قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6450|ئىنكاس: 35

مەن يەنە كۆچەرمەنمۇ؟؟؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

6

دوست

2001

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29515
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 630
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 10:10:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     كونىلار نامرات بولساڭ كۆچۈپ باق دەپتىكەن شۇنداق قىلىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن بۇ بەش يىل ئىچىدە قانچە قېتىم كۆچكىنىمنى بىلمەيمەن. لىكىن بەشىنجى يىلى كۆچۈش دىگەن نىمە بەكمۇ ئېنىق بىلىۋالدىم.مەن بۇيىل ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئاسپىرانتىلقتا ئوقۇماقچىتىم.بەلكىم تەلەيلىك بولسام كىرەك تۆتىنچى يىللىقتا مەلۇم بىر شىركەت بىلەن توختاملاشتىم ھەم بىر تەرەپتىن ئوقۇغاچ بىر تەرەپتىن ئىشلەيدىغانغا دىيىشتىم.ئىشلىرىم ھەر ھالدا ياخشى كىتىۋاتاتتى.بېشىم قېتىۋاتقان بىردىن بىر ئىش ئوقۇش باشلىغىچەتۇرىدىغان جاي تېپىش مەسلىسى ئىدى.
    ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلى بەكمۇ ئالدىراش بولۇپ كىتىدىغان گەپكەن.ھېلى ئۇ ئىش دىگەن ،ھېلى بۇ ئىش دىگەن.قېرىشقاندەك دەم ئېلىش كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ تىزىملاتقان دەرسىمنىڭ ئىمتىھانىسى بىلەن مەكتەپتىكى ئىمتىھانىم بىر كۈنگە توغرا كېلىپ قالسا بولىدۇ.ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىمتىھان بىرىپ ئۇھ دىسەم يىراق بىر تۇغقىنىمىز تۇغۇلىشىدن مېيىپ تۇغۇلۇپ قالغان قىزىنى ئوپراتسىيىگە ئېلىپ كەلسە بولىدۇ.ماڭا زادى ئارامچىلىق بولمىغۇدەك. بوپتۇلا بۇ بەش يىل جەرياندا مۇساپىرچىلىقنىڭ دەردىنى مەنمۇ ئاز تارتمىدىم.ھەممىسى يەنە ئۆتۈپ كىتىدىكەن.شۇنداق بىر تالاي ئىشلاردىن كىيىن بىر ئىشخانىدىكى خىزمەتدىشىم بىلەن بىللە بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ بىللە تۇرىدىغان بولدۇق.ئۆينىڭ شارائىتىمۇ يامان ئەمەس ئىدى.ئەڭ مۇھىمى كۈندە بىللە ئىشقا بېرىپ بىللە ئۆيگە قايتىدىغانغا ،چۈشتەبىللە تاماق يەيدىغانغا ھەمراھىم بار بولغانىدى.
    مەن ئۆيدىنمۇ بەكرەك بۇنىڭغا خوش ئىدىم.ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ بىللە تاماق يەيتۇق.يولدا قايتقۇچە خىزمەتدىشىم بىلەن چېقىشىپ كۈلۈشۈپ ئۆيگە قانداق قايتىپ كەپ قالغىنىمىزنى بىلمەيلا قالاتتۇق.بىركۈنى ئىشچانلىقىم تۇتۇپ شىرىن خىياللار ئىلكىدە ئاشخانا ئۆينى تازلاپ ھەتتا ئەخلەتچىلىكىنىڭ ئىچى-سىرتىنىمۇ سۈرتۈپ چىققان ئىدىم .لىكىن بۇ كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى.ئىشتىن چۈشۈپ بىر يىشىك سۈت ئالدىم ھەم ئەتە ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن ئەتكەن چاي قىلىشنى ئويلىشىپ ئۆيگە قايتتىم .بۇ شىرىن خىياللرىمىڭ بۇنچە تىز  يوققا چىقىشىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن.ئەتكەن چايمۇيوق،تازلاپ سۈرتۈپ پارقىرىتىۋەتكەن ئاشخانىدا سەي قىڭرىقىمنى تاقىلدىتىپ بىرەقېتىم سەي توغراپ باققان بولسامچۇ كاشكى. ئۆينى بىز بىلەن بىللە ئىجارىگە ئالغان قىز ماڭا  ئۆزىنىڭ ئاكىسىنىڭ كىلىپ بىللەتۇرىدىغانلىقىنى ھەم ماڭا باشقا جايدىن ئۆي تېپىپ ئىككى كۈن ئىچىدە كۆچۈشنى ئېيىتتى.بۇ خۇددى ماڭا چۈشۇمدىكى چاقچاقتەك تۇيۇلدى.چۈنكى مەن بۇ ئۆيگە كۆچۈپ كىرگىلى تېخى تولۇق بىر ھەپتىمۇ بولمىغان ،تاكى  قولۇمدىكى ئۈچ ئايلىق ئىجارە ھەققى بىلەن زاكالەت پۇلى يەرگە چېچىلىپ ئاياغلىرىم ئاستىدا دەسسەلگەندىلا ئاندىن بۇنىڭ چۈش ئەمەس راسلىقىنى بىلدىم.        كۆزلىرىمدىن ياشلار تاراملاپ چۈشمەكتە،نىمانداق تاۋى نازۇك ئۇششۇق بوپ كەتتىم ؟نىمىگە يىغلىدىم نەدىن كەلگەن ياش...ھېچنىمىنى بىلمەيتىم.      
     كاللامداپەقەتلا بىرلا سۇئال نىمىشقا؟ئەمدى نەدىن ئۆي ئىزدەمەن؟ئەگەر تۇرىدىغان ئۆي تاپالمىسامچۇ؟بۇ كۆز ياشلار توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.توۋا ئادەم يىغلىساكۆز ھەم بۇرنىمۇ تەڭ يىغلايدىكەن.كۆزدىن ئېقىۋاتقاندىكىن بولمىدىمۇ،كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم،كىمگە نىمە دەپ ئىچىمنى بوشاتسام بولا.قېرىشقاندەك مۇشۇ كۈنى مىنىڭ يېقىن دوسلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشى با.بىرى ئاغرىق،بىرسى بېيجىڭغان كەتكەن،يەنە بىرسى ئۆيگە كەتكەن.ئۇلاردىنمۇ بەكرەك يېقىنلىرىم يوق ئىدى.ئۆيگە تىلفۇن قىلشقا تېخىمۇبولمايتى.كىم مىنى ئاتا-ئاناڭنىڭ پۇلىنى ئىككى ئىنىڭ ئۈچۈن تىجە، سىنىڭمۇ بەش ئەزايىڭ بىجىرىم بولغاندىكىن ئۆزەڭ تاپ دەپ ئۈگەتكەن ؟بىر چاغدا قارىسام ياش ئېيىتقان قەغەز قىپقىزىل قان  تۇراتتى،ئۆزۈممۇ قورقۇپ كەتتىم،بۇرنۇمدىن قان ئېقىۋاتاتتى.شۇنداق تەسلىكتە بۇرنۇمدىكى قاننى ئېيتىۋاتىمەن.يەنە بىر تەرەپتىن مەن بىلىدىغان تونۇيدىغان تونۇشلىرىمنىڭ  ھەممىسىدىن ئۆي سوراۋاتىمەن.سائەتنىڭ نەچچەبولغىنى كۆزۈمگە كۆرۈنمەيتى.ناماز ۋاقتى بولاي دەپ قاپتۇ،ھەم مەن يىغلاپ ئۇخلىمىغان بىلەن باشقىلار ئۇخلايدۇ دە.يىغىدىن كۆزلىرىم قاپاقلىرىم ئىششىپ كەتكەنىدى.
     نامازنى ئوقۇپ بولۇپ پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ سومكام ۋە كومپىيۇتىرىمنى كۆتۈرگىنىمچەئىشقا ماڭدىم.ياخشى يېرى بۈگۈن مەن ئىشخانا نۆۋەتچىسى .ئىشخانىنىڭ ئاچقۇچىمۇ بار.شۇنداق قىلىپ ھەممىدىن بۇرۇن كىلىپ ئىشخانا تازلىقىنى قىلدىم.لىكىن يەنىلائىشقا چۈشۈشتىن بىر سائەتتەك بۇرۇن ئىشىم تۈگىدى.ئىش ئۈستىلىمگە بېشىمنى قويغىنىمچە مۈگدەپ قاپتىمەن.كۈپكۈندۈزدە چۈش كۆرۈۋاتاتتىم.مەن نەرسە كىرەكلىرىمنى كۆتۈرۈپ ئۆي ئىزدەۋاتاتتىم، لىكىن خۇددى ھەممە مىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىۋاتقاندەك.ھېي،سەن چوڭ ئالدىراش خېنىم ئەمەسمىدىڭ،تېخى كۈچلۈك ئايال.سىنىڭ كۈچلۈكلىكىڭدىن ئۆرگىلەي.مۇشۇھالىڭغىما؟!ھا ھاھاھاھا.بىرى چۈشۈمدە مىنى مۇشۇنداق مەسخىرى قىلىپ كۈلىۋاتاتتى.چىكەمدىن ئاققان سوغۇق تەر،چۆچۈپ ئويغىنىپ ئۆزۈمنىڭ ئىشخانىدا ئىكەنلىكىمنى بىلدىم.توۋاكۈپكۈندۈزدە ....مىنى دائىم ساخو دەپ قويىدىغان ئاكاش كىلىپ گىزىت كۆرۈپ ئولتۇراتتى. ھوي ساخو .بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئىتتىك كۆزەينىكىمنى تاقاپ ئۈلگۈردۈم(ئىششىپ كەتكەن قاپاقلىرىمنى كۆرۈپ باشقىچە ئويلاپ قالمىسۇن دىدىم).كومپىيۇتىرنى ئاچتىم ۋەئۆي ئىزدەشكە باشلىدىم.بىر نەچچە ئۆينىڭ ئورنى ۋە شارائىتىنى مۇۋاپىق كۆرسەم پۇلى قىممەت،پۇلى مۇۋاپىقنىڭ ئورنى چەت ياكى بەكمۇ يىراق.شۇنداق قىلىپ چۈشتىن كىيىن بولغاندا شىركەتتىن رۇخسەت سوراپ ئۆي كۆرگىلى چىقتىم.پۈتۈن چۈشتىن كىيىن يەتتەسەككىز يەردىن ئۆي كۆرۈپتىمەن،لىكىن مۇۋاپىقراقى يوق.بېشىمنى ساڭگىلاتقىنىمچە يەنەئاشۇ{ئۆيۈم}گە ماڭدىم.تۇيۇقسىز ئالدىنقى يىلى بىللە تۇرغان دوستۇمنى ئويلاپ قالدىم.بولمىسانەچچە كۈن شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇپ تۇرايمۇ يا.تىلفۇن ئۇلاندى بەكمۇ خوش بوپكەتتىم .شۇنىڭ بىلەن كەينىمگە ياندىم دە ئۇنىڭ قېشىغا باردىم.ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۇيالغۇز ئىدى.كۆرشۈپلا يەنە ئازراق يىغلاپ سالدىم.تاغدىن باغدىن دەپ يۈرۈپ ئۇدوستۇمنىڭ قېشىدا قونۇپ قالدىم.ھەم ئۇنىڭ يېنىدا بىر نەچچە كۈن تۇرىدىغان يا بىللەتۇرىدىغانغا ئىجارە ۋە باشقا چىقىملارنى بىللە تۆلەيدىغانغا دىيىشىپ ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشقا ماڭدىم.
      بۇ دوستۇم بىلەن ئىزدەشسەك ھالىمىز يوق ،ئالدىراش بوپ كەتسەك نەلەردە يۈرگىنىمىزنىمۇ بىلمەي قالاتتۇق.لىكىن ياردەم كىرەك بولغاندا تېپىشالايتۇق.شۇنداق قىلىپ  مەن ئۆي كۆچىدىغان بولدۇم.مىنىڭ كىيىم-كىچەكلىرىمدىنمۇبەكرەك بىر نەچچە يىشىك كىتاپلىرىم بار ئىدى.ئاشۇ كىتاپلار سەل ئېغىر ئىدى.ئوقۇغۇچىنىڭ يەنە نىمىسى بولسۇن .ھەي بىچارە ئىنىم يەنە جاپا تارتىدىغان بولدى دە.بىرىنجى قېتىم كۆچكەندىمۇ ئىنىم كۆچۈشۈپ بەرگەن .ئالتىنچى قەۋەتتىن يەنە تۆتىنچى قەۋەتكە.ئەمدى تۆتىنچى قەۋەتتىن كۆچىمەن ،ھەر ھالدا يېڭى ماكانىم بىرىنجى قەۋەتتە ئىدى.يۈك-تاقلارنى توشۇيدىغانغا شىركەتنىڭ توشۇش بۆلمىدىكىلەر ياردەم قىلدى .مەن نەرسە كىرەكلىرمنى يۆتكەپ چىقىپ كەتكۈچە بېشىمدا ساقچى بولدى.نىمە بولسا بولسۇن،ئەمدى بۇ ئۆيگە ئاياغ باسماسلىققا قەسەم قىلىپ چىقىپ كەتتىم.شۇنداق قىلىپ كوچۈۋالدىم .ھەي ،بولسا مۇشۇئۆيدە تۇرۇپ قالسام،ئوقۇش باشلاشقىمۇ ئۇزۇن قالمىدى.كىيىنكى قېتىم مەكتەپكە كۆچۈپ كەتسەم يەنە كۆچمەن بولۇپمۇ يۈرمەسمەن.شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن جاپالاردا  ئىككىنچى قېتىم كۆچتۈم.ئۆي كۆچۈپ نەرسە يۆتكەپ ھارغان بولساممۇ لىكىن كۆڭلۈم توق بولغاچقا ھارغىنچىلىقمۇ بىلىنمىدى بولغاي، ئۆينى رەتلەپ تازلاپ شۇنداق ئادەمنىڭ مەسلىكى كەلگۈدەك قىلۋەتتىم.ئۇھ دەپ تۇرسام مەن  بىلەن بىللە تۇرىدىغان قىز كەلدى.بىز چىرايلىق كۆرۈشتۇق،مەن قويغان نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى ئۇنىڭغان دەپ بەردىم.
     لىكىن ئويلىماپتىكەنمەن،بۇ ئۆي تۇنجى كۈنىلا ماڭا خاتىرجەم ئۇخلاشقىمۇ نىسىپ قىلمىدى.مىنىڭ بۇ يېڭى ھەمراھىمنىڭ يېزىنىسى ھەم ئاچىسى ئۈرۈمچىگە كىسەل كۆرسەتكىنى كىلىدىكەن.ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ بۇئۆينى ئۆيىدىكىلەر كەلسە شۇلارنى كەڭ- تاشا تۇرامدىكى دەپ ئاغانمىش.توۋا بۇ ئىجارەئۆي تۇرسا،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ پۈتۈن بىر يۈرۈش ئۆينى ئىجارىگە ئالغان بولسىكىن.ئىچىمدەتوۋا بۇ ئۆيگە ئايغىم يارىشىپ قالسا بولاتتى دەپ ئويلايتىم.ۋە تىلفۇنغا قاراپ ئۇيان بۇيان ئاختۇرۇپ،يا بولمىسا بىرە مىھمان كۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇرامدۇق ،ھېرىپ كەلگەندە كەڭ-تاشا ئۇخلاپ ئارام ئالسادىگىنىمنى بىلىمەن.....گىپىمنىڭ ئاخىرى تېخى تۈگمەستىنلا گەپ قىلغانغا تويدۇم.ماڭا قالغىنى ئىشىكنى جالاقشىتىپ تۇمشۇقىنى ئۇچلاش بولدى. شۇنداق ئاچچىغىم كەلگەن بولسىمۇ،بىرىنجى كۈن تۇرسا ، ئەتە ياخشى بوپقالا.شۇنداق قىلىپ ئىشكنى تاراقشىتىپ ۋاڭ چۇڭ بىلەن بىزنىڭ مىھمانلىرىمىز ئۇلارئۈچۈن سېتىۋالغان ئۆيگە كىرىپ كەلدى.يالغاندىن بولسىمۇ ھىجيىپ كۆرۈشتۈم ۋە مەن ياندىكى قىزلار بىلەن ئۇخلاپ تۇراي،چارچاپمۇ قالغانسىلەر دىدىم ۋە مىنىڭ تۇمشۇقلىق ھەمراھىمنى چاقىردىم ،مەن بۇ قىزلانى تونۇمايمەن،سىز دەپ باقامسىز؟تۇمشۇق يەنىلائاڭلىمىغاندەك ئۆيگە كىرىپ كىتىۋاتاتتى.ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىردىم.ئۇ خوش ياقمىغاندەك ماقۇل تۇرۇپ تۇرۇڭ دەپ قويۇپ يەنە كىرىپ كەتتى،مەن خۇددى يايما ئورنى قالمىغان يايمىچىدەك ياستۇقۇم بىلەن ئەدىيالنى قاماللاپ ئىشىك ئالدىدا تۇراتتم.خېلى ساقلىغان بولساممۇ لىكىن چىقىدىغاندەك ئەمەس.قانداق قىلىشىمنى بىلمەي تۇرغان شۇۋاقىتتا يان ياتاق ئۆيدىكى قىز چىقىپ قالدى.نىمە دىيىشىمنى بىلمەي تۇراتتىم .ئۇماڭا قاراپ مىنىڭ ياتىقىمدا بىر بوش ئورۇن بار كىرىڭ دىدى.رەھمەت ھە ئارانلادىيەلىدىم.ئۇ ماڭا سىزگە ئورۇن راسلاپ بىرەي دىدى،ياق بولدى ئۆزۈم قىلاي دىدىم.ئامالنىڭ بارىچە بۇ كۆڭۈلسىزلىكنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى بولدۇم.ئۇ يەر بۇيەردىن پاراڭلىشىپ ئۇخلاپمۇ قالدۇق.مەن سەھەردە ئىشقا ماڭمىسام بولمايتى،شۇڭا سەھەر تۇرۇپ يەنەپۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم.لىكىن ئۆيگە كىرگەندە تۇمشۇق كىرگىنىمنى سەزدى بولغاي ئۇخلاۋاتقان چاغدىكى چىرايىمۇ بىرخىل پۈرۈش.ھەي بولدىلاتىزرەك چىقىپ كىتەيچۇ.لىكىن تۇيۇقسىز بۇ ئۆيدىكى بىردىنىبر بولغان ئەر زاتى ئۇنىڭ يىزىنىسى ئويغىنىپ كەتتى.قورقۇپ تاس قالدىم.ئۆزۈمنى ئاران بېسىپ ئويغىتىۋەتتىم ھەدىدىم بۇ چاغدا ئۇنىڭ ھەدىسىمۇ ئويغاندى ۋە سىرىتقا قاراپ ۋوي كۈن چىقىپ كىتىپتىغۇ،سىىزلەنى قىستاپ قويدۇق ھە دىدى.ھېچقىسى يوق،بىرە كۈن دىگەنگە نىم بولاتتى دىدىم .ۋە ناشتىلىق نەرسىلەرنى قويغان ئورۇننى(چۈنكى بۇ ئۆينى مەن رەتلىگەن دە،يەنە ناشتىلىق نەرسىلەرنى تاپالماي قالسا كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ مىنى يەۋەتمىسۇن) دەپ بىرىپ مەن كىچكىپ قالماي مەن ماڭاي دەپلا چىقىپ كەتتىم.يولدا ماڭغاچ ئويلايتىم،بۈگۈن كەچقۇرۇن خاتىرجەم ئۇخلارمەن ئەسنىگەچ ئىشقا ماڭدىم.ئىشخانىغا كەلسەم ھەممە ھەيران ،ئىككىڭلانىمداق بىللە كەلمىدىڭلا،ھە ،كەينىمدە كىلىۋاتىدۇ.ئىشخانىدا سۆز چۆچەك بولۇپ كىتىشىنى خالىمايتىم.لىكىن كىسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئىشكارا دەپ مىنىڭ ئۆي كۆچكىنىمنى ئىشخانىدىكىلەرمۇ بىلىپ بولغاندى.يەنە بىرسى ئۈندىدارغا چىقارغان ئۆي ئىزدەش ئىلانلىرىم بىلمەسلىكى قانداقمۇ مومكىن بولسۇن.باشقىلار نىمە دىسۇن ئىشقىپ مەن خىزمەتدېشىم بىلەن ئۆي توغرىلىق بىر نەسە دىيىشىپ قالغىنىم يوق.دىيىشسەممۇ نىمە دەيتىم.مىنى ئۆيدىن قوغلىغان ئۇ بولمىسا.لىكىن كۆڭلۈمگە بەكلا كەلگەنىدى .چۈنكى مىنى باشقا ئۆي تېپىڭ دىگەن قىز يەنى بىزنىڭ ئىككىنچى ئۆي ئىگىسى بىلەن ئۇ ياخشى دوسىت، كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستى.مىنى بۇ ئۆيگە ئۇ باشلاپ كەلگەن.مىنى باشقا جايدىن ئۆي تاپسۇن دەيدىغان ئىش بولسا ئۇنىڭغا دىمەي قالارمۇ.لىكىن ئۇ يەنىلا ھېچ ئىشتىن خەۋەرسىزدەك.خەۋىرى بولسۇن ياكى راسلا خەۋەرسىز بولسۇن بولغۇلۇق بولدى .ھازىر پەقەت شۇبىللە كەلمەيمىز.بۇرۇنقىدەك چاقچاقمۇ قىلىشمايدىغان بوپ قالدۇق.بۇنىڭ بىلەن باشقىلار تېخمۇ بەك ئىككىمىزنى بىرنىمە دىيىشىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتۇ،ئادەتتەچاقچاقلىشىپ كەتمىگەن بىلەن بۇرۇنقدەكلا ئىدۇق.بۇ بىر كۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى.ئىشتىن چۈشۈپ يېڭى ئۆيۈمگە ماڭدىم.مەن تۈنۈگۈنكى كۆڭۈلسىزلىكلەر يەنە بولمىسىكەن دەپ ئويلايتىم.شۇنداق قىلىپ خىياللار ئىلكىدە ئۆيگىمۇ كەپ قاپتىمەن .ئورۇن كۆرپىلەر قالايمىقان ھالەتتە جايىداتۇراتتى،ئۇلارنى  جايىغا رەتلىدىم ۋە سىرىتتىن ئازراق تەييار يىمەكلىك ئەكىرىپ كەچلىك تاماق قىلىپ چىرايلىق پاراڭلىشىپ ئۇقۇشماسلىقلارنى تۈگىتىشنى خىيال قىلىپ ئاۋال يېڭى ھەمراھىمغا  تىلفۇن قىلدىم،لىكىن تىلفۇنۇم بېسىۋىتىلدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇچۇر يازدىم،ئۇ ماڭا تىزلا ئۇچۇر قايتۇردى ،ئۇچۇرمەزمۇنى بىز تىزلا ئۆيگە قايتىمىز.  بىز؟؟ ئۇلار بۈگۈنمۇ يەنە بۇ ئۆيدەتۇرماقچىكەن.توۋا ،ئۇنىڭ يىزىنىسى ئازراق بولسىمۇ خىجىل بولمىغانمىدۇ؟قىزلار بارئۆيدە نەدىمۇ بۇنداق تۇرغان بار؟قارىسام بىرە مىھمان كۈتۈشتىن ياتاق ئالالمىغىدەكمۇ ئەمەس.بۇ قانداق بولغىنى ئەمدى.تاماققا تۇتۇش قىلغان توك قازىنىنىمۇ يىغىشتۇرۇپ بولالمايلا بۇ مىھمانلار كىرىپ كەلدى.نىمىمۇ دىيەلەيتىم.يەنەيۈزۈمنى قېلىن قىلىپ تۈنۈگۈنكى قىزنىڭ ياتىقىنى ئاستا چەكتىم.لىكىن ئادەم باردەك ئەمەس.شۇنىڭ بىلەن يەنە يېڭى ھەمراھىمغا مۇراجەت قىلدىم.لىكىن بۈگۈن ئۇ ھەددىدىن تېخىمۇ ئاشتى.مەن چاقىرسام خىيالىدا يوق گىلەم ئۈستىدە ئېغىناقلاپ ياتاتتى.مەن خۇددى بۇ ئۆيدىكى ھەيكەلدەك.ئىشىكنى شۇنداق ياپتىمكى،ئېغىناڭلاپ ياتقان يېرىدىن چۆچۈپ قوپتى.نەپرەتلىك كۆزلىرىم ئۇنىڭغا مىختەك قادالدى.مەن يان ئۆيدە ئۇخلاي،يازىدىغان ماقالە بار ئىدى،راھەت ئۇخلاسىلەر.مىڭ قىلمىغان بىلەن قەشقەرلىك دە مەن.ئىچىمدەئويلايتىم ئەتە نەگە بولسا چوقۇم كۆچۈپ كىتىمەن.چۈنكى بۇ يېڭى ھەمراھىم يەنە بىللەتۇرۇشقا كۆزۈم پەقەتلا يەتمەيتى.يەنە بىر تاڭ ئاتماس ئۇزۇن كىچە............
    بۇ كۈن پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپمۇ يۈرمىدىم.ئالىدىغان نەرسىلىرىمنى ئالدىم.بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلغۇم يوق.خۇددى مىنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى سەزگەندەك مەن ئىشقاماڭغاندا مىھمانلار تېخى شىرىن ئۇيقۇدا.ئىشخانىغا كەلدىم .يەنە ئۆي ئىزدەشكەباشلىدىم.ئوم يىگىرمە تىلفۇن قىلغاندىمەن.بىر نەچچىسى تېخى ئوخشاش نۇمۇر.ئاخىرئىشخانا بىلەن ئارلىقى سەل يىراق،لىكىن ب ئېر ت قولاي بىر جايدىن ئۆي ئۇقۇشتۇم.بىريۈرۈش ئۆيدە مەن ئالاقىلاشقان ئۆي-مۈلۈك شىركىتىدىكى قىز بىلەن بىللە تۇرىدىغانغادىيىشتىم.ھەم چۈشتىن كىيىندە ئۆينى كۆرگىلى باردىم.سەل يىراقلىقىنى دىمىگەندەقالغان شارائىتلىرى بولاتتى.شۇنداق قىلىپ بىرىنجى قېتىم ئاياغلىرىم ئاستىدادەسسەلگەن ئاشۇ  قەدىرسىز پۇلنى ئىجارە ھەققى قىلىپ تاپشۇرۇپ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى قولۇمغا ئالدىم.يەنە كىمگە دىيەلەيتىم،ئىنىمغا تىلفۇن قىلدىم،بىرە دوستۇڭنى ياكى ساۋاقدېشىڭنى ئېلىپ كەلگىن ،ئاللاھ خالىسا ئەمدى كۆچمەيمەن.                                                   

خاتىمە                                                                     
   شۇنداق قىلىپ بىرىنجى قەۋەتتىن ئالتىنجى قەۋەتكە يەنە كۆچتۈم.ئىككى ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مەن ئۈچ قېتىم كۆچۈپتىمەن.ماڭا ئېغىر كەلگىنى ئۆي كۆچۈش ئەمەس ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئىزىدىغان ئاشۇئادەملەر ۋە ئىشلار بولدى.ئەزەلدىن پۇلنىغۇ ھەممىگە قادىر دەيدىغانلار بىلەن گەپ تالىشىپ كەتمەيتىم.يەنە بىر قېتىم پۇلنىڭ نۇرغۇن بىز ھىس قىلىپ يىتىپ بولالمايدىغان قەدىرسىز ۋاقىتلىرى بارلىقىغا ئىشەندىم .مانا قارا،پۇل نىمىگەقادىر؟قايسى بىر يىغىلىشتا بىر يازغۇچىنىڭ بۇ  شەھەر تاش شەھەر.بىز مۇشۇ تاش شەھەردە تاشقائايلىنىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كىلىۋاتىمىز دىگىنى ئىسىمگە كىلىپ قالدى. بەلكىم مىنىڭ بېشىمغا كەلگەن بۇ كۆچۈش ماڭا بىر قېتىملىق جەمئىيەت دەرسىدۇ،لىكىن بۇ شەھەردە يەنەنۇرغۇن ماڭا ئوخشاش كۆچمەن بولىۋاتقان نەچچەئوقۇغۇچى،نەچچە كۆچمەن باردۇ؟ئادەم كۆچسىغۇ مەيلى لىكىن ئاشۇ كۆچمەن ھەمراھلىرىمنىڭ يۈرىكى بىراقلا تاش شەھەرنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا كۆچۈپ ئاشۇ تاشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتمىسە بولاتتى.  
                                                     
ئۆز قەلىمىم

1

تېما

0

دوست

84

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29767
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 14:34:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچىنىڭ بۇرۇندىن يەرلىكلىرى، ئەگەر ئالغان تەربىيىسى ناھايىتى ياخشى بولسا، سىرتتىن كەلگەن مېھمانلارغا ھەرگىز بۇنداق قىلىق قىلمايدۇ، بەلكىم بۇ قىزلارنىڭمۇ خۇددى سىزگە ئوخشاش بۇ «تاش شەھەر» گە كەلگىلى ئۇزۇن بولمىغان ئوخشايدۇ.

مەنمۇ بۇرۇن بېيجىڭلىقنىڭ ھەممىسىنى ئاپتوبۇستىكى بېلەتچىگە ئوخشاش ئوسال خەقلەر دەپ بىلەتتىم، لېكىن كېيىن كونا بېيجىڭلىق خۇيزۇلار بىر ياردەم قىلغاندىن كېيىن، ھەقىقىي بېيجىڭلىقنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇئامىلىدە سىلىق، ئېلىم-بېرىمدا ئادىل، قولى ئوچۇق ھەم سەمىمىي ئادەملەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

1028

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26906
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 310
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 15:13:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئىشلىرڭىزدا غەلبە قىلسىڭىز ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەر سىزگە ئىتايىن مىھرىبان كۆرۈندۇ،چۈنكى ‹‹ياندا بولسا يالىغىلى ياخشى›› ،شۇڭا ئاۋال ئۆزۈڭىزنى كۈچلەندۈرۈڭ.

11

تېما

3

دوست

2253

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 15:28:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر مىسرانىمدا كۆرگەن ئىدىم تېمىڭىزنى.......

غەيرەت قىلىڭ،اللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلا.....

0

تېما

1

دوست

1101

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28404
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 344
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 15:36:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-6-19 15:28
ھازىر مىسرانىمدا كۆرگەن ئىدىم تېمىڭىزنى.......

غەيرەت قى ...

مەنمۇ سىزنى مىسرانىمدا ھازىرلا كۆرگەن ئدىم ھەدە

11

تېما

3

دوست

2253

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 15:40:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurjahan0667 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-19 15:36
مەنمۇ سىزنى مىسرانىمدا ھازىرلا كۆرگەن ئدىم ھەدە

قانداراقكەنمەن ئوماق....؟

5

تېما

6

دوست

2001

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29515
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 630
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 15:46:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئادەم ئۆزىمۇ بىلمەي قالىدىكەن.لىكىن ھازىر ئويلاپ باقسام بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەسكەن ئەسلى

17

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1554
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4390
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 16:00:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈتكەندە ئۈرۈمچىدە ئىككى يىل تۇرغانلارنى نۇپوسقا ئىلىش دەيدىغان گەپ چىققاندەك قىلغان، سىز دەرھال نۇپوسقا ئالدۇرۇپ قۇيۇڭ، كىيىن قىيىنچىلىقى بارلارغا بېرىدىغان ئۆي ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇلىدۇ، بىر مۇماينى بەك چىقىرىپ كەتكەنتىغۇ بىر يىللېرى باكاغا ئۆي بەردى ...دەپ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )