قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1593|ئىنكاس: 7

بەربات بولغان چۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

39

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29717
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 12:04:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەربات بولغان چۈش

جۇ دامىڭ

     سەككىز يىل ئىلگىرىكى قۇياش پارلاپ تۇرغان بىر كۈنى، رۇستەم ئىسىملىك كېلىشكەن تاجىك يىگىت سومكا كۆتۈرۈپ، سىرلىق ھالدا ئىشخانامغا كىرىپ كەلدى. « چىخلى (تاجىكچە سالاملىشىش سۆزى)، جوۋ دىرېكتور ئۈچ مىليون يۈەنلىك بىر سودا بار، ياردەم قىلالامسىز؟» دېدى ۋە سومكىسىدىن  ماسكا، شىپرس قاتارلىق بىر مۇنچە داۋالاش بۇيۇملىرىنى چىقاردى.
    يۈرۈكۈم قارتلا قىلىپ، بىردىنلا ھاياجانلىنىپ كەتتىم، چۈنكى ئىلگىرى مەن رۇستەمنىڭ تاغىسىنىڭ تاجىكىستان ھۆكۈمىتىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. مەن ھېچ ئىش بولمىغان قىياپەتتە: «كېلىشكەن ئىنىم، ئۇزۇن بولدى كۆرۈشمىگىلى، كېلىڭ! قۇچاقلىشىپ كۆرۈشەيلى» دېدىم، بىز تاجىكلارنىڭ سالاملىشىش ئادىتى بويىچە قول ئېلىشىپ، يۈزىمىزنى ئوڭ-سول يېقىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا پېشانىمىزنى تەككۈزۈشۈپ سالاملاشتۇق.
    رۇستەم تاقەتسىزلىك بىلەن: « جوۋ دىرېكتور، بۇ رۇسىيەنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگودا بىر زاۋۇت تېپىپ، ئورالما قېپى ۋە تىپى قاتارلىقلارنى ئوپ ئوخشاش قىلىپ ئىشلەپچىقارغىلى بولامدۇ؟ ئۈچ مىليون يۈەنلىكتىن ئارتۇق مال زاكاز قىلىمىز» دېدى.
   «ئەلۋەتتە بولىدۇ!» دېدىم ۋە ئۇنى 1-قەۋەتكە باشلاپ چۈشتۈم، «رۇس تىلى تەرجىمە ئىشخانىسى» ئۇنىڭغا چاڭجياڭ يولىدىكى «داۋالاش بۇيۇملىرى شىركىتى» دىن ئۈچنى تونۇشتۇردى ھەمدە «ئەلى بابا تور بېكىتى»دىن 10 زاۋۇتنى ئىزدەپ تاپتى، بۇلارنى رەتلەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بەردى.

      يېرىم كېچىدە غەلىتە بىر چۈش كۆردۈم، قۇرۇپ كەتكەن دەريا قىنىدا بىر يولۋاس كېتىپ باراتتى، ئالدى تەرەپتە نۇرغۇنلىغان ھاجەتخانا ۋە نىجاسەتلەر بار ئىدى، يولۋاس خۇددى بىر نەرسىنى بايقىغاندەك ھەرىكىتىنى تېزلەتتى-دە، تۇيۇقسىزلا قان تامچىپ تۇرغان ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ ماڭا ھۆركۈرىدى. مەن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم، بۇ چۈش زادى نېمىدىن بىشارەت بەرمەكچىدۇ؟
     كۆڭلۈمدە ئۆزۈم يالغۇز تاجىكىستانغا بېرىپ «داۋالاش بۇيۇملىرى» تىجارىتى قىلىش ئىستىكى بار ئىدى. مەندە ئىككى پارچە پاسپورت بار بولۇپ، بىرى شەخسىي پاسپورت، يەنە بىرى ھۆكۈمەت ئىشلىرى پاسپورتى ئىدى، تاجىكىستانغا بېرىش ئۈچۈن « ھۆكۈمەت ئىشلىرى پاسپورتى » ئىشلەتسە ۋىزا تەلەپ قىلىنمايتتى.
     ئىككىنچى كۈنى، مەن ئالدىراشچىلىقتا جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 17:30 دا ئۇچىدىغان ئايروپىلانىنىڭ بېلىتىنى ئالغاندىن كېيىن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا تاجىكىستاندىكى قەدىناس دوستلىرىمدىن 42 ياشلىق بارىس ۋە 18 ياشلىق دالىجانلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەتە شۇ يەر ۋاقتى سائەت 17:00دە ئايرودرومغا بېرىپ مېنى كۈتۈۋېلىشىنى ئېيتتىم. ئۇلار مېنىڭ كېلىدىغانلىقىمنى ئۇققاندىن كېيىن خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي قېلىشتى.
      شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، مەنە يەنە شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان «زىلىنى بازىرى»نىڭ يېنىدىكى ئالونا ئىسىملىك ئۆي ئىگىسىگە تېلېفون قىلدىم، ئۇ مەن ئىكەنلىكمنى بىلىپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ھەمدە قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:« تاجىكىستانغا كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن» دېدى.
      ئايروپىلان بۇلۇتلار ئارىسىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا دۈشەنبىگە قوندى. مەن يان تېلېفونۇمنى چىقىرىپ تاجىكىستاننىڭ indigo كارتىسىغا ئالماشتۇرۇپ، ئالدىراش ئايرودرومدىن چىقتىم. پاھ... كۆپكۆك ئاسمان، لەيلەپ يۈرگەن ئاپئاق بۇلۇتلار، مەن ئىختىيارىسىز ھالدا غۇلىچىمنى كېرىپ، كۆككە قۇچاق ئاچتىم. توساتتىن بارىس بىلەن دالىجان كىشىلەر توپى ئارىسىدىن قولنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ: «دامىڭ، بىز بۇيەردە!» دەپ توۋلىدى.
      ئۆز ئارا سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن، دالىجان مېنىڭ سومكامنى كۆتۈرۋالدى. بىز ئۈچىمىز تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق.
     ـــ دىڭ-دوڭ، دىڭ-دوڭ، ئالونا؟
ئىشىك ئېچىلىپ ئالونا چىقتى:
    ـــ پاھ...دامىڭجان يەنىلا شۇنداق كېلىشكەن پېتى تۇرۇپسىزغۇ؟- دېدى ئۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا كۈلۈپ تۇرۇپ.
    ـــ چۈشتىن بۇرۇن مەن ئۆيلەرنى تازىلاپ بولۇپ سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى كۈتتۈم.-ئۇ شۇنداق دېگەچ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ماڭا بەردى، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئۆي ئىجارىسى ئۈچۈن 200 دوللار بەردىم.
     بارىس ئاچقۇچنى ئېلىپ ئۇدۇلدىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچتى، كەچكى شەپەقنىڭ نۇرى دەرىزىدىكى ئاپئاق پەردىدىن ئۆتۈپ پول ۋە گىلەمگە چۈشۈپ تۇراتتى.  ئاھ، مەن يەنە قايتىپ كەلدىم! بىر خىل ئىللىق پۇراق ماڭا نۇرغۇنلىغان ئەسلىمىلەرنى ئەسلەتتى.
     بىر ئاز ئارام ئالغاندىن كېيىن، مەن سومكامدىن ئىككى دانە سوۋغاتلىق يان تېلېفوننى ئېلىپ بارىس ۋە دالىجانلارغا بەردىم.
     ـــ «رەھمەت! رەھمەت!»  ئىككىسى خۇشاللىقىدىن تەڭلا جاۋاب بېرىشتى.
     ـــ مەن بۇ قېتىم مۇھىم بىر ئىشنى بېجىرگىلى كەلدىم، ھازىر تاماق ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ، ئاشخانىغا بېرىپ غىزالانغاچ پاراڭلىشايلى.-ئۈچىمىز ئىشىكتىن چىقىپ پاراڭلاشقاچ «ۋاتان» تەرەپكە قاراپ يول ئالدۇق.
    تۈن پەردىسى قايرىلدى، رەڭگارەڭ چىراغلار ھەممە يەرنى يورۇتۇپ تۇراتتى. بىز تۆت كوچا ئېغىزىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا كىردۇق، ئالدى پۇكەيدە تۇرغان چىرايلىق قىزغا بىر قاراپلا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم. مەن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر تالاي ئۇيغۇرچە سۆزلىدىم، قىز مۆرىسىنى قېقىپ چۈشەنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. مەن تاجىك تىلىدا سۆزلەشكە باشلىدىم، قىز:
ـــ بىز ئەجدادىمىزدىن تاجىكىستانلىق ئۇيغۇر، بوۋام بىلەن مومام ئۇيغۇرچە بىلىدۇ، دادام بىلەن ئاپام ئازراق بىلىدۇ، بىز بۇ دەۋردىكىلەر پەقەت روس تىلى بىلەن تاجىك تىلىنىلا بىلىمىز.-دېدى.
    كۆڭلۈمنى نېمىشقىكىن بىر خىل مەيۈسلىنىش ۋە ئەپسۇسلىنىش ھېسسىياتى قاپلىۋالدى. مەدەنىيەت ــــ بىر مىللەتنىڭ يىلتىزى ۋە روھى، ئۇنى ئەجدادلار كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرۇشى كېرەك.
بىز بىرئاز غىزالانغاندىن كېيىن:
     ـــ مەن بۇ قېتىم چوڭ بىر سودا ئىشى ئۈچۈن كەلدىم، ئەتە دوختۇرخانىغا، ئۆگۈنلۈككە دورىخانىغا بېرىپ «روسىيەنىڭ داۋالاش بۇيۇملىرى»نى تونۇشتۇرىمىز-دېدىم. بارىس بىلەن دالىجان قوللىرىدىكى خروستال رومكىنى تۇتقىنىچە، بىر-بىرىگە قارىشىۋەتكەندىن كېيىن، كۈچلۈك ۋوتكىنى ئىچىۋەتتى. بارىس:
ـــ دامىڭ، سىزدە قانچىلىك مال بار؟
  ـــ قانچىلىك ئالىمەن دېسە شۇنچىلىك بار، مال تەمىنلەش مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.-دېدىم مەن ئۆزۈمگە تولۇق ئىشەنگەن ھالدا.
   دەل شۇ ۋاقىتتا قۇلىقىمغا بىرسىنىڭ خەنزۇتىلىدا:«ياخشىمۇسىز؟ سىز جۇڭگولۇقمۇ؟» دېگىنى ئاڭلاندى. مەن بېشىمنى ئۆرۈپ سول تەرەپكە قارىدىم. بەش نەپەر جۇڭگولۇق كىشى بىلەن بىر نەپەر تاجىك قىزى ئولتۇراتتى، ئۇ قىز تەرجىمان بولسا كېرەك.
ـــ شۇنداق، مەن جۇڭگولۇق! ياخشىمۇسىلەر؟ كېلىڭلار بىرگە ئولتۇرايلى! سىلەر نەدىن؟-قىزىقىپ سورىدىم مەن.
ھېلىقى كىشى ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن:
ـــ مېنىڭ فامىلەم يۈ، خىش ۋە تاش ماتېرىياللىرى زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى، بۇياق بولسا جاڭ دىرېكتور پولات زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى، بۇلار ۋاڭ دىرېكتور ۋە لى دىرېكتور، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سودا شىركىتىدىن، بۇياق ما خوجايىن ئاشخانا ئاچىدۇ، بۇ چىرايلىق تاجىك قىز بولسا تەرجىمان ئىسمى فەرىزە، سىزچۇ؟
ـــ ھە، يۈ زاۋۇت باشلىقى، سىلەر بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن خۇشالمەن! مەن ت ر گ تەرجىمە شىركىتىنىڭ دىرېكتورى، ئىسمىم جوۋ دامىڭ، تاجىكىستانغا ئەمدى كېلىشىم.«ت ر گ» نىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ئۇلار ھاياجانلىنىپ كەتتى.
ـــ بىزنىڭ روس ۋە تاجىك تىلىدىكى ماتېرىياللارنى ئىزچىل سىلەرنىڭ ت ر گ شىركىتىدە قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خادىملىرىمىز شىركىتىڭلارغا بېرىپ تەرجىمە قىلدۇرۇپ QQ ئارقىلىق بىزگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ، تەرجىمىسى ئىنتايىن ياخشى!
سودا شىركىتىدىكى ۋاڭ دىرېكتور تاماكىسىنى پۈۋلەپ يۇمىلاق ئىس چەمبىرىكى ھاسىل قىلىپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەشكە باشلىدى:
ـــ تەرجىمە ئىنتايىن مۇھىم، خاتا تەرجىمە قىلىپ قويسا چوڭ بالاغا قالىدىغان گەپ. ئالدىنقى يىلى بىز باشقىلارغا مەھسۇلاتنىڭ ئورالمىسىنى تەرجىمە قىلدۇرغانىدۇق، تاجىكىستان بىخەتەرلىك ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىندى ھەمدە مېنى ئۈچ كۈن قاماپ قويدى. مەھسۇلاتنىڭ ئورالمىسىدىكى روسىچىدا زۇڭتۇڭنى تىللايدىغان خەت بار ئىكەن دەمدۇ ئىشقىلىپ، 1000 دوللار خەجلىگەندىن كېيىن، ئاندىن قويۇۋەتتى.
لى دىرېكتور ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي گەپ قىستۇردى:
ـــ ئۇزۇن يىل بۇرۇن، مەن شىركىتىڭلارغا بېرىپ «سۈنئىي ھەمراھ ئانتېننىسى» غا ئائىت ماتېرىيال تەرجىمە قىلدۇرغانتىم. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن شىركىتىڭلاردىكى بىر قىز ماڭا تېلېفون ئۇرۇپ:«ئىراق تېلېۋىزىيە ئىستانسىنى ئامېرىكا ۋەيران قىلىۋېتىپتۇ، خەلقئارالىق تېلېۋىزىيەنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىراق ناھايىتى كۆپ «سۈنئىي ھەمراھ ئانتېننىسى» غا ئېھتىياجلىقكەن،دەپ ماڭا ئىراقلىق سېتىۋېلىش كوللېكتىپىنى تونۇشتۇردى، بۇ سودىدا مەن نۇرغۇن پايدا ئالدىم، مېنى بۇ كۈنگە ئېرىشتۈرگىنى سىلەر.- ئۇ شۇنداق دەۋېتىپ باش بارمىقىنى چىقاردى.
   ماختاش ۋە خۇشامەتلەرگە سالماقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا كۆنۈپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە دائىم قارشى پىكىرلەرنى ئاڭلاپ تۇرسا ئىشلارنى ئۆزگەرتىپ ياخشىلاشقا ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق ئىدى.  كۆپچىلىك ئۆزئارا تېلېفون نومۇرلىرىنى قالدۇرغاندىن كېيىن، مەن باھانە كۆرسىتىپ خوشلاشتىم، بارىس ۋە دالىجانلارنى ئېلىپ ياتاققا قايتتىم.
   كەيپىياتىم ياخشى ئىدى. مەن ئازادە كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىككىسىگە:«يۈرۈڭلار، كۆڭۈل ئېچىپ كېلەيلى! ئەتىدىن باشلاپ چوڭ ئىشقا تۇتۇش قىلىمىز.» ئىككىسى خۇشاللىقىدىن سەكرەپ:«ياخشى، ياخشى، ياخشى!» دېيىشىپ كەتتى.
   تاكسى شوپۇرىغا ئېنىق ئېيتىمىغانلىمىز ئۈچۈنمۇ، ئۇ بىزنى سېرىك ئۆمىكىنىڭ ئالدىدىكى تانسىخانىغا ئاپىرىپ قويدى. بىز ئىچىگە كىردۇق، ئىچىدە بىر توپ 40~30 ياشلار چامىسىدىكى غېرىب تۇل خۇتۇنلار ئويناۋاتقانىكەن. توققۇز يىل ئىلگىرى تاجىكىستاندا ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان بولۇپ، بىر تەرەپ ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن، يەنە بىر تەرەپ دېموكراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن، بەش يىل ئۇرۇش قىلغاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرىدا دېموكراتىك تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلىدىغانلار غەلبە قىلغانىكەن، ئۇرۇشتا 500 مىڭغا يېقىن ئەر كىشى قازا قىلىپ، بۇ يەر «تۇل خۇتۇنلار دۆلىتى»گە ئايلىنىپ قالغانىكەن. بارىسنىڭ ئاكىسى دېموكراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرۇش يولىدا ئۇرۇش قىلىپ قۇربان بولغانىكەن.
تۇيۇقسىز دالىجان بىلىكى بىلەن مېنى ئىتتىرىپ تىكىلىپ قارىغىنىچە:«دامىڭ، قاراڭ! بودەك چوكان كەلدى.»دېدى.-پاھ، ھەقىقەتەن سېمىز ئىكەن، كۆكسىلىرىمۇ ئىنتايىن تولغان بولۇپ، بىز تەرەپكە قاراپ كەلدى دە، قولىنى سوزۇپ بارىسنى تانسىغا تارتتى، بارىس ئۆزىنىڭ ئوينىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مېنى كۈشكۈرتىپ قويدى.
     ئاددىي تانسىخانىدا يېقىملىق روسچە مۇزىكا قويۇلدى، مەن بودەك چوكان بىلەن بىر مەيدان تانسا ئوينىغاندىن كېيىن، ئالدىراپ كېتىپ قالدۇق. بىز تاكسىغا ئولتۇرۇپ«دوست» ناملىق دېسكوخانىغا باردۇق. بۇ يەردە كېلىشكەن يىگىتلەر ۋە گۈزەل قىزلار ساماندەك ئىدى، دېسكو مۇزىكىسىنىڭ ئاۋازى قولاقنى يېرىۋەتكۈدەك ئىدى، بىز بىر كېچە قانغۇدەك ئوينىدۇق.
    ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگەندە يۇيۇنغاندىن كېيىن، مەن كاستۇم-بۇرۇلكامنى كېيىپ گالىستۇكۇمنى تاقاپ، خۇرۇم ئايىغىمنى پاك-پاكىز سۈرتۈپ پارقىرىتىپ، سومكامنى ئېسىپ بارىس ۋە دالىجانلارنى ئېلىپ «كاراپورو ئۇنىۋېرىسال دوختۇرخانىسى»غا كەلدىم.ئىنتايىن گۈزەل بىر روس كاتىپ قىز بىزنى دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا باشلاپ كىردى. ئىشخانىنىڭ قۇرۇلمىسى «T» شەكىللىك ئىدى، دوختۇرخانا باشلىقى تۆردە ئولتۇردى، بىز ئۈچىمىز، دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى، كاتىپى ئىككى قاتار بولۇپ ئولتۇردۇق.
ـــ ياخشىمۇسىلەر، دوختۇرخانا باشلىقى ۋە ھەرقايسىڭلارنى كۆرگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، مەن جۇڭگولۇق، مەندە «رۇسىيەنىڭ داۋالاش بۇيۇملىرى»  بار. سىلەر قانچىلىق ئالىمەن دېسەڭلار، مەن شۇنچىلىك تەمىنلىيەلەيمەن.-شۇنداق دەۋېتىپ سۆلەت چىقىرىپ مۆتىۋەرلەرچە سومكامدىن ئالدىن تەييارلاپ قويغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال، تۈرلۈك مەھسۇلات رەسىمى، باھا، تىپ نومۇرى قاتارلىقلارنى چىقىرىپ بىر قۇر كۆرسەتتىم.
دوختۇرخانا باشلىقى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ياردەمچى ۋە كاتىپقا سۇنۇپ ئەجەپلەنگەن ھالدا:
ـــ بىزنىڭ رۇسىيەنىڭ داۋالاش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىۋاتقىنىمىزنى سىز قانداق بىلىسىز؟ سىز جۇڭگولۇق تۇرۇپ قانداقسىگە سىزدە رۇسىيەنىڭ ماللىرى بولىدۇ؟
ـــ سودىگەر دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ، دوختۇرخانا باشلىقى جانابلىرى، باشقىلىرىنى سىزگە ئېيتشقا ئامالسىز مەن.-دېدىم سىرلىق قىياپەتتە.
دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى ۋە باشقىلار كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ماتېرىياللارنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىپ كەسكىن ھالدا:
ـــ باھاسى ھەقىقەتەن ئەرزان ئىكەن، لېكىن بىز ئىشلىتەلمەيمىز، بارلىق داۋالاش بۇيۇملىرىنى سەھىيە مىنىستىرلىقى بېكىتكەن دورا شىركەتلىرى تەمىنلەيدۇ، سەھىيە مىنىستىرلىقى ھەر ھەپتىدە كېلىپ تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ.
ـــ سىلەر ئوغرىلىقچە كىرگۈزسسەڭلار بولمىدىمۇ، بەرىبىر ئوخشاش ئەمەسمۇ؟-مەن ئىختىياسىزلا شۇنداق دېدىم. قارشى تەرەپتىكى بىر نەچچەيلەن كۈلۈپ كەتتى، بېشىنى لىڭشىتىپ دوختۇرخانا باشلىقىغا قارىدى.
ـــ مەن بىر يىغىنغا قاتناشماقچى، سىلەر تېلېفون نومۇرۇڭلارنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار!  -دوختۇرخانا باشلىقى شۇنداق دېگىنىچە چىقىپ كەتتى.
   
     تاجىكىستان بىر كىچىك دۆلەت، يەتتە مىليون نوپۇسى بار، پايتەخت دۈشەنبىدە پەقەت تۆتلا دوختۇرخانا بار، بىز يېرىم كۈندىلا ھەممىسىگە بېرىپ بولدۇق. ئەھۋال ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش: ئاشكارە كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان يەرگە ئوغرىلىقچە كىرگىلى بولىدۇ.
      يەتتىنچى ئاينىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرى ئىدى. چۈشتىن كېيىن بىز ئۈچىمىز «شاخوۋات بازىرى»نىڭ ئۇدۇلىدىكى يايمىدا ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچكەچ ئەتە دورىخانىغا بېرىشنى پىلانلىدۇق. مەيىن شامال ئۇرۇلۇپ مەندە مەمنۇنلۇق تۇيغۇسى پەيدا قىلدى. دەل بۇ ۋاقىتتا قىسقا پادىچىلار شىمى كېيىۋالغان ئۇزۇن چاچلىق چىرايلىق بىر قىز قولىدا تاماكا تۇتقىنىچە كېلىپ مەندىن ئوت سورىدى.
چىرايلىق قىز تاماكىنىڭ ئىسىنى كۈچلۈك ئىچىگە تارتىپ:« كېلىشكەن يىگىت، بۇ يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشساق بولامدۇ؟» دېدى.
مەن ئېغىز ئاچماي تۇرۇپلا بارىس تېزلا:«كەچۈرۈڭ، يەنە بىر چىرايلىق قىز ھازىرلا كېلىدۇ» دەپ باھانە كۆرسىتىپ رەت قىلدى.
بۇ ۋاقىتتا تېلېفون تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى...
ـــ ياخشىمۇسىز؟ جوۋ دىرېكتورمۇ؟- ئاۋازىدىنلا سودا شىركىتىدىكى لى دىرېكتور ئىدى.
ـــ ھەئە، مەن! لى دىرېكتور ياخشىمۇسىز؟
ـــ جوۋ دىرېكتور، كەچتە باش ئەلچىخانىدىكى جاڭ مۇدىرنى «دۈشەنبە-شاڭخەي رېستۇرانى»غا تەكلىپ قىلىپ قويدۇق، سىزمۇ كېلىڭ! دۈشەنبە ۋاقتى كەچ سائەت 6:00 دە.-دېدى لى دىرېكتور تەمكىنلىك بىلەن.
مېنىڭ كېلىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان دالىجان 300 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى «شاشكەن» دېگەن يەردىن دۈشەنبىگە كېلىپ مەن بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى «دۈشەنبە-شاڭخەي رېستۇرانى»غا بىللە ئېلىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى. دالىجان «تاجىكىستان تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ قۇرۇلۇش لايىھەلەش كەسپىدە ئوقۇۋاتاتتى.
بىر كۈن ئالدىراشچىلىقتا پۈتۈن بەدىنىم تەرگە چۆمۈپ كەتكەنىدى، مەن يۇيۇنۇپ كۆڭلىكىمنى ئالماشتۇرۇپ گالىستۇكۇمنى تاقىدىم. دالىجانمۇ يۇيۇنۇپ قارا رەڭلىك تار مايكىسىنى كەيدى، مۇسكۇللىرى كۆپۈپ تۇراتتى، ئاپئاق تېرىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كەيگەچكە ئىنتايىن كېلىشكەن كۆرۈنەتتى، تاجىكلار ياۋرۇپا ئېرىقىغا تەۋە بولۇپ، ساپ ئاق تەنلىكلەر ئىدى.
    «دۈشەنبە-شاڭخەي رېستۇرانى»نىڭ خوجايىنىنىڭ ئىسمى جىن سىجۈن بولۇپ، تاجىكىستاندا ئۇنىڭ يەنە پولات زاۋۇتى بار ئىكەن. ئالدىنقى يىلى مەن قەشقەر شۆبە شىركىتىدىكى ۋاقىتىمدا ئىككى ناتۇنۇش كىشى كېلىپ «قازا قىلغانلىق ئىسپاتى» تەرجىمە قىلدۇرغان ئىدى، ئەسلىدە جىن سىجۈننىڭ ئىكەن، مەن چۆچۈپلا كەتتىم، نېمىدىگەن ئېچىنىشلىق! ئۇ تاجىكىستاندا ماشىنا ۋەقەسىدە قازا قىلغانىكەن، ئىشلىرى تازا روناق تېپىۋاتقان ۋاقتى بولۇپ، شۇ يىلى ئۇ 41 ياشتا ئىكەن. بۇ ۋاقىتتا مەن ئىنتايىن مەيۈسلەندىم.
    ئايرىمخانىدا تاجىكستانغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ئۈزۈلۈپ قالمىدى، دالىجان ئىككىمىز تاماق يېگەچ قۇلاق سېلىۋاتاتتۇق. باش ئەلچىخانىنىڭ مۇدىرى تۆرىدە ئولتۇردى، سودا شىركىتىدىكى لى دىرېكتور ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى، يەنە ئون نەچچە ئادەم چۆرىدەپ ئولتۇرۇشقانىدى.
ـــ تاجىكىستان نامرات، كىچىك دۆلەت، داۋالاش بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىدۇ، ئۆزى ئىشلەپچىقارمايدۇ، ھەممىنى سەھىيە مىنىستىرى كونترول قىلىۋالغان.-جاڭ مۇدىرنىڭ سۆزلىرى شۇنچىلىك جانلىق ۋە روھلۇق ئىدى.
   بۇنى ئاڭلاپ، مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلىدىم:«ھەي، ھەقىقەتەن شۇنداق!»-جاڭ مۇدىر تۇرۇپلا قالدى، لى دىرېكتور ئالدىراشلا:«بۇياق ت ر گ تەرجىمە شىركىتىدىكى جۇ دىرېكتور!»
ـــ ھە جۇ دىرېكتوركەندە، بىز تاپشۇرۇۋالغان نۇرغۇنلىغان كارخانىلارنىڭ ماتېرىيالىنىڭ ھەممىسىنى سىلەر تەرجىمە قىلغان، ناھايىتى ياخشى تەرجىمە قىلىنغان، ئاڭلىسام « قەلەمگىمۇ، ئەلەمگىمۇ ماھىر» ئىكەنسىز، تاجىكىستاندا «جۇڭگو سودىگەرلەر بىرلەشمىسى» قۇرۇشقا تېگىشلىك، كۆپچىلىك سىزنى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ، سىز قانداق قارايسىز؟
جاڭ مۇدىر سۆزلەۋاتقاندا توساتتىن ئىشىك چېكىلىپ مۇلازىمەتچى كىرىپ جىددىيلەشكەن ھالدا:«قايسىڭلار دامىڭ؟ سىرىتتا بىرسى سىزنى ئىزدەيدىكەن».
غەلىتە ئىش، بۇ كىمدۇ ئەمدى؟ دالىجان ئىككىمىز ئالدىراش رېستوراندىن چىقتۇق، ۋاي تەڭرىم! ئىشىك ئالدىدا بارىس پۈتۈن بەدىنى قانغا مىلەنگەن ھالدا تۇراتتى.
ـــ نېمە بولدى؟ نېمە ئىش بۇ بارىس؟-دالىجان بىلەن ئىككىمىز تەڭلا سورىدۇق.
ـــ ساقچىغا مەلۇم قىلايلى!- دېدىم مەن بىر ئاز ھولۇقۇپ.
   بارىس كىيىم-كېچەكلىرىنى تۈزەشتۈرگەندىن كېيىن، تەمكىنلىك بىلەن: « ساقچىغا مەلۇم قىلغاننىڭ پايدىسى يوق! ئۆيگە قايتىش يولىدا ئىككى لۈكچەككە يولۇقۇپ قېلىپ، ئۇلار بىلەن سوقۇشۇپ قالدىم، بۇرنۇمدىن ئازراق قان چىقتى-شۇ، ھېچقىسى يوق! دامىڭ، مەن سىلەرگە دىققەت قىلىشىڭلارنى ئەسكەرتىپ قويۇش ئۈچۈن كەلدىم» دېدى.
ـــ مەن جۇڭگو شىنجاڭدا چوڭ بولغان، قاپلاندەك يۈرۈكۈم بار!- دېدىم، كۆپچىلىك كۈلۈشۈپ كەتتۇق. بۇ چاغدا دالىجان چاقچاق قىلىپ: « مەن ئافغانىستاندا چوڭ بولغان، يولۋاستەك يۈرۈكۈم بار!» دېدى، كۆپچىلىك تېخىمۇ قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.
   بارىسنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش يولىدا، مەن 100 سومۇننى بارىسقا بېرىپ: «ئەتە ئەتىگەن سىز بۇنىڭغا بىر كۆڭلەك سېتىۋېلىڭ، كېچىكىپرەك كەلسىڭىزمۇ بولىدۇ!» دېدىم، سۆزۈم تېخى ئاياقلاشمايلا ئۇ ئىككى قولىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ: «ياق! مېنىڭ كۆڭلىكىم بار! ئەتە سەھەر مەن ئۆز ۋاقتىدا سىزنى ئىزدەيمەن، رەھمەت سىزگە، تۈزۈت قىلماڭ!» دېدى.
     دوستلۇق دېگەن نېمە؟ ئۇ خۇددى بارىسقا ئوخشاش ئالىيجانابلىقى ۋە قېرىنداشلىق مېھرى ئارقىلىق باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈش دېمەكتۇر.
   ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ، بىز ئىككى كۈن دورىخانىلارنى ئايلاندۇق، پۈتۈن دۈشەنبە شەھىرىدە 20 نەچچە دورىخانا بار بولۇپ، ئەھۋال ئاساسەن ئوخشاش دېگۈدەك ئىدى، ئۇلار ئاشكارا مال كىرگۈزۈشكە پېتىنالمايتتى.
    ناتونۇش بىر دۆلەتتە سودا قىلىشتا نۇرغۇنلىغان كۈتۈلمىگەن خەۋپلەرگە دۇچ كېلىمىز. گەرچە پۇل خەجلەپ تاموژنىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مالنى دۈشەنبىگە ئېلىپ كىرگەن تەقدىردىمۇ، دوختۇرخانا ۋە دورىخانىلار يەنىلا يوشۇرۇنچە مال كىرگۈزىدۇ، «ئادەم كۆپ بولسا، گەپمۇ كۆپ بولىدۇ»، ئەگەر «سەھىيە مىنىستىرلىقى» بايقاپ قالسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن.


    بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، بىز ئوڭ قولىدا ئالتۇن كالتەك تۇتۇپ تۇرغان، ئىككى تەرىپىدە شىر ئوڭدىسىغا ياتقان «سومۇن ھەيكىلى» نىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدۇق، تاجىكلارنىڭ ئاتىسى، ياسىماندى پادىشاھلىقىنى قۇرغۇچىسىنىڭ بۇ ھەيۋەتلىك ئوبرازى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. مەن ئىختىيارسىز ھالدا بېشىمنى  كۆتۈرۈپ، قۇياشقا يۈزلەندىم، چاچلىرىم شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى، مەن بىر تەرەپتىن ھەربىيچە سالام بېرىپ، بىر تەرەپتىن تاجىك تىلىدا:«ئەي، مېھرى –شەپقەتلىك سومۇن ئالىيلىرى، مەن قوشنا دۆلەت جۇڭگودىن كەلدىم، مېنىڭ تاجىكىستاندا 3 مىليونلۇق سودىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمغا مەدەت بەرگەيلا!» دېدىم.
بارىس، دالىجانلار «ھى ھى ھى ....» دەپ پىخىلداپ كۈلدى ھەمدە چاقچاق قىلىپ: «قاراڭە دامىڭ، بىزنىڭ دۆلەت ئاتىمىز سىزگە ئالتۇن بېرىۋاتىدۇ.» دېدى.
ــ ئەپسۇس، بەك ئېگىزدىدە، بويۇم يەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەگىلا قارىسا ساقچى تۇرسا» دېدىم مەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە قارىتا رەدىيە بېرىپ. بىز بىردە كۈلۈشۈپ، بىردە پاراڭلاشقاچ خەلق مەيدانىدىن ئايرىلدۇق.

بىز پىيادە ماڭغاچ غېنى كوچىسىغا كېلىپ، بىر دورىخانىغا كىردۇق. بارسىنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا، دورىخانا خۇجايىنى غەزەپ بىلەن يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ:«يوقۇلۇڭلار! تاجىكىستان سىلەرنىڭ ساختا مېلىڭلارغا خۇشتار ئەمەس! مەن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، بىزنىڭ سودىمىزغا چاڭ سالماڭلار» دەپ ۋاقىرىدى.
ۋاي .... تەڭرىم! بۇ ئىش بەكلا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەچكە، بىز نېمە قىلارىمىزنى بىلمەيلا قالدۇق. بۇ نەچچە كۈندىن بېرى، مەن بىلەن بىللە ئايلىنىپ يۈرگەن سەپداشلىرىممۇ مېنىڭ سەۋەبىمدىن تىل – ئاھانەت ئىششىتتى، كەيپىياتىم ئىنتايىن چۈشكۈن ئىدى. گەرچە نۇرغۇنلىغان دورىخانىلار بىزنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، دۇكان خۇجايىنىنىڭ بىنورمال يۈرۈش–تۇرۇشلىرىنىڭ كەينىگە ناھايىتى زور بىر سۈيقەست يۇشۇرۇنغانىدى!

كەچلىك تاماقتىن كېيىن، بىز «رۇس مۇزىكىلىق تاماقخانىسى»غا بېرىپ، لىبا، كاۋاپ، سالات، پېۋا قاتارلىقلارنى بۇيرۇتتۇق، لەرزان ھەم مۇڭلۇق رۇسچە ناخشا–مۇزىكىلار كىشىنىڭ  قەلبىنى ئېزىۋېتەتتى. ناخشىچى بالا 20 ياشلار ئەتراپىدىكى چېچى سېرىق، كۆزى كۆپكۈك، قارا رەڭلىك شىم– كاستيۇم كىيىۋالغان كېلىشكەن يىگىت ئىدى. ئەگەر ئۇ جۇڭگودا بولغان بولسا، چوقۇم نۇرغۇن قىزلار ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولغان بولاتتى.
بارىس بىر پەس سۈكۈتتىن كېيىن، تۇيۇقسىزلا:«دامىڭ، غەلىتە ئىش! 1–كۈنى مېنى ئۇرغانلارنى بۇ دورىخانىنىڭ خۇجايىنى ياللىغانمۇ قانداق؟» دېدى.
«ھى ھى ..... بۇ ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، بىزنىڭ سودىمىزغا چاڭ سالماڭلار دېگىنى قىزىقتە ئۇنىڭ؟»  دېدى دالىجانمۇ خۇددى مەن بىلەن دېيىشىۋالغاندەكلا.
بارىس پېۋا ئىچكەندىن كېيىن، خۇددىي بىر يەكۈنگە كەلگەندەك مۇنداق دېدى: «دامىڭ، مۇنداق قىلايلى، ئەتە سەھەردە، بىز يەنە بىر دورىخانىغا بېرىپ باقايلى، دۇكان خۇجايىنى مېنىڭ كىچىك چاغلىرىمدىكى دوستۇم، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولدى! ئۇنىڭدىن سوراپ باقايلى، بەلكىم بىرەر ئەھۋالنى بىلىشى مۇمكىن.»
«ئۇنداق بولسا شۇنداق قىلايلى!» دېدۇق مەن ۋە دالىجان تەڭلا.  

فونتان ھاۋانى نەملەشتۈرۈپ تۇراتتى، بۈككىدە سايە تاشلىغان يولنى ئايلىنىپ ماڭغاندا، كىشىگە ئاجايىپ بىر ھوزۇر بېغىشلايتتى، سومۇن مەيداننىڭ ئۇدۇلىغا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى جايلاشقانىدى، ئەتراپ مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانغاچ كېتىۋاتاتتۇق، تۇيۇقسىزلا، بارىسنىڭ تېلېفونى سايراپ كەتتى، تېلېفوننى ئېلىپ ئۇنىڭ چىرايى قۇرقۇنچلۇق بىر تۈسكە كىردى.
بىردەمدىن كېيىن بارىس: «تېلېفوندا ئۇلار ماڭا، ھېلىقى جۇڭگولۇققا دەپ قوي، بۇ ئىشقا ئارىلاشمىسۇن، بولمىسا، تاجىكىستاندىن تىرىك ئايرىلىمەن دەپ خام خىيال قىلمىسۇن دەيدۇ.» دېدى.  

مەن يېرىم كېچىگىچە ئۇياققا ئۆرۈلۈپ بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمىدىم. بۇ ئىشلارنىڭ كەينىدىكى پىلانلىغۇچىسى زادى كىمدۇ؟ بارسىنى ئۇرغان كىشى زادى كىم؟ مەن تۇيۇقسىز بۇرۇن كۆرگەن چۈشۈمنى ئەسكە ئالدىم «دەريا قېنىدا بىر يولۋاس بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا نۇرغۇنلىغان ھاجەتخانا ۋە نىجاسەتلەر بار ئىدى». جۇ گۇڭنىڭ چۈش تەبىرى بويىچە«ھاجەتخانا ۋە نىجاسەتلەر » بېيىشقا ۋەكىللىك قىلاتتى، بىراق يولۋاس مېنى تۇسۇپ تۇراتتى!

ئىككىنچى كۈنى، بىز بارسىنىڭ قەدىناس دوستىنىڭ دورىخانىسىغا باردۇق، ئۇ بىزنى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئالدىمىزغا قەھۋە، تاتلىق– تۈرۈملەرنى ئېلىپ كەلدى، يەنە تېلېۋىزورنىمۇ ئېچىپ قويدى.بارىسنىڭ دوستى بىزنىڭ كېلىشتىكى مۇددىئايىمىزنى ئاڭلاپ بىرھازا ئويلانغاندىن كېيىن:«تېببىي دورا بۇيۇملىرىنى سەھىيە مىنىستىرلىقى ناھايىتى قاتتىق تۇتۇۋاتىدۇ، تەكشۈرۈش تالونى بولمىسا، تاجىكىستانغا ئەكىرىشكە بولمايدۇ، ئەكىرگەن تەقدىردىمۇ چوقۇم تاموژنىغا نۇرغۇن پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنداق قىلىش ئەرزىمەيدۇ! چۈنكى دوختۇرخانا، دورىخانىلار سىزنىڭ ماللىرىڭىزنى سېتىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئەكىرمەكچى بولسىڭىزمۇ ئوغرىلىقچە ئەكىرىشكە توغرا كېلىدۇ، ئەگەر تۇتۇلۇپ قالسىڭىز، ھەممىنى مۇسادىرە قىلىۋالىدۇ.» دېدى بارىسنىڭ ئاغىنىسى قەھۋەنى ئوتلاپ تۇرۇپ، ئاندىن  يەنە:
«مېنىڭ بىر ئامالىم بار، سىلەر بىۋاسىتە سەھىيە مىنىسترلىقىغا بېرىپ مىنىستىرنى ئىزدەڭلار، ماللارنى ئۇنىڭغا بەرسەڭلار، ھەممە  ئىش ھەل بولىدۇ!» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بىز دەقىقە ۋاقىتنىمۇ قولدىن بەرمەي، روھىمىز كۆتۈرەڭگۈ ھالدا سەھىيە مىنىستىرلىقىغا كەلدۇق، دەرۋازا سىرتىدا ئىككەيلەن تاماكا چېكىپ تۇراتتى، بارىس تۇيۇقسىز ھەيرانلىق ئىچىدە توۋلاپ سالدى:«قاراڭ، ئۇ ئىككەيلەن مېنى ئۇرغانلار ئەمەسمۇ؟» شۇنىڭ بىلەن ئالاقىزادە بولۇپ، ئورمانلىق ئىچىگە كىرىپ مۆكۈنۈۋالدۇق.
دالىجان كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ، قاراۋۇلدىن ئەھۋال ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن يۈگۈرۈپ كەتتى. دالىجاننىڭ بۇ ھەرىكىتى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى، نېمىدىگەن ياخشى سەپداش، نېمىدىگە باتۇر ــ ھە!
دالىجان قايتىپ كېلىپ:«قاراۋۇل ئۇلارنى تونۇيدىكەن، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىستىر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ناھايىتى يېقىنكەن» دېدى.
ھە! ..........  ھەممە چۈشىنىشلىك بولدى! ئەسلىدە مېنىڭ بېيىش يولۇمنى توسۇپ تۇرغان يولۋاس دەل سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىسىتىرىكەن ئەمەسمۇ؟

بىز ئۆزىمىزنىڭ ئالاقىزادە بولۇپ كەتكەن كەيپىياتىمىزنى تىنچلاندۇرۇش، كۆڭلىمىزدىكى قورقۇنچنى تۈگىتىش ئۈچۈن، «چوم» نىڭ ئەتراپىدىكى «روس ماروژنىخانىسى» غا كىردۇق، ئىچى ناھايىتى يېقىشلىق ھەم رومانتىك ئىدى. لەرزان مۇزىكا ياڭراپ تۇراتتى، بىز بىر تورت، ئۈچ دانە بۆلجۈرگەن ماروژنىسى بۇيرۇتتۇق. ئىككى نەپەر چىرايلىق كۈتكۈچى قىز بىزگە ناھايىتى قىزغىن مۇلازىمەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەۋرىشىم فىگۇرىسى، گۈزەل چېھرىنى كۆرگەن كىشىلەر راستىنلا روس قىزلىرىغا ئۆيلىنىش خىيالىغا كېلىپ قالاتتى.
«مەن مۇنداق پەرەز قىلدىم!» دېدى دالىجان ھەمدە بىر پارچە تورتنى يېگەچ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: «بىز تۇنجى كۈنى بارغان كاراپورو دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى بىزگە يىغىن ئاچىمىز دەپ، «سەھىيە مىنسىتىرلىقى» غا بېرىپ، مىنسىتىرغا بۇ ئىشلارنى دېگەن گەپ، ئاندىن مىنسىتىر ئىككى نەپەر خادىمنى دوختۇرخانىغا بىزنىڭ ئىزىمىغا چۈشۈشكە ئەۋەتكەن، ئەڭ ئاخىرىدا، بارىس ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا، بارسنى ئۇرغان! كېيىن، بىز يەنە غېنى كوچىسى دورىخانىسىغا بارغاندا، دۇكان خۇجايىنىدا بىنورمال ئالامەتلەر كۆرۈلگەن، بىز كەتكەندىن كېيىن، ئۇ مىنسىتىرغا تېلېفون ئۇرغان، كېيىن، مىنىستىر ھېلىقى ئىككى نەپەر خادىمنى بارسىغا تېلېفون ئۇرغۇزۇپ، دامىڭغا تاجىكىستاندىن ھايات كېتىمەن دەپ چۆچۈرىنى خام سانىمىسۇن دەپ تەھدىت سالغان. ھا ھا.....»
«ئوھوي، دالىجان شېرلوك ھولمېستەكلا يەكۈن چىقاردىغۇ! گېپىڭىزنىڭ جېنى بار!» دەپ بارىس ئىككىمىز ئۇنى ماختىدۇق.

كۆڭلۈم بىر ئەنسىزلىكتە يۈرۈكۈم ئېغىپلا تۇراتتى. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، ئىچ پۇشۇقىمىزنى چىقىرىش ئۈچۈن، بىز تۇرۇۋاتقان جاينىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەر بۈككىدە سايە تاشلاپ تۇرغان باغچىغا كەلدۇق. بىز ئۇ يەردە بارىسنىڭ بىر دوستىغا ئۇچراپ قالدۇق. ئۇ مېنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىمنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى ھەمدە ماڭا بىر قاتار ساقلىقنى ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇردى، ھەمدە مېنى شاخلىتىپ سېتىشقا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلدى، سورىسام «تيەنشى» نىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىكەن، خوجايىن جۇڭگولۇق ئىكەن، بۇنىڭغا نېمىمۇ دېگۈلۈك.
ئۇ بىر قىسىم ماتېرىياللارنى ماڭا بەرگەندە، ئۇنىڭ ماتېرىياللىرى ئىچىدىن بىر پارچە «ئوقۇش پۈتتۈرۈش خاتىرە سۈرىتى» يەرگە چۈشۈپ قالدى، مەن رەسىمنى كۆرۈپ، ھەيران قالدىم! ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى تۇنجى كۈنى مېنىڭ ئىشخانامغا كەلگەن تاجىكىستانلىق رۇستەم ئەمەسمۇ؟ مەندىن جۇڭگو زاۋۇتلىرىنى تېپىشقا ياردەملىشىشنى ئۆتۈنگەن، 3 مىليون قىممىتىدىكى رۇسىيە داۋالىنىش بۇيۇملىرىغا ئېھتىياجلىق دېگەن ھېلىقى بالا ئەمەسمۇ؟
ـــــ بۇ بالا سىزنىڭ نېمىڭىز بولىدۇ؟ دەپ سورىدىم مەن ھەيران بولغان ھالدا. ـــــ ئۇنىۋېرستېتتىكى ساۋاقدىشىم، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، رۇستەم جۇڭگوغا خەنزۇ تىلى ئۆگەنگىلى كەتتى، سىز ئۇنى تونۇمسىز؟ــــ تونۇيمەن، ئاڭلىسام ئۇنىڭ بىر تاغىسى ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ ئەمەلدارىكەن، قايسى تارماقنىڭ باشلىقىدۇ؟ــــ سەھىيە مىنىسىترلىقىنىڭ مىنىستىرى! ھە؟! ۋاي تەڭرىم! مەن ئۆزۈمنىڭ جىددىيلەشكەن كەيپىياتىمنى بېسىۋېلىپ، پەس ئاۋازدا ئۇنىڭدىن سورىدىم:«ئۇنداقتا، رۇستەمنىڭ دادىسى نېمە ئىش قىلىدۇ؟»ــــ ئۇنىڭ دادىسى غېنى كوچىسى دورىخانىسىنىڭ خۇجايىنى!ۋاي، توۋا! مەن بۇنى ئاڭلاپ، كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ ئايلىنىپ چۈشكىلى تاسلا قالدىم.

يېرىم كېچىدە، مەن يامان چۈش كۆرۈپ، چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم. تولۇن ئاي دېرىزىدىن ماراپ، ئاي نۇرى كارىۋاتنى سۇس يورۇتۇپ تۇراتتى. ئەتراپ تىمتاسلىققا چۆمگەنىدى. تاجىكىستاننىڭ داۋالىنىش بۇيۇملىرى ئىزچىل روسىيە ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنىدۇ، باھاسى قىممەت بولغانلىقتىن، سەھىيە مىنسىتىرى جۇڭگودا ساختىلىق قىلىپ، زور پايدا ئۈندۈرۈۋالماقچى بولغان. بۇنداق ئەخلاقسىز، قانۇنغا خىلاپ سۈيقەستنى باشقىلار بىلىپ قالغاندا، ئۇ چوقۇم ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ئىزىنى يوقىتىشتىن يانمايتتى.
ئويلا–ئويلا پۈتۈن بەدىنىمدىن شۇررىدە سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى. دەرھال دۈشەنبىدىن قېچىش  كېرەك! تاجىكىستاندىن كېتىش كېرەك!
2–كۈنى، شاخوۋات يولۇچى بېكىتىدە، مەن بارىس، دالىجانلار بىلەن خوشلىشىپ، ھەربىرىگە 200 دوللاردىن پۇل بېرىپ، ئۆز مىننەتدارلىقىمنى ئىپادىلىدىم. بۇ يەردە ئايرودۇرۇم پەقەت بىرلا بولۇپ، ئايروپىلانلا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۇچاتتى؛ بىراق يولۇچى بېكىتى بىرقانچە بولۇپ، خالىغان ۋاقىتتا ماڭاتتى. يولۇچىلار ئاپتوبۇسى نىسبەتەن بىخەتەررەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ۋەتەنگە قايتىش، خەتەردىن قۇتۇلۇش سەپىرىگە ئاتلاندىم. يول ئۈستىدىكى مەنزىرىلەر ئادەمگە ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىتەتتى، دۈشەنبىدىكى كۈنلۈرۈم بەئەينى ئامېرىكىنىڭ داڭلىق فىلىملىرىدەك، كشىنىڭ يۈرىكىنى جىغىلدىتاتتى.
تاغ – قىيالىق يوللار ناھايىتى خەتەرلىك ئىدى، قاتناش چازىلىرىدىن ئۆتكەندە، جۇڭگولۇقلار ھامان قاقتى –سوقتى قىلىناتتى. تاجىكىستاننىڭ بىر  قائىدىسى بولۇپ، شوپۇرلار پەقەت شۇ يەردىكى يولدىلا قاتنايتتى، باشقا يەرلەردىكى ھالاكەت يوللىرىدىن ماڭمايتتى. جۇڭگولۇق شوپۇرلارنىڭ ئېگىز قىيالىقلاردىن چۈشۈپ كېتىشى ياكى دەريادا غەرىق بولۇشىنىڭ ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرۇشى بىكار ئەمەسكەندە! ئۇۋالغا كەتكەن روھلار، خاتىرجەم يېتىڭلار، كېيىنكىلەر سىلەردىن ساۋاق ئالسۇن.

ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق، «قاراخۇنبۇ» غا بارىدىغان  ئاپتوموبىللارنى تاپماق ناھايىتى تەس ئىدى. مەن شۇ ئارىلىقتا، سالقىن ئاياغ، كالتە ئىشتان، مايكا، كۈن نۇرى شەپكىسىنى ئالماشتۇرۇۋالدىم. چۈشكە يېقىن، بىر كونا -ئەبجەق ئاپتوموبىل يېتىپ كەلدى.
شوپۇر 40 ياشلار ئەتراپىدىكى سۆزمەن مۇڭداشقاق ئادەم ئىدى. ئاپتوموبىل «خوستاۋ» دىن ئۆتكەندە، شوپۇر توختاپ، بالونلارنى تەكشۈردى. مەنمۇ دەريا بويىغا بېرىپ، يۈزۈمنى يۇيدۇم. ئۇدۇلدىكى تۆپىلىكتە ئىككى روپاش ئايال قولىدا سېۋەتنى كۆتۈرۈپ بىر نەرسە يېگەچ، تاغ ئۆڭكۈرىگە كىرىپ كېتىۋاتاتتى.
«ئۇياققا ئۆتمەڭ، ئۇدۇلىمىز ئافغانسىتان! خەتەرلىك!» شوپۇرنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا، بوشلۇقتا بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بۇلۇتلار ئارىسىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقتى. «پاڭ…» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، يەر بۇرغۇلىغۇچى بومبا تاشنى يېرىپ ئۆتۈپ «بوڭ…..» قىلىپ دەھشەتلىك ئاۋاز چىقىرىپ پارتىلىدى.
مەن قورقىنىمدىن قېتىپلا قالدىم، شوپۇر شاپلا كەينىگە بۇرۇلۇپ قاچتى ھەمدە:«سىز ئۇ تەرەپكە قېچىڭ، ئۇ تەرەپتە تاغلىق كەنت بار، كىرا ھەققىنى بولدى ئالمايمەن!» دېدى - دە، قويۇق چاڭ–توزان كۆتۈرۈپ بەدەر قاچتى، مەن قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم. بىزگە بۇ ھاياتلىقنى تەڭرى ئاتا قىلغان، بۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتسىلا، ئارقىدىن چوقۇم  خۇشاللىق يېتىپ كېلىدۇ! بىردەمدىن كېيىن، ھەممە بۇرۇنقىدەكلا تىمتاسلىققا چۆمدى. ئۇدۇلدىكى ئۆڭكۈردىن جەسەتلەرنى كۆتۈرگەن بىرقانچە ئادەم چىقىپ تاغدىن چۈشۈپ كەتتى.
مەن پۈتۈن بەدىنىمدىكى توپا –چاڭلارنى قېقىۋېتىپ، بىر كىچىك تۆپىلىكتىن يامىشىپ ئۆتتۈم، كۆز ئالدىم يورۇپ كەتكەندەك بولدى، چۈنكى ئالدىمدا، سىلاۋۇيانچە تاجىك يېزىقىدا يېزىلغان ـــــــ مېھمانخانا دېگەن خەت تۇراتتى. مېھمانخانا خوجايىنى 50 ياشلار چاممىسىدىكى قىزغىن ئادەم ئىدى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تاغلىق كەنتتە 80 ئائىلىلىك بولۇپ، بۇ يەردىن 1 كىلومېتىر يىراقلىقتا بىر كىچىك دۇكان بار ئىدى.
ئىككىنچى كۈنى، چۈشتىن بۇرۇن مېنى سېلىۋالىدىغان ئاپتوموبىل چىقماي، ئىچىم پۇشۇپ تۇراتتى. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، ھېلىقى خوجايىن ئىككى نەۋرىسىنى يول بويىغا چىقىپ قاراپ تۇرۇشقا ئەۋەتتى، مەنمۇ ھېلىقى دۇكانغا بېرىپ ئىچىملىك سېتىۋالماقچى بولۇپ ماڭدىم، ئەمدىلا بىر تۆپىلىككە چىقىشىمغا بىر نەچچە ئويناۋاتقان بالىلار مېنى كۆرۈپ بەدەر قاچتى. مەن ئۇلاردىن:«شاكىچىكلەر، قاچماڭلار، دۇكاننىڭ نەدىلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىدىم. ئاۋازىمنى ئاڭلاپ بىر ئوغۇل بالا توختاپ، سول تەرەپنى كۆرسىتىپ:«ئاۋۇ يەردە» دېدى. تازىمۇ بىر، «گەپ تونۇپ، ئادەم تونۇماسلىق» دېگەن شۇدە!
مەن دوقمۇشتىن ئايلىنىپ ئۆتتۈم، ئۈژمە دەرىخى ئاستىدا 10 نەچچە نەپەر ئەر كىشى زوڭزىيىپ ئولتۇراتتى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىن ۋەھشىيلىك چىقىپ تۇراتتى، قورققانلىقىمدىن پۇت –قولۇمدا جان قالمىدى، مەن تالىبانلارغا يولۇقۇپ قالغانىدىم. تەمكىن بولۇپ، تىترىمەسلىك كېرەك، قېچىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
ـــ ئاڭلىسام بۇ يەردە بىر دۇكان بار ئىكەن، قەيەردىدۇ؟ مەن جۇڭگولۇق، ئازراق ئۇسسۇزلۇق سېتىۋالاي دېگەن!- دېدىم مەن ئېھتىياتچانلىق بىلەن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا مۇلايىملىشىشقا باشلىدى، بىرسى بەلكىم ئۇلارنىڭ باشلىقى بولسا كېرەك:«ئۇنى ئىزدە! ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭساڭ بولىدۇ.» دېدى.
ئۇلارنىڭ دۇكان دېگىنى ئەمەلىيەتتە، كېسەك ۋە ياغاچ قوزۇقلاردىن ياسالغان كىچىك ئۆي بولۇپ، ئۆيدىكى ياغاچ جازىلارغا بەزى تۇرمۇش  بۇيۇملىرى تىزىلغانىدى. مەن ئىچىملىك ئىچكەچ دۇكاندار بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدىم. ئارىلىقتا تۇيۇقسىز «تاپشۇرۇق دەپتىرى» دېگەن خەنزۇچە خەتنى كۆرۈپ، قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتتىم، سەپسىلىپ قارىسام، لۆڭگە، كىر يۇيۇش پاراشوكلىرىنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك جۇڭگونىڭ ماللىرى ئىدى. مۇشۇنداق چەت –ياقا رايونلاردىمۇ جۇڭگو ماللىرىنىڭ بولۇشى كىشنى تولىمۇ ھەيران قالدۇراتتى!

چۈشتىن كېيىن، 60 – يىللارنىڭ بىر جىپ ماشىنىسى توپا توزىتىپ يېتىپ كەلدى. شوپۇر مېنى ماشىنىغا چىقىشقا قىزىقتۇردى. ۋاي، خۇدايىم! ماشىنىدا ئاپئاق كېپەنلەنگەن ئىككى مىيىت بولۇپ، بىر ئايال مىيىتنى قۇچاقلاپ زار –زار يىغلاۋاتاتتى. بۇ مەنزىرە ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ باغرىنى ئېزەتتى. ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئېرى قانداق بولۇپ ئۆلگەندۇ؟ كىم ئۆلتۈرگەندۇ؟ ھېچكىممۇ جاۋاب بېرىشنى خالىمىدى.
يول بويىدىكى گۈل–چېچەكلەرنىڭ خۇشپۇرىقى دىماغلارغا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. تاغ يولى داۋاملاشماقتا، بارلىق ئىشلار مېنى چوڭقۇر ئويغا چۆمدۈرگەنىدى. تاجىكىستاندىكى «باي بولۇش چۈشى» نى ھازىر ئويلىسام ئۇ بىر ئۈزۈل – كېسىل «بەربات بولغان چۈش»  ئىدى خالاس. ھەتتا مەنمۇ ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغىلى تاسلا قالدىم.

قاراخۇنبۇدا قايتىدىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، يېرىم كېچىدە «خورۇگ» غا كېلىپ ياتاققا ئورۇنلاشتىم، شۇ ئۇخلىغان پېتى ئەتىسى چۈشتە ئاران ئويغاندىم. دېرىزە سىرتىدىكى ۋىچىرلىشىۋاتقان قۇشلار، خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغان گۈللەر كىشىنىڭ ھارغىنلىقىغا مەلھەم بولاتتى.
تاجىكىستاننىڭ %90 يەر شەكلى تاغلىق – ئېگىزلىك بولۇپ، ئىسىمى جىسمىغا لايىق «تاغلىق دۆلەت» ئىدى. تاغلارنىڭ چوققىلىرى ئاپئاق قارغا پۈركەنگەن بولۇپ، تاغ باغرى بۈك باراقسان دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان ئىدى. كەچقۇرۇنلۇقى، چېگرىغا جايلاشقان مۇرگاب ئۆتىڭىگە يېتىپ كەلدۇق، ئوچاقنىڭ يېنىغا «تۆشەك سېلىپ» لا يېتىپ ئۇيقۇغا كەتتىم. ئەتىسى چېگرا تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، ۋەتەننىڭ قوينىغا قايتىپ بارساملا، ئاندىن ئۇھ دەيتتىم.

ئىككىنچى كۈنى، ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ھويلىغا چىقتىم. ئالدى تەرەپتە «شىنجاڭ تاشقى تىرانسپورت شىركىتى» نىڭ بىرقانچە ئاپتوموبىلى تۇراتتى. ئۇلارنى ئىچىدىكى ياڭ جۈنمىن دېگەن شوپۇر مېنى ئېلىۋېلىشقا قوشۇلدى. «تاجىكىستان چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى» يەنە 4 سائەتتىن كېيىن ئىشقا چىقاتتى، شۇڭا ياڭ جۈنمىن مېنى ئالدىن 1 سائەت بۇرۇن كېلىشىمنى ئۇقتۇردى.
يەنە ئۈچ سائەت ۋاقىت بولغاچقا، مەن لۆڭگەمنى ئېلىپ ۋاننىغا كىردىم، ئىلمان سۇ پۈتۈن بەدىنىمگە باشقىچە ھوزۇر ئاتا قىلماقتا ئىدى. بۇ ئەڭ ئاخىرىقى ئۆتكەل، چوقۇم ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىشىم كېرەك! مەن پاكىزە كاستيۇم بۇرۇلكىنى ئالماشتۇرۇپ، گالاستۇكۇمنى تاقاپ، بۇ قېتىملىق سەپىرىمنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلىدىم.

ئاپتوموبىل تاغلىق يولدا چايقىلىپ مېڭىپ ئاخىرى «تاجىكىستان دۆلەت چېگرىسى تەكشۈرۈش پونكىتى» غا يېتىپ  كەلدى. ساقچى مەندىن 500 دوللار  قاقتى سوقتى قىلماقچى بولدى. بۇچاغدا تۇيۇقسىز تومۇرۇمدىكى قانلا ئۆركەشلەپ ئېقىپ، سۆزلىرىم ئۆتكۈرلىشىپ، «جۇڭگونىڭ تاجىكىستانغا ياردەم بېرىشى»، «تاجىكىستان دېپلۇماتىيەسى»، «زۇڭتۇڭ سىياسىتى».... قاتارلىقلارنى سۆزلەپ، ئۇنىڭ بىلەن باھا تالىشىپ، ئاخىرى ئۇنىڭغا 80 دوللار بەردىم. پونكىت باشلىقى ئىككى ساقچىنى بۇيرۇپ، بىزنىڭ ئۆتۈشىمىزگە رۇخسەت قىلدى. شوپۇر ياڭ جۈنمىن خۇشاللىقتىن يايراپ كەتتى، بۇ ۋاقىتتا، پونكىت باشلىقى ۋە ساقچىلار بىزگە ھەربىيچە سالام بەردى. ئۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن.

ئاپتوموبىل بىخەتەر يۈرۈپ، «جۇڭگو چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى» غا كەلگەندە، ئاپتوموبىلدىن چۈشتۇق. جۇڭگو تۇپرىقىغا قەدەم باسقاندا، ھاياجانلانغانلىقىمدىن كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كەلدى. مەن كۆز ياشلىرىمنى سۈرتىۋېتىپ: «مەن! جوۋ دامىڭ قايتىم كەلدىم!» ....... دەپ بار ئاۋازىم بىلەن توۋلىدىم، تاغ جىلغىسىدىن قايتقان ئەكس سادا ئەتراپنى بىر ئالغان ئىدى، كىشىلەر ماڭا ھەيرانلىق نەزەردە قاراپ قالدى، چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىياتىمنى ھەرگىز تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى.

ئاندىن قەشقەرگە كېلىپ بىر كېچە قونۇپ، ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان يولۇچى ئاپتوبۇسىغا چىقتىم. 2 – كۈنى، ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدىم. شىركەتنىڭ شوپۇرى مېنى  ئالغىلى كەلدى. مەن ئاخىرى ئۆيۈمگە قايتىپ كەلدىم، شۇ كۈنى كەچتە  ئايالىمنى قۇچاقلاپ شۇنچىلىك شېرىن ھەم خاتىرجەم ئۇخلىدىم.

ئەتىسى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاسمىنى بۇلۇتلار بىلەن قاپلانغانىدى. مەن شوپۇر بىلەن داشىمىندىكى تېلېگراف شىركىتىگە يان تېلېفون سېتىۋالغىلى باردۇق، چۈنكى ۋەتەنگە قايتىش يولىدا، مېنىڭ  يان تېلېفونۇمنى تاجىكىستانلىق ساقچىلار قاقتى– سوقتى قىلىپ ئېلىۋالغانىدى. بىزنىڭ يېنىمىزدىلا، بىر – بىرىگە ناھايىتى قىزغىن بولغان بىر جۈپ ئەر-ئايال تۇراتتى. بەلكىم ئامراق ئەر – خوتۇنلار بولسا كېرەك. ھېلىقى ئەر ماڭا قاراپ: «سىز، ت ر گ تەرجىمە شىركىتىدىكى جوۋ دىرېكتورى ئەمەسمۇ؟» دېدى.
ـــ ھەئە، شۇنداق، سىز...؟- مەن قارشى تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ سورىدىم.
ـــ مەن جاڭجياڭ يولى تېڭدا تېببىي داۋالاش بۇيۇملىرى شىركىتىنىڭ درېكتورى، ۋاڭ جىچياڭ، سىلەرنىڭ كونا خېرىدارىڭلار بولىمەن! ئۆتكەندە سىلەرنىڭ روس تىلى گۇرۇپپىسىدىكى سۈن گۇرۇپپا باشلىقى بىزگە بىرقانچە نەپەر تاجىكىستانلىق سودىگەرلەرنى تونۇشتۇرۇپ قويغانىدى، ئۇلار بىزگە 3 مىليون يۈەنلىك داۋالاش بۇيۇملىرى زاكاز قىلىپ، تۈنۈگۈن توختام ئىمزالاپ 300 مىڭ يۈەن زاكالەت بەردى! ــ دېدى ئۇ، ئاندىن ئايالىغا قاراپ، بىزنى ئۆز ئارا تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى:
ـــــ بۇ مېنىڭ ئايالىم، ئۇنىڭغا ئالىي يان تېلېفون ئېلىپ بېرەي دەپ بۇ يەرگە كەلگەن. بۇياق ت ر گ تەرجىمە شىركىتىدىكى جوۋ دىرېكتور بولىدۇ.
ـــــ جۇۋ باش دىرېكتور ھەقىقەتەنمۇ ياش ھەم كېلىشكەنكەن ئەمەسمۇ -دەپ شوخلۇق قىلىپ كۈلدى..... ۋاڭ خانىم، ئۇنىڭ كۈلكىسىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئۇماق ھەم يۇمۇرىستىك ئىدى.

ئۇلارنىڭ بارا–بارا يىراقلىشىۋاتقان بەختلىك تۇرقىغا قاراپ، مەنمۇ چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدۈم. چۈنكى بىزنىڭ خېرىدارىمىز بۇ سودىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋۇجۇدقا چىقارغانىدى......
سىم– سىم يامغۇردىن كېيىن بۇلۇتلار تارقاپ، ئىللىق قوياش يەنە ئۆز نۇرىنى بۇ شەھەرگە سېخيلىق بىلەن چاچتى، ھەممە شۇنچىلىق تىنچ ھەم خاتىرجەم ئىدى.

11

تېما

3

دوست

2283

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 696
توردىكى ۋاقتى: 185
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 15:52:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە دېگەن مۇرەككەپ مۇناسىۋەت،مۇرەككەپ ئىشلار بۇ ئەسەردە تىلغا ئېلىنغىنى....

جوڭگونىڭ ساختىلىقلىرى دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىنى قاپلاپ كەتكەندەك....

ناھايىتى قىزىقىپ ئوقۇدۇم ئەسىرىڭىزنى...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

26

دوست

5777

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   15.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1440
توردىكى ۋاقتى: 122
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 22:49:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقا ئەمما مۇرەككەپ ۋەقەلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر فىلىم كۆرگەندەك بولدۇم .

  تېنچلىق  گويا رەڭمۇ رەڭ گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان ، خۇشئاۋاز قۇشلار بەستە - بەستە ناۋا قىلىۋاتقان گۈلزارلىققا ئوخشايدۇ ، ئۇ شۇنچە جەلپكار ، شۇنچە سېھىرلىك ،  شۇنداقلا كىشىگە  تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەل تۇيغۇلارنى بەخش ئېتىدىغان ئەيېقىملىق مىلودىيەدەك يېقىشلىق !

بۇ ئەسەردىكى ئۇيغۇر قىزى ھەققىدىكى قىسقا بايان ، بىزگە ئاتا - ئانا بولغۇچىنىڭ بالىلارغا ئۆز تىلىنى ، ئەنئەنىسىنى ، ئۆرپ - ئادىتىنى مىراس قالدۇرۇشنىڭ ئەڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ ، پەقەت شۇلا نۇرغۇن پۇل خەجلەپمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدىغان قىممەتلىك مىراستۇر !

0

تېما

2

دوست

4091

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1236
توردىكى ۋاقتى: 172
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 02:20:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساختىپەزلىگى ئاقماپتۇ دە كاساپەتنىڭ

5

تېما

0

دوست

2196

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9153
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 238
تۆھپە : 531
توردىكى ۋاقتى: 254
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 16:27:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرغۇ خىلى يامان ئەمەس يىزىلىپتۇ ، لىكىن ئاخىرىدا زادى نىمە دىمەكچى بۇنى مەن تازا ئىنىق چۈشۈنۈپ كىتەلمىدىم .

0

تېما

1

دوست

2158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 646
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 21:02:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ تەرەپكە ئۆتسىڭىز ئافغانىستان...  ھەجەپمۇ يىقىنكەن دىسە تاجىكىستان  بىلەن، تالىبانلارغا ئۇچراپ قاپتۇ تېخى... ھەي ئۆزبېكىستاندىكى ياش ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللارمۇ ئۇيغۇرچىنى زادىلام بىلمەيدىكەن، تاجىكىستانمۇ شۇ، ئىچىنىشلىق دىسە... بەلكىم بىزمۇ شۇلارنىڭ ئورنىدا بولساق يا  بىلەتۇق يا بىلمەستۇق... بەلكىم بىلمەيمىز..

خوجە

0

تېما

11

دوست

4711

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 1315
توردىكى ۋاقتى: 377
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 15:11:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ArpatKurban يوللىغان ۋاقتى  2014-6-17 21:02
ئۇ تەرەپكە ئۆتسىڭىز ئافغانىستان...  ھەجەپمۇ يىقىنكەن دى ...

ھەسرەت چەكمەڭ  ئىككى تىل  ئارسىغا  تەرجىمە  كەتمەيدۇ.

0

تېما

0

دوست

197

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   65.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29189
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 19:22:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا تىنىچلىق خاتىرجەمللىككە نېمە يەتسۇن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )