- تىزىملاتقان
- 2014-4-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2611
- نادىر
- 0
- يازما
- 134
ئۆسۈش
20.37%
|
ئۇيۇنچۇق دەردى
ئاپتۇرى: تاھىرجان نىياز
ئېلىكترونلۇق ئۇيۇنچۇق پۈتۈن دونيادا، جۈملىدىن پۈتۈن مەملىكىتىمىزدە ئومۇملاشقان مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىسى. بىراق، بۈگۈنكى كۈندە ئېلىكترونلۇق ئۇيۇنچۇقتىن ئىبارەت بۇ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىسى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە خوشاللىق ئاتا قىلماستىن، دەرت-ئەلەم، پۇشايمان ئاتا قىلىدىغان ئۈسكۈنىگە، ئۇيۇنچۇقخانىدىن ئىبارەت كۆڭۈل ئاچىدىغان مەدەنىيەت بازىرى كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان قىمار سورۇنىغا، ھەتتا ئوغۇرلۇق، بۇلاڭچىلىقتىن ئىبارەت جىنايى قىلمىشنىڭ مەنبىئىيگە ئايلىنىپ قالدى. بۇ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنىڭ كۆڭۈلسىزلىك سورۇنىغا ئايلىنىپ قېلىشىغازادى كېم سەۋەپچى؟ بۇ سۇئالغا بىز سۆھبەت ئېلىپ بارغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ باقساق جاۋاپ چىقىپ قېلىشى مومكىن:
ــــ مىنىڭ ئۆيۈم ناھىيە بازىرىغا يېقىن، دېھقانچىلىق قىلىمەن، كەيىپ قىلمايمەن. لېكىن ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا دوستۇم بىلەن ئېلىكترونلۇق ئۇيۇنچۇقخانىغا كىرىپ قاراپ ئولتۇرۇپ، مەنمۇ ئۆگىنىپ قالدىم، شۇ ئۆگىنىپ قالغانچە خۇمار بۇلۇپ ئوينۇدۇم. نۇرغۇن ئۇتتۇرىۋەتتىم، ئالدىنقى يىلى دېھقانچىلىقتىن 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان، بۇنىڭ 90 مىڭ يۈەنىنى مۇشۇ نەرسىگە ئۇتتۇرۇپ بولدۇم..._ دەرت تۆكۈۋاتقان 30 ياشلار چامىسىدىكى بۇ دېھقان يىگىت ئەسلى خېلىلا ئىشچان، ئاتا-ئانىسى ۋە خوتۇنىغا ۋاپادار ئىكەن. ئەمما، ئۇنىڭغا ئۇيۇنچۇق ئوتى تۇتۇشۇپ قالغان ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇ ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ناھىيە بازىرىغا كىرىپ، پۇل تىكىپ ئۇيۇنچۇق ئويناپ، نۇرغۇن پۇلنى، يەر تېرىشقا تەييارلىغان دەسمىينى، ئاتا-ئانىسى بەرگەن 100 تۇياق قوي، ئۆچكىنىمۇ ئۇتتۇرۇپ بولغان. ئۇنىڭغا ئۇيۇنچۇق ئىشقى شۇنداق تۇتاشقانكى، ئۇ بىزگە ئۇيۇنچۇقخانا مەۋجۇتلا بۇلىدىكەن، يەنە پۇل تىكىپ «ئۇيۇنچۇق» ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ــــ مەنمۇ دېھقان، دېھقانچىلىق قىلىپ 40 مىڭ كوي ئىقتىساد قىلغانتىم، يەر تەۋرەشكە چىداملىق يېڭى ئۆي سېلىپ بولۇپ توي قىلماقچى ئىدىم، شۇڭا بانكىدىن 35 مىڭ يۈەن، باشقىلاردىن 15 مىڭ يۈەن قەرز ئالغان، بۇ پۇلنى ئۇيۇنچۇق ئارقىلىق ئاينىتاي، دەپ ئويلاپ ئوينىدىم. بىراق ئاينىتىش بۇياقتا تۇرسۇن، ھەممىنى ئۇتتۇرۇۋەتتىم. پۇل بولمىغاچقا ئۆيمۇ يوق، تويمۇ يوق بولدى، بۇنىڭدىن نۇمۇس قىلىۋاتىمەن!
ــــ مەن دېھقانچىلىققا بىرلەشتۈرۈپ سودا قىلىمەن، يېقىندا دوستلىرىمنىڭ كەينىگە كىرىپ بۇ نەرسىنى ئويناپ ئۆگىنىپ قالدىم، 20 نەچچە كۈن ئىچىدە 280 مىڭ يۈەن پۇلۇم ئۇچۇپ كەتتى، ئەمدى ھەرگىز ئوينىمايمەن بۇ نېجىسنى !
توخۇ، كەپتەر تىجارىتى قىلىمەن، كۈزدە پاختا تىرىمەن. خېلى كۆپ پۇل تاپقان ئىدىم، ھازىرغا قەدەرئۇيۇنچۇق ئويناپ ئۆزۈمدە بار 40 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى، ئۆي سالىدىغان ئۈچ جايدىكى زىمىنىمنى ئۇتتۇرۇۋېتىپ، يەنە باشقىلاردىن 40 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ ئوينىغان، ئۇنىمۇ ئۇتتۇرىۋەتتىم، قەرزنى قايتۇرالماي غەمدە يۈرۈيمەن...
ــــ مەن بىر دېھقانچىلىق ماشىنا-سايمانلىرىنى قوراشتۇرۇش، سېتىش ئورنىدا ئىشلەيتتىم، ئىش ئۈنۈمۈمگە قارىتا ئايدا 2500 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە مۇئاش ئالاتتىم، خېلى كۆپ پۇل ئىقتىساد قىلغان ئىدىم. ئۇيۇنچۇققا خۇمار بۇلۇپ قالغاندىن كىيىن نۇرغۇن پۇل ۋە ئۆي سالىدىغان ئىككى يەردىكى زىمىننىمۇ ئۇتتۇرىۋەتتىم. ئۇيۇنچۇق ئويناپ تولا ئىشقا كەلمىگەچكە، خوجايىنىم ئىشتىن بوشىتىۋەتتى. دوستلۇرۇمغا 6000 يۈەن قەرز بۇلۇپ قېلىپ بىرەلمەيۋاتىمەن، بولمايدىغا نەرسە ئىكەن بۇ...!
ــــ مەن تىجارەت قىلىمەن، كىرىمىم ياخشى ئىدى. مۇشۇ ئۇيۇنچۇق ئويناشنى ئۆگىنىپ قالغاندىن بۇيان 700 مىڭ يۈەن ئۇتتۇرۇپ بولدۇم. مۇشۇ پۇلغا ئۆي ئالسام راۋۇرۇس ئۆي كېلەتتى. مانا ئەمدى ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتىمەن، خوتۇ-بالىلىرىمنىڭ ئالدىدا خېجىلمەن...
ــــ قايسى كۈنى 3000 يۈەن بىلەن ئۇيۇنچۇقخانىغا كىرىپ بىر دەمدىلا ئۇتتۇرۇپ بولدۇم. ئۇيۇنچۇق ئويناپ ئۇتتۇرۇۋەتكەن بىر دوستۇم «بۇلاڭچىلىق قىلايلىمۇ؟» دىگەنتى، ئۇنىمىدىم. دەسلەپتە 10 يۈەن بىلەن كىرىپ 100 يۈەن ئۇتىدىكەنمىز، خوشاللىقتا يەنە ئوينايدىكەنمىز، ئەڭ ئاخرىدا بۇ نەرسىگە خۇمار بۇلۇپ، ئۇتتۇرۇپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالىدىكەنمىز. مۇشۇ ئۇيۇنچۇق سەۋەبىدىن ئىناق ئائىلەممۇ بۇزۇلۇپ كەتتى...
ــــ بۇ يىگىتنىڭ دىيىشىچە، بۇلتۇر كۈزدە ئەر-خوتۇن ئىككىسى پاختا تېرىپ، ئۇششاق تىجارەت قىلىپ 10 نەچچە مىڭ يۈەن ئىقتىساد قىلغان. بىراق، تاپقان پۇللارنى ئۇيۇنچۇق ئويناپ ئۇتتۇرۇپ بولغاچقا، خوتۇنى ئۇنىڭغا گەپ ئاڭلىتالماي، يېقىندا قورساقتىكى ئالتە ئايلىق بولغان ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىپ ئاجرىشىپ كەتكەن. ھازىر ئۇ ئاتىسى بىلەن بىرگە تۇرۇۋېتىپتۇ.
ئۇنىڭ ئاتىسى مەلۇم ئولتۇراق رايوندا ئامانلىق قوغداش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، خىزمىتىمۇ ئانچە مۇقىم ئەمەسكەن، ئايدا ئاران 1200 يۈەن ئىش ھەققى ئالىدىكەن، ئايالى بۇرۇن ئۈلۈپ كەتكەن ئىكەن. بۇ كىشىنىڭ قورامىغا يەتكەن،توي قىلغان ئۈچ ئوغلى بۇلۇپ، ھەممىسى ئۇيۇنچۇققا خۇمار بۇلۇپ ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپتۇ. بۇ ئاتىنىڭ دەردىگە قۇلاق سېلىپ باقايلى:
ئۈچ ئوغلۇمنىڭ ھەممىسى مۇشۇ نېجىسنى ئويناشنى ئۆگىنىپ قاپتۇ، قانداق ئوتى بار نىمىكىن تاڭ؟ گەپ ئاڭلىتالمىدىم. بىر ئوغلۇم ۋەيران بۇلۇپ، خوتۇنىدىنمۇ ئايرىلدى، بالا بولغاندىكىن يەنە مەن بېقىۋاتىمەن. مەن قېرىپ قالدىم، ئەسلىدە بالىلار مىنى باقسا بۇلاتتى! ھۆكۈمەت مۇشۇ ئۇيۇنچۇق دىگەن نەرسىگە بىر ئامال قىلىپ كۆزدىن يوقاتسا بۇلاتتى...
ئۇيۇنچۇق ئويناپ زىيان تارتقانلار ئارىسىدا يەنە بىر كىچىك ئوغۇل بالىمۇ بار. ئۇ 16 ياشقا كىرگەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ مەكتەپكە بارمىغىنىغا ئىككى يىل بۇلۇپ قاپتۇ ھەم ئۆيىگىمۇ كىرەلمەي، ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە سەرسان بۇلۇپ يۈرۈۋېتىپتۇ. سەۋەبى، بۇ ئوقۇغۇچىمۇ ئېلىكترونلۇق ئۇيۇنچۇق ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قېلىپ، ئۆيدىكى پۇل ئامانەت كارتىسىدىن 70 مىڭ يۈەننى ئېلىپ چىقىپ ئۇيۇنچۇق ئويناپ ئۇتتۇرۇۋەتكەن ئىكەن. ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ 16 ياش ۋاقتى زېھنى ناھايتى ئوچۇق، ياشلىقى جىلۋە قىلىپ تۇرغان، تىرىشىپ بىلىم، كەسىپ ئىگىلەيدىغان ۋاقتى ئىدى. تورخانا، ئۇيۇنچۇقخانا ئاچقۇچىلارنىڭ قانون، قائىدە-نىزامغا پىسەنت قىلماي، قورامىغا يەتمىگەن ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ كىرىپ تور ۋە ئۇيۇنچۇق ئوينىشىغارۇخسەت قىلغانلىقى سەۋەپلىك،ئۇلارئۇيۇنچۇققا قىزىقىپ قېلىپ،ئاخىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ، مۇئەللىمنىڭ نەسىھىتىنىمۇ ئاڭلىماي، يا مەكتەپتە ئوقۇماي، يا بىرەر ھۈنەر-كەسىپ ئۆگەنمەي، ھەتتا ئۆيدىكى پۇلنى ئوغۇرلاپ چىقىپ ئۇيۇنچۇققا سېلىپ بېرىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى زار قاقشىتىپ، خەتەرلىك تۇيۇق يولدا يۈرمەكتە. بىز ئۇ بالىغا نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى قىلدۇق. ئۇ كۆزىگە ياش ئالدى، ئاتىسىنى، ئاچىسىنى سېغىنغاندەك قىلاتتى.
بۇ ئۆسمۈرنىڭ ئاپىسى كىچىك چېغىدىلا ئۈلۈپ كەتكەن بۇلۇپ، ئاتىسى ئاپىسىدىن يىتىم قالغان بىر ئوغلى بىلەن بىرقىزىنى ئۆزى ئاتا ھەم ئاپا بۇلۇپ، قوشۇمچە تىجارەت قىلىپ پۇل تېپىپ، ئاچ-يالىڭاچ قويماي بېقىپ چوڭ قىلدى. بىراق ئوغلى بولسا ئاتىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويۇپ، ئۇيۇنچۇققا خۇمار بۇلۇپ، ئۆينىڭ ئىقتىسادىنى سورۇۋەتتى. مەن بۇ ئۆسمۈرنىڭ ئاتىسى بىلەن تىلىفۇندا كۆرۈشتۈم. بىچارە ئاتا كېسەلچانبۇلۇپ،ئۆيدە پۇل بولمىغاشقا،ھازىرقىزى بىلەن خوتەنگە بېرىپ بىر تەرەپتىن داۋالانغاچ، يەنە بىرتەرەپتىن قاشتېشى كولاپ، تەلىيى ئوڭدىن كەلسە ئانچە-مۇنچە پۇل تېپىۋېتىپتۇ. ئۇ كىشى ماڭايېغلامسىراپ تۇرۇپ:«بۇ ھەقتە سۆزلىسەم دەردىم بەك كۆپ.مەن ئوغلۇمنى ياراملىق ئادەم بۇلۇپ، ماڭا يار-يۈلەك، ھەمراھ بولسىكەن،دىگەن زور ئۈمىدتە مىڭ جاپادا چوڭ قىلسام، ئۇيۇنچۇققا خۇمار بۇلۇپ،ئۆيدىكى پۇل ئامانەت كارتىسىنى يۇشۇرۇن ئېلىپ چىقىپ، پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۇتتۇرۇپ بولدى. يا مەكتەپتە تۈزۈك ئوقۇمىدى، ھۈنەرگە بەرسەم ھۈنەر ئۆگەنمىدى، قېچىپ ئۆيگە كىرمىدى، سېتىپ،ئۆلتۈرۈپ قۇتۇلۇپ كېتىدىغان يابىرھايۋان ئەمەسكەن،زادى ئامال قىلالمىدىم. بالامغا تەربىيە قىلغىنىڭلاردىن، ئۇيۇنچۇقخانىدىن ئىبارەت بۇ ئاپەتنى يۇقۇتۇشقا ئامال-چارە ئىزدەۋاتقىنىڭلاردىن بەك خوشال بولدۇم»دىدى. ئاتا-ئانا مېھرىگە نىمە توغرا كېلىدۇ دەيسىز؟ بۇ ئاتائۆزىگە شۇنداق زورزىيان، دەرت-ئەلەم كەلتۈرگەن ئوغلىنى بەك سېغىنغاندەك قىلاتتى.
ــــ مەن ئۇيۇنچۇق ئويناشنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئۆگىنىپ قالغان، چوڭ دو تىكىپ ئوينايمەن. يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە 280 مىڭ يۈەن ئۇتتۇرۇۋەتتىم. ئۇيۇنچۇق ئويناۋاتقان يەتتە يىلدىن بۇيان ئۇتتۇرۇۋەتكەن پۇلۇمنىڭ سانىنى ھىساپلاپ بىرەلمەيمەن، ئۇيۇچۇقخانا دىگەن بۇ نەرسىنى ئىككىنچىلەپ ئېچىلماس قىلىپ تاقىۋەتسە بۇلاتتى،_ دىدى بىر قىز دەردىنى تۆكۈپ.
بۇ قىز ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم داڭلىق ئۇنىۋرستىتنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ئىستۇدېنت. ئۇنى ئوقىغان كەسپى بۇيىچە ئاتىساق «ئاق خالاتلىق پەرىشتە» ، چوڭ جەھەتتىن ئاتىساق بىر قولىدا بۈشۈكنى، بىر قولىدا دونيانى تەۋرىتىدىغان كەلگۈسىدىكى بىر ئانا. بۇ قىز ئۇنىۋىرستېتتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا ئۇيۇنچۇق ئويناپ، ئۇيۇنچۇققا خۇمار بۇلۇپ قالغان ئىكەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەتمۇ قىلغان، يەر ھۆددە ئېلىپ تېرىپ، نۇرغۇن پۇلمۇ تاپقان. بىراق يەنىلا ئۇيۇنچۇق ئويناشنى داۋاملاشتۇرغاچقا، خىزمەت قىلىشمۇ خوش ياقمىغان ھەمدەچوڭ-چوڭ دو تىكىپ ئوينىغاچقا، تاپقان پۇللىرىنى ئۇتتۇرۇپ بولغان... بۇ قىز توي قىلغاندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق قىمار ئويناۋەرسە، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەرمۇ، ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ، پەرزەنتلىرىنى ياراملىق تەربىلىيەلەرمۇ؟
سۆھبەت ئېلىپ بارغان ھەممە ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى يېزىپ كەلسەم، ئوقۇرمەنلەرنىڭۋاقتىنى ئېلىپ قويىمەن. ئۇلارنىڭ يولۇققان قىسمەتلىرى
ئاساسەن ئوخشاش. ئۇيۇنچۇققا خۇمار بولغانلارنىڭ ئىچىدە قېرىلارمۇ، ئوتتۇرا ياش، ياش ۋە ئۆسمۈرلەرمۇ،ئاياللارمۇ، كادىرلارمۇ، تىجارەتچىلەرمۇ، دېھقانلارمۇ، ئىشقىلىپ ھەم كەسىپتىن بار بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىقتىساد قىلغان بارلىق پۇللىرىنى ئۇتتۇرۇپ بولغاندىن سىرت، باشقىلارغا نۇرغۇن قەرزگە بۇغۇلغان.
يوقۇرىدا ئاز بىر قىسىم ئېلىكترونلۇق ئۇيۇنچۇق خۇمارلىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بايانىنى، دەرت-ئەلىمىنى ئاڭلاپ ئۆتتۈق. ھۆكۈمەت ئەسلىدە ئېلىكترونلۇق ئۇيۇنچۇقخانىنى مەدەنى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارىدا ئېچىشقا يول قويغان ئىدى.بىراق ھازىربىرقىسىم ئېلىكترونلۇق ئۇيۇنچۇقخان ئاچقۇچىلار يوشۇرۇن ھالدا ئۇيۇنچۇق ماشىنىسىنى قىمار ئۇسكۇنىسىگە، ئۇيۇنچۇقخانىنى قىمارخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئۇيۇنچۇق ھەۋەسكارلىرىمۇ ئۇلارغا زىچ ماسلىشىپ، پۇل تىكىپ ئۇيۇنچۇق ئويناشقا مەپتۇن بۇلۇپ كەتتى.
ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇيۇنچۇقخانىلاردا مەخسۇس يوقۇرى ئۆسۈمدە قەرزتارقىتىدىغان ئۆكتەم جازانىخورلار بۇلۇپ، قەرز ئالغان پۇلنى دىيىشكەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئەكىلىپ بەرمىسە، ھەسسىلەپ ئۆسۈم ئالىدىكەن ياكى گۆرۆگە قويغان مال-مۈلكىنى ئەرزان باھادا ئېلىۋالىدىكەن. ئۇيۇنچۇقتا ئۇتتۇرۇۋەتكەنلەر ياكى جازانىخوردىن قەرز ئېلىپ ۋاقتىدا بىرەلمىگەنلەر ئۇيۇنچۇق خوجايىنلىرى ياكى جازانىخورلارغا قارشى تۇرالمايدىكەن. قانون ئورۇنلىرىغىمۇ ئەرز قىلىشقا پېتىنالمايدىكەن. ئەگەر قارشى تۇرسا،ئەرز قىلسا، ئۇيۇچۇقخانا خوجايىنىنىڭ جەمئىيەتتىكى جېنىدىن تويغان بېكار تەلەتلەردىن تەركىپ تاپقان «قوغداش ئەترىتى» تەرىپىدىن ئەدىپىنى يەيدىكەن. بۇ قارا «قوغداش ئەترىتى»دىكىلەرگە ئۇيۇنچۇقخانا خوجايىنلىرى ئايدا قوغداش ھەققى ئۈچۈن خېلى كۆپ مۇئاش بېرىدىكەن. يەنە ئۇيۇنچۇقخانا خوجايىنلىرى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان «كۆز، قۇلاق»لارمۇ بار بۇلۇپ، ئۇلار ئۇيۇنچۇقخانىنى تەكشۈرگىلى تەكشۈرۈش گوروپپىسى كېلىدىغان ئىشلاردىن ئالدىنئالا خەۋەر يەتكۈزۈپ تۇرغاچقا، تەكشۈرۈش گوروپپىسى كەلگىچە ئۇيۇنچۇقخانىنىڭ خوجايىنلىرى ئىشنى توغرىلاپ بۇلىدىكەن. تەكشۈرۈش گوروپپىسى كەتكەن ھامان يەنە پۇل تىكىپ قىمار ئويناش باشلىنىدىكەن... يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بىر ناھىيە ياكى ۋىلايەتتە ئېلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇقخانىلارنى تاقىۋەتسە، بەزى كىشىلەر ئۇيۇنچۇقخانا تاقالمىغان قوشنا ناھىيە ياكى ۋىلايەتكە بېرىپ ئوينايدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت ئىكەن. ئۇيۇنچۇق خۇمارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۈمىد ، تەلەپلىرىنى ئاڭلىغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىلىرى:ھۆكۈمەت قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ئېلىكترونلۇق ئۇيۇنچۇقخانىنى ھەممە يەردە تاقىۋەتسە، قەتئىي ئاچقۇزمىسا، دىگەن ئۈمىدتە ئىكەن.
ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇيۇنچۇقخانىنىڭ قىمارخانىغا ئايلىنىپ كېتىشىگە ئۇيۇنچۇقخانا ئاچقۇچىلار ھەم ئۇيۇنچۇق ئوينىغۇچىلار ئۆزى سەۋەپچىدەك قىلىدۇ. لېكىن بۇنىڭدا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلىرىنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار، ئەلۋەتتە. كىشىلەرگە بالايى-ئاپەت كەلتۈرۈۋاتقان بۇ ئېلىكترونلۇق ئۇيۇنچۇقخانىلارنى باشقۇرۇش، تەرتىپكە سېلىشقا ھۆكۈمەتنىڭ، قانوننىڭ زادى كۈچى يەتمەسمۇ؟ ئىشىنىمىزكى، تامامەن كۈچى يېتىدۇ.
بۇ جەھەتتىكى باشقۇرۇش خىزمىتىدە شايار ناھىيىسى ئۈنۈم قازاندى. بۇ ناھىيە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، بۇيىل يانۋاردىن باشلاپلا ناھىيە تەۋەسىدىكى ئېلىكترونلۇق ئۇيۇنچۇقخانىلارنى تەلتۈكۈس تاقىۋەتتى. چۈنكى بۇ ئۇيۇنچۇقخانىلارنىڭ ھەممىسىلا كۆپ قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشۋەچارە-تەدبىرلەرگە قۇلاق سالماي، يەنىلا ئۇيۇنچۇقخانىنى قىمار شەكلىدە ئاچقاچقا ياكى باشقاجەھەتلەردىكى قانون، نىزام، قائىدە-پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلمىغاچقا، ئالاقىدار قانون-نىزاملارغائاساسەن تاقىۋىتىلدى. شۇڭا بۇ ناھىيىدە ئېلىكترونلۇن ئۇيۇنچۇق سەۋەبىدىن يۈز بېرىدىغان جەڭگى-جىدەل، كۆڭۈلسىزلىكلەر بېسىقتى.
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»
|
|