بىز 2014-يىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا غۇلجا ناھىيە ئارا ئۆستەڭ يېزا بۇلاقبېشى كەنتىگە چىقىپ نۇزۇگۇمنىڭ قەبرىسى دەپ ئاتىلىۋاتقان گۈمبەزنى يېرىم كۈن زىيارەت قىلغاندىن كېيىن شۇ گۈمبەزنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قۇمۇش قاپلاپ تۇرغان كۆللەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان تاغىمىز ساتتار مۇھەممەد ئاكا بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزنى رەسىملەر بىلەن قوشۇپ تور ئەھلىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغان ئىدۇق. تور ئەھلىگە مىڭ مۇرادى رەھمەتكى، ئۇلار ئەمگىكىمىزگە ناھايىتى ياخشى تىلەكلەر بىلەن ئىنكاسلار قايتۇردى.
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتىگەندە، توردىن نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسىنىڭ غۇلجا ناھىيەسى ئارا ئۆستەڭ يېزا بۇلاقبېشى كەنتىدە ئىكەنلىكىدىن ۋاقىپ بولغان بىر قانچە بۇرادەرلەر يىغىلىپ نۇزۇگۇمنىڭ گۈمبىزىنى زىيارەت قىلىشقا يەنە چىقىپ قالدۇق.
بىز ئارا ئۆستەڭ يېزىسىغا چىقىپ بۇلاقبېشى كەنتىگە قايرىلىپ كۆل بويىغا يېقىنلاشقىنىمىزدا قاراپ تۇرغاندەك ساتتار مۇھەممەد ئاكا ئالدىمىزغىلا چىقىپ قالدى. كەمسۆز، ئاچچىق كەچۈرمىشلىرىنى كۈلۈپ تۇرۇپ قىززىق قىلىپ سۆزلەپ بېرىدىغان ساتتار ئاكا بىزنى كۆرۈپ قىزىرىپ، ئېغىزلىرىنى ئۆمەللەپ گەپ قىلالماي قالدى. بالىلار ساتتار ئاكا بىلەن قول ئېلىشىپ، قىزغىن كۆرۈشۈپ ئۇنى ئورۇۋېلىشتى. مەن:
_ مانا نوزۇگۇم گۈمبىزىنىڭ تىرىك شاھىدى، نوزۇگۇم ھەققىدە بىزگە پاراڭ سېلىپ بەرگەن ساتتار مۇھەممەد ئاكا مۇشۇ، _ دەپ ئۇ كىشىنى تونۇشتۇردۇم.
ساتتار ئاكا نەگە ماڭغىنىنى ئۇنتۇپ بىزگە قوشۇلۇپ كەينىگە قايتىپ بىزنى باشلاپ چىرايلىق قورۇسىدىن ئۆتۈپ، قۇمۇشلۇق كۆل بويىغا، رەت-رەت تىكىلگەن ئورمانلار ئارىسىدىن نوزۇگۇم قەبرىسىگە قاراپ ماڭدى. ھويلىدا ساتتار ئاكىنىڭ ئايالى بىلەن كېلىنى داستىخان جاۋۇرلارنى كۆتۈرۈشۈپ تاماققا تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك تۇراتتى. بىز ئۇلار بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ ئۆتۈپ كەتتۇق.
مەن نوزۇگۇم قەبرىسىگە تۇنجى قېتىم چىققىنىمدا گۈمبەزنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان قۇمۇشلۇق كۆل بىلەن گۈمبەزنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان بۇ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىگە تازا زەن سېلىپ قارىمىغان ئىكەنمەن.
بالىلار ساتتار ئاكا بىلەن نوزۇگۇم ۋە نوزۇگۇم قەبرىسى ھەققىدە پاراڭلىشىپ ئورمان ئارىسىدىكى چىغىر يول بىلەن كېتىۋاتاتتى. مەن ئۇلاردىن ئايرىلىپ نېرىدىن نوزۇگۇم گۈمبىزىنى تۇنجى كۆرۈۋاتقاندەك سەپسېلىپ تۇرۇپ قالدىم.
ئەتراپنى سانجاق قۇمۇشلۇق قاپلاپ كەتكەن بۇ كۆل نوزۇگۇم گۈمبىزىنىڭ ئىككى يېنىدا لەرزان مىدىرلاپ سالقىن شامال چىقىرىپ، قۇمۇشلىرىنى ئوينىتىپ چايقىلاتتى. ئەتراپقا قارىغان كىشى كۆپكۆك ئېقىۋاتقان سۇ، كۆككە تىكلەنگەن قويۇق ئورمان، يەلپۈنۈپ تۇرغان قۇمۇشلۇقتىن باشقا ھېچنەرسە كۆرۈنمەيتتى. نېمىدېگەن چىرايلىق ساياھەت مەنزىرىسى بۇ دەپ ئەتراپقا تويماي قاراپ كەتتىم.
گۈمبەز ئىككى كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئېگىزرەك دۆڭدە. گۈمبەزگە بېرىش ئۈچۈن كۆلنى بويلاپ مېڭىپ گۈمبەزنىڭ ئۇدۇلىغا بارغاندا، پەقەت بىرلا ئادەم ئۆزىنى تەڭشەپ ئۆتكۈدەك لىم ياغاچ ۋە چىملار بىلەن ياساپ قويغان كىچىك بىر كۆۋرۈك بار. بىز ساتتار ئاكىنىڭ يول باشلىشى بىلەن كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ گۈمبەزگە قاراپ دۆڭگە ياماشتۇق.
گۈمبەز قېشىغا كېلىشىمىز بىلەن بالىلار تەرەپ-تەرەپتىن گۈمبەزنى ئايلىنىپ تېلىفونلىرىدا رەسىمگە تارتىپ گۈمبەزنى كۆرۈشكە باشلىدى. ساتتار ئاكا قولىنى كەينىگە قىلىپ گۈمبەز قېشىدا مەغرۇر تۇراتتى. بالىلار ئۇنىڭدىن توختىماي سوئال سورايتتى. ساتتار ئاكا قويۇق تارانچى شىۋىسىدە بالىلارنى كۈلدۈرۈپ جاۋاب بېرەتتى. گۈمبەزنى كۆرۈپ بولۇپ قايتىشىمىزدا مەن ساتتار ئاكىغا:
_ ساتتاركا، ئۆتكەندە قىلغان زىيارىتىمىزنى ھەم سىز بىلەن بولغان پاراڭلىرىمىزنى تورغا بەرگەن، ناھايىتى ياخشى ئالقىشلارغا ئېرىشتۇق، ___ دېيىشىمگە،
_ ھە، مەنمۇ ئاڭلىدىم، ئاشۇنىڭدىن كېيىن خېلى جىق ئادەم چىقتى، قولى گۈل بالىلاردە سىلەر، مۇنۇ يەرنىڭمۇ خۇداغا ھالى يېتىپ قالغان چېغى، مۇنۇ ئەتراپقا قاراڭلار، جەننەتنىڭ ئۆزىغۇ، سىلەردەك قارا كۆزلەر جىق چىقسا مېنىمۇ ئاتمىش سەككىز ياشقا كىرگۈزۈۋەتتى، قالغان ئۆمرۈمدە بۇ تۆڭگۈرەكنى كىشىلەرنەڭ ھوزۇرىغا سۇنسام، سەيلى-ساياھەت قىلسا دېگەن ئۈمىدىم بار، _ دېدى.
ئارىمىزدا كىمدۇر بىرى:
_ مۇشۇنداق ئىشلارنى ھازىر ھۆكۈمەت بەك قوللايدۇ. ئالدى بىلەن ناھىيە ۋە يېزىدىن رۇخسەت ئېلىپ گۈمبەزنى بىر رېمونت قىلسا ، ___ دېيىشىگە، ساتتار ئاكا قىزىرىپ:
_ ۋوي سادىغاڭ كېتەي، ھۆكۈمەتكە سىلەر دەڭلار، مەنلا رېمونت قىلدۇراي، ئون بەش مىڭ يېتەر، ___ دېۋىدى، ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق. كۆڭلى ئاق، دىلى يۇمشاق، قويدەك سەمىمىي، يەردەك يۇۋاش دېھقاننىڭ ئارمىنىدە بۇ!
مەن مۇنۇ يەرلەرنى ساياھەتلىك قىلىپ، بالىلارغا بىر مەكتەپ سېلىپ قويۇپ ئۆلۈپ كەتسەم دېگەننى كۆڭلۈمگە پۈككىنىمگە جىق يىللار بولدى.
_ قەيەرگە سالاي دەيسىز؟
_ ۋاي قەيەر بولسا بولۇۋېرىدىغۇ، ھەممىسى بالىلىرىمىزغۇ، مەكتەپ سېلىش بولسا مانا مەن يۈز مىڭنى چىقىرىمەن، قانداق دېدىم؟ ___ دېدى ساتتار ئاكا قىپقىزىل چىرايىدىن خۇشاللىق تەپچىپ.
شۇنداق پاراڭلار بىلەن ۋاقتىمىزمۇ توشۇپ قالغانىدى، ئەمما شۇنداقلا قايتىشىمىزغا كۆڭلى ئۇنىمىغان ساتتار ئاكا بىزنى كەڭرى بۈگۈلىكىگە باشلاپ قويدى، شۇ ئارىدا ساتتاركام:
_ گىدىككىنە ئىش چىقىپ قالدى،_ دەپ بىر ئىشقا يۈرۈپ كەتتى.
شۇ ئارىدا شەھەردىن يەنە ئىككى بالىمىز چىقىپ گۈمبەزگە باشلاشقا توغرا كەلدى. ساتتاركامنىڭ ئايالى بىلەن كېلىنى قول-قولىغا تەگمەي لەڭمەنگە تۇتۇش قىلىۋاتاتتى، گۈمبەزگە بارماي بۈگۈلۈكتە چاي ئىچكەچ قالغان ئىككىمىز ئانچە-مۇنچە نۇزۇگۇم ھەققىدە پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. پارىڭىمىزغا تۇرۇپ-تۇرۇپ ئارىلىشىپ تۇرغان ساتتاركامنىڭ ئايالى تۇيۇقسىز:
_ مۇنۇ كۆلنىڭ قۇمۇشلۇقىدا ئوت كەتكەن زامانلار بولغانىكەن، قۇمۇشلار كۆيۈپ، ئوت كەتكەن قارىياغاچنىڭ كۆتەكلىرى سۇدا لەيلەپ يۈرگەن دېيىشىدۇ، _ دېدى.
_ قاچانلاردا ئوت كەتكەن بولغىيتتى؟_ دەپ سورىشىمغا،
_ ئاتام زاماندە، _ دېدى قولىدىكى پىلتىنى جاۋۇرغا رەتلىك تىزىۋېتىپ، شۇ ئەسنادا بايا چىقىپ كەتكەن ساتتار ئاكىمۇ قايتىپ كېلىپ يېنىمدا ئولتۇردى. مەن بايا قىلىۋاتقان گېپىمنى داۋاملاشتۇرۇپ:
__ قېچىپ يۈرگەن نوزۇگۇمنى ئەڭ ئاخىرى بىر قۇمۇشلۇقتىن تۇتقان دېگەن تارىخىي ئۇچۇر ئېنىق. نوزۇگۇمنىڭ ئىلىدىكى كەچۈرمىشىدە قۇمۇشلۇق ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. قەيەردىكى قۇمۇشلۇق، دەريانىڭ ئۇ قېتىمۇ، بۇ قېتىمۇ ئورۇن مەلۇم ئەمەس. نوزۇگۇم قويۇق بىر قۇمۇشلۇققا كىرىپ پاناھلانغان بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان چىرىكلەر ئۇ قۇمۇشلۇققا ئوت قويۇپ نوزۇگۇمنى تۇتۇۋېلىپ قەتلى قىلغان.
سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا ساتتاركام ھاياجانلىنىپ:
_ توختاڭ، توختاڭ، مۇنۇ گەپنى قىلمىسىڭىز، مەنمۇ ئېسىمگە ئالمايمەن ھە، دادامنىڭ دادىسى ھاشىم دېگەن بوۋىمىز، مۇشۇ قەبرە ئەتراپىدىكى مەھەللىدە نان يۈتكەن بىر تارىخنى ئېيتىپ بەرگەن، ___ دېدى.
_ ھە، ھە، _ دېيىشتۇق بىز بىر مۇھىم يىپ ئۇچىغا ئىگە بولغاندەك قىزىقىپ.
_ شۇ چاغلاردا مۇشۇ قۇمۇشلۇق ئەتراپىدا ھاشىم بوۋاملارنىڭ ئۆي قورۇسى باركەنتۇق. شۇ قورۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ تاختا بېشىغا ئېلىپ قويغان نېنى يۈتۈپ كېتىپتۇ. بىر كۈن ھە دەپ قويۇپتۇ، ئىككى كۈن ھە دەپ قويۇپتۇ. قارىسا كۈندە يۈتۈۋەرگەن. ئىت، مۈشۈك ئوغرىلىدىمكى دېسە ئۇنداق ئىز يوق. بۇ نانلارنى بىر ئادەمنىڭ كېچىدە ئوغرىلاۋاتقانلىقىدىن گۇمانلىنىپ قاپتۇ. جامائەت يىغىلىپ مۇشۇ تۆڭگۈرەكتىكى قۇمۇشلۇقتىن گۇمان قىلىپ، قۇمۇشلۇق ئىچىدە ئادەم بار چېغى دەپ ئەنسىرىشىپتۇ. شۇنداق دەپ يۈرگەندە يەنە نان يۈتۈپتۇ. قۇمۇشلۇق ئىچىدە ئادەم بار ئىكەن دېگەن گەپ يىراق-يېقىنغا تارقىلىپ كېچىسى كىشىلەر قۇمۇشلۇق يېنىدىن ئۆتمەيدىغان، قۇمۇشلۇق كۈندۈزىمۇ كىشىلەرگە سىرلىق كۆرۈنىدىغان بولۇپ قاپتۇ. شۇ چاغلاردا ئىلىنى سوراۋاتقان قالماقلارنىڭ بىر گۇناھكار ئايالنى ئىزدەپ يۈرگىنىگە خېلى بولغان ئەمما تاپالمايۋاتقان چاغلىرى ئىكەن. قۇمۇشلۇق ئىچىدە ئادەم بار ئىكەن دېگەن گەپ تاراپ قالماقلارنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن چېغى. تۇيۇقسىز بىر كۈنى نۇرغۇن كازاكلار كۆل بويىدا پەيدا بولۇپ، قۇمۇشلۇقنى چۆرىدەپ، ئوت قويۇپ ھېلىقى ئايالنى قۇمۇشلۇقنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن تۇتۇپ شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ قەتلى قىپتۇ، دەپ تارىخ سۆزلەپ بەرگەن. پايانسىز ئوت كەتكەننىڭ گېپىنى قىلمىسىڭىز مېنىڭ نەدە ئېسىمدە دەيسىز، ___ دېدى.
بىز ساتتار ئاكىنىڭ بۇ تارىخىي ئۇچۇرىدىن ھەيران قالدۇق. بايام لەڭمەن ئېتىۋاتقان يەڭگىمىزمۇ ئاتام زاماندا مۇشۇ قۇمۇشلۇققا ئوت كەتكەنلىكىنى، ئۇزۇن جاھان قارىياغاچنىڭ كۆيگەن كۆتەكلىرىنىڭ مۇشۇ كۆلدە لەيلەپ يۈرگەنلىكىنى گەپ ئارىسىدا دەپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.
ئەينى تارىخ ئۇنتۇلۇپ كەتسىمۇ ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرى ئۇنتۇلمايدىكەندە...