قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6933|ئىنكاس: 22

تارىختىكى موغۇللار ۋە موغۇلىستان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

1

دوست

2433

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14439
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 762
توردىكى ۋاقتى: 210
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 18:59:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار

      بىز ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخىنى ئۈگەنگەن ۋاقتىمىزدا، كۆپىنچە«موغۇل»،«موغۇللار»ۋە «موغۇلىستان»دېگەندەك ناملارنى ئۇچرىتىمىز.  
        «موغۇل»، «موغۇللار»دېگەن بۇ ئېتنىك تەركىبى ئانچە ئېنىق بولمىغان بۇ خەلق نامى خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇ ناملار توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر؛ «موغۇل» ئوتتۇرا ئەسىرلەردە «موگۇل»، «ماغۇل»، «جېتى»، «چات» دىيىلگەن، ئۇلار يەتتىسۇ بىلەن تەڭرىتاغ بويلىرىدىكى قەدىمىي تۈركىي قەبىلىلەر نىڭ بىرلە شكەن ئىتتىپاقى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەر، ئۇلارنىڭ موڭغۇللار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، دەپ قارايدۇ. ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر؛ موغۇللار تەركىبىدە يەتتىسۇ ۋە تەڭرىتاغ بويلىرىدا ياشايدىغان قەدىمىي يەرلىك تۈركىي قەبىلىلەر 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سىرتتىن كېلىپ سىڭىشىپ كەتكەن، تۈرك ۋە موڭغۇل قەبىلىلىرى(دولان، قاڭلى، بارس، بۇلاچ)قاتارلىقلار بار، شۇڭا موڭغۇللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قارىماقتا. ئۈچىنچى خىل قاراشتىكىلەر؛ موغۇللار موغۇلىستاندا ياشايد ىغان تاتارلار، نايمانلار، كېرىتلەر(كېرەيلەر)، مەركىتلەر بولۇپ، ئۆزلىرىنى «تاتارلار»دەپ ئاتىغان چىڭگىزخان موڭغۇللىرى دەپ قارىماقتا.
      ئەمىلىيەتتە، بۇ قاراشلارنىڭ ھېچقايسىسى ئاساسسىز ئەمەس، پەقەت بۇقاراشلارنىڭ ھەممىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ قارىيالىساقلا مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ.
     تارىختىكى «موغۇل» ياكى «موغۇللار»دېگەن خەلقنىڭ نامى 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىد ىلا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، 12-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە چىڭگىز خاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايخانغا دادىسىنىڭ ئىستىلا قىلغان زېمىنلىرىدىن ئىسسىقكۆل رايونى، بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئىلى دەريا ۋادىسى، چۇ دەرياسى بىلەن تالاس دەرياسى ساھىلىدىكى يايلاقلار ياكى ھېچ بولمىغاندا مەزكۇر يايلاقلارنىڭ شەرقىي قىسمى مىراس قالغان. چاغاتايخان 1227-يىلى تەخىتكە چىقىپ 1242-يىلى ئۆلگەن بولۇ پ، ئۇنىڭ پايتەختى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا ئىدى. كېيىنچە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى، 1260- يىللىرى ئەتراپىدا 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 9-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەيدانغا چىققان قاراخانىلار خانلىقىغا تەۋە بولغان بېشبالىق(گۇچۇڭ)، تۇرپان(قۇجۇ)، قەشقەر، كۇچا، خوتەن ۋە ماۋەرائۇ ننەھىردىكى بۇخارا، سەمەرقەند قاتارلىق جايلارنىمۇ بېسىۋېلىپ، خەلقنى ئۆزىگە بويسۇندۇر دى. ئۇلارنىڭ بۇ جايلاردا قۇرغان خانلىقلىرى كېيىنكى چاغلاردا«چاغاتاي خانلىقى»دەپ ئاتالدى.
     13-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە چاغاتاي نەسلىدىن بولغان يەنە بىر خان-تۇغلۇق تۆمۈرخان تەختكە چىقتى. تارىخىي ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشچە، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئاقسۇدا تەخىتكە چىققان(1337-يىلى) بولۇپ، ئۇنىڭغا تەۋە زېمىنلار كېيىنچە «موغۇلىستان»دەپ ئاتالغان«ماڭلايسۆيە»(ئاپتاپقا باققان زېمىن)دېگەن جايلار ئىدى. تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ دەۋرىگە كەلگەندە ئاتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى موڭغۇللار ئۇنىڭ تىيەكچىلىگىدە ئىسلام دىنىغا كىرگەنىدى. بۇ جايلاردىكى ئەسلىدىن مۇشۇ يەردە بار بولغان يەرلىك خەلق 9-، 10-ئەسىرلەردىلا ئىسلام دىنىغا كىرىپ بولغان بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، كېيىن ئىستىلا قىلىپ كەلگەن موڭغۇللارنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈز مىسە بولمايتتى، ئەلۋەتتە. ئەمىلىيەتتە، تۇغلۇق تۆمۈرنى يۆلەپ تەخىتكە چىقار غىنى چاغاتايخا ننىڭ كونا ئەمىرى، يەنى تۈركلەردىن بولغان ئەمىر بۇلاجى ئىسىملىك كىشى ئىدى.
      دېمەك، شۇنداق قىلىپ،«چاغاتاي ئەۋلادلىرى ۋەكىللىگىدىكى زور تۈركۈم موڭغۇللار نىڭ ئۇيغۇرقاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە قوشۇلۇپ كېتىشىنىڭ مۇقەددىمىسى ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، مۇشۇ تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋرىدىن باشلانغان. شۇ ۋاقىتتا، زور تۈركۈمدىكى موڭغۇ للار تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ھەرخىل ۋاستىلار بىلەن زورلىشى نەتىجىسىدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، بۇلار بىلەن بۇ يەرلەردە ئەسلىدىن بار بولغان يەرلىك تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن بىر ئايرىمىچىلىق تۈگىگەن. چاغاتاي ئەۋلادلىر ىنىڭ سىياسىي جەھەتتە زەئىپلىشىشى موڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا قوشۇلۇپ كېتىش جەريانىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن. بېشبالىق ۋە ئېلبالىق ھاكىمىيەتلىرىدىن كېيىن، چاغاتاي ئەۋلادلىرى باشچىلىقىدىكى موڭغۇللار ئۆز ئەجداتلىرىغا بولغان سېغىنىش ۋە ئىززەتلەش پىسخولوگىيىسىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئۇلار تىل، ئۆرۈپئادەت، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئۇيغۇر لاردىن پەرقسىز ئىدى. بىز چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسىملىرىدىنمۇ بۇ جەھەتتىكى پاكىتلارنى كۆرۈۋالالايمىز»① شۇنداق بولغاچقا، شۇچاغلاردىن باشلاپلا، يەنى «13-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا موڭغۇللار ماۋەرائۇننەھىرگە كىرىپ ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان، ھەمدە ئاستا-ئاستا يەرلىك تۈركىي مىللەتلەر تەرىپىدىن ئاسسىملاتسىيەلىشىپ كەتكەن موڭغۇللار بىلەن دۈشمەنلىشىشكە باشلىدى، ھەمدە بىر-بىرنى كەمسىتىشتى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەقىقى موڭغۇللار دەپ ئاتاشتى»② ئەسلىدە 12-ئەسىردە چاغاتاي خان بىلەن بىللە ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ ئاللىقاچان تۈركلىشىپ كەتكەن موڭغۇللار بولسا، ئۇلارنى «موغۇل» ياكى «موغۇللار» دەپ ئاتىدى. دېمەك،«موغۇللار» چاغاتاي خان بىلەن بىللە ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ پۈتۈنلەي تۈركلىشىپ بولغان موڭغۇللاردىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ يېڭىدىن تۈركلىشىش جەريا نىنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان يېڭى بىر ئەۋلاد موڭغۇللارنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى ئىدى.
   شۇنىڭدىن كېيىن، چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى دەپ قارىلىۋاتقان تۇغلۇق تۆمۈرخان(ئۇنىڭ چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكى تارىخىي تەتقىقاتلاردا تېخى گومانلىق)نى يۆلەپ تەخىتكە چىقارغان تۈركلەردىن بولغان ئەمىر بۇلاجى جەمەتىدىكىلەر«گەرچە تۇغلۇق تۆمۈردىن باشلاپ چاغاتاي خاندانلىقىغا تەڭداشسىز تۆھپىلەرنى قوشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇجەمەتتىكىلەر مىرزا(ۋەزىر، ئەمىر، ھەربىي قوماندان)دەپ ئاتىلىشتىن يۇقىرى شۆھرەتكە ئېرىشەلمىدى. چاغاتاي خانلىقى دائىرىسىدە، پەقەت موڭغۇللارلا خان بولۇش سالاھىتىگە ئىگە ئىدى. غەيرى موڭغۇللارنىڭ خانلىقنى تەمە قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى»③. ئەمما، ئاشۇ «غەيرى موڭغۇللار»دەپ ئاتىلىۋاتقان تۈرك مىرزىلىرىدا «خان بولۇش»تىن ئىبارەت بۇ «تەمە»-ئارزۇ خېلى بۇرۇنلا بار ئىدى.
     بۇ ئارزۇنى«14-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى چاغاتاي خانلىقى ئىلگىرى-كېيىن پارچىلىنىپ كەتكەن»④دىن كېيىن، تۈركلەردىن كېلىپ چىققان بۇلاجىنىڭ نەۋرىسى، تۆمۈر ئىسىملىك يەنە بىر كىشى-ئەمىر تۆمۈر كۆرەگان(ئاقساق تۆمۈر، تۆمۈرلەڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ)ئىشقا ئاشۇردى.
      «تۆمۈر TimurLng دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ تەرجىمىسى«ئاقساق تۆمۈر»دېگەنلىك بولىدۇ. بىز بۇنى Tamerlang(تۆمۈرلەڭ)دەپ قوللىنىمىز. تۆمۈرلەڭ 1336-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ماۋەرائۇننەھىردىكى كەش (kesh)دە تۇغۇلغان. كەش-ھازىرقى شەھىرى سەبىز (يېشىل شەھەر دېگەن مەنىدە)بولۇپ،سەمەرقەندنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. تۆمۈر لەڭنى تەتقىق قىلغۇچى تارىخشۇناسلار ئۇنىڭ چىڭگىزخاننىڭ بىر سەبدىشىنىڭ ئەۋلادى ئىكە نلىگىنى دەلىللىدى، ھەتتا ئۇنى چىڭگىزخاننىڭ ئۇرۇقى قاتارىغا قوشتى. ئەمىلىيەتتە، تۆمۈرلەڭ تۈرك، موڭغۇل ئەمەس»⑤،دەيدۇ. فرانسىيە تارىخشۇناسى رېنىي گروسسې مانا مۇشۇ ئەمىر تۆمۈر كۆرەگان 1370-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى 34 يېشىدا تەخىتكە ئولتۇرۇپ، 30 يىلدىن كېيىن «تۆمۈرىيلەر ئىمپىرىيىسى»نى قۇردى. بۇ چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئورنىنى تۈركلەر قۇرغان يېڭى بىر خانلىقنىڭ ئالغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. ھەم، بۇ چاغاتاي خانلىقى شەرق ۋە غەرپ دەپ رەسمىي ئىككىگە بۆلۈنگەن چاغ بولۇپ، ئەمىر تۆمۈرنىڭ بۇ خانلىقى ئەسلىدىكى چاغاتاي خانلىقى زېمىنلىرىنىڭ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدىكى پەرغانە ۋادىسىدىن تارتىپ ئارال دېڭىزى ھەتتا كەسپىي دېڭىزىغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
شۇنىڭ بىلەن چاغاتاي خانلىقىنىڭ غەربىدە قەد كۆتۈرۈپ، پۈتۈنلەي تۈركلىشىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن موڭغۇللار ئۆزلىرىنى تۈرك مۇسۇلمانلار قاتارىدىكى باشقا بىر خەلق ئورنىدا قويۇپ، چاغاتاي خان ئەسلى پايتەخت قىلغان ئىلى ۋادىسىدىكى ئىلبالىق(ئالمىلىق) ئەتراپىد ىكى يېڭى تۈركلەشكەن موڭغۇللارنى «تۆمۈرلەڭ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ دۆلىتى موغۇلىستان ئاھالىسىنى «جېتە»-بۇلاڭچىلار، قاراقچىلار دېگەن مەنىدىكى سۆز بىلەن ئاتايتتى»⑥دېسە، شەرقىي چاغاتاي خانلىقى زېمىنلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان يېڭىدىن تۈركلىشىۋاتقان موڭغۇللار، غەربىي چاغاتاي خانلىقى زېمىنلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان، ئاللىبۇرۇنلا تۈرك مۇسۇلمانلىرى قاتارىغا قوشۇلۇپ كەتكەن موڭغۇللارنى، يەنى«ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ماۋەرائۇننەھىر رايونىدا تۈر كلىشىپ كەتكەن موڭغۇللارنى بولسا «قارئۇناس»(ھارامزادىلەر، شالغۇتلار دېگەن مەنىدىكى كىشىنى ھاقارەتلەيدىغان سۆز)دەپ ئاتىدى»⑦. دېمەك، «موغۇل»، «موغۇللار»دېگەن ئۇقۇم تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى ئىلبالىقنى مەركەز قىلغان شەرقى چاغاتاي خانلىقى زېمىنلىر ىدە ياشاپ تۈركلەشكەن موڭغۇللاردىن ئىبارەت يېڭى بىر خەلقنى ئاتايدىغان يېڭى نامدۇر.
ئەمىلىيەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئەگىشىپ كەلگەن موڭغۇ للار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلۈنۈشلەر جەريانىغا يېڭىدىن قوشۇلۇپ تۈركلىشىپ بولغان، يەنە كونا-يېڭى، ئىلگىرى-كېيىن تۈركىي خەلقلەرگە سىڭىشىپ ئاساسەن تۈركلىشىپ بولغان بۇ يېڭى بىر خەلقنىڭ ھەممىسى «موغۇل»، «موغۇللار»دەپ ئاتىلىشى ئەسلىدىنلا ئورۇنلۇق ئىدى. لېكىن،تارىخچى ۋە تارىخشۇناسلار، بولۇپمۇ مۇسۇلمان تارىخچىلىرى كېيىنكى چاغلاردا، ئەسلىدە خېلى بۇرۇنلا، يەنى 13-ئەسىردە تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ دەۋرىدىلا تۈركلىشىپ مۇسۇ لمان بولغان خەلقلەرنى ئۇلار قۇرغان خانلىقنىڭ زېمىنىنىڭ نامى،مەسىلەن؛«قەشقەر خانلىقى »، «پەرغانە خانلىقى»…دېگەندەك ناملار بىلەن تاكى خانلىقنى قۇرغۇچى داھىلارنىڭ نامى بىلەن مەسىلەن؛«تۆمۈرىيلەر خانلىقى»،«سەئىدىيە خانلىقى»،«بابۇرىيلار خانلىقى »… دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتاپ، كېيىنرەك تۈركلىشىپ مۇسۇلمان بولغان خەلقلەرنى «موغۇل»، «موغۇللار» دەپ ئاتىغان.
  يەنە بەزى ئالىملار، چاغاتاي خانلىقىنىڭ غەربىدىكى مۇسۇلمانلار-تۈرك، ئەرەپ، پارس، ھىندىلار«موڭغۇل»دېگەن سۆزنى توغرا تەلەپبۇز قىلالمىغانلىقتىن، موڭغۇللارنىڭ ھەممىسىنى «موغۇل»،«موغۇللار»دەييتى،-دېگەن پىكىرلەرنىمۇ قويۇشىدۇ. ھەتتا 15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھىندىستاندا بابۇر تەرىپىدىن قۇرۇلغان خانلىقنىمۇ «ئۆمۈرنىڭ(تۆمۈرلەڭ) 6- ئەۋلاد نەۋرىسى بابۇر ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، لۇدخانلىقىغا خاتىمە بېرىدۇ. ئەينى زاماندا، بابۇر ئانىسىنىڭ چىڭگىزخان ئەۋلادىدىن بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆزىنى موڭغۇل دەپ جاكالىغانىدى. بۇ نام خاتا تارقىلىپ «موغۇل»بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇ ھىند ىستاندا قۇرغان ھاكىمىيەتمۇ موغۇل ئىمپىرىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ»⑧دىيىشىدۇ. يەنە كېلىپ، ئۆزبېكلەر ھازىرمۇ موڭغۇللارنى «موغۇللار»دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ، بىزنىڭ تارىخ تەتقىقاتىمىز 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندىلا ئاندىن رەسمىي شەكىللەنگەنلىكىگە قارىماي، دەل شۇ سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخ تەتقىقاتى ۋە شۇلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى مەنبە قىلغان بولغاچقا، موڭغۇللارنى «موغۇللار»دەپ ئاتاش ھەمدە بۇجەھەتتىكى ئۇقۇم شۇلارنىڭ ئاتىشى بويىچە ئۆزلەشكەن بولىشى ئېھتىمالىمۇ يوق ئەمەس.
ئەمما، بۇ پىكىرلەردە ئازراق مۈجمەللىك بار بولۇپ بۇ 12-ئەسىردىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ 15-ئەسىرگىچە پۈتۈنلەي تۈركىي خەلقلەرگە سىڭىشىپ كەتكەن موڭغۇللار بىلەن بۇ موڭغۇللارنى ئۆزىگە سىڭدۈرىۋالغان باشقا خەلقلەرنىڭ خاس«مىللەت»مەنىسىدىكى چەك- چىگىرىسىنى بەك ئىنچىكە ئايرىشقا ئورۇنغانلىقتىن كېلىپ چىققان مۈجمەللىك. ئۇنداقتا، شەرقىي شىمالىي ئاسىيادا 12- 15-ئەسىرلەردىلا ئەمەس، ھازىرمۇ موڭغۇللار بار، بىراق بۇنىڭدىن 800 يىل بۇرۇنقى چاغلاردا ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلگەن موڭغۇللار نەگە كەتتى؟ ئەجەبا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ۋاقتىدا چىڭگىزخاننىڭ يۇرتىغا قوغلىۋېتىلگەنمۇ؟ ياكى ئۇلار چاغاتاي خان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تۈگىگەندىن كېيىن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتكەنمۇ؟ ئەگەر شۇنداق راستىنلا شۇنداق بولسا، «چاغاتاي تىلى»،«چاغاتاي يېزىقى»دېگەنلەر نېمىشقا ئوتتۇرا ئاسىيادا قېپ قالدى؟ نېمىشقا بۇلار«موڭغۇل تىلى»، «موڭغۇل يېزىقى» دېگەن نام بىلەن قېپ قالمايدۇ؟
چۈنكى يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇلار ئاللىقاچان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر گە سىڭىپ كەتكەن، ھەم ئۆز دەۋرىدە ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ سىڭىشىش جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، خۇددى قەدىمكى ھۇنلار ۋە سوغدىلارغا ئوخشاش سىڭىشىش جاريانىدا يوقىلىپ كەتكەن(ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلگەنلىرى). شۇڭا ئۇلارنى ئەنە شۇنداق ئالاھىدە تارىختا شەكىللىنىپ، يەنە شۇنداق ئالاھىدە تارىخىي شارائىتتا بارا-بارا يوقىلىپ كەتكەن خەلق سۈپىتىدە «موغۇل»، «موغۇللار»دەپ ئاتاش ۋە شۇ بويىچە ئومۇملاشتۇرۇش مۇئاپىق.
ئەمدى«موغۇلىستان»دېگەن يەر نامى ۋە بۇ نام ئۆزئىچىگە ئالغان دائىرىگە كەلسەك، بۇ تو غرىسىدىمۇ تۈرلۈك قاراشلار بار. مەسىلەن؛ بەزىلەر 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا چاغاتاي خانلىقى يوقالغاندىن كېيىن، 15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە شەرقىي جەنۇبىي قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستان زېمىنىدە قۇرۇلغان فېئودال موغۇل دۆلىتى، ماۋەرائۇننەھىرنىڭ غەربىي قىسمىدا ئەمىر تۆمۈر(تۆمۈرلەڭ)دۆلىتى، شەرقىي قىسمىدا موغۇ لىستان پەيدا بولغان. بۇ يەردىكى تۈركىي خەلقلەر ۋە تۈركلەشكەن موڭغۇللار 1348-يىلى چاغاتاي ئەۋلادىدىن بولغان تۇغلۇق تۆمۈرنى ئۆزلىرىگە خان قىلىپ سايلىغان. موغۇلىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمى تەتتىسۇ بىلەن ھازىرقى قىرغىزىستان بولغان،دەپ قارىماقتا. يەنە بەزىلەر، موغۇلىستاننىڭ شەرق تەرىپى قالماقلار يېرى(موڭغۇلىيە)بىلەن تۇتاش بولۇپ بارىسكۆل، ئىمىل، ئېرتىشنى ئۆزئىچىگە ئالغان، غەرپتە چەكلەنگەن سۆز ئىشلىتىلگەن(چىمكەنت) ۋە تاشكەنت بىلەن. جەنۇ پتا پەرغانە، قەشقەر، ئاقسۇ، چالىش ۋە تۇرپان بىلەن چىگىرداش بولغان، دەپ قارىماقتا. ئۈچىنچى بىرخىل قاراشنى ئىلگىرى سۈرگخچەلەر بولسا، موڭغۇلىيە زېمىنىنى موغۇلىستان دەپ قارايدۇ.
بۇلارنىڭمۇ ئەڭ ئاخىرقىسىدىن باشقىسى ئاساسسىز ئەمەس. چۈنكى 14-15- ئەسىرلەرد ىمۇ چىڭگىزخاننىڭ يۇرتى گەرچە«موڭغۇلىيە»دەپ ئاتالمىسىمۇ، لېكىن ئۇ يەرلەر «چىڭگىزخا ننىڭ يۇرتى»، «قالماقلار يېرى»، «چىڭگىزخان ئوردىسى»دېگەندەك ناملار بىلەن مەۋجۇت ئىدى. ھەتتا«تارىخىي رەشىدىي»نىڭ ئاپتورى مىرزا ھەيدەر كۆرەگانمۇ«موغۇلىستاننىڭ شەرقىي چىگىرىسى قالماقلار يېرى بىلەن چىگىرداش ئىدى»دېگەن. ئەمىلىيەتتە، بىز دەۋا تقان «موغۇلىستان»نىڭ چىگىرىسى يۇقىرىقى قاراشلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، ئۇنچە تارمۇ ئەمەس ئىدى.
  چۈنكى، ئاشۇ ئوتتۇرا ئەسىرلەرگە كەلگۈچىلىكمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىمالىي ئاسىيادىكى موڭغۇل ۋە باشقا بىر قىسىم تۈركىي خەلقلەرنىڭ بەزىلىرى ياكى ئايرىم قەبىلىلىرى يەنىلا كۆ چمەن تۇرمۇش كەچۈرۈش خاراكتېرىگە ئىگە خەلق بولۇپ، بولۇپمۇ موڭغۇللاردا بۇنداق خاراكتېركۈچلۈكرەك ئىدى. ئۇلار ھەتتا شەھەرلەردە ئولتۇرۇشنىمۇ ئانچە خالاپ كەتمەيتتى. يەنە كېلىپ موڭغۇللار ئىستىلاسىنىڭ ئاخىرىدا، گەرچە چىڭگىزخان ئۆزى ئىستىلا قىلغان زېمنلارنى ئوغۇللىرىغا بۆلۈپ بېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن موڭغۇللار ئاساسەن جەمەت خاراكتېرىنى ئۇلۇغلايدىغان بىرگەۋدە سۈپىتىدىكى خەلق بولغاچقا، ھەرقايسى جەمەتتىن بولغان خانلار چېگرا-پاسىللىرىنى بەك ئىنچىكىلەپ ئايرىپ كەتمەيتتى. بولۇپمۇ چاغاتايخان ۋە ئۇنىڭ تۈركلەشكەن ئەۋلادلىرى پات-پات بىر-بىرىنىڭ زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، خانلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى پات-پات گاھى كېڭىيىپ- گاھى تارىيىپ تۇراتتى. شۇڭا ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ چىگىرىسىغا ئاساسەن«موغۇ لىستان»نىڭ دائىرىسىنى بەك ئېنىق ئايرىپ كەتكىلى بولمايدۇ.
ئەسلى گېپىمىزگە كەلسەك،«موغۇلىستان» ئاساسەن بىز باشتا كۆرسىتىپ ئۆتكەن «موغۇل » ياكى «موغۇللار» ياشىغان جايلارنى كۆرسىتەتتى.
تارىخىي ماتېرىياللاردا «موغۇلىستان» دېگەن جاينىڭ نامى 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىد ىن كېيىنكى بايانلاردىن تارتىپ ئۇچراشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىت دەل چاغاتاي خانلىقىنىڭ شەر قىي ۋە غەربىي چاغاتاي خانلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. يەنە كېلىپ، 15-16-ئەسىرلەردە غەربىي چاغاتاي خانلىقى(موغۇلىستان)دا تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئەمىر تۆمۈر(تۆمۈرلەڭ)نەۋرىلىرىدىن ئۇلۇغبەگ قاتارلىق موغۇل خانلىرى قۇرغان خانلىقلار مەۋجۇت بولغان بولسا، غەربىي چاغاتاي خانلىقى زېمىنلىرىدا يۇنۇسخان ۋە ئۇنىڭ نەۋر ىلىرىدىن ئەبۇ سەئىد مىرزا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئۆمەرشەيىخ مىرزا، ئۇنىڭ ۋارىسلىرىدىن بولغان بابۇر ۋە سەئىدخانلار قۇرغان خانلىقلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتاتتى، ھەم بۇ شەرق ۋە غەرپتىكى خان-پادىشاھلار 100-150 يىل بۇرۇنلا باشلانغان قۇدا-باجا، ئۇرۇق -تۇققانچىلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قوشۇلىشى، يەنى موڭغۇل ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ قوشۇ لىشىنى تولۇق تاماملاپ، رەسمىي «موغۇل»لىشىپ بولغانىدى.
لېكىن، تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئەمىر تۆمۈر(تۆمۈرلەڭ)لەرنىڭ بۇ يېڭى ئەۋلادلىرى يەنىلا تارام-تارام سۇيۇرغاللىق زېمىنلەرگە ئىگە بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم خانلىقلارنى قۇرغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە «موغۇلىستان»دېگەن ئۇقۇم يەنىلا بار ئىدى. ھەم بۇ شۇچاغدىكى «موغۇ للار»نىڭ چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدىكى ئەنئەنىۋىي زېمىنلەرنى دائىرىلەرگە بۆلۈشتىكى ئەنئە نىۋىي ئۇسۇلى ئىدى.
تارىخىي ماتېرىياللار ۋە تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا «موغۇلىستان»دېگەن جايلارنىڭ چېگىر ىسى كۆكۈنچە ھاللاردا، ئاساسەن مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ «تارىخىي رەشىدىي» دېگەن كىتابىدا بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسەن ئايرىلىدۇ. «تارىخىي رەشىدىي»دە مۇنداق دىيىلىدۇ ؛ «ھازىرقى موغۇلىستان دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ يەرنىڭ ئۇزۇنلىقىمۇ، توغرىسى (كە ڭلىكى)مۇ يەتتە-سەككىز ئايلىق يولدۇر. ئۇنىڭ شەرق تەرىپى قالماق زېمىنى بىلەن تۇتاش بولۇپ، ئۇ تەرەپنى بارسكۆل(ھازىرقى قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ باركۆل ناھىيسى)، ئەمىل(ھازىرقى شىنجاڭدىن باشلىنىپ قازاقىستاندىكى ئالاكۆلگە قۇيۇلىدىغان ئىمىل دەرياسى) ۋە ئەر تىش( ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىپ شىمالغا ئېقىپ، سىبىرىيە ئارقىلىق شىمائىي مۇز ئوكيانغا قۇيۇلىدىغان دەريا)دەپ ئاتايدۇ. شىمالىي تەرىپى كۆكچى دېڭىز، بوملىش ۋە قاراتال (شەرقىي شىمائىي تەرەپتىن بالقاش كۆلىگە قۇيۇلىدىغان دەريا)غا تۇتۇشىدۇ؛ غەرب تەرىپى تاشكەنت ۋە تۈركىستا ندۇر. جەنۇب تەرىپى پەرغانە ۋىلايىتى، كاشىغەر، ئاقسۇ، چالىش ۋە تۇرپانغا تۇتۇشىدۇ. بۇ تۆت تەرەپ چىگىرلىرىدىن پېقىر جەنۇب چىگىرلىرىدىكى يەرلەرنىلا كۆردۈم»⑧دىيلىدۇ.
مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان كۆرسىتىپ ئۆتكەن «موغۇلىستان»نىڭ چىگىرىسى ناھا يتى ئېنىق بولۇپ، بۇ شەرقىي چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن بولغان«موغۇللار» ياشىدى، دېگەن دائىر ىلەرگە ئۇيغۇن ياكى ئۇنىڭدىن كەڭرەك.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى تارىخچىلاردىن، كلاسسىك تارىخچىلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولغان موللامۇسا سايرامى«تارىخىي ئەمىنىيە»دېگەن كىتابىنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ بۇ مەلۇ ماتنى«تار ىخىي رەشىدىي»دىن ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ؛«موغۇلىستاننىڭ شەرقىي چىگىراسى بالە كۆل(بارىسكۆل، ھازىرقى باركۆلنى كۆرسىتىدۇ) ۋە قۇمۇل، شىمالىي چىگىراسى كاتتا دېڭىز، غەرب تەرىپى تاشكەنت، چاقسىمان ۋە ئەنجان ۋىلايىتى، سامغىر ۋە لەئىلى كان بەدەخشى؛ جەنۇب تەرىپى تىبەت ۋە قاراڭغۇتاغ(قارا قۇرۇم تاغ تىزمىلىرى) ھەم ئۇيغۇرلار ۋىلايىتىدۇر. بۇ چىگىرا ئىچىنى پارامىندا(چىڭگىزخاننىڭ جاساق قانۇنى)دا «موغۇلىستان» دەپ ئاتاپتۇ. ئۈرۈمچى، چۆچەك ۋە ئىلىمۇ مۇشۇ چىگىرا ئىچىگە كىرىدۇ. موغۇلىستاندا بۇ شەھەرلەرنى يەتتە شەھەر دەپ ئاتاپتۇ. يەتتە شەھەر دېگەنلىرى- قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ،ئۈچتۇرپان،كۇچا، تۇرپانلاردىن ئىبارەت. بۇ شەھەرلەرنى چىن ئەھلى(نەنلۇ باچىڭ) دەيدۇ. بۇ دېگىنى، جەنۇپتىكى سەككىز شەھەر، دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ خىل ئاتىغاندا سە ككىزىنىچى شەھەر كورلا بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەتتە شەھەرنىڭ پايتەختى قەدىمكى مۇسۇلمان خانلىرى زامانىسىدا تۇرپان بىلەن يەكەن ئىكەن»⑨،دەپ سەل كىچىكلىتىپ، ئاساسەن ھازىرقى شىنجاڭنىڭ دائىرىسىنى كۆرسە تكەن. بەلكىم مىرزا مۇھەممەد ھەيدەركۆرەگان ياشىغان دەۋىردىن 300 يىلدىن كېيىنكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى موغۇلىستان شۇنچىلىك بولۇپ قالغان بولسا كۋرەك.
يەنە،«مىڭ سۇلالىسى تارىخ ماتېرىياللىرىدا موغۇلىستان«بېشبالىق»،بېشبالىقنىڭ ھۆكۈمرانى چاغاتاي ئەۋلادى ئۇۋەيىسخانىدى، ئۇ قەبىلىسىنى باشلاپ غەرىپكە كەتتى، دۆلىتى نىڭ نامىنى ئېلبالىققا ئۆزگەرتتى»⑩ دىيىلگەن بولۇپ، گەرچە، بۇ يەردە «بېشبالىق» شەرھر ىنىڭ پەقەت نامىلا تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى ئېلبالىقنىڭ شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنى پايتەختى ئىكەنلىكى ئېنىق قەيت قىلىنغان. شۇڭا بۇمۇ«تارىخىي رەشىدىي»دە كۆرسىتىلگەن دائىرىدىن يىراقلاپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن؛ فرانسىيە ئالىمى رېنىې گروسسىې «چىڭگىزخان»دېگەن كىتابىدا:«موغۇلىستان، يەنى ئىسسىقكۆلنىڭ ئەتراپى،تالاس دەريا سى بىلەن ماناس دەرياسى ئارلىقىدىكى رايۇنلار ئىدى»11دېسە، «ئىمپىراتۇر تۆمۈرلەڭ» ناملىق يەنە بىر كىتابىدا بۇنى سەل كېڭەيتىپ؛«شەرقىي چاغاتايلار موغۇلىستان، يەنى تالاس(تىراز)دەرياسى، ئىسسقكۆل، ئىلى دەرياسى، يۇلتۇز دەرياسى، ماناس دەرياسى ۋادىلىرى ۋە قەشقەرنىڭ كۆپ قىسىم رايۇنلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى»12دەپ كۆرسىتىدۇ.  بۇ يەردە ېرنىې گروسسېنىڭ «قەشقەرنىڭ كۆپ قىسىم رايۇنلىرى» دېگىنى پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭنى كۆرسىتىدۇ، دېيىش ئەقىلگە مۇئاپىق، ئەلۋەتتە.
جۇڭگو ئالىملىرىدىن ۋېي لياڭتاۋ؛«ھىندىستاندا بابۇر قۇرغان خانلىقنى، شىمالدىكى چىڭگىزخان قۇرغان موڭغۇل خانلىقىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى «ھىندىستاندىكى موغۇل ئىمپىرىيىسى»دەپ ئاتاش كېرەك»13، دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ «موغۇل»دېگەن نامنى قوللۇنۇشقا قوشۇلىدۇ ۋە «شەرقىي چاغاتاي خانلىقى ئەسلىدىكى چاغاتاي خانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەركىزى قىسمى تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى «موغۇلىستان»ئىدى»14دەپ كۆرسىتىپ،«موغۇلىستان»نىڭ زېمىنى مۇقۇملاشتۇرىدۇ. دېمەك، تارىختىكى موغۇلىستان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىدىكى شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا شەرق تەرىپى موڭغولىيىگە تۇتاش قۇمۇلغىچە، شىمال تەرىپى بالقاش كۆلىگىچە، غەرب تەرىپى ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستانغىچە، جەنۇب تەرىپى پەرغانە ئويمانلىقى، تىبەت، جۇچۈەنلەرگىچە بولغان كەڭ رايۇنلار ئىدى.
تارىختىكى «موغۇل»، «موغۇللار» ۋە «موغۇلىستان»دېگەن ناملار تارىخىي ماتېرىياللارغا يېزىلىپ، تارىخ، جۇغراپىيە تارىخى ۋە ئىتنۇگىرافىيە تەتقىقاتلىرىدا زور پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە نام ۋە ئۇقۇملار بولۇپلا قالماي، بەلكى، موغۇل خانلىرىدىن ئاخىرقىلىرىدىن بىرى بولغان زەھرىددىن مۇھەممەد بابۇر ھىندىستاندا قۇرغان ئىمپىرىيە «ھىندىستاندىكى موغۇل خانلىقى» 15، «ھىندىستاندىكى موغۇل ئىمپىرىيىسى»16دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ مو ڭغۇللاردىن پەرقلىق ھالدا دۇنيا تارىخىنىڭ ئالتۇن بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.


مەنبە-تور دۇنياسىدىن ساقلىۋالغانلىرىم.

نىجات

3

تېما

0

دوست

3158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9247
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 876
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 19:54:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1260- يىللىرى ئەتراپىدا 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 9-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەيدانغا چىققان قاراخانىلار خانلىقىغا تەۋە بولغان بېشبالىق(گۇچۇڭ)، تۇرپان(قۇجۇ)، قەشقەر، كۇچا، خوتەن ۋە ماۋەرائۇ ننەھىردىكى بۇخارا، سەمەرقەند قاتارلىق جايلار      
تۇرپان  قۇچۇ خانلىقىمۇ  قاراخانىيلارغا تەۋەمىدى؟ خاتا بولۇپ قالمىغاندۇ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

2

دوست

5285

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 1446
توردىكى ۋاقتى: 391
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 20:21:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
12-ئەسىر دېسە 1100-يىلىدىن 1200-يىلىغىچە بولغان ئارىلىق، 13-ئەسىر دېسە 1200-دىن 1300-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. تېما ئىگىسى شۇنى ئېنىقلىۋالمىسىڭىز يازمىڭىزدا خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ.

0

تېما

0

دوست

754

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   50.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25471
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 238
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 20:43:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان گۇچۇڭ قاتارلىق ئىدىقۇت زىمىنلىرى-خىزىر خوجا دەۋرىدە موغۇلىستان تىررىتورىيسىگە كىرگەن،قارا خانىيلار زىمىنىغا تەۋە بوپباقمىغان

0

تېما

4

دوست

1775

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28321
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 536
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 08:50:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغلۇق تۆمۈرخان 1337-يىلى تەخىتكە چىققان بولۇپ، بىر كۇندە ، بىر قىتىمدا 160مىڭ كىشىگە ئىسلامنى قۇبول قىلغۇزغان، شۇڭا تارىخى كىتاپلاردا بەكلا تەرىپلىنىدۇ.  

0

تېما

0

دوست

3080

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2224
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 158
تۆھپە : 852
توردىكى ۋاقتى: 138
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 11:05:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تارىخى بىلىملەرگە نىسبەتەن چۈشەنچەم تازا ئېنىق ئەمەس...

9

تېما

5

دوست

6372

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9922
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 613
تۆھپە : 1531
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 11:26:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   موڭغۇللارنىڭ تۈركلەشكەن ئەۋلاتلىرى بولمىش موغۇللار ھاكىمىيتى ئاخىرىدا شەرقى چاغاتاي ۋە غەربى چاغاتاي خانلىقىغا بۆلۈنگەندىن كېيىن شىنجاڭدا سەئىدىيە خانلىقى باش كۆتۈردى . سەئىدىيە خانلىقى شىنجاڭدىكى موغۇللار ئەۋلاتلىرىنىڭ قۇرغان ئاخىرقى خانلىقى بولسا كېرەك .

4

تېما

0

دوست

1109

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8627
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 200
تۆھپە : 203
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 12:14:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆمۈرلەڭنىڭ ئاتا تەرەپ تۈرك، ئانا تەرەپ موڭغۇلغا تۇتىشامدۇ؟ ياكى ئۇ ساپ تۈركمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )