- تىزىملاتقان
- 2014-1-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2333
- نادىر
- 0
- يازما
- 136
ئۆسۈش
11.1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا HALJAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-17 11:23
كازاك—تۈرۈكچە«باتۇر.ھۆر ئادەم »دېگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.كازاك ئەسلىدە مىللەت نامىنى بىلدۈرمەيدۇ.ئۇ بىر ھەربىيلەر گۇرۇپپىسنىڭ نامى.كازاك تەركىبىدە پولەك.تاتار،ئوكرائىن،ۋە كۆپ ساندىكى روسلار بار.ئۇلار دەسلەپ دۈشمەنلەرگە ۋە ئېزىلشقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يىغلغان ھەربىي قوشۇن.كېيىن چاررۇسىيە پادىشاھى ئۇلارنىڭ باتۇرلىقنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارنى ئوسمان تۈركىلىرى ۋە تاتارلارغا قارشى ئۇرۇشقا سالغان.كازاكلامۇ نەچچە تۈرگە ئايرىلىدۇ.ئۇلار ئۇزۇن يىل ئۇرۇش قىلش ئارقىلىق ھازىرقى كازاك مىللىتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.ۋە چاررۇسيە دەۋىردە مەخسۇس ئوتتۇرا ئاسيانى بۇيسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتلدۇ.ز (شىنجاڭغا قېچىپ كەلگەن ئاق گىۋاردىيە ئارمىيسمۇ كازاكلار) كازاكلار ھەرقايسى جاھان سوقۇشلىرىدا تولىمۇ باتۇرلۇق كۆرستىدۇ.ۋە سۇۋىت ئېتتىپاقى دەۋىردە ئەڭ كۆپ تەقدىرلەنگەن . قازاق بىلەن كازاك تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.نۇزۇگۇمنى تۇتقانلارنىڭ كازاك بولۇش بولماسىلىق تېخى ئېنىق ئەمەس.كىتابلاردا مانجۇ ئەسكەرلىرى دېيىلدۇ.كونىلار بەلكىم ئۇ زامانلاردا مانجۇ ئەسكەرلىرىنى شۇنداق دەپ ئاتاپ قالغان بولىشى مۇمكىن(كولۇمبۇمۇ ئامىرىكىنى ھېندىستان دەپ ئويلاپ يەرلىك خەلققە ھېندىئان دەپ نام قويۇپ قويغاندەكلە.بەلكىم ياللانما كازاك ئارمىيسمى بولۇشىمۇ مۇمكىن.كازاكلار ئۇيغۇر تارىخى ئۈچۈنمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن.ئىلى تارانچى سۇلتانلىقنى مەغلۇپ قىلغان دەل چۆل بۆرىلىرى—كازاكلاردۇر.كازاكلار توغۇرلۇق بىلمەكچى بولساڭلار ۋاقىت چىقىرىپ تولىستۇينىڭ «تېنىچ دون»نامىلىق رومانىنى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ. نۇزۇگۇمنى تۇتۇپ بەرگەنلەرنىڭ قازاق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى نوزۇگۇم1860ئەتىراپىدا شېھىت بولغان.1878يىللىرى قازاقلارنىڭ بىرقىسمى چاررۇسيەگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ مەغلۇپ بولۇپ ئىلى تارانچى سۇلتانلىقنىڭ سولتانلىقنىڭ سۇلتانى ئەلاخاندىن ياردەم سۇرايدۇ. ئەلاخان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆتۈشنى قوبۇل قىلىمىز دەپ ئۇلارنى غۇلجىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.چاررۇسيە قازاقلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدۇ .ئەلاخان بۇنى نۇمۇس دەپ قاراپ رەت قىلدۇ.شۇنىڭ بىلەن چاررۇسيە بىلەن ئۇرۇش پارتىلاپ ،قىلچ، ئارا،توقماق بىلەنلا قوراللانغان باتۇر تارانچى ئەزمەتلىرى دەسلەپكى كەتمەن ئۇرۇشنىڭ غەلبىسنى قولغا كەلتۈرىدۇ(كەتمەن جاي نامى .ھازىر قازاقىستانغا قارايدۇ) لېكىن قورال ياراقنىڭ ناچارلىقى ۋە ئىچىكى خائىننىڭ سەۋەبى تۈپەيلى كازاك ئارمىيسى ئاخىرىدا غۇلجىغا باستۇرۇپ كېلىپ.ئەلاخاننى تۇتقۇنلىققا تۇتىدۇ. |
|