مارس ئۈچۈن ياسالغان «ئۇچار تەخسە»
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى
كەلگۈسىدە مارسقا ئېغىر ئۈسكۈنىلەر ۋە ئادەم ئاپىرىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن، ناسا بىر «ئۇچار تەخسە» شەكلىدىكى مارسقا قونۇش ماشىنىسى ياساپ چىقتى [1]. بۇ ماشىنا ئىنگلىزچە « Low-Density Supersonic Decelerator (LDSD) » دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى «شالاڭ ھاۋادا ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان يەر يۈزىگە قونغۇچى» دېگەنگە يېقىن كەلىدۇ. ئاۋاز قۇرغاق ھاۋادا ھەر بىر سېكۇنتتا 331 مېتىر، سائەتىگە 1191.6 كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدىغان بولۇپ، مەزكۇر ماشىنا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى تېزلىك بىلەن ئۇچىدۇ. مارستىكى ئاتموسفرا ياكى ھاۋانىڭ مىقتارى يەر شارى ئاتموسفراسى مىقتارىنىڭ بىر پىرسەنتىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ [2]، مەزكۇر ماشىنا ئاشۇنداق شالاڭ ھاۋادىمۇ ئۇچالايدۇ.
بۇ «ئۇچار تەخسە» تەتقىقات تۈرىگە ناسا مەركىزى ج پ ل مەسئۇل بولۇپ، ئۇنىڭ تۇنجى نۇسخىسى ھازىر ياسىلىپ بولدى. ج پ ل ئۇنى ھاۋاي شتاتىدا يەر يۈزىدىن 10 – 13 كىلومېتىر ئىگىزلىككە ئۇچۇرۇپ سىناق قىلىشقا ھازىرغىچە 6 قېتىم تەمشەلگەن بولسىمۇ، ھاۋا كىلىماتىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، ھازىرغىچە ئۇنداق سىناقلار تېخىچە بىرەر قېتىممۇ ئېلىپ بېرىلمىدى. ج پ ل ئۇ ماشىنىنى كېلەر قېتىم سىناشنى 2014-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] Winds Push NASA 'Flying Saucer' Test Launch to Late June
<http://www.space.com/26233-nasa- ... unch-delay.html>
[2] Atmosphere of Mars
<http://www.universetoday.com/22587/atmosphere-of-mars/>
رەسىم ئادرېسى (بۇ رەسىمنى ناسا مەركىزى ج پ ل تەييارلىغان بولۇپ، ئۇ بىر سىزىلغان رەسىم):
http://i.space.com/images/i/000/ ... test.jpg?1401745681
تاشقىي پلانېتا ۋە ئۇچار تەخسىگە ئائىت بۇرۇنقى تېمىلار:
كەپلېر ئالەم تېلېسكوپدىن چاتاق چىقتى: 2013-5-18
<http://bbs.misranim.com/thread-106076-1-1.html>
ئۇچار تەخسە ۋە ناسا
<http://bbs.misranim.com/thread-108442-1-1.html>
ئامېرىكىدىكى «تاشقىي پلانېتلىقلار ئىگىلىۋالغان جاي»
http://bbs.misranim.com/thread-109824-1-1.html
كەپلېر تېلېسكوپىنى رېمونت قىلىشنى توختاتتى. 2013-8-24
<http://bbs.misranim.com/thread-110084-1-1.html>
|