- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35297
- نادىر
- 19
- يازما
- 1761
ئۆسۈش
63.24%
|
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلارجەمئىيىتى بىلەن قومۇل ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان«قومۇل ئەدىبلىرى ئىجادىيەت سىمىنارىيەسى» 2014-يىلى 6- ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ يازغۇچىلارجەمئىيىتىنىڭ ئۈرۈمچى جەنۇبىي تاغدىكى «ئىجادىيەت مەركىزى»دە باشلاندى.
بىز قومۇلدىن 20 نەپەر يازغۇچى، شائىر، تەرجىمان ئۈرۈمچىنىڭ گۈزەل يايلىقى ساپ ھاۋالىق جەنۇبى تاغ ئېتىكىدە جەم بولدۇق. داچا شەكلىدە سېلىنغان بۇ ئازادە جەمگاھ بىزنى خۇددى ئۆز ئائىلىمىزدەكلا قىزغىن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈلدۈردى. گەرچە بىر شەھەر، بىر ماكاندا تۇرۇپمۇ سىردىشالمايدىغان قومۇل قەلەمكەشلىرىگە تەقدىم قىلىنغان بۇ كاتتا پۇرسەت ھەممىمىزنى چەكسىز ھاياجانلىق دەملەرگە باشلاپ كىردى. 6-ئاينىڭ15-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:30 دە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ئىجادىيەت مەركىزىگە كېلىپ سىمىنارىيەنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، سىمىنارىيە قاتناشچىلىرىغا ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئەدەبىي لېكسىيە سۆزلەپ بەردى. سىمىنارىيەنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت – ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەيبۇ ياقۇپ، قومۇل ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخەت ئىبراھىم، ئاراتۈرۈك ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرغۇن گايىت ۋە قومۇل دىيارىدىن كەلگەن يازغۇچى، شائىرلاردىن بولۇپ 20 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
بۇ قېتىملىق سىمنارىيىگە كەلگەندىن باشلاپ ئۆزەمنىڭ زىممىسىدىكى مەسئولىيەتنىڭ نەقەدەر يۈكسەكلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. بولۇپمۇ ئازات سۇلتان مۇئەللىم سۆزلىگەن لىكسىيەدىن ئالغان تەسىراتىم تولىمۇ چوڭقۇر بولدى. ئاددى بىر ھەۋەسكار قەلەمكەش بولۇش سۈپىتىم بىلەن تېخىمۇ تىرىشىشم كېرەكلىكىنى ۋە نىمىنى يېزىشىم لازىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تولۇق ھېس قىلىپ يەتتىم. بۇ بىر قانچە كۈنلۈك پائالىيەتلەردىن ئالغان تەسىراتلىرىمنى ۋە خاتىرە كارتىنىلىرىنى مۇنبەرگە يوللاپ قەلەمكەشلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.
2014-يىلى6-ئاينىڭ15-كۈنى ئۈرۈمچى جەنۇبىتاغ
|
|