قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6604|ئىنكاس: 3

ئەينى دەۋردىكى قۇمۇل ھاۋا ئارمىيە بازىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

1

دوست

2433

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14439
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 762
توردىكى ۋاقتى: 210
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 22:28:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەم ياقۇپ
(قۇمۇل شەھەرلىك تارىخ - تەزكىرە ئىشخانىسىدىن)

     شىنجاڭنىڭ ئاۋىئاتسىيە تارىخى توغرىسىدىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا، 1920 - يىللارنىڭ ئالدى - كەينىدە شىنجاڭغا ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، شىنجاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدا ھاۋا يولى ئېچىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىلگەن. دەل مۇشۇ چاغدا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى دۇنياغا مەشھۇر رونكى ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدىن ۋەكىل ئەۋەتىپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا - ئاسىيا ھاۋا يولىنى ئېچىش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن ۋە ياۋروپا - ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. كېلىشىمدە ھاۋا يولى نەنجىڭدىن باشلىنىپ شىنجاڭدىكى قۇمۇل، ئۈرۈمچى، چۆچەك ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بېرلىنغا تۇتىشىدىغان بولغان. 1929 - يىلىغا كەلگەندە يۇقىرىدىكى كېلىشىم بويىچە قۇمۇل، ئۈرۈمچى، چۆچەكلەردە ئايرودروم ياسالغان.
    1937 - يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندا، جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى ئىمزالايدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي سوۋېت ئىتتىپاقى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە ھەربىي ئايروپىلان ، ترانسپورت ئاپتوموبىلى، بېنزىن ۋە باشقا ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى سېتىپ بېرىشنى قارار قىلىدۇ، بۇلار شىنجاڭ ئارقىلىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئالدىنقى سەپكە توشۇلىدىغان بولىدۇ. قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى چۆلگە جايلاشقان بۇرۇنقى ياۋروپا- ئاسىيا ئايرودرومى ئۆتكەن - كەچكەن ئايروپىلانلار چۈشۈپ ماي قاچىلايدىغان ئورۇنغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئايرودرومنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئاشخانا قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان بىرقانچە ئېغىز كېسەك ئۆيدىن باشقا ئۆي يوق ئىدى. ھاۋا بوشلۇقىدىكى، يەردىكى ئىشلارنى ئىشلەيدىغانلار ۋە ئايرودروم خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى چېدىردا ياتاتتى. دەسلەپتە قىرغۇچى ئايروپىلان، بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنىڭ ھەممىسى بىۋاسىتە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن سەپ بويىچە ئۇچۇپ كېلىپ قۇمۇل ئايرودرومىغا قونۇپ، سۇ، ماي قاچىلاپ)ئەينى چاغدا ئايروپىلانلارنىڭ بىر قىسمى سۇ بىلەن سوۋۇتىلاتتى(، ئاندىن لەنجۇ، شىئەن، چوڭچىڭ ۋە ۋۇخەن قاتارلىق جايلارغا ئۇچۇپ كېتەتتى. 1938 - يىلى قىرغۇچى ئايروپىلانلارنىڭ ھەممىسى قۇمۇلدا قوراشتۇرۇلىدىغان، زاپچاسلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئاپتوموبىل ئارقىلىق توشۇپ كېلىنىدىغان بولدى. ئەينى چاغدا ياپونىيە ھاۋا ئارمىيىسى لەنجۇغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان، ئايرىم بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى تېخى جاڭيېگىمۇ ھۇجۇم قىلغانىدى. ئايروپىلانلارنى بىخەتەر قۇراشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، دۈشمەن ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قۇمۇل ئايرودرومىدا V _ 16 تىپلىق قىرغۇچى ئايروپىلاندىن ئون نەچچىسى، C6 تىپلىق يېنىك بومباردىمانچى ئايروپىلان ئەترىتىدىن بىرى ۋە ئاز ساندا باشقا تىپتىكى ئايروپىلانلار تۇرغۇزۇلدى. ئايروپىلان قۇراشتۇرۇۋاتقان مەزگىلدە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ھاۋا ئارمىيىسىدىن زور بىر تۈركۈم ئاۋىئاتسىيە خادىمىنى بۇ ئايرودرومغا ئەۋەتتى، سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ خېلى كۆپ تېخنىكنى ئەۋەتتى. بۇ تېخنىكلار شىنجاڭدىكى مېخانىكىلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايدىغان يەرلىك ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئايروپىلان قۇراشتۇردى. قۇراشتۇرغان ئايروپىلانلارنى سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇش، ئېتىش سىنىقى قىلىش قاتارلىق ئېھتىياجلاردىن چىقىش ئۈچۈن، ئايرودرومنىڭ ماتېرىيال ئامبىرى، ماي ئىسكىلاتى، ئوق - دورا ئىسكىلاتى، ئايروپىلان توختىتىش سۇپىسى كېڭەيتىلدى، يېڭىدىن ئايروپىلان ئىسكىلاتى سېلىندى. ئايرودرومدا يەنە ماي قاچىلاش ماشىنىسى، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى، سىلىقلاش مېيى قاچىلاش ماشىنىسى، ئايروپىلاننى ئوت ئالدۇرۇش ماشىنىسى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ماشىنىلار ۋە خادىملار سەپلەندى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەمىنلىدى. قۇمۇل جۇڭگوغا ياردەم قىلىنغان ماددىي ئەشيالارنى توشۇش تۈگۈنى بولۇپ قالغاندىن كېيىن، دائىملىق تۇرىدىغانلار ۋە كېلىپ - كېتىپ تۇرىدىغانلار سانى كۆپىيىپ، يەرلىكنىڭ كۆمۈرچىلىك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئاشلىق سانائىتىنى ئىلگىرى سۈردى. بولۇپمۇ ئاشلىق پىششىقلاش ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا قۇمۇل ۋاڭلىرى زامانىسىدىكى 20 تۈگمەننىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سالغاندىمۇ، جەمئىيەتنىڭ ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان، بۇنىڭ بىلەن يەنە نۇرغۇن تۈگمەن ياسالدى. 1936 - يىلى شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدا قوش تۇلۇقلۇق يېڭىچە سۇ تۈگمىنى قۇرۇلدى، كىشىلەر ئۇنى ئەجنەبىيچە تۈگمەن دەپ ئاتاشتى، بۇ تۈگمەننىڭ ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى، تارتقان ئۇنى سۈپەتلىك بولۇپ، 20 – ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىغىچە ئۇن تارتىلدى. ئىسسىنىشقا كېرەكلىك ئوتۇن تاغدىن تۆگىگە ئارتىپ ئېلىپ كېلىنەتتى، كېيىنچە تارانچى كان پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى قۇرۇلۇپ، يېقىلغۇ جەھەتتىكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلدى. قۇرۇلۇشلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن شەھەر ئەتراپىدا نۇرغۇن كىچىك خۇمدانلار بارلىققا كەلدى. 1938 - يىلى قىزىل 8 - تۇەن قۇمۇلغا كىرگەندىن كېيىن، ئايرودرومدا ماي ئىسكىلاتى، ئوق - دورا ئامبىرى، ئۈسكۈنە ئامبىرى، ئاپتوموبىل ئامبىرى، رېمونتخانا ۋە بىر كۇلۇب سالدى، بۇ قۇرۇلۇشلارغا بىر سوۋېت ئىنژېنېرى يېتەكچىلىك قىلدى.
     قۇمۇلدىكى بۇ ئايرودرومدا V_14 تىپلىق، V_16 تىپلىق قىرغۇچى ئايروپىلانلار، يېنىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلار قۇراشتۇرۇلدى. C6 تىپلىق يىراق مۇساپىلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان، T6_3 تىپلىق ئېغىر بومباردىمانچى ئايروپىلان ۋە P_5
تىپلىق قۇتقۇزۇش ئايروپىلانلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۇچۇپ، يول ئۈستىدە بۇ ئايرودرومغا قونۇپ، سۇ، ماي قاچىلاپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئالدىنقى سەپكە ئۇچاتتى. 1941 - يىلى گېرمانىيە ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، بۇ ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى پائالىيەتلەر توختاپ قالدى. قۇمۇلدىكى بۇ ئايرودروم ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا ياردەم قىلغان ماددىي ئەشيالىرىنى جۇڭگوغا توشۇشتىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلاندى. بۇ ئايرودرومنىڭ شۇ مەزگىلدىكى تۈگۈنلۈك رولىغا ھەمدە قۇمۇل خەلقىنىڭ بۇ جەرياندا ئۈستىگە ئالغان ئېغىر ۋەزىپىسىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى )ئۇيغۇرچە
2. قۇمۇل ۋىلايىتى تەزكىرىسى)خەنزۇچە
3. قۇمۇل شەھىرى تارىخ ماتېرىياللىرى 1 - قىسىم، 8 – قىسىم)ئۇيغۇرچە
مەنبە-تور دۇنياسىدىن ساقلىۋالغانلىرىم.

0

تېما

0

دوست

1232

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   23.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6529
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 170
تۆھپە : 274
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 10:38:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قومۇل خەلقى قانداق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان تەپسىلىي دەپ بېرەمسىز ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1232

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   23.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6529
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 170
تۆھپە : 274
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 10:38:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قومۇل خەلقى قانداق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان تەپسىلىي دەپ بېرەمسىز ؟

0

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1149
يازما سانى: 526
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2337
تۆھپە : 1873
توردىكى ۋاقتى: 485
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 13:40:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋاز يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 10:38
قومۇل خەلقى قانداق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان تەپسىلىي د ...

ھاجىمغا ئەگىشىپ جەنۇبقا كەتكەن،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )