قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: kademeorman

ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتتە چېكىنىشىدىكى تارىخى سەۋەپلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نىجات

3

تېما

0

دوست

3158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9247
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 876
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 10:33:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز دۆلەت، خاندانلىق دېگەنلەرنى دېمەي تۇرايلى. مەلۇم بىر كەنت، مەلۇم بىر مەكتەپنى مىسال ئالساق، بۇ يەردە خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر، مەكتەپنىڭ مۇدىرى، ئىلمىي مۇدىرى؛  كەنت سېكرېتارى، كەنت باشلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر، قول ئاستىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى خىزمەتچىلەر؛ شودۈيجاڭ، بوغالتىر ۋە كەنت ئاھالىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر. ئەمما بۇ يەردىكى ھوقۇق تالىشىش، بىر بىرىگە ئورا كولاش قاتارلىقلارنى قېزىپ چىقساق دۆلەت ۋە خاندانلىق ئىچىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدىن قېلىشمايدۇ.  ئۇيغۇرغا ھازىر ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى ئىتتىپاقلىق، يەنى مىللەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە مۇشۇ زېمىندا بىرگە ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق. مۇشۇ ئىتتىپاقلىق بولسا ئاندىن خاتىرجەم تىرىكچىلىكىمىزنى ۋە باشقا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىزنى قىلالايمىز. ئىتتىپاقسىزلىق ئۇيغۇرغا پەقەت زاۋاللىق ئېلىپ كېلىدۇ خالاس.

0

تېما

5

دوست

4529

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21916
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1444
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 13:00:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABDILKERIM يوللىغان ۋاقتى  2014-6-17 17:19
بىز قاچانغىچە باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ م ...

بەك ياخشى ئىنكاس بوپتۇ.مۇشۇ مۇنبەردە ئوقۇغان ئەڭ نادىر ئىنكاس دىسەكمۇ ئازلىق قىلمايدۇ.رەخمەت مۇنبەرداش. ناھايىتى توغرا پىكىر يۈرگۈزۇپسىز. شۇنداق ،ھازىر بىزنىڭ ياشلىرىمىز نىمە بولۇپ كىتىۋاتىدۇ دەيمەن.بولۇپمۇ بىر قىسمى.بۇلارنى كۆپمۇ دىگىلى بولمايدۇ.ھە دىسە كونىغا ئىسىلىۋىلىپ بۇرۇن ئۇنداقتۇق مۇنداقتۇ ،ھازىر مۇنداق بوپ كىتىۋاتىدۇ، دەپ ئاغرىنىپلا يۈرگىنى يۈرگەن.بەلكى بۇنىڭمۇ ئاساسى باردۇر.لىكىن بۇرۇن ھەرگىز ئىشلىمىسىمۇ،يىڭى بىلىم ئىگەللىمىسىمۇ ،ئۈگىنىش قىلمىسىمۇ ھەممەنىمىسى تەل مىكەن؟ئوڭدا ياتسىمۇ يەيدىغىنى ئالدىغا كىلەمدىكەن؟ ئۇنداق ئەمەستۇ.ئالەمنىڭ قايسى يىرىغا بارماڭ بۇنداق خىيال پەرەز ،ئەخمەق ،ھورۇنلارنىڭ كۈنى ئوخشاش. شۇ دىمىسىمۇ ھازىر تۇرمۇش رىتىمى تىزلەشتى، ھەممە نەرسە بازارلاشتى. بازاردا مالنىڭ ئىسىلىمۇ بار،ناچىرىمۇ بار.يۇقۇرى پەن تىخنىكا بىلەن ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلارمۇ، ساختا ماللارمۇ بار،لىكىن تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقۇرلىشى، مالنىڭ ساختا-ناچارلىقى ئىنىقلانغانسىرى كىشىلەر پۇلى قىممەت بولسىمۇ ئىسىلىنى، ساپ ياخشى سۇپەتلىگىنى تاللاپ سىتىۋالىدىغان بولدى، .ناچار سۈپەتسىز مەچسۇلات بازاردىن چىكىنىدۇ. دىمەكچى بولغىنىم بىزنىڭ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز دەل بازاردىكى سۈپەتسىز ‹‹مال››غا ئايلىنىپ قىلىپ ، ھىلى ‹‹دىن››نى قالقان قىلىپ سۆزلىسە،ھىلى ‹‹مەدەنىيەت››نى قالقان قىلىپ سۆزلەپ ،ئىتتىپاقسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.بىر قىسىم نىرۋىسى ‹‹ئاجىز››كىشىلەرنىڭ زىتىنى قوزغاپ،‹‹مىللەت››چى،‹.دىن››چى قىلىپ ،‹‹كاتالىزاتور››لۇق قىلىپ تىنچسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.لىكىن دىققەت قىلدۇقمىكى كۆزگە كۈرۈنگەن مەشھۇر كىشىلىرىمىز مەيلى ئۇ دىنىزات  بولسۇن، بىلىم ئىگىلىرى بولسۇن ھەرگىز بۇنداق مۇنازىرەلەرگە قاتناشمايدۇ.پەقەت ‹‹گۈدەك باللا››نىڭ ‹‹قوچاق››ئويۇنى دەپ قارايدۇ.
مىنىڭچە تارىخمىزنى بىلىش كەلگۈسىمىز ئۈچۈن، تەجرىبە ساۋاق يەكۈنلەش.ئالغا ئىلگىرلىشىمىزنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ  كۈچى !.تارىخ ھامان تارىخ. تارىخى يوق مىللەت مىللەت بولمايدۇ.تارىختا ھەممە مىللەت ئوخشاش بولمىغان قىسمەتلەرگە ئۇچرىغان.ھىلىھەم ئۇچراۋاتىدۇ. پەقەت تەرەققى قىلغاندىلا،بىلىملىك بولغاندىلا ،ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزغاندىلا ھىچ كىشى بوزەك قىلالمايدۇ.تارىخقا ئىسىلىۋىلىش،ئۇچرىغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى ‹‹ئۆزگى››دىن كۆرۈش ، ئاجىزلىقنىڭ ، نادانلىقنىڭ ، ئەخمەقلىقنىڭ ئىپادىسى. ھەرقانداق ئىشتا ئەقىلگە تايىنىش كىرەك.
‹‹مەڭگۈلۈك دوستمۇ يوق،مەڭگۈلۈك دۈشمەنمۇ يوق،پەقەت مەڭگۈلۈك مەنپەئەتداشلا بار››





  







يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

36

دوست

2910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 14:20:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن تەپەككۇرىڭىز ئوچۇق بولسۇن .....

./thread-24557-1-1.html

0

تېما

36

دوست

2910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 14:35:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABDILKERIM يوللىغان ۋاقتى  2014-6-17 17:19
بىز قاچانغىچە باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ م ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇلكەرىم قىرىندىشىم ، كورىشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ ئىنكاس ئارقىلىق ، بۇ ئىنكاسىڭىز بەك ئىسىل نادىر چىقىپتۇ بولۇپمۇ مائارىپ توغرىسىدىكى كوز قارشىڭىز مىنى ئالاھىدە ھاياجانغا سالدى ، مەنمۇ بۇ مەسىلى قانداق ئىپادىلەپ چۇشەندۇرۇپ تىما يىزىشتا بىشىم قىتىۋاتاتتى ، سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۇپايىدەك كوردۇم ۋە قايتا نەقىل قىلدىم ؛

   راس دەيسىز  قىرىندىشىم .  ئەيىبنى ئېتىراپ قىلغانلىق- ياخشى باشلىنىش، ئۇنى تۈزەتكەنلىك يۈكسىلىشتۇر! لېكىن  ھەر  ئىش لايىقىدا،   نورمال بولغىنى  تۈزۈك !

         «مىللەتپەرۋەر»لىك قالپىقىنى كىيىشكە ئالدىراپ، ئەكسىچە  مىللىتىمىزنىڭ روھىنى ئۆلتۈرۈپ، ھە دىسىلا  ئەيىپ نوقسانلىرمىزنى بايان قىلدىغان  ئاشۇ  ئاتالمىش مىللەتپەرۋەر قەلەمكەشلەرگە مەنمۇ ئازراق سوزلەي .

       ئۇلارنىڭ مۇنداق بىر جۇملە سوزى بار :  بىز  نىمىشقا مۇشۇنداق ھالغا چۇشۇپ قالمىز دەيدىغان .  بۇ سۇئال ئۇچۇن ئۇلا نۇرغۇن نوقسانلىرمىزنى كورسۇتۇپ بېردۇ .  
بۇنىڭ  سەۋەبىنى بەزىلەر  ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت  شارائىتتىن ، دىنى  ئىسلامدىن ، ھازىرقى مائارىپ قۇرۇلمىمىزدىن ، ئەجداتلىرمىزنىڭ  بەزى خاتا باسقان قەدەملىردىن ،مىللىتىمىزنىڭ  ئىتپاقسىزلىغىدىن   كوردى .

        ئەتەراپىمىزدىكى مۇھىت شارائىتتىن كورگۇچىلەرگە:-  بىز مۇشۇنداق مۇھىت ۋە مۇشۇنداق شارائىتتا ياشاۋاتقىلى يېقىنراق ۋاقىتنى دىسەك 60 يىل يىراققار ۋاقىتنى دىسەك 150 يىل بولدى .   بىزگە مۇشۇ ۋاقىت يەتمەمدا ؟ يەنىلا ئازلىق قىلامدا؟ ئازدىگەندە  بەش ئەۋلات ياشلىرمىزنى  تەربىلەپ  يىتىشتۇرۇشكە بۇ  ۋاقىت  كەڭرى  يېتىدۇ.   
           دىنى ئىسلامدىن   كورگۇچىلەرگە :-بىز ئىسلامنى قۇبۇل قىلغىلى 1000يىلدىن ئاشتى.بىزنىڭمۇ شۇنداق مەدىنىيەتلىك قۇدرەتلىك  دۇلىتىمىز بولغان .ئاشۇ دەۋىرلەدە ياۋرۇپا مەدىنىيىتى بىزدىن 500يىل ئارقىدا ئىدى.بۇ بىر ھەقىقەت.
            
    ھازىرقى مائارىپ قۇرۇلمىسىدىن كورگۇچىلەگە؛-بۇ سىياسەت بىز ئۇيغۇرلاغىلا ئەمەس پۇتۇن مەملىكەت خارەكتىرلىك  سىياسەت. بىزگە  ئېغىر  كەلگىنى تىل مەسىلىسى . باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۇگۇنۇش ئارقىلىق مىللىتىدىن تېنىپ كەتكەنلەرنى تېخى مەن ئاڭلاپ باقمىدىم.بۇ يەردىكى  مەسىلە باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۇگۇنۇش ئارقىلىق باشقىلار تەرەپكە ئېغىپ كېتىش ۋە باشقىلارنىڭ مەدىنىيىتىنى  سىڭدۇرۇپ  ئۇز مەدىنىيىتىنى  ئۇنتۇپ قىلىش.  مانجۇلا بىلەن ئىندىئانلانىلا كورمەي ھازىرقى تاتارلا بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ پۇشقاقلىردىكى يەھۇدىلاغا ،چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلىرمىزغا قارىساق بۇلدۇ.ئاۋۋال يېزىق تىل  مەدىنىيەت ئاندىن مىللەت يۇقۇلدۇ  دىگەن سەپسەپە ماركىسنىڭ نەزىريىسى. بىزنىڭ تىلىمىز يېزىقىمىز  مەڭگۇ يۇقالمايدۇ .چۇنكى بىزدە نەچچە مىڭ يىللىق مەدىنىيەت ۋە ساپ ئەقىدە بىلەن ئىتىقات قىلدىغان دىنىمىز بار. ئۇنىڭ ئۇستىگە بىز ئانچە ئاز خەقمۇ ئەمەس. ھازىر مائارىپتىن ئۇمۇتسىزلىنىپ پۇتۇنلەي تاشلاپ بىردىغان  ۋاقىت ئەمەس. مۇشۇنداق شارائىت  ئىچىدىن ئۇزگىچە  مائارىپ ئۇسۇلىنى ئىزدەيدىغان ۋاقىت .يەنى ئۇيغۇر  ئائىلە  مائارىپىنىڭ ئەڭ  ئەڭ  ئەڭ ئەسقاتىدىغان ۋاقتى.   

             ئەجداتلىرمىزنىڭ خاتا باسقان قەدەملىردىن كورگۇچىلەرگە :-بىز نىكەمگىچە ئاشۇ تارىخنىڭ بىزگە قالدۇرغان يالدامىسىدىن چىقالمايمىز؟ نەچچە  يىل تىللىدۇق ، نەچچە يىل قاغىدۇق لىكىن ھىچ بىر پايدىسى بولمىدى .ياكى بىرسى  ئەسلى سەن مانداقتىڭ دەپ  ياردەم قۇلىنى سوزمىدى .قولدىن بىرىپ قويغانلىرمىز   ئۇچۇن قاقشايدىغان ئاغرىنىدىغان ۋاختىمىز ئەمەس .چوڭ لالقىلىق ئۇمۇتنى  باشقىلاردىن كۇتۇدىغان خەقنىڭ ھىسداشلىغىنى  كەلتۇردىغان ۋاختىمىزمۇ ئەمەس.  ئەمدى  بولا  .   بىز ئارقىمىزغا ئەمەس ئالدىمىزغا   يەنى كەلگۇسىمىزگە  قارايلى.

             مىللىتىمىزنىڭ ئىتپاقسىزلىغىدىن كورگۇچىلەگە :-مەن  تېخى ئۇيغۇرلانىڭ   بىرنەچچە توپقا بۇلۇنۇپ قۇرال كالتەك ،پالتا پىچاق  كوتۇرشۇپ  ئۇزئارا  قىرغىن قىلىشقىننى كورمىدىم. دىمەك  مىللىتىم ئوم ئىتپاق. پەقەت  ئازراق كىچىك  مەسىللەدىلا بەزى كوز قاراشلا سەككىزگە قارشى  ئىككىدەك  ياكى  توققۇزغا قارشى   بىردەك مۇشۇنچىلىك  پەرەق  بار  خالاس.
            دىمەك  قول يەتمىگەن   شاپتۇلغا ئېسىلىپ   ئاغزىمىزنى ئېچىپ   چىۋىن چىچىۋاتقىچە  تۇرىلىۋەمەي  كوز ئالدىمىزدىكى ئەڭ  ئاددى   ئەڭ  ئەڭ  ئەڭ   مۇقەددەس  ئىشتىن باشلايلى. ئۇزىمىزنى ، ئائىلىمىزنى، ئەۋلاتلىرمىزنى  تەربىلەشكە ئەكمىيەت بېرەيلى.  ئۇيغۇر ئائىلە  مائارىپىنىڭ  ئەڭ ئەسقاتىدىغان  پەيتى  يىتىپ كەلدى .ئۇيغۇرغا  ئەڭ مۇھۇم نەرسە بىر ئەۋلات ساپالىق ، مەدىنىيەتلىك، بىلىملىك ۋە ئىمان ئەقىدە  بىلەن ياشايدىغان  ياشلار كېرەك.  بۇلانىڭ  كىيىنكى ئەۋلاتلىرى بۇلادىنمۇ بىرقەدەر  ياخشى بۇلۇپ چىقىدۇ ، ئۇلادىن كىيىنكى ئەۋلاتلا تېخىمۇ  ياخشى بۇلۇپ  چىقىدۇ.  مانا مۇشۇنداق بولغاندا  سىز يەنىلا  ئاشۇ ئارزۇ  غايە   ئۇمۇتلىرىڭىزنى ئۇيلامسىز؟  ئۇ دەۋىرگە كەلگەندە..................................................   ئۇگۇنەيلى  ئۇگۇتەيلى،   ئۇگەنمەسلىك   مىللىتىمىز   ئۇچۇن جىنايەتتۇر.   ئۇگەتمەسلىك كىلىچىگىمىز ئۇچۇن خىيانەتتۇر.

0

تېما

5

دوست

4529

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21916
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1444
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 16:10:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABDILKERIM يوللىغان ۋاقتى  2014-6-17 17:19
بىز قاچانغىچە باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ م ...

مەن ئىنكاسىڭىزنى يەنە قايتا ئوقۇپ چىقىپ ‹‹ھازىرقى مائارىپ قۇرۇلمىسىدىن كورگۇچىلەگە؛-بۇ سىياسەت بىز ئۇيغۇرلاغىلا ئەمەس پۇتۇن مەملىكەت خارەكتىرلىك  سىياسەت. بىزگە  ئېغىر  كەلگىنى تىل مەسىلىسى . باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۇگۇنۇش ئارقىلىق مىللىتىدىن تېنىپ كەتكەنلەرنى تېخى مەن ئاڭلاپ باقمىدىم.بۇ يەردىكى  مەسىلە باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۇگۇنۇش ئارقىلىق باشقىلار تەرەپكە ئېغىپ كېتىش ۋە باشقىلارنىڭ مەدىنىيىتىنى  سىڭدۇرۇپ  ئۇز مەدىنىيىتىنى  ئۇنتۇپ قىلىش.  مانجۇلا بىلەن ئىندىئانلانىلا كورمەي ھازىرقى تاتارلا بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ پۇشقاقلىردىكى يەھۇدىلاغا ،چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلىرمىزغا قارىساق بۇلدۇ.ئاۋۋال يېزىق تىل  مەدىنىيەت ئاندىن مىللەت يۇقۇلدۇ  دىگەن سەپسەپە ماركىسنىڭ نەزىريىسى. بىزنىڭ تىلىمىز يېزىقىمىز  مەڭگۇ يۇقالمايدۇ .چۇنكى بىزدە نەچچە مىڭ يىللىق مەدىنىيەت ۋە ساپ ئەقىدە بىلەن ئىتىقات قىلدىغان دىنىمىز بار. ئۇنىڭ ئۇستىگە بىز ئانچە ئاز خەقمۇ ئەمەس. ھازىر مائارىپتىن ئۇمۇتسىزلىنىپ پۇتۇنلەي تاشلاپ بىردىغان  ۋاقىت ئەمەس. مۇشۇنداق شارائىت  ئىچىدىن ئۇزگىچە  مائارىپ ئۇسۇلىنى ئىزدەيدىغان ۋاقىت .يەنى ئۇيغۇر  ئائىلە  مائارىپىنىڭ ئەڭ  ئەڭ  ئەڭ ئەسقاتىدىغان ۋاقتى.››مۇشۇ قۇرلارنى تەكرار -تەكرار ئوقۇدۇم.ھەم سىزنىڭ قەلەم قابىلىيىتىڭىزگە ۋە مەسىلىلەرگە بەرگەب باھايىڭىزغا قايىلمەن.
تىل ،مائارىپ مەسىلىسىدە يالغۇز مەملىكىتىمىزدىلا بۇنداق سىياسەت بولۇپ قالماي پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىمۇ شۇنداق.ئىلىم پەن تەرەققى قىلغان دۇنيادا سەن ئەمەس مەن دەپ يۈرىدىغان روسىيەدەئىككى يۈزدىن ئارتۇق مىللەت بار،ھەممىسى بىرخىللا مائارىپ سىستىمىسىدا ئوقۇيدىغۇ؟(پارچىلانغاندىن كىيىنمۇ يەنە قانچىلىك ئۆزىگە خاس مائارىپ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى؟)ئامىرىكىنى ئىلىپ ئىيتساقمۇ شۇنداققۇ؟پۈتۈن ئامىرىكا قىتئەسى بويىچە بىرخىل مائارىپ تۈزۈلمىسى،بىر خىل تىل.ئەگەر قىزىقسا  مەجبۇرى مائارىپتىن (ئۇلارنىڭ مەجبۇرى مائارىپى ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ،
12 يىللىق)كىيىن ئۈگەنسە بولىدۇ.
دىمەكچى بولغىنىم كونىغا ئىسىلىۋالماي،يىڭىلىقنى قۇبۇل قىلايلى،ئەن ئەنىۋى مەدىنىيىتىمىزنى ئاسرىغان ئاساستا يىڭىلىقنى قۇبۇل قىلايلى.جاھىللىق جاھالەتلىكتۇر.


   

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29760
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 16:37:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ چاغدا شىنجاڭدىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئەھۋالمۇ بۇنىڭغا ئاساسەن ئوخشاش بۇلۇپ مۇسۇلمان شەرق دۇنياسى خاراپلىشىشقا يۈزلىنىپ بۇرۇنقى مەدەنى گۈللۈنۈش پۈتۈنلەي تۈگەشكەن، بۇرۇنقى ئىلىم پەن گۈللۈنىشى ئاخىرلىشىپ خۇراپىلىق ۋە مەزھەپچىلىك كۈچۈيۈپ تەپرىقى ھاكىميەتلەر كۆپەيگەن، ئۆز- ئارا نىزالار كۆپىيىپ ئىگىلىك ۋە خەلق تۇرمۇشى خاراپلاشقان. ياۋروپادا بولسا ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە بۇلۇپ ئىسلاھات، رىقابەت جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، تەبىئى پەن، ئىجتىمائى پەنلەردە ۋە سانائەتتە يېڭى بۆسۈش بولىۋاتقان ۋە سانائەت، يېزا ئىگىلىگى تەرەققى قىلىپ ماشىنىلىشىۋاتقان بۇلۇپ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلغان ئىدى. بىز بولساق بۇلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ھالدا ” قۇدۇقنىڭ تېگىدىكى پاقىدەك“ ئاسمان مۇشۇ دەپ، يۈرۈۋاتاتتۇق. نەتىجىدە ئىنسانلار تەرەققىياتىغا تۆھپە قۇشۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى« ئۇچار گىلەم»، «ياغاچ ئات» تا ئەكىس ئەتكەن ھاۋا قاتناش ئارزۇلىرىمۇ شۇ بويىچە چۆچەك بۇلۇپ قېلىۋەردى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىلىم بىلەن كۆككە چىققىلى بولىدىغانلىغى، قۇل بولسىمۇ ئىلىم بىلەن ئازاتلىققا ئېرىشەلەيدىغانلىغى ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىمۇ بىزنى ئويغىتالمىدى، بىز ئەسىرلەرنى ئىشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ كەلدۇق، ئىشەك ھارۋىسىنى ئالاھىدە قاتناش قورالى، كالا بىلەن ساپاننى ئىشلەپچىقىرىش قورالى قىلىپ ئەسىردىن ئەسىرگە كۆچۈپ كەلمەكتىمىز. ئۆزىمىزنى بېكىك ھالەتتە ساقلاپ كەلگىنىمىز ئۈچۈن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ جۈملىدىن پەرەڭ ۋە ئورۇس، جوھوت – ئەجنەبىلەرنىڭ قانداق تەرەققى قىلغىنىنى پىسەنتىمىزگە ئالمىدۇق، ۋەلسىپىت ياسىسا ”شەيتان ھارۋا“ دەپ ئاتىدۇق،

0

تېما

0

دوست

2381

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28355
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 746
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 17:40:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ili تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-18 18:55  
gulamay يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 16:10
مەن ئىنكاسىڭىزنى يەنە قايتا ئوقۇپ چىقىپ ‹‹ھازىرقى ما ...

روھنىڭ ئېغىرلىقى 21 گىراممىش

مۇشۇ تىيمىدىن كۇرۋىلىڭ روھ ۋە جاننى

2

تېما

0

دوست

7121

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   42.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 1668
توردىكى ۋاقتى: 961
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 18:35:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ili يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 17:40
مانا سىلنىڭ جاۋابىلىرى مىنىڭ بىلىشىمچە جان دىگىنىمىز ...

ئازغىنا بىر نەرسىنى بىلىۋىلىپ مەمەدانلىق،تەكببۇرلۇق قىلمۇغۇلۇق ، ئىنكاس يازسىڭىز سۆز جۈملىلەرنىڭ قۇرۇلمىسىغا بەكرەك قاراپ، دېمەكچى بولغان ئوي-پىكىرىڭىزنى باشقىلارغا ئىنىق رۇشەن چۈشەندۈرۈپ ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاسىڭىزنى ئۆزىڭىزدىن باشقا ھىچكىم چۈشەنمەيدىغان جۈملىلەر بىلەن بېزەپ ئۆزىڭىزنى بىلەرمەن كۆرسىتىش ئۈچۈن كۈچىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، مۇنازىرە نىمە توغۇرسىدا بولسا شۇ توغۇرلۇق ئىنكاس يېزىڭ، مۇنازىرە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ خارابلىشىشى توغۇرلۇق بولغان ئىكەن شۇ توغۇرلۇق سۆزلەڭ، روھ،جان توغۇرلۇق باشقا تىمىلاردا قىلىنىپ ئايىغى چىقمىغان مۇنازىرىلەرنى مۇناسىۋەتسىز تىمىلارغا سۆرەپ كىرمەڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )