چىملىقتىكى ئېلىشىش: بىرازىلىيىدىكى" دۇنيا لوڭقىسى" نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى توغرىسىدا - 2 ( 1- باسقۇچلۇق مۇسابىقىنىڭ1 - ئايلانمىسىدىن قىسقىچە خۇلاسە )
2014 - يىللىق " دۇنيا لوڭقىسى" مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى 18 - ئىيۇن سائەت 6.00 دە 1- باسقۇچلۇق مۇسابىقىنىڭ1- ئايلانمىسىنى تاماملىدى . ئالتە كۈن ئېلىپ بېرىلغان 1 - ئايلانما ( 16 مەيدان )مۇسابىقىدا توپ ‹‹ يۇمىلاق ›› لىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ ، پۈتۈن دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرىنى ئۆزگىچە تۇيغۇلارغا چۆمدۈردى . گەرچە ، بۇ ئايلانما مۇسابىقە تېخى ئەمدى باشلىنىش بولۇپ، تەقدىرنى تۈپتىن بەلگۈلەپ كېتەلمىسىمۇ ، نەزىرىمدە ، ئالاھىدە تىلغا ئېلىش زۆرۈرھېساپلانغان تۆۋەندىكى يارقىن نوقتىلاردىن بىز چوڭقۇر مەنىۋى زوقلارغا ھەمدە بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىدىن كۆپلىگەن بىشارەت - ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق : بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى ساھىپخان كوماندا بىرازىلىيە بىلەن شەرقىي ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك كوماندا كرودىيە ئوينىدى . مۇسابىقە ئەھۋالىدىن مەلۇم بولغىنىدەك ، بىرازىلىيە كوماندىسى ھەر جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ ، ئومومەن ، باشتىن - ئاخىر تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرغان ، ئاخىر 3 _ 1 نەتىجەبىلەن رەقىبىنى ئۇتقان بولسىمۇ ، ئۈزۈل - كېسىل غەلىبىگە سەۋدايىلەرچە ئىنتىلىپ تۇرىۋاتقان بىرازىلىيە پۇتبول مەستانىلىرى ئۇتۇق پەيدا قىلغان كۈچلۈك ھاياجاندىن كېيىن ، خېلىلاتەشۋىشكە چۈشۈپ قالغاندەك قىلىدۇ . چۈنكى ، ① نەچچە مىليارد ئادەم بىرلا ۋاقىتتا كۆرىۋاتقان بۇ مۇسابىقىنىڭ 1 -توپىنى كىرگۈزۈش لەززىتىنى كرودىيە تېتىدى . ② كرودىيىگە مەنسۈپ نوقتا توپ بېرىلمىدى . ③ بىرازىلىيە كىرگۈزگەن نوقتا توپ بېرىلمەسلىكى كېرەك ئىدى . دىمەك ،بۇ بىر مەيدان تالاش- تارتىشقا سەۋەپچى بولغان مۇسابىقە بولۇپ ، دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرىنى بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ قۇدرىتىغا قارىتا گۇمانغا چۈشۈرۈپ قويدى . مۇسابىقە نەتىجىسىگەبۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ باش رېپىرى زور تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ ، ياپۇنىيىلىك بۇ رېپىركۆپ ساندىكى پۇتبول ئانالىزچىلىرى ۋە مەستانىلىرى ‹‹ ئەسلىدە تەڭ بولاتتى ›› دەپ قاراشقان مۇسابىقەنەتىجىسىنى ‹‹ ئوڭتەي - توڭتەي ›› قىلىۋەتتى . لېكىن ، بىرازىلىيە كوماندىسىغا نىسپەتەن ياخشى يېرى شۇبولدىكى ، بىرازىلىيىنىڭ ياش ، كوزىر ماھىرى نىيمار بۇ مەيدان مۇسابىقىدا ئىككى توپ ئۇرۇپ ، پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسىنى نامايەن قىلدى . پۈتكۈل 16 مەيدان مۇسابىقىدا جەمئىي 49 توپ كىردى . بۇ ، ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدا ئۈچتىن ئارتۇق توپ كىردى ، دىگەن گەپ . ئىران بىلەن نىگىرىيە 0 – 0 بولۇپ تەڭلەشكەندىن باشقامۇسابىقىلارنىڭ ھەممىسىدە توپ كىردى . توپكىرگەن ، يەنە كېلىپ جىق توپ كىرگەن مۇسابىنىڭ قىزىيدىغانلىقىدا گەپ يوق . بۇ ، كوماندىلارنىڭ‹‹ ئىتالىيىچە مۇداپىئە ›› نىڭ قاتماللىقىدىن ‹‹ گوللاندىيىچە ھۇجۇم ›› نىڭ ئاكتىپچانلىقىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرەمدۇ - قانداق ؟ بىز مۇسابىقىنىڭ داۋاملىق موشۇ رەۋىشتە مېڭىپ ، بۇ نوقتىنىڭ ھەقىقەتەن رىئال ئەھۋال ، ئومومىيۈزلۈك ھادىسە بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئىسپاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . 3 . ‹‹ رەقىبلەر تار يولدا ئۇچراشتى ›› بۇ ئايلانمىدا پۈتۈن دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرى يېققىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ئۈچ مەيدان نوقتىلىق مۇسابىقە بار بولۇپ ، ئۇلار : ئىسپانىيەبىلەن گوللاندىيە ، ئېنگىلاند بىلەن ئىتالىيە ، گىرمانىيە بىلەن پورتۇگالىيىنىڭ مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت . دۇنياۋى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ " دۇنيا لوڭقىسى " مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قەدىمىدىلا بۇنچىۋالا كۆپ ساندا ئۇچرىشىپ قېلىشى ئىلگىرى ئىنتايىن ئاز كۆرۈلگەن. پۇتبول مەستانىلىرى كۆپىنچە ھاللاردا بۇ خىل مۇسابىقىلەرنى 2 - ، 3 - باسقۇچلاردىن باشلاپ كۆرەلەيتتى . بۇ قېتىم مۇسابىقە 1 - قەدەمدىلا يوقۇرى دولقۇنغا كۆتىرىلدى .ئىسپانىيە بىلەن گوللاندىيە ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك ( 2010 - يىلى ، جەنوبىي ئافرىقا )" دۇنيا لوڭقىسى " مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئوينىغان بولۇپ، ئىسپانىيە غوللۇق ماھىرى ئىنىستا كىرگۈزگەن بىر توپ بىلەن ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشىپ، ‹‹ دۇنيا چىمپىيونى ›› بولغان ، گوللاندىيە لىۋىنى چىشلەپ قالغان ئىدى . بۇلارنىڭ بۇ قېتىم گۇرۇپپىۋى مۇسابىقىنىڭ تۇنجىسىدىلا ئۇچرىشىشى خۇددى گوللاندىيىنى ‹‹ تۆت يىل بۇرۇنقى ئۆچىڭنى چاققانراق ئېلىۋال ›› دىگەندەكلا ئىش بولدى . مۇسابىقىنىڭ دەسلىپىدە ئىسپانىيەكوماندىسى يامان ئەمەس ئويناپ ، ھەتتا ئالدى بىلەن بىر توپ ئۇرۇپ ، دۇنيادا بىرىنچى رەتتە تۇرىدىغان ئەلپازىنى نامايەن قىلغان بولسىمۇ ، مۇسابىقىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىن باشلاپ ، ئاخىرقى دەملىرىگىچە ئۆزىگە زادىلا ئوخشىماي قالدى . گوللاندىيە كوماندىسى مۇسابىقىنىڭ 44 - مىنوتىدىن تائاخىرلاشقىچە ، ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەر توققۇز مىنۇتتابىر توپ ، جەمئىي بەش توپ ئۇرۇپ ، بىچارە ئىسپانىيەكوماندىسىنى گويا ‹‹ قۇم خالتا ›› قىلىۋالدى . مۇسابىقە گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ تەلتۆكۈس غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلىشىپ ، گوللاندىيە كوماندىسى ۋە گوللاندىيە پۇتبول مەستانىلىرى پۇخادىن تازاچىقىۋالدى . بۇ يەردە شۇنىمۇ قىستۇرۇش زۆرۈركى ، گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ بۇ مەيداندىكى غەلىبىسى ھەم ئىپادىسى ئادەمنى زور دەرىجىدە روھلاندۇرسىمۇ ، ئەنسىرەيدىغان تەرەپ يەنىلامەۋجۈت . سەۋەبى ، گوللاندىيە كوماندىسى ئەزەلدىن گۇرۇپپىۋى مۇسابىقىنى كاتتا ئوينايدىغان، لېكىن ، شاللاش ياكى ئاخىرقى باسقۇچلاردا رولىنى تازا جايىدا جارى قىلدۇرالمايدىغان ھەم ھالقىلىق ۋاقىتلاردا داۋاملىق دىگۈدەك تەلىيى ئوڭ كەلمەيدىغان كوماندا . شۇڭا ،ئۇنىڭ دۇنيادا ‹‹ تاجىسىز شاھ ›› دەپ نامى چىققان . بىز ، دۇنيا پۇتبول تەرەققىياتىغا ‹‹ ئىنقىلاپ ›› خاراكتىرلىك تۆھپە قوشقان بۇ كوماندىنىڭ كىيىنكى مۇساپىلىرىگە ئامەت تىلەيمىز . ئېنگىلاند بىلەن ئىتالىيىنىڭ مۇسابىقىسىدە ،مېنىڭچە ، ئىككىلا تەرەپ ئۆز ئىقتىدارىنى نورمال جارى قىلدۇردى . تىركىشىش قاتتىق ،رېتىم تېز بولغاچقا ، مۇسابىقە پەرەزدىكىدەك قىزىدى . 2 – 1 نەتىجە ھازىرچە ھەممىنى بەلگۈلەپ كېتەلمەيدۇ . ئۇتقان ئىتالىيە كوماندىسىمۇ ھازىرنىڭ تېخى كۆرەڭلەيدىغان ۋاقىت ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ ، ئۇتتۇرىۋەتكەن ئېنگىلاند كوماندىسىغىمۇ پۇرسەت تېخى يىتەرلىك . ھەر ئىككىسىنىڭلا ئالدىدا ئۇرۇگۋاي بىلەن كوستارىكا كوماندىسىدىن ئىبارەت ئىككى ئۆتكەل بار . بۇ ئۆتكەللەر ئۇلارغا پۇرسەتتىن دېرەك بېرەمدۇ ياكى كۈلپەتتىنمۇ ؟ بۇ ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە باغلىق . باشقىچە ئېيتساق ،ھەر ئىككىسىنىڭ تەقدىرى ھازىرچە تېخى ئۆز قولىدا . بىز داۋاملىق ئۇلارنىڭ كېيىنكى مۇسابىقىلىرىگەدىققەت قىلىمىز . گىرمانىيە بىلەن پورتۇگالىيىنىڭ ‹‹ ئېغىر دەرىجىلىكلەر ئېلىشىشى ›› دا ، 2013 - يىللىق دۇنيا ‹‹ پۇتبول ئەپەندىسى ›› C. لونىئاردو باشچىلىقىدىكى پورتۇگالىيە كوماندىسى‹‹ گىرمان ئۇرۇش ماشىنىسى ›› دەپ نام ئالغان گىرمانىيەكوماندىسىنىڭ ھۇجۇمىنى زادىلا توسىيالمىدى . بىز مۇسابىقە جەريانى ۋە 4 – 0 نەتىجىدىن دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان - لونىئاردونىڭ ئۈمىدسىز كەيپىياتى ، داڭلىق چولپان- پىپىنىڭ يەڭگىلتەكلىكى ھەمدە پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيىتىنى كۆرۈپ ئەپسوسلىنىش بىلەن بىرگە ، گىرمانىيەكوماندىسىنىڭ كوللىتىپ جەڭگىۋارلىقى بىلەن ئۇيۇشۇشچانلىقى ، كاتتا غەلىبىسى ، ماھىرلىرىنىڭ ئاجايىپ ماھارەتلىرى ، جۈملىدىن يېقىنقى يىللاردا يېڭىدىن دۇنياغا تونىلىۋاتقان ياش پۇتبول چولپىنى موللىرنىڭ ‹‹ قالپاق ئويۇنى ›› ( بىر مەيدان مۇسابىقىدا ئۈچ توپ كىرگۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ ) دىن قانغۇچەھوزۇرلاندۇق . ئىسپانىيە ، پورتۇگالىيىلەرنىڭ چوڭ نومۇرپەرقى بىلەن گوللاندىيە ، گىرمانىيىلەرگە ئۇتتۇرىۋېتىشى ھەيران قالارلىق ئىش بولسىمۇ، ئەمما ، ئۇلارنىڭ ئۇتۇش - ئۇتتۇرۇشى نىمىلا دىگەنبىلەن مۇھاكىمىگە چۈشكەن ، مۇنازىرەقىلىنغان مەسىلە . ئۇلارنىڭ سەۋىيىسىمۇ ئومومەن ئۇنچە بەك چوڭ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ، ئۇرۇگۋاي كوماندىسى بىلەن كوستارىكا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقەنەتىجىسىنى ھەقىقىي مەنىدىكى ‹‹ كۈتۈلمىگەن نەتىجە ›› دىيىشكە بولىدۇ . ئۆز گۇرۇپپىسىنىڭ ‹‹ ئۇرۇق ›› كوماندىسى ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا مۇسابىقىسىنىڭ تۆتىنچىسى ، ئىككى قېتىم ‹‹ دۇنيا چىمپىيونى ›› بولغان ، رەت تەرتىپتەدۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنى " دۇنيا لوڭقىسى" مۇسابىقىسىغا نىسپەتەن ‹‹ نوتا ›› ھېساپلىنىدىغان ، گۇرۇپپىداشلىرى، جۈملىدىن ئۇرۇگۋاي كوماندىسىدىن خېلىلا تۆۋەن تۇرىدىغان ، پۇتبول ئانالىزچىلىرى ۋەمەستانىلىرىنىڭ پىسەنتىگە ئانچە ئىلىنىپ كەتمىگەن كوستارىكا كوماندىسى 1 – 3 نەتىجە بىلەن ئۇتىۋالدى . ھېچبىر كاللىغا كەلمىگەن ئىشنى ‹‹ مۆجىزە ›› لەرچە ۋۇجۇدقا چىقارغان كوستارىكا كوماندىسى پۈتۈن دۇنيانى تاڭ قالدۇرۇپ، تولۇپ - تاشقان ئىشەنچكە ئىگە بولدى . ئۇلارنىڭ جاسارىتى نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇچرىشىدىغان رەقىبلىرى - ئېنگىلاند بىلەن ئىتالىيىنى ئوبدانلا چۆچىتىپ قويدى . بىز كوستارىكا كوماندىسىغا داۋاملىق مەدەت بېرىمىز. ئارگېنتىنا كوماندىسى 2 – 1 نەتىجە بىلەن بوسنىيە كوماندىسىنى ئۇتقان مۇسابىقىدە ‹‹ پۇتبول پادىشاھى ›› - مارادونانىڭ ئىزباسارى، ئارگېنتىنا پوتبول چولپىنى - مىسسى ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتۈپ ، " دۇنيا لوڭقىسى" مۇسابىقىسىدە يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ ، چەكسىز شادلىققا چۆمدى . مىسسى 2006- يىلىدىن باشلاپ " دۇنيا لوڭقىسى " مۇسابىقىسىغا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ ،شۇ قېتىمدا سېربىيە كوماندىسىغا بىر توپ ئۇرغانچە قالغان . شۇندىن كېيىن دۇنيا مۇسابىقىسىدازادىلا تەلىيى كەلمەي ، توپ ئۇرۇش ئارزۇسىغا يېتەلمەي روھى چۈشۈپ ، ئۇنىڭغا پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ نارازىلىق بېسىمى قوشۇلۇپ دۇنيا مۇسابىقىسىدىكى كەيپىياتى بەكلا تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى . يەنە كىرگۈزگەن بۇ بىر توپى بىلەن ئۇ ‹‹ توپ ئۇرۇش تۇيغۇسى ›› نى قايتا تاپالىدىمۇ ؟بىز ، مىسسىنىڭ يېڭى بىر ‹‹ قوزغۇلۇش نوقتىسى ›› تېپىپ ، ئارگېنتىنا ئۈچۈن تېخىمۇ زور شەرەپلەرنى قۇچىشىغا تىلەكداشمىز. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدا يېڭى تېخنىكا - ۋارتارسىزىقى تېخنىكىسى تۇنجى نۆۋەت ئىشلىتىلدى . ئۇ ، ئاساسلىقى توپنىڭ ۋارتارغا كىرگەن-كىرمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ ھەم ناۋادا ، توپنىڭ ئومومىي قىسمى ۋارتار سىزىقىدىن ئۆتۈپلاكەتسە ، توپنىڭ كىرگەنلىكىنى ئىككى سىكونت ئىچىدە رېپىرنىڭ قولىدىكى سائەتكە يوللاپ بېرىدۇ . بىر مەيدان مۇسابىقىدا توپنىڭ كىرگەن - كىرمىگەنلىكىگە كۆپ ھاللاردا رېپىركۆز بىلەن توغرا ھۆكۈم قىلالىسىمۇ ، بەزىبىر چاغلاردا خاتا ھۆكۈملەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ . بولۇپمۇ ، ھالقىلىق مۇسابىقىلەردە بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە ، ئاپەت خاراكتىرلىك مەغلۇبىيەت ئېلىپ كېلىدۇ . بىر كوماندىنىڭ ، بىر دۆلەتنىڭ تۆت يىللىق ئەجرى بىكارغاكېتىدۇ . بۇنىڭغا ، " دۇنيا لوڭقىسى " مۇسابىقىسى تارىخىدامىسال بەك كۆپ . يېققىننى دىسەك ، ئۆتكەن نۆۋەتلىكتە ، شاللاش باسقۇچىدا ئېنگىلاندبىلەن گىرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم مۇسابىقىدا ئېنگىلاند ماھىرى لامپاردنىڭ ناھايىتى چىرايلىق تەپكەن توپى ۋارتار سىزىقىدىن يېرىم مېتىرچە ئۆتۈپ ، قاڭقىپ چىقىپ كېتىپ ، رېپىرنىڭ ھۆكۈمدە خاتالىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . بۇنىڭ بىلەن ، كەيپىياتى بىراقلا بۇزۇلغان ئېنگىلاندكوماندىسى گىرمانىيە كوماندىسىغا ئېچىنىشلىق ھالدا ئۇتتۇرىۋېتىپ ، قاراپ تۇرۇپلا خاتا ھۆكۈمنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن . قارىغاندا، ئەمدى ئۇنداق ناھەقسىزلىق تەكرارلانمايدىغاندەك قىلىدۇ . يېڭى تېخنىكا - ۋارتار سىزىقى تېخنىكىسى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ تۇنجى ئەمىلىي سىنىقىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى - فرانسىيە بىلەن ھۇندۇراسنىڭ مۇسابىقىسىدە فرانسىيە پۇتبول چولپىنى بېنزىما تەپكەن توپنىڭ ئومومىي قىسمى ھۇندۇراس ۋارتارسىنىڭ سىزىقىدىن ئۆتكەن شۇ دەقىقىدە يېڭى تېخنىكا كارامىتىنى كۆرسىتىپ ، ئۆز ۋاقتىدا رېپىرنى خەۋەرلەندۈرگەچكە ، ئادەتتىكى كۆز بىلەن ھۆكۈم قىلىش ئىتايىن قىيىن بولغان مۈشكۈلات ئاسانلا ھەل بولۇپ ، كۆرىلىش ئېھتىمالى چوڭ كۆڭۈلسىزلىك تىنساقلىنىپ قېلىندى . بۇنىڭدىن ھەممىنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپتى . بولۇپمۇ ، موشۇ ئىش توغرىلىق ئىلگىرى دائىم ‹‹ باش ئاغرىقى ›› تېپىۋالىدىغان ‹‹ خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى›› نىڭ ھاردۇقى چىققاندەك بولدى . قالغان مۇسابىقىلەرنىڭ نەتىجىسى ئالىقاچان دۇنياغا ئاشكارە بولغان ھەم مۇسابىقىلەرمۇ ئۆزىنىڭ نورمال يوسونىدا ئېلىپ بېرىلغاچقا، بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ يۈرمىدىم . 18 - ئىيۇن تاڭ سەھەردىن باشلاپ ، گۇرۇپپىۋى مۇسابىقىنىڭ 2 - ئايلانمىسى ئۇلىشىپلا باشلاندى . بۇ ھەر قايسى گۇرۇپپىلاردىكى كوماندىلارئۈچۈن ھالقىلىق باسقۇچ ھېساپلىنىدۇ . چۈنكى ، بۇ ئايلانمىدىكى نەتىجە كوماندىلارنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش -چىقالماسلىقىنى بىكىتىشتە بەلگۈلۈك رول ئوينايدۇ . شۇڭا ، كوماندىلاربۇنىڭغا ناھايىتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ . دىمەك ، مۇسابىقە ئىزچىل قىزىشقا ،كەسكىنلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ . كوماندىلارنىڭ گۇرۇپپىدىكى رەت تەرتىۋىدىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ . مەن بۇ ھەقتە داۋاملىق ئۇچۇر بېرىمەن . كېيىنكى مۇسابىقە باسقۇچلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مەيدان رەقىبلەر مۇسابىقەباسقۇچى چېسلا سائەت (بېيجىڭ ۋاقتى) 49 1A-2B 8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 29 - ئىيون ( يەكشەنبە) 0:00 50 1C-2D 8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 29 - ئىيون ( يەكشەنبە) 4:00 51 1B-2A 8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 30 - ئىيون ( دۈشەنبە) 0:00 52 1D-2C 8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 30 - ئىيون ( دۈشەنبە) 4:00 53 1E-2F 8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 1 - ئىيۇل ( سەيشەنبە) 0:00 54 1G-2H 8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 1 - ئىيۇل ( سەيشەنبە) 4:00 55 1F-2E 8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 2 - ئىيۇل ( چارشەنبە) 0:00 56 1H-2G 8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 2 - ئىيۇل ( چارشەنبە) 4:00 57 W49-W50 4/1 ھەل قىلغۇچمۇسابىقە 5 - ئىيۇل (شەنبە) 4:00 58 W53-W54 4/1 ھەل قىلغۇچمۇسابىقە 5 - ئىيۇل (شەنبە) 0:00 59 W51-W52 4/1 ھەل قىلغۇچمۇسابىقە 6 - ئىيۇل ( يەكشەنبە ) 4:00 60 W55-W56 4/1 ھەل قىلغۇچمۇسابىقە 6 - ئىيۇل ( يەكشەنبە ) 0:00 61 W57-W58 يېرىم ھەل قىلغۇچمۇسابىقە 9 - ئىيۇل ( چارشەنبە ) 4:00 62 W59-W60 يېرىم ھەل قىلغۇچمۇسابىقە 10 - ئىيۇل ( پەيشەنبە ) 4:00 63 L61-L62 3 - لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى 13 - ئىيۇل ( يەكشەنبە ) 4:00 64 W61-W62 چىمپىيونلۇقنىتالىشىش مۇسابىقىسى 14 - ئىيۇل ( دۈشەنبە ) 3:00 1 - باسقۇچلۇق مۇسابىقە تېخى ئاخىرلاشمىغاچقا ، 2 - باسقۇچتىن تاكى ئاخىرقى باسقۇچقىچە بولغان رەقىپلەر يوقۇرىقىمۇقىم فورمۇلا ( تەرتىپ ) ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ . بۇنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى مۇنداق : 8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، ئەرەب رەقىمى دەرىجىنى ، لاتىن ھەرپى گۇرۇپپىنى بىلدۈرىدۇ . مەسىلەن :«1A-2B» دىگىنىمىز ، ‹‹ A ›› گۇرۇپپىنىڭ بىرىنچىسى بىلەن ‹‹ B ›› گۇرۇپپىنىڭ ئىككىنچىسى مۇسابىقىلىشىدۇ ، دىگەن گەپ. 4/1 ھەل قىلغۇچ ، يېرىم ھەل قىلغۇچ ۋە چىمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ، ئەرەب رەقىمى مەيدان رېتىنى ، «W » ئۇتقانلىقنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن : «W49-W50» بولسا ، 49 - ۋە 50- مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتقانلار مۇسابىقىلىشىدۇ ،دىگەننى بىلدۈرىدۇ . 3 - لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ، ئەرەب رەقىمى مەيدان رېتىنى ،« L» ئۇتتۇرغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن : «L61-L62» بولسا ، 61 - ۋە 62 - مەيدان مۇسابىقىدا ئۇتتۇرغانلار مۇسابىقىلىشىدۇ، دىگەننى بىلدۈرىدۇ . رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ! |