قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1535|ئىنكاس: 40

مۇئەللىمنى تىللىماڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

861

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   72.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6299
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 195
توردىكى ۋاقتى: 99
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 22:47:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tunji تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-20 21:47  

مۇئەللىمنى تىللىماڭ
(‹‹مۇئەللىمنى تىللايمەن›› دەپ شىئىر يازغان جاناپقا ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھاقارەتلەپ يازما يېزىۋاتقان ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ئورۇنسىز ھاقارەتلەيدىغان ‹‹تىللامچى›› لارغا)

پۇرسەت چىقسا غاجىلاپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ،
تۆھمەت چاپلاپ، قارىلاپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ،
ئاپشاركىدەك ئىز پۇراپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ،
ھەر قەدەمدە يول توراپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.


‹‹غۇرۇرىڭىز›› بولغاچقا مۇئەللىمنى تىللاپسىز،
باردەك خۇددى ئۆچىڭىز، يامان گەپنى خىللاپسىز،
گوپپاڭچىنى دوست تۇتۇپ ، يېنىڭىزغا چىللاپسىز،
نومۇس قىلماي يازغاننى، ئۇندىدارغا يوللاپسىز،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.

ئوقۇپ قالدىم بىر شىئېر مۇئەللگە بەك ئەپسىز،
‹‹ساقال چىقسا ئوغلىغا، تىرۇرچىمۇ؟›› دەپتۇق بىز،
‹‹مايمۇ ئىدى ئەجدادىڭ، سەنمۇ ھايۋان بول›› دەپ بىز،
ياغلىق ئارتسا قىزلىرى، مەكتەپلەردىن قوغلاپمىز،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.


‹‹بار مائارىپتا مائاشقا، چارە قىلار مۇئەللىم،
ئەجدادىنى ئەۋلاتقا، يات كۆرسەتكەن مۇئەللىم،
بەستلىك دېھقان ئوغلىنى، لاتا قىلار مۇئەللىم››
باردۇر دىلدىن ئەلگە يار ، مىللەت سۆيەر مۇئەللىم،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.

‹‹باردۇر يەنە مائارىپتا، كۆزنى بويار مۇئەللىم،
ئىتقاتسىز بىلىمدار، مېڭە يۇيار مۇئەللىم››
دەپ كاپشىماڭ بار يەنە،زەر گۆھەردەك مۇئەللىم،
ئاتا كەچكەن لاتىنى، گاڭگۇڭ قىلار مۇئەللىم،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.

كۆزنى يۇمۇپ تىللاپسىز، يۈرەك يەنە چوڭ  بولغاچ،
جەميەتتە ھايالىق  باردۇر ئەنە بۇدۇر چاچ.
ھىجاپتىمۇ بۇزۇلغان باردۇر شۇنداق ‹‹قەلەمقاش››
باردۇر مەكتەپ بېغىدا ، دىبا چىراي  گىلدىڭباش،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.

ساقال بارمۇ سەندىمۇ ئېڭىكىڭنى سىلاپ باق،
كۇسار كېيىپ شاشلاشقان قىز بالاڭغا قاراپ باق،
سۆيۈشۈشنى مەكتەپتە ئۈگەتمەنمۇ؟ سوراپ باق؟
شەرمى-ھايا ئۈگەتكەن ئەجداتلارنى دوراپ باق،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.

‹‹دېھقان›› تىللار ‹‹مەلىم››نى ، ‹‹باشلىق›› تىللار‹‹ مەلىم››،
يۇندا ئىچكەن، ئىت قاشماق، شاۋچى تىللار ‹‹مەلىم››نى.
‹‹ئال خىزمەتنى›› دەپ قالسا، كىممۇ تېلەر ‹‹مەلىم›› نى،
ئىلىم-پەنگە تەشنا كۆز يەنە چىللار مۇئەللىمنى،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.

بىزدىن نومۇس قىلسىزڭىز، زەر گۆھەرنى كىم قازۇر؟
ئەۋلادلارنىڭ قەلبىگە، ئوت گۇلخاننى كېم ياقۇر؟
پەرزەنتلەرنى ‹‹كەل، كەل ›› دەپ ئەتىرلەرنى كېم چاچۇر؟
قانات ياساپ ئېلىمدىن، مارىسلارغا كېم ئاتۇر؟
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.

‹‹ئىككى ئاساسەن›› دېۋىدى، مەيلى دېدۇق چىدىدۇق،
‹‹ئىدلوگىيەدە چاتاق بار›› دەپتى شۇئان جىمىدۇق،
نەچچە- نەچچە ئۆزگەردى،‹‹ سىياسى›› دەپ جىجىدۇق،
‹‹ئەمەلدار ئۆزگەرسە›› دەپ، پارتىيەدىن ‹‹ تىلىدۇق››
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.

نەچچە –نەچچە يىل ئۆتتى، ئاقاردىغۇ باشتا چاچ،
پەقەت ئۈمۈت ئۈزمىدۇق، پارتىيەم ئادىل بولغاچ،
مىڭ-مىڭ شۇكرى قالمىدۇق، پەقەت-پەقەت يالغاڭغاچ
شۇنچە دەرتكە چىداۋەردۇق، بولامتىكىن مۇئەللىم‹‹ كاج››
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.

ئەسلى ئىدۇق زەر گۆھەر، مانا قارڭ خار بولدۇق،
مۇناپىقنىڭ قولىدا ، ھەق سۆزلەشكە زار بولدۇق،
غۇرۇرلۇقتۇق، مەرت ئىدۇق، كۈنلەر ئۆتۈپ لاي بولدۇق،
ئەزرىمەسنىڭ قىتىدا ، بىزلەرمۇ ھەم بار بولدۇق،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.

پەرزەنتلەرنى ئوقۇتۇش مۇئەللىمنىڭ گۇناھى،
مىللەت ئۈچۈن تەر تۆكۈش، مۈئەللىمنىڭ خىيالى،
شۇڭا مۇئەللىم ئاتالدى‹‹سىسىق توققۇز زىيالى››
لېكىن چەكسىز پارلاقتۇر مۇئەللىمنىڭ ئىقبالى،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.

گەر مۇئەللىم بولمىسا، ھايۋان بولۇر بالىڭىز،
گەر مۇئەللىم بولمىسا، زىندان بولۇر جايىڭىز،
كۈندىن-كۈنگە ئۇلغۇيۇپ، كۆككە يېتەر ئاھھىڭىز،
قارا قوساق، نادانلىق بولۇر مەڭگۇ يارىڭىز،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.

مۇئەللىم دېگەن مۇنبەردە يورۇپ تۇرغان بىر قۇياش،
مۇئەللىم دېگەن دىللارنى يورۇتقۇچى گۆھەر تاش،
مۇئەللىمسىز ئالەمدە روناق تاپماس قىرى-ياش،
مۇئەللمسىز قۇياشمۇ كۆكتە تاپماس يالتىراش،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.

ئادىل بولغاچ سىياسەت، ھەممە نەرسە بار بولدى،
ناباپ بولغاچ باشچىمىز، مۇئەللىملەر خار بولدى،
كەڭرى ئەسلى بۇ جاھان، ئەمما بىزگە تار بولدى،
مەركەزنىڭ گەپ سۆزىگە ، ھەممە ئادەم زار بولدى،
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.


‹‹ئەجەپ يېزىپ كېتىپتۇ، تاققۇ-تۇققۇ›› دەپ قالماڭ،
تىرىپ، ئەپلەپ ياسىدىم، ‹‹قاپىيسىزكەن›› دەپ ئاتماڭ،
مۇئەللىمنى ئاقلىغان ‹‹ئەيسا ئۇشۇق›› دەپ قالماڭ،
ئەلنىڭ كۆزى ئەللىكتۇر ، بۇنى بىلمەي گەپ ساتماڭ
لالما ئىتتەك كاسىلداپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ ،
ئىچى قوتۇر ئەي جاناپ، مۇئەللىمنى تىللىماڭ.

- ئەيساجان

0

تېما

5

دوست

2498

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25078
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 804
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 18:18:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا ھەممىنى خەنزادە قىلىپ توختىسا ھېچ كىم گەپ قىلمىسا ئاندىن ئىچى دەريادەك كەڭرى بېلىقتەك سىلىق ماركىستەك ئالىيجاناپ بولامدا.؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

1028

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26906
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 310
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 18:34:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنۇبى شىنجاڭدا دېھقانلاردىن قالسىلا ئوقۇتقۇچىلار ئەڭ بىچارە ھالەتتە ،ئاغزى قىچىشىپ قالغان ھەرقانداق بىر مەمۇر بىزنىڭ خىزمىتىمىزدىن قۇسۇر چىقىرىپ بىزنى خالىغانچە تىللىيالايدۇ،خالىغانچە دەم ئىلىشىمىزنى يوق قىلالايدۇ.مىنىڭ بىر كۈنلۈك دەم ئېلىشىم يوق بولغىلى مانا بىر ئاي بولدى.

0

تېما

3

دوست

2149

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28151
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 644
توردىكى ۋاقتى: 115
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 18:50:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىمەسمىز ھەر كۈنى ، زىدى پەسنىڭ قولىدا،

ئىشلىمەسمىز ئاي- يىللاپ، خارۇ خەسنىڭ قولىدا،

ئىشلىمەيمىز بىر ئۆمۈر، نالايىقنىڭ قولىدا،

ئىشلەپ ئۆلسەم رازىمەن، مەرت گاڭگۇڭنىڭ قولىدا ،                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                   مانا بۇ مىسرالىرىڭىزلا بارلىق مىسرالىرىڭىزنى نۆل قىپتۇ،چۈنكى سىلەر دەل شۇلارنىڭ(زىدە پەس،نالايىق،خارۇ-خەس) قۇلىدا ئىشلەۋاتىسىلەر ئەمەسمۇ ؟                                                                 

0

تېما

3

دوست

2149

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28151
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 644
توردىكى ۋاقتى: 115
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 18:52:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
visa يوللىغان ۋاقتى  2014-6-20 18:34
جەنۇبى شىنجاڭدا دېھقانلاردىن قالسىلا ئوقۇتقۇچىلار ئە ...

ھەي بىچارىلەر،دېھقانلارغۇ قارا قۇرساق،كالا دىسەكمۇ بولىدۇ،لىكىن مۇشۇ ئۇقۇتقۇچى قۇشۇنىنىڭ كالىدىنمۇ تۇۋەن ئۇرۇنغا چۈشۈپ قالغىنىغا قاراپ،ئۇقۇتقۇچىلارنى تىللىغۇسى كەپ كىتىدۇ ئادەمنىڭ

0

تېما

5

دوست

2498

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25078
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 804
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 19:26:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qahqakqi يوللىغان ۋاقتى  2014-6-20 18:52
ھەي بىچارىلەر،دېھقانلارغۇ قارا قۇرساق،كالا دىسەكمۇ  ...

ئۇنداق دېمەڭ بىزدىمۇ ئامال يوق.

11

تېما

3

دوست

2235

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 680
توردىكى ۋاقتى: 180
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 19:32:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا -ئانىلارنىڭ،باشلىقلارنىڭ ،مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ....ھەممىسىنىڭ تىللىغۇسى كېپ كېتىدۇ،ئىشقا سالغۇسى كېپ كېتىدۇ بىزنى ....

سۆزلىسا گەپ بولىدۇ،سۆزلىمىسە دەرت بولىدۇ.

مۇئەللىمنى تىللىغان تېمىلار بولسا پەرۋايىمغا ئالمايدىغان بولدۇم ھازىر....

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

59

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 4460
توردىكى ۋاقتى: 810
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 19:41:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەلىللەر يىتەرلىك .
ئوقۇتقۇچىلارنى ھاقارەتلىگەنلىك - ‹‹تۇزىنى يەپ ،تۇزلۇقىنى چاققانلىق›› ھېساپلىنىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )