- تىزىملاتقان
- 2014-6-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 143
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
47.67%
|
ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى بىلەن ھۈنەرۋەن
بىر ياغاچچى (ھۈنەرۋەن) بىر ئۈستەل ياسىغان بولسا، ئاشۇ ئۈستەلدە ئۇلۇغ بىر ئىدىيە، تېرەن بىر خاھىش بولمايدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قالدۇرۇشلا رولىنى ئۆتەيدۇ. ئاشۇنى ياسىغۇچى ھۈنەرۋەن ماددىي مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قەلەمكەشلەرنى ئۇنىڭ ئوخشاشمايدۇ. ئۇلارنى مەنىۋىي مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى دەپ قارىشىدۇ. لېكىن ھەر ئىككىسى ئوخشاشلا «مەھسۇلات» ئىشلەپچىقارغۇچىدۇر!
ئەمما ھۈنەرۋەن ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتتا ئىدىيە بولمايدۇ. ئۇ پەقەت ئۆز مەھسۇلاتى ئارقىلىق كىشلەرنى ماددىي ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ۋە شۇ ئارقىلىق مەلۇم ئىقسادى قىممەت يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.قەلەمكەش ئىشلەپچىقارغان «مەھسۇلات»تا يېڭى ئىدىيە، خاھىش بولىدۇ. ئۇ يېڭى ئىدىيە، خاھىش ئارقىلىق كىشلەر ئىدىيەسىگە، جەمىئىيەتكە، ئۇست قۇرۇلماغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەم شۇ ئارقىلىق بەلگىلىك قىممەت يارىتىدۇ. ئەگەر ياراتقان ئەسىرىدە بەلگىلىك يېڭى ئىدىيە، مۇستەھكەم بىر خاھىش بولمىسا، ئۇنى ياراتقان قەلەمكەش دۇنيادىكى ئەڭ بىچارە، نۇمۇسسىز بىر ئادەمگە شۇنداقلا «ئۈستەل» ياكى كەتمەن، ئۇرغاق ئىشلەپچىقارغۇچى سېپى ئۆزىدىن بىر ھۈنەرۋەنگە ئايلىنىپ قالىدۇ. «غەربنىڭ تەپەككۇرى» دېگەن كىتابتا: «سەنئەتكار ياكى شائىرلار ‹ياسىغۇچى› ئۇلارمۇ باشقا بۇيۇملارنى ياسىغۇچىلارغا ئوخشاش ھۈنەرۋەن بولۇپ، بىر نەرسە ئىشلەپ چىرىدىغان ماھارەتكە ئىگە.
روشەنكى، شېئىرنىڭ باشقا مەنىسىمۇ بار بولۇپ، ئۇ قول ھۈنەرۋەن سەنئىتى ئەمەس، روھ سەنئىتى» بۇ يەرنى شۇنى ئىتراپ قىلىشىمىز كېرەككى، قەلەمكەشمۇ ھۈنەرۋەن! لېكىن ئۇنىڭ باشقا مەنىسى قول ھۈنەرۋەن سەنئىتى ئەمەس، روھ سەنئىتى. ئەمما، مەن شۇنداق قارايمەنكى، ھەققىي بىر سەنئەتنى يارىتالمىغان قەلەمكەش «ئورۇندۇق» «كەتمەن – كۈرجەك» ئىشلەپچىقارغىچىدۇر. بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب شۇكى، باشتا ئىيتىپ ئۆتكەندەك يېڭى ئىدىيە، تېرەن بىر خاھىش بولمىغان ئەسەرنى «ئورۇندۇق» «كەتمەن – كۈرجەك» ياسىغۇچى ھۈنەرۋەن دېمەستىن ئۆزگە چارە يوق! «روھ سەنئىتى» دېگۈچى بۇنى نەزەردىن ساقىت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، مەزكۇر كىتابتا مۇنداق پىكىر بار: «ھەقىقىي بىر شائىرنى موزدۇزغا ئوخشايدۇ، دېگەندىن كۆرە، بىشارەتچىگە ئوخشايدۇ، دېگەن تۈزۈك ئەمەسمۇ؟» دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، »ھەقىقىي بىر شائىرنى موزدۇزغا ئوخشايدۇ» دېمەك، ئۇنى ئاۋۋال بىر پەيلاسوپ دېگەن. ئىككىنچى بىر پەيلاسوپ ئۇنىڭغا مەسلەھەت تەرىقىسىدە ئۆزىنىڭ قىياس پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يۈرگۈزىۋاتقان مۇھاكىمىدىكى پىكىرنى يەنە مۇنداق تەھلىل قىلىپ كۆرسەك بولىدۇ: ئاتالمىس مەنىۋىي مەھسۇلات ياراتقۇچى قەلەمكەش بىلەن «ئورۇندۇق» «كەتمەن – كۈرجەك» ياسىغۇچى ھۈنەرۋەن ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى «مەھسۇلات»تۇر. ئەگەر قەلەمكەش ئۆز ئەسىرىنى سەنئەتلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرەلمىسە ياكى يېڭى بىر ئىدىيە، تېرەن بىر خاھىشنى ئوتتۇرىغا قويالمىسا، ئۇ ھالدا ئۇ قەلەمكەش «ئورۇندۇق» ياسىغۇچى بولۇپ قالىدۇ.
ئەمدى بۈگۈنكى زامان بىر قىسىم ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ «بازار»غا ئۆلگۈرۈتۈپ ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان ئەسەرلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئەسەرلىرىدىن باشقىلىرىنىڭ ئاساسەن «ئورغاق» «ئاياق» «پەردە»... دېگەندەك مەخسۇلاتلار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇ خىل تىپتىكى «قەلەمكەش » لەردە قانداق پىسخىك ئاجىزلىقلار بۇلىدۇ؟ بۇنىڭ روشەن ئىپادىلىرى بولسا، ساختا مىللەتپەرۋەر، خۇشامەتچى، ساختا شۆھۋەتكە جېنىنىڭ بېرىچە ئىنتىلگۈچى، روھىي غالبىيەتچى، ئۆزىنى ئاجايىپ چاغلىغۇچى، ھەسەتخور، ساختا ھەققانىيەتچى، ئۆزىدىن ئۇزاپ كەتكەنلەرنى بىر ئاماللارنى قىلىپ پۇتلىغۇچى، مىللەتنىڭ ئاھۇ – زارىدىن ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتىنى ئەلا بىلگۈچى، تەنقىدتىن ئۆلگۈدەك قورقۇغۇچى... ۋاكازارلار. بۇ پسخىك ئاجىزلىقلارغا «قەلەمكەش»لىرىمىزنى سېلىپ كۆرسەك، مەسىلە تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. بىلىڭكى، بۇلارغا ھەر قانداق ئۇلۇغۋار پەند – نەسەھەت كار قىلمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى قۇرۇۋالغان قاراڭغۇ، زەي، قۇرۇت – قوڭغۇزلار قاپلاپ كەتكەن، سېسسىقچىلىق باسقان تار دۇنياسىدا ياشاشنى بەخت دەپ بىلىشىدۇ. ئۇلار شۇ ئارقىلىقلا مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ.
بەزى چاكىنا ئوبزۇرچىلار ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى «بەدىئىلىككە تويۇنغان، ئۆزگىچە قاراش يېڭى ئىدىيەنى ئىلگىرى سۈرگەن، تېرەن تىندىنسىيەگە ئىگە» دەپ ئاجايىپ كۆككە كۆتۈرگەن بولسا، ئۆزلىرىنى: «تالانتلىق، ئاتاقلىق، مەشھۇر» ناملار بىلەن سۈپەتلىدى. بۇ نېمە دېگەن بىمەنىلىق! ئوقۇرمەننىڭ كاللىسى قانچىكى ئاددى بولسا، «ساندۇق» «چېلەك» «ئوتىغۇچ» ياسىغۇچىلار شۇنچە كۆپىيىپ كېتىدۇ.
phonon ناملىق تورداشنىڭ بىر ئىنكاسىنى مىسالغا ئالاي:
«بىر يىلى پۇرسەت بولۇپ جەنۇبنىڭ يېزا، ناھىيە بازارلىرىنى ئارىلايدىغان پۇرسەت بولدى. ياغاچ ساندۇق ياسايدىغانلارغا دىققەت قىلىپ باقتىم. ساندۇقنىڭ شەكلى، ماتېرىيال، ئىشلەش جەريانى دادام ئاپاملارنىڭ دەۋرىدىكى ياغاچ ساندۇق بىلەن ئوخشاش. پەقەت نەقىش بىرئاز پەرقلىق. بىزنىڭ ئۆيدىكى ساندۇقتا ئۈچ يېتەرسىزلىك بار. تۇتقۇچ قول ئاغرىتىدۇ. نەقىشلەر قولنى ئىلىدۇ. ئىشلەتكەن ياغاچ يېرىلىپ كېتىدۇ. يېرىم ئەسىر كىيىن بۇ كەمچىلىكلەر يەنىلا بار.
ماقالىدە تىلغا ئىلىنغان ياپونلارنىڭ قىلىچىنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە يوق. بۇنىڭغا ئىسپات قىلىپ توردىن ئىزدەپ كۆرسەڭلار بولىدۇ. ياپون جۇڭگو ئۇرۇشىدا جۇڭگو تەرەپ كۆتۈرۈۋالغان چوڭ قىلىچلار ھەرگىز ياپوننىڭ ئىنچىكە سامۇراي قىلىچلىرىنىڭ خىلى ئەمەس. بىر چېپىشتا جۇڭگو ئەسكەرلىرىنىڭ قۇلىدىكى قىلىچلارنى پارە-پارە قىلىۋەتكەن ۋەقەلىكلەر كۆپ خاتىرىلەنگەن»
phonon نىڭ بۇيەردە دېگىنى ماددىي بۇيۇم ياسىغۇچىنىڭ «ساندۇق»ى، بۇنى مەنىۋىي «ساندۇق» ياسىغۇچىلارغا تەدبىقلىساق پىكىردە يەنىلا خاتالىق يۈز بەرمەيدۇ. ئۇلارغا ئاللاھ مىڭ يىل ئۆمۈر بەرسە، سۈپەتسىز ئوخشاش شەكىلدىكى «ساندۇق»لارنى ئىشلەپ چىقىرىۋېرىدۇ، ھەرگىزمۇ ياپوننىڭ ئىنچىكە سامۇراي قىلىچلىرىنى ئىشلەپ چىقالمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ شۇ خىل تىپتىكى بوۋىسىمۇ ئۇنىڭ شۇنداق «ساندۇق» ياسىغان ھەم ئۇلارنىڭ كاللىسى ئۆزلىرى قۇرۇۋالغان قاراڭغۇ تار دۇنياغا سولۇنۇپ قالغان.
بۇلارنىڭ ئەسىرى ئەگەر بىرەر مۇكاپاتقا نائىل بولۇپ قالسا ياكى ئۇ، بۇ يىغىن، ساياھەت، كورۇسلارغا قاتنىشىش نىسىپ بولۇپ قالسا، ماڭقۇرۇتتەك سەپەردىن قايتقاندىن كېيىن ئاتا – ئانىسىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇلار بىر مىللەت ئۈچۈن ئاپەت. چېكەتكە ئاپىتىنى يوقاتقىلى بولىدۇ، ئەمما كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىۋاتقان بۇنداق ھۈنەرۋەن «قەلەمكەش»لەرنى يوقۇتۇش بەسى مۈشكۈلدۇر!
ئۇلارنى تەنقىدلەپ يۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئىدى، ئەمما، ئۇلارنىڭ سۈپەتسىز، ساختا ھەم ناھايتى لاۋزا «مەھسۇلات»لىرىنى بىلمەي سېتىۋېلىپ، مەندەك ئالدىنىپ قېلىۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر بار، ئۇلارنىڭ داۋاملىق ئالدىنىپ قېلىشىنى خالىمىساق كېرەك. شۇڭا ئۇلارنى ئەسەر ئەمەس، بەلكى «كەتمەن، كۈرجەك» ياسايدىغان ھۈنەرۋەنلەرگە ئوخشىتىپ قويغۇم كەلدى.
|
|