ئولچەملىك چىقىرىشقا تىرىشتۇق. ئەمما يەنىلا تېخنىكا تەجىربىمىزنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەپلىك تېخنىكىسى يۇقىرىراق سۇۋاركىچى ئۇستىلارنى ئىزدىدۇق. ئەپسۇس ھېچقايسى ئۇستاملار بىزنىڭ بۇنچە نازۇك قۇرۇلمىمىزنى سۇۋاركىلاپ بىرىشنى خالىمىدى. ئامال يوق بىز ئۇنى يەملەپ مۇقىملاشتۇرۇپ سۇۋاركىلاپ باقتۇق، شۇنداق قىلىپ بىر قىسىملىرىنى مۇۋاپىقىيەتلىك سۇۋاركىلىدۇق. ئەمما داتلاشماس پولاتنىڭ پوستى نىپىز بولغاچقا ئاز قىسمىنى سۇۋاركىلاش جەريانىدا تېشىپ قويدۇق. بىز يەنە قايتا ئۆلچەپ كىسىپ سۇۋاركا تەگمەيدىغان ئورۇندىن  يەملەپ (سۇۋاركا قىلىندىغان ئورۇنغا يىلىم تىگىپ قېلىشقا بولمايدىكەن، ئۇنداق بولمايدىكەن سۇۋاركا قىلىنغاندا تېشىلىپ كىتىدىكەن) يەنىلا بىزگە سۇۋاركىلاپ بىرىشنى خالايدىغان سۇۋاركىچى ئۇستىلەرنى ئىزدىدۇق، ئاخىرى بىر پېشقەدەم ئۇستام بىزنىڭ يالۋۇرۇشلىرىمىزغا قاراپ كۆڭلى ئىرىپ قالدىمۇ، تەلىپىمىزگە تەستىراق قۇشۇلۇپ قالدى. سۇۋاركا مىللىمىتىر ئولچىمىگە تولۇق توشمىسىمۇ بىز ھەر ھالدا خوشال بولدۇق.
ۋاكىئوم ھالەتتە تاشلانغان شارىكنى، قول بىلەن تۇتۇپ تاشلاش قۇرۇلمىسىغا قىستۇرۇپ قۇيۇشقا بولمايدۇ-دە ئەلبەتتە. شۇڭا جۇرئەت بۇ جەھەتتە تولىمۇ ئەتراپلىق ئويلىغان بولۇپ، تاشلانغان شارىكنى ئېلىپ تاشلاش قۇرۇلمىسىغا  ئاپتوماتىك قىسىپ قويىدىغان قولدىن بىرنى لايھەلىگەن بۇلۇپ، بۇ قولغا قويۇلىدىغان ئۆلچەم تەلەپمۇ يوقۇرى ئىدى. ئۇنىڭ كەسمە يۈزى چوقۇم 90 گىرادۇس ھەم تەكشى بولىشى تەلەپ قىلىناتتى . ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئاپتوماتىك قولنىڭ بىلىكى قىيپاش سوزۇلۇپ قالغاننىڭ ئۇستىگە قىسىلىۋېلىپ، ئۇزىراش-قىسقىراش بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىشتا توسالغۇغا ئۇچراپ، سىناقنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چقىشىغا تەسىر كۆرسىتەتتى. تەلەپكە لايىق كىسىپ بىرىدىغان ئۇرۇننى ئىزدەپ يۈرۈپ ئاخىرى  يىپىلىق كىسىش ماشىنىسى بار  ئورۇننى تېپىپ كەستۇردۇق. بۇنىڭ توختاتقۇچى چېكىلىكىنى يەنىلا ئوزىمىز سۇۋاركىلاشقا مەجبۇر بولدۇق. ھەم ئارتۇق كەلگەن جايلىرىنى ئىكەك بىلەن ئىكەپ يۈرۈپ كەلتۇردۇق. مۇشۇ ئىشلارنى پۇتكۈزىش ئۈچۈن ئاخشاملىرى سائەت 12 لەرگىچە ئىشلەپ يۈرۈپ بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقتىمىز سەرىپ بولدى. بۇ جەرياندا سىتانۇكقا بۇيرۇتقان نەرسىلىرىمىزمۇ پۈتۈپ قالغان بولۇپ قۇراشتۇرۇشقا كىرىشسەكلا بولاتتى.
  بىز ئەسلى پىلان بويىچە ۋاكىوم قىلىدىغان ئەينەك تۇرۇببا توختام بويىچە ئۇزۇنلىقى ئىككى مىتىر دىيامىتىرى ئەللىك سانتا بولىشى كېرەك ئىدى. بىز شۇ بويىچە ئۈسكىنىلەرنىڭ ئۆلچىمىنى لايھەلەپ ۋە بىر بۆلىكىنى ياساپمۇ بولغان ئىدۇق. ئەسلىدىكى بېكىتكەن كۈنى بىز مالنىڭ كەلگەنلىك ئۇقتۇرشىنى تاپشۇرۇپ ئالالمىدۇق. بىز سەل گۇمانسىرش ئىچىدە نىمە ئىش بولغاندۇ؟ ئەجەپ خەۋەر قىلمايدىغۇ؟ دىيىشىپ بېرىپ سۈرۈشتۈرۇپ باقايلى دەپ زاكاس قىلغان ۋاكالەتچىنىڭ دۇكىنىغا قاراپ يولغا چىقتۇق. كۆڭلۈم بىرخىل ئەنسىرەش ئىچىدە كىتىپ باراتتىم. ‹‹ نىمىشكە خەۋەر قىلمايدىغاندۇ؟ تۇربا كەلگۈچە چېقىلىپ كەتمىگەندۇ؟›› دىگەن ئەنسىرەش چۇلغىۋالدى. ئەمما يەنە ئۆزەمگە ‹‹ ئۇنداق بولمىغۇر خىياللارنى قىلماي›› دەپ ئۆز- ئۆزەمگە  ئەسكەرتەتتىم.
ئەمما ئۇلار كەلتۇرگەن ئەينەك تۇرۇببىنى كۆرۇپ ھەيرانلىقىمىزدىن تۇرۇپلا قالدۇق ، كۆز ئالدىمىزدا ئون سەككىز كۈن كۈتۈپ كۆرگىنىمىز ئىككى مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دىيامىتىرى بەش سانتىمىتىر كىلىدىغان ئەينەك تۇرۇببا ئىدى. بۇ بىزگە شۇنداق ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن كۆرۈنۈپ كەتتىكى- خۇددى ئەينەك ئىستاكاننى ئىككى مىتىر سوزۇۋەتكەندەكلا بىلىندى. بۇنىڭغا قاراپ يا كۈلىشنى يا ئاچچىقلىنىشنى بىلمەي دۇكاندارغا قارىغىنىمىزدا دۇكاندارنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ دۇدۇقلىغان ھالدا ‹‹سىلەر بۇيرۇتقىنى مۇشۇنداقمىدى؟›› دېۋىدى ئەرۋايىمىز ئۇچۇپلا كەتتى. بىز ئىككى ئاي ئىچىدە  تېز سۈرئەتتە بۇ تەجىربە ئۇسكىنىسىنى ياساپ چىقىمىز يېڭى يىلغا ئۇلگۈرتىمىز دەپ،  ئەتتىگەن تۇرۇپ ئىشلىگىلى تۇرساق كەچ سائەت 10 لارغىچە ئارام ئالمايتتۇق. مانا ئەمدى كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ ئىشنى كۆرۈپ قانداقمۇ غەزەپلەنمەي تۇرالايمىز؟. بىز ‹‹ سىلەر نىمە قىلىپ قويدۇڭلار›› دەپ توختامنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ‹‹ سىلەر بىزنىڭ ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلۋەتتىڭلار بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم جاۋاپكار بولىشىڭلار كېرەك››، دىگىنىمىزدە دۇكاندار ‹‹كەچۈرۈڭلار زاۋۇت تېلفوندا دىگەن ئۇچۇرنى خاتا چۈشۈنىۋېلىپ ئاقىۋەتتە مۇشۇنداق ئىشنى قىلىپ قويۇپتۇ، خاتالىق زاۋۇت تەرەپتە بىز سىلەرنىڭ زاكالەت پۇلۇڭلارنى قايتۇرۇپ بىرەيلى›› دەپ ئۈزرە ئېيتتى. بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كەيپىياتىمىزدا بۇنى قانداقمۇ قوبۇل قىلالايمىز. بىز ‹‹زاكالەت پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ بىرەيلى؟ بىزگە پۇل ئەمەس ئەينەك تۇربا كېرەك. ئىشنى ئاخساتقىنىڭلار ئۈچۈن تولەم بىرىڭلار بولمىسا سوتتا كۆرۇشەيلى>> دەپ چىقىپ كەتتۇق. كىيىن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ۋە نۇرغۇن ئاۋارچىلىقلارنى كۆزلەپ سوتقا ئەرز قىلىشتىن شېركەت ۋاز كەچتى ۋە زاكالەت پۇلنى قايتۇرۋالدۇق. دۇكاندارمۇ بۇ ئىشتىن تولىمۇ خۇرسەن بولغىنىنى بىلدۇرۇپ قايتا- قايتا ئەپۇ سورىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئەينەك تۇرۇببا ئىشلىتىش پىلانىمىز سۇغا چىلاشتى. بىز ئەمدى بۇنىڭغا ئەسلى ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كەلگۈدەك تومۇر تۇرۇببا ئىشلەتمەكچى بولۇپ، ماس كىلىدىغان تومۈر تۇرۇببىنى ئىزدەشكە كىرىشتۇق. جۇرئەت بىلەن رەخمۇتۇللا ئىككىسى 8-ئاۋغۇست پولات تۈمۈر زاۋۇتىغا بارغان ئىكەن، ئۇ يەردە بۇنداق پارچە تۈمۈر ساتمايدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. ئۇلار  ۋاكالەتچى شېركەتلەرنى ئىزدەپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلغاندىن كىيىن بۇ تۇنۇشمىغان يەردە تىنەپ- تەمتىرەپ يۈرۈپ، بىر ئادەم شالاڭ جايدىكى  تومۇر –تېسەكلەرنى دۆۋىلەپ قويغان جايغا كىلىپ قاپتۇ. ئۇلار سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ئادەم ئىزدەپ تۇرغان پەيتتە، يوغان بىر ئىت ئېتىلىپ كىلىپ ئۇلارنى شۇنداق سەت قورقىتىۋېتىپتۇ. ھېلىمۇ ئىتنىڭ ئىگىسى ئۆيدىن ئۈلگۈرۈپ چىقىپ ئىتنى چاقىرۋېپتۇ ۋە نىمىشقا كەلگىنىنى سورىغاندىن كىيىن ‹‹ سىلەرگە لازىملىق تومۈر تورۇبا بۇ يەردە بار بولسىمۇ ئەمما ئۇنى كىسىپ پارچىلاپ ساتمايمىز. سىلەر ئەڭ ياخشىسى كېرەكسىز تومۇر-تېسېكلەرنى يىغىۋېلىش ئورنىغا بېرىپ ئىزدەپ بېقىڭلار ›› دەپ يول كۆرسىتىپتۇ. شۇنداق ئورۇننىڭ قەيەردىلىكىنى سورىغاندىن كىيىن، شۇ تەرەپكە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. مۇشۇ جەرياندا ئۇلار ئەتىگەن يىگەن تاماق بىلەن بولغاچقا، قورساقلىرى ئېچىپ تاراقشىپ كىتىپتۇ. مۇسۇلمانچە ئاشخانىلارنىڭ بۇ تەرەپتە يوقلىغىنى ئۇلار ئويلاپ كۆرمىگەن ئىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇلار زاۋال ۋاقتى بىلەن، ئۈرۈمچىنىڭ شىمالى تەرىپىگە جايلاشقان سۇجۇ يولى ئەتراپىدىن، تۈمۈر-تېسەكلەرنى يىغىۋىلىپ ساتىدىغان چوڭ بىر بازارنى تېپىپ، شۇ جايدا لازىملىق تۇربىنىڭ بارلقىنى كۈرۈپ، كۆڭلى جايىغا چۈشۈپ قايتىپ كەپتۇ. ئۇلار قايتىپ كەلگىنىدە ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغان بولۇپ، قوساقلىرى ئېچىپ ھالىدىن كەتكەندە، ئاران تاماق بار يەرگە كىلەلەپتۇ.
بىز ئەتىسى ئۇ تۈمۈر-تېسەك يىغىپ سېتىش ئورنىغا بېرىپ، بىزنىڭ تەلىپىمىزگە مۇۋاپىق كىلىدىغان تۈمۈر تورۇببىنى ئىزدەپ تېپىپ، كەستۈرۈپ ،مۇشۇنداق ئۈسكىنىلەرنى سۇۋاركىلايدىغان ئورۇننىڭ قەيەردىلىكىنى سورىغىنىمىزدا  تومۇر تەسەك ساتىدىغان خوجايىن، ئۇ يەر يېقىندىلا مەن سىلەرنى باشلاپ  ئاپىراي، دەپ بىزنى باشلاپ ئاپىرىپ قويدى. بىز ئىشلىرىمىزنىڭ ئەمدى سەل ئوڭۇشلۇق بولىۋاتقانلىقىدىن خوشاللىنىپ، ئۇ باشلاپ بارغان جايغا يىتىپ باردۇق. بىز بۇ يەرگە يىتىپ كەلگەندىن كىيىن قاراپ ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇق.   بىر كوچىنىڭ كۈن چىقىش پىشىنىڭ ئون مىتىر كەڭلىكتىكى يۈز مىتىر كەلگۈدەك جايدا، تومۇر تېسەك پىشىقلاپ ئىشلەيدىغان خەنزۇلار ئىگەللەپ تىجارەت قىلىدىكەن.  بىرسى قىلغىنىنى يەنە بىرسى قىلمايدىكەن، خۇددى ئىش تەقسىماتىنى بولىشىۋالغادەك، بىز ئېلىپ بارغان تۇربىنىمۇ ئۇ يەردە پەقەت شۇ بىرسىلا سۇۋاركىلايدىكەن. ئۇنىڭ سۇۋاركىلاش تېخنىكىسىمۇ ھەقىقەتەن يوقۇرى ئىكەن.
شۇنداق قىلىپ بىز ئۇنىڭغا 1800يۇەنگە ئۈچ كۈندە پۇتتىرىدىغانغا پۇتۇن سۇۋېركا ئىشلىرىنى زاكاس قىلدۇق.   

بىز ئەمدى تۇڭ( تومۇر تۇرۇبىنى بىز تۇڭ دەپلا ئاتىدۇق)نىڭ ئولچىمى بويىچە ياسىغان ئۈسكىنىلەرنى قۇراشتۇرۇشنى باشلىدۇق. تۇڭ ئىچىگە ھەرقايسى ئۈكۈنە سېستىمىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن پولات چىۋىقتىن ئىسكىلىت ياسىدۇق. ۋە ئىسكىلىتنى تەگلىككە ۋېنتا بىلەن چاتتۇق.  




مىخاينىك قول شارىكنى ئاستىدىن قىسىپ ئېلىپ، ئۈستىدىكى پىقىرتىپ تاشلىغۇچقا دەل توغرا يەتكۈزۈپ بىرىپ، شارىكنىڭ تاشلىنىدىغان يولىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ تۇرىشى ئۈچۈن، بىرقانچە خىل ھەركەت شەكلىنى ئورۇندىشى كېرەك بولاتتى.


  بۇنداق ھەركەت چوقۇم دەل توغرا بولىشى كېرەك بولۇپ، ھەربىر ئۈگىگە بىر ئىككىدىن سەزگۈر ئۈزچات ئورنىتىلىپ ھەركەت ھالىتىنى ئاپتوماتىك ئورۇندىتىلىشى كېرەك ئىدى. بىز مەملىكىتىمىزدە ئىشلەنگەن سەزگۈر ئۈزچاتنى ئەرزان دەپ سېتىۋالغان ئىدۇق، ئەمما گىرىنىڭ چىقىمى ئىككى دىگەندەك بۇ ئۈزچاتلار دەسلىۋىدە نورمال ئىشلەيتتى، ئەمما سىناق بىر- ئىككى قېتىم تەكرارلانغاندا، ئورۇندا ئۆزگىرىش بولۇپ  ھەركەت نىشانلانغان دەل ئورۇنغا يىتىپ بارالمايتتى، ياكى ئاشۇرۋېتەتتى. بىر ئورۇندىكىسىنى ئالماشتۇرساق يەنە بىر ئورۇندىكىسىدىن چاتاق چىقاتتى. بۇ ئىش بىزنى شۇنداق بىزار قىلۋاتتىكىن .... خاپىلىقىمىزدىن پۈتۈن سەزگۈر ئۇزچاتلارنى سۆكىۋېلىپ ھەممىسىگە ياپوننىڭ ئۈزچاتلىرىنى ئالماشتۇردۇق، شۇندىلا مىخاينىك قولنىڭ ھەركىتى نورماللىشىپ بىرئاز ئارام تاپتۇق.
شارىك قىسقۇچنىڭ شارىكنى تېز سۈرئەتتە ئايلاندۇرغان پەيتتە، ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ مەركەزدىن قېچىش (شارىكنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى مۇتلەق توغرا تېپىش، بىز ئۈچۈن مۈمكىن ئەمەس) كۈچىنىڭ تەسىرىدە تەۋرىنىش سەۋەبىدىن، شارىكنىڭ تەۋرىنىشىنى كېمەيتىش ئۈچۈن، جۈرئەت ئارلىققا يۈزى سىلىقلانغان قەغەز يۆگەشنى، ئالدىنقى قېتىملىق ئۈسكىنىدە ئىشلەتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈنىمى ياخشى بولغاچقا بۇ قېتىممۇ شۇنداق ئۇسۇلنى ئىشلەتتۇق.
9-رېسىم



  داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.

0

تېما

2

دوست

511

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27402
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 162
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 11:28:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى كۈرۈشكە تەشنا،،،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

94

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   31.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8755
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 19
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 12:29:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم  ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى  ئاسان قىلغاي !  ناھايتى  ياخشى بىر  ئەسەر  ئۇقۇدۇم،  سىلەر ئۈچۈن مەن ھاياجانلىنىۋاتىمەن.  ھارمىغايسىلە

2

تېما

3

دوست

3323

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6729
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 102
تۆھپە : 959
توردىكى ۋاقتى: 453
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 13:31:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-15 16:23  

دىمەككە ئاسان بولغىنى بىلەن قىلماق ئاسانغا توختىمىدى. تەلەپكە لايىق سىلىق قەغەزنى تېپىشمۇ بىر ئەۋارچىلىق بولدى. بۇ خىل قەغەزنى چوڭ تىپتىكى پىرىنتىر قەغەزلىرىنى توپ ساتىدىغان ئورۇنلار قەغەز ئورام ئۈچۈن ئىشلىتىدىكەن. بىز قىزىل ئوكتەبىر بازىرىدىن بۇ خىل قەغەزنى تېپىپ كەلدۇق. بۇنى ئورىغاندا كۆپ ئورىلىپ كەتكەندە بول ئىچىگە پاتمايتتى، ئاز بۇلۇپ قالسا قىسىش ئولچىمىگە توشمايتتى. قەغەز ئولچەملىك ئورالغان تەغدىردىمۇ بۇل ئىچىگە سېلىپ بولغىە پۇرلىشىپ كەتسە يەنە بولمايتتى. بىز خېلى كۆپ ۋاقىت ۋە قەغەزلەرنى ئىسراپ قىلغاندىن كىيىن ئاران بۇل ئىچىگە قەغەزنى ئوراپ سالالىدۇق. ئەمما بۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن سۇۋاركىلاشقا توغرا كەلدى. سۇۋاركىلىساق بۇل ئىچىگە ئورناتقان قەغەز كۆيۈپ كەتسە بولمايتتى، بىز ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن تېز سۈرئەتتە سۇۋاركىلاپ سوۋۇتۇپ مۇقىملاشتۇردۇق. ئەمدى ئۇنىڭ پارالىل-گورزىنتال يونىلىشلىرىنى ئۇدۇللاپ توغرىلاشقا ئاۋال كۆز بىلەن، كىيىن لازىر نۇر بىلەن تەڭشەش ئېلىپ باردۇق. ھەممە ئىشلار كۆڭۇلدىكىدەك بولدى دەپ قارىغاندىن كىيىن، بۇ قۇرۇلمىنى ئومۇمى گەۋدە ئىسكىلىتىقا ئورۇنلاشتۇرۇپ سىناپ باقتۇق. دەسلەپكى سىناق بەكمۇ ياخشى بولدى.  بىز بۇنىڭدىن خوشال بولۇپ سىناقنى داۋاملاشتۇرغان ۋاقتىمىزدا مەسىلە بىر-بىرلەپ كۆرۈلىشكە باشلىدى. پىقىرىتىپ تاشلانغان شارىك يەر يۈزىگە تىك ھالەتتە چۈشمەي ئالدى كەينىگە ئتىلغان ھالدا چۈشىۋاتاتتى.
بىز بۇنى  بەلكىم شارىكنى تۇتۇپ تۇرغان يىڭنىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىغى تەڭ بولماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىپ ئۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى شارىكتىكى تىشىلگەن توشۇك بىلەن ئاساسەن باراۋەر قىلىپ ياساش ئۈچۈن مۇۋاپىق سىم ئىزدىدۇق. ئادەتتىكى سىملار يۇمشاق بولۇپ ئىشلەتكىلى بولمايتتى.( بىز ئەسلى ئىشلەتكەن سىم پولات سىم بولۇپ سەل ئىنچىكە ئىدى) ۋېلسىپىتنىڭ سىمىنى مۇۋاپق دەپ قاراپ ماس كىلىدىغان سىم ئىزدەپ ۋېلسىپىت سايمىنى ساتىدىغان دۇكان ۋە رېمۇنتخانىلارنى ئىزدەم تاپالماي سۇۋاركا چوكىسىغا كۆزىمىز چۈشتىدە سۇۋاركا چوكىسىغا ئورالغان قۇمنى تازلاپ چىقىرۋېتىپ  سىناپ كۆرىۋىدۇق بۇ تازا مۇۋاپىق كەلدى، ئەمما ئىش بۇنىڭ بىلەن ھەل بولمىدى. قىسىش قۇرۇلمىسىدا راۋان يۈرۈشمەسلىك كۆرۈلدى ، مۇقىملاشتۇرۇپ بولغان بۇلنى چىقىرىپ ئىچىدىكى قەغەزنى ئېلىپ كۆرىۋىدۇق ئەسلى سۇۋاركا قىلغان ۋاقىتتا بىر- ئىككى قەۋىتى كۆيۈپ كەتكەن ئىكەن. ھېي.... مىڭ جاپالارنى تارتىپ بۇ قەغەزنى ئورىۋىدۇق، ئەمدى بۇ ئىشنى يەنە تەكرارلىدۇق. شۇنداق قىلىپ شارىكنىڭ تاشلىنىشى بىرئاز نورماللاشتى، ئەمما تەلەپتىن تېخى يىراق ئىدى. بىز بۇ مەسىلىنى كىيىنگە قويۇپ تۇردۇق.
ئەمدى شارىكنىڭ ئاستى تەگلىككە قانچىلىك ۋاقىتتا چۈشكەن ۋە قانچىلىك ئېغىش يۈز بەرگىنىنى ئېنىق سانلىق قىممەت بىلەن ئىپادىلەپ بىرىشكە بولىدىغان سېنزور ئورنىتىش زورۇر ئىدى. بۇنداق سېنزورنىڭ تەييار ياسالغىنى بولمىغاچقا بۇنىمۇ ئۆزىمىز ياساشقا توغرا كەلدى. شارىكنىڭ تاشلىنىش جەريانىدا زەخمىلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاستىغا كاۋچۇك قويغان ئىدۇق. باشقا ماتىريال ئىشلەتسەك مۇۋاپىق بولمايدىكەن دەپ يەنىلا كاۋچۇكنى ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئامال قىلايلى دەپ كاۋچۇكنىڭ ئۇستى تەرەپ يۈزىگە توك ئۆتكۇزىشى يەخشى بولغان، ھەم ئاسان بۇزلۇپ كەتمەيدىغان ماتىريال ئىشلەتمەكچى بولدۇق. نىمىنى ئىشلەتسەك مۇۋاپىق بولار؟ ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ گىرافىت ئىشلەتمەكچى بولدۇق ۋە شۇنداق قىلىپ سىناپ باقتۇق. ئەمما گىرافىت توكنى ياخشى ئۆتكۈزگىنى بىلەن كاۋچۇك يۈزىدە تۇتاشچانلىقى ياخشى بولماي، توكنى راۋان ئۆتكۈزۈپ بىرەلمىدى. ئەقلىمىزگە تۇنىكە قاچىلارنىڭ توشىكىنى يەملەيدىغان پىلاستىر (جاۋ دەي) كەلدى دە ، ئۇنى بىر مىللىمىتىر كەڭلىكتە ئون بەش سانتا ئۇزۇنلۇقتا كىسىپ سىناپ بېقىۋىدۇق بۇنىڭ توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى، يېپىشىشچانلىقى ياخشى بولۇپ چىقتى، ئەمما ئاسان تىتىلىپ كىتەتتى.
بىز بۇنىڭدىنمۇ ياخشى چارىرىنى تاپالمىغاچقا مۇشۇ ئۇسۇلنى ئىشلەتتۇق.
بۇ سېستىمىنىڭ جەريانىغا جۈرئەتنىڭ كۆپ زېھنى سەرىپ قىلىندى. بۇنىڭغا 256 دامە تۇراغلىق توك رېلى (جىدىەنجى) ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ (ئۆزگىرىشچان توك ئىشلەتكەندە سەزگۈرلىكى توۋەن بولغاچقا ئىشلىتىلمىدى) بۇنى ئۆزئارا توغرا چېتىپ چىقىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەسكەن. ئۈچ كىشى ساق بىر ھەپتىدە ئىشلەپ ئۇنى پۈتكۈزدۇق.

2

تېما

3

دوست

3323

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6729
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 102
تۆھپە : 959
توردىكى ۋاقتى: 453
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 13:32:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش






2

تېما

3

دوست

3323

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6729
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 102
تۆھپە : 959
توردىكى ۋاقتى: 453
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 13:45:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-15 14:11  

بۇنى كاۋچۇك يۈزىگە ئورناتقان ئاليومىن پىلاستىر تالچىسى بىلەن چاتقاندىن كىيىن شارىكنى تاشلاپ كۆرگىنىمىزدە شارىكنىڭ چۈشكەن ئۇرنى، ۋا ۋاقتىنى توغرا ئۇچۇر بىرەلىدى .  بۇ ئىشلار تۇگىگەندىن كىيىن بىز تەجىربە ئۈسكىنىسىنى ھاۋالىق شارائىتتا سىناپ كۆردۇق. ئەينى ۋاقىتتىكى تەسىراتىمىز بويىچە ‹نورمال تاشلاندى› . ۋاكىوم قىلىپ سىناپ باقساق بولىدىكەن دىگەن قاراشقا كەلدۇق.
ئەمدى ئاپتوماتىك قولنىڭ پولات شارىكنى تاشلاش قۇرۇلمىسىغا ئاپتوماتىك قىستۇرىشى ۋەزىپىسىنى تاماملىشىنى قانداق ئىجرا قىلدۇرۇش ئىشى بىر مەسىلە ئىدى، بىز دەسلىۋىدە قولنىڭ ئۆزىگە بىر ئۇچى يوگىلىپ توشۇك ھاسىل قىلىنغان  سىم بىلەن، ئىككى دانە سىمنى تاشلاش قۇرۇلمىسىنىڭ شارىك قىسىش يىڭنىسىگە تورا كەلتۇرەلەيدىغان قىلىپ ئورناتماقچى بولدۇق، ئەمما بۇنداق قىلغاندا سىمنىڭ شۇ ئۇرۇندا مۇقىم تۇرالىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماق تەسكە توختايدىغانلىقىنى ئويلىشىپ، ئۇنى يەنىلا بۇلنىڭ ئاستىغا مۇقىملاشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق ۋە شۇ بويىچە ئىش ئېلىپ باردۇق. بىز بۇ نىڭغا ساقال دەپ ئىسىم قۇيىۋالدۇق. بىزگە بۇ ساقالمۇ خېلە جاپا سالدى . ئۇنى مۇقىملاشتۇرغاندا ئىگىز-پەس ئوڭ-سول تەرەپكە دەل ئۇدۇل كەلتۈرۈلمىگەندە مىخاينىك قول شارىكنى تاشلاش قىسقۇچىغا دەل يەتكۈزىپ بىرەلمەتيتتى.

مۇشۇ ئىشلارنى تاماملاپ بولغىچىلىك 12-ئاينىڭ 10- كۇنلىرىگە ئۇلىشىپ قىش كىرىپ سوغوق چۈشۈپ بولدى. بۇ ئۈچ بۇرجەك ئۆي بىزنى ئەمدى سوغوقتىن دالدا قىلالماي قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۆي پاكار بولغاچقا تومۇر تۇرۇببىنى ئىسكىلىتقا كېيدۈرۈشكە بولمايتتى . بىز ئۈسكىنىنى خېشۇن رايونىدىكى ئىجارىگە ئېلىنغان ئۈچ قەۋەتلىك بىر بېناغا يوتكەپ ئىلىپ كەلدۇق. ھېلىمۇ ياخشى بۇ بېنانىڭ ماشىنا ئىسكىلاتى خېلى ئىگىز بولۇپ ئىگىزلىكى بەش مىتىردىن ئاشىدىكەن . بۇ بىزنىڭ پولات تۇربىنى كىران ئارقىلىق ئىسكىلىتقا كەيدۇرۇش مەشغۇلاتىنى تەكرار ئىشلىشىمىزگە تازا ماس كەلدى. پولات تۇربىنى بىرقانچە قېتىم كېيدۇرۇپ ماسلاشتۇرۇپ، ھاۋالىق شارائىتتا  بىرقانچە قېتىم سىنىغاندىن كىيىن، ئۇسكىنىنىڭ يەر شارى يۈزى بىلىن بولغان پارالىلىغىنى، سۇ يۈزىنىڭ تەڭپۇڭلىغىنى ئۆلچەم قىلىپ لازىر نۇرى بىلەن تەڭشىۋېلىپ، شەيتان بېكىتىپ ئورۇننى مۇقىملىۋالغاندىن كىيىن، ۋاكىوم قىلىپ كۆردۇق. تۇنجى نوۋەتلىك ۋاكىوم قىلغاندا بىرئاز جىددىلەشتۇق. ئەگەردە تۇرۇبىنىڭ بىرەر يېرىدىن ھاۋا كىرىپ كەتسە يەنە بىرمۇنچە ئاۋارچىلىققا ئۇچرايتتۇق. لىكىن ۋاكىوم ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى. ۋاكىومدا تۇنجى قېتىم سىنىغىنىمىزدا شارىك 5 سانتا ئەتراپىدا ئېغىپ چۈشتى. بىز بۇ نەتىجىدىن خوشال بولۇپ قاسىم سىدىق ئەپەندىم ۋە ياسىنجان دىرىكتورنى خەۋەرلەندۈردۇق. ئۇلارمۇ بۇ خەۋەردىن بەكمۇ خوشاللانغان ئىدى، بولۇپمۇ قاسىم سىدىق ئەپەندىم خوشاللىقىدىن بۇ نەتىجىنى ئالدىراپلا تور بەتلىرىگە تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە چىقىرىۋەتكەن ئىدى. لىكىن بىز رەسمى ئېلان قىلىشقا تېخى سەل بولدۇر دەپ قاراشقان ئىدۇق، چۈنكى بۇنداق ئېغىشنىڭ بىزگە نىسبەتەن بىرئاز گۇمانلىق تەرىپى باردەكلا قىلاتتى. چۈنكى بىزنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىمىز مۇشۇ بولغاچقا بۇ جەھەتتىكى ھەربىر ئىچىكە نوقتىلارغا دېققەت قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان ئىدۇق.
بىز ئىشلىرىمىز مۇشۇ دەرىجىگە يەتتى ئەمدى بىر تەپسىلى بىر كۈزىتىپ باقايلى دەپ، قايتا-قايتا سىنىغاندىن كىيىنلا ئاسان سېزىۋالغىلى بولمايدىغان، ئەمما ئىنتايىن موھىم، سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلىنى بايقىدۇق. بىز نەچچە ۋاقىتتىن بېرى نورمال تاشلاندى دەپ قارىغان شارىك ئەمىليەتتە توۋەن تەرەپكە قويۇپ بىرىلگەن شۇ دەقىقە ئارلىقىدا يەنىلا مەركەزدىن قاچما كۈچنىڭ تەسىرىدە ئېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئىلگىركى قىلىنغان سىناقتىكى ئېغىپ چۈشكەن ئارلىقلار ئەمىلى ئېغىپ چۈشكەن سان ئەمەس ئىدى. بىز ئۇسكىنىنى قايتا-قايتا تەڭشەپمۇ شارىكنىڭ ئۇدا تىك ھالەتتە تاشلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدۇق. بىز يازغۇچىلار قوروسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋالىق شارائىتتىكى سىناق فىلىمىنى ئەكەلتۇرۇپ كۆرۇپ باقتۇق. بىز فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىنلا ئىشنىڭ تىگىگە يەتتۇق.
بىز دەسلەپتىكى يازغۇچىلار قوروسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋالىق شارائىتتىكى سىناقنى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى دەپ قارىغان ئىكەنمىز. چۈنكى شۇ قېتىملىق سىناقتا پىقىرتىپ تاشلىغان پولات شارىك ھەر قېتىمدا  17سانتىمىتىر ئەتراپىدا ئېغىپ چۈشىپ بىزنى ئالداپ قويغان ئىكەن. بىز بۇنى سىن كورۈنىشىنى تەپسىلى كۈزەتكەندىن كىيىنلا ھېس قىلالىدۇق. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ روھىمىز چۈشۈپلا كەتتى. ھېلىمۇ ياخشى بىز بۇ قېتىملىق سىناق نەتىجىسىنى رەسمى ئېلان قىلمىغان ئىكەنمىز. ئەسلىدە پىقىرىتىپ تاشلىغان شارىكنى قىسىپ پىقىراتقان ئوق پىقىرىتىپ تاشلاش جەريانىدا يەر يۈزىگە تىك ھالەتتە تاشلىماستىن، مەركەزدىن قاچما كۈچنىڭ تەسىرىدە شارىكنى ئېتىپ چىقىرىۋەتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ يونىلىش، ئېغىش ئارلىقلىرىنىڭ ھەر قېتىمدا ئوخشاش ھالەتتە تەكرارلىنىشى بىزنى تا ھازىرغىچە ھەيران قالدۇرماقتا.  بىز سىن كۆرۈنىشىنى تولىمۇ كىچىكىپ كۆرگىنىمىزدىن ئەپسۇسلاندۇق. (سىنغا ئالغۇچى سىن فىلىمىنى ۋاقتىدا ئەكىلىپ بەرمىگەن ئىدى، بىزمۇ بەك جاۋىمىغان ئىكەنمىز.)
شۇنىڭ بىلەن تەجىربە ئۈسكىنىسىنىڭ قۇرۇلمىسى جەھەتتە قايتا ئويلىنىشىمىزغا توغرا كەلدى. مۇشۇ پەتتە قاسىم سىدىق ئەپەندىم  بىربولۇك موھىم ئەرباپلارغا ئۇقتۇرۇش قىلۋېتكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ 2013-يىل 12-ئاينىڭ 29-كۈنى  تەجىربە ئەھۋالىنى كۆرگىلى كىلىدىغانلىقىنى،بىزنىڭ تەييارلىق قىلىپ قويۇشىمىزنى ئۇقتۇردى.  ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ ئۈسكىنە پۈتمىدى دىيەلمەيمىز. پۇتتى دىسەك كۆرۇلگەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېخى تاپالمىدۇق. بىز قاسىم سىدىق ئەپەندىمگە ‹‹ ئۇسكىنىدە ئازراق مەسىلە بار، قوزغالغان ۋاقىتتا پۇتكۇل ئۈسكىنىنىڭ تىترىشى بەكلا ئېغىر بەلكىم سىناق قىلغاندا مەسىلە كۆرىلىشى مۇمكىن ›› دەپ ئۆزىمىزنىڭ ئەندىشىسىنى بىلدۇردۇق، قاسىم سىدىق ئەپەندىم ئەنسىرمەڭلار بۇ قېتىملىقى پەقەتلا بىر تونۇشتۇرۇش، نەتىجىنىڭ قانداقلىقى موھىم ئەمەس. دىگەندىن كىيىنلا بىز بىر قېتىملىق سىناق يۈزىسىدىن تەجىربە قىلىشقا قوشۇلدۇق ۋە تەييارلىق قىلىشقا كىرشىتۇق. ئۇسكىنىنىڭ چالا قالغان جايلىرىنى بولۇپمۇ ئاستىغا ئورنىتىدىغان كاۋچۇكقا ئورۇنلاشتۇرغان سېزىم سېنزورىنى كېچىنى كۇندۇزگە ئۇلاپ يۈرۈپ ئەتە مېھمانلار كىلىدۇ دىگەن ئاخشىمى سائەت 12 لەردە پۇتتۇردۇق. ئەتىسى دىگەندەك شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدىن، مەمەت رىشات، خالمۇرات ئازات، ۋە بىر بولۇك ئوقۇغۇچىلار. مىجىت ناسىر ئەپەندىم ، پەن تەتقىقات جەمىيىتىدىن بولۇپ ئەللىك نەچچە ئادەم تەجىربىنى كۆرگىلى كەلدى، كۆڭلىمىزدە بىرخىل ئەندىشىنىڭ سايىسى ئەگەىپلا تۇراتتى.

2

تېما

3

دوست

3323

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6729
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 102
تۆھپە : 959
توردىكى ۋاقتى: 453
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 13:55:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
















2

تېما

3

دوست

3323

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6729
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 102
تۆھپە : 959
توردىكى ۋاقتى: 453
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 13:58:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-16 10:05  

چۇنكى ئۇسكىنىنىڭ قانداقلىقى بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە ئەڭ ئايان ئىدى. ئىلىم-پەنگە ساقتىلىق ئاقمايتتى، بىز ‹‹نىمە بولسا شۇنى كۆرسىتىشكە تەييارالىق قىلىپ قويدۇق››، دىگەن بىلەن ھەممىمىز ئىچىمىزدىكى ئەندىشىنى بىلەتتۇق. شۇنداق قىلىپ بىرقۇر تونۇشۇشلاردىن كىيىن ئۈسكىنىنى ۋە مەقسەتلەرنى جۇرئەت بىرقۇر تونۇشتۇرۋېتكەندىن كىيىن ئىشنى باشلىدۇق، ۋاكىئوم ماشىنىسى قوزغۇتىلدى، يېڭىدىن چىققان بۇ ئۈسكىنە خېلى ئىلغار بولۇپ، بىر سائەت ئىچىدە ئىگىزلىكى ئىككى مىتىر، دىيامىتىرى ئەللىك سانتا كىلىدىغان پولات تۇربىنىڭ ئىچىدىكى ھاۋانى شۈمۈرۈپ تەخمىنەن %85 ۋاكىئوم ھالەتكە كەلتۇرۇپ بولدى. بىز ئەمدى سىناقنى باشلىساق بولار دىگەن پىكىرگە كەلگەندىن كىيىن، جۇرئەت ۋاكىئوم ماتورىنى توختاتتى. مەسىلە دەل مانا مۇشۇ يەردىن چىقتى. روھى جەھەتتىكى جىددىلىك تۇپەيلىدىن بولسا كېرەك، جۇرئەت ماتورنى ئىتىدىغان ۋاقىتتا ئالدى بىلەن ھاۋا جۈمىكىنى ئىتىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. مەن ئىچكى كۆرۈنىشنى كورسىتىدىغان  ئېكرانغا قاراپ تۇرغان بولغاچقا ئىكراندا بىرخىل سويۇقلۇقنىڭ تۇربا ئىچىگە فونتاندەك ئېتىلىپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆېدۇمدە – جۇرئەت، باكنىڭ ئىچىگە سۇيۇقلۇق كىرۋاتىدىغۇ- دىدىم جىددى ھالدا.
- ۋاي ئاپلا- جۇرئەت دەرھال بېرىپ ۋاكىئوم ماتۇرىنىڭ جۈمىكىنى ئەتتى فونتان توختىدى، ئەمما كېچىككەن ئىدۇق.
ئەسلىدە ۋاكىوم ماتۇردا ماتورنى سىلىقلايدىغان ۋە ھاۋانى سۈزىۋالىدىغانغا  ماتورنىڭ ئىچىگە 300 گىرامچە كىلىدىغان سىلىقلاش ئاپتولى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ماتور توختىتىلغاندىن كېيىن، تۇربا ئىچىدىكى بېسىم كۈچىنىڭ تەسىرىدە بۇ ماي تەتۇرگە يېنىپ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىكەن. نەچچە كۇن جاپالىق ئىشلەش بەدىلىگە كەلگەن سېزىمچان سېنزور بىر قېتىم ئىشلىتىلمەيلا ئەنە شۇنداق كېرەكتىن چىقتى. ماينىڭ تەسىرىدە شارىك مايلىشىپ ئۈستىگە قىسىشقا ئىمكان بولمىدى. قويۇپ بىرىش سېستىمىسىمۇ ھەركەتلەنمەي قويدى. پۇتكۇل سىناق شۇنىڭ بىلەن مەغلۇپ بولدى!
مىجىت ناسىر ئەپەندىم بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۇپ بىزگە كۆپ تەسەللى بەردى ۋە مەغلۇبىيەت مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئانىسى سىلەر ياخشى قىلىپسىلەر ، مۇشۇنچىلىك قىلماقمۇ ئاسانغا چۈشمەيدۇ، مەيۈسلەنمەڭلار، يەنىمۇ تىرىشىڭلار ئۈسكىنىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كىيىن  نىسىپ بولسا مەن يەنە كىلىمەن دەپ بىزگە كۆپ ئىلھاملارنى بىرىپ قايتتى. بىز ئۇلارنىڭ بۇنداق توغرا چۈشىنىشىدىن تەسىرلەندۇق شۇنداقلا بۇ ئىشنى چوقۇم ئاخىرىغا ئېلىپ چىقىمىز دەپ ئىپادە بىلدۇردۇق، ھەم شۇنداق ئويلىدۇق.
ئۇلار قايتتى، بىز يەنىلا شۇ سېختا قالدۇق... ئېيتماققا ئاسان بولغان بىلەن بۇ قېتىمقى زەربە بەكلا ئېغىر كەلدى. بىز ئۈچ كۈنگىچە ئۈسكىنىنىڭ يېنىغا يولىمىدۇق.
بۇمۇ بىر ھېساپتا ياخشى بولدى، مۇشۇ جەرياندا بىز ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتىنى خېلى تۇراقلاشتۇرۋالغاندىن سىرت ئۈسكىنە ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش ۋە  ياساپ چىقىشقا ئىدىيە ۋە ۋاقىتقا ئىرىشتۇق. ئالدىراقسانلىق قىلىشتىن تەمكىن ئېغىر بېسىق ھالەتكە ئۆتۇپ، ھەربىر قىلغان ئىشىمىزنىڭ ئاقىۋېتىنى ئويلىشىدىغان بولدۇق.
توتىنجى كۈنى ئۈچىمىز بىر يەرگە كىلىپ ئەمدى قانداق قىلىش توغرىلىق ئۆز پىكىرلىرىمىزنى قۇيۇشتۇق. ھەممىمىز بىردەك پۇتكۇل قۇرۇلمىنىڭ ماتور ھەركەتلەنگەندە ئېغىر دەرىجىدىكى تىترەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى، قالغان ئىشنى شۇ ئاساستا ھەل قىلىپ كىتىشنى بىرلىككە كىلىپ، لازىملىق ماتىرياللارنى ئېلىش ئۈچۈن نەنزىگۇغا باردۇق. ساقىلىق قازان ئىزدەۋاتقىنىمىزدا بىز قەغەز ئورامنى كىرگۈزگەن بۇلغا ئوخشاپ كىتىدىغان نەرسە كۆزۇمگە چېلىقىپ قالدىدە بۇ نىمە دەپ دۇكانداردىن سورىدىم، دۇكاندار بۇ يۈرۈشمە ئۆقنى سالىدىغان ساقىلىق قازان دىدى. مەن جۇرئەتكە بۇنى كۆرۇپ بېقىڭا دەپ كۆرسەتتىم، جۇرئەت بۇنى كۆرۈپ ھوي بۇ ئەجەپ بەلەن نەرسىكىنا دەپ باھاسىنى سورىغىنىمىزدا دۇكاندار بۇنى كەلتۈرگىلى تخى ئۈچ كۈن بولدى، كورىيە مەھسۇلاتى، شۇڭا سەل قىممەترەك بىرسى ئاتمىش يۇەندىن دىدى. بۇ بىزگە قانداقمۇ قىممەت تۇيۇلسۇن، خۇددى بېكارغا بېرىۋەتكەندەك خوشال بولۇپ كەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل پىقىرتىپ تاشلاش سېستىمىسىنى بىكار قىلىپ، مۇشۇ بولسىمان ساقىلىق قازانغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى شۇ يەردىلا پەرەز قىلىشتۇقدە، شۇنىڭغا ماس كەلگۈدەك لازىملىقلارنى سېتىۋېلىپ قايتتۇق. جۈرئەت ئەمدى تاشلاش سېستىمىسى لايھەسىنى قايتا سىزىپ چىقماقچى بولدى، بۇ قېتىمقى لايھە ئەشۇ ساقىلىق قازان بۇلىنىڭ سەۋەبىدىن كۆپ ئاددىلاشقان بولغاچقا ئىككى كىچىدىلا پۈتۈپ چىقتى. جۈرئەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى قابىليىتىگە ھەقىقەتەن قايىل بولماي تۇرالمايمىز.
2014-يىل 1- ئاينىڭ 9- كۈنى شايار ناھىيىسىدىن دېھقان سۇۋاركىچى ھۈسەنجان سېپىمىزگە قوشۇلدى. ھۈسەنجانمۇ ئۇزۇندىن بېرى 29- تىيورمىغا قىزىقىپ كىلىۋاتقان ھەۋەسكار بۇلۇپ، تور بەتلەردە ۋە QQ  دا 29- تىيورما توغرىسىدا ئۇچۇرلىشىپ تۇراتتۇق، ھەم ئۆزىمۇ بۇ جەھەتتە ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئۇسۇللار بىلەن تەجىربىلەرنى قىلىپ باققان ئىدى. ھۈسەنجاننىڭ كىلىشى بىزگە يېڭى كۈچ قوشقان ئىدى، ئۇنىڭ سۇۋاركىلاش جەھەتتىكى تېخنىكىسى يوقۇرى بولۇپ بىزدىكى ئەڭ ئاجىز نوقتىنى تولۇقلىغان ئىدى.
بىز بىرلىكتە بۇرۇنقى تاشلاش سېستىمىسنى چۇۋۇپ تەييار قىلدۇق. چۇۋۇش دىگەن نىمانداق ئاسان، ئۈچ ئاي ئىشلەپ قۇراشتۇرۇپ پۈتكۇزگەن نەرسىنى بىر سائەتتىلا ئايرىپ پارچىلاپ بولدۇق.




لايھە بويىچە ئىككى سانتا قېلىنلىقتىكى ئۇيۇل تومۇرنى تەگلىك قىلىپ بولنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئۇدۇللاشتۇرۇپ تەڭشىۋالدۇق. ئىشقىلىپ نازۇك جايلار ئاساسەن باشقىدىن ياسىلىپ چىقتى، ئىلگىركى تەجىربە ۋە تەييار ماتىريالنىڭ بولشى سەۋپلىك بۇ قېتىم ئۈسكىنىنىڭ تەييار بولىشى خېلى تېز بولدى. ھەم ئىلگىركىگە قارىغاندا مۇستەھكەم بولۇپ پۇتۇن قۇرۇلمىنىڭ تىترىشى زور دەرىجىدە كېمەيدى.
13-رېسىم

ئاستىدىكى سەزگۈچ سېنزور  ماي چىقىپ كىتىش سەۋەبىدىن پۇتۇنلەي كاردىن چىققان بولۇپ، ئەمدى بۇ خىل لايھەنىڭ مۇۋاپىق كەلمەيدىغىنىنى، قايتا يېڭى لايھە تېپىشىمىز لازىملىقى، ۋە بۇخىل لايھەنى قوللانغاندا چوقۇپ كوپ قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولىشى بىزگە ئايان ئىدى. بىز توتەيلەن بىرلىكتە تۇرۇپ ھەرخىل لايھەلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقتۇق. ئاخىرىدا يوگىلىدىغان قەغەزنى ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، تېلفون پۇلىنى ئاپتوماتىك تولەيدىغان ماشىنا چىقىرىپ بىرىدىغان تالۇن قەغىزىنى ئىزدەپ تېپىپ، شۇنىڭ يوگىلىشى ئارقىلىق ئۇچۇرنى ساقلاپ قالىدىغان قىلدۇق. قەغەز يوگەش سېستىمىسىنىڭ ئۇستى پولات تاختا بولۇپ، ئۇنىڭ شارىك چۈشىدىغان يېرىگە بىر مىللىمىتىر كەڭلىكتە، توت سانتا ئۇزۇنلۇقتا يوچۇق ئېچىلىپ بۇ يوچۇقتىن ئاستى تەرىپىگە ئورنىتىلغان قېرىنداش قەلەم ئۇستى تەرىپىگە يېپىلغان تالۇن قەغىزىنىڭ ئاستىغا سىزىق سىزىپ، شارىكنىڭ پىقىراتماي ئەركىن تاشلانغاندىكى ئورنىنى بىكىتىپ بىرىدۇ، شارىك پىقىرتىپ تاشلانغاندا چۈشكەن ئورۇنغا ئىز قالدىرىدۇ. (بۇ خىل قەغەزنىڭ شۇنداق ئىز قالدۇرىدىغان ئالاھىدىلىكى باركەن)
14-رېسىم

تومۇر تاختا ئۈاستىدا ئىككى دانە پىچەك(غالتەك) ئىز قالدۇرۇپ بولغان ئۇرۇننى ئىچىگە يوگەپ ئېلىپ كىرىپ كىتىپ يەنە يېڭى ئىزسىز ئۇرۇننى ئىز چىقىرىشقا تەييارلاپ بىرىدۇ.


مۇشۇ بىرقاتار تەرتىپلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولۇنغاندىن كىيىن ئۇنىڭ سىم يوللىرى    كونتىرول سۇپىسىغا چېتىلدى.
15-رېسىم




كونتىرول سۇپىسدا قىرىق دانە ئۇزچات بولۇپ بۇ 171 دانە رىلى بىلەن تۇتاشتۇرىلغان .  تۇربا ئىچىدىكى ماتورلار، چىراقلار، مىخاينىك قول قاتارلىقلار ئاپتوماتىك  باشقۇرۇلۇپ سىناقنىڭ ۋاكىومنى بىكار قىلمايمۇ تەكرار ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. پۇتكۇل سۇپا ئاساسەن جۇرئەتنىڭ زېھنى، ئىختىدارى، ئەمگىگى بەدىلىگە پۇتكەن بولۇپ، سىم يوللىرىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلىقىلا تەخمىنىەن 1000 مىتىر كىلىدۇ، بەزىلەر چاقچاق قىلىپ ‹‹ جۈرئەت سەن كوچىدا ئۇچرىغانلىكى سىمنى تېرىپ كىلىپ مۇشۇنىڭ ئىچىگە چېتىۋالدىڭمۇ نىمە›› دىيىشەتتى.
بىز ئەمدى بۇ يېڭىلانغان ئۈسكىنە بىلەن  تەجىربىنى سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن ھاۋالىق شارائىتتا سىناپ كۆردۇق. ھەرقايسى سېستىمىلارنىڭ ئىشلەش ئەھۋالى نورمال بولۇپ پۇتكۇل ئۈسكىنىنىڭ تىترىشى زور دەرىجىدە كېمەيگەن، شاۋقۇنىمۇ توۋەن، ھەم مۇقىىم ئىشلەۋاتاتتى، شارىكنى تاشلىغان ۋاقىتتا بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى بولسىمۇ قايتا-قايتا سىناش نەتىجىسىدە يەنىلا مەسىلىنىڭ تۇپتىن ھەل بولمىغىنىنى سەزدۇق.
بىز پىكىر يۈگۈزەتتۇق، پىكىر يۈرگۈزگەچ بەزى ئىنچىكە نوقتىلارغا زۆرۈر بولغان ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ باردۇق. يەنىلا مەسىلە ھەل بولمىدى، ئوق شارىكنى پىقىرىتىپ ئەركىن قۇيۇپ بىرىلگەندە شارىكنىڭ تىك ھالەتتە چۈشىشى پەقەت %30 ئەتراپىدا بولۇپ قالغانلىرى مەركەزدىن قاچما كۈچنىڭ تەسىرىدە قويۈپ بىرىلگەن ھامان ئېتىلىپ چىقىپ كىتەتتى. بىز ئاخىرى تونۇپ يەتتۇقكى، مۇشۇنداق ئىشلەش پىرىنسىپى ئاساسىدا شارىكنىڭ ئەركىن تاشلىنىشىدا بىز ھەرگىزمۇ كۆزلىگەن نىشانغا يىتەلمەيدىكەنمىز. بىز ئەمدى قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟  مەن كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق باشقىچە بىرخىل تاشلاش قۇرۇلمىسىنىڭ لايھەسىنى تېپىپ چىقتىم، ئەگەر ئۇنى ياساپ چىقالىغىنىمىزدا مەركەزدىن قاچما كۈچنىڭ تەسىرىدە ئېتىلىپ چىقىپ كىتىدىغان مەسىلىنى تامامەن ھەل قىلىپ كەتكىلى بولاتتى. ئەمما ئۇنىڭغا ئەمدى ۋاقىت يىتىشمەيتتى، ئەلدوست شىركىتىنى بۇنىڭغا يەنە مەبلەغ چىقىرىشقا بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىز ئۇنمايتتى. ھېلىمۇ شېركەت بەرداشلىق بەردى، دىرىكتور ياسىنجان كېرەم ئىلىم سۆيەر ياخشى نىيەتلىك، سەۋرىچان ھەقىقى ئەر ئىكەن. يەتتە ئاي شېركەت ئۈچۈن بىر تىيىنلىق كىرىم قىلىپ بىرەلمىگەن بىزدەك ئۈچ-تۆت ئادەمنىڭ ياتىغىنى، مۇئاشىنى بىرىپ، قاتناش خىراجىتىنى چىقىرىپ، ئۈسكىنىنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى كۆتۈرۈپ، كۆڭۈل بولۇپ پايلاشتى. بىز ئەمدى يەنە ئۈسكۈنىنى مۇنداق ئۆزگەرتىلى دىگىلى يۈزىمىز چىدىمىدى.
  قانداق قىلىش كېرەك؟ ئالتە ئاي ئاتقان پاختام بىر پوغا يارىمىدى دەپ، بۇ ئۈسكىنە بىلەن تەجىربە سىنىقىنى نوپۇزلۇقلارنىڭ ئالدىدا سىناق قىلساق قىلغان ئەجرىمىزنى بىر تىيىنغا ئەرزىگۈسىز قىلۋېتەتتى. بىز تالاي قېتىملاپ سىناق قىلىشنى توختۇتۇپ ، ھازىرقى مۇشۇ ئۇسكىنىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا  ئۈنىملىك ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدەندۇق. جۈرئەتنىڭ تەكلىپى بىلەن ھەربىر تاشلانغان شارىكنىڭ ئېغىش بۇلۇڭىنى ھېساپلاپ چىقىش ئۈچۈن، شارىك تاشلىنىدىغان ئاستىن تەرەپكە سېزىمچان لازىر نۇرى ئورنىتىپ،  شۇ ئارقىلىق ئارلىقنى ھېساپلاپ چىقىرىشقا ئىمكانىيەت ياراتماقچى بولدۇق ۋە ئالدى –ئارقىغا بەش يۈرۈشتىن ئۇن يۈرۈش لازىرنۇرى سېستىمىسىنى ئورناتتۇق. سىناق قىلىش ئارقىلىق بۇ ئۇسۇلنىڭ ھەقىقەتەن ئونۈمى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ.  ئەسلىدىكى ئون يۈرۈش سەزگۈر لازىر نۇر سېستىمىسىنى كۆپەيتىپ 50 يۈرۈشكە، ئېنىقلىق دەرىجىسىنى  تەخمىنەن 0.05 مىللىمىتىر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ   مۇقىملىماقچى بولدۇق. ئەمما لازىر نۇر چىرىقىنىڭ سۈپىتى ناچار بولۇپ بەزىلىرىنى ئورنىتىپ بولغىچىلا كۆيۈپ كىتەتتى، ھەر بىر چىراقنى سەزگۈچ لامپىغا ئۇدۇللاپ يەملەپ مۇقىملاشتۇرۇپ ئىككى ئۈچ قېتىم سىنىغاندىن كىيىنلا كۆيۈپ كىتەتتى. ئىككى يۈز دانىدىن ئارتۇق چىراقنى ئىشلىتىپ تۈگەتتۇق، يەنىلا بولمىدى. ئامالسىز ئىچكىرىدىن سۇپەتلىكراق بولغان لازىر نۇرلۇق چىراقنى بۇيرۇتۇپ شۇنى ساقلاپ تۇردۇق.
مەن ئىچكىرىدىن كىلىدىغان لازېر نۇرلۇق چىراق يىتىپ كىلىپ بولغىچە بولغان ئارلىقتا، ئۈسكىنىنىڭ پارچە-پۇرەت ئىشلىرىنى قىلغاچ ۋاقىت چىقىرىپ ياسىنجانغا تەجىربە قۇرۇلمىسىنىڭ تاشلاش سېستىمىسىنىڭ باشقىچە بىر لايھەسىمۇ بارلىقىنى، لىكىن بىز خىجىل بولۇپ ئوتتۇرغا قۇيالمىغىنىمىزنى دىۋىدىم ئويلىمىغان يەردىن ياسىنجان، ‹‹نىمىشقا بۇرۇن كاللاڭلارغا كەلگەن ھامان بۇنى ماڭا دىمەيسىلەر، ھېلىمۇ كېچىكمەيمىز بۇرۇنقىسىنىمۇ ساقلاپ قالايلى، كىيىنكىسىنىمۇ چوقۇم ياساپ چىقىپ ھەر ئككىسىنى قوللۇنايلى، بىز بۇ تەجىربە قۇرۇلمىسى ئۈچۈن ئاز كۈچ، ۋاقىت، مەبلەغ  سەرىپ قىلمىدۇق، ئەمدى ئەشۇ كىچىككىنە قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ ياخشى بولغان بىر لايھەنى ئىشلەتمىسەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولمامدۇ›› دەپ سەل كايىپ  قالدى، بۇنداق جاۋاپقا ئىرىشىشىمنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم، مەن ياسىنجاننىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرى ئۈچۈن شۇنچىلىك  سويۈنىدىغان، ئەھمىيەت بىرىدىغان، سېخىلق قىلىدىغانلىقىغا قايىل بولدۇم، ئوزەمنىڭ ئەينى ۋاقىتتا دادىل بولالمىغىنىمدىن ئوكۈندىم.
بۇ ئارلىقتا جۈرئەت مەكتىۋىدىن جىددى چاقىرتىلىدى، جۇرئەت قايتىپ كەلگەندىن كىىيىن بىلدۇقكى ئەسلىدە مەكتەپتىن ئۇنى شاڭخەي داتوڭ پولات تۈمۇر شېركىتى خىزمەتكە تاللانغان ئىكەن، ئۇ بۇ تەكلىپنى مۇشۇ تەجىربە ئۈسكىنىسى ۋە ئەلدوست شېركىتىنىڭ ئىلىم – پەن ئىشلىرىنى قوللاۋاتقانلىقىدىن تەسىرلىنىپ،  بۇ شىركەتتە داۋاملىق ئىشلەشكە نىيەت باغلاپ رەت قىلۋېتىپتۇ. شۇنداقلا بىر پارچە ئىلىكتىرونغا ئائىت كىتاپنى ئېلىپ كىلىپ ئۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشقا بەل باغلىغىنىنى ئېيتتى. مەن بۇ ياشنىڭ يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي ئىرادىسىنىڭ ئۇلۇقۋارلىقىدىن خوشاللاندىم، ئەگەر ياشلىرىمىزدىن مۇشۇنداق ياشلار تېخىمۇ كۆپرەك چىقسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى-ھە.
4-ئاينىڭ 13 –كۈنى لازېر نۇرلۇق چىراقمۇ يىتىپ كەلدى. بۇ قېتىم كەلتۇرۇلگەن چىراق نۇرىنىڭ ئىنچىكىلىگى، مۇقىملىغى، چىدامچالىقى جەھەتتە ھەقىقەتەن ياخشى بولۇپ چىقتى. بىز ئەمدى بۇ چىراقنىڭ ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىشلىرىنى قىلىۋاتقىنىمىزدا جۈرئەتنىڭ ئائىلىسىدىن تېلفون كىلىپ مومىسىنىڭ قازا قىلىپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى يەتكۈزدى، ‹‹ئاللاھ موماينىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي ئامىن››. بۇ قايغۇلۇق خەۋەردىن ھەممىمىز قايغۇردۇق.  جۈرئەت جىددى  يۇرتقا قاراپ يولغا چىقتى. چىراقنى ئورنىتىدىغان ئىشنى ھۈسەنجان بىلەن ئىككىمىز داۋاملاشتۇردۇق.
4- ئاينىڭ 17- كۈنى جۇرئەتمۇ يۈرتتىكى ئىشلارنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلدى. ۋە چىراقلارنى ئورنىتىش ۋە تېخنىكىلىق ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ 24- چىسلادا تولۇق تۈگەتتۇق. بىز ھاۋالىق شارائىتتا لازىر نۇرلۇق چىراقنىڭ ئېغىش ئارلىقىنى ھىساپلاشقا بولغان ياردىمىدە قايتا-قايتا سىناق قىلىش ئارقىلىق،  ھاۋالىق شارائىتتا بىر مىتىر 36سانتىمىتىر ئىگىزلىكتىن مىنۇتىغا 6000قېتىم ئوز ئوقىدا ئايلاندۇرۇپ ئەركىن تاشلىغاندا يەتتە يېرىم مىللى ئاغىدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇردۇق. ۋە 4-ئاينىڭ 29- كۈنى ھاۋالىق شارائىتتىكى سىناقنى رەسمى توختاتتۇق. ۋاكئوم تەييارلىقىنى پۈتكۈزگەندىن كىيىن 30-چىسلادىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ۋاكىومدا سىناپ كۆردۇق. نەتىجىدە ئۆز ئوقىدا پىقىرىتىپ ئەركىن تاشلانغان  پولات ساقىنىڭ ۋاكىومدىمۇ ئاغىدىقانلىقى تولۇق ئىسپاتلىنىپ چىقتى. يەنى ھاۋالىق شارائىت بىلەن ئوخشاش بولغان شەرت ئاستىدا ۋاكىئومدا بەش مىللىمىتىر ئەتراپىدا ئېغىپ چۈشتى. دىمەك ھاۋانىڭ تەسىرى تەخمىنەن %30 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى دەسلەپكى قەدەمدە يەكۈنلەندى.
29-تىيورمىنىڭ ۋاكىئومدا سىناق قىلىدىغان يەنە بىرخىل لايھەسىنىمۇ ياساپ كۆردۇق، بۇ لايھە بويىچە تاشلانغان شارىك ھەقىقەتەن ئىلگىركى تاشلاش قۇرۇلمىلىرىدىن ياخشى بولۇپ، تاشلاش كۆزلىگەن مەخسەتكە ئاساسەن يېقىنلاشتى ئەمما بۇنىڭغىمۇ لازىر نۇرلۇق چىراقنى ئورنۇتۇش زورۇر بولغاچقا يەنىلا ئىلگىركى قۇرۇلمىنى ساقلاپ قېلىپ ئەشۇ ئاساستا سانلىق قىممەتكە ئىرىشمەكچى بولدۇق.  

شۇنداق بۇ ئىشنى ئىشلەش جەريانىدا يەنە باشقا خىل تاشلاش قۇرۇلمىلىرىنىڭ لايھەسىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالىدۇق ئەمما ئۇنى كىيىنگە قالدۇردۇق.
شۇنداق قىلىپ بىز 29-تىيورمىنىڭ ئىسپاتلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلدۇق، تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا مەيۈسلىنىپ توختاپ قالمىدۇق، ئەكسىنچە ئىرادىمىز  تېخىمۇ كۈچىيىپ ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. بىز ئاخىرى غەلبىنى قولغا كەلتۇردۇق.  ئاللاھ نىسىپ قىلسا  تېخىمۇ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۇرەلىشىمىزگە ئىشەنچىم كامىل.
شۇنداق! بىز نەتىجە قازاندۇق. قىلىمىز دىگەن ئىشىمىزنى قىلالىدۇق، ئىشىمىزدىن ئۈنۈم كۆرەلىدۇق. بىز قىلىپ كەلگەن، قىلدۇق، قىلالايمىز، بىز تىرىشىدىغانلا بولساق ئۇلۇقۋار ئىشلارنىمۇ ۋۇجۇتقا چىقىرالايمىز.
مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىرىشكەن دەسلەپكى نەتىجە بىلەن ( بۇ نەتىجىلەر تېخى نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ ئېتراپنامىسىغا ئىرىشمىدى) قاسىم سىدىق ئەپەندىمنى تەبرىكلەيمەن، ئەلدوست شېركىتىنى تەبرىكلەيمەن، ئەلدوست شىركىتى تەتتقىقات گورۇپپىسىدىكى مۇشۇ تۇرگە قاتناشقان بارلىق خادىملەرنى تەبرىكلەيمەن.
ئەمدى ۋاكىئومدا 29-تىيورمىچە ئېغىش يۈز بەرمەيدۇ دەپ قارىغۇچىلار ۋە شۇنداق دەۋاتقانلارغا شۇنى دەيمەنكى ‹‹زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.
ئېغىشنىڭ قىممىتى ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.››
ئەگەر يەنە جاھىللىق قىلىپ ئاغمايدۇ دىگۈچىلەر بولسا كارامىتىڭىزنى كۆرسىتىپ ئوخشاش شەرت ئاستىدا پولات شارىكنى ئاغدۇرماي تاشلاپ بېقىڭ. چوقۇم ‹‹مانا ئاغمىدى›› دىيەلىشىڭىز كېرەك. بىز ھېچ بولمىغاندا دەسلەپكى قەدەمدە  ئىسپاتلىدۇق. ئىسپاتىمىز بار. سىزمۇ چوقۇم شۇنداق دىيەلىشىڭىز كېرەك.

  بىز تەجىربىنىڭ  ئەمىلى ئەھۋالىغا كىيىنكى راۋاجىغا قاراپ كۆپچىلىككە داۋاملىق خەۋەر يەتكۈزۈپ تۇرىمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )