- تىزىملاتقان
- 2014-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2465
- نادىر
- 0
- يازما
- 140
ئۆسۈش
15.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-21 07:45
ئۇقۇتقۇچى مۇقەددەس قۇياش
توردا ئىلان قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار توغرىسىدىكى ئىلان قىلىنغان،مەسلەن:بىزگە قانداق ئۇقۇتقۇچىلار كىرەك.بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زارى.شەرەپ ئىگىسى ئۇستاز. ...قاتارلىق ماقالىلەرنى ئوقۇغاندىن كىيىن،ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىتى ھەققىدە كۆپ ئويلىنىپ تۆۋەندىكى قاراشلىرىمنى تورداشلار ۋە ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم.
دانالارنىڭ ھكمەت خاترلىردىكى:ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىينىڭ ئېنژىنىرى.ئوقۇتقۇچى كۈيۋاتقان شام.ئوقۇتقۇچى باغۋەن.ئوقۇغۇچىغا بىر ئىستىكان سۇ بىرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىدا بىر چىلەك سۇ بۇلۇش كىرەك.دىگەن ھىكمەتلەرنىڭ مەزمۇنلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىم مۇنداق:
مۇئەييەن بىر قۇرلۇشنى لاھىيلەش بىلەن،ئادەمنىڭ روھى قۇرۇلمىسنى لاھىيلەشنىڭ قانۇنيەتلىرى ئوخشايدۇ،يەنى قۇرلۇشنى شەكىللەندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان فونكىسيىلىك ئامىللار ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇش جەھەتتە ئوخشاش.ئۇنى ئپادىلەش ئۇسسۇللىرى ۋە جەريانى ئوخشىمايدۇ.
مۇئەييەن بىر شامنىڭ يورۇقلۇق تارقىتىشى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىم بىرشى ۋە بەدەل تۆلەش مەقسەت مۇدداسى ئوخشايدۇ، ئەمما شام كۈيۈپ-كۈيۈپ يورۇقلىق تارقىتىپ بولۇپ ئۆچىدۇ.ئەمما ئوقۇتقۇچىنىڭ تارقاتقان بىلىمى بىر ئوقۇغۇچىغا،ئون ئوقۇغۇچىغا تارقىلىپ ئىنسانلار ئەقلىنى يورىتىدىغان مەشئەلگە ئايلىنىدۇ.
باغۋەننىڭ مۇئەييەن بىر كۈچەتنى ئۆستۈرۈش جەريانىدىكى قانۇنيەتلەر بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈش جەريانىدىكى قانۇنيەتلەر ئوخشايدۇ.ئەمما كۈچەت يىتىلدۈرۈش بىلەن ئوقۇغۇچىنى تەربىيلەشتىكى ئۇسسۇل ۋە تەلەپلەر ئوخشىمايدۇ. يەنى باغۋەن ئۆستۈرۋاتقان كۈچەتلىرىدە مەلۇم ياۋا شاخلار كۆرۈلسە ياكى مىۋىسى سورىتلۇق بولماي قالسا شۇ ياۋا شاخلارنى كەكە-پالتىلاردا كىسىپ چاتاپ ئۆلچەملىك ئۆستۈرەلەيدۇ.ئەمما ئوقۇتقۇچى باغۋەن قوللانغان ئۇسسۇللارنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.
ئوقۇغۇچىغا بىر ئستىكان سۇ بىرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىدا بىر چىلەك سۇ بولۇش كىرەك.بۇ دىگەن گەپ ئوقۇتقۇچىدا بىلىم كۆپ بولمىسا ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ دىگەن گەپ.سۇغا بولغان ئىھتىياج بىلەن بىلىمگە بولغان ئىھتىياجىنىڭ قانۇنيەتلىرى ئوخشايدۇ.ئەمما:ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا بىلىمنى بىرىۋەرسە بىلىم تۈگەپ كىتىپ تاراڭلاپ قالدىغان چىلەككە ئوخشىمايدۇ.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا بىر ئىستىكان بىلىم بەرسە،ئۆزىدە ئون ئىستىكان بىلىم پەيدا بولدىغان بۇلاققا ئوخشايدۇ....
............................................................................................
ئوقۇتقۇچى مۇقەددەس قۇياشقا ئوخشايدۇ.قۇياشنىڭ ماھىيتى ۋە مەقسەت نىشانى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ماھىيتى ۋە مەقسەت نىشانى ئوخشايدۇ.
قۇياش پۈتۈن كائىيناتقا تەركىپ ئايرىماي،يورۇقلىق ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىدۇ،تارقاتقان يورۇقلىق ۋە ئىسسىقلىقىنىڭ كۈچ قۇدۇرىتى بىلەن ماۋجۇداتلار ھاياتلىققا ئىرىشىپ گۈل-چىچەكلەرگە پۈركۈنىدۇ.قۇياشنىڭ ئىسسىقلىق ۋە يورۇقلىق تارقىتىدىغان دائىرسى ئىنتايىن كەڭ بولغاچقا،دەقىقە توختىماي شۇ ئىسسىقلىق ۋە يورۇقلىق تارقىتىدۇ.ئەمما ھەق-تەلەپ قىلمايدۇ.قۇياشنىڭ بۇ خىسلىتى دۇنيادا مۇقەددەس خىسلەت.
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇريەتلىرگە،ۋە شۇ مەسئۇليەت مەجبۇريەتلىرنى ئىپادىلگەن ئەمىليىتىگەئاساسەن ئوقۇتقۇچىنى موقەددەس قۇياشقا ئوخۇشتۇش بەكمۇ توغرا ھۆكۈم. ئوقۇتقۇچىمۇ ئوقوغۇچىغا خۇددى قۇياش كائىيناتقا تەركىپ ئارىماي ئىسسىقلىق بىلەن يورۇق تارقاتقىنغا ئوخشاش جىنىس ئارىماي،مىللەت ئارىماي،قېرى-ياش ئارىماي بىلىم تارقىتىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇقەددەس قۇياشقا ئوخشايدىغان ئوبرازىنى ئالىي جاناپ خىسلىتى ئىپادىلگەن.شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار قۇياشقا ئوخشاش بىلىمگە ئىھتىياجلىق بالىلار ئوربىتىسنى ئايلىنىپ،بالىلارنىڭ بىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ،بالىلارنى ياراملىق ئىزباسارلاردىن قىلىپ تەربىيلەيلى!
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىدا مەڭگۈ ساقلىندىغان بولسۇن. مەسىلەن:ئۇستاز روھىي دىگەن ئەسەردىكى،
ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت،
بولدۇممۇ چىكىمەن جاپا مۇشاقەت.
ۋە لىكىن ئوقۇتقۇچىنىڭ ھىمايسىدە،
ئوقۇغۇچى بولۇپ ئۆتسەم تا ئەبەت. دىگەندەك.
ئاپتۇرى :مەخەت ئابدۇرېھيىم
|
|