- تىزىملاتقان
- 2014-3-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 572
- نادىر
- 0
- يازما
- 44
ئۆسۈش
14.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا badal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-20 14:20
yachiwek يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 16:35
جاھاندىكى ئىشلارنىڭ ئەڭ ئاسىنى باشقىلارغا باھا بېرىش. ...
ھە، ئوبزورچى ( ئەدەبىي تەنقىدچى) بولغىڭىز بار ئىكەن-دە؟ ئۇنداقتا بىر پۈتۈن قەلەمكەشلەرگە ئۇنداق-مۇنداق، دەپ لەقەم قۇيۇپ ئولتۇرماي، زادى خەلقنىڭ ئۇسۇغان يېرىگە باراممايدىغان، ھەقىقىي خەلق روھىنى گۋدىلەندۇرمىگەن، جانباقتىلىق، شۆھرەتپەرەسلىك تەماسىدا يېزىلغان پۈچەك ئەسەرلەرگە قارىتا، چوڭقۇر مۇلاھىزىلىك، كونكىرت تەنقىدىي قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قۇيۇڭ. سىزنىڭمۇ خەۋرىڭىزدە بار ھەقىچان، بىر چاغلاردا قارا-قۇيۇق مىللەتنىڭ ئەيىپ-نۇقسانلىرىنى دادىللىق بىلەن ئېچىپ تاشلايدىغان ماقالىلەرنى يېزىپ، مىللەتنى قانچىكى سۆكەلىسە شۇنچە قالتىس ھېساپلىنىدىغان بىر ئىشلار ئەۋىج ئېلىپ كەتكەن. كېيىن بىر قىسىم كاللىسى سەگەك ئادەملەر، توختا، مىللىتىمىز ئۇنچىۋالامۇ ئەسكى مىللەت ئەمەس، بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى مەدەنىيەتتە چېكىنىش، چۈشكۈنلىشىشلەر يۈز بەردى، يەنە ياخشى تەرەپلىرىمىزمۇ كۆپقۇ؟ مەسىلىنى بۇنداق بىرتەرەپلىمىلىك بىلەن يەكۈنلىسەك بولمايدىكەن ، دەپ ئىشنىڭ يولىنى ئۆزگەرتكەن.
سىزگە قارىتا مېنىڭ ھېچقانداق يامان نىيتىم يوق، چۈنكى بىز قېرىنداش، بىر بىرىمىزگە ئاچىق قىلىشلار بىلان ھېچ ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. مەن يەنە « ئوبزورچىلىق ئاسان ئىش » دېمەكچىمۇ ئەمەس، پەقەت سىزدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشقا قارىتا سەل چېچىلىپ قالدىم. مەسىلە سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس، كىمنىڭمۇ كاتتا ئەسەرلەرنى يازغۇسى يوق دەيسىز؟ ئۇ يالغۇز ئىرادە بىلەنلا بۇلىدىغان ئىش ئەمەس، بەزىلەردە ھەقىقەتەن بەدئىي دىت، بەدئىي تەپەككۇر ئاجىز بۇلىدۇ، مىڭ قىلسىمۇ قىردىن ئاشمىقى تەس. بەزىلەردە بۇ شەرت تولۇق، لېكىن شارائىت يار بەرمەيدۇ. ئەگەر سىز راستىنلا ئوبزورچى بولماقچى بولسىڭىز قانداق يازغاندا كاتتا ئەسەرلەرنى يازغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىسىز . بىراق كاتتا ئەسەرلەر ئۈچۈن ئىدىيە چەكلىمىگە ئۇچۇرماسلىقى كېرەك. سىز شۇنداق قىلالامسىز؟ ماقۇل، شۇنداق يازدىمۇ دەيلى، لېكىن ئۇنداق ئەسەرلەرنى مەتبۇئات يۈزىدە كۆرەلەمسىز؟
شۇڭا مەن دېمەكچىكى، ھە دېسىلا يازغۇچىلار ئۇنداق يازدى، مۇنداق يازدى، دېگەندەك ۋايساشلارنى تاشلاپ، ناچارلىرىنى كونكىرىت نۇقتا قىلىپ تەنقىدلەيلى، قىر باغرىدا ئازراق ئاپتاپ تېگىپ ۋىللىدە ياشارغان مايسىدەك كۆكۈرۈپ چىققان بەزى ياخشى ئەسەرلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرەيلى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يەنىلا پەرۋىشكە، قوللاشقا مۇھتاج. بىر تەرەپلىمە قارىساق نۇرغۇن ئەرزىيەت تارتىۋاتقان ئېسىل يازغۇچىلىرىمىزغا ئۇۋال قىلىپ قۇيىمىز.ھازىرمۇ قاراڭە، پىشقەدەملەردىن توختى ئايۇپ، ئابلەت ئابدۇللا، بوغدا مۇئەللىم، ئىمىن ئەخمىدى، ئەختەم ئۆمەر،تاھىر تالىپ، تۇرسۇنبەگ ئىبىراھىم تايماس، نۇرمۇھەممەد توختى، خالىدە ئىسرائىل، ئېزىز ساۋۇت قاتار؛لىقلار بولسا، ياش، ئوتتۇرا ياشلىقلاردىن ياسىنجان سادىق چوغلان، ئابباس مونىياز تۈركىقان، تۇرسۇن مەھمۇت، تۇرسۇنجان مۇھەممەد، مۇھەممەدسىلىم مۇھەممەد قاسىم،مەھمۇت يولۋاس، شائىرلاردىن ئادىل تۇنىياز ، ۋاھىتجان ئوسمان، ئاسىمجان ئۇبۇلقاسىم، غۇجىمۇھەممەد مۇھەممەد، مۇتەللىپ مەنسۇر ، رەخىم ياسىن قاينامى، ئالىمجان تۆمۈر تۇران، ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە، ۋە باشقا ئىسمى ئاتالمىغان نۇرغۇن ياخشى ئەدىپلىرىمىز بار، ئۇلار ھەريىلى كۆپلىگەن ئېسىل ئەسەرلەرنى خەلقنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىۋاتىدۇ.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، سىلەر نەسىھەتنى گۈزەل تىللاردا قىلىڭلار!، دېگەن. بۇنىڭ مەنىسىنى چۇڭقۇرلاش ئۇچۇن شەرھىسىگە بىر كىتاپ يازسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ. بىر ئادەمنى يامان گەپ بىلەن بىر ئىشتىن توسقىچە، ئۆزى ئۈلگە بۇلۇپ ياخشى ئەمەل، ياخشى سۆز بىلەن نەسىھەت قىلسا ئەلۋەتتە بۇنىڭ نەتىجىسى چوڭراق بۇلىدۇ.
بەلكىم دېگەن گەپلىرىم دېتىڭىزغا ياقماي قالغان بۇلىشىمۇ مۈمكىن ،كېرەك يوق، مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ۋە بىلگەنلىرىمنى دەپ قويدۇم. قىسقىسى ئۇمۇمىيلىققا باھا بىرىشتە ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. قېنى قېرىندىشىم، سىزمۇ سوغاققانلىق بىلەن ئويلۇنۇپ بېقىڭ. |
|