- تىزىملاتقان
- 2014-6-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 84
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
ئۆسۈش
28%
|
_دوختۇر نېمە دەيدۇ؟ قايسىدۇر بىر ئۇياتسىز ماشىنىنى يولغا تاقاپ توختىتىۋالغان ئىكەن، ئىتتىك تورمۇز قىلىپ توختىۋالدىم، ھەم ئايالىم بىلەن سەل ئەستايىدىلراق پاراڭلىشىشقا مەجبۇر بولدۇم:
_نېمە دەيتتى، يەنە شۇنىڭدەك گەپلەر: ئارام ئېلىش كېرەك، چارچاشقا قەتئىي بولمايدۇ، بىر ھەپتىدىن كېيىن كېلىپ قايتا تەكشۈرتۈڭ، ئەگەر كۆرسەتكۈچلەر داۋاملىق ئۆرلىسە بالنىستتا ياتىسىز... دەيدۇ.
_ئۆيگە قايتامسىز؟
_ھەئە، ماي ئاز قاپتۇ، ئۆتەر يولدىن ماي قاچىلاپ ئاندىن باراي.
نېمىشقىدۇر ئاچا يولغا كەلگەندە شەرققە- ماي پونكىتىغا ئەمەس، غەرپكە- تاغ يولى تەرەپكە ماڭغۇم كېلىپ قالدى. زاۋۇتنىڭ كەينىدە7- رايون دەپ بىر جاي بولىدىغان.
بۇ يەرگە كەلگەن 7 يىلدىن بۇيان ئىزچىل شۇ تەرەپكە بىر ئۆتۈپ باققىم بولسىمۇ، ھېچ بىر پۇرسەت تاپالماي كەلگەن ئىدىم، ئەمەلىيەتتىمۇ كۆرگىدەك نېمە بار ئىدى؟ لېكىن 6 يىلدىن كېيىن كېسىلىم قايتا قوزغالغاچقىمىكىن، ئىنساندا بولىدىغان تەبىئىي قىزىقىش تۇيغۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىۋېلىشئىستىكى تۇغۇلغان بولسا،بۇنىمۇ توغرا چۈشىنىش مۇمكىنغۇ؟
شۇنداق قىلىپ باكتا ماينىڭ ئاز قالغىنىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، تاغ يولىغا ماشىنىنى قويىۋەتتىم. ئەينەكلەرنى تۈۋىگىچە چۈشۈرۈپ، مۇزىكىنى ۋاڭشىتىپ قويۇپ بىر خىلدا كېتىپ بارىمەن. بىر تەرىپىم زاۋۇتنىڭ غايەت زور باكلىرى، يەنە بىر تەرىپىم بولسا تاقىر تاغلار. ئاپتاپ قاغجىراتقان ئاسفالىت يوللار ھەم يول بويىدىكى جىمى مەنزىرىلەر ئادەمنىڭ كۆزىنى چاقاتتى. خۇددى چۈش كۆرگەندەك كېتىپ بېرىپ، ئامېرىكىدىكى50- نومۇرلۇق تاشيول قانداق بولغىيدى دەپ ئويلاپ قالدىم، ئەمما ئالدىمدىكى يول بولسا ھەرگىز ئۇپۇققىچە تۈپتۈز سوزۇلغان يول ئەمەس، بەلكى يىلاندەك ئەگرى-بۈگرى يول ئىدى. يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاشلاندۇق ئامباردەككۆرۈنگەن كونا زاۋۇتلار، خارابىلىكتەك بولۇپ كەتكەن ئاھالىلىكلەر، كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ لوزۇنكىسى ئېسىلغان ساتما كەبى دۇكان-بوتكىلاردا قانداقتۇر ئۇلۇغۋار چۆلمەنزىرىسى ئەمەس، بەلكى مەيۈس بىر كۆڭۈلسىزلىك ئەكس ئېتەتتى. گەرچە شۇنداق تۇرسىمۇ، كۈتكىنىمنىڭ ئەكسچە كۆڭلۈم ئېچىلىپ، ئىچىم ئازادە بولۇپ كەتتى. ماينى تېخىمۇ دەسسەپ، ئايلانمىلاردىن قىڭغىيىپ-قىڭغىيىپ كېتىپ باراتتىم، ئەمما 7-رايوننى ئىزدەپ تېپىشمۇ نېسىپ بولمىدى، سەۋەبى كاربون زاۋۇتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يول تۈگىدى.
ھەتتەڭ! كاربون زاۋۇتى دېگىنى مۇشۇكەندە، مېنىڭ بىر يىراق تۇغقىنىم بۇرۇن مۇشۇ يەردە كۆمۈردەك قاپقارا مىلىنىپ بىر مەزگىل ئىشلىگەن، كېيىن جاپاسىغا چىدىماي ئامېرىكىغا چىقىپ كەتتى، ئامېرىكىدا يېشىل كارتا ئالغاندىن كېيىن بولسا، ئۇ يەردىمۇ تۇرمۇش ئېغىر كەلدىمۇ، تۈركىيەگە- ئايالىنىڭ قېشىغا بېرىۋاپتۇ. كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى شۇكى، بۇرۇن ئوقۇۋاتقان چاغدا، تۈركىيەدە بىر يىل تۇرۇپ، قاتتىقچىلىققا چىدىماي ۋەتەنگە يېنىپ كېلىۋالغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ تۈركىيە، جۇڭگو ۋە ئامېرىكىنىڭ قايسىسىدا قاتتىق-چىلىق ئەڭ ئېغىر بولۇپ كەتتى؟...
كەينىمگە يېنىپ، كەلگەن يولۇم بىلەن قايتتىم، گۈركىرەپ چىقىۋاتقان شامال بىلەن Lady Gaga نىڭ Jush Dance دېگەن ناخشىسى قاينىماقتا ئىدى. تېكىستىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇرۇپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ سالدىم. شۇنچىلىك ۋاقىتلىرىمىز ئۆتكەن ئىكەن. شادلىقىمىز بىلەن غەملىرىمىزمۇ ھەم شۇنچىلىك چىن ھەم سەمىمىي ئىدى، كۈلگەندە قاقاقلاپ كۈلۈپ، قايغۇرغاندا ئىچ-باغرىمىزنى تۆكىدىغان، ھازىر بولسا 30 غا كىردۇق، ئېيتقان شۈكرىمىز قېنى؟ ئات مىنگەن ئابدۇنىيازلار 30 غا كىرگەنمىدى؟! گالوئىسنى سەبدىشى دوئېلدا ئاتقاندا 30 غا كىرگەنمىدى؟! ئەيمىي ۋاينخاۋس ئاخىرقى قېتىم " ئاق سارايغا كىرگىم يوق پەقەت" دەپ ئېيتقىنىدا 30 غا كىرگەنمىدى؟!
يول ئېغىزىغا كېلەي دېگەندە خىياللاردىن ئۆزۈمنى يىغدىم. چارچىماسلىق كېرەك. قۇرۇق گەپ ! مۇمكىنمۇ؟! خىزمەت، تۇرمۇش، ئائىلە، ئۆگىنىش، كىشىلىك مۇناسىۋەت، تىرىكچىلىكنىڭ كۈندە بولىدىغان غەملىرى، شۇ غەملەردىن بىردەمگىنە خالىي قىزىم، ھەممىدىن مۇھىمى، ھەممىدىن مۇھىمى- شۇ كىچىككىنە، كىچىككىنە جان ئىگىسىنىڭ كەلگۈسى... خىيالىم بىلەن رېئاللىق ئارىسىنى ئايرىپ تۇرغان شۇ تۆت كوچىدىن 4-خوتتا ئۆتۈپ كەتتىم.ئالدىمىزغا ماڭىۋەرسەم ماي پونكىتىغا بارىمەن، ئاندىن ئۆيگە... ئاندىن چويلىدا توختىغۇدەك باھانىدىن بىرنى توقۇپ، نېمىشقا " ماي قاچىلاشقا شۇنچە ۋاقىتكېتىدىغانلىقى" غا ئايالىمنى ئىشەندۈرىمەن، پۈتۈنلەي باشقا بىر ئادەمنىڭ رولىنى ئالىمەن. لېكىن!... لېكىن، كەينىمدىكى پىژغىرىم ئىسسىقتا تاغ يولىدا كېتىۋاتقىنى ھەقىقىي ئۆزۈم ، 30 يىلدىن بۇيان ئۆزگەرمەي كېلىۋاتقان ئۆزۈم ئىدىم.
30 ياشقا كەلگەندە، ئۆزىمىزنى ئۆلۈم ئۈچۈن تەييارلىماسلىققا نېمە ھەددىمىز؟
|
|