قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2182|ئىنكاس: 22

پالاندى چوكان مازىرى ۋە نوزۇگۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

670

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22307
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 13:57:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پالاندى چوكان مازىرى ۋە نوزۇگۇم

ئىبرەت


  ئىلى تارىخىنى خېلى خوپ يورۇتۇپ بېرىپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئۇستازىمىز تېيىپجان ھادى تولا ھاللاردا بىزلەرنى خەلقتىن ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىپ، سۆز نۆۋىتىدە، "خەلق دېگەن تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخكە ئوخشايدۇ، قاچانلا بولمىسۇن ھاجىتىڭ چۈشۈپ ئېتەك تۇتساڭ سېنى قۇرۇق قايتۇرمايدۇ" دەيدىغان.
  چوڭلارنى ساۋاتسىز دېھقان، سەھرادىن ۋە ياكى سودىگەر ھۈنەرۋەن دەپ ئۈزە قاراش بىزنى نۇرغۇنلىغان مۇھىم تارىخىي ئۇچۇرلاردىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. يۇقىرىدا بىز تىللا تۆكۈلىدۇ دەپ ئېتەك تۇتىدىغان دەرەخلىرىمىز ئەلۋەتتە بىزنىڭ مويسىپىتلىرىمىز. ئەللامىلارنىڭ سۆزلىرىدىن مىسال ئالساق، ئۇلار شۇنداق دەيدۇ:

بىلىدىغىنىنى بىلىدىغانغا ئەگىشىڭ.
بىلىدىغىنىنى بىلمەيدىغاننى ئويغىتىڭ.
بىلمەيدىغىنىنى بىلىدىغانغا ئۆگىتىڭ.
بىلمەيدىغىنىنى بىلمەيدىغاندىن قېچىڭ.

   يۇقىرىقى تۆت كەلىمە سۆزنى تىرەن چۈشەنسەك ئۆگىنىشنى قانداق ئۆگىنىش ھەققىدە بىزگە نۇرغۇن چۈشەنچە بېرىدۇ.
   سۆزلىرىمىزنىڭ مىسالى، بىز نوزۇگۇمنىڭ مەقبەرسىنى چۆرىدىگەن ھالدا غۇلجا ناھىيە ئارا ئۆستەڭ يېزا بۇلاقبېشى كەنتىدىكى بەزىبىر ئۇقۇمۇشلۇق مويسىپىتلار بىلەن كۆرۈشكىمىز كېلىپ، ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن سوراپ، ئاخىرى ئەخمەت پولات مۇئەللىمنى تاپتۇق. بىز ئەخمەت پولات مۇئەللىمنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ، بۈككىدە ئورمان بىلەن قاپلانغان گۈزەل بىلەن قورۇغا قاراپ كۆكسىمىزنى تولدۇرۇپ نەپەس ئالدۇق. ئەخمەت پولات مۇئەللىم دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئۇزۇن بىر ئورۇندۇقتا شىلەپىسىنى يېنىغا قويۇپ كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرغانىكەن. بىز سالام قىلىشىمىز بىلەن كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ قاراپ سالامىمىزغا جاۋاب قايتۇرغاندىن كېيىن كىتابىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ بىزنى قورۇغا كىرىشكە ئىشارەت قىلدى. بىز ئەدەب ۋە ھۆرمەت بىلەن ئالدىمىزدا ئېغىر قەدەملەر بىلەن كېتىۋاتقان مۇئەللىمگە ئەگەشتۇق. ھويلا ئىچىگە كىرىپلا سول تەرەپتىكى مىللىيچە چىرايلىق سېلىنغان پىشايۋانلىق ئۆيلەر ئۇلىشىپ بېرىپ ئورمانغا تاقاشقان قوي-كالا ئېغىللىرىغا، ئۇدۇلدىكى سۇنىڭ ھىدى گۈپۈلدەپ كېلىپ تۇرغان بۈككىدە ئورمانغا قاراپ سالقىن ھاۋادا راھەتلىنىپ قالدۇق.
   مۇئەللىمگە ئەگىشىپ ئوڭغا بۇرۇلىشىمىز بىلەن ئىشىكى ئوچۇق تۇرغان ئاددىي بىر ئېغىز ئۆي، ئۇنىڭ نېرىسىدا غورىلىرى ئالا بولۇپ قالغان ئىككى تۈپ ئۆرۈك، ئۆرۈك ئاستىدا گىلەم، كۆرپە سېلىنغان كەڭرى بۈگۈلۈك (پەن ياغاچ ۋە تۇرۇبا تۆمۈرلەر بىلەن ياسالغان سۇپا) ۋە بۈگۈلۈك ئۈستىدە داستىخان سېلىنغان شىرە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.
   قەددى سەل ئېگىلگەن، قۇلىقىغا ئاۋاز كۈچەيتكۈچ تىقىۋالغان ئەخمەت مۇئەللىم بۈگۈلۈك قىرىدىكى تاۋار كۆرپىنى بۈگۈلۈك تۆرىگە يېيىپ بىزنى يۇقىرىغا تەكلىپ قىلدى. بىز مۇئەللىم بىلە قايتا ھال-ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن ئۆز ئارا پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. مۇئەللىم قولىدىكى قاتتىق تاشلىق كىتابنى كۆرپە ئۈستىگە تاشلاپ:
  ـــــ ئادەم ئەللىككە كىرگۈچە ئىش بىلەن بولۇپ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەي قالىدىكەن، قېرىغاندا بىكار بولغاچقىمۇ كۈنلەر بەكمۇ تەستە ئۆتۈۋاتقاندەك قىلىدۇ. شۇڭا بىكار بولدۇم رومان ئوقۇپ قويىمەن، بۇرۇنقى ئىشلار ئادەمنىڭ يادىدىن كۆتۈرۈلمەيدىكەن، ھازىرچۇ دېسەڭلا ھېلى ئوقۇغان ھېلى يادىدا قالمايدىكەن كىشىنىڭ، ـــــ دېدى.
  ـــــ ھازىر قانچە ياشقا كىردىڭىز؟ ـــــ دەپ سورىدى ئارىمىزدىكى بىرەيلەن ئەخمەت ئاكىنىڭ سۆزىگە ئۇلاپ سوئال سوراپ.
   ئەخمەت ئاكا قۇلىقىدىكى ئاۋاز كۈچەيتكۈچنى بېسىپ قويۇپ كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ سوئال سورىغۇچىغا قاراپ كېتىپ:
   ـــــ قورساق ياش دېگەن ئۆلگەندە قوشىدىغان تۆھمەت ياش دېگەن شۇ. ھازىر يەتمىش توققۇز قورساق ياشنى قاتقاندا كاكىراس سەكسەن ياش.
  ھەممىمىز باش لىڭشىتىشتۇق. گەپ ئارىسىدا ئەخمەت ئاكا نېمە رومانلارنى ئوقۇۋاتقاندۇ دەپ كىتابنى قولغا ئالسام، بۇ كىتاب ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىز ئابدۇراخمان قاھارنىڭ "ئىلى دولقۇنلىرى" دېگەن روماننىڭ بىرىنچى قىسمى ئىكەن. كىتابنىڭ بىر قانچە يېرىگە چوڭ-چوڭ يىرتىلغان گېزىت پارچىلىرى خەتكەچ قىلىپ سېلىنىپ قويۇپتۇ. بىز ئەخمەت ئاكىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالغاچ مەقسەتتىن سۆز ئېچىپ:
   ــــــ ئەخمەت ئاكا، بىزنىڭ ھوزۇرىڭىزغا كېلىپ قېلىشىمىز، مۇشۇ بۇلاق مەھەللە كۆل بويىدا بىر قەبرە ساقلىنىپ قالغان ئىكەن، بۇ قەبرىنى نېمە قەبرە، بىلەلمىدۇق. سىزدىن سوراپ باقايلى دەپ سىزنى ئاۋارە قىلىشىمىز، ـــــ دېيىشىمىزگە، ئەخمەت ئاكا:
  ــــــ بىز ئالتە ئەۋلاد تەھتىمىز ئاتۇشتىن، مانا مۇنۇ ئوغلۇم غەنىمەت، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى سەھەردىن بىلەن سەرەمجان ئالتىنچى ئەۋلاد بولىدۇ. ئېيتىپ كەلسەم، بىز مۇشۇ ئارائۆستەڭدە داڭ چىقىرىپ شارغوجىدا ئالەمدىن ئۆتكەن رېھىم شاھ پالۋاننىڭ ئەۋلادلىرى. شەھەردە بىرسى، تۇرسۇن لېتىپ دەمدۇ ئاشۇ رېھىم بوۋىمىزنى "رېھىم شاھ پالۋان" دەپ بىر كىتاب يېزىپتىكەن. ئاڭلاپ دەرھال شەھەرگە چۈشۈپ ئېلىپ چىقىپ ئوقۇپ چىقتىم. نەدە ئۇنداق گەپ بولسۇن، كىتاب يازدىم دەپ يېزىۋەرسە بولمايدۇ-دە، ئەرز قىلاي دېۋىدىم، پەيلىمدىن ياندىم. رېھىم شاھ بوۋىمىز ئارائۆستەڭلىك تۇرسا ئۇنى شارغوجىلىق قىلىپ يېزىپتۇ. قارىمامسىلە، مېنىڭ ئېتىم ئەخمەت، دادامنىڭ ئېتى پولات، پولاتنىڭ ئاتىسى نىياز شاڭيۇ، نىياز شاڭيۇنىڭ ئاتىسى رېھىم شاھ پالۋان دېگەن كىشى، ئۇنىڭ ئاتىسى توختى بەگ يۈزبېشى. ئەمدى بۇلارغا ئوغلۇم غەنىمەت بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى سەھەردىن بىلەن سەرەمجاننى قوشقاندا بىز بۇ تۇڭگۇرەككە ئالتە ئەۋلاد دېگەن گەپ، ــــــ دېدى.
    ئولتۇرغانلار ئەخمەت ئاكىنىڭ ئاغزىغا قاراپ گەپ تىڭشاۋاتتى، ئارىمىزدىن بىرى: ــــــ ئەخمىتىكا، ماقالە يازسىڭىز بولغۇدەك، ــــــ دېۋىدى، ئەخمەت ئاكا دەرھال ئۇنىڭغا قاراپ:
ــــــ راست دەيسىز، شۇنداق بىر نېمىلەرنى يېزىپمۇ قويغان، مانا ئەمدى سىلەرگە دەۋالدىم، بولدى، ــــــ دېدى بىزنى كۈلدۈرۈپ، ـــــــ ئەمدى سىلەرنىڭ گەپكە كەلسەك، بۇ بۇلاقبېشى دېگەن يۇرتتا ئىككى گۈمبەز، ئىككى يۈز يەتمىش ئالتە بۇلاق بار. مۇنۇ ئۆستەڭ، سىلەر كۆرگەن كۆللەر ھەممىسى بۇلاق سۈيى. قەبرىگە كەلسەك، مۇنۇ ياقتا خەلپەمنىڭ قەبرىسى بار، ئۇنى "خۇدا قۇلى خەلپەم" دەيمىز، سىلەر دېگەن كۆل ئوتتۇرىسىدىكى گۈمبەزنى "پالاندى چوكان مازىرى" دەيمىز. مەن مەھەللىمىزدىكى بۇ ئىككى گۈمبەزنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى 1966-يىلى 10-ئايدا ئەلاخان مومامدىن ئاڭلىغان. ئەلاخان مومام گەپدان، چېچەن كۆپنى بىلىدىغان يۇرت ئانىسى ئىدى. مومام مۇشۇ ئارائۆستەڭ بۇلاق مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ، خۇدىيار يۈزىگە ياتلىق بولغان ئىكەن. بۇ گەپلەرنى دەپ كەلسەم، 1966-يىلى 10-ئايدا بىز يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى خۇدىياريۈزىگە كۆچەت تىكىشكە ئەۋەتمەمدۇ، مېڭىشقا تەييارلىق قىلىۋاتسام، دادام رەھمەتلىك: "خۇدىياريۈزىگە بارساڭ، ئەلاخان موماڭنى يوقلاپ ئۆت" دەپ تاپىلىغان ئىدى. راست دېگەندەك، ئىش ئارىسىدا ئەلاخان موماينىڭ ئۆيىگە يوقلاپ كىرىپ چايدا بولدۇم. موماي 104 ياشقا كىرگىنىگە قارىماي، تىمەن، ئەس-يادى جايىدا، پاراڭچى مومايلاردىن ئىكەن، موماي مېنىڭ كىملىكىمنى بىلىپ، يۇرت-مەھەللە، ئەل-جامائەتنى بىر سوراپ كەتمەسمۇ، بىزلەر شۇ يۇرتتا تۇغۇلۇپ بىلمەيدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سۇدەك بىلىدىكەن، ھەيران قالدىم. سەكسەن ياشتىن ئاشقان توقسانغا ئۇلىشىپ ئالەمدىن ئۆتكەن چوڭلارنى سورىۋىدى، "ئۆلۈپ كەتتى" دېسەم،  دۇئا قىلىپ، " ۋاي شۇ بالىلار تۈگەپ كەتتىمۇ؟" دېمەسمۇ، كۈلكەم قىستىدى. موماي كۈلۈپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ، " باللا دېسەم كۈلۈۋاتىسەن ھە، مەن توي قىلىپ خۇدىياريۈزىگە ماڭغاندا سەن دەۋاتقان چوڭلار گىدىككىنە بالىلار ئەمەسمىدى، ۋاي ئەيساكاڭمۇ تۈگەپ كەتتى دە، جايى جەننەتتە بولسۇن رەھمەتلىكلەرنىڭ، قالغانلىرى ئامان-ئېسەندۇ، ئامانلىق بەرسۇن خۇدايىم..." شۇ چاغلاردا ياش نادان بولغاچقىمۇ گەپ كوچىلاشلارنى بىلمەيدىكەنمىز. شۇڭا ئەلاخان مومامنىڭ دەپ بەرگەنلىرىنى ئاڭلاپلا ئولتۇرۇپتىمەن. بىر چاغدا ئەلاخان مومام: "مازاماشايىخلارنىڭ بېشى ئاماندۇ ئوغلۇم؟" دەپ سورىۋىدى، مەن گەپ قىلالماي باش لىڭشىتىپلا قاراپ قالغىنىمنى كۆرگەن مومام "ياشلار بىلمەيسىلەر، بىزنىڭ ئۇ بۇلاق بېشى دېگەن يەردە ئىككى ئۇلۇغ مازار بار، بىرسىنى خەلپەم مازىرى دەپ قويىدۇ. ئۇ ئەسلى تۇرپاندىكى ئىمىن غوجىنىڭ جەۋرىلىرىگە توغرا كېلىدىغان خۇدا قۇلى خەلپەمنىڭ مازىرى، يەنە بىرى ئىككى كۆل ئوتتۇرىسىدىكى <پالاندى چوكان مازىرى> ئۇمۇ ئۇلۇغ مازار. ئۆتكەن زامانلاردا ئالتە شەھەرگە سىغمىغانلارنى ئىلىغا پالىغان بىر جاھانلار بولغان چېغى، شۇ قاتاردا ئىلىغا چىقىپ قالغان بۇ چوكان چېرىكلەرنىڭ قولىدىن قېچىپ بىر ھېساپتا ئۈچ يىل، بىر ھېساپتا ئىككى يىل ئىلى ئەتراپىدا سەھرا جاڭگاللاردا پاناھلىنىپ يۈرگەنمىش. ئاخىرى ئاشۇ بىزنىڭ بۇلاق بېشى ئەتراپىدىكى قۇمۇشلۇقتا مۆكۈنۈپ يۈرگەندە ھۆكۈمەتكە دېرىكى بارغان چېغى، چېرىكلەر چىقىپ قۇمۇشلۇققا ئوت قويۇپ تاپالماي كىرىپ كېتىپتىكەن. چوڭلارنىڭ بىزلەرگە ھېكايە قىلىپ بېرىشىچە، ئوت كۆيۈپ بولغاندا ئۇ چوكان كۆيۈپ دۆۋىلەنگەن قۇمۇشلارنىڭ ئاستىغا كىرىپ سۇغا چۆكۈپ يېتىۋالغان دېيىشىدۇ. كېيىن چېرىكلەر قايتا-قايتا مەھەللىمىزگە چىقىپ ئۈچىنچى نۆۋەت چىقىشىدا ئاشۇ مۇساپىر چوكاننى شۇ ئەتراپتىن تۇتۇپ، ھازىرقى گۈمبەز بار دۆڭدە شېھىت قىلغان ئىكەن. بىزلەر كىچىك چېغىمىزدا بوۋاملار شۇ پالاندى چوكان ئاشۇ مەھەللىمىزدىكى قۇمۇشلۇقنىڭ ئارىسىدا سۇدىن بېشىنى چىقىرىپ ئون بەش كۈن ياتقان ئىكەن، ھېكايە قىلىپ بەرگەن.
ئەخمەتكام ئەلاخان مومىسى ئېيتىپ بەرگەن ھېكايىدىن توختاپ بىزلەرگە تەكشى قاراپ كەتكەندىن كېيىن ئورنىدىن بىر يۆتكىلىپ:
ــــــ بۇ بۇندىن 48 يىل بۇرۇنقى "پالاندى چوكان مازىرى" ھەققىدە مومام ئەلاخان ئېيتىپ بەرگەن بىر ۋەقە. مەن شۇ چاغلاردا، ئەلاخان مومامنى يەنە گەپكە سېلىپ، بەزى بىر سوئاللارنىمۇ سوراپ باقماپتىمەن، ئەگەر سورىغان بولسام مومام رەھمەتلىك تالايلىغان كۆرگەن ـ ئاڭلىغان ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بېرەتتىكەن. ھەي نادانلىق دەڭلار.
    ئەتراپتا ئولتۇرغانلار نوزۇگۇم مازىرىغا باغلىنىشلىقى بولغان، ئەلاخان موماي ئېيتىپ بەرگەن، ئەخمەت ئاكا ئەسلەپ ئۆتكەن ئەسلىمىدىن مۇڭلۇق كەيپىياتقا چۆمۈپ قالدۇق.
ـــــ بۇ مازارنىڭ ئىسمىمۇ بار بولدى دەڭا ئەخمىتىكا؟ــــ دېدىم مەن ئارىمىزدىكى بىر پەس جىمجىتلىقتىن كېيىن ئېغىر تىنىپ.
ـــــ شۇنداق ئىنىم، بۇ مازارنىڭ ئىسمى ئەمەس جىسمىمۇ بار مازار بۇ.
ئەخمەت ئاكا ھاياجانلانغان ئىدى. ئۇ شىرەگە ئىككى جەينىكىنى قويۇپ.
ــــ ماڭا قاراڭ ئىنىم، گەپ قىلساق ئىشەنمەيدىكەنسىلەرغۇ؟ بىز نەچچە ئەۋلاد مۇشۇ توڭگۇرەكتە ياشاپ، بۇ مازارنى نوزۇگۇمنىڭ مازىرى دەپ تىلىمىز قاناپ كەتتىغۇ ئىشەنمىدىڭلارغۇ، ئەمەس دېسەك ئىشىنەمسىلەر يا؟
ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق.


مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:


QQ图片20120620152227.jpg




QQ图片20120620152222.jpg









ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

18

تېما

23

دوست

400 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8883
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 800042
تۆھپە : 801511
توردىكى ۋاقتى: 1615
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا كېڭەيتىش ماھىرى تەشۋىقات ماھىرى تېما ماھىرى پەخىرلىك ئەزا مۇنەۋۋەر مەسئۇل مۆھتىرەم ئەزا پىشقەدەم ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى تۆھپىكار باشقۇرغۇچى نادىر يازما چولپىنى تۆھپىكار ئەزا پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 15:22:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-21 15:19
خەت شەكلى نۇرمال ئەمەسقۇ؟ئوقۇشقا ئىمكانىيەت بولمىدى؟

نورمالغۇ ،تور كۆرگۈچنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ!

0

تېما

4

دوست

1775

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28321
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 536
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 16:10:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخنى بۇرمىلاش جىنايەتتۇر.

0

تېما

0

دوست

754

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   50.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25471
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 238
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 18:49:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا نۇ زۇگۇمنىىڭمۇ شىھىت بولغان يىرى بىر جايدا جەسىتى بىر جايدا بولۇپ، ھەر ئىككى جايغا مازار تۇرغۇزۇلغان بولسا كىرەك،بۇنداق مىساللار تارىخىمىزدا خىلى بارغۇ؟ئاللا نىسىپ قىلسا غۇلجىغا بىرىپ قالسام ،،،،،،،،،،،،،

15

تېما

1

دوست

4624

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1400
توردىكى ۋاقتى: 337
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 19:26:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
faize:
قەلەملىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!
مۇشۇ غۇرا ئالا بولدى دېگەن پىشقاننى كۆرسىتەمدۇ؟مەنىسىنى توغرا شەرھلەپ بەرسەڭلار
يەنە توڭگۇرەك،ھېجىر چىنە،دېگەنلەرنىمۇ  شەرھلەپ بەرسەڭلار؟
نىمە ئۈچۈن غولجىدا باللارنى ئەركىلىتىپ «ساقام»دەيدۇ؟بىرەر تارىخى ياكى قاچاندىن باشلانغان،كىملەرنى شۇنداق دېسە بۇلىدىغانلىقى توغرۇسىدا چۈشەنچە بەرسىڭىز؟

15

تېما

1

دوست

4624

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1400
توردىكى ۋاقتى: 337
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 19:28:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلى دەرياسى كۆلىمى قانچىلىك؟يۆنىلىشى،سۈزۈكمۇ؟كىمىلەر قاتنىيالامدۇ؟نەچچە كۆۋرۈك بار سېلىنغان ؟ئۇزۇنلۇقى ۋە باشقا بىز بىلىپ كەتمىگەن تەرەپلەر بولسا دەپ بەرسىڭىز؟

15

تېما

1

دوست

4624

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1400
توردىكى ۋاقتى: 337
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 19:33:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ دىلمۇك تېغى دەيدىكەن نىمە مەنىسى بار؟ ئورنى،چوڭلۇقى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرسىڭىز؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )