- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1131
- نادىر
- 0
- يازما
- 86
ئۆسۈش
13.1%
|
بۇ تېمىنى يوللىغۇچىغا رەھمەت.تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق قايىل قىلارلىق سۆزلەپسىز.ھەقىقەتەن بىزدىكى چىكىنىش سەۋەبىنى شۇنىڭدىن چۈشەندۈرسە بولىدۇ. لىكىن بەزىلەر ئىگىز پەس سۆزلىگىلى تۇرۇپتۇ. شۇڭا مىنىڭمۇ سۆزلىگۈم كەلدى.ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشى ئىلغارلىق. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا ئىسلام ئىمپىرىيسى بولغان ئابباسىيلار سۇلالىسى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مەدىنىيەتكە ۋەكىللىك قىلاتتى. ھازىرقى زامان مەدەنىيىتنىڭ شەكىلىنىشى يەنى ئنسانىيەت پەيدا بۇلۇپ نەچچە مىلىيۇن يىلىدىمۇ يېتەلمىگەن تەرەققىياتقا 1000يىلدا يېتىشى دەل ئىسلام دىنىڭ تۆھپىسىدۇر.بۇنى پۈتكۈل دۇنيا ئالىملىرى ئېتراپ قىلىدۇ.كىيىن ئابباسىيلار سۇلالىسى ۋەيران بولغاندىن كېيىن بۇ ئىلغار مەدەنىيەت ياۋرۇپاغا كىرگەن. شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى ياۋرۇپا شەكىللەنگەن. نىيۇتۇندەك مەشھۇر ئالىملارمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەپلەرنىڭ فىزىكا،ماتىماتىكا،ئاستورنومىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى تەتقىقات نەتىجىللىرىدىن ئىلھاملىنىپ ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئەسىرى‹تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپى›نى يېزىپ چىققان. ئاپتۇر دىگەندەك سوپىزىملىق يەنى ئىسلامنىڭ ئەسلى ئەقىدە ئېتقادىدىن چەتنەش بىزنى شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنى ھازىرقىدەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان. مىنىڭچە ئۆتكەن تارىخ ئۆتۈپ كەتتى.بىز چۇقۇم تارىخى ساۋاقنى ئەستائىدىل قۇبۇل قىلىپ ئىسلامنىڭ ئەسلى ھەقىقىي ئەقىدىسنى ساقلاپ ھازىرقى زامان مەدەنىيتىنىڭ ئىلغار تەرىپىنى قۇبۇل قىلىپ ۋە پۈتۈن زېھنىمىزنى ئىلىم-ئېرپان ئۆگىنىشكە قاراتساق يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە يەنىلا بۇرۇنقى دەۋرىدىكى يۈكسەك شانلىق تارىخمىزنى يارىتالايمىز. دائىم ئۆزىمىزدىكى كەمچىللىكنى سۆزلىمەي ئارتۇقچىلىقنى كۆپرەك سۆزلەپ،ياشلارنى بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ ئىنسان بۇ دۇنيادا ياشاشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئەھمىيتىنى ھېس قىلدۇرۇپ بۇ دۇنيادىمۇ راۋرۇس ياشاش كېرەك.مىسال قىلساق ئەركىن سىدىقتەك تۇنجى ئۇيغۇرلا ئەمەس تۈرك ئالىمى ناسادا،شۆھرەت مۇتەللىپتەك تۇنجى ئۇيغۇرلا ئەمەس تۇنجى تۈرك ئالىمى قاتارلىقلار ،يېقىندىن ئېلىپ ئېيتساق رادىل ئابلا،قۇدرەت ياقۇپ،پەخرىدىن قارلۇق تەك دەۋرنىڭ ئەڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان پەخىرلىك ياشلىرىمىزدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك.قاچانلا بولسا بىر بىرىمىزدىكى كەمچىللىكنى ئىزدىمەي،ئارتۇقچىلىقنى بايقاشقا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىشىمىز كېرەك. ئىشقىلىپ تېلىۋىزۇر بولسۇن ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا بولسان يامان تەرەپنى سۆزلەش بەك ئېغىر.ئۇنداق يامان ئادەت ۋە يامان ئادەملەر دۇنيادىكى ھەممە يېرىدە مەۋجۈت.ئامىركىلىقلار كىشىلەرنىڭ ئۆزىدىكى كەمچىللىكىنى سۆزلىشىنى پەقەت ياقتۇرمايدىكەن. چۈنكى ئۇلار مۇشۇ ئىشنى تەپەككۇر قىلشقا كەتكەن ۋاقىتنى يېڭىلىق يارىتىشقا سەرىپ قىلىش كېرەك دەپ قارايدىكەن. ئۇمۇمەن ئېيتقاندا ھەرقاندا ئادەم ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى پاك تۇتۇپ باشقا مىلەتلەرگە ھەۋەس قىلىپ ئۆزىنى كەمسىتمەي،تارىخنى ئۇنتۇپ قالماي،ئۆز مەدىنىيتىنى دەۋر بىلەن باشقلارنىڭ ئىلغار مەدەنىيتىنى قۇبۇل قىلىش بىلەن مۇكەممەللەشتۈرسە ئۇنداقتا بۇ مىللەت دۇنيادا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ.ئىككىلا ئالەمدە باياشات بەخىتكە ئىرىشىدۇ. چۈنكى ئىتقاد ئەمەلىيەتتە بەزىلەر دىگەندەك تەرەققىياتقا تاقاشمايدۇ.پەقەت سىزنىڭ ئېتقادىڭىز ساپ بولىسلا. |
|