قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 846|ئىنكاس: 8

بىلىمخۇمار: پاتېنت ھوقۇقىغا قانداق ئىلتىماس قىلىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

151

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 608
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1159
تۆھپە : 4165
توردىكى ۋاقتى: 1559
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 13:33:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاتېنت ھوقۇقىغا قانداق ئىلتىماس قىلىدۇ؟

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى


     تۈنۈگۈن «motiwarlar» ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىز باغداش مۇنبىرىگە «بىلىمخۇمار ئاكىمىزدىن توردا پاتېنت ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورايمىز» [1] دېگەن تېمىدا بىر قىسقا يازما چىقىرىپ، مەندىن تور ئارقىلىق پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلىش ئىشىنى قانداق قىلىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. مېنىڭ جۇڭگونىڭ ھازىرقى پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلىش رەسمىيەتلىرى ھەققىدە ھېچ قانداق بىلىمىم يوق. ئەمما، ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىشلىرىدىن خېلى ئوبدان خەۋىرىم بار. يەنى، مەن 2000-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكىدىكى 300 كىشىدىن كۆپرەك خادىمى بار، نۇرلۇق-تالا (optical fiber) خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن ئوپتىكا زاپچاسلىرى لايىھىلەپ ياساپ چىقىرىدىغان بىر يۇقىرى تېخنولوگىيە شىركىتىدە پاتېنت ھۆججىتىنى تەستىقلىغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ئىدىم. مەن ئېرىشكەن ئامېرىكا پاتېنت ھوقۇقىدىن 3 پارچىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككىسىگە مەن ئۆزۈم يالغۇز ئېرىشكەن، قالغان بىرسىگە بولسا مەن ئامېرىكا ساندىئا دۆلەت تەجرىبىخانىسى (Sandia National Laboratory) دىكى بىر گۇرۇپپا مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىللە ئېرىشكەن ئىدىم. شۇڭلاشقا باشقا قېرىنداشلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مەن مەزكۇر يازمىدا ئامېرىكىدا پاتېنتىغا ئىلتىماس قىلىشتىكى قەدەم-باسقۇچلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
    ئامېرىكىدا ئۆزى غۇلجىلىق ئۇيغۇر، ئېرى تۈرك بىر ھەدىمىز بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بار. ئۇنىڭ بىر ئوغلى ئادۋوكاتلىق كەسپىدە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر مەزگىل «شىركەت پاتېنت ئادۋوكاتى» بولۇپ ئىشلىدى. كېيىن ئۇ خىزمەت ئالمىشىپ، بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئادۋوكاتى بولدى. مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇ ھازىرمۇ ئاشۇ خىزمەتنى قىلىۋاتىدۇ. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە پاتېنت ئادۋوكاتلىقى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى شۇغۇللىنىپ باققان كىشىلەردىن مەن بىلىدىغىنى پەقەت شۇ بىر ئۇكىمىزلا بار. مەن ئۇ ئۇكىمىزنى ئوبدان بىلىمەن. لېكىن، ئۇ ئۇكىمىز ئۇيغۇرچىنى بىلمەيدۇ، ھەمدە ئۇيغۇرلار بىلەن ئەمەس، ئادەتتە پەقەت تۈركلەر بىلەنلا ئارىلىشىدۇ. مېنىڭ بۇ يەردە بۇ گەپلەرنى دېيىشىمدىكى سەۋەب، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلاردا ھازىر «پاتېنت ئادۋوكاتى» دېگەن كەسىپتە بىر بوشلۇق بار. ئۇيغۇر دىيارىدا مەزكۇر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلار بارمۇ-يوق، ئۇنى بىلمەيمەن.
    ھەر قانداق بىر ئادەم بىرەر پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇ ئالدى بىلەن بىر «پاتېنت ھۆججىتى» يېزىپ چىقىشى كېرەك. بۇ ھۆججەت تۈزۈلۈشى جەھەتتىن ئىلمىي ماقالىلەرگە بىر ئاز ئوخشاپ قالىدۇ. بىر ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ ھۆججەتتە كەشپىياتچى ئېرىشكەن يېڭىلىق ئىنتايىن تەپسىلىي، ئىنتايىن ئېنىق، ۋە ئىنتايىن چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىلىشى كېرەك. زۆرۈر بولغاندا ئۇنىڭدا بىرىنچى، ئىككىنچى دېگەندەك نومۇر قويۇلغان ئابزاسلار ياكى بۆلۈملەر ئىشلىتىلىشى كېرەك. بۇ ھۆججەتنىڭ تىلى ئىلمىي ماقالىلەردە ئىشلىتىلىدىغان كەسپىي تىللار بولۇپ، پاتېنت ھوقۇقى ئادۋوكاتىنىڭ بىر ۋەزىپىسى بۇ ھۆججەتنى ئادەتتىكى تىلدىن «قانۇن تىلى» غا تەرجىمە قىلىش بولىدۇ. يەنى، ئامېرىكىدا ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان يېزىق تىلى بىلەن قانۇندا ئىشلىتىلىدىغان تىللار ئوتتۇرىسىدا بىر ئاز پەرق بار. قانۇن ھۆججەتلىرىدە «جاكارلىما» (claim) لار كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
    مېنىڭ بۇلارنى تىلغا ئېلىشىمدا مەلۇم مەقسىتىم بار. ئۇ بولسىمۇ، پاتېنت ھۆججىتى ناھايىتى تەپسىلىي يېزىلىدىغان بولغاچقا، پاتېنت ھوقۇقى ھەقىقىي تۈردە قوغدالمايدىغان دۆلەتلەردە بۇنداق پاتېنت ھۆججىتى باشقىلارنىڭ سىز قىلغان يېڭىلىقنى ئوغرىلايدىغان ۋاسىتىسى بولۇپ قالىدۇ. يەنى، رەسمىي تەستىقلانغان پاتېنت ھۆججەتلىرى ئادەتتە ھەممەيلەننىڭ كۆرۈشىگە قويۇپ قويۇلىدىغان بولغاچقا (ئامېرىكىدا مۇشۇنداق بولۇپ، جۇڭگودا بۇ ئىش قانداق ئۇنى بىلمەيدىكەنمەن)، بەزىلەر ئاشۇ ھۆججەتتىن پايدىلىنىپ سىزنىڭ يېڭىلىقىڭىزنى بىۋاسىتە ئوغرىلىيالايدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا سىزنىڭ پاتېنت ھۆججىتىڭىزدىن بىرەر ئاجىزلىقنى تېپىپ، سىز كەشىپ قىلغان نەرسىنى ياساپ چىقىپ، قانۇنىي جاۋابكارلىققا ئۇچرىمايدۇ. يەنى، ئەگەر سىزنىڭ پاتېنت ھۆججىتىڭىزنىڭ ئەڭ نازۇك يېرىدىكى بىرەر سۆز خاتا ئىشلىتىلىپ قالغان بولسا، باشقىلار سىز ئوتتۇرىغا قويغان «جاكارلىما» نى ئىناۋەتسىز قىلىۋېتەلەيدۇ. مۇشۇنداق ئىش بۇرۇن مېنىڭ بېشىمدىن بىر قېتىم ئۆتۈپ باققان.
    ئالدىنقى 10 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياش كەشپىياتچىلاردىن نەچچە 10 كىشى ماڭا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەشپىياتلىرىنى ماڭا دەپ بەردى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بولسا مەندىن پاتېنت ھوقۇقى ھەققىدە مەسلىھەت سورىدى. ھەر قېتىم ئاشۇنداق ئۇكىلارنى بىلگەندە، مەن بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم. ھېلىقى ئۇكىلاردىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. يەنە بىر تەرەپتىن ئىنتايىن ئازابلاندىم. مېنىڭ ئازابلىنىشىمدىكى سەۋەب، يېڭىلىق ياراتقان ئاشۇ ئۇكىلارنىڭ ئۆز كەشپىياتلىرىنى بىرەر ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرەلمەي، ماڭىدىغانغا يول تاپالماي، تەلمۈرۈش، تەلپۈنۈش، بېشىغا بىرەر بەخت قۇشىنىڭ قونۇشىنى كۈتۈش بىلەن ئۆتۈپ كېتىشىدۇر. خېلى كۆپ ئۇكىلار مەندىن ئامېرىكا پاتېنت ھوقۇقى ئېلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھەققىدىمۇ سوئال سورىدى. باشقا ھەر قانداق دۆلەتنىڭ بىر ئادىمى ئامېرىكا پاتېنتىغا ئىلتىماس قىلالايدۇ. ئەمما، ئامېرىكىدا بىر پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن 10 مىڭ دوللار ئەتراپىدا پۇل كېتىدۇ. كۆپىنچە ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن بۇ بىر يەڭگىلى بولمايدىغان ئۆتكەلدۇر. بۇ ئىشتىكى ئىككىنچى ئۆتكەل بولسا، چەت ئەلدە بۇ ئىشقا ياردەملىشىپ بېرىدىغان بىرەر تونۇشىنىڭ يوقلۇقىدۇر. مەن ئاشۇنداق ئۇكىلارغا ئىنتايىن ئىچ ئاغرىتتىم. ئىنتايىن ھېسداشلىق قىلدىم. ئەمما ئۆزۈم بەك ئالدىراش بولغاچقا، ھەمدە ئامېرىكا پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىش جەريانى ئىنتايىن كۆپ ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ جەھەتتە مەن بىرەر ئۇكىلارغىمۇ ياردەم قىلالمىدىم. ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى ئويلاۋاتقان ئامېرىكىدىكى قېرىنداشلار ئۈچۈن قىلسا بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى مانا مۇشۇ. ئەگەر بۇ ئىشقا قىزىقسىڭىز، سىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
     بۇ ساھەدە مەن كۆرگەن ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىشلارنىڭ بىرى مۇنداق: ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر ئۇكىمىز بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر يېڭىلىقنى كەشىپ قىلىپ، ئۇنى پاتېنت قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ئورۇن ئىزدەيدۇ. كېيىن بۇ ئىشقا ياردەم قىلالايدىغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىر شىركەتنى تاپىدۇ. ئۇ شىركەت بۇ يېڭىلىقنى 250 مىڭ سومغا سېتىۋالماقچى بولىدۇ. ھەمدە ھېلىقى ئۇكىمىزدىن پاتېنت ھۆججىتىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ئۇكىمىز پاتېنت ھۆججىتىنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ. لېكىن ھېلىقى شىركەت ئۇنىڭدىن كېيىن جىم بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇكىمىز نۇرغۇن چىقىم تارتىپ، ھېلىقى شىركەتنى ئىزدەپ بارسا، ھېلىقى شىركەت ئۇ ئۇكىمىزغا «سېنى تونۇمايمىز» دەپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى ئۇنىمايدۇ. مېنىڭ بىلىشىمىزچە ئۇ ئۇكىمىز شۇنداق قىلىپ ئۆزىنىڭ كەشپىياتى بىلەن ھېچ قانداق ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى.
    بۇرۇن ئامېرىكا پاتېنت ھوقۇقىنى «بىرىنچى بولۇپ كەشىپ قىلغانلار» (First-to-invent) بېرەتتى. ئەمما كېيىن ئۇنى «بىرىنچى بولۇپ پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلغان كەشپىياتچىلار» (First-inventor-to-file) ئۆزگەرتتى. شۇنىڭدىن كېيىن «پاتېنت ھوقۇقىغا ۋاقىتلىق ئىلتىماس قىلىش» (Provisional Application for Patent) دېگەن بىر يېڭى ئىش چىقتى. «ۋاقىتلىق ئىلتىماس» نىڭ تەستىقلىنىش مۇددىتى رەسمىي ئىلتىماسنىڭكىدىن كۆپ قىسقا بولغاچقا، بۇ ئارقىلىق «بىرىنچى بولۇپ ئىلتىماس قىلغۇچى» سالاھىيىتىگە ئاسانلا ئېرىشىۋالغىلى بولىدۇ. ھەمدە بۇنىڭغا پۇل ناھايىتى ئاز كېتىدىغان بولۇپ، مەن ھازىر تورلارنى ئىزدەپ باقسام ئۇنىڭغا 65 - 260 دوللار كېتىدىكەن [2]. شۇڭا ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئالدى بىلەن مۇشۇ «ۋاقىتلىق پاتېنت» كە ئىلتىماس قىلىدۇ. ئەمما، بۇ «ۋاقىتلىق پاتېنت» كېيىنچە رەسمىي پاتېنتقا ئۆزگەرمەيدىكەن، ئۇ نورمال «پاتېنت ھوقۇقى» غا ئىگە بولمايدۇ.
    مەن بۇرۇن مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلىغان: ياپونىيە ھۆكۈمىتى 500 نەپەر مۇتەخەسسىسلەرنى يىغىپ بىر شىركەت قىلىپ، مەخسۇس يېڭىلىق يارىتىپ پاتېنت ئېلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ شىركەتنىڭ كىرىم مەنبەسى «بىلىم ھوقۇقى» ياكى ئاشۇ پاتېنتلارنىڭ ھوقۇقىنى سېتىش بولغان. ئىلىم-پەندە تەرەققىي قىلغان مىللەتلەر مانا مۇشۇنداق يول بىلەنمۇ پۇل تاپالايدۇ.
    پاتېنت ھوقۇقى ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ. ئۇنىڭ بىرى خەلقئارا پاتېنت ھوقۇقى (global patent)، يەنە بىرى بولسا مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ پاتېنت ھوقۇقى، مەسىلەن، ئامېرىكا پاتېنت ھوقۇقى (US Patent).

تۆۋەندىكىسى ئامېرىكا پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىشنىڭ قەدەم باسقۇچىلىرى [3]:

(1) سىزنىڭ كەشپىياتىڭىز بۇرۇن باشقىلار تەرىپىدىن پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىپ بولۇنغانمۇ؟ سىز پۈتۈن پاتېنت ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئۆز كەشپىياتىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇرۇنقى پاتېنتلارنى كۆرۈپ چىقىڭ. ئەگەر باشقىلار پاتېنت قىلىپ بولغان بولسا، سىز ئىلتىماس قىلماڭ. مۇشۇ يەردە توختاپ قېلىڭ.

ئىلاۋە: ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە ئامېرىكا پاتېنتلىرىنىڭ ھەممىسى ئامەرىكا پاتېنت ئىشخانىسىنىڭ تور بېتى [4] دە بار بولۇپ، سىز مەلۇم بىر تېما بويىچە ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك پاتېنتلارنى ھەقسىز تېپىپ كۆرەلەيسىز.

(2) سىز قايسى خىلدىكى پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلماقچى؟ لايىھە پاتېنتى، ئۆسۈملۈك پاتېنتى، ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى ياكى ئىشلەپچىقىرىش (Utility) پاتېنتىدىن بىرىنى تاللاڭ.

(3)خەلقئارا ياكى ئامېرىكا پاتېنتىدىن بىرىنى تاللاڭ. ئەگەر ئامېرىكا پاتېنتىنى تاللىسىڭىز، 4-قەدەمگە ئۆتۈڭ.

(4) ۋاقىتلىق ۋە رەسمىي پاتېنتتىن بىرىنى تاللاڭ.

(5) تېزلىتىلگەن پاتېنت ئىلتىماس جەريانىنى تاللامسىز؟ ئەگەر بۇنى تاللىسىڭىز پاتېنت ھەققىدىكى قارار تېزرەك چىقىدۇ، ئەمما پۇلمۇ جىقراق كېتىدۇ.

(6) ئۆزىڭىز ئىلتىماس قىلامسىز، ياكى بىر پاتېنت ئادۋوكاتى ئىشلىتەمسىز؟

(7) «ئېلېكترونلۇق ئىلتىماس قىلىش» يولىنى تاللاشنى ئويلىشىپ بېقىڭ. بۇنىڭغا پۇل ئازراق كېتىدۇ.

(8) «ئېلېكترونلۇق ئىلتىماس قىلىش» ئۇسۇلى بىلەن پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلىڭ.

(9) ئامېرىكا پاتېنت ئىشخانىسى سىزنىڭ پاتېنت ئىلتىماسىڭىزنى تەكشۈرىدۇ. ئەگەر ئۇلار قوبۇل قىلسا، 12-قەدەمگە ئۆتۈڭ. ئەگەر قوبۇل قىلمىسا، 10-قەدەمنى مېڭىڭ.

(10) سىزگە قويۇلغان تەلەپلەرنى ئورۇنلاپ، قايتا ئىلتىماس قىلىڭ. ياكى سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىزنى قايتا ئويلىشىپ بېقىشقا مۇراجىئەت (appeal) قىلىڭ.

(11) ئەگەر ئامېرىكا پاتېنت ئىشخانىسى سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىزنى تەكشۈرگەن كىشىنىڭ قارارىنى ئىنكار قىلسا، ئۇلار سىزگە بىر «رۇخسەت قىلىش خېتى» يوللاپ، سىزدىن پۇل تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

(12) سىز پۇل تاپشۇرىسىز. ئامېرىكا پاتېنت ئىشخانىسى سىزگە پاتېنت ھوقۇقى بېرىدۇ.

(13) سىزگە تەستىق چۈشۈپ 3.5، 7.5 ۋە 11.5 يىل ئۆتكەندە سىز بىر قېتىمدىن «ساقلاش پۇلى» تاپشۇرىسىز.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] بىلىمخۇمار ئاكىمىزدىن توردا پاتېنت ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورايمىز
./thread-25574-1-1.html

[2] United States Patent and Trademark Office: Fee Schedule
http://www.uspto.gov/web/offices/ac/qs/ope/fee010114.htm

[3] United States Patent and Trademark Office: Patent Process Overview
<http://www.uspto.gov/patents/process/ppo_textonly.jsp>

[4] Search for Patents
http://www.uspto.gov/patents/process/search/index.jsp

1-رەسىم: ئامېرىكا پاتېنت ئىشخانىسى تور بېتىنىڭ بىر كۆرۈنىشى

1-رەسىم

1-رەسىم

1

تېما

2

دوست

1686

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16403
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 524
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 16:33:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاتنىت ئىلتىماس قىلىش جەريانىنى ئەركىن سىدىق ئاكىمىز ناھايتى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپتۇ. مەنمۇ خېلى كۆپ ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەرخىل كەشپىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى پات-پات ئاڭلاپ قالىمەن، لىكىن ھەممىسى ئاساسەن دىگۈدەك جۇڭگۇدا پاتنىت ئالالمايدىكەن. ياكى بولمىسا پاتنىت ئىلىش جەريانى بەك مۇرەككەپ بولۇپ كىتىپ، ئارلىقتا كەشپىياتنى باشقىلارغا ئوغۇرلىتىپ قويىدىكەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

نىكاھنىڭ قىيىنل

35

تېما

0

دوست

7820

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   56.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1318
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1707
تۆھپە : 1255
توردىكى ۋاقتى: 1395
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 16:43:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەركىن سىدىق ئاكا!
   سىلىنىڭ ياردەملىرىگە ۋە مەسلىھەتلىرىگە ئېرىشىپ  كىلىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن  سىلىگە رەھمەت ئېيتىمەن. سىلىنىڭ كەمتەرلىكلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى تولىمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ.
  بۇ تېما ھەقىقەتەن كەشپىياتچىلارنىڭ سەگەك ۋە ھۇشىيار بولۇشىغا تۈرىتكە بولىدىكەن. بىزنىڭ غېمىمىزمۇ قانداق قىلغاندا پاتېنىتقا ئىرشەلەيمىز ۋە پاتېنتىمىزنى ياخشى قوغدىيالايمىز دىگەن مەسلىدە.

1

تېما

2

دوست

4529

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13238
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 76
تۆھپە : 1441
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 11:38:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئائىلىدە تاق سىملىق توك سوقۇشنى ھەل قىلىدىغان بىر قۇرۇلما ياسىغان ئىدىم، لىكىن ئازراق چالا ئىشى ھەل بولماي تاشلىۋەتكەن ، يېقىندىن بىرى ئۇ ئىشمۇ ئۆزلىكىدىن ھەل بولدى، ئەمدىكى گەپ پاتىنىت ئېلىشتا قالدى، سىزگە ئىلگىرى خەت يازسام مەن ئۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمايمەن،دىگەندەك قىلغان، بۇ ماقالىڭىزنى كۈرۈپ يەنە سىزنى  ئاۋارە قىلغۇم كەلدى، مۈمكىن بولسا سىلەر تەرەپتە مۇشۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپ ئىگىلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ قويغان بولسىڭىز، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ باققىم بار.
ياكى بۇ ئىشقا مەسلىھەتمۇ بولسا بەرگەن بولسڭىز.

0

تېما

0

دوست

72

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29816
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 19:30:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇردا ئەركىن سىدىق ئاكىمىز پاتىنىتقا ئىلتىماس قىلىش تەرتىۋىنى ناھايتى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپتۇ . مىنىڭ بىلشىمچە ئارمىكىنىڭ پاتنىت ئىلتىماس قىلىش تەتىپى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ پاتنىت ئىلتىماس قىلىش جەريانى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشايدىكەن . بىراق دۆلىتىمىزدە پاتنىت ئۈچ تۈرلۈك بۇلۇپ ، تاشقى لايھە پاتنىتى ، ئەمەلي ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە  پاتنىت ۋە كەشپىيات پاتنىتى دەپ ئۈچ تۈرگە بۈلىندۇ ، پاتنىت ئىلتىماس قىلىش پۇلى 2000 يۈەندىن 3000 يۈەن ئەتراپىدا بۇلۇپ ، پاتنىت كېنىشكىسى كەلگەندىن كىيىن شۇ يەر تۇرۇشلۇق بىلىم مۈلۈك ئىدارىسى تۆلىگەن پۇلىنىڭ %75 نى ئاتچوت قىلىپ بىرىدۇ . ئۈچ خىل پاتنىتنىڭ پاتنىت قوغداش يىل چەكلىمىسى بۇلۇپ ، ئۈچ خىل پاتنىتنىڭ يىل چەكلىمىسى ئوىشاش بولمايدۇ ، يىللىق قوغداش پۇل ئالىدۇ ، ھەققى 100 يۈەن ئەتراپىد ، بۇ پۇلنىمۇ ئاتچوت قىلىپ بىرىدۇ . ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى ئادەتتە بىر يىل ئىچىدە بېجىرلىپ بۇلىندۇ ( مۇناسىۋەتلىك ماتىرييال ۋە ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرسا) . يۇقۇردا ئەركىن سىدىق ئاكىمىز ۋە باشقا بۇرادەرلەر دىگەندەك ئويغۇرلار ئارىسىدا پاتنىت ئىلتىماس قىلدىغانلار ناھايتى كۆپ ھەم ئىلتىماس قىلغان پاتنىتى ناھايتى ئىلغار . تولىمۇ ئەپسۇس ، شۇ خىل پاتنىتىنى بازارغا يۈزلەندۈرگەنلەر ناھايتى ئاز .

0

تېما

0

دوست

72

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29816
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 19:41:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆۋە ! مۇنداقمۇ توغرا كىلىپ قالغان بارمۇ . مەن مۇشۇ ئىنكاسىلارنى يىزىۋاتقىنىمدا قول تېلفۇنىمغا تۇيۇقسىزلا تۇرپان ۋىلايىتىدىن بىر تېلفۇن كەلدى ، ئالسام تۇرپان شەھەرلىك بىلىم مۈلۈك ھۇقۇق ئىدارىسىدىن بىر خەنزۇ يولداش تېلفۇن قىلىپتۇ ، نىمە ئىش دىسەم سىلەرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە پاتنىت ئىلتىماس قىلىش خىراجىتىنىڭ ئەملىيلىشىش ئەھۋالى قانداق دەپ سورىماسمۇ ، مەن دەرھال مىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىمنى قانداق تاپقانلىقى ۋە باشلىقمغا تېلفۇن قىلىشىنى دەپلا قۇيىۋەتتىم . زامان ئاخىرىغا ئاز قالدىمۇ قانداق .

1

تېما

2

دوست

4529

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13238
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 76
تۆھپە : 1441
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-23 21:05:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   biltap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-23 22:56  

ئادەتتە يېڭىلىق بولسىلا پاتنىت كىنىشكىسى بىرىۋىرىدۇ، ئۇلارنىڭ سىزنىڭ پۇل تېپىش تاپالماسلىقىڭىز بىلەن مۇناسىۋىتى ھەم كارى يوق. شۇڭا بەزى كىشلەر ئىقتىزادى ئۈنۈمى تۆۋەن بازىرى يوق نەرسىلەرگە بۇ كىنىشكىنى ئېلىپ نۇرغۇن پۇلنى بىكارغا سورىۋاتىدۇ، ھېلىمۇ ھۈكۈمەت ئاتچوت قىلىدىكەن، شۇڭا ئھتىيات قىلىش زۈرۈر.

151

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 608
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1159
تۆھپە : 4165
توردىكى ۋاقتى: 1559
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-24 09:50:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
biltap يوللىغان ۋاقتى  2014-6-23 11:38
مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئائىلىدە تاق سىملىق توك سوقۇش ...

مەن سىزگە ئايرىم ئېلخەت يوللۇدۇم.  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )