قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 820|ئىنكاس: 6

جەمئىيەتشۇناسلىقنى ئۆگىنىش نېمىشقا زۆرۈر؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

2

دوست

4545

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 290
تۆھپە : 1254
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 12:19:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلپىقار بارات ئۆزباش تەرجىمىسى
«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى 2014- يىللىق 2- ساندىن ئېلىندى

21- ئەسىرنىڭ باشلىنىش ھارپىسىدا تۇرۇۋاتقان بىز ئادەمنى قايمۇقتۇرىدىغان ھەم ئارزۇ- ئۈمىدكە تولغان دۇنيانى كۈتۈۋالدۇق. بۇ خىل ئۆزگىرىش، چوڭقۇر زىددىيەت ۋەسۈركىلىش بىلەن خاراكتېرلەنگەن بىر دۇنيا، بىزبۇ دۇنيادا جەمئىيەتنىڭ پارچىلىنىشى شۇنداقلا زامانىۋى تېخنىكىنىڭ  تەبىئىي مۇھىتقا بولغان بۇزغۇنچىلىقلىرىنى ھەممە يەردە كۆرەلەيمىز . ھالبۇكى، بىز بۇ دۇنيادا يەنىلا ئۆز تەقدىرىمىزگە ئىگە بولۇپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ، بۇرۇنقىلار تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان مۆجىزىلەرنى يارىتالايمىز.
بۇ دۇنيا قانداق شەكىللەنگەن؟ بىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمىز نېمە ئۈچۈن ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭكى بىلەن شۇنچىلىك پەرق قىلىدۇ؟ كەلگۈسى قايسى يۆنىلىشتە ئۆزگىرىپ ماڭىدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى زامان ئىدىيە مەدەنىيىتىدە ئاساسىي رول ئوينايدىغان  جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.
جەمئىيەتشۇناسلىق ـــ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى، ئىجتىمائىي توپ ۋە جەمئىيەتنى تەتقىق قىلىدىغان جەلىپكار بىر پەن،  ئىنسانلارنىڭ ئىش- ھەرىكىتىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان بۇ ساھەنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ كوچىدىكى قىسقا ئۇچرىشىشىدىن  تارتىپ تاكى پۈتكۈل دۇنيا جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئىگە بولغان ئىجتىمائىي جەريانلارنى  مۇھاكىمە قىلىدۇ.
نۇرغۇن ئادەم  ئۆزىگە تونۇشلۇق تۇرمۇش چۈشەنچىسىگە ئاساسەن بۇ دۇنيانى چۈشنىشكە تىرىشىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمى بولسا «بىز نېمە ئۈچۈن مۇشۇ ھالەتتە ؟ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ھەرىكەت قىلىمىز؟» دېگەن سوئاللارغا تېخىمۇ كەڭ نەزەر بىلەن قاراپ چۈشەنچە بېرىدۇ. بۇ ئىلىم «بىز مۇشۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك، بۇ شەك- شۈبھىسىز ھەقىقەت»  دەپ قارىغان نەرسىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىنلىكىنى، تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاساسلىقى تارىخ بىلەن ئىجتىمائىي كۈچنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى بىزگە ئۆگىتىدۇ. يەككە بىر ئادەمنىڭ مۇرەككەپ ۋە سىرلىق بولغان ئۇسۇلى شۇ جەمئىيەتنىڭ ۋە ھازىرقى ھالىتىنى، ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. مۇشۇ ياشاش ئۇسۇللىرى ھەققىدە ئىزدىنىش جەمئىيەتشۇناسلىق پىنىنىڭ نەزەرىيە ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
جەمئىيەتشۇناسلىق تەسەۋۋۇرى
جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ نۇقتىئىنەزىرىنى چىقىش قىلىپ مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىش، يەنى تېخىمۇ كەڭ نەزەر بىلەن دۇنيانى كۆزىتىش بىزدە جەمئىيەتشۇناسلارچە تەسەۋۋۇر كۈچىنى يېتىلدۈرگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىقنى تەتقىق قىلغاندا پەقەت بىلىم ئىگىلەشتىن ئىبارەت دائىملىق يولنى قوللانساق بولمايدۇ. جەمئىيەتشۇناس شەخسىي كەچۈرمىشى شۇ زامان- ماكان چەكلىمىسىدىن ھالقىپ تۇرۇپ ئىشلارنى تېخىمۇ كەڭ بىر ئارقا كۆرۈنۈشكە قويۇپ تۇرۇپ مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان ئادەمدۇر. ئامېرىكىلىق ئالىم رايت مىللسنىڭ مەشھۇر سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى دېگىنىمىزـــ دەل  جەمئىيەتشۇناسلىق تەسەۋۋۇرى كۈچىنى كۆرسىتىدىغان تەتقىقاتتىن  ئىبارەت.
مەسىلىلەرگە پۈتۈنلەي يېڭى نۇقتىئىنەزەر بىلەن قاراشنى ئۆگىتىدىغانلىقى ئۈچۈن جەمئىيەتشۇناسلىق تەسەۋۋۇرى بىزدىن ئۆزىمىزگە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى تونۇشلۇق بولغان ئادەتلەردىن مۇستەسنا ھالدا دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن، قەھۋە ئىچىشتىن ئىبارەت  ئاددىي بىر ھەرىكەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى. مۇشۇنداق بىر ئىنتايىن ئاددىي ھەرىكەتكە جەمئىيەتشۇناسلىقنى نۇقتىئىنەزىرى بويىچە قارىغاندا ئاددىي نەرسىلەرنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
بىرىنچىدىن، قەھۋە پەقەتلا ئادەمنى روھلاندۇرىدىغان نەرسە ئەمەس. بىزنىڭ كۈندىلىك ئىجتىمائىي پائالىيىتىمىزنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ يەنە سىمۋوللۇق قىممىتى بار. قەھۋە ئىچىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇراسىملار پەقەت «ئىچىش» تىن ئىبارەت بۇ ئاددىي ھەرىكەتنىلا مەزمۇن قىلمىغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەتىگەندە قەھۋە ئىچىش نۇرغۇن غەربلىكلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ بىر كۈننىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كۈندۈزى باشقىلار بىلەن قەھۋە ئىچىش بىر خىل ئەڭ ئاددىي ئىجتىمائىي پائالىيەت بولۇپ، ئۇچرىشىپ بىللە قەھۋە ئىچىشكە دېيىشكەن ئىككى ئادەمنىڭ كۆڭلىدە بىرەر نەرسە ئىچىش ئەمەس، بەلكى يىغىلىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىش ئىستىكى بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، جەمئىيەتتىكى بارلىق يېيىش- ئىچىش ھەرىكەتلىرى مەقسىتى  ئىجتىمائىي ئالاقە شەكىللىرى بولۇپ، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ  تەتقىقات ئوبيېكتى بولالايدۇ.
ئىككىنچىدىن، قەھۋەنىڭ تەركىبىدە كوففېئىن بار بولۇپ، ئۇنىڭ مېڭىنى غىدىقلاش رولى بار. نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنى روھلاندۇرۇش ئۈچۈن قەھۋە ئىچىدۇ. قەھۋە ئىچىش ئارقىلىق ئارام ئالغاندا ئىشخانىدىكى زېرىكىشلىك ئۇزۇن كۈنلەرنىڭ مەنىسىزلىكىگە بەرھەم بەرگىلى، چىداپ ئۆتكۈزگىلى ھەم يېرىم كېچىگىچە ئۆگىنىش قىلغىلى بولىدۇ. غەرب مەدەنىيىتىدە كۆپ قىسىم ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە قەھۋە ئىچىشكە خۇمارى بار ئادەملەر زەھەرلىك چىكىملىك چېكىدىغان ئادەمگە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ئىسپىرتلىق ئىچىملىككە ئوخشاش، جەمئىيەت قوبۇل قىلالايدىغان  زەھەر ھېسابلىنىدۇ، لېكىن نەشە بولسا بۇ تۈرگە كىرمەيدۇ. ھالبۇكى، بەزى جەمئىيەتلەردە نەشە، ھەتتا كوكائىن ئىستېمال قىلىش رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، قەھۋە ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئىستېمال قىلىش قوبۇل قىلىنمايدۇ. جەمئىيەتشۇناسلار نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئوخشىماسلىقنىڭ مەۋجۇد بولىدىغانلىقىغا ناھايىتى قىزىقىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، بىر ئادەم بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىۋاتقان ۋاقتىدا، جەمئىيەتتە كەڭ تارقالغان بىر خىل مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ ئىچىگە ئورناتقان بولۇپ. قەھۋە ـــ دۇنيادىكى بىر قىسىم ئەڭ باي ۋە ئەڭ نامرات رايونلاردىكى ئادەملەرنى باغلاپ تۇرىدىغان مەھسۇلاتتىن ئىبارەت. قەھۋە ئاساسلىقى نامرات دۆلەتلەردە ئىشلەپچىقىرىلىپ، باي دۆلەتلەردە زور مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. خەلقئارا سودىدا قەھۋە نېفىتتىن قالسىلا قىممىتى ئەڭ يۇقىرى تاۋار، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ زور تاشقى پېرېۋوت مەنبەسى بولۇپ، قەھۋەنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى، توشۇلۇشى ۋە سېتىلىشى، قەھۋەنى ئىستېمال قىلغۇچىلاردىن نەچچە مىڭ كېلومېتىر يىراقلىقتىكى ئادەملەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختىماي ئېلىپ بېرىلىدىغان سودىدىن ئايرىلالمايدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مۇھىم بىر ۋەزىپىسى دەل مۇشۇنداق يەرشارىلاشقان سودىنى تەتقىق قىلىش بولۇپ، ھازىر تۇرمۇشىمىزنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرى دۇنيا خارەكتېرلىك ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ.
تۆتىنچىدىن، بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىشتىن ئىبارەت مۇشۇ بىر ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆتمۈشتىكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى قىياسەن ھېس قىلغىلى  بولىدۇ.  غەرب يېمەك- ئىچمەك سېستىمىسدىكى  چاي، بانان، بەرەڭگە ۋە ئاق شېكەر قاتارلىق ئادەمگە تونۇشلۇق بولغان يىمەكلىكلەرگە ئوخشاشلا، قەھۋەمۇ 18- ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە  ئادەتتىكى ئىستېمال بۇيۇمىغا ئايلانغان. قەھۋە ئەسلى ئوتتۇرا شەرقتىن چىقىدۇ. لېكىن بۇنىڭدىن تەخمىنەن 150 يىل بۇرۇن، غەرب ئەللىرىنىڭ مۇستەملىكە دائىرىسىنى كېڭەيتىشى نەتىجىسىدە قەھۋە ھەممە ئادەمنىڭ ئىستېمال بۇيۇمغا ئايلىنىپ قالغاندى. ئەمەلىيەتتە، بىز ھازىر غەرب ئەللىرىدە ئىچىۋاتقان بارلىق قەھۋە غەربلىكلەرنىڭ بۇرۇنقى مۇستەملىكە رايونى(جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە ئافرىقا)دىن چىققان، شۇڭلاشقا قەھۋە ھەرگىزمۇ غەرب يېمەك- ئىچمىكىنىڭ «تەبىئىي» بىر قىسمى ھېسابلانمايدۇ. مۇستەملىكە دەۋرىدە قېلىپ قالغان مىراسلارنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى قەھۋە سودىسىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى ناھايىتى زور.
بەشىنچىدىن، قەھۋە – ھازىرقى زاماندىكى يەرشارىلىشىش، خەلقئارا سودا، ئىنسانىي ھوقۇق ۋە مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك  نۇرغۇن تالاش- تارتىشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىدۇر. قەھۋەنىڭ كۈنسېرى ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ، قەھۋەنىڭ ئىستېمال قىلىنىشى «ماركىلىشىش» ۋە سىياسىيلىشىشقا قاراپ ماڭدى. ئىستېمالچىلارنىڭ قايسى خىل قەھۋەنى ئىچىش، قەيەرگە بېرىپ سېتىۋېلىش  قارارى ئۇلارنىڭ ياشاش  ئۇسۇلىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.  ئادەملەر پەقەت ساپ تەبىئىي قەھۋە، تەركىبىدە كوففېئىن بولمىغان تەبىئىي قەھۋە ياكى «ئادىل سودا» لاھىيەسى(يەنى تولۇق سوممىلىق بازار باھاسىغا ئاساسەن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى كىچىك قەھۋە ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا پۇل تۆلەش)گە ئاساسەن سېتىۋېلىنغان قەھۋەنى ئىچىشنى تاللىسا بولىدۇ. ئۇلار يەنە «ستارباك»قا ئوخشاش «بىر گەۋدىلەشكەن» زەنجىرسىمان قەھۋەخانىلارغا كىرمەي، بەلكى «مۇستەقىل» قەھۋەخانىلارغا كىرىشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ. قەھۋە ئىستېمالچىلىرى قىلغۇچىلار يەنە  ئىنسانىي ھوقۇقى ۋە تەبىئىي مۇھىتى ناچار   دۆلەتلەرنىڭ قەھۋەسىنى سېتىۋېلىشقا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى قارار قىلىشى مۇمكىن. جەمئىيەتشۇناسلار يەرشالىشىشنىڭ ئادەملەرنىڭ دۇنيانىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسىگە قانداق تەسىركۆسىتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئادەملەرنىڭ ئۆز تۇرمۇشىدا ئېرىشكەن يېڭى بىلىم بويىچە ھەرىكەت قوللىنىشىنى قانداق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە ناھايىتى قىزىقىدۇ،
جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى
جەمئىيەشۇناسلىق تەسەۋۋۇر  ئارقىلىق، بىز قارىماققا يەككە گەۋدە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ چوڭ مەسىلىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن، ئاجرىشىپ باققان ئادەملەر ئاجرىشىشنى  ئىنتايىن جاپالىق جەريان دەپ قارىشى مۇمكىن. رايت مىلسنىڭ نەزىرىدە، بۇنداق ۋاقىتتا ئاجرىشىش بىر خىل شەخسىي كەچۈرمىش. لېكىن نۆۋەتتە ئەنگىلىيە جەمئىيىتىدىكى ئۈچتىن بىر قىسىم نىكاھ 10 يىل ئىچىدە بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، ئاجرىشىش  ئورتاق تېما بولۇپ قالىدۇ، . يەنە بىر مەسىلە بولسا ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئالايلى: ئىشسىزلىق خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، تېخى يېڭى خىزمەت تاپالمىغان بىر قىسىم ئادەملەر ئۈچۈن بىر شەخسىي تىراگىدىيە بولۇشى مۇمكىن. ۋاھالەنكى، بىر جەمئىيەتتىكى مىليونلىغان ئادەم ئوخشاش بىر قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، ئىشسىزلىق  جەمئىيەتنىڭ چوڭ بىر ۋەزىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ئورتاق تېما بولۇپ قالىدۇ.
ئادەمنىڭ بېشىنى قاتتۇرىدىغان ئىشلارنىلا ئويلىشىش ھاجەتسىز دەپ قاراپ، تۇرمۇشىڭىزغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ. ئالايلۇق، نېمە ئۈچۈن بۇ كىتابنى ئوقۇماقچى بولدىڭىز، نېمە ئۈچۈن جەمئىيەتشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىشنى قارار قىلدىڭىز قاتارلىقلار. بەلكىم سىز جەمئىيەتشۇناسلىقنى ئۆگىنىشنى ئانچە خالىمايدىغان ئوقۇغۇچى بولىشىڭىز، بۇ دەرسنى پەقەت ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشىش تەلىپىگە يېتىش ئۈچۈنلا تاللىغان بولىشىڭىز مۇمكىن ياكى بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى بايقاشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئادەم بولىشىڭىز مۇمكىن. قىسقىسى، سىزنىڭ نېمە مەقسىتىڭىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، گەرچە بۇ پەننى چۈشەنمىسىڭىزمۇ،جەمئىيەتشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىدىغان ئادەملەر بىلەن كەڭ دائىرىدە ئالاقە ئورنىتىشىڭىز مۇمكىن. سىزنىڭ شەخسىي قارارىڭىز سىزنىڭ جەمئىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ئورنىڭىزنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
سىز تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىدىڭىزمۇ؟ سىز ياشمۇ؟ سىز ئاق تەنلىكمۇ؟ سىز كەسپىي خادىممۇ ياكى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئىشلەمسىز؟ سىز ئىشتىن سىرت قوشۇمچە خىزمەت قىلىپ كىرىمىڭىزنى ئاشۇرۇپ باققانمۇ ياكى ھازىرمۇ شۇنداق قىلىۋاتامسىز؟ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن سىزنىڭ  خىزمەت تېپىپ ئىشلىگىڭىز بارمۇ؟ لېكىن سىز تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئالاھىدە ئويلاپ باققانمۇ؟ بەلكىم سىز جەمئىيەتشۇناسلىق توغرىسىدا ھېچنىمە بىلمەسلىكىڭىز، جەمئىيەتشۇناسلىقنى پەقەت ئادەملەر توپ ئىچىدە قانداق ھەرىكەت قىلىدۇ دېگەندەك مۇشۇ تۈرلۈك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن، شۇنداقمۇ؟ ئاراڭلاردىكى تۆتتىن ئۈچ قىسىم ئادەم يۇقىرىقى سوئالغا چوقۇم «شۇنداق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئادەملەر نوپۇسى ئىچىدىكى تىپىك  ئەھمىيەتكە ئىگە تەركىبىي قىسىم ئەمەس، بەلكى بەلگىلىك بىر ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىدە تاللانغان ئادەملەر توپىغا مەنسۇپتۇر. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پوزىتسىيىسى دائىم ئۇلارنىڭ دوستلىرى ۋە تونۇشلىرىنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بىزنىڭ جەمئىيەتتىكى كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشىمىز قايسى قارارنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشىمىزغا ناھايىتى زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
لېكىن سىزنى يۇقىرىدىكى بىر ياكى بىر قانچە سوئالغا ئىنكار جاۋاب قايتۇردى دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنداقتا سىز ئاز سانلىق ئادەملەر توپى ياكى نامرات ئارقا كۆرۈنۈشتىن كەلگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. سىز ئوتتۇرا ياش ياكى ياشانغان ئادەم بولۇشىڭىز مۇمكىن.  بىز تۆۋەندىكى ئورتاقلىقلارنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ خۇلاسە قىلىپ چىقىرالايمىز: سىز جاپا تارتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاندىن ھازىرقى ئورنىڭىزغا يەتكەن بولۇشىڭىز مۇمكىن؛ سىز دوستلىرىڭىزغا شۇنداقلا باشقىلارغا ئۆزىڭىزنىڭ ئالىي مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيدىغانلىقىڭىزنى ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارىشىغا تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان بولۇشىڭىز، ياكى سىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسىڭىز بولمايدىغان ئائىلىڭىز بولۇشى، ئاتا- ئانىلىق مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئۆتۈشىڭىز كېرەكلىكى، لېكىن شۇنداق تۇرۇپمۇ يەنە ئالىي مائارىپ ئوقۇشىغا قاتنىشىشىڭىز مۇمكىن.
گەرچە بىر ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان جەمئىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرساقمۇ، لېكىن ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ ئىش- ھەرىكىتى پەقەت مۇشۇ ئەھۋاللار تەرىپىدىن بەلگىلەنمەيدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىمىزنى يارىتىشىمىز ھەم ئۇنىڭغا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك. جەمئىيەتنىڭ بىزنى يارىتىشى ۋە بىزنىڭ ئۆزىمىزنى يارىتىشىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىش دەل جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. بىزنىڭ ئىش- ھەرىكىتىمىز ئەتراپىمىزدىكى ئىجتىمائىي دۇنيانى قۇرۇش ۋە يارىتىش بىلەن بىرگە ۋاقىتتا يەنە ئىجتىمائىي دۇنيا تەرىپىدىن قۇرۇلىدۇ ھەم يارىتىلىدۇ.
جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىدە، ئىجتىمائىي قۇرۇلما بولسا ناھايىتى مۇھىم  ئۇقۇم ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇقۇم تۇرمۇشىمىزىدىكى ئىجتىمائىي ئەھۋالنىڭ پەقەت تاسادىپىي يۈز بەرگەن تۈرلۈك ۋەقە ھەم ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان ئۇسۇل ئارقىلىق قۇرۇلمىلاشقان ھەم شەكىللەنگەن  ۋەقە – ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئۇسۇلىمىز باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە بىر خىل قانۇنىيەت مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن ئىجتىمائىي قۇرۇلما بىر ئىمارەتنىڭ فىزىكىلىق قۇرۇلمىسىغا ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ ھەرىكىتى سەۋەبىدىن يۆتكەلمەيدۇ. ئىنسانلار جەمئىيىتى مەڭگۈ  قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئۇ «بۇ ئىمارەتنى شەكىللەندۈرگەن ھەر بىر  پارچە خىش » يەنى ئىنسانلار تەرىپىدىن ھەر ۋاقىت قايتا يارىتىلىدۇ، سىز  مەن دەل بۇنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىمىز.
قەھۋەنىڭ مىسالىغا قايتا قاراپ باقايلى. بىر ئىستاكان قەھۋە ھەرگىز قولىڭىزغا  ئۇچۇپ كەلمەيدۇ. ئۇنى چوقۇم سىز تاللايسىز، ئېيتايلۇق، قايسى قەھۋەخانىغا كىرىش، ساپ قەھۋە ئىچىش كېرەكمۇ ياكى ئۇنىڭغا سۈت بىلەن شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىش كېرەكمۇ دېگەندەك . سىزدىن  باشقا يەنە مىليونلىغان ئادەم بۇ قارارلارنى چىقارغاندا، دەل قەھۋە بازىرىنى يارىتىۋاتقان بولىسىزدە. قارارىڭىز بەلكىم سىزدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى، يەرشارىنىڭ يەنە بىر چېتىدىكى قەھۋە ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
جەمئىيەتشۇناسلىق تۇرمۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
رايت مىللس ئۆزىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق تەسەۋۋۇر كۈچى قارىشىنى دەلىللىگەندە مۇنداق دېگەن، جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى  ئەمەلىي ئەھمىيىتى بار.
مەدەنىيەت پەرقى ئېڭى
بىرىنچىدىن، جەمئىيەتشۇناسلىق بىزنىڭ  سۇبيېكتىب كۆز قارىشىمىزنى چىقىش قىلىپ ئەمەس بەلكى باشقا كۆز قاراشلارنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئىجتىمائىي دۇنيانى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئادەتتە، ئەگەر بىز باشقىلارنىڭ قانداق ياشايدىغانلىقىنى توغرا چۈشىنەلىسەك، ئۇ چاغدا بىز ساقلاۋاتقان مەسىلىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىيەلەيمىز، ئەگەر بىز پەقەت دوكلاتقا ئاساسەن ئادەملەرنىڭ ياشاش ئۇسۇلىغا ھۆكۈم چىقارساق ھەمدە شۇ بويىچە سىياسەت تۈزسەك، ئۇنداقتا بۇ سىياسەتلەر ئۇتۇقلۇق بولمايدۇ. شۇڭلاشقا،  قارا تەنلىكلەرنى ئاساس قىلغان مەھەللىدە خىزمەت قىلىدىغان  ئاق تەنلىك  خىزمەتچى ئاق تەنلىكلەر بىلەن قارا تەنلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا  ئايرىمچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىجتىمائىي  پەرقىگە نىسبەتەن سەزگۈر تۇيغۇ يېتىشتۈرۈپ چىقمىسا، ئۇ شۇ مەھەللىدىكى ئەزالارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
سىياسەتنىڭ ئۈنۈمىگە قويغان باھا
ئىككىنچىدىن، جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى سىياسەتلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ئۈنۈمىگە باھا بېرىشتە ئەمەلىي ياردەم .  ئەمەلىي بولغان ئىسلاھات پىلانى پىلان تۈزگۈچى ئىنتىلىدىغان نىشاننى بىرەلمەيدۇ ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقى مۇمكىن، ياكى سەلبىي ۋە ئويلاپ باقمىغان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن. مەسىلەن، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن نۇرغۇن دۆلەتلەر شەھەر مەركىزىدە چوڭ تىپتىكى ئاممىۋىي ئولتۇراق رايونى بەرپا قىلدى . ئەينى ۋاقىتتا، بۇنداق لاھىيەلەشتىكى مەقسەت نامراتلار رايونىغا ماكانلاشقان كىرىمى تۆۋەن ئادەملەر توپىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئولتۇراق ئۆيى ھەمدە قولايلىق  يېقىن بولغان مال سېتىۋېلىش شۇنداقلا باشقا كۈندىلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىدى. ھالبۇكى، تەتقىقات نەتىجىسى، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئەسلىدىكى  ئۆيىدىن ئېگىز بىناغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن يالغۇز ھەم كۆڭۈلسىزلىك ھېس قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نامراتلار رايونىدىكى ئېگىز بىنا ۋە مال سېتىۋېلىش مەركىزى دائىم ۋەيرانە ۋە كونا ھالەتتە تۇرغان،  بۇلاڭچىلىق ۋە زوراۋانلىق جىنايەتلىرى كۆپەيگەن.
ئۆزىنى ئويغىتىش
ئۈچىنچىدىن، باشقا بىر نوقتىىدىن، ئەڭ مۇھىمى جەمئىيەتشۇناسلىق  ئۆزىمىزنى ئويغىتىشىمىزغا، يەنى ئۆزىمىزگە بولغان چۈشەنچىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرەلەيدۇ. بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىمىز، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئايلىنىش قانۇنىيىتى قاتارلىقلارنى  قانچە كۆپ چۈشىەنىسەك، كەلگۈسىمىزنى تېخىمۇ ياخشى يارىتالىشىمىز مۇمكىن. بىز جەمئىيەتشۇناسلىقنى پەقەت سىياسەت تۈزگۈچىلەر، يەنى ھوقۇقلۇق ئادەملەر توپىنىڭ سىياسەت يۈرگۈزۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، دەپ قارىماسلىقىمىز لازىم.ھوقۇق تۇتقانلار ئادەملەر سىياسەت تۈزگەندە ھەمىشە ھوقۇقى يوق ياكى ئالاھىدە ئىمتىيازى  يوق قاتلامدىكى كىشىلەر توپىنىڭ پايدا- مەنپەئەتىنى يالغاندىن ئويلاشقان قىياپەتكە كىرىۋالمايدۇ. ئۆزىنى ئويغىتىش باسقۇچىدىكى كىشلەر توپى دائىم جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ يېتەكلىشىگە ئېرىشىپ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىگە جاۋاب قايتۇرالايدۇ ياكى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىتىدە يېڭىلىق يارىتالايدۇ. ھاراققا خۇمارلارنىڭ ئۆز ئارا ئىبرەت ئېلىپ نەسىھەت قىلىش بىرلەشمىسىگە ئوخشاش  ياردەم بېرىدىغان ئادەملەر توپى، شۇنداقلا مۇھىت قوغداش ھەرىكىتىگە ئوخشاش ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى بىۋاستە ئىسلاھات ئېلىپ بارغان  مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئىجتىمائىي توپنىڭ ئىسپاتىدۇر.
جەمئىيەتشۇناسلىق ئىدىيىسىنىڭ تەرەققىياتى
نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتشۇناسلىقنى دەسلەپتە ئۆگەنگەندە،  ئۇسۇللارنىڭ كۆپ خىللىقىدىن قايمۇقۇپ قالىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق ئەزەلدىن ھەممە ئادەم ئۈنۈملۈك پىكىر قىلىش ئۇسۇلى بار دەپ قارايدىغان دەپ  پەن ئەمەس. جەمئىيەتشۇناسلار ئىنسانلارنىڭ ئىش- ھەرىكىتى ئۈستىدىكى تەتقىقات بىلەن قانداق شۇغۇللىنىش. شۇنداقلا تەتقىقات نەتىجىسىنى قانداق قىلىپ تېخمۇ ياخشى بايان قىلىش توغرىسىدا دائىم تالاش- تارتىش قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى، بۇ ساھەنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىدە تېپىلىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىقتا بىز تۇرمۇشىمىزنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئىش- ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلىمىز، لېكىن ئۆزىمىزنى تەتقىق قىلىش بولسا ئەڭ مۇرەككەپ ۋە مۇشكۈل بىر ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ.
دەسلەپكى مەزگىلدىكى نەزەرىيىچىلەر
ئىنسانلار ئەزەلدىن ئۆز ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىش مەنبەسىگە قىزىقىدۇ. لېكىن نەچچە مىليون يىللاردىن بېرى، ئۆزىمىزنى چۈشىنىش ئارزۇيىمىز پەقەت ئەجدادلاردىن قالغان پىكىر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئەمەلگە ئېشىپ كەلدى. ئادەتتە، بۇ ئىدىيىلەر دىنىي ئاتالغۇلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ ياكى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان رىۋايەت، خۇراپاتلىق ياكى ئەنئەنىۋىي ئېتىقادتىن كېلىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئىنسانلارنىڭ ئىش- ھەرىكىتى بىلەن جەمئىيەتنى ئوبيېكتىپ ھالدا، سېستىمىلىق تەتقىق قىلىش 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. بۇ جەرياندىكى ھالقىلىق ئىلگىرىلەش دەل ئىلىم- پەندىن پايدىلىنىپ  دۇنيانى چۈشىنىش ھېسابلىنىدۇ. ئىلمىي ئۇسۇلدىكى گۈللىنىش ئىدىيە ۋە چۈشەنچىگە ئىجابىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. ھەر قايسى ساھەلەردە ئاقىلانە، تەنقىدىي ئۇسۇلدا بىلىم ھەققىدە ئىزدىنىش، ئەنئەنە ۋە دىننى ئاساس قىلغان ئۇسۇلدا شەيئىلەرنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئورنىنى ئالدى.
فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە ۋە باشقا پەنلەرگە ئوخشاش، جەمئىيەتشۇناسلىق ئاقىلانىلىككە قاراپ ماڭىدىغان مۇھىم بىر جەرياننىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتىدە پەيدائوتتۇرىغا چىقتى. 18- 19- ئەسىردە ياۋرۇپادا يۈز بەرگەن «ئىككى قېتىملىق ئۇلۇغ ئىنقىلاب» بىر يۈرۈش داغدۇغىلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىپ، جەمئىيەتشۇناسلىقنى پەيدا بولۇش ئارقا كۆرۈنۈشى . بۇ ئۆزگىرىشلەر ئىنسانلار نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن ياشاش ئۇسۇلىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىسز بولمايدىغان دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋەتتى. 1789- يىلىدىكى فىرانسىيە ئىنقىلابى ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىككە ئىنتىلىدىغان دەھرىيلىك ئىدىيىسى ۋە قىممەت قارىشىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىجتىمائىي تەرتىپ ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن، قۇدرەتلىك ۋە يېڭى بىر خىل كۈچ دۇنياغا كەلدى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭىيىپ، بۈگۈنكى جەمئىيەتنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈردى. 2- قېتىملىق ئىنقىلاب 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئەنگىلىيەدە باشلانغان بولۇپ، كەينىدىنلا ياۋرۇپادىكى باشقا رايونلاردا ، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى رايونلاردا ئارقا- ئارقىدىن پارتىلىدى. مانا بۇ سانائەت ئىنقىلابىدىن ئىبارەت. بۇ قېتىملىق يېڭى تېخنىكا ئىسلاھاتى (مەسىلەن، پار كۈچى ۋە ماشىنا قاتارلىقلار)نىڭ تەرەققىياتىنى مەركەز قىلغان ئىنقىلاب جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادنىڭ زور كۆلەملىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. سانائەتنىڭ گۈللىنىشى دېھقانلارنىڭ ئېتىزلىقلاردىن زاۋۇت ۋە ياسىمىچىلىققا تۈركۈملەپ ئېقىپ كىرىشكە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر رايونىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يېڭى بىر ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت شەكلىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ نۇرغۇن شەخسىي ئادەتلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي دۇنيانىڭ قىياپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋەتتى. ھازىر يەۋاتقان يېمەكلىك، ئىچىۋاتقان ئىچىملىك(قەھۋەگە ئوخشاش)نىڭ كۆپىنچىسى سانائەت ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان.
ئەنئەنىۋىي ياشاش ئۇسۇلىنىڭ يىمىرىلىشى مۇتەپپەككۈرلەرنى جەمئىيەت ۋە تەبىئەتكە قارىتا يېڭى بىر چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. دەسلەپكى مەزگىلدىكى جەمئىيەتشۇناسلىققا ئاساس سالغۇچىلار بىر تەرەپتىن بۇ ئىنقىلابلارنى چۆرىدىگەن ھالدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تەرىپىدىن جەلپ قىلىنسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ۋەقەلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كەينىگە يوشۇرۇنغان ئاقىۋەتلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتى. ئادىمىيلىك دېگەن نېمە؟ جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسى نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ؟ جەمئىيەت قانداق  نېمە ئۈچۈن ئۆزگىرىدۇ؟ 19- ئەسىردىكى بۇ مۇتەپپەككۈرلەر يېشىشقا ئۇرۇنغان سوئاللار بىلەن بۈگۈنكى زاماندىكى جەمئىيەتشۇناسلار جاۋاب بەرمەكچى بولغان سوئاللار بىر تۈرگە كىرىدۇ.
(ئاپتورى: ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناشلىق كەسپىنىڭ دوكتۇرى)

0

تېما

0

دوست

21

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15942
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 18:44:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، قارىغاندا سىزمۇ جەمىيەتشۇناسلىققا قىزىقىدىكەنسىزدە ؟  لىكىن بىزدە ئۇيغۇرچە ماتىرىيال يوق .  پەقەت ئىنگىلىزچە ۋە ياكى خەنزۇچە ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىشقىلا توغرا كىلىدۇ .  
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 10:49:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ پەننىڭ بىزدە زور تەرەققى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندىم نىڭ بۇ ساھەدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمەن...

0

تېما

0

دوست

1308

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26995
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 380
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 14:04:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇر؟

2

تېما

4

دوست

7443

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1525
توردىكى ۋاقتى: 448
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 21:46:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمئىيەتشۇناسلىق ـــ ...جەمئىيەتنى تەتقىق قىلىدىغان ... پەن،  ئىنسانلارنىڭ ئىش- ھەرىكىتىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان پەن. ئۇ بۇ دۇنيا قانداق شەكىللەنگەن؟ بىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمىز نېمە ئۈچۈن ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭكى بىلەن شۇنچىلىك پەرق قىلىدۇ؟ «بىز نېمە ئۈچۈن مۇشۇ ھالەتتە ؟ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ھەرىكەت قىلىمىز؟» كەلگۈسىمىز قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدۇ؟دېگەن سوئاللارغا تېخىمۇ كەڭ نەزەر بىلەن  چۈشەنچە بېرىدۇ. بۇ ئىلىم «بىز مۇشۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك، بۇ شەك- شۈبھىسىز
ھەقىقەت»  دەپ قارىغان نەرسىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىنلىكىنى، تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاساسلىقى تارىخ بىلەن ئىجتىمائىي كۈچنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى بىزگە ئۆگىتىدۇ.
جەمئىيەتشۇناسلىقنى تەتقىق قىلغاندا پەقەت (كىتابى)بىلىم ئىگىلەشتىن ئىبارەت دائىملىق يولنى قوللانساق يېتەرلىك بولمايدۇ. جەمئىيەتشۇناس شەخسىي كەچۈرمىشى (بىۋاستە بىلىمى)ئاساسىدا،  شەخسنى ئوراپ تۇرغان زامان- ماكان چەكلىمىسىدىن (شەخسنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش-ھاياتلىق چەمبىرىكىدىن)ھالقىپ تۇرۇپ ئىشلارنى تېخىمۇ كەڭ بىر ئارقا كۆرۈنۈشكە(شەخسنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش چەمبىرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ چوڭ چەمبرەك  ئىچىگە)قويۇپ تۇرۇپ مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان ئادەمدۇر. ئۇ مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق   قارىماققا يەككە گەۋدە بىلەنلا  مۇناسىۋەتلىك بولۇپ تۇيۇلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ چوڭ مەسىلىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ.
گەرچە بىر ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان جەمئىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرساقمۇ، لېكىن ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ ئىش- ھەرىكىتى پەقەت مۇشۇ ئەھۋاللار تەرىپىدىن بەلگىلەنمەيدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىمىزنى يارىتىشىمىز ھەم ئۇنىڭغا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك. جەمئىيەتنىڭ بىزنى يارىتىشى ۋە بىزنىڭ ئۆزىمىزنى يارىتىشىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىش دەل جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. بىزنىڭ ئىش- ھەرىكىتىمىز ئەتراپىمىزدىكى ئىجتىمائىي دۇنيا تەرىپىدىن قۇرۇلىدۇ ھەم يارىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭىچە ئىجتىمائىي دۇنيانى قۇرىدۇ ۋە يارىتىدۇ....
...


-بۇ ئەسەردىن  جەمئىيەت پەلسەپىسىنىڭ كونكرتلىقىغا مائىل پۇراقنى ھېس قىلىشقا بولىدىكەن.

2

تېما

0

دوست

840

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29041
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 00:01:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، قارىغاندا سىزمۇ جەمىيەتشۇناسلىققا قىزىقىدىكەنسىزدە ؟  لىكىن بىزدە ئۇيغۇرچە ماتىرىيال يوق .  پەقەت ئىنگىلىزچە ۋە ياكى خەنزۇچە ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىشقىلا توغرا كىلىدۇ .  
بۇ قانداق ئىنكاس ئەمدى؟ زۇلپىقار مۇئەللىم قىزىقىدۇلا ئەمەس، بەلكى مەخسوس بىز ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، بىزلەردە بۇ توغرۇلۇق تۇلۇق مەلومات بولمىغانلىتىن شۇ بوشلۇقنى تولدۇراي دەپ مەخسوس جەمئىيەتشۇناسلىقتا ئوقۇغان، ئەجىبا سىز بۇنىمۇ بىلمەمسىز؟

2

تېما

0

دوست

840

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29041
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 00:03:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلپىقار ئەپەندى ، سىزنىڭ بۇ ساھەدە زور مۇۋەپىقيەتلەرگە ئېرىشىشڭىزگە تىلەكداشمەن!ئاللاھىم، ئىشلىرىڭىزنى ئوڭ قىلغاي!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )