قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 12288|ئىنكاس: 67

13-ئەسىردە ئامىرىكىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

1

دوست

1997

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   99.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14439
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 620
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 18:56:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئەتھەل گ.ستەۋارت(كانادا )

   چىڭگىزخان رەھپەرلىكىدىكى مۇڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئوتتورا ئاسىيانى كونترول قىلىۋالغان قىتان خانلىقىغا شىددەتلىك ھوجۇمغا ئۇتۇش نەتىجىسىدە،  تارىم ۋادىسىدىكى قىتان خانلىقىنى قوللىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە ئەسكەرلەرنى باشلاپ تاڭغۇت خانلىقى(غەربى شىيا) غا پانا ئىزدەپ بارىدۇ. بۇ ۋەقە 1218-يىلى يۇز بەرگەن. تاڭغۇت خانلىقى مۇڭغۇللار تەرىپىدىن ھالاك قىلىنغاندىن كىيىن، بىر قىسىم تاڭغۇت-تىبەت ئەمەلدارلىرى ۋە تارىم ۋادىسىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار 1233-يىلى شەرقتىكى ئالتۇن خانلىقى(جورجىتلار) غا قىچىپ بارغان. ئەمما مۇڭغۇللار ئۇزۇن ئۆتمەي ئالتۇن خانلىقىنىمۇ مۇنقەرز قىلىدۇ. تارىم ۋادىسىدىن كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار(ۋە تاڭغۇت-تىبەت مۇساپىرلىرى) جەنۇپقا ھازىرقى لياۋدوڭ يىرىم ئارىلىغا قىچىشقا مەجبۇر بولغان. مۇڭغۇللارنىڭ ۋەھىمىسىدىن قورقۇپ كەتكەن بۇ مۇساپىرلار پۇختا تەييارلىق كۆرگەندىن كىيىن كېمە ئارقىلىق ئۇزۇنغا سوزولغان دىڭىز سەپىرىنى باشلىغان. ئۇلار بوخەي دىڭىزىدىن چىقىپ خۇئاڭخەي دىڭىزى ۋە  ياپون دىڭىزىدىن كىسىپ ئۇتۇپ ئوخوتىسكى دىڭىزىغا كىرگەن، ئاندىن كامچاتكا يىرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىنى بويلاپ شەرققە قاراپ مىڭىپ بىرىڭ دىڭىزى، ئالىئوتىسىيان تاقىم ئاراللىرى، ئالياسكا قولتۇقى ئارقىلىق ئاخىرىدا شىمالى ئامىرىكا قىتئەسىدە قورۇقلۇققا چىققان. } )

    كانادانىڭ شىمالى رايونلىرىدا ھاۋا بىرقەدەر سوغاق بولغاچقا، تاڭغۇت-تىبەتلەر شۇ يەرگە ماكانلاشقان بولسىمۇ، ئەمما تارىم ۋادىسىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بۇ يەرنىڭ كىلىماتىغا ماسلىشالماي داۋاملىق جەنوپقا قاراپ كۆچكەن، ئاخىرىدا ئۇلار ھازىرقى ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى كالفورنىيە،'ئارىزونا، يىڭى مىكسىكا شىتاتلىرىغا كىلىپ ئولتۇراقلاشقان. بۇ يەرنىڭ قۇرغاق ھەم ئىسسىق ھاۋا-كىلىماتى تارىم ئويمانلىقىدىن كۆپ پەرقلەنمەيتى.ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئاساسەن كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۇرگەن.

    بۇ كۆچمەنلەر تاكى 18-19-ئەسىرلەرگىچە ئامىرىكىدىكى يەرلىك ھىندىئانلاردىن پەرقلەندۇرۇلمىگەن. ئەمما كىيىنچە ئانتروپولوگىيە،تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ ئىنتىك تەۋەلىكى باشقا ھىندىئانلاردىن پەرقلىنىدىغانلىقى بايقىلىشقا باشلىغان. ئالياسكىدىن مىكسىكىغا قەدەر تارالغان بۇ قەۋىم باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائى تەسىرىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى، دىنى ئىتىقاتى، توي،دەپنە قاتارلىق ئادەتلىرى ۋە باشقا تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن  كۆپ خىل تەركىبنىڭ ئارلاشقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىسىنى "بالىق" دەپ ئاتايدۇ. ئۇلارنىڭ تىلىدا  قەدىمقى ئۇيغۇرچە(تۇركچە) تەركىبتىن سىرىت يەنە تىبەتچە،خەنزوچە،توخارچە،سوغدىچە ۋە يەرلىك ھىندىئانچە  سۆزلۇكلەرمۇ ئارلاشقان. ھەر بىر قەبىلىدىكى ياشانغان ئاقساقاللار ئۆز قەبىلىسىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى ۋە ئامىرىكىغا كىلىپ قىلىش جەريانىنى پىششىق بىلىدۇ شۇنداقلا ئۇنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئۆگىتىدۇ. يىقىنقى زامانلاردىن بۇيان ئۇلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلىرىگە مەكتەپ ۋە چىركاۋلار سىلىنغان بولۇپ، ئۇلاردىن كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچى، پوپ ۋە باشقا كەسىپتىكى خادىملار يىتىشىپ چىققان. ئۇلار تاشقى قىياپەت جەھەتتىن گەرچە يەرلىك ھىندىئانلاردىن كۆپ پەرقلەنمىسىمۇ،'ئەمما كىيىم-كىچەكلىرى ھازىرقى ئامىرىكا جەمىيىتى بىلەن ماسلىشىپ بولغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىسىملىرىدىن باشقا يەنە ياۋروپاچە ئىسىملارنىمۇ تەڭ قوللىنىدۇ. س )

ئامىرىكىدا ياشاۋاتقان بۇ خەلقلەر "ئاپاسكان" قوۋمى ياكى "نادەنە" لەر دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ "ئاپاتسىلتىلىجى" (تۇركچە ۋە تىبەتچە بىرىكمە سۆز بولۇپ، سۇ بۇيىدىكى جەڭچى تۇركلەر  دىگەن مەنىدە) ، جىكارىللو ( تۇركچە،تىبەتچە بىركمە سۆز بولۇپ، مەنىسى تاغلىق جىكلار - چىكلار ؟- دىگەن مەنىدە)، ئاپاچى ( تۇركچە،تىبەتچە بىرىكمە سۆز بولۇپ، جەڭچى دىگەن مەنىدە)، ئاپاچى تاگو (تاگولۇق جەڭچىلەر دىگەن مەنىدە، "تاگو" خوتەن بىلەن چەرچەن ئارلىقىدىكى چوڭ بازار بولۇپ، بۇلار تىبەتچە مەنبەلەردە "خور" دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلاردۇر) ، نىكولا (جەنۇبى كولۇمبىيىدىكى بۇ قەبىلە ئۆز ئەجدادىنى "نىچاڭ" دىن كەلگەن دەپ رىۋايەت قىلىدۇ. بۇ بەلكىم قەدىمقى نوپچان- لوپنۇر- رايونىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن) ، لىپەن (قەدىمقى تىبەتلەر خوتەننى "لى ئىلى" دەپ ئاتىغان، پەن قەدىمقى خوتەن رايونىدىكى پەنرونا شەھرىنىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىش)، ناككۇلى(قەدىمقى توخارچە رايونلۇقلار دىگەن مەنىدە) ، جەدكو ( تىبەتچە ئاتامان دىگەن مەنىدە)، سى چىنى ، تولوۋار، خۇپا، مىسكالىرو، كىنكىيە(يوقارقى  قەبىلە ناملىرىمۇ تارىم ئويمانلىقىدىكى  قەدىمقى يەر جاي ناملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىش)  قاتارلىق قەبىلىلىرى بار.

ئامىرىكىدىكى بۇ قەۋم توغرىسىدىكى تەتقىقات ئامىرىكا،كانادا، تۇركىيە ۋە دۆلىتىمىزدە خىلى چوڭ تەسىر قوزغىغان بولۇپ، ئىلگىرى ئۇرخۇن تورىدا "ئاڭلىمىدىم دىمەڭلار، ھىندىئانلار چىڭگىزخاندىن قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋالادلىرىمۇ"

مەزكۇر تىمىدىكى مەزمۇنلار كانادالىق تەتقىقاتچى itil.g.sétiwartning(Ethel گ.ستەۋارت ) تەتقىقات ماقالىسى-ئەسلى ئەسەرنىڭ نامى "دەنە ئاند نادەنە رەدسكىنەر " ( دېنى ۋە نادېنى قىزىل تىرىلىكلەر ) - دىن قىسقارتىپ ئىلىندى


    مەنبە-تور دۇنياسىدىن ساقلىۋالغانلىرىم.

نىجات

3

تېما

0

دوست

2587

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9247
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 692
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 19:46:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبامانىڭ ئانا تەرەپ تۇغقانلىرىنىڭ ئەجدادى ئۇيغۇرمۇ تېخى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

2

دوست

1940

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15646
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 558
توردىكى ۋاقتى: 86
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 19:57:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئىشەنچىسىز تارىخ . بىز توغۇرلۇق ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈيدىغانلار ئاينىپ كەتتى مۇشۇ كۈندە.

0

تېما

0

دوست

350

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26016
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 20:07:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nijatkurban يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 19:46
ئوبامانىڭ ئانا تەرەپ تۇغقانلىرىنىڭ ئەجدادى ئۇيغۇرمۇ ت ...

0

تېما

1

دوست

1072

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17995
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 20:07:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 19:42
توۋا،،، ھازىرقى ھىندىلار چىڭگىزخاندىن قاچقان ئۇيغۇرل ...

ياق ئۇنداق گەپ يوق ھىندىلار ھىچقاچان چىڭگىزخاندىن قاچقان ئۇيغۇرلار ئەمەس . سىز ياكى ھىندىئانلار دىمەكچىمۇ ؟
تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئۇيغۇرلار دىگەن كىتابىنى ئوقۇپ باقسىڭىز تىخىمۇ ئىنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولىسىز...

0

تېما

1

دوست

1072

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17995
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 20:08:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mustabit يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 19:57
ناھايىتى ئىشەنچىسىز تارىخ . بىز توغۇرلۇق ئاغزىغا كەلگە ...

ياق پاكىتسىز سۆزلىمەڭ ! بۇ تارىخنىڭ ئىشەنچىلىك پاكىتلىرى خىلى كۆپ .

1

تېما

1

دوست

2965

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 301
تۆھپە : 716
توردىكى ۋاقتى: 227
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 20:23:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاناداغا پاسپورت ئېلىپ ئايرۇپىلان بىلەن ئاران چىقىۋاتسا، 800 يىلنىڭ ئالدىدا قولۋاق بىلەنلا بېرىۋالغان دەپ، ئوتتۇرىلىقتىكى ئايرىلىپ تۇرغان ئوكياننى كەڭلىكى 100 مېتىر كېلىدىغان دەريا دەمدىكىن.

25

تېما

1

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   31.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 7328
توردىكى ۋاقتى: 284
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 20:52:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nijatkurban يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 19:46
ئوبامانىڭ ئانا تەرەپ تۇغقانلىرىنىڭ ئەجدادى ئۇيغۇرمۇ ت ...

راس دەيسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )